saltanat lutun elan berig
بۇ تېما 2648 قېتىم كۆرۈلدى
digiz
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6720
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 18
شۆھرەت: 144 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 153 سوم
تۆھپە: 76 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 88 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 33(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-30
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 چەت ئەلدىكى بىر ئۇيغۇر ئانا بىلەن سۆھبەت

تونۇشتۇرۇش: زىيارەت قىلىنغۇچى ئامېرىكىدا دوكتۇر.
تۆۋەندىكىسى باشقىلارنىڭ ھاۋالىسى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەت. سۆھبەتتە بۇ ھەمشىرىمىز بالىلارنى شۇ مۇسۇلمانسىز مۇھىتىدا، ئۇيغۇرسىز مۇھىتتا ئېتىقادلىق ھەم ئانا تىلىنى بىلىپ چوڭ قىلىشتا قانداق قىلغانلىقى توغرىسىدا سۆزلەيدۇ.
ھەممىڭلارغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن.


__ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھەدە. بۈگۈن سىزدىن بىر نەچچە مەسىلە توغرىسىدا پىكىرلىشەي، دېگەن ئىدىم. بىلگەن، ئۆگەنگەنلىرىڭىز ۋە تۇرمۇش تەجرىبىلىرىڭىزدىن سوئاللىرىمغا جاۋاب تېپىشنى ئارزۇ قىلىمەن.
__ ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بارىكەتۇھۇ، پەقەت ئاللاھلا خاتالىق ۋە نۇقسانلاردىن پاكتۇر. مەن بىلگىنىم بويىچە، ئامال بار ياخشى جاۋاب بېرىشكە تىرىشىمەن. بىز باشقىلارغا ئۈلگە بولالمايمىز. ئۈلگە بولۇشقا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋە ساھابىلەر يېتەرلىكتۇر. بىز پەقەت شۇلارنىڭ ئىزىدىن مېڭىۋاتقان ۋە شۇلاردىن ئۆگىنىۋاتقانلارمىز.
 
سوئال: ئىككى ئوغلىڭىز باركەن. ئوغۇللىرىڭىزنىڭ بىلىم ئىگىلەش ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ بەرسىڭىز. يەنى پەننى ۋە دىنىي جەھەتلەردە قانداقراق بىلىم ئىگىلەۋاتىدۇ؟

جاۋاب: مېنىڭ چوڭ ئوغلۇم(يەتتە ياش) ئىسلامى مەكتەپتە ئوقۇۋاتىدۇ. ئۇلار مەكتەپتە سەككىز خىل دەرس ئوقۇيدۇ: قۇرئان، ئەرەب تىلى، ئىسلام بىلىملىرى، ئېنگلىز تىلى ئەدەبىياتى، ماتېماتىكا، ئىجتىمائىي پەن، تەبىئىي پەن ۋە تەنتەربىيە.
    ئوغلۇم ھازىر قۇرئان ئوقۇش قائىدىلىرىنى تۈگىتىپ رەسمى قۇرئان ئوقۇشنى باشلىدى. ئوقۇتقۇچىسى ھازىرچە يادلاشنى ئەمەس، مۇسھەفكە قاراپ توغرا ۋە راۋان ئوقۇشنى تەلەپ قىلغاچقا، بىزمۇ ئۆيدە شۇنىڭغا ياردەم قىلىۋاتىمىز. ئەرەپ تىلىدا يېزىش ۋە ئوقۇش باسقۇچىدىن ئوتۇپ، ھازىر ئاددى گرامماتىكا ۋە سۆزلۈكلەرنى ئۆگىنىۋاتىدۇ. ئىسلام بىلىملىرى دېگەن دەرسىدە ئاللاھ سۇبھانا ۋە تائالانىڭ ئىسىملىرىنى مەنىسى بىلەن ئۆگىنىدۇ؛ سۈرىلەرنىڭ مەنىسىنى ئۆگىنىدۇ. ئىسلام ئەقىدىلىرىنى ۋە دۇئالارنى ئىنگلىزچە مەنىسى بىلەن تەپسىلىي ئۆگىنىدۇ. باشقا پەننى دەرسلەرنى مۇشۇ دۆلەتتىكى باشقا پەننى مەكتەپلەرگە ئوخشاش ئۆگىنىدۇ. بۇ مەكتەپنىڭ ئۆگىنىدىغان نەرسىسى كۆپ بولغاچقا مەكتەپتە كۈنىگە بىرەر سائەت ئۇزۇنراق ئوقۇيدۇ ۋە تاپشۇرۇقنى كۆپرەك ئىشلەيدۇ. چوڭ ئوغلىمىز ھەممە نەرسىلەرگە قىزىقىدۇ. كىچىك ۋاقتىدا ھايۋانلارغا قىزىقاتتى. شۇ قىزىقىشى سەۋەبىدىن ئىنگلىزچە كىتاپلارنى كۆرۈپ بىلمىسە كىتاپنى ئەكىلىپ، بىزگە ئوقۇتۇپ دېگەندەك، 3-4 ياش ۋاقىتلىرىدا نۇرغۇن بىز بىلمەيدىغان ھايۋانلارنىڭ ئىسىملىرى، خۇسۇسىيەتلىرى ۋە ياشاش مۇھىتلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىققان ئىدى. كېيىن ھەر خىل قاتناش ۋاستىلىرىغا قىزىقتى، كېيىن ھەرخىل ئايروپىلانلارغا قىزىقتى، كېيىن ياغاچچىلىق قىلىشقىمۇ قىزىقتى.
نۆۋەتتە ئاسمان جىسىملىرىغا ۋە تاشلارغا قىزىقىۋاتىدۇ. نېمىگە قىزىقسا بىز ئامال بار شۇ توغرىلىق كىتاپلارنى تېپىپ بېرىشكە تىرىشتۇق ۋە شۇنىڭغا ئائىت مۇھىت بىلەن ئۇچراشتۇرۇشقا تىرىشتۇق. ئەمما پەرزەنتلىرىمىزدە بىلىم بولۇپ، ئىمان ۋە ئەدەپ-ئەخلاق بولمىسا بىلىمنى توغرا ئىشلىتەلمەيدۇ، دەپ بىلىمىز. بىز يەنە بالىلارنى ۋاقتىنى پىلانلىق ئىشلىتىش ۋە تۇرمۇشتا رەتلىك-تەرتىپلىك بولۇش جەھەتتىن تەربىيىلەشكە تىرىشىۋاتىمىز.


سوئال: سىز ئوغۇللىرىڭىزنى يەسلىگە بەرمەي ئوزىڭىز تەربىيىلەپسىز، بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟

      جاۋاب: ھەر خىل سەۋەپلەر بولدى. بالىلار كىچىك ۋاقتىدا ئاتا-ئانىسىغا مۇھتاج. ئۇنىڭدىن باشقا بىز ئىككىلىمىز مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاچقا، ياخشىراق يەسلىگە بېرىشكە ئىقتىسادىمىزمۇ يار بەرمەيتتى.

سوئال: بالىلىرىڭىز ئۆيدە پۇتۇنلەي ئۇيغۇر تىلىدا سوزلىشىدىكەن، سىز بۇنىڭ كېيىن مەكتەپكە كىرگەندە توسالغۇ بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرىمىدىڭىزمۇ؟


      مەكتەپكە كىرىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۆيدە ئىنگلىزچە سۆزلەيدىغان بولىۋالدى. بىز دەسلەپتە يول قويدۇق. يەنە ئۇيغۇرچە سۆزلەشتە چىڭ تۇرىۋالساق بالىغا تازا ياخشى بولمايدىغانلىغىنى ھىس قىلدۇق. مەلۇم ۋاقىت ئۆتۈپ ئوغلىمىز مەكتەپكە كۆنۈپ كەتكەندىن كېيىن بىز ئۆيدە قەتئىي ئۇيغۇرچە سۆزلەش تۈزۈمىنى تۇرغۇزدۇق. ئۇنىڭدىن ئاۋال بىزمۇ بەزىدە كەسپىمىز توغرىلىق ياكى ئۆزىمىزنىڭ مەكتىپىدىكى ئىشلار توغرىلىق سوزلەشسەك ئىنگلىزچە سۆزلەشكە چۇشۇپ كېتەتتۇق. بۇ تۈزۈمنى ئىجرا قىلىش باشلانغاندىن كېيىن بەزىدە چوڭ ئوغلىمىز بىزنى تەنقىتلەپ قويىدىغان بولدى. شۇنداق قىلىپ بارا-بارا ئوغلىمىز ئۆيدە تەبىئىيلا ئۇيغۇرچە سۆزلەيدىغان، سىرتتا دادىل ئىنگلىزچە سۆزلەيدىغان بولدى. شۇنداقتىمۇ، داۋاملىق دىققەت قىلمىساق، بىزنىڭ مۇھىتىمىز ياخشى ئەمەس. باشقا ئۇيغۇرلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئىچىدە ئۇيغۇرچە سۆزلەيدىغانلار ناھايىتى ئاز، ھەتتا يوق دېيەرلىك. بىز دائىم «ئۇيغۇرغا ئۇيغۇرچە سۆزلەيسىلەر» دېسەك، چوڭ بالام «ئاپا، ئۇلارغا ئۇيغۇرچە گەپ قىلسام چۇشەنمەيدىكەن» – دەيدۇ. بىز «چۈشەنمىسە ئۆگىتىپ قويۇڭ، ئۇلار ئۇيغۇر بولغاندىكىن ئۇيغۇرچە سۆزلىشى كېرەك» – دەپ، بالامغا ئۆزىنىڭ قىلغىنىنىڭ توغرا ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇرۇپ تۇردۇق. بەزى ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى ئۇيغۇرچە سۆزلەشكە زورلايدۇ، بەزىلىرىنىڭ كارى يوق. قىسقىسى، بۇ مۇھىت بالىلىرىمىزنىڭ ئۇيغۇر تىلى ئۇچۇن ياخشى ئەمەس. ئاللاھ خالىسا، بىز تەتىللەردە بالىلارنى ۋەتەنگە ئەۋەتىش، دائىم ئاتا-ئانىلار ۋە ئۇرۇق- تۇققانلار بىلەن پاراڭلاشتۇرۇش ۋە ئۇيغۇرچە كۆپ كىتاپ ئوقۇش، يېزىش ئارقىلىق بالىلىرىمىزنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى بېيىتىشنى ئويلاۋاتىمىز.

سوئال: ئامېرىكىدەك دۆلەتتىمۇ بالىلارغا ئىسلامىي مەكتەپلەر بار ئىكەن، ئاڭلاپ ناھايىتى سۆيۈندۈم. بۇنداق مەكتەپلەر مۇسۇلمان ئاتا-ئانىلارنىڭ يۈكىنى كۆپ يىنىكلەتسە كېرەك؟
 
جاۋاب: ئەلھەمدۇلىللاھ، قىيىنچىلىق دېگەن ھەممىلا يەردە بار، گەپ شۇ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىدىغان ئىرادىگە كېلىش، شۇ ئىشنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇش ياكى تونۇيالماسلىقتا. بالام ئوقۇغان مەكتەپ ئەسلىدىكى ئۆيىمىزدىن ماشىنا بىلەن بىر يېرىم سائەتلىك يول ئىدى. كۈندە ئەتىگەندە بامداتتىن كېيىنلا بالىنى بەزىدە ياخشى گەپ بىلەن، بەزىدە ھەتتا خاپا بولۇپ تۇرغۇزۇپ، مەكتىپىگە ئېلىپ ماڭاتتىم. بالىنى مەكتىپىگە ئاپىرىپ قويغاندىن كېيىن ئىشىمغا ماڭاتتىم. ئىشقا كەلگەندە ھېرىپ ھېچ ماجالىم قالمايتتى. كەچتە بالامنى مەكتەپتىن ئەكىلىپ بىر دەم ئىشخانىدا تاپشۇرۇق ئىشلىتەتتىم. ئاندىن يەنە شۇنداق ئۇزۇن يول مېڭىپ قايتىپ كېلەتتۇق. كۈندە تۆت سائەتلەپ ماشىنىدا ئولتۇرۇش بىز چوڭلار ئۈچۈنمۇ ناھايىتى ئېغىر بىر سەپەر، كىچىك بالا ئۈچۈن تېخىمۇ شۇنداق. بالام كەچتە ئۆيگە قايتىپ كېلىپ، ھارغىنلىقتىن كرېسلودا يېتىپلا ئۇخلاپ قالاتتى.

     شۇنداق چاغلاردا بەزىدە «تېخى كىچىك بولغاندىكىن، ئۆيگە يېقىنراق ئاممىۋى مەكتەپكە بېرىپ تۇرۇپ، سەل چوڭ بولغاندا ئاندىن ئىسلامىي مەكتەپكە ئالماشتۇرساقمىكىن» دېگەننىمۇ ئويلاشتۇق. بەزىلەر: «بالىنىڭ ھەقىقىي خارەكتېرى يېتىلىدىغان ۋاقىت تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ، باشلانغۇچتا قەيەردىلا ئوقۇسا ئوخشاش» – دەپ بىزگە ئاممىۋى مەكتەپتە ئوقۇتۇش تەكلىپىنى بەردى، لېكىن ئەتراپىمدىكىلەرگە قاراپ، يەنە ئىككىلەندىم. مەسىلەن، مەكتەپتە رامىزان ئايلىرى مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلار ئىفتارنى مەكتەپ ئاشخانىسىدا قىلاتتۇق، شۇنداق چاغدا باشقىلارغا دىققەت قىلىپ باققانىدىم. ئادەتتە مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار ئىفتار ئالدىدىكى دۇئا قوبۇل بولىدىغان ۋاقىتنى قولدىن بەرمەي، توختىماي ئاللاھنى زىكىر قىلىش بىلەن مەشغۇل بولاتتى. لېكىن ئامېرىكىدا چوڭ بولغان، خېلى ياخشى تەربىيە ئالغان مۇسۇلمان بالىلارمۇ چاقچاقلىشىپ، ئوينىشاتتى. شۇلارنى ئويلاپ بالا ئۈچۈن تەربىيىلىنىدىغان مۇھىتنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى ھېس قىلدىم. ئەلۋەتتە، مۇنداق مۇھىتتا چوڭ بولسا چوقۇم تەقۋا بولىدۇ، دېيەلمەيمىز، لېكىن بىز ئاتا-ئانا بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئاللاھ بىزگە ۋەزىپە قىلىپ بەرگەن بالىلىرىمىزنى چوقۇم قولىمىزدىن كەلگىنىچە ئەڭ ياخشى ئىسلامىي مۇھىتتا چوڭ قىلىش، تەربىيىلەش مەجبۇرىيىتىمىز بار. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ھەربىر بالا ئىسلام ئۈستىگە تۇغۇلىدۇ، ئۇنى ئاتا-ئانىسى يەھۇدىي ياكى مەجۈسى قىلىپ چىقىدۇ» دېگەن.
   

    ئەلھەمدۇلىللاھ، شۇنداق قىلىپ، بالامنى سەل جاپا تارتساقمۇ، ئىسلامىي مەكتەپتە ئوقۇتتۇق. شۇنچىلىك جاپاغا چۇشلۇق، بالاممۇ ناھايىتى ئوبدان تەربىيە ئېلىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ مەكتىپىنىڭ دەرس ئۆتۈش ئۇسۇلى مۇنداق:
ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئۇلار مەكتەپكە كېلىپ ئەڭ ئاۋۋال ئۇدۇل مەسچىتكە كىرىدۇ. مەسچىتتە بۇلارنىڭ مەكتەپ مۇدىرى ياكى چوڭراق مۇئەللىملەردىن بىرەرى بۇلارغا بىرەر ھەدىسنى سۆزلەيدۇ، ئاندىن شۇ ھەدىسنىڭ مەزمۇنىنى ئوقۇغۇچىلارغا ئاددىي تىل بىلەن چۈشەندۈرىدۇ. ئاندىن ئۇلارنىڭ ھەر ئايلىق تېمىلىق پائالىيەتلىرى بار، مەسىلەن: بۇ ئايلىق تېمىسى راستچىل بولۇش  بولسا، ئاساسەن مۇشۇ ئايدا ھەركۈنى راستچىللىق توغرىسىدا ھەدىس سۆزلەيدۇ، ئوقۇغۇچىلار ئۆزىدە راستچىل بولۇشنى يېتىلدۈرۈشنى ئۆگىتىدۇ. شۇ ئايدا ھەم سىنىپنىڭ، مەكتەپنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان يەرلىرىگە «راستچىللىقنىڭ ئۈلگىسى ئەبۇ بەكر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ» دېگەندەك خەتلەرنى يېزىپ قويىدۇ ۋە ئوقۇغۇچىلارنى راستچىل بولۇشقا ئۈندەيدىغان ھەدىس ۋە ئەقلىيە سۆزلەرنى يازىدۇ. باشقا دەرسلىرى مەن يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكەندەك.
 

      ئەلھەمدۇلىللاھ. ھازىر ئۇ قىيىنچىلىقلار ئاساسەن تۈگەپ بالامنىڭ مەكتىپىگە يېقىن يەرگە كۆچۈپ كەلدۇق. لېكىن يولدىشىمنىڭ مەكتىپىگە يىراقلاپ كەتتۇق. ھازىر يولدىشىمنىڭ مەكتەپكە بېرىپ-كېلىشىگە كۈنىگە تۆت سائەت ۋاقىت كېتىدۇ.

سوئال: ئەر-ئاياللار ئىككىلىڭلار دوكتورلۇق ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە ئىككى بالىنىڭ ھالىدىن ئۆزۇڭلار خەۋەر ئاپسىلەر، يەنە ۋاقىت چىقىرىپ قۇرئان يادلايدىكەنسىز، ۋاقىتنى قانداق ئورۇنلاشتۇرىسىز؟

جاۋاب: ئەلھەمدۇلىللاھ. ۋە لا ھەۋلە ۋە لە قۇۋۋەتە ئىللاھ بىللاھ. ۋاقىتنى ئالدىنئالا پىلانلاش ئىنتايىن مۇھىم. ھەر كۈنى قىلىدىغان ئىشلارنى ئالدىنقى كۈنى ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئويلىنىپ يېزىپ چىقىش بىر ياخشى ئادەت. ئەتىسى ئورنىڭىزدىن تۇرغاندىن باشلاپ شۇ ئىشلارنى ئىجرا قىلىشقا چۈشسىڭىز ئۆزىڭىزمۇ سەزمەي نۇرغۇن ئىشلارنى قىلالايسىز. كىچىك بالىسى بار ئادەم تېخىمۇ شۇنداق قىلىشى كېرەك. چۈنكى سىزنىڭ ۋاقتىڭىز چەكلىك بولىدۇ. نىمە قىلىشىڭىزنى ئالدىن پىلانلىۋالمىسىڭىز بىكار ۋاقتىڭىز قىلىدىغان ئىشىڭىزنى تېپىپ بولغىچە ئۆتۈپ كېتىدۇ. .
بالىلار 3-4 ياشقىچە كۇنىگە كەم دىگەندە 12 سائەت ئۇخلايدۇ. ئەگەر سىز 8سائەت ئۇخلىسىڭىز، ئۇ چاغدا سىزگە يەنە 4 سائەت ئەركىن ۋاقىت بار، دىگەن گەپ. ئاشۇ 4 سائەتنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. بالىغا ھەر كۈنى مەلۇم ۋاقىت ئاجرىتىپ، ياخشى ئوينىتىپ قويسا، بالا ئاستا-ئاستا ئۆزى ئوينايدىغان بولىدۇ. ئەگەر سىز بالىڭىز بىلەن ئوينىغان قىياپەتتە، لېكىن كاللىڭىزدا باشقا ئىشنى ئويلاپ ئولتۇرسىڭىز، بالىڭىز سىزگە تېخىمۇ يېپىشىۋالىدۇ. چۇنكى بالىلار سىزنىڭ ئۇلارغا ھەقىقى كۆڭۈل بۆلمەيۋاتقانلىقىڭىزنى بىلىدۇ ۋە سىزنىڭ ھەقىقى كۆڭۈل بۆلۈشىڭىزنى سېغىنىپ كەچكىچە كەينىڭىزگە كىرىۋالىدۇ. شۇڭا چوقۇم ھىچبولمىسا يېرىم سائەت ئاجرىتىپ كىچىك بالا بولۇپ، ھەممە ئىشلارنى ئۇنتۇپ تۇرۇپ تەڭ ئويناش كېرەك. ئۇنىڭدىن كېيىن بالىنىڭ كۆز ئالدىدا تاماق ئەتسىڭىزمۇ ۋە كىتاپ كۆرسىڭىزمۇ خاتىرجەم قىلالايسىز.


        ئىبادەتكە كەلسەك، بالىلار ناماز ۋاقتىنىڭ بىر ئالاھىدە ۋاقىت ئىكەنلىكىنى بارغانچە چۈشىنىدۇ. شۇڭا ناماز ۋاقتى بولغاندا بالىنى بىخەتەر ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ كېچىكتۇرمەي ناماز ئوقۇش كېرەك، بارا- بارا يىغلاۋاتقان بالىمۇ «ئاللاھۇ ئەكبەر» دېگەن ھامان «بەرىبىر ئاپام نامىزى تۈگىمىچە ماڭا قارىمايدۇ» دەپ شاپپىدە توختاپ قالىدىغان بولىدۇ .
 
      كىچىك بالىلار ئاپىسى بىلەن بىللە ئىش قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. شۇڭا يەنە بىر ئۇسۇل، بىللە تاھارەت ئېلىپ، بىللە ناماز ئوقۇسا بالا ھەم كاشىلا قىلمايدۇ، ھەم ئۆزىمۇ ئۆگىنىپ قالىدۇ. ھەتتا قۇرئان ئوقۇشمۇ شۇنداق، قۇرئاندىن ئىككىنى ئەكىلىپ «بالام، سىز قايسىسىنى ئوقۇيسىز؟» دەپ، بىرسىنى تاللىتىپ يەنە بىرسىنى ئۆزىڭىز ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. بەزىدە مېنىڭ كىچىك بالام توختىماي مېنىڭ قولۇمدىكىنى تالىشىدۇ. ئۇنداق چاغلاردا تىزىمدا ئولتۇرغۇزۇپ «ئىككىمىز تەڭ ئوقۇيلى» دېسەم، «ماقۇل» دەپ بەش مىنۇت بولسىمۇ ئولتۇرۇپ بېرىدۇ.

     ئۆيدە نۇرغۇن ئۆي ئىشلىرىنى بالىلار بىللە قىلغىلى بولىدۇ. مەسىلەن، تاماق ئېتىش، كىر يۇيۇش، ئۆي تازىلاش دېگەندەك ئىشلارنى قىلغاندا بالىلارنى تەڭ قاتناشتۇرسا، ئۇلار ھەم خۇشال بولىدۇ، سىزمۇ ھەم ئىشىڭىزنى قىلالايسىز. بىز بىرىنچى بالىمىزدا كۆپ قىينالغان ئىدۇق، ئىككىنچى بالىمىزدا تەجرىبىلەرنى يەكۈنلىدۇق، ئاللاھ تائالا بىزگە كۆپ ئاسانچىلىق بەردى. نېمە ئىش قىلسام «مەنمۇ قىلىمەن» دېسە، ماقۇل دەپ قوللىرىنى يۇيۇپ قىلىۋاتقان ئىشىمنى تۇتقۇزۇپ قويىمەن، بەزىدە ئۇزۇن قىلىدۇ، بەزىدە بىردەمدىن كېيىنلا زېرىكىپ ماڭا قايتۇرۇپ بېرىدۇ. زېرىككەن ئىشلىرىنى كېيىن قىلىۋاتقىنىمنى كۆرسىمۇ قايتا تالاشمايدۇ. ئەمما بەزى ئىشلارغا ياق دەيمەن. مەسىلەن، پىچاق، قايچا بىلەن قىلىدىغان ئىشلارنى تالاشسا كىچىك بالىلارنىڭ قايچىسى ياكى ئۆتمەيدىغان پىچاق بېرىمەن
ۋە قولۇمدىكى پىچاق، قايچىنى بەرسەم نېمە ئۈچۈن بولمايدىغانلىغىنى چۈشەندۈرىمەن. شۇڭا ھازىر كۆپىنچە ئەھۋاللاردا ئۆي ئىشلىرىنى قىلىش بىز ھەممىمىز ئۇچۇن كۆڭۈللۈك ئىش بولۇپ قالدى.

   قىسقىسى، بالا ئويغاق چاغدا مۇشۇنداق ئىشلارنى تۈگىتىۋالسىڭىز، ئاندىن بالا ئۇخلاپ قالغاندا كوپرەك زېھىن تەلەپ قىلىدىغان ئىشلارنى قىلسىڭىز بولىدۇ، ئىنشائاللاھ.

   ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن بىزگە قۇرئاننى يادلاشنى ۋە چۈشىنىشنى ئاسان قىلىپ بەرگەن. ئەگەر بىز نىيەت قىلساق ۋە تىرىشساقلا، ئۇنىڭ ھىچ بىر قىيىن ئىش ئەمەسلىگىنى ھېس قىلىمىز. مەن دائىم قۇرئاننى مۇسھەفتىن يادلاشقا تىرىشىمەن. چۇنكى ئايەتنىڭ ئورنى بىلەن يادلاش ئەستە تۇتۇشقا پايدىلىق ئىكەن. ئاۋال يادلىماقچى بولغان ئايەتنى ئوقۇيمەن، ئاندىن ئۇ ئايەتنىڭ مەنىسىنى سۆزمۇ سۆز ئۆگىنىمەن. ئاندىن مەنىسى ھەققىدە ئويلايمەن. بۇنىڭغا 5-10 مىنۇت كېتىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن، ئاۋۋال قىلىۋاتقان ئىشىمنى داۋاملاشتۇرىمەن. يەنە 1-2 سائەتتىن كېيىن ئۇ ئايەتنى مۇسھەفتىن 3 قېتىم ئوقۇيمەن ۋە ھەر بىر سۆزنىڭ مەنىسىنى ئېسىمگە ئېلىشقا تىرىشىمەن. ئەگەر ئۇنتۇپ قالغان بولسام سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى قايتا كورىمەن. ئاندىن، كىتاپقا قارىماي ئېسىمدە قالغىنىنى 3 قېتىم دەپ بېقىشقا تىرىشىمەن. ئاندىن كىتاپنى ئېچىپ يەنە 3 قېتىم ئوقۇيمەن. مۇشۇ جەرياننى تاكى ئۇ ئايەتنى يادلىغانغا قەدەر تەكرارلايمەن. بۇنىڭغا يەنە 5-10 مىنۇت كېتىدۇ. بەزىدە يەنە ۋاقىت چىقىرىپ شۇ ئايەتنىڭ تەفسىرىنى ئوقۇشقا تىرىشىمەن. ئەگەر بىز ھەر كۇنى قۇرئان يادلاشقا 20 مىنۇت ئاجراتساق ناھايىتى تېز ئىلگىرلەيمىز. چۈشىنىش ۋە يادلاش بارغانسىرى ئاسان توختايدۇ.

    ئەگەر سىز ۋاقتىڭىز ئويلىغان ئىشلىرىڭىزغا يېتىشمىگەندەك ھىس قىلسىڭىز، ھەر كۇنى نېمە ئىش قىلغانلىغىڭىزنى مىنۇت-سېكۇنتلىرىغىچە سەمىمىيلىك بىلەن بىر دەپتەرگە يېزىپ مېڭىڭ ۋە بۇنى بىر ھەپتە داۋاملاشتۇرۇڭ. بىر ھەپتىدىن كېيىن يازغان خاتىرىڭىزنى كۆزدىن كەچۇرۇپ چىقسىڭىز نېمە ئۇچۇن ۋاقتىڭىز يەتمىگەندەك ھېس قىلغانلىغىڭىزنى بىلىسىز. ئاندىن سىز ئىشلىرىڭىزنى 2 تۈرگە ئايرىڭ: سىز قىلىشىڭىز كېرەك بولغان ئىشلار ۋە سىز قىلىشنى خالايدىغان ئىشلار. ھەممىمىزنىڭ مەجبۇرىيىتى بار. مەسىلەن، بالامنىڭ قورسىغى ئېچىپ كەتسە بىر نەرسە بېرىش مەن قىلىشىم كېرەك بولغان ئىش، ھەدىس يادلاش مەن قىلىشنى خالايدىغان ئىش. بىز مەجبۇرىيىتىمىزنى تونۇشىمىز ۋە ئۇلارغا جىددى قارىشىمىز كېرەك. بىز ياخشى ئەمەللەرنى قىلدۇق، دەپ ئۆزىمىزنىڭ مەجبۇرىيىتىنى ئۆتىمىسەك بولمايدۇ. يەنە مەسىلەن : نامازلارنى ۋاقتىدا ئوقۇش بىلەن قۇرئان ئوقۇش ياكى يادلاش ئوخشىمىغان ئىككى تۇرگە چۇشىدۇ. بىز قۇرئان يادلايمەن، دەپ ئولتۇرۇپ نامازنىڭ ۋاقتىنى ئۆتكۈزىۋەتسەك بولمايدۇ.
قىسقىسى، ئالدىن پلانلاش ۋە ۋاقىتنى تېجەپ ئىشلىتىشنىڭ ماڭا كۆپ ياردىمى بولدى. ئۇنىڭدىن باشقا ئىنتېرنېتنى ئىشلىتىش ۋاقتىنى چەكلەش كېرەك ئىكەن.

 
سوئال: ھازىر ئالىي مەكتەپلەردىكى بىر قىسىم ھەمشىرىلەر ئارىسىدا بەرىبىر ئوقۇساقمۇ يەنە بېرىپ ئۆيدە ئولتۇرىدىكەنمىز، دەپ مەكتەپنى تاشلاش خاھىشى ئېغىركەن. سىز مۇشۇ ئەھۋالغا قانداق قارايسىز؟

جاۋاب: بۇنىڭغا بىر نەرسە دىيىش تەس. ھەر كىشىنىڭ ئەھۋالى ئوخشىمايدۇ. بىلىم ئېلىش بىلەن ئۆيدە ئولتۇرۇشنىڭ ھىچ زىددىيىتى يوق، يەنى ئۆيدە ئولتۇرغان ئادەم بىرنەرسە بىلمىسىمۇ بولىدۇ دېيىش بىر خاتا ئاڭ. بىلىم ھەر كىشىگە كېرەك. ئەمما بىلىمنى قانداق ئېلىش مەسىلىسى باشقا بىر گەپ. مەن بۇنىڭغا جاۋاپ بېرەلمەيمەن، دەپ ئويلايمەن.

     لېكىن مېنىڭ قارىشىمچە، ئۆيدە ئولتۇرۇش ئايال كىشىگە نىسبەتەن ناھايىتى ئەجىر بېرىلىدىغان ئىش. قۇرئان ۋە ھەدىسلەرنىڭ تەشەببۇسىغا قارىساقمۇ، ئەرلەرنىڭ سىرتلاردا ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە كۆپرەك ئىشتىراك قىلىپ، ئائىلىنى قوغداش ۋە ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنى، ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا ئەتراپىدىكىلەرگە كۆپرەك ياردەم قىلىشنى، ئايال كىشىنىڭ بولسا ئائىلىدە بولۇپ، ئائىلىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىپ، بالىلارنى ياخشى تەربىيىلەپ، ياخشى ئايال ۋە ياخشى ئانا بولۇشقا رىغبەتلەندۈرگەنلىكىنى بايقايمىز. ئايال كىشى ئائىلىدىن ياخشى خەۋەر ئالسا، ياخشى قورۇقچى بولالىسا ئەر ئۆزىنىڭ خىزمىتىنى ياخشى قىلالايدۇ، شۇنداقلا بىر خىل تەڭپۇڭلۇق شەكىللىنىپ، ئائىلىنىڭ مۇستەھكەم داۋاملىشىشى، پەرزەنتلەرنىڭ ئىللىق مۇھىتتا تەربىيىلىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ئايال كىشى قانچە بىلىملىك بولغانچە، بالىلارنىڭ تەربىيىلىنىشى ئەتراپلىق بولۇپ چىقىدۇ، بالىنىڭ تەربىيىسى كۆپ ھاللاردا ئانىغا باغلىق بولىدۇ. شۇڭا ئاياللارنىڭ بىلىم ئالماسلىقى ياخشى ئىش ئەمەس. ئاياللار بىلىملىك بولسا خەلقىمىز ئاندىن گۈللىنەلەيدۇ. لېكىن، مەن بىلىم ئېلىش ئۈچۈن چوقۇم مەھرەمسىز ھالدا يىراقلارغا سەپەر قىلىش كېرەك، دەپ قارىمايمەن.

سوئال: يېڭى توي قىلغان، يېڭى بالىلىق بولغان ھەمشىرىلەرگە ئائىلە، ئاياللىق ئەخلاقى ۋە پەرزەنت تەربىيىلەش توغرىلىق ئىككى ئېغىز نەسىھەت ۋە تەكلىپ بەرسىڭىز. ئاللاھ سىزدىن رازى بولسۇن.
 
جاۋاب: سىڭلىم، يېڭى توي قىلغان ھەمشىرىلەر ئامال بار ھەممە ئىشىنى تاشلاپ ياخشى ئايال بولۇشنى ئۆگىنىشى كېرەك. بىر ئائىلە جەمئىيەت ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىم بولسا ئەر- ئايالنىڭ مۇناسىۋىتى ئائىلە ئۈچۈن شۇنچە مۇھىم. ئەر-ئايالنىڭ مۇناسىۋىتى ياخشى بولمىسا بالىلارنى ياخشى تەربىيىلەشمۇ ئىنتايىن قىيىن ئىش. مەن ھېلىلا سىزگە «بىز يەنىلا نىكاھقا ئېھتىياجلىقمۇ؟» دېگەن ماقالىنى ئەۋەتتىم، ئۇنىڭدا مۇنداق بىر ئابزاس بار:
«بىزدىن تەلەپ قىلىنغىنى شۇكى، نىكاھ تۇرمۇشىدا ئەر-ئايال ئىككىلا تەرەپ ئوخشاش تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك، شۇندىلا، ئىنشائاللاھ، ئىككى تەرەپ ئوخشاش ئەجىرگە ئىگە بولىدۇ. ھەقىقەتەنمۇ، نىكاھتىن كېيىن شەيتان ھەر ئاماللار بىلەن ئىككىيلەننىڭ ئارىسىنى بۇزۇۋېتىشكە تىرىشىدۇ ۋە ئاران تەستە قوشۇلغان بۇ بىر جۈپنى ئايرىۋېتىشكە ئۇرۇنىدۇ. جەبىر ئىبن ئابدۇللاھتىن رىۋايەت قىلىنىشىچە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «شەيتانلارنىڭ باشلىقى ئىبلىسنىڭ تەختى دېڭىزنىڭ ئۈستىدىدۇر. ئۇ ئادەملەرنىڭ ئارىسىغا شەيتانلارنى يامانلىق قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتىدۇ. ئىبلىسنىڭ نەزەرىدە شەيتانلارنىڭ ئەڭ يامىنى ئىنسانلار ئارىسىدا ئەڭ چوڭ يامانلىق قىلالىغىنىدۇر. ئاندىن ئىبلىس ئۇلارنىڭ بايانلىرىنى ئاڭلايدۇ. قاچانكى ئۇلارنىڭ بىرەرىنىڭ باشقىلارنىڭ ئارىسىغا خاتا چۈشىنىش ۋە گۇمان پەيدا قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىنى بۇزۇۋەتكەنلىكىنى ئاڭلىسا ئىبلىس ناھايىتى خوشال بولۇپ كېتىدۇ. ئىبلىس كېلىپ شۇنى بايان قىلغۇچىنى قۇچاقلايدۇ، ھەم «سەن قالتىسكەنسەن» دەيدۇ. يەنى، بۇ شەيتاننىڭ ئىنسانلارنى ھەقىقىي ئازدۇرغانلىقىدۇر(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). »»
يەنى، ھەر بىرىمىز شەيتاننىڭ بىزنى ئازدۇرۇش ئۇچۇن قىلىۋاتقان ۋەس-ۋەسىلىرىگە بويسۇنماسلىقىمىز لازىم ۋە بۇنىڭ ئۇچۇن ئۆزىمىزنى قوراللاندۇرىشىمىز لازىم. بۇ تېمىدا نۇرغۇن ماقالىلار بار. مەن بىرنەچچىسىنى تاللاپ ئەۋەتتىم. تەپسىلى ئوقۇپ چىقىڭ. كېيىنچە تەرجىمە قىلىپ مۇنبەرگە چاپلاپ قويارمىز. بالا تەربىيىلەشمۇ چوڭ بىر تېما. ئۇ توغرىلىق كېيىنچە ئوقۇغانلىرىمنى ئورتاقلىشاي. جاھاندا ياخشى ئاتا-ئانا بولۇشتىن تەس ئىش يوق ئىكەن، دەپ ئويلايمەن. بالىلارنى ياخشى تەربىيەلەش ئىنتايىن قىيىن ئىش. ھازىرچە مېنىڭ ھېس قىلغىنىم:
1 . ئاللاھتىن كوپ ياردەم سوراش. ياخشى ئەمەللەرنى كۆپ قىلىش.
2 . بالىمىزغا ئۆگەتمەكچى بولغان ئىشتا ئاۋال ئۆزىمىز ئۈلگە بولۇش. ‘
3 . پەرزەنتىمىزنىڭ ئاللاھنىڭ ئامانىتى ئىكەنلىگىنى ئۇنتۇپ قالماسلىق.

ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ھەدە، كۆپ ۋاقتىڭىزنى ئېلىۋەتتىم، سوئاللارغا ۋاقىت چىقىرىپ جاۋاب بەرگەنلىكىڭىز ئۈچۈن چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.
ئاللاھ بارلىق قېرىنداشلىرىمغا رەھمەت قىلسۇن. ئەگەر مەن باشقىلارغا پايدىلىق، ياخشى سۆلەرنى سۆزلىگەن بولسام بۇ ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن. ئەگەر مۇۋاپىق بولمىغان مەزمۇنلار قوشۇلۇپ قالغان بولسا ئۇ مېنىڭ يېتەرسىزلىكىمدىن. ئاللاھ ئالىمدۇر
تېما تەستىقلىغۇچى : duttarqi
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-04-17, 21:14
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-04-17 20:54 |
tikasohle
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6302
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 24
شۆھرەت: 120 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 120 سوم
تۆھپە: 72 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 72 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 58(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بەك ئەھميەتلىك تېمدىن بىرنى يوللاپسىز،پەرزەنت تەربيلەشتە ياخشى بولغان بىلىملەرگە ئېگە بولدۇم،تېما ئىگىسگە كۆپ تەشەككۈر،ئاللاھ ئەجىرىڭىزنى بەرسۇن قېرندىشىم،رەھمەت سىزگە.
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-17 22:26 |
xjtv-5
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6857
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 21
شۆھرەت: 103 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 118 سوم
تۆھپە: 62 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 63 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 25(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى tikasohleدە2012-04-17 22:26يوللىغان يازمىسىغا نەقىل : 

مۇشۇ ھازىرقى ئۇيغۇرچە مۇنبەرلەر ئىچىدە پەقەت مۇشۇ باغداش مۇنبىرىلار ئەڭ ئىسىل ئىكەن  تىمىلىرىمۇ سەرخىلى  چۈشكەن  ئىنكاسلارمۇ بىر بىرىدن  تىلى ئۆتكۈر   قىسقىسى  پىچەك ئىنكاسلار يۇق دىيەرلىك ئىكەن  ياشاپ كەت  باغداش  مۇنبىرى !!!  بىزلەر مانا  سەندەك  مۇنبەرلەرگە  تۇلىمۇ  مۇھتاج  بىز  !  ئۈچ يىل دەك  بۇلغان  مەن مۇشۇنداق  تۇرداشلانىڭ مەنپەئىتىنى ئەڭ يۇقۇرى ئۇرۇنغا قۇيۇپ ئەزالارغا يۆكسەك ھۆرمەت پوزىتسىيىسىدە مۇئامىلە قىلىدىغان باشقا مۇنبەرلەدىن ئالاھىدە پەرىقلىندىغان  خاسلىققا ئىگە ئىسىل مۇنبەر ئىكەن .  ئىسىت نەچچە ۋاقىتنىڭ ياقى  مىسىرانىمدەك  پۇققا ئەسقاتمايدىغان مۇنبەرلەرنى زىيارەت قىلىپ يۈرگىچە  مۇشۇنداق  دادىل يۆرەكلىك مۇنبەرنى زىيارەت قىلسامچۇ ھە؟  گەرچە مىسىرانىم مۇنبىرى نۈۋەتتكى  تور دۇنياسىدىكى ئەڭ چۇڭ مۇنبەر بۇلغان بىلەن  باغداش قىلغان ئىشنىڭ  بىرىنىمۇ قىلالمىدى نىمە ئۈچۈن قىلالمىدى ؟ باغداش نىمە ئۈچۈن قىلالىدى قىلالىغاندىمۇ زور تەۋەككۈل قىلدى دىسەكمۇ بۇلىدۇ شۇڭا بىز بۇلۇپمۇ ھازىرقىدەك ۋاقىتلاردا باغداشقا ئوخشاش مۇنبەرلەرنى ئاسىرىشىمىز ، تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز ۋە ئۇنى  قۇغداشقا ئالاھىدە ئەمىلىي ھەركىتىمىز بىلەن جاۋاپ قايتۇرۇشىمىز كىرەك باغداشدەك  ئىسىل مۇنبەرنىڭمۇ  بىزنىڭ ئاسان ھاياجانلىنىپ ھىسياتىمىز بىلەن يازغان  يازمىلار سەۋەبلىك تاقىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن  باغداشتىكى ھەربىر ئەزالىرىمىزنىڭ  ھەر تىمىغا ئىنكاس يېزىشتىن بۇرۇن بىزگە مۇشۇنداق باشقا مۇنبەرلەر چىقىرىشقا قۇرقۇپ چىقىرالمىغان تىمىلارنى  باغداش مۇنبىرىنىڭ قانۇن يۇل قۇيغان ئەۋزەل تەرەپلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ يۆرەكىلىك ھالدا بىزگە ئىلمىي مۇنازىرلىشىش سورىنى ھازىرلەپ بىرىۋاتقاندەك تەۋاكۈللىك ئىسىل رۇھىنى ھەمدە  مۇشۇ بىرقەدەر كەڭرىرەك قۇيەپ ئىچىپ بەركەن مۇشۇ ھەركىتىنى بىز قەدىرلىشمىز   بۇنداق قىلىشىمۇ ئۇلارغا نىبەتەن ئاسان قۇلغا كەلتۈرگىلى بۇلمايدىغانلىقىنى چۇڭقۇر چۈشۈنىشىمىز كىرەك !!! ئاخىردە دەيدىغىنىم باغداش سىنىڭ قىلغان ئىشلىرىڭنى كۆرۈپ مەن بەكمۇ تەسىرلەندىم  سەن مۇشۇ يولدا داۋاملىق تەۋرەنمەي ماڭىدىكەنسەن  كەڭ ئەزالار سىنى قۇللايدۇ ئەمىلىيەتتىمۇ نۇرغۇنلىغان ئەزالار سەندىن تۇلىمۇ مىنەتتار بولدى سەن بىز ئۈچۈن بەك جاپا تارتىڭ ! سىنىڭ  قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە  تور دۇنياسىدىكى كۆرۈلۈش نىسپىتى ئەڭ يۇقۇرى داڭلىق مۇنبەرلدىن ئۇرۇن ئىلىشىڭغا تىلەكداشمىز !!!ئەلۋەتتە بۇ  بىز ئەزالارنىڭ سىنى زور قۇلاپ ئىلھام بىرىش مۇنبەرنى ئورتاق قۇغداش ئارقىسدا چۇقۇم ئەمەلگە ئاشقۇسى رەخمەت @
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • مۇنبەرپۇلى:+2(uyghurizlari) ھەق گەپ
  • مۇنبەرپۇلى:+2(anka) بەرھەق! باغد ..
  • چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-17 22:51 |
    elif
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 6613
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 9
    شۆھرەت: 80 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 80 سوم
    تۆھپە: 44 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 44 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 47(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-05
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-04-21
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئىنشائاللاھ بۇندىن كىيىن چوقۇم تېخىمۇ ياخشى بۇلۇپ كېتىدۇ باغداش مۇنبىرى
    saltanat
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-18 07:40 |
    فىدا
    دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 6545
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 255
    شۆھرەت: 1304 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 1321 سوم
    تۆھپە: 779 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 782 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 194(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-01
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-19
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

      ياحشى كىلىمات ،مەسئۇلىيەتچان ئائىلىدە چوڭ بولعان بالىلار  ياراملق ئادەم بۇلىدۇ .
    simfoniya
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-18 09:24 |
    kiziltax
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 376
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 66
    شۆھرەت: 335 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 345 سوم
    تۆھپە: 200 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 200 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 103(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-26
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-09
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    كۆرۇپ بەكمۇ تەسىرلەندىم،بىز نىمە قىلۋاتىمىز؟؟؟بۇھەقتە كۆپرەك ئويلانسام بولغىدەك.رەھمەت سىزگە!!!
    lutun
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-18 11:57 |
    anka
    دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 6068
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 270
    شۆھرەت: 1336 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 1343 سوم
    تۆھپە: 803 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 810 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 288(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-27
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-08
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    مېنىڭچە ھازىرقى ئەۋزەللىكىمىزدىن ئامال بار ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ،بالىلارنى ئىسلام تەربىيىسىدە چوڭ قىلىش كېرەك.
    تېمىڭىزغا رەھمەت.
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-18 12:20 |
    bagdashi
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 6223
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 193
    شۆھرەت: 1196 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 1198 سوم
    تۆھپە: 676 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 693 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 189(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-12
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-11
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    مىنىڭچە مىللىلىكنى ساقلاش چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى.
    ھازىرقى ۋەزىيەتتە ئىسلام ئەللىرىدىكى  بولۇپمۇ ئەرەپ ئەللىرىدىكى ئۇيغورلارنىڭ ئىككىنچى ئەۋلادى ئۇيغۇرچىنى چالا بىلىدۇ، ئۈچۈنچى ئەۋلادى ئاللا بۇرۇن ئەرەپ بوپ بولدى، لىكىن غەرپ ئەللىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ بۇنداق بوپ قېلىشىنى ئۈمۈت قىلمايمىز ئەلۋەتتە.
    saltanat
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-18 12:51 |
    edirhan
    دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 2666
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 308
    شۆھرەت: 1672 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 1694 سوم
    تۆھپە: 984 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 987 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 276(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-07-22
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-27
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

       دەل مېنىڭ كۆڭلۈمدىكى سۆزلەر-ھە! شۇنداق ئەھمىيەتلىك ھەم قايىل قىلارلىق بايانلار... ئاللاھ سۇئال سورىغۇچى ۋە جاۋاب بەرگۈچى قېرىنداشلىرمىزدىن رازى بولسۇن! مەن تەسەللى تاپقاندەك بولدۇم... يالغۇز ئەمەسكەنمەن... تەلىۋىممۇ چەكتىن ئاشقان تەلەپ ئەمەس، توغرا تاللاش ئىكەن...
    ozgul munbar
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-24 01:03 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    Bagdax bbs » خانىم -قىزلار سەمىگە