2012-يىللىق«قومۇلدا نورۇز مەشرىپى»دىن
ئويلىغانلىرىمنىڭ داۋامى
ھۆرمەتلىك تورداشلار! خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن ئۈرۈمچىدە ھەپتە كۈن تۇرۇپ قالدىم . قايتىپ كېلىپ يازمامنىڭ داۋامىنى يازدىم، ساقلىتىپ قويغان بولسام ئەپۇ قىلىشىڭلارنى سورايمەن.
قەلەم ھەققى ئاپتورنىڭ ھالال ئەمگەك ھەققىدۇر.قەلەم ھەققىنىڭ قىممىتى ۋە ھۇزۇرىمۇ باشقىچە بولىدۇ. ئۆتكەن يىلى يازدىغۇ دەيمەن، شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ قومۇلدىكى مۇخبىرى ساتتار سالى (پىنسىيىگە چىققان)ئاكا ئىشخانامغا كېلىپتۇ، شۇ كۈنلەردە شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «مەشرەپ» پىروگراممىسىدا ئۇنىڭ « ئەزالانىڭ شىكايىتى» ناملىق ئىتوتى ئوينىلىپ، كۆرۈرمەنلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى .مەن ساتتار ئاكىنى بۇ ئەمگىكى ۋە مۇۋاپىقىتى بىلەن مۇبارەكلىدىم. ساتتار ئاكىنىڭ دېيىشىچە، ئەسلىدە ئۇ بۇ ئىتوتنى قومۇل ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىگە بەرگەن بولۇپ، مەلۇم سەۋەپلەر بىلەن ئوينالماپتۇ.كېيىن شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا ئەۋەتىپ بەرگەن ئىكەن. ئالتۇننىڭ قەدرىنى زەرگەر بىلەر دېگەندەك، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىكى رېژىسسور ھەم شائىر مۇختار بۇغرا قەلەم ھەققى ھېسابىدا ئۇنىڭغا 3000 يۈەن بېرىپتۇ. ساتتار ئاكىنىڭ بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇرسەن بولغانلىقى چىرايىدىن چىقىپ تۇراتتى. بىزنىڭ بەزى سەنئەت يېتەكچىلىرىمىزدە مۇزىكا ئىجادىيىتىنى، ئاكوردلاشتۇرۇشنى قالتىس ئىش چاغلاپ، ناخشا تېكىستى، رىياسەتچىلىك سۆزى، سېنارىيە يېزىشنى، ئۇسسۇل ئىشلەشنى كۆزگە ئىلمايدىغان خاھىش ئېغىر. مۇشۇنداق خاھىش تۈگەپ، گۆش چاپقان پالتا ئىشىكنىڭ كەينىدە قالمايدىغان، ئېغىلدىكى موزاينىڭ ئەتىۋارى بولىدىغان ، يېقىندىمۇ داموللاملارنىڭ بارلىقى بىلىنىدىغان چاغدا، قومۇلدا ئابلىز ئۆمەر ھاجىغا ئوخشاش خالىس ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر تېگىشلىك ھەققىنى ئالالىشى مۇمكىن.
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن باشلاپ ،ئۇيغۇر تېلېۋىزىيە سەنئىتىدە ئىتوتچىلىق گۈللەندى، شۇ چاغلاردا كۆرۈرمەنلىرىمىز ئېھتىياج نۇقتىسىدىنمىكىن،كۆچۈرۇلمە ياكى ئۆزلەشتۈرۈلمە ئىتوتلارنىمۇ ئوخشاشلا ياقتۇرۇپ كۆرگەن ئىدى. لېكىن كىشىلەرنىڭ زوقلىنىش ئېھتىياجى ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. ياخشى ئىتوت بولمىسا، ساختا ئىتوت بىلەن سەھنە ۋە ئېكرانلىرىمىزنى بۇلغىمايلى! «قومۇلدا نورۇز مەشرىپى»دە ئوينالغان، ئەمما ئېكرانغا ئېلىپ چىقىلمىغان « ئىئانە» ناملىق ئىتوتنىڭ تاماشىبىنلارغا ياقمىغانلىقى ۋە ئاخىرقى تەكشۈرۈشتىن ئۆتمىگەنلىكى كۆچۈرۇلمە ياكى ئۆزلەشتۈرۈلمە ئىتوت دەۋرىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. بىز ئىتوت يازىدىغان قەلەمنى ئىجادى ئىقتىدارغا ئىگە قەلەمكەشلىرىمىزگە تۇتقۇزايلى. «قومۇلدا نورۇز مەشرىپى»دە رېژىسسور ئېكرانغا ئېلىپ چىقالمىغان ئىتوتقا سەرپ قىلغان ۋاقىت ۋە زېھنىنى ئابلىز ئۆمەر ھاجىنىڭ «قاتار چاي»ىنى ئاپتور نىشانلىغاندەك ھەم لەپەر ، ئېيتىشىش، ھەم ئىتوت، دىراما تۈسىنى ئالغان شەكىلدە سەھنىگە ئېلىپ چىقىشقا سەرپ قىلغان بولسا، ئىتوت يوق بولۇپ قېلىش كەمتۈكلىكى تولدۇرۇلۇپ،يېڭىلىق يارىتىلغان بولاتتىمىكىن دەيمەن. بىر ياخشى سەھنە ئەسىرى ئاپتور، رېژىسسور، ئارتىسلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ۋە زىچ ھەمكارلىشىشى ئارقىسىدا روياپقا چىقىدۇ. ئەلۋەتتە، ئادىل مىجىتنىڭ پىشمىغان ئىتوتقا چىققانلىغىغا ئەجەپلەندىم. لېكىن ئۇ قومۇل خەلقىنىڭ كۆزىنى بويىقىنى يوق، ئۇنىڭ تېگىشلىك ھەققىنى ئېلىشى يوللۇق!
«مەشرەپ» سىنارىيە (ئاساسەن رىياسەتچىلىك سۆزى)نىڭ قۇرۇلمىسى، يېتەكچى ئىدىيىسى بويىچە مۇئەييەن لىنىيەدە تەبىئىي، تەرتىپلىك داۋاملاشمىدى، رىياسەتچىلەر رىياسەتچىلىكنى تازا قاملاشتۇرالمىدى، دەيدۇ ئابلىز ئۆمەر ھاجى.شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئستانسىسىدىن كەلگەن قەيسەر ھەبىبۇللا بىلەن دىلنۇر بەكرى سىن ئېلىشقا بىر يېرىم كۈن قالغاندا رىياسەتچىلىك سۆزىنى قوللىرىغا ئالغان بولسىمۇ،(ئىلگىرى بېكىتىلگەن رىياسەتچىلەر تۇيۇقسىز كېلەلمەيدىغان بولدى) ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ ،نوپۇزلۇق تاراتقۇنىڭ شان-شەرىپىنى قوغداپ قالدى. لېكىن رىياسەتچىلىك سۆزىنى 15 كۈن بۇرۇن قولىغا ئالغان قومۇلدىن كۆرسىتىلگەن رىياسەتچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى چاندۇرۇپ قويدى، سۆز-جۈملىلەرنى چالا-يامچۇق دەپ بۇزدى (كېيىن توغرىلاندى) بۇنىسى ئازلىق قىلغاندەك ، فىلىم كىرىشتۈرۈلگەندە رىياسەتچىلىك سۆزىنىڭ ئانچە ئېتىۋارى بولماي،بەزى جۈملە-ئابزاسلار ئېلىۋېتىلىپ، بەزى جۈملىلەر بەلدىن كېسىۋېتىلىپ، رىياسەتچىلىك سۆزىنىڭ راۋانلىغى ۋە بەدىئى مەنزىلنىڭ ئىزچىللىقى بۇزۇلدى.تۆۋەندىكى بايانلارغا قاراڭ!
قەيسەر:
ئاق ساقاللىق بوۋىلىرىمىزنىڭ، ئاق چاچلىق مومىلىرىمىزنىڭ ئالتۇن بويلىرى ئامان بولغاي! ئۆمرى ئۇزۇن بولغاي!
دىلنۇر:
خىزىر سۈپەت ئاتىلىرىمىزنىڭ، جەننەت يۈزلۈك ئانىلىرىمىزنىڭ باشلىرىغا بەخت قۇشلىرى قونغاي!
ئايگۈل:
ئاۋام خەلقنى توغرا يولغا، گۈزەل تۇرمۇشقا يېتەكلەۋاتقان يۇرت باشلامچىلىرىمىزنىڭ ماڭغان يوللىرى گۈل بولغاي!
ئەبەيدۇل:
ئەقلى ئويغاق ئالىم، ئۆلىمالىرىمىزنىڭ قەدىر دۇنياسى زىيادە بولغاي!
قەلبىنۇر:
قوينىدىن ئالتۇن، قونچىدىن كۈمۈش تۆكۈلىدىغان ئاغا - ئايىملىرىمىزنىڭ يۈرەكلىرى ياشىرىپ تۇرغاي!
رەنا:
كۆزى ئوت، سۆزى ئوت، ئۆزى ئوت قىز – يىگىتلىرىمىزنىڭ ئىقبال - مەنزىلى نۇرلۇق بولغاي! بىغۇبار گۆدەكلىرىمىزنىڭ يۇمران ۋۇجۇدىغا كۆز تەگمىگەي!
جېلىل:
پۈتۈن يۇرت خەلقىنىڭ يىللىق ئىشلىرى باھاردىن باشلىنىپ، باغ – ۋارانلىرى بەرىكەتكە تولغاي! يايلاقلىرى مالغا تولغاي! خامانلىرى ئاشلىققا تولغاي! يانلىرى يامبۇغا تولغاي! تۇرمۇشى بەختلىك بولغاي! ھەربىر كۈنى ئاسايىشلىققا تولغاي! ئەل – يۇرت تىنچ – ئامان بولغاي!
قەيسەر:
تەبىئەت ئاق بوز ئاتقا مىنگەندە، قوۋم – قېرىنداشلارغا، ئەل – يۇرتقا ئاتاپ يەتتە كەلىمە نورۇزلۇق تىلەك تىلىدۇق.
دىلنۇر:
ئىزگۈ تىلەكلىرىمىزنىڭ شېرىن كەۋسىرى باھار يامغۇرىدەك كۆكتىن تامغۇسى!
جېلىل:
قۇتلۇق تىلەكلىرىمىزنىڭ يېشىل ئۇرۇقلىرى باھار مايسىلىرىدەك يەردىن ئۈنگۈسى!
يەنە قاراڭ!
دىلنۇر:
ئۆتكەن يىلى باھاردا پايتەختىمىز بېيجىڭدا يانغان نورۇز مەشرىپىنىڭ بەدىئىي يالقۇنى بۇ يىل باھاردا شەرقىي تەڭرىتاغ ئېتىكىدىكى بىرىنچى شەھەر --- قومۇلدا لاۋۇلدىماقتا.
يەنە قاراڭ!
رەنا:
قەدىمكى يىپەك يولىدا سودا روھى چاقنىغان قەرنىلەردە كولدۇرمىلىرى جىرىڭلاپ تۇرغان كارۋان تۆگىلىرى مۇشۇ يەردىن ئۆتكەن.
«نورۇز گۈلى»نىڭ ئالدىغا بېرىلگەن سۆزگە قاراڭ!
رەنا:
قاراڭ ئەبەيدۇل، بىر يىلى باھاردا مەن ئۈچ ياشلىق قىزىمنى يېتىلەپ باغ سەيلىسى قىلىۋېتىپ، قىزىمغا بىر تال گۈل ئۈزۈپ بېرەي دېگەنتىم، بۇ چاغدا قىزىم نېمە دېدى دېمەمسىز؟
ئەبەيدۇل:
نېمە دېدى؟
رەنا:
«ئاپا، گۈلنى ئۈزمەڭ، بولمىسا كېپىنەكلەر يىغلايدۇ» دېمەسمۇ، قىزىمنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ بەك ھەيران قالغانتىم دەڭا..
ئەبەيدۇل: بالىلارنىڭ قەلبى نېمە دېگەن پاك، ساددا،ئوي-خىيالى نېمە دېگەن گۈزەل،ئەركىن-ھە! گۈلنىڭ گېپىنى قىلىۋىدىڭىز، بۇرنۇمغا باھارنىڭ ھىدى كېلىۋاتىدۇ، نەم تۇپراقنىڭ ھىدى كېلىۋاتىدۇ.
رەنا:
بۇرنىڭىزغا يەنە ئاۋۇ «نورۇز گۈلى»نىڭ ھىدى كېلىۋاتىدىغۇ دەيمەن (تاماشىبىنلار ئارىسىدىن كېلىۋاتقان سائادەت ھادىنى كۆرسىتىدۇ).
مەن «قۇمۇلدا نورۇز مەشرىپى»نىڭ رىياستچىلىك سۆزىنى سىياسىي، ئىقىساد، مەدەنىيەت، سەنئەت، تارىخ، جۇغراپىيە، ئۆتمۈش، بۈگۈن، كەلگۈسى نۇقتىدىن چىقىپ، قومۇلنىڭ ئومومىي ئەھۋالىنى ئىخچام، گۈزەل ئىبارىلەر ئارقىلىق يورۇتۇپ بېرىشكە تىرىشتىم.بىراق، قالايمىقان كېسىپ ئۇلاش، تاشلىۋېتىش سەۋەبىدىن كۆزلىگەن مەخسەتكە يېتەلمىدىم. بۇنىڭدىن بەكمۇ ئەپسۇسلىنىمەن.
«قومۇلدا نورۇز مەشرىپى»دە «ئەر بارمۇ» دېگەن خەلق ناخشىسىنىڭ نامى «ئاي بارمۇ»غا ئۆزگەرتىلىۋەتىلگەن. بىر قېتىملىق مۇزاكىرىدە باش رېژىسسور نىجات نىياز ئەپەندى سودىيە ئاي «ئەر بارمۇ» دېگەن ناخشىنى ئېيتىۋىدى، قومۇلدا ئەر يوقمۇ دېگۈچىلەر بولدى. يەنە مۇشۇنداق تەسىر بېرىپ قويۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن «ئەر بارمۇ» دېگەن نامنى ئۆزگەرتسەك دەپ تەكلىپ بەردى. كىشىلەرنىڭ ھەر خىل نۇقتىدىن چىقىپ باھا بېرىشى نورمال ئەھۋال. يېغىنغا قاتناشقانلارنىڭ بەزىلىرى ئىككىلىنىپ قېلىۋاتاتتى، بەزىلىرى بۇ تەكلىپكە مايىل بولۇپ قېلىۋاتاتتى. مەن گەپ ئېلىپ ئۆزگەرتىشكە قوشۇلمىدىم. رىۋايەت قىلىنىشىچە، بۇرۇنقى زاماندا بىر يىلى تەڭرىتاغنىڭ شەرقىي كانارىسىغا باھار كېچىكىپ كەلگەنىكەن. قارلىق تاغدىكى قارلار ئېرىمەي، پۈتۈن يۇرتنى قۇرغاقچىلىق قاپلاپتۇ. سۇ بولمىغاچقا زىرائەتلەر، ئۆسۈملۈكلەر قۇرۇپ كېتىپتۇ. مۇشۇنداق ئېغىر كۈنلەردە يۇرت ئاقساقالى ھەممە ئەرلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ، قارلىق تاغقا ئوتۇن – ئۇۋاق ئېلىپ چىقىپ، كۆيدۈرگەنىكەن، قار – مۇزلار ئېرىپ قومۇل بوستانلىقىغا ھاياتلىق سۈيى باشلىنىپتۇ، ئەل – يۇرت قايتا كۆكۈرۈپتۇ . كېيىن ئاياللار «ئەر بارمۇ» دېگەن ناخشىنى ئىجات قىلىپ ئېيتىپ، قومۇلدىكى ئەرلەرنىڭ ئەقىل – پاراسىتىگە ۋە غەيرەت – شىجائىتىگە ئاپىرىن ئوقۇپتۇ. مەن بۇ رىۋايەتنى سۆزلەپ بېرىۋېدىم، «ئەر بارمۇ»نى ئۆزگەرتىش ساداسى بېسىققانىدى. كېيىن رېژىسسور دېگىنىنى قىلىپتۇ. بىزنىڭ مۇقام ناخشىلىرىمىز ئەسىرلەردىن – ئەسىرلەرگە، ئەجدادلاردىن – ئەۋلادلارغا ئاغىزاكى يېتىپ كېلىش جەريانىدا سۆز مىسرالاردا ئانچە – مۇنچە بۇزۇلۇش ئەھۋاللىرىمۇ بولغان. ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلسە ساق، ساغلام ، مۇكەممەل مىسرا – كوپلىتلارنى ئەمەس، بۇزۇلغان سۆز – مىسرالارنى ئۆزگەرتىشىمىز ياكى ئەسلى ھالىتىگە قايتۇرىشىمىز كېرەك. بۇ خۇسۇسىدا دوستىمىز سەمەت ئەسرا تۇرا مەخسۇس ماقالە يېزىپ، «قومۇل ئەدەبىياتى»دا ئېلان قىلدى. قومۇلنىڭ «سەھەر» مۇقامىدا «سەھەرلىك ئۇيقىدا ياتسام،ئېتىڭنى قامچىلاپ ئۆتتۇڭ.سۆزۈڭمۇ يوق، گېپىڭمۇ يوق،ئىچىمگە ئوت سېلىپ ئۆتتۇڭ.»دەپ ئېيتىلىدىغان مۇقەددىمە بار.2005–يىلى «قوغۇن يۇرتىدا مەشرەپ » ئىشلەنگەندە، بۇ مۇقام تاللاندى، سۆزۈڭمۇ، گېپىڭمۇ دېگەن سۆزلەر شەكلى ھەرخىل مەنىسى بىر خىل سۆزلەر بولۇپ، ئىجادكار ئەجدادلىرىمىز ئەينى چاغدا ناخشىنى بۇنداق ئېيتقان بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. كېيىن بەگمەت يۈسۈپ ئىككىمىز مەسلىھەتلىشىپ بۇ مىسرانى سۆزۈڭمۇ يوق، ئۆزۈڭمۇ يوق دەپ تۈزەتتۇق ھەمدە مۇقام ئۇستازى ئەسئەت مۇختار دادىمىز تۈزۈتىلگىنى بويىچە ئېيتتى.قومۇلدىكى مۇقامچىلار، ئەلنەغمىچىلەر ،ناخشىچىلار يەنە «بەشمىدۇ، ئون بەشمىدۇ،يارىمنىڭ كىرگەن يېشى» دەپ باشلايدىغان بىر ناخشا بار. ئاغزىدىن ئانا سۈتىنىڭ ھىدى كەتمىگەن بىر سەبىينى يارىم دېيىش قانداق گەپ؟ بۇنىڭدىكى «بەشمىدۇ» ئەسلىدە « بەسمىدۇ» بولۇپ، «بەس» دېگەننىڭ تەڭ- باراۋەر دېگەن مەنىسى بار، يەنى «تەڭمىدۇ» دېگەن مەنىدە. مەسىلەن، قوشاقتا مۇنداق كەلگەن:
«گۈلەمشىۋا گۈلنى كۆرۈڭ، گۈللەر بىلەن بەس قىلىدۇ. بىۋاپا يارنى كۆرۈڭ،چىرايلىققا جەس قىلىدۇ.» قوشاقتىمۇ «بەس قىلىدۇ» دېگەن بەسلىشىدۇ، تەڭگىشىدۇ، بوي تالىشىدۇ دېگەن مەنىدە كەلگەن. بايىقى ناخشىدا ئاھاڭ جەھەتتە يېقىن كېلىپ قېلىش بولغاچقا، كېيىنكى ۋاقىتلاردا «بەسمىدۇ» «بەشمىدۇ»غا ئۆزگىرىپ كەتكەن. بىز مۇقام- ناخشىلىرىمىزدىكى «ئەر بارمۇ» دېگەن ساق مىسرا، سۆزلەرنى ئۆزگەرتمەي، ئەنە شۇنداق بۇزۇلغان سۆز – مىسرالارنى تۈزىتىشىمىز كېرەك.
ئېسىمدە قېلىشىچە، خېلى كۆپ يىللار ئىلگىرى «مەدەنىيەت بوستانى» پروگىراممىسىنىڭ مەلۇم بىر سانىدا ئۇيغۇر مۇقاملىرى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىلدى.بۇ سۆھبەتكە ئەزىز مېھمان قاتارىدا ئىشتىراك قىلغان ھۆرمەتكە سازاۋەر پېشقەدەم سەنئەتكارىمىز موساجان روزى ئاكا قىلچە ئويلانمايلا قومۇل مۇقاملىرى دولان مۇقاملىرىدىن كەلگەن دېگەن «ئۇلۇغ كەشپىيات»نى يارىتىپ، قومۇل خەلقىنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرگەن ئىدى. بىزنىڭ مۇقام تەتقىقاتچىلىرىمىز يەرلىك مۇقاملار ئوتتۇرسىدىكى ئورتاقلىقنى ئېتىراپ قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، روشەن خاسلىقلارنى تېخىمۇ مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. ئالىمىمىز ئابدۈشكۈر مۇھەممەت ئىمىنمۇ «قومۇل مۇقاملىرى —ئۇيغۇر مۇقاملىرىنڭ قەدىمكى گەۋدىسى ۋە ئانا مەنبەلىرىنىڭ بىرى» دەپ قومۇل مۇقاملىرىغا ناھايىتى يۇقىرى باھا بەرگەنىدى. شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسىدىكىلەر چۈشۈرۈپ قويۇش توغرا كەلسە، ئابلېز ئۆمەر ھاجىنىڭ ئىسمىنى ئەمەس، بەلكى بىر ئۆمۈر سەنئەت مائارىپى ۋە سەنئەت نەزەرىيىسى بىلەن شوغۇللىنىپ، ئۇيغۇر مۇقاملىرى ھەققىدە باشلانغۇچ ساۋاتقىمۇ ئىگە بولالمىغان موساجان روزى ئاكىنىڭكىدەك ئېغىمۇ يوق، بېغىمۇ يوق گەپلەرنى چۈشۈرۈپ قويۇشى كېرەك. ياخشى يېرى شۇكى، «ئاي بارمۇ» دېگەن سۈنئىي نام سودىيە ئاينىڭ ئورۇنلىشى بىلەن پۈتۈن شىنجاڭغا تارىلىپ، خەلقىمىزنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان « ئەر بارمۇ» دېگەن نامنىڭ ئورنىنى ھەرگىز ئالالمايدۇ.
مەن شۇنىڭغا دىققەت قىلدىمكى ۋە ئەجەبلەندىمكى، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب-شىمالىدا ئۇزاق يوللارنى بېسىپ،قىر- داۋانلارنى ئېشىپ،« قوغۇن يۇرتىدا مەشرەپ»كە ئوخشاش نەچچە ئون نادىر تېلېۋىزىيە بەدىئىي فىلىملىرىنى مۇۋاپپىقىيەتلىك ئىشلىگەن، ھەر بىر بەدىئىي فىلىمىدە دادىللىق بىلەن يېڭىلىق يارىتىپ كەلگەن، سەنئەت ساھەسىدە ۋە جەمئىيەتتە خېلى يۇقىرى ئىناۋەت تىكلىگەن رېژىسسور نىجات نىياز ئەپەندىنىڭ بۇ قېتىم «قومۇلدا نورۇز مەشرىپى»نىڭ ئاساسىي سۈرەتكە ئېلىش مەيدانى — قومۇل تەنتەربىيە سارىيىدا، قوشۇمچە سۈرەتكە ئېلىش مەيدانلىرى – قومۇل مىللىي تەنتەربىيە مەيدانىدا ۋە قومۇل مۇقاملىرىغا ۋارىسلىق قىلىش مەركىزىنىڭ ئالدىدا ، ئوپىراتورلارغىمۇ تۈزۈك گېپى ئۆتمەي ۋاتاتتى. چۈشتىن بۇرۇن، مىللىي تەنتەربىيە مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن قوشقار سوقۇشتۇرۇش، خوراز سوقۇشتۇرۇش، مىللىچە چېلىشىش، ئىلەڭگۈچ ئويۇنلىرىنى كۆرگىلى كەلگەنلەر ئادەم دېڭىزى ھاسىل قىلغانىدى. لېكىن ئاپپارات - ئۈسكۈنىلەر بېكىتىلگەن سۈرەتكە ئېلىش ۋاقتىدىن ئۈچ سائەتچە كېچىكىپ قۇراشتۇرۇلغاچقا، تولا ساقلاپ كۆڭلى ھېرىغان تاماشىبىنلار كېتىپ قالدى. چۈشتىن كېيىن، قومۇل مۇقاملىرىغا ۋارىسلىق قىلىش مەركىزىنىڭ ئالدىدىمۇ ئەھۋال ئوخشاش بولدى. تەۋرەك ("摇臂" تەۋرەنمە يەلكە دەپ قېلىپلاشتۇرۇلغان، مەن بۇنى تەۋرەك دەپ ئىخچام ئېلىپ باقتىم)
ۋاقتىدا قۇراشتۇرۇلماي مەيدان – مەيدانلارغا، يول – يوللارغا يىغىلغان نورۇز ئەھلىنى ئۇزاق ساقلىتىپ قويدى. بۇغۇ مەيلى، خەلقنىڭ ئۆم – ئىناقلىقىنى، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى، يۇرتنىڭ تېنچ – ئامانلىقىنى، تۇرمۇشنىڭ ئاسايىشلىقىنى، كىشىلەرنىڭ خوشال – خورام ،خاتىرجەملىكىنى نامايان قىلىدىغان كەڭ كۆلەملىك، قاينام – تاشقىنلىق، ھەيۋەتلىك كۆرۈنۈشلەر ئېكراندا كۆرۈنمىدى. سىياسىي نۇقتىدىن ئېيتقاندىمۇ، بۇنىڭ ئەھمىيىتى زور ئىدى. رېژىسسور تەكلىپ قىلغان ئوپپىراتورلارنىڭ ئېرەنسىزلىكىگە، ئۈسكۈنىلىرى ئىجارىگە ئېلىنغان سونىي شېركىتىدىكىلەرنىڭ ئانچە ماسلىشىپ كەتمىگەنلىكىگە قارىغاندا، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرسىدا كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان مەنپەئەت مەسىلىسى بارمۇ قانداق؟ بۇنىسى بىزگە قاراڭغۇ.
قومۇل — ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر پەرزەنتلىرىنىڭ مۇبارەك قەدەملىرى يەتكەن خاسىيەتلىك ماكان. 1985 – يىلى قومۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك قەلەمكەشلەر يىغىلىشىدا تىيىپجان ئېلىيوف، ئابدۇكېرىم خوجا قاتارلىق ئاتاقلىق يازغۇچى- شائىرلار، ئەدەبىيات سەنئەت تەشكىلاتچىلىرى قومۇلدا جەم بولغانىدى. 1993 – يىلى سەيپىدىن ئەزىزى، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن، زوردۇن سابىر، قېيۇم تۇردى قاتارلىق رەھبەرلەر ئالىم، مۇتەخەسىسلەر ، يازغۇچى- شائىرلار (70كە يېقىن كىشى) قومۇلغا كېلىپ، قومۇل مۇقاملىرى ھەققىدە ئىلمىي مۇھاكىمە ئېلىپ بارغانىدى. 1997 – يىلى شىنجاڭدىكى داڭلىق يازغۇچى، شائىرلار، ژۇرنالىستلار، تۆھپىكار قەلەمكەشلەر قومۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»نى تارقىتىش يىغىنىنىڭ ئەزىز مېھمىنى بولغانىدى. قومۇلدىن ئىبارەت توپىسى ئېغىر، مېھرى ئىسسىق بۇ قەدىمكى ماكاندا يۇرت قەدرى قەدىردانلىرى بىلەن، قەدىردانلىرى يۇرت قەدرى بىلەن ئۇلۇغلىنىپ كەلدى. بۇنىڭدىن كېيىن بىزنىڭ ئالىم، دوكتور، پىروفېسور، تۆھپىكارلىرىمىز بەزىدە ئىلمىي پائالىيەتلىرىمىز، بەزىدە سەنئەت پائالىيەتلىرىمىز ئارقىلىق ئوخشاشلا قومۇل خەلقىنىڭ كۆڭۈل تۆرىدىن ئورۇن ئالالايدۇ.
2012– يىللىق چاغانلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش سەنئەت كېچىلىكىنىڭ ئالدىن ئېلان قىلىنغان نومۇرلار تىزىملىكىدە جاۋ بېنشەننىڭ ئىسمى بار ئىدى. لېكىن سەنئەت كېچىلىكىدە ئۇنىڭ ئىتوتى ئوينالمىدى. يېقىنقى يىللاردا، ئېلىمىزدىكى داڭلىق چولپانلارنىڭ چاغانلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكلىرىدە كۆرۈنمەسلىكى مودا بولۇپ قالدى. بەزىدە ئابدۇللا ئابدۇرېھىم، ئادىل مىجىت، ئىززەت ئېلىياس قاتارلىق چولپانلىرىمىزنىڭمۇ قۇربان ھېيتلىق، نورۇزلۇق سەنئەت كېچىلىكلىرىدە كۆزگە چېلىقماسلىقى بىنورمانلىق ھېسابلانمايدىغان بولدى. بىزنىڭ سەنئىتىمىز يول ئاچقۇچىلارغا ۋە يول بەرگۈچىلەرگە مۇھتاج. شۇڭا بەزى سەنئەتكارلىرىمىزنىڭ «قومۇلدا نورۇز مەشرىپى»دە كۆرۈنمىگەنلىكىنى چۈشۈنىشكە بولىدۇ. ئەلۋەتتە، ھەرخىل قىياسلار، گۈمانلار، سەۋەبلەرنىڭ بولۇشى تەبىئىي ئەھۋال.ئالايلۇق،« قومۇلدا نورۇز مەشرىپى»گە كەلمەكچى بولغان دېكتور، رىياسەتچىلىرىمىزدىن مەخمۇت مەخسۇت بىلەن نازىگۈللەر مۇھىم ئىشلىرى چىقىپ قېلىپ كېلەلمىدى. بۇمۇ ھازىرقى تىز رېتىملىق تۇرمۇشىمىزدا بولۇپ تۇرىدىغان ئىش.بۇ ئىشلارغا ئەجەبلىنىپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق. «توينىڭ بولغىنىدىن، بولىدۇسى قىزىق »ئەمەسمۇ!
مەن بۇ يازمام ئارقىلىق دوستىمىز ئابلېز ئۆمەر ھاجىنىڭ «قومۇلدا نورۇز مەشرىپىدىن كېيىنكى ئەپسۇسلىرىم »ناملىق ماقالىسىگە ئىنكاس قايتۇردۇم. دوستمىزنىڭ بەزى قاراشلىرىنى قۇۋۋەتلىدىم، بەزى ئوخشىمايدىغان پىكىرلىرىمنىمۇ ئوتتۇرىغا قويدۇم. تولۇقلىما قىلغان يەرلىرىممۇ بولدى. مېنىڭچە، ھەممىمىزنىڭ مەقسەت، نىشانىمىز بىر. ئۇ بولسىمۇ خەلقىمىزنىڭ ئىشلىرىنى چىرايلىق ۋۇجۇدقا چىقىرىش. بىز نورمال، ساغلام بولغان سەنئەت تەنقىتچىلىكىنى قانات يايدۇرۇشنى خالايمىز. تېلېۋىزىيە سەنئىتىمۇ مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، رېژىسسور سەنئىتى بولغاچقا، يازمىمىزدا رېژىسسورلارغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار كۆپ بولدى. بۇنىڭلىق بىلەن بىز رېژىسسورلىرىمىزنىڭ ئەمگىكىنى يوققا چىقارماقچى ئەمەسمىز. بەلكى، ئۇلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەيمىز. مۇشۇنداق مۇھىتتا،ياراملىق رېژىسسورلىرىمىزنىڭ مەيدانغا چىقمىقى، ئۇلارنىڭ ئەۋزەل خىزمەت ئورنىدىن پايدىلىنىپ،يۇقىرى-تۆۋەن چېپىپ ئىش تەۋرەتمىكى بىز ئويلىغاندەك ئۇنچە ئاسان ئەمەس. قومۇل خەلقى مۇشۇنداق ئېسىل سەنئەت فىلىمىنى ئىشلەپ قومۇلنىڭ مەدەنىيەت، سەنئىتىنى، ماددىي ۋە مەنىۋىي كۈچ – قۇدرىتىنى پۈتۈن شىنجاڭغا، مەملىكەتكە، دۇنياغا تەشۋىق قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىغان باش رېژىسسور نىجات نىياز ئەپەندىگە رەھمەت ئېيتىدۇ. شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسىغا رەھمەت ئېيتىدۇ. بىز پەقەت بەزىبىر تەنقىدى پىكىرلىرىمىز ئارقىلىق ئىشلىرىمىزنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولۇشىغا توسقۇن بولۇۋاتقان، سەل قارىلىۋاتقان، ئويۇن قاتارىدا كۆرۈلۈۋاتقان مەسىلىلەرنى، ھەتتا ئۆزىمىزدىكى ئىللەتلەرنى تېپىپ چىقىپ، بۇ ھەقتە چوڭقۇر ئويلىنىپ، مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ، تەجرىبە-ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، ئۇيغۇر تېلېۋىزىيە سەنئىتىگە تېخىمۇ زور تەرەققىيات، مۇۋاپپەققىيەت، شان – شەرەپ ئېلىپ كېلىنىشىنى كۆزلەيمىز.
خەلقىمىزنىڭ 2012–يىللىق نورۇزلۇق قەدەملىرىگە مۇبارەك بولغاي! كېيىنكى يىللاردا يۇرت – يۇرتلاردا ئۆتكۈزۈلىدىغان نورۇزلۇق سەنئەت كېچىلىكلىرىمىز يامان كۆزلەردىن ساقلانغاي! ئاللاھ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يولىنى ئۇلۇغ، نىيەت- ئىقبالىنى دۇرۇس قىلغاي!
تامام.
2012 -يىل 17-ئاپرىل