saltanat lutun elan berig
«1234»Pages: 1/4     Go
بۇ تېما 12235 قېتىم كۆرۈلدى
langgar
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 5864
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 19
شۆھرەت: 160 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 142 سوم
تۆھپە: 93 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 83 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 15(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 '' تاڭسا '' مۇ  ياكى '' تانسا '' مۇ ؟؟؟

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما alqondi تەرىپىدىن نادىرلاندى(2012-04-17)
 '' تاڭسا '' مۇ  ياكى '' تانسا '' مۇ ؟؟؟


دوستۇمنىڭ تويىغا بېرىش ئۇچۇن ئالدىراش گىرىم قىلىۋاتسام، يولدۇشۇمنىڭ يانفۇنى تۇيۇقسىز جىرىڭلاپ كەتتى.
  - ۋەي، ياخشىمۇ- سىز؟
  - ياخشى، سىزلەرچۇ؟ تېنچ- ئامان تۇرىۋاتامسىزلەر؟ توي پەيزىنى دەششەت سۈرىۋاتقانسىزلەر- ھە !
    يولدۇشۇمنىڭ دوستىنىڭ بۇ ھاياسىز چاقچىقى ماڭا ئانچە خوش يېقىپ كەتمىدى.
  - غېرىپجان بارمۇ؟
  - ئازراق ئىش بىلەن سىرتقا چىقىپ كەتكەن، سوغوقلا جاۋاپ بەردىم. - قايتىپ كىرگەندە دەپ قوياي، سىزگە تېلفۇن قىلسۇن.
  - ماقۇل خوش ئەمىسە.
  ئادەتتە يولدۇشۇم ناماز ئوقۇۋاتقاندا تېلىفۇن كېلىپ قالسا سىرتقا چىقىپ كەتتى دەپ قوياتتىم، يولدۇشۇم ئىچكىرىكى ئۆيدىن چىقىشىغا، مەڭ تاقىڭىزنى ئېلىڭە، سىز ناماز ئوقۇۋاتقاندا تېلىفۇن كەلمىسىكەن دەيمەن، دائىم يالغان گەپ قىلىپ گۇناھكار بولۇپ كەتتىمغۇ مەن... ئۇ مېنىڭ غودۇراشلىرىمغا پىسەنىتمۇ قىلماي تېلفۇن قايتۇردى.
  - نىمە دەيدۇ؟
  - بۈگۈن بىز بارىدىغان تويغا ئۇنىڭ خوتۇنىمۇ بارىدىغان ئوخشايدۇ، خاپا بولماي خوتۇنۇمنى تانسىغا تارتىپ قويساڭ، زېرىكىپ قالمىسۇن دەيدۇ.
  - سىزنىڭ تانسا ئوينىمايدىغانلىقىڭىزنى بىلمەمدۇ ئۇ ئاغىنە تۇرۇپ؟!
  - شۇنداق ئوخشايدۇ. دىدى ئۇ ئانچە ئېرەن قىلمىغان قىياپەتتە.
  باشقىلارنىڭ نەزىرىدە ئەر-ئايال ئىككىمىز دۇنيانىڭ راھىتىنى سۈرۈشنى بىلمەيدىغان مۇتەئەسسىپ، زاماننىڭ كەينىدە قالغان،ئىدىيىسى ئازات بولمىغان زىيالى سانىلاتتۇق. يولدۇشۇم بىلەن يېڭى تونۇشۇپ ئارلىشىۋاتقان چاغلاردا مەنمۇ بىر شوخ قىز ئىدىم. ئەپسانە گەپلەرنى قىلىپ چاقچاق قىلسام بويۇنلىرىغىچە قىزىرىپ ھالى قالمايتتى. ئۇ ئەستايىدىللىق بىلەن مەن چۈشەنمەيدىغان، ئاڭلاپمۇ باقمىغان ئايەت، ھەدىسلەرنى سۆزلەپ ماڭا خېلى بىر نەرسىلەرنى چۈشەندۈرۈشكە تىرىشاتتى. مەن چاقچاققا ئايلاندۇرسام، ئۇ ئاچچىقلاپ، دونكىخوتتەك ئورۇن بەدەنلىرىنى نامايىش قىلىپ، گۆرەن تومۇرلىرىنى كۆپۈرۈپ، كۆك كۆزلىرىنى دۈپدۈگىلەك قىلىپ ھومىيىپ قاراپ تېخىمۇ ئەزۋەيلەپ تەنبىھ- نەسىھەتلىرىنى باشلىۋېتەتتى.  مەن دىققەت بىلەن ئاڭلىغان قىياپەتكە كىرىۋېلىپ،ئوزەمنىڭ باشقا شېرىن خىياللىرىنى سۈرۈپ ئولتۇراتتىم. بىر كۈنى بىز يەنە كونا جايغا بىرىپ شەنبىلىك ساياھىتىمىزنى قىلدۇق. باغچا شۇنچە تېنچ، شۇنچە راھەت ئىدى، بىز بىردەم قېيىققا چىقىپ ئايلانساق، بىردەم  ئەتراپنى تاماشا قىلىپ ئايلىناتتۇق. كۈننىڭ قىزىق تەپتى ئاخىرلىشىپ سالقىن شامال يۈزىمىزگە ئۇرۇلغاندا، چىملىق ئۈستىگە ئالغاچ كەلگەن كىچىك پاياندازنى سېلىپ ئولتارماقچى بولدۇق، ئۇ ماڭا، سىز بۇ كىتاپنى كۆرگەچ ئولتۇرۇپ تۇرۇڭ، مەن دالدىغا بېرىپ كېلەي دەپلا قوينىدىن بىر نەرسىنى ئېلىپ دەرەخ دالدىسىغا ئۆتۈپ ناماز ئوقۇغىلى تۇردى. مەن ھەيران بولۇپ شۇنچە ئادەم تۇرسا خىجىل بولماي، قازا قىلسىمۇ بولاتتىغۇ،  دەپ ئويلىغان بولساممۇ، ئۇ ماڭا بەرگەن ''  ئىسلامدا ھالال  ۋە ھارام '' دىگەن كىتاپنى ئانچە خوش ياقماي ۋاراقلاشقا باشلىدىم. قىزىق ئىش ئامىرىكىدىمۇ مۇسۇلمان باركەندە، بۇ كىتاپنى ياۋرۇپادىكى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن يازغانكەن ئەمەسمۇ، مەن كىتاپ ئىچىگە كىرىپلا كەتتىم.  ئىلگىرى ئۇنىڭ '' گۇناھ بولىدۇ، توۋۋا قىلىپ تۇرۇڭ '' دىگەن گېپگە '' مەندە ھېچقانداق گۇناھ بولمىسا نىمىگە توۋۋا قىلىمەن '' دەپ جاۋاپ بەرگىنىم يادىمغا كېلىپ تەنلىرىم شۈركىنىم كەتتى... شۇندىن باشلاپ  نىمىشقىدۇر بىر نەرسىدىن قورقىدىغان، بىر غايىۋى نەرسىنى ئىزدەيدىغان، روھىيىتىمدە نىمىدۇر كەمدەك ھىس قىلىدىغان بولۇپ قالدىم. ئۇ مېنىڭ بۇ ئۆزگىرىشىمنى سەزدىمۇ ياكى شۇنداق توغرا كېلىپ قالدىمۇ بىر كۈنى تۇيۇقسىزلار جەننەت - دوزاق توغرىسىدىكى ئۆزى ئاڭلىغان، بىلگەنلىرىنى سۆزلەشكە باشلىدى، جەننەت توغرىسدىكى تەسۋىرنى ئاڭلىغاندا ئۆزەمنى ھۆر قىزلاردەك ھىس قىلسام، دوزاق توغرىسىدىكى تەسۋىردىن قورقۇپ  يىلان- چايانلار ئارىسىدا قىززىق ئوتتا ئىڭراۋاتقان ھالىتىم كۆز ئالدىمدا نايان بولاتتى.  شۇندىن باشلاپ ئىسلام چۈشەنچىلىرى بارغانچە ئايدىڭلىشىپ ،ئۇنى - بۇنى سورايدىغان بولدۇم. كىچىك چاغلىرىمدا ئاتا - ئانامنىڭ زورلاپ - مەجبورلىشى بىلەن چاپا- پۇچۇق ئۈگىنىپ تاشلاپ قويغان ھەپتىيەكنى قايتىدىن قولۇمغا ئالدىم. بىزنىڭ ھەر قېتىملىق سەيلىمىز يېڭى مەنالارغا ئىگە بولۇپ بارغىلى جاي تاپالمايدىغان تارىخقا خاتىمە بىرىلدى. كۆرۈشكەندە كىتاپنى ئېلىپ چىقىپ پىنھان جايلاردا ئۇنىڭدىن تەلىم ئېلىشقا باشلىدىم، كۈنلىرىم شۇنداق مەنىلىك، شۇنچە خوشال، شۇنچە روھلۇق ئىدى. ئۇنىڭ سوپا مىجەزلىكىدىن بىزار بولمايدىغان، ئويناتقىلى ئېلىپ بارمىدىڭ ، مالاچۈەر ئېلىپ بەرمىدىڭ قېرى سوپام دەپ يامانلايدىغان خۇيلۇرۇمدىن شەيتانلىرىم يامانلاپ كېتىپ قالدى. بىر كۈنى سوراشقا جۈرئەت قىلالمايۋاتقان  بىر سۇئالنى ئۇنىڭدىن سورىدىم.
  - نىمىشقا تانسا ئوينىمايسىز؟
  - ھارام بولىدۇ.
  - نىمىشقا ؟
  - سىزنىڭ بەزىدە كىچىك بالىدەك سورايدىغان ئوماق سۇئاللىرىڭىز بار، مەن موشۇ يېرىڭىزنى ياقتۇرىمەن. ئۆتكەندە، بىر ساتراچخانىدا، چېچىمنى ئايال ساتراچقا يۇدۇرمايمەن دەپ چىقىپ كەتسەم، ھەيران بولۇپ جىۋىلداپلا كەتكەنىدىڭىز، گەپ قىلىشقا پۇرسەت بولمىغان. ئۇ مەسلىمۇ بۇ مەسلە بىلەن ئاسەسەن ئوخشاش. ئاۋۇ كوچىدا كېتىپ بارغان ، دىدى ئۇ قولى بىلەن ناھايتى مودا ياسانغان بىر ئايالنى ئىشارەت قىلىپ، - ئۇنىڭ بىلەن قول ئېلىشىپ قۇچاقلىشىپ بىلىنى تۇتۇپ سالاملاشسام سىزچە قانداق؟
  - ساراڭ، ئۇ ئىش بىلەن مەن سورىغان ئىش ئوخشامدۇ، تانسا، ئۇسول دىگەن مەدەنىيەتقۇ؟ ھەر قانداق مىللەتنىڭ ئۆز ئالدىغا سالاملىشىش ئادەتلىرى، مىللى ئۆرىپ ئادىتى بولىدۇ، بىر بىرىمىزنى ھۆرمەتلىگەن ئاساستا، ئىلغار مەدەنىيەتنى، توغرا تەرەپلىرىنى قوبۇل قىلساق بولىدۇ ئەمەسمۇ؟ كوچىدا ئۇ خوتۇننى قۇچاقلاپ قويۇپ ئېرىدىن تاياق يەرسىز ھەقاچان،؟
    ئۇ ئورۇق يۇزلىرىنى پۇرۇشتۇرۇپ ئادەمنىڭ تېنى شۈركەنگىدەك مىيىقىدا كۈلۈپ،  - ھە، قوبۇل قىلساق ئەلۋەتتە بولىدۇ،  نىمىنى قوبۇل قىلىش ، نىمىنى قوبۇل قىلماسلىقنى بىلىش كېرەكتە؟ تەرەققى تاپقان ئەللەر بىزنىڭ ئەسكى- تۈسكىلىرىمىزدىن بايلىق يارىتىپ 100 يىل ئاۋاللا ئارخىلوگىيىلىك تەكشۈرۈش نامى بىلەن يۇرتىمىزغا كېلىپ بىزنىڭ مىڭ يىل ئاۋالقى مەدەنىيىتىمىزنى تەتقىق قىلدى، ئۈگەندى، بىزگە ئۆز تىلىمىزنى يىشىپ بەردى، ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، ئالامشۇمۇل نەتىجىلەرنى ياراتتى. ۋاي بولدىلا نىمىلەرنى دەپ كەتتىم قىزلار بۇ ئىشلارنى چۈشىنەمتى، ئەتراپىمىزغا قاراپ بېقىڭا، بىر چىرايلىق ئۇيغۇرچە كىيىملىرىمىز زامان تەرەققىياتىغا ماسلاشمىدى، ئۇزۇن چېچىمىز پۇتلاشتى، مەدەنىيەتنىڭ ئاۋانگارتلىرى بولغان قىزلار مودىلىشىپ يوتىسى بىلەن مەيدىسىنى ئېچىپ كوچىغا چىققان بولسا، قۇلىقىغا ھالقا ئېسىپ، ئەسسالامنىڭ ئورنىغا ئىسقىرتىپ، تىپىشىپ كۆرىشىدىغان، دۆم تۇرۇپ جىڭغاپ سىيدىغان ئىشەك مىجەز غىتمەكلەرگە، ئاتا - ئانىسىنى ئاپوشكا - دادوشكا، لوخەن دەپ چاقىرىدىغان بالىلارغا ؟؟؟ !!!
  - ۋاي- ۋۇي، بىر نەرسە دەپ بولغىچە ئېغىز بۇرنۇمغىچە تويغۇزۇپلا قويىسىزغۇ زادى. نەرىڭىزنى ياخشى كۆرۈپ قالدىمكىن تاڭ؟ تىللاڭ، ئاڭلاپ تۇرىمەن ، يەنە يىلىمدەك چاپلىشىپ كەينىڭىزدىن چىقمايمەنغۇ تاڭ؟ موشۇ ئۆزگىچە موللام سۈپەت خۇيىڭىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ئوخشايمەن- ھە؟
  - ئىككى يىلدىن بېرى خېلى نەرسىلەرنى بىلىپ قالدىڭىز. سىزگە بىر ھىكايە سۆزلەپ بىرەي. مەنمۇ دادامدىن تانسا توغرىسىدا سورىغىنىمدا، دادام '' ئاڭلىسام تانسىنى ئەيىش- ئىشرەتكە ئامراق  شەھۋاتپەرەس ياۋروپالىق بىر پادىشا كەشىپ قىلغان ئىكەن. ئۇ بىر كۈنى ئوۋغا چىقىپتۇ، تاغدا بىر نەچچە كۈنگىچە بىرەرمۇ ھايۋاننى ئوۋلىيالماي تىت- تىت بولۇپ تۇرغانىكەن. نەۋكەرلەردىن بىرى ئالدىراپ كېلىپ شاھقا يېقىن ئەتراپتا ئورانگوتانلارنى كۆرگەنلىكىنى ئېيتىپتۇ. پادىشاھمۇ دەرھال شۇ ياققا ئات ساپتۇ. قارىغۇدەك بولسا بىر نەچچە ئورانگوتانلار جۈپ- جۈپ بولۇپ قۇچاقلىشىپ ئۇياقتىن - بۇياققا ئىغاڭلاپ ، تۇرۇپ - تۇرۇپلا چىرقىراپ قويغىدەك، پادىشاھ نۆۋكەر بېشىدىن ئورانگوتانلارنىڭ نىمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى سورىسا، نۆۋكەر بېشى، بۇ پەسىل ئورانگوتانلارنىڭ كۈيلەش مەزگىلى ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ جۈپلىشىش ئادىتىنىڭ موشۇنداق بولىدىغانلىقىنى ئېيىتىپتۇ. پادىشاھ  نۆۋكەرلەرگە بىر نەچچە ئورانگوتاننى تۇتۇپ چاھارباغقا ئېلىپ بىرىشنى بۇيرۇپتۇ. پادىشاھ ئوۋدىن قايىتقاندىن كېيىن كېنزەكلەر بىلەن نۆۋكەرلەرنىڭ يالىڭاچ بولۇپ ئورانگوتانلارغا ئوخشاش ھەركەتتە بولىشىنى بۇيرۇپ تاماشا قىپتۇ. شۇندىن كېيىن ئوردا قىززىقلىچىلىرى بۇ ھەركەتتىن ئىلھام ئېلىپ بىر ئەر بىر ئايالنىڭ جۈپ بولۇپ قۇچاقلىشىپ ، ئايلىنىپ ئوينايدىغان تانسىنى كەشىپ قىلىپتۇ. كېيىن بۇ ئۇسول پەقەت خان جەمەتىدىن بولغانلارنىڭلا ئوينىشىغا رۇخسەت قىلىنىپ كۆپ خىل نام بىلەن ئاتىلىپتۇ. زامانلارنىڭ ئۆتىشى بىلەن بۇ ئۇسول پۈتكۈل ئاۋامغا تارىلىپتۇ.'' ... 
  بۇ گەپنىڭ راسىت- يالغانلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق مەلۇمات بولمىسىمۇ، ئويلاپ باقساق، يات جىنىسلارنىڭ نامەھرەملىكى ھەقىقەتقۇ. يات بىر ئەر بىلەن يات بىر ئايال قول- بەللىرىنى تۇتۇشۇپ دىماقلىرى ئۆتۈشسە ئەلۋەتتە شەھۋەت قوزغالمايدۇ دىگىلى بولمايدۇ، دە ... 
  بۇ گەپ ئاساسسزدەك قىلسىمۇ، شۇندىن كېيىن تانسىغا يىرگىنىپ قارايدىغان بولدۇم. تويلارغا بارساممۇ تاماقنى يەپ بولۇپلا ئىشىم چىقىپ قالدى دەپ كېتىپ قالاتتىم. بىر كۈنى نەۋرە سىڭلىمنىڭ تويىدا ئاخىرغىچە ئولتۇرۇپ بىرىشكە توغرا كەلدى، ئۇسۇلدىن كېيىن تانسا باشلانغاندا چەتتىرەك تۇرۇشنى نىشانلاپ ئەتراپقا قارىشىمغا، يېققىن تۇققىنىمىزدىن بىرى تانسىغا تەكلىپ قىلدى. مەن ئەدەپ يۈزىسىدىن ئورنۇمدىن تۇرۇپ تانسا ئوينىمايدىغانلىقىمنى ئېيىتتىم. ئۇ تۇققىنىمىزنىڭ چىرايى چاقماق تېزلىكىدە ئۆزگىرىپ، سەت غودۇراپ سىرتقا قاراپ ماڭدى. مەنمۇ ئۆزەمنى تۇتۇۋالالماي كەينىدىن چىقىپ: - نىمىگە يامانلايسەن؟ دىيىشىمگە ، :- نىمە بولدۇڭ، قېنى سېنىڭ بۇرۇنقى شوقلۇقلىرىڭ ،تۇيۇقسىزلا 180 گىرادوس ئۆزگىرىپ بۈۋەم بولىۋالدىڭما، ئۇنداق ئادەم پۈركىنىپ ئۈيۈڭدە ئولتۇرساڭ بولمامدۇ!!!
  - گۇناھ بولىدىغان تۇرسا؟
  -ئۆرگىلەي، ئۆزەڭچە زور ئادەم بولۇپ كېتىپسەن، ساڭا دەيدىغان باشقا گېپىم يوق، توي قىلماي تۇرۇپلا قېرى سوپامنىڭ ئىدىيىسىنى يۇقتۇرۇپ ئوبدان قىپسەن، قېنى سېنىڭ ئالى مەكتەپتە ئوقۇغىنىڭ، توي قىلىپ قالساڭ خېلى قىلىقلارنى قىلىدىغان ئوخشايسەن، سەن....
  شۇ ئىشلار بولغىلىمۇ 11 يىلدىن ئېشىپتۇ، بۈگۈنمۇ يولدۇشۇمنىڭ كەينىدە توكلۇق ۋېلىسىتقا ئولتۇرۇپ بېلىنى چىڭ تۇتقىنىمچە سوغۇقتىن دالدىلىنىپ ئۆتكەن ئىشلار يادىمدىن كېچىپتۇ. مانا توي قىلىپ ئىككى بالىلىقمۇ بولدۇم، ھازىرغىچە يولدۇشۇمنىڭ، ئوماق قوزىلىرىمنىڭ ئىسسىق قولىنى تۇتقاندىن باشقا ئەركەك زاتىنىڭ قولىنى تۇتۇپ باقمىدىم. 
 - بايىقى '' خوتۇنۇمنى تانسىغا تارتىپ قوي، زېرىكىپ قالمىسۇن '' دىگەن ئاغىنىڭىز تويغا كەلمەمدىكەن؟ سورىدىم يولدۇشۇمدىن.
  - نىمە، تۇلۇمدىن توقماق چىققاندەك گەپ قىلساممۇ ئاڭلىمايۋاتقان قۇشناچىم ئۇنى سېغىنىپ قاپسىزغۇ؟
  - بولدى قىلىڭە، مۇنداقلا سوراپ قويدۇم.
  - ھە، ئۇ ئاغىنىمىز باشقا سورۇنغا تانسىغا بارىمەن. كونا ئوتلارنى سېغىنىپ قالدىم، بۈگۈن ئاخشام ئۆيگە كېلەلمەيمەن، خوتۇنۇمغا كۆز قۇلاق بولۇپ قويارسەن، ئەركەك چىۋىنلەرنى قوندۇرۋالمىسۇن، دەيدۇ تېخى.
 - نىمە؟
  ... 

                                                                                                                                             2012- يىل 4- ئاي       

تېما تەستىقلىغۇچى : duttarqi
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-04-17, 09:23
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرەت:+10(alqondi)
  • چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-04-17 00:51 |
    tohotur

    دەرىجىسى : ئاكتىپ ئەزا


    UID نۇمۇرى : 251
    نادىر تېما : 4
    يازما سانى : 1817
    شۆھرەت: 9991 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 10053 سوم
    تۆھپە: 5879 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 5889 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 2573(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-20
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    بىز تانىدىغان نەرسىنىڭ بىر سى مانا شۇ تانسا ،تىلى ناھايىتى تەبئى چىقىپتۇ ، پەخىرلەنسە مانا شۇنداق ئون يىل بولدى ھاراق ئىچمدىىم ، ئون يىل بولدى باشقا ئەركەك زاتىنىڭ قولىنى تۇتمۇدۇم ياكى تۇتقۇزمۇدۇم دىگەن سۆزلەر بىلەن پەخرىلەنسەك بولۇدۇ ،
    بىر دوستۇم بولۇدۇغان ئۇزۇن يىللار بولدى ھۆكۇمەتتىن مائاش ئالماي ياشىغانلىغىدىن پەخىرلىنىدۇ ،  
    lutun
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-17 10:39 |
    subhan
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 6612
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 96
    شۆھرەت: 505 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 510 سوم
    تۆھپە: 299 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 299 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 131(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-05
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-19
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    مەنمۇ  تانسا ئۇسۇل ئۇقمايمەن ، شۇڭلاشقىمىكىن مۇشۇ قىز دوست تۇتۇشقا كەلگەندە چىيەنفېي تىڭجى ھالەتتىلا يۇرۇپ كەپتىمەن !
    تىلى ھەسەل دىلى زەھەر ....
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-17 11:04 |
    qaxmazulal
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 6780
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 12
    شۆھرەت: 75 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 85 سوم
    تۆھپە: 43 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 43 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 12(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-23
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئىشلىتىش
    بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى subhanدە2012-04-17 11:04يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
    مەنمۇ  تانسا ئۇسۇل ئۇقمايمەن ، شۇڭلاشقىمىكىن مۇشۇ قىز دوست تۇتۇشقا كەلگەندە چىيەنفېي تىڭجى ھالەتتىلا يۇرۇپ كەپتىمەن !

    بۇ پىكىرنىڭ ئاخىرى ئىختىيارسز مېنى كۈلدۈرىۋەتتى..ھې ھې..

    مەنچە بۇ تاڭسا ھەم تانسا..
    "تاڭسا" دىگەنگە قارىتا ئويلىغىنىم ئاشۇنداق بىزگە مۇناسىۋەتسىز بولغان،بىزگە ئالتىپ ئىجابىي تەسىر ھەم پايدا ئېلىپ كەلمەيدىغان،مەنىۋى مەدىنىيىتىمىزگە يات بولغان باشقىلار مەدىنىيىتىنى تېڭىش.
    "تانسا" دىگەنگە قارىتا ئويلىغنىم ئۆزىمىزنىڭ مىللى ئۆرۈپ-ئادەت،ئەنئەنىۋى ئەخلاقىمىزدىن تاندۇرش.
    بەلكىم ئويلىرىم بىر تەرەپلىمىك.لىكىن بۇ مېنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى ئۆز چۈشەنچەم خالاس.
    saltanat
    مۇھەببەت ئۇ مەرد كىشىنىڭ ئىشى~!
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-17 11:38 |
    isyankar
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 2174
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 136
    شۆھرەت: 683 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 706 سوم
    تۆھپە: 411 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 417 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 138(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-06-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-16
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    مەنمۇ دەھشەت قارشى!!! لېكىن چوڭلار بولامدۇ كىچىكلەر بولامدۇ ،  ئىشقىلىپ ئۆزىنى ياكى جۈپتىنى باشقىلاردىن قورۇيدىغان  نىيىتى يوقلار  ئوينايدىغان نېمە ئۇ!!!  دۇنيادا پەقەت چوشقىلا جۈپتىنى قورۇمايمىش...
    simfoniya
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-17 12:35 |
    فىدا
    دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 6545
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 258
    شۆھرەت: 1319 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 1336 سوم
    تۆھپە: 788 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 791 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 194(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-01
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-20
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

         چىيەنفېي تىڭجى ھالەتتىلا يۇرۇپ كەپتىمەن !
    ......................................................................
        يۇقۇردىكى سوزنىڭ مەنىسىنى مەن چۇشەنمىدىم ، دۇنياۋى شاھانە ئەسەرلەرنى  ھەتتا مۇقەددەس كىتاۋىمىز قۇرئانى كەرىمنىمۇ تۇلۇق مەزمۇنى بىەلەن ئىپادىلەشكە  يىتىپ ئىشىپ قالعان ئانا تىلىمىز  مانا ھازىر  مۇشۇ تىلىفۇن تىلىعا كەلگەندە  بويۇن قىسىپ قىلىۋاتىدۇ . شۇڭا بەزى چەتئەللىكلەر ،ئۇيعۇرلارنىڭ ئوز تىلى بار ئىكەن ئەمما تىلىفۇن تىلى يوق ئىكەن دىگىنى  بىكار ئەمەس . بىز بۇرۇن حەت ئوقۇيالمايدىعان ئادەمنى ساۋاتسىز دەيتتۇق سازىر كومپىۇتىر  ئۇقمايدىعان ئادەمنى ساۋاتسىز دەيدىعان بولدۇق . ئادەتتە سوزلىيەلمەيدىعان ئادەمنى گاچا دەيتتۇق . ئەمدى مۇشۇنداق ئوز ئانا تىلىنى ئاياق ئاستى قىلىدىعان ئادەمنىمۇ گاچا دىيىش كىرەك . ئادەمنىڭ ئەڭ ئاچچىعىنى كەلتۇردىعىنى ، بەزى ئادەملىرىمىزنىڭ مۇشۇنداق پەلىپەتىش سوزلەشتىن نۇمۇس قىلماسلىقى . دۇنيانىڭ ھەرقانداق يىرىدىكى قاتتىق تەربىيە كورگەن  ئىتمۇ جىنىدا ئوزتىلىدا قاۋايدۇ .  ئەمما بىزدىكى تەربىيە كورگەنلەر  ئىتچىلىكمۇ بۇلالمايۋاتىدۇ . مەن ھەر ھەپتىدە سەھرالارعا بىرىپ ،دىھقان تاعىلار بىلەن ئەسرا بۇلۇپ كوڭلۇمنى ئىچىپ كىلىمەن ، شەھەرگە ،تەربىيە كورگەن ئاتالمىش تەربىيە كورگەن مەدەنىيەتلىكلەر ئارسىعا كەلسەم ،شالعۇت تىل ،تاماكىنىڭ ئاچچىق ئىسى  ،مۇعەممبەرلىىك بىلەن شالعۇت تىلدا ئىيتىلعان رەسۋا چاقچاقلار  روھىمنى چۇشۇرۇپ ،ئەقلىمنى كىسىدۇ . ...........................................
     
    lutun
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-17 12:38 |
    siyit^ahun
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 6642
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 5
    شۆھرەت: 25 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 25 سوم
    تۆھپە: 15 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 15 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 15(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-17
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    خوتۇنى ئېرىدىن<< تانسا>>،ئېرى خوتۇنىدىن<< تانسا>> ،ئاندىن تانسا ئوينايدۇ.
    <<>> ئىچىدىكى تانسا نىڭ مەنىسى:تېنىپ كەتمەك،كۆزىدىن يىراق قىلىۋەتمەك دىگەن مەنىدە
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-17 12:50 |
    subhan
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 6612
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 96
    شۆھرەت: 505 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 510 سوم
    تۆھپە: 299 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 299 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 131(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-05
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-19
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئىشلىتىش
    بۇ مەزمۇن 5قەۋەتتىكى فىدادە2012-04-17 12:38يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
         چىيەنفېي تىڭجى ھالەتتىلا يۇرۇپ كەپتىمەن !
    ......................................................................
        يۇقۇردىكى سوزنىڭ مەنىسىنى مەن چۇشەنمىدىم ، دۇنياۋى شاھانە ئەسەرلەرنى  ھەتتا مۇقەددەس كىتاۋىمىز قۇرئانى كەرىمنىمۇ تۇلۇق مەزمۇنى بىەلەن ئىپادىلەشكە  يىتىپ ئىشىپ قالعان ئانا تىلىمىز  مانا ھازىر  مۇشۇ تىلىفۇن تىلىعا كەلگەندە  بويۇن قىسىپ قىلىۋاتىدۇ . شۇڭا بەزى چەتئەللىكلەر ،ئۇيعۇرلارنىڭ ئوز تىلى بار ئىكەن ئەمما تىلىفۇن تىلى يوق ئىكەن دىگىنى  بىكار ئەمەس . بىز بۇرۇن حەت ئوقۇيالمايدىعان ئادەمنى ساۋاتسىز دەيتتۇق سازىر كومپىۇتىر  ئۇقمايدىعان ئادەمنى ساۋاتسىز دەيدىعان بولدۇق . ئادەتتە سوزلىيەلمەيدىعان ئادەمنى گاچا دەيتتۇق . ئەمدى مۇشۇنداق ئوز ئانا تىلىنى ئاياق ئاستى قىلىدىعان ئادەمنىمۇ گاچا دىيىش كىرەك . ئادەمنىڭ ئەڭ ئاچچىعىنى كەلتۇردىعىنى ، بەزى ئادەملىرىمىزنىڭ مۇشۇنداق پەلىپەتىش سوزلەشتىن نۇمۇس قىلماسلىقى . دۇنيانىڭ ھەرقانداق يىرىدىكى قاتتىق تەربىيە كورگەن  ئىتمۇ جىنىدا ئوزتىلىدا قاۋايدۇ .  ئەمما بىزدىكى تەربىيە كورگەنلەر  ئىتچىلىكمۇ بۇلالمايۋاتىدۇ . مەن ھەر ھەپتىدە سەھرالارعا بىرىپ ،دىھقان تاعىلار بىلەن ئەسرا بۇلۇپ كوڭلۇمنى ئىچىپ كىلىمەن ، شەھەرگە ،تەربىيە كورگەن ئاتالمىش تەربىيە كورگەن مەدەنىيەتلىكلەر ئارسىعا كەلسەم ،شالعۇت تىل ،تاماكىنىڭ ئاچچىق ئىسى  ،مۇعەممبەرلىىك بىلەن شالعۇت تىلدا ئىيتىلعان رەسۋا چاقچاقلار  روھىمنى چۇشۇرۇپ ،ئەقلىمنى كىسىدۇ . ...........................................
     

    مۇنبەر دېگەندىمۇ ئانچە مۇنچە چاقچاق سۆزلەر بولۇپ تۇرىدۇ ، شۇنىڭغىمۇ شۇنچە كايىش كېتەمدۇ ؟ شۇنچە كۆپ سۆزلەرنى قىلىشتىن بۇرۇن ئىملايىڭىزغا بىر دىققەت قىلۋەتسىڭىزچۇ گاڭ قارى .... قىزىل بەلگە قويغان خەتلەرگە دىققەت قىلىپ بېقىڭ !
    مۇشۇ مۇنبەردە تۇخۇمدىن تۈك ئۇندۇرمەن دەيدىغان ئاتالمىش پەيلوسوپلاردىن مۇنبەردىمۇ ئەركىن پىكىر قىلغىلى بولمايدىغان بولۇپ كەتتى دېسە !
    saltanat
    تىلى ھەسەل دىلى زەھەر ....
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-17 13:18 |
    muhsina
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 6844
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 11
    شۆھرەت: 55 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 55 سوم
    تۆھپە: 33 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 33 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 2(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-02
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

      ھەممىڭلارنىڭ سۆزىگە قايىل بولدۇم، ھې،ھې،ھې.........
    ozgul munbar
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-17 19:56 |
    bahdaxohli

    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 3149
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1175
    شۆھرەت: 6343 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 6397 سوم
    تۆھپە: 3751 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 3795 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 453(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-18
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    مۇھەببەت سەرگۈزەشتىلىرىڭىز بىلەن يۇغۇرۇلغان ھېكايە ناھايىتى ياخشى چىقىپتۇ ،
    تانسا بىزگە ماس كەلمەيدىغان ئۇسۇل
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-17 20:31 |
    kudratulla
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 6810
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 3
    شۆھرەت: 15 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 15 سوم
    تۆھپە: 9 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 9 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 9(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-14
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-04-19
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    .
    بىر  زاماندا   بىر   پادشا  بولغان   ئىكەن  ،ئۇ پادشا خانشقا بەك  سادق  ئىكەن  ،خانشمۇ   ھەم   شۇنداق.ئۇلار  بىر -بىرگە  سادق بولۇپ  10نەچچە  يىل  ئۇتۇپتۇ ،بۇ   جەرياندا  پادشا ئۆز  ئايالدىن  باشقا ئايالغا  كۆز  قرنى   سالماپتۇ  ،پادشا   بىر كۇنى  لەشكەرلىرىنى  باشلاپ  ئوۋغا  چقپتۇ  ،ئوۋ  جەرياندا   بىر   باققا   كىرپ   قاپتۇ   ،ئۇ  باغدا   شۇنداق   چىرايلق   بىر   قىز   مىۋە  ئۈزۋاتقدەك ،  پادشا   ئۇ  قىزنى   كۇرۇپ   خۇدنى   يوقتۇپ   ئۇ  قىزنى    بىرنى   سۇيۋاپتۇ.
         پادشائوۋدىن ئۆيىگە  قايتىپ  كەپتۇ ،  
       خانش   سوراپتۇ   پادشادىن  -  
       بۇگۇن   سرتتا   نمە  ئىش  قلدلا  ؟
      پادشا  ھىچ  ئىش  قلمدىم   ،لەشكەرلەر  بىلەن   ئوۋ  -ئوۋلدم  دەپتۇ،
      خانش   دەپتۇ  پادشاھقا  -
    مەن  ،سىلە  سىرتقا  چكەتكەندە   يالغۇز  قۇدۇق  بويغا   سەيلگە  چىقىپ  ئۇسسا  قېلۋىدىم،  بىر  قۇلنى   چاقرتىپ  قۇدۇقتىن   سۇ   ئالغۇزغانتىم   ،ھېلقى  قۇل  قولۇمنى   تۇتۋالدى   دەپتۇ.    پادشا  ،خانشقا  ھېلقى  ئىشنى    سۆزلەپ   بىرپ   گۇناھغا   قاتتق -  تەۋبە  قلىپتۇ.
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-17 23:53 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    «1234»Pages: 1/4     Go
    Bagdax bbs » بەس بەس مۇنازىرە