بۇ تېما 141 قېتىم كۆرۈلدى
nijat
دەرىجىسى : ئالاھىدە باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 2
نادىر تېما : 19
يازما سانى : 90
شۆھرەت: 571 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 478 سوم
تۆھپە: 250 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 253 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 11(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-12-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-01-21
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ياشىسۇن ئەخمەقلىق

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما bagdax تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-01-06)
رەسىم:
ﺋﯚزۈم دﯦﮭﻘﺎن ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻢ، ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺟﻪرﻳﺎﻧﯩﺪا دﯦﮭﻘﺎﻧلار ﺑﯩﻠﻪن داۋاﻣﻠﯩﻖ ﺋﺎرﯨﻠﯩﺸﯩﭗ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻢ ﺋﯜﭼﯜن ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺋﺎق ﻛﯚﯕﯜﻟﻠﯜﻛﻰ، ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻴﻠﯩﻜﻰ، ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﺪوﺳﺘﻠﯘﻗﻰ ﻣﺎﯕﺎ ﺋﺎﻳﺎن ﺋﯩﺪى. ﻳﯧﻘﯩﻨﺪا، ﻣﺎﯕﺎ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﯩﺶ ﺑﯘ ﻗﺎرﯨﺸﯩﻤﻨﻰ ﻳﻪﻧﯩﻤﯘ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﺮﮔﻪ، دﯦﮭﻘﺎﻧلارﻏﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﮬﯚرﻣﯩﺘﯩﻤﻨﻰ ﮬﻪﺳﺴﯩﻠﻪپ ﺋﺎﺷﯘردى ۋە ﺋﯚزﯨﻤﯩﺰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪە ﺋﻪﭘﺴﯘﺳﻠﯘق ﺋﯩﻠﻜﯩﺪە ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻤﻐﺎ ﺳﻪۋەب ﺑﻮﻟﺪى.
ﻳﯧﻘﯩﻨﺪا ﺋﺎﺋﯩﻠﻪﻣﺪﯨﻜﯩﻠﻪرﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ، ﻳﯧﺰﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ دوﺳﺘﯘﻣﻨﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ دەم ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜن ﺑﺎردﯨﻢ. ﺑﯘ دەل ﺋﯜرۈك ﭘﯩﺸﻘﺎن ﻣﻪزﮔﯩﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، دوﺳﺘﯘم ﻗﻮﺷﻨﺎ ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺋﯜرۈﻛﻠﯜك ﺑﯧﻐﻰ ﺑﺎرﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ، ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺷﯘ ﻳﻪرﮔﻪ ﺑﺎﺷلاپ ﺑﺎردى. 65 ﻳﺎﺷلار ﭼﺎﻣﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﺎﻛﯩﺰ ﻗﯧﺮﯨﻐﺎن، ﻣﯧﮭﺮﯨﺒﺎن ﺋﻪر-ﺋﺎﻳﺎل ﺳﺎﮬﯩﺒﺨﺎن ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﻛﯜﺗﯜۋاﻟﺪى. ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﺋﯜرۈﻛﻠﯜك ﺑﺎﻏﻨﻰ ﺳﻪﻳﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺳﺎﮬﯩﺒﺨﺎﻧلار ﺋﯘﻧﯩﻤﯩﻐﯩﻨﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﻗﻮﻳﻤﺎي ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﺑﺎﺷلاپ، ﭼﺎي ﺗﻪﻳﻴﺎرﻟﯩﺪى. ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺋﯩﺰزەت-ﺋﯧﻜﺮام ﺑﯩﻠﻪن ﻛﯜﺗﯜۋﯦﻠﯩﭗ، ﮔﯘﯕﯘر-ﻣﯘﯕﯘر ﭘﺎراﯕﻠﯩﺸﯩﭗ، ﻗﻪﻟﺒﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻣﯧﮭﯩﺮ-ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪت ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﻰ ﺑﻪﺧﺶ ﺋﻪﺗﺘﻰ. ﮔﻪپ ﺋﺎرﯨﻠﯩﻘﯩﺪا ﺋﻪر ﺳﺎﮬﯩﺒﺨﺎن: «ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰدە، ﺋﯚﻳﯜﯕﮕﻪ ﺋﯜچ ﻛﯜن ﻣﯧﮭﻤﺎن ﻛﯩﺮﻣﯩﺴﻪ، ﺋﯘ ﻳﻪردﯨﻦ ﻛﯚﭼﯜپ ﻛﻪت دەﻳﺪﯨﻐﺎن ﮔﻪپ ﺑﺎر، ﺳﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﻣﯧﮭﻤﺎن ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﻠﯩﻜﯩﯖلاردﯨﻦ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺧﯘﺷﺎل ﺑﻮﻟﺪۇم» دﯦﺪى. ﻣﻪن ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﮔﯧﭙﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﻪﻧﺪﯨﻢ. ﺋﯜرۈﻛﻠﯜك ﺑﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﺷﻪرﺑﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯜرۈﻛﻠﻪرﮔﻪ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺗﯧﮕﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﯩﻨﯩﻤﯩﺰدا، ﺳﺎﮬﯩﺒﺨﺎن ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺑﺎﺷلاپ ﺑﺎرﻏﺎن دوﺳﺘﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪن ﺗﺎلاش-ﺗﺎرﺗﯩﺶ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺗﯘرۇﭘﺘﯘ. ﺋﻪﺳﻠﯩﺪە ﺋﯘ ﺋﯧﻐﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﭘﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻧﻰ ﺳﻮﻳﯘﺷﻘﺎ ﺗﻪرەددۇﺗلاﻧﻐﺎن ﺋﯩﻜﻪن. ﺑﯩﺰ ﻣﯩﯔ ﺗﻪﺳﺘﻪ ﺳﺎﮬﯩﺒﺨﺎﻧﻨﻰ ﺗﻮﺳﯘۋﯦﻠﯩﭗ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﺎ-ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺋﯚزرە ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺧﻮﺷﻠﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﭼﯩﻘﺘﯘق.
 
ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﭼﻮڭ ﺷﻪﮬﻪردە ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﺑﯩﺮ دوﺳﺘﯩﻤﯩﺰ ﺋﺎﭘﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ، ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﯘرﺗﻘﺎ ﺳﺎﻳﺎﮬﻪت ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﻛﻪﻟﺪى. ﺑﯩﺰ دوﺳﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﻣﯧﮭﺮﯨﺒﺎن ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻐﺎ ﻳﯘرﺗﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﯧﺰﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ، ﺑﺎﻏﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘش ﺋﯜﭼﯜن ﺑﯩﺮ ﺗﻮﻧﯘﺷﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﻮل ﺑﺎﺷﻠﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺧﯩﻠﯟەت ﻛﻪﻧﺘﺘﯩﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﻏﻘﺎ ﻗﺎراپ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﭼﯩﻘﺘﯘق. ﻗﻪدﯨﻤﻜﻰ ﻛﺎرﯨﺰ ﺑﻮﻳﯩﻐﺎ ﺟﺎﻳلاﺷﻘﺎن ﻛﯚﺟﯜم ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺑﯜك-ﺑﺎراﻗﺴﺎن ﮬﻮﻳﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺗﻮﺧﺘﯩﻐﯩﻨﯩﻤﯩﺰدا، ﻳﺎش دﯦﮭﻘﺎن ﺋﻪر-ﺋﺎﻳﺎل ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺗﻪۋەززۇ ﺑﯩﻠﻪن ﻛﯜﺗﯜۋاﻟﺪى. ﺋﺎﻳﺎل ﺳﺎﮬﯩﺒﺨﺎن دوﺳﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﭘﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﻛﻮﻧﺎ ﺗﻮﻧﯘﺷلاردەك ﻳﯜز ﻳﯧﻘﯩﭗ ﻛﯚرۈﺷﺘﻰ ۋە ﺑﯩﺰﻧﻰ ﮬﻮﻳﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﺎﻟﻘﯩﻦ ﺑﺎراڭ ﺋﺎﺳﺘﯩﻐﺎ ﺳﯧﻠﯩﻨﻐﺎن ﻛﯚرﭘﯩﻠﻪرﮔﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪى. ﮬﺎۋا ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺳﺎﮬﯩﺒﺨﺎن ﺗﯘﺗﻘﺎن ﺳﻮﻏﯘق ﭼﺎي ﺗﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﺋﺎرام ﺑﯧﻐﯩﺸلاپ، ﮬﺎردۇﻗﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭙلا ﻗﻮﻳﺪى. ﮬﻮﻳﻠﯩﻨﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻣﻮ ﻛﯚﻟﻪﻣﺪﯨﻜﻰ ﺋﯜرۈﻛﻠﯜك ﺑﺎغ ﺑﯘ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎن ﻳﺎش دﯦﮭﻘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﻪﺟﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﻳﺎﺷﻨﺎپ ﻛﻪﺗﻜﻪن، ﺑﺎﻏﺪا 6-7 ﺧﯩﻞ ﺋﯜرۈك ﺳﻮرﺗﻰ ﺑﺎر ﺋﯩﺪى. ﺋﯜرۈﻛﻠﻪر ﻣﻪي ﺑﺎﻏلاپ ﭘﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪن، ﺑﺎﻏﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺋﯧﺮﯨﻘﺘﺎ ﺳﯜزۈك ﺋﯚﺳﺘﻪڭ ﺳﯜﻳﻰ ﺋﯧﻘﯩﭗ ﺗﯘرﻏﺎن ﺑﻮﻟﯘپ، ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺳﻪﮬﺮا ﻟﻪززﯨﺘﯩﻨﻰ، ﺟﻪﻧﻨﻪت ﮬﯘزۇرﯨﻨﻰ ﺑﯧﻐﯩﺸلاﻳﺘﺘﻰ. ﺑﯩﺰ ﺧﺎﻟﯩﻐﺎن ﺋﯜرۈﻛﻠﻪردﯨﻦ ﺋﯜزۈپ ﻳﻪپ، ﺳﺎﮬﯩﺒﺨﺎﻧلار ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯘرۇق-ﺗﯘﻏﻘﺎﻧلاردەك ﺋﺎزادە ﭘﺎراﯕﻠﯩﺸﯩﭗ، ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺧﯘﺷﺎل ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﻘﺎ ﭼﯚﻣﯜﻟﺪۇق. ﻣﺎﯕﺎر ۋاﻗﺘﯩﻤﯩﺰدا ﺳﺎﮬﯩﺒﺨﺎن ﺋﯘﻧﯩﻤﯩﻐﯩﻨﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﻗﻮﻳﻤﺎي، ﺑﯩﺮ ﻳﻪﺷﯩﻚ ﺋﯜرۈﻛﻨﻰ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﺪى. ﻳﻮﻟﺪا ﻛﯧﻠﯩﯟاﺗﻘﯘﭼﻪ ﻗﻪﻟﺒﯩﻤﻨﻰ ﭼﻮﯕﻘﯘر ﮬﺎﻳﺎﺟﺎن، ﻛﺎﻟلاﻣﻨﻰ ﺗﯜﮔﯩﻤﻪس ﺋﻮي ﺋﯩﻠﻜﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﺪى. ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎن زﯨﻴﺎرﯨﺘﯩﻢ ﭼﺎڭ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪن ﭘﺎﻛﯩﺰ ﺗﯘﻳﻐﯘﻟﯩﺮﯨﻤﻨﻰ دوﻟﻘﯘﻧﻠﯩﺘﯩﭗ، ﺑﯘ ﺳﯚﻳﯜﻣﻠﯜك دﯦﮭﻘﺎﻧلارﻏﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻗﺎﻳﯩﻠﻠﯩﻘﯩﻢ، ﮬﯚرﻣﯩﺘﯩﻢ، ﺳﯚﻳﯜﻧﯜﺷﯜﻣﻨﻰ ﮬﻪﺳﺴﯩﻠﻪپ ﺋﺎﺷﯘردى. ﻣﯧﻨﻰ «ﺋﯘلار ﺋﯜﭼﯜن ﻗﺎﻧﺪاﻗلا ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻪرﺳﻪم ﺋﻪرزﯨﻴﺪﯨﻜﻪن» دﯦﮕﻪن ﺗﯘﻳﻐﯘﻏﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜرۈپ ﻗﻮﻳﺪى
.
ﺑﯩﺰ ﺑﯘ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺑﯩﻠﻪن ﺋﻪزەﻟﺪﯨﻦ ﺗﻮﻧﯘﺷﻤﺎﻳﻤﯩﺰ، ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰﻣﯘ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ، ﺋﯘلار ﺑﯩﻠﻪن ﻗﯩﻠﭽﻪ ﭘﺎﻳﺪا-ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪت ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﯩﻤﯩﺰﻣﯘ ﻳﻮق، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺋﯘلار ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﯩﻤﯩﺰﻧﻰ، ﻧﯧﻤﻪ ﻣﻪﻗﺴﻪﺗﺘﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻤﯩﺰﻧﯩﻤﯘ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪۇ. ﺑﯩﺮاق، ﺋﯘلار ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺑﻮﺳﯘﻏﯩﺴﯩﺪﯨﻦ «ﺋﻪﺳﺴﺎلاﻣﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﻜﯘم» دەپ ﺋﺎﺗﻠﯩﻐﺎن ﮬﻪرﻗﺎﻧﺪاق ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﻛﯜﺗﯜۋاﻟﯩﺪۇ، ﺋﯚﻳﯩﺪە ﺑﺎرﯨﻨﻰ
ﻣﯧﮭﻤﺎﻧلارﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺗﯚﻛﯩﺪۇ، ﺷﯘﻧﭽﻪ ﺋﯩﺰزەت-ﺋﯧﻜﺮام، ﻣﯧﮭﺮﯨﺒﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪن ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪۇ. ﺑﯘ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜن؟
ﺑﯘ ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻧﻜﻰ، ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﯩﺪە ﺋﻪﺟﺪادﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰدﯨﻦ ﻗﺎﻟﻐﺎن ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﻨﻰ ﺋﯘﻟﯘﻏلاﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎرەت ﺋﯧﺴﯩﻞ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﻪ ﭘﺎرلاپ ﺗﯘرﯨﺪۇ.

 «ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﺑﻪرﯨﻜﻪت ﻳﺎﻏﯩﺪۇ» دەﻳﺪﯨﻐﺎن ﻗﺎراش ﺋﯘلارﻧﻰ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺋﯩﻠﮭﺎﻣلاﻧﺪۇرﯨﺪۇ. ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺋﺎق ﻛﯚﯕﯜل، ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻲ، ﺟﺎﭘﺎﻛﻪش دﯦﮭﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯚﯕﻤﻪس ﺧﯩﺴﻠﯩﺘﻰ، ﻣﻪﯕﮕﯜ ﻗﻪدﯨﺮﻟﻪﺷﻜﻪ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺋﯘﻟﯘغ ﭘﻪزﯨﻠﯩﺘﻰ.
ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻪﺧﺴﯩﻴﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ، ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﭙﻪرەﺳﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻜﻪﻧﺠﯩﺴﯩﮕﻪ ﭼﯜﺷﯜپ ﻗﯧﻠﯩﯟاﺗﻘﺎن ﻣﯘﺷﯘ ﻛﯜﻧﻠﻪردە ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻴﻠﯩﻜﻨﻰ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪن ﻗﻪدﯨﺮﻟﻪﺷﻜﻪ، ﺋﯘﻟﯘﻏلاﺷﻘﺎ، ﻣﻪدﮬﯩﻴﯩﻠﻪﺷﻜﻪ ﺋﻪرزﯨﻴﺪۇ. ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻗﺎرا ﻛﯚﯕﯜﻟﻠﻪر ﺋﺎﺷﯘ ﺋﻪزﯨﺰ دﯦﮭﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﮬﺎﻗﺎرەت ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ، ﺗﯜرﻟﯜك ﮬﯩﻴﻠﻪ-ﻣﯩﻜﯩﺮﻟﻪر ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﻧﻰ ﺗﯧﭙﯩﺸﻘﺎ، ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﭘﻪزﯨﻠﯩﺘﯩﻨﻰ «ﺋﻪﺧﻤﻪﻗﻠﯩﻖ» دەپ ﻣﻪﺳﺨﯩﺮە ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﯘرۇﻧﯘۋاﺗﯩﺪۇ. ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﯩﭽﻰ زەﮬﻪر ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﮔﻪ ﻟﻪﻧﻪﺗﻠﻪر ﻳﺎﻏﺴﯘﻧﻜﻰ، ﺗﯩﻠﻰ ﺗﯘﺗﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﺴﯘﻧﻜﻰ، ﻣﯘﺷﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﯧﺴﯩﻞ «ﺋﻪﺧﻤﻪﻗﻠﯩﻖ» ﻣﻪﯕﮕﯜ ﻳﺎﺷﻨﯩﺴﯘن! ﮬﺎزﯨﺮ ﭘﻪﻗﻪت دﯦﮭﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰدﯨلا ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎن ﺋﻪﺟﺪادﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﭘﻪزﯨﻠﻪﺗﻠﯩﺮى ﺋﻪﮔﻪر ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﺋﻪۋلادلارﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﺪە ﺋﯚز ﺳﯧﮭﺮﯨﻨﻰ ﻧﺎﻣﺎﻳﺎن ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﺋﯩﻠﻠﯩﻘﻠﯩﻘﻘﺎ، ﻣﯧﮭﯩﺮ-ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻜﻪ، ﺋﺎﺳﺎﻳﯩﺸﻠﯩﻘﻘﺎ، ﺋﯚﻣﻠﯜﻛﻜﻪ ﺗﻮﻟﻐﺎن ﺑﻮلاﺗﺘﻰ. ﻣﯩﯔ ﺋﻪﭘﺴﯘس، ﺑﯩﺰ ﮬﺎزﯨﺮ ﺑﻮﺳﯘﻏﯩﻤﯩﺰدﯨﻦ ﻣﯧﮭﻤﺎن ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺑﻮﻟﻐﯘﭼﻪ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻣﯘددﯨﺌﺎ ﺑﯩﻠﻪن ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪە ﺗﻪﮔﺴﯩﺰ ﺧﯩﻴﺎﻟلارﻏﺎ ﭘﯧﺘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﻤﯩﺰ. ﺑﯘ ﺧﯩﻴﺎﻟلارﻧﯩﯔ ﻳﯧﺸﯩﻤﮕﻪ ﻣﺎﺳﻠﯩﺸﯩﭗ، ﭼﯩﺮاﻳﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﻣﯩﯔ ﺧﯩﻞ ﺋﯚزﮔﻪرﺗﯩﭗ، ﺳﯜﻧﺌﯩﻲ ﺗﻪﻛﻪﻟﻠﯘﭘلار ﺑﯩﻠﻪن ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﻨﻰ ﺋﯘزﯨﺘﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮاﻳﻤﯩﺰ. ۋادەرﯨﺨﺎ، «ﻣﯧﮭﻤﺎن ﻛﯩﺮﮔﻪن ﺋﯚﻳﮕﻪ ﭘﻪرﯨﺸﺘﻪ ﻛﯩﺮﯨﺪۇ» دﯦﮕﻪن ﺋﯘدۇﻣﯩﻤﯩﺰ ﻧﻪﮔﻪ ﻛﻪﺗﺘﻰ؟ ﺋﺎق ﻛﯚﯕﯜل، ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻲ دﯦﮭﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﺪوﺳﺘﻠﯘﻗﯩﺪﯨﻦ، ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻴﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻲ ﭘﻪزﯨﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯜﻟﮕﻪ ﺋﺎلاﻳﻠﻰ، ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺋﯘﻟﯘغ «ﺋﻪﺧﻤﻪﻗﻠﯩﻘﻰ»دﯨﻦ ﺋﯚﮔﯩﻨﻪﻳﻠﻰ، ﺑﯘ ﺧﯩﻞ«ﺋﻪﺧﻤﻪﻗﻠﯩﻖ» ﻣﻪﯕﮕﯜ ﻳﺎﺷﻨﯩﺴﯘن!
 مەنبە :جۇڭگو مىللەتلىرى 
[ بۇ يازمىنىhawarدە2011-01-10 18:42قايتا تەھرىرلىدى ]
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-01-03 12:40 |
kaptar
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 12
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 46
شۆھرەت: 230 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 230 سوم
تۆھپە: 138 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 138 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 4(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-01-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

يازغان تېمىڭىزغا  كۆپ رەخمەت،،،،،باشلىۋەتتىم ئىنكاس يېزىشنى
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-06 22:37 |
`tohotur
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 55
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 8
شۆھرەت: 40 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 40 سوم
تۆھپە: 24 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 24 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 12(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-01-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

دۇنيادا ئۇيغۇرنىڭ كۆڭلىگە نىمە يەتسۇن
بىراق ئەنە شۇ پاك كۆڭۇلدىنمۇ پايدىلنىپ ئۆزىنىڭ رەزىل مەقسىتىنى ئايانمايدىغانلار بار
باشقىلارنىڭ سىزنىڭ ھىسياتىڭزدىن پايدىلانغانلغىنى ھىس قىلىشتىنمۇ ئوتە ئازاپ يوق دەپ ئويلايمەن
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-09 04:23 |
elxat
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 77
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 13
شۆھرەت: 65 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 65 سوم
تۆھپە: 39 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 39 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 15(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-01-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئەڭ ساپ ئىنسانلار دېھقانلاردۇر.
ئېلىشات ئابلەت
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-09 06:39 |
yaprak
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 115
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 8
شۆھرەت: 40 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 40 سوم
تۆھپە: 24 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 24 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 3(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-01-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

قوللىرىڭىزىغا دەرت تەگمىىسۇن.............دېھقانلار ھەقىقەتەن ئاق كوڭۈل .
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-15 22:10 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » ئەدەبىي ئەسەرلەر