يۇرتىمىزغا كىلىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز ، جەنوبىي شىنجاڭ ئۇيغۇر مەدىنىيىتىنى قومۇلغا ئېلىپ كىلىپ كەڭ تۈردە تەشۋىق قىلىىشىڭىزنى ھەم قومۇل ئۇيغۇر مەدىنىيتى بىلەن تونۇشۇپ چىقىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز .
دىيارىمىزاىكى ئۇيغۇر نوپۇسى جەنوپتىكى ھەرقانداق ۋىلايەتتىن كۈرىنەرلىك دەرىجىدە ئاز ، ئەمما شىخەنزە ، كۈيتۈن ، چۈچەك ، ئالتايلارنىڭ ئومومىي ئۇيغۇر نوپوسىدىن كۈپ ، ئىلى ۋىلايىتى ، ئۈرۈمچى ، تۇرپان قاتارلىق يۇرتلارنىكىدىن ئاز ، ئۇيغۇر نوپۇسى 10تۈمەن ئەتىراپىدا ( يۈزمىڭ) ئاپتۇنۇم رايون بويىچە ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ كۈپلىكى جەھەتتە 8-ئورۇندا تۇرىدۇ ،
باشقا يۇرتلاردىن قومۇلغا كىلپ تىجارەت قىلىۋاتقانلار يېقىنى 10يىلدىن بۇيان جىقلاشقا باشلىدى ، گىلەم ، ئاشخانا ، قول ئۈنەرۋەنچىلىك بىلەن شوغۇللىنىۋاتقانلار كۈپرەك ،
قومۇللۇقلار مېھماندوسىت ، يۇۋاش خەلىق ئۇنداق باشقىلارنى چەتكە قاقىدىغان ئىشلار ئاساسەن يوق ، پەقەت ئالاھىدە سەۋەپ بولۇپ خەقنىڭ بىكا چىشىغا تىگىپ قويمىسىڭىزلا
قومۇللۇقلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى ئاساسەن تەڭپۇڭ ھالەتتە ، ھېددىدىن زىيادە باي يوق ، كىشىنى چۈچۈتكىدەك گاداي يوق
بۇجەھەتە زىيادە ئەندىشە قىلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق ، قانداق تىجارەت قىلىسىزكىن ؟
پويىز ئىستانسىسدىن 1-يول ئاپتۇبىسىغا ئولتۇرسىڭىز شەھەر ئىچىدىكى تۈت كوچا دىگەن جايدا چۈشسىڭىز بولىدۇ ، شەھەر بويىچە ئۇيغۇرلار ئەڭ كۈپ جاي ، ئۇيغۇر ئاشخانىلىرى ، مەسچىت ، مھېمانخانا ھەممىسى بار ، ھەم تۈت كوچا سىزنىڭ تىجارەت قىلىدىغان ئورنىڭىز بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ، يەنە بىرسى شەھەر ئىىچى يېزىسى ، بۇجايدىمۇ ئۇيغۇرلار كۈپرەك ئەمما تۈت كوچىدەك ئەۋزەللقكە ئىگە ئەمەس ، شەھەر بىلەن بولغان ئارلىقى يېقىن 1كىلومىتىرچە بار ، تۈت كوچىدا سودا قىلسىڭىز ياخشىراق بولىدۇ ، كەلگەندە ئۈزىڭىز كۈرۈپ قارار چىققراسىز .
ئىككى ئېغىزلىق ئولتۇراق ئۈيلەرلەنى بەلكىم 300كويلار ئەتىراپىدا ئىجارىگە ئالىسىز ، دۇكان قىلسىز ئۇنىڭدىن كۈپرەك بولار .
[ بۇ يازمىنىbahdaxohliدە2012-04-16 17:37قايتا تەھرى ]