ھازىر يەرلىك ماددى مەدىنىيەت مىراسلىرىنى قېزىش خىزمىتى ئاپتونۇم رايۇننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ناھايىتى ياخشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئوخشايدۇ . دىمىسىمۇ ھەر قايسى جايلاردا خەلىق ئارىسىدا تارقالغان ۋە ساقلىنىپ ھازىرقى دەۋىردە يوقاپ كىتىش گىردابىغا بېرىپ قالغان مەدىنىيەت مىراسلىرىمىز جۈملىدىن يەرلىك مەشرەپ .............. قاتارلىقلار يەنە نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ قېزىپ رەتلىشى ۋە تەتقىق قىلىشىنى كۈتۈپ ياتماقتا.
قۇمۇل مەشرىپىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش قېزىپ رەتلەنگەن بولىشى مۇمكىن . بۇ جەرياندا نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ مەسلەن مۇشۇ تىمىدا تىلغان ئېلىنغان ، مۇشۇ مەشرەپنىڭ باشتىن ئاخرى روياپقا چىقىشى ئۈچۈن تىگىشلىك زىھنى كۈچىنى سەرىپ ئەتكەن قەلەمكەش ،ئەدىبلەرنىڭ ئەمگىكىنى چوقۇم كۆرۈش ۋە مۇۋاپىق ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن قوللاش ۋە ئۇلارنىڭ ئەمگىكىگە ياخشى باھا بىرىش كىرەك .
لىكىن باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالىدىغان نۇمۇسسىز كىشىلەرنىڭ ئەپتى بەشرىسىنى مۇشۇنداق تور مۇنبەرلىرى ئارقىلىق خەلىققە ئاشكارىلاپ تۇرۇش كىرەك.
مەنمۇ مۇشۇنىڭغا ئوپئوخشايدىغان يەنە بىر يەرلىك مەشرەپنىڭ بىر مويسىپىت كىشنىڭ 10يىل جاپالىق رەتلەش ،قېزىش، توپلاش جەھەتتىكى نەتىنجىلەرنى ئاپتونۇم رايۇندىكى مەلۇم بىر مۇزىكانىتنىڭ مۇزىكىسىنى ۋە بۇ مەشرەپنىڭ لىنتىسىنى ئىشلەش جەريانىدا بارلىق نەتىنجىلەرنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىپ ئۇ كىشىنىڭ نامىنى لىنتىدىكى بىرەر نۇمۇرنىڭ كەينىگىمۇ يېزىپ قويماي شۇنداق ئەلەم قىلغانلىقىنى بىلىمەن . بۇ توغرۇلۇق كىيىنچە تەپسىلى توختىلارمەن ، ئىشقىلىپ بۇنداق نۇمۇسسىزلىق قىلمىشلارغا ئەقلى بارلىكى دوسىتلارنىڭ سوغوققانلىق بىلەن ئويلىشىپ ئەمىلى ۋە ھەققانىي پىكىر بىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن . جىق سۆزلەپ قويدۇم . كەچۈرۈڭلار .
[ بۇ يازمىنىsada0997دە2012-07-17 17:55قايتا تەھرىرل ]