turkiya aranqa kiyimliri lutun elan orni
بۇ تېما 554 قېتىم كۆرۈلدى
oyganganzimn
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 14
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 232
شۆھرەت: 1384 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1369 سوم
تۆھپە: 794 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 800 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 244(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-04
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ئېينىشتېيىننىڭ ئۇنۇتۇلغان ئايالى

ئېينىشتېيىننىڭ ئۇنۇتۇلغان ئايالى – مىلېۋا مارك ئېينىشتېين (1875-1948)
1921-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى ئېينىشتېيىن نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇ تەشەككۈر نۇتقىدا ئاجراشقىنىغا ئەمدىلا ئىككى يىل بولغان ئۈچ بالىسىنىڭ ئاپىسى – تۇنجى ئايالى مىلەۋا ئېينىشتېيىن ماركنى تىلغا ئېلىپمۇ قويمىغان.
مىلەۋا ئېينىشتېيىننى راھەتكە ئېرىشتۈرگەن، تامىقىنى ئېتىپ، كىيىملىرىنى يۇيۇپ بەرگەن، ئائىلىسىنىڭ كىرىم-چىقىم ئىشلىرىنى بىرتەرەپ قىلغان، تۈن بويى ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلغان ھەمدە ئۇنىڭ نەزەرىيىسىدىكى ماتېماتىكىلىق مەسىلىلەرنى تەكشۈرگەن. ئەمما ئېينىشتېيىن ئۇنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كەتكەن.
ئېينىشتېيىننىڭ تۇنجى ئايالى مىلەۋا مارك سېرب مىللىتىدىن بولۇپ ئېينىشتېيندىن تۆت ياش چوڭ ئىدى. ئۇ نىڭ ئىككى تۇغما ئەيىبى بار ئىدى: ساغرىسى ئېغىر دەرىجىدە مايماق، پۇتلىرىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىق پەرقى 3 ئىنچ كېلەتتى، ئەمما ئەقلى ئاجايىپ ئۆتكۈر ئىدى.
ئۇ چىرايلىق بولسىمۇ، يۇقىرىقىدەك «مەسىلە»سى بار بولغاچقا توي قىلىشنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى. مىلەۋا 1894-يىلى ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندە، ئاۋسترىيە-ۋېنگىرىيە ئىمپېرىيىسى تېخىچىلا قىزلارنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشىغا يول قويمايۋاتاتتى. شۇڭا ئۇ ئالدى بىلەن سيۇرىختا تەييارلىق مەكتەپتە ئوقۇغاندىن كېيىن، سيۇرىخ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دىرىگەرلىك كەسپىدە قىسقا مۇددەت ئوقۇغان. بىراق، ئۇ ناھايىتى تېزلا ئۆزى ھەقىقىي ياقتۇرۇدىغان ماتېماتىكا ۋە فىزىكا كەسپىگە يۆتكەلگەن. ئۇ تۇنجى قېتىملىق سىناققا قاتنىشىپ ھېچقانچە زورۇقمايلا ئىمتىھاندىن ئۆتكەن ۋە ئۇنىۋېرسال پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ قالغان. ئېينىشتېيىن بولسا ئىككى قېتىم ئىمتىھان بېرىپ ئاندىن ئۆتكەن.
مىلەۋا پرۇشتىكى بارلىق مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان 20 قىز ئوقۇغۇچى ئارىسىدا بىردىنبىر تەبىئى پەن ۋە ماتېماتىكا كەسپى ئوقۇغۇچىسى ئىدى، شۇنداقلا ئۇ ئۇنىۋېرسال پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىزىمات فاكۇلتېتىدىكى بىردىنبىر قىز ئوقۇغۇچى ئىدى.
مىلەۋا ئېينىشتېيىن بىلەن بىر يىلدىن كۆپرەك مۇھەببەتلەشكەن، ئېينىشتېيىن بەك قوغلاشقان بولسىمۇ، مىلەۋا ئېنىق جاۋاب بەرمەي يۈرۈۋەرگەن. 1898-يىلى ئەتىيازغا كەلگەندە ئۇلار مۇھەببەت دېڭىزىغا شۇڭغۇغان. مۇشۇ مەزگىلدە مىلېۋا خىزمەت تېپىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالغان. ئۇنىڭ ئېينىشتېيىنغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى ئۆمۈرلۈك، قايتۇرۇپ بولماس دەرىجىدە تەرەققىي قىلىشقا باشلىغان.
1901-يىلىغا كەلگەندە، ئۇلار تېخى توي قىلمىغان بولسىمۇ، مىلېۋا ئۆزلىرىنىڭ بالىسىغا ھامىلىدار بولغان. مىلېۋا توي قىلماي تۇرۇپ قورساق كۆتۈرگەنلىكى، ساغرىسى مەيماق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئېينىشتېيىننىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىشىغا قەتئىي قارشى تۇرغان، مىلېۋانىڭ ئاتا-ئانىسى كەمسىتىلگەنلىكىدىن غەزەپلەنگەن، يۇقىرىقى سەۋەبلەر بىلەن مىلېۋا بىر نومۇر كەم ئالغانلىقى ئۈچۈن مەكتەپ پۈتتۈرەلمىگەن.
مىلېۋا ئەينى چاغدىكى كۆپلىگەن ئاياللارغا ئوخشاش كەسپكە قارىتىپ كەلگەن ئىخلاسىنى ئېينىشتېيىنگە يۆتكىگەن. ئېينىشتېيىننىڭ مەشھۇر نەزەرىيىسىنى ئىسپاتلىشىغا ھەمكارلاشقان. ئۇلار كۆڭۈلدىكىدەك بىر جۈپلەردىن ئىدى. ئېينىشتېيىننىڭ تەسەۋۋۇرى ئۆزىنىڭ تەپەككۇر ئاسمىنىدا پەرۋاز قىلىپ، ئىلھامى ئاتا قىلغان ئۇقۇملار ئۈستىدە ئىزدىنەتتى، مىلېۋا بولسا تۇغما تالانتى ۋە ئەڭ رېئال چۈشىنىش ئىقتىدارى بىلەن ئېينىشتېيىننىڭ قاراشلىرى ئۈستىدە تېخىمۇ ئىنچىكىلەپ تەھلىل يۈرگۈزەتتى. ئېينىشتېيىن ئۆزلىرىنىڭ ھەمىشە بىرگە خىزمەت قىلالىغانلىقىدىن پەخرلىنەتتى، ئۇ ئۆزلىرىنىڭ ھەمكارلىقى توغرىلىق يېزىلغان نۇرغۇن خەتلىرىنىڭ بىرىدە مۇنداق دەپ يازغان: «ئىلىم نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، مېنىڭ ئاجايىپ بىر ئويۇم بار، ئۇ بولسىمۇ مولېكۇلىنىڭ گاز جىسىمغا كۈچ تەسىرى كۆرسىتىش نەزەرىيىمىزدىن ئىبارەت. مەن تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ھەمىشە ساقلىيالمايمەن دېسەممۇ بولىدۇ. ئەگەر بۇ مەلۇم نەرسىلەرنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ، دېيىلسە، ئۇنداقتا بىزنىڭ مولېكۇلىنىڭ كۈچىگە بولغان چۈشەنچىمىز بىلەن تارتىش كۈچىگە بولغان چۈشەنچىمىز مىقتار جەھەتتىن ئوخشاش». ئۇ خېتىنىڭ داۋامىدا يەنە مۇنداق دېگەن: «ئىككىمىز نىسبىي ھەرىكەت ھەققىدىكى تەتقىقاتنى ئۇتۇقلۇق تاماملىغاندا، مەن تولىمۇ شادلاندىم ۋە ئىپتىخارلاندىم!». ئېينىشتېيىن 1901-يىلى يازغان خېتىدە تىلغا ئالغان تەتقىقاتى 1905-يىلىغا كەلگەندە ئېينىشتېيىننىڭ مەشھۇر نىسبىيلىك نەزەرىيىسىگە ئايلانغان.
مىلېۋانىڭ ئېينىشتېيىننىڭ تەتقىقاتىغا قاتناشقانلىقى مەسىلىسىدە تارىخشۇناسلار ئارىسىدا تالاش-تارتىش بار. رۇسىيە ئالىمى ئابرام يۇفې «فىزىكا ئالىملىرى بىلەن ئۇچرىشىش: چەت ئەل فىزىكا ئالىملىرى توغرىسىدىكى ئەسلىمىلىرىم» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دەپ يازغان: نىسبىيلىك نەزەرىيىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دەسلەپكى 3 تەتقىقات ئەسىرىگە «ئېينىشتېيىن، مارىتي» (مارىتي مىلېۋانىڭ ئىسمىنىڭ ۋېنگىرچە يېزىلىشى) دەپ ئىمزا قويۇلغان. كۆپ يىللاردىن كېيىن، مىلېۋا بىلەن ئوغلى ھانس ئالبېرتنىڭ ئېينىشتېيىننىڭ تەرجىمىھالىنى يازغۇچى بىد مىلمورغا دېيىشىچە، مىلۋا ئېينىشتېيىننىڭ «بەزى ماتېماتىكىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ياردەم قىلغان» ئىكەن.
مىلېۋانىڭ ئالىي مەكتەپتىكى دوستى مىلان ستىفانوۋىچ 1989-يىلى بېلگراندتا مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېگەن: «مىلېۋا ئېينىشيېيىننىڭ نەزەرىيىسىگە دائىر ئۇچۇر ئېلان قىلىشقا ئەڭ سالاھىيەتلىك كىشى ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى ئۇ بۇ نەزەرىيىلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈشكە قاتناشقان، 5-6 يىل ئىلگىرى مىلېۋا ماڭا بۇ توغرىلىق ئېيتقان، ئەمما بۇ ئىشلارنى تىلغا ئالغاندا ئىنتايىن ئازابلانغان. بەلكىم ئاشۇ قىممەتلىك ۋاقىتلارنى ئەسلەش ئۇنىڭغا بەكمۇ ئېغىر تۇيۇلسا كېرەك، سابىق ئېرىنىڭ بۈيۈك ئابرۇيىغا داغ چۈشۈرۈشنى خالىمىغانلىقىدىن بولۇشىمۇ مۇمكىن.
كىشىلەر ئېينىشتېيىننىڭ ئاياللارنى تۆۋەن كۆرىدىغانلىقىنى، ئۇلارنى ئازراقمۇ ھۆرمەت قىلمايدىغانلىقىنى بارغانسېرى چۈشىنىپ يەتمەكتە. ئۇ كيۇرى خانىمنى ئانچە-مۇنچە ھۆرمەت قىلاتتى، ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشىدىمۇ بىر يامان غەرىزى بار ئىدى. ئۇ بىر دوستىغا يازغان خېتىدە: « ئۇ كىشىنى ھەيران قالدۇرغىدەك ئەقىللىق ئىكەن، ئەمما ئۇنىڭدا تۇغما قايناق ھېسسىيات بار بولسىمۇ، ئۇ ھېچكىمگە تەھدىت بولغىدەك سېھرىي كۈچكە ئىگە ئەمەس» دەپ يازغان.
ئېينىشتېيىن ستوكھولمدا سەھنىگە چىقىپ نوبېل مۇكاپاتىنى تاپشۇرۇۋالغاندا ئكمۈرلۈك جۈپتى، ئىلگىرىكى خىزمەتدىشى مىلېۋانى ماختىمىغان، ئېتىراپ قىلمىغان. بۇ ئېينىشتېيىننىڭ خاتالىقىدۇر ياكى مىلېۋانى ئېتىراپ قىلسىمۇ ئېغىزىدىن چىقىرالمىغىنىدۇر. ئەمما ئۇ نوبېل مۇكاپاتى ئۈچۈن بېرىلگەن 121 مىڭ 524 كىرونا پۇلنى مىلېۋاغا تاپشۇرغان. (بۇ ئەسلىدە ئامېرىكىنىڭ «بوستون گلوبە» گېزىتىدە چىققان ماقالە)
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-02-16 01:10 |
naprat2009
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 79
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 104
شۆھرەت: 616 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 618 سوم
تۆھپە: 356 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 358 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 222(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-04
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەرىپەت تورىدىن يۆتكەپ كەلدىم دەپ مەنبەنى ئەسكەرتىپ قويارسىز.
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-02-16 10:30 |
alnur
ئىنسانسەن، ئىنساندەك ياشىغىن مەغرۇر،بولسۇن ھەم ..

دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 62
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 616
شۆھرەت: 3338 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3333 سوم
تۆھپە: 1959 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1968 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 264(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-01-04
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئېينىشتىيىننىڭ  ئۇتۇق قازىنىشىدا ئەسلىدە ئايالىنىڭ تۆھپىسى زور ئىكەندە!
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-02-17 13:46 |
肖伸沛
دەرىجىسى : ئەزا چەكلەنگەن


UID نۇمۇرى : 805
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 11
شۆھرەت: 66 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 68 سوم
تۆھپە: 40 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 42 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمۇن تاقالدى
hawar
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-12-14 23:24 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » مەشھۇر شەخسلەر