saltanat lutun irpan tera kesallikliri xipahanisi
«12345»Pages: 2/5     Go
بۇ تېما 15034 قېتىم كۆرۈلدى
bagdax
دەرىجىسى : مۇنبەر مەسئۇلى


UID نۇمۇرى : 1
نادىر تېما : 14
يازما سانى : 99
شۆھرەت: 1029 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 960 سوم
تۆھپە: 539 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 540 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1088(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-12-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

        تېما يوللىغۇچى  ئايرىم تېما قىلىپ يوللىغان سوپاخۇن سوۋۇروف ھەققىدەستالىنغايوللانغان مەلۇمات(2) پىكىر چېچىلىپ كەتمەسلىكنى كۆزدە تۇتۇپ مەزكور تېمىغا باشقۇرغۇچى تەرىپىدىن ئىنكاس شەكلىدە يوللاندى ،



سوپاخۇن سوۋۇروف  ھەققىدە ستالىنغا   
 يوللانغان مەلۇمات (2-)



3.    سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىلىغا ئەۋەتكەن  دەسلەپكى بەش قوراللىق ئەترىتى


      تارىخىي پاكىتلار ئىسپاتلىدىكى ، سوۋېت ئىتتىپاق تەرەپ گېنېرال ئېگناروۋ كەلگەندىن كېيىن قوزغىلاڭچىلارغا قورال-ياراق ياردىمى كۆرسىتىشكە كىرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما تېزدىن كۆپ ساندا ئەسكىرى كۈچ ئەۋەتمىدى.  سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپنىڭ   نىلقا قوزغىلىڭىدىن تارتىپ، 1945-يىلىنىڭ باھار ئايلىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئىلىغا ئەۋەتكەن قوراللىق ئەترەتنىڭ بەش ۋە ئومۇمىي ئادەم سانىنىڭ  600 ئەتراپىدا ئىكەنلىكى رەسمىي سوۋېت مەخپىي ئارخىپلىرى ئارقىلىق ئاشكارىلاندى.    سوۋېت ئىتتىپاقى  ئىچكى ئىشلار خەلق كومىسسارىياتىنىڭ كومىسسارى  لاۋرېنتى بېرىيا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەت بىخەتەرلىك كومىسسارىياتىنىڭ كومىسسارى  ۋسېۋولود  مېركۇلوۋنىڭ  1945-يىلىنىڭ بېشىدا ستالىن ۋە تاشقى ئىشلار خەلق كومىسسارى  ۋىچېسلاۋ مولوتوۋقا  يوللىغان دوكلاتىدا مۇنداق مەلۇمات بېرىلگەن ئىدى:   " يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ  تەلىپىگە  بىنائەن قوزغىلاڭچىلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن  گېنېرال ئېگناروۋنىڭ باشچىلىقىدا  كېرەكلىك ئالاقە  ئەسلىھەلىرى ۋە پارتلىتىش مۇتەخەسسىسلىرى ئەۋەتىلدى.  ئىلگىرى  تەربىيىلەشتىن ئۆتكەن، ئەسلىدىكى شىنجاڭ ئاھالىسى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەتلىرىدىن كېلىپ چىققان، سانى  590 ئادەمدىن تەركىپ تاپقان   بەش ئاتلىق ئەترەت  قوزغىلاڭ پارتلىغان رايونلارغا تاشلاندى" [30].


      بېرىيا تىلغا ئالغان مەزكۇر بەش قوراللىق ئەترەتنىڭ  بەزىلىرى ھەققىدە ھازىرچە دەسلەپكى مەلۇماتلار مەۋجۇت. بەلكى، ئۇنىڭ كۆزدە تۇتقانلىرى ئارىسىدا  نىلقا قوزغىلىڭى ئۈچۈن ئالمۇتىنىڭ يېنىدا  تەييارلىقتىن ئۆتكەن  فاتىخ مۇسلىموف  باشلىق ئون نەچچە كىشىدىن تەركىپ تاپقان ئەترەتمۇ بولۇشى مۇمكىن.   بۇلارنىڭ ئارىسىدا سەيدۇللا سەيفۇللايېفمۇ بار ئىدى .بىراق، ئۇ  يارىلىنىپ قېلىش سەۋەبى تۈپەيلىدىن فاتىخ قاتارلىقلار بىلەن بىرگە نىلقا تاغلىرىغا  كەلمىگەن ئىدى(31).
        بېرىيا تىلغا ئالغان بۇ بەش ئەترەتنى  كېيىنكى ۋاقىتلاردا بۇ ئەترەتلەرگە قاتناشقانلارنىڭ ئەسلىمىلىرى  ھەم سوۋېت ئىتتىپاقى ئارخىپلىرى ئارقىلىق دەسلەپكى قەدەمدە   بېكىتتىم. بەلكى بۇ يەنىلا  ئارخىپلارنى داۋاملىق تەكشۈرۈش  ئارقىلىق  تېخىمۇ  ئىشەنچىلىك  دەلىللىنىشى ۋە تولۇقلىنىشى مۇمكىن.
       بۇلارنىڭ ئىچىدە  ئىككى ئەترەتنى ئالاھىدە  ئەسكەرتىش كېرەك. سوۋېت  ئىتتىپاقى تەرەپ 1944-يىلى، 26-دېكابىردا قىرغىزىستاننىڭ ئىسسىق ئاتا رايونىدا  تەربىيىدىن ئۆتكەن   دۈيشە نوغايبايېف،  پېتىر ساۋىن  ( زاكىر تۆرە)  ۋە قۇتان  توگويېف قاتارلىقلارنىڭ كوماندىرلىقىدىكى 67 كىشىلىك  "  باتۇر"  ئەترىتىنى ۋە بىر ھەپتىدىن كېيىن  ئوش ئەتراپىدا تەربىيىدىن ئۆتكەن ئىسساقبەك مۇنونوف، گابىت مۇزىپوۋ (  غۇلجىدىكى  ئىسمى  ئەلى مەمەتوف ۋە ياكى ئەلى ئەپەندى)  ۋە راززاق مەۋلانوف قاتارلىقلارنىڭ كوماندىرلىقىدىكى  100 كىشىلىك  " بۇيگۇ" ناملىق ئەترەتنى قورغاس ئارقىلىق ئىلىغا ئەۋەتتى[32]. باتۇر ئەترىتى سۈيدۈڭ  ۋە كۈرەنى ئېلىشقا قاتنىشىپ، 31- دېكابىر كۈنىدە لوسىگوڭغا ئورۇنلاشتى ھەمدە غۇلجا ئەتراپىدا  جىڭدىن كېلىۋاتقان دۈشمەن قوشۇنلىرىغا قارشى جەڭ قىلدى. بۇ چاغدا " باتۇر"  ئەترىتى يەرلىك ئۇيغۇر ۋە قازاق قوزغىلاڭچىلار ھېسابىغا كۆپەيتىلىپ، بىر دىۋىزيونغا  ئايلانغان ئىدى.
   "بۇيگۇ"  ئەترىتى بولسا ھەرەمباغ  سوقۇشىغا قاتناشتى  ھەمدە 1945-يىلى،  17-يانۋاردىن باشلاپ، بىر  ئاتلىق پولكقا كېڭىيىپ، ئىسساقبەك مۇنونوفنىڭ كوماندىرلىقىدا  گېنېرال شې يىفېڭ قوماندانلىقىدىكى ئاچال داۋىنى ئارقىلىق  غۇلجىغا ھۇجۇم قىلىپ كەلگەن گومىنداڭ قوشۇنلىرىنى  مازار ۋە چاپقان يوتا قاتارلىق جايلاردا تارمار قىلدى. 
      ئىشەنچىلىك ئېيتىشقا بولىدۇكى، 1945-يىلىنىڭ 3-ئايلىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپنىڭ ئەۋەتكەن ھەربىي خادىملىرىنىڭ ئادەم سانى  تەخمىنەن 600 ئەتراپىدا بولۇپ، بۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى ئەسلىدە ئۇيغۇر دىيارىدىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا  كەتكەنلەر ئىدى. بۇ 5 ئەترەتنى ھەرگىزمۇ مۇنتىزىم  سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى دېيىشكە بولمايتتى.  بىراق، جۇڭگودا نەشىر قىلىنغان << ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى تارىخى>> ۋە << ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى چوڭ ئىشلار خاتىرىسى>> ھەم باشقا ئەسەرلەردە  ھەم  ماقالىلاردا  سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەخسۇس قىزىل ئارمىيە قوشۇنى ئەۋەتىپ، پارتىزانلارنىڭ ئۇرۇشلىرىغا قاتناشتۇرغانلىقى  كۆپتۈرىۋېتىلگەن شۇنىڭدەك  بۇ بايانلار  ئۈچۈن ھېچقانداق پاكىت كۆرسىتىلمىگەن.  بۇنىڭدىكى مەقسەت قوزغىلاڭچىلارنىڭ رولىنى ۋە كۈچ-قۇدرىتىنى ئاجىز كۆرسىتىش، يەنە بىر تەرەپتىن   سوۋېت ئىتتىپاقى بولمىغان بولسا، ئىنقىلاب باشتىلا غەلىبە قىلالمايتتى ۋە ياكى ھەممە ئىش سوۋېتنىڭ قولى بىلەن بولغان دېگەن ئىدىيىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن  ئىبارەت بولسا كېرەك.  مۇنداق ئىدىيە ئەينى ۋاقىتتىكى مىللىي ئىنقىلابنى باستۇرۇشقا ئەۋەتىلگەن گومىنداڭ  ئوفىتسېرلىرى تەرىپىدىنمۇ كۆپتۈرۈلگەن ھەمدە گومىنداڭ ھۆكۈمىتى  خەلقئارا جەمئىيەتكە سوۋېت ئىتتىپاقى ئىلىدا ۋەقە چىقىرىپ، جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۇجۇم قىلدى، سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىنى شىنجاڭغا كىرگۈزدى  ،دېگەندەك تەشۋىقاتلارنى يۈرگۈزگەن ئىدى.   
       ئەمما ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۇ ئىنقىلابقا باشتىن -ئاخىرى ئارىلاشقانلىقى  ۋە ياردەملەرنى بەرگەنلىكى ئەمەلىيەت، لېكىن  خەلقنىڭ ئەسلىدىن ئىنقىلابىي  ھەرىكەتلەرنى باشلىغانلىقى، خەلق ئىچىدە جىددىي قارشىلىق ئىدىيىلىرى ھەم  ھەرىكەتلىرى داۋاملاشقانلىقى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ  بولسا بۇ  پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ياردەم بېرىش ۋە قوللاش سىياسىتى قوللىنىپ، قوزغىلاڭچىلارنىڭ كەڭ كۆلەملىك غەلىبە قازىنىشىدا بەلگىلىك  روللارنى ئوينىغانلىقىمۇ ئەمەلىيەتتۇر. ئەگەر خەلق  كەڭ كۆلەملىك ئازادلىق كۈرىشىگە ئاتلانمىغان بولسا ، ئۇلار ئەشۇ ئۆزلىرىنىڭ ئاخىرقى  نىشانى بولغان  -ئازادلىقنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىش نىيىتىگە كەلمىگەن بولسا، سوۋېت ئىتتىپاقى  ھەر قانچە قىلسىمۇ،  خەلقنى قوزغىيالمايتتى ھەمدە  ھېچ نېمىگە ئېرىشەلمەيتتى.   بۇ يەردە قورال-ياراقلا ئەمەس، بەلكى ئازادلىق ئىرادىسى ۋە غايىسى ئۈستۈنلۈككە ئىگە ئىدى.  
ئاشكارىلانغان  ئارخىپ ھۆججەتلىرىگە تايانغاندا سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپنىڭ كەڭرەك ھەربىي ياردىمى ۋە مۇنتىزىم سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىنىڭ ياردەمگە كىرىشى  1945-يىلى، 5-ئايدا  ئۈچ يۆنىلىش جېڭى باشلانغاندىن كېيىن بولدى. ئۇنىڭغىچە بولغان ئارىلىقتا پەقەت ئاز ساندىكى ئايرىم ئەترەتلەر شۇنىڭدەك ئايرىم ھەربىي ئىنستروكتورلار پائالىيەت قىلدى.  ئەترەتلەر بىۋاسىتە جەڭلەرگە قاتناشسا،  ھەربىي ئىنستروكتورلار  مىللىي ئارمىيىنىڭ جەڭچى-ئوفىتسېرلىرىنى مۇنتىزىم ھەربىي مەشق قىلدۇرۇش ۋە تەربىيىلەش بىلەن شۇغۇللاندى.
 سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپ 1945-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ، قورغاستا مەخسۇس مەكتەپ ئېچىپ،  قىسقا مۇددەت ئىچىدە 160 نەپەر تۆۋەن دەرىجىدىكى  ئوفىتسېرنى ھەمدە 30 غا يېقىن ھەربىي   رادىستنى تەربىيىلىگەندىن تاشقىرى يەنە بىر قىسىم ھەربىي ئىنستروكتورلارنى ئەۋەتىپ، مۇنتىزىم مىللىي ئارمىيە قۇرۇش ئۈچۈن ئەسكەرلەرنىڭ مەشىق قىلىشىغا ياردەم بەردى.  مىللىي ئارمىيىنىڭ  مۇنتىزىملىشىش جەريانىدا  2-دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقان سوۋېتلىك ئۇيغۇر ئوفىتسېرلاردىن  مىرزىگۈل ناسىروف ۋە سەيدەخمەت ئۆمەروف قاتارلىقلارمۇ ھەربىي تەلىم-تەربىيە  بېرىش ئىشلىرىغا قاتناشقان ئىدى[33].   

        " ستالىننىڭ ئالاھىدە پاپكىسى" دىكى ھۆججەتلەرنىڭ بىرى  بېرىيانىڭ ستالىن ۋە مولوتوۋقا يوللىغان گېنېرال ئېگناروۋنىڭ پائالىيەتلىرى ۋە ۋەزىپىلىرىگە ئائىت دوكلات بولۇپ، بۇنىڭدا "  1945-يىلى، مارتقىچە بولغان ئارىلىقتا قوزغىلاڭچىلارنىڭ ئەسكەر سانى 8300 گە يەتتى. بەلكى  بۇ تېز كۆپىيىپ 12 مىڭغا يەتكۈزىلىدۇ. گېنېرال ئېگناروۋقا  ئۇلارنى تەربىيىلەپ، جەڭگە  يارىغىدەك قىلىش، مەركىزىي جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ  مەزكۇر رايونغا مۇنتىزىم ئارمىيىنىڭ 70مىڭ ئەسكىرىنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى نەزەرگە ئېلىپ،  قورال-ياراقلارنى كۈچەيتىش، لاياقەتلىك  ھەربىي كادىرلارنىڭ يېتىشمەسلىكىنى ھەل قىلىش ۋەزىپىلىرى يۈكلەندى" [34] دەپ يېزىلغان ئىدى.

        ئەنە شۇ دوكلاتتىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى ، موسكۋا پارتىزانلارنى تەربىيىلەپ، ئۇنى مۇنتىزىم قوشۇنغا ئايلاندۇرۇشقا جىددىي كۆڭۈل بۆلگەن بولۇپ، جۇمھۇرىيەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى  باشتىن -ئاخىرى مۇنتىزىم مىللىي ئارمىيە قۇرۇش ئارزۇسىدا بولۇپ، مۇنتىزىم مىللىي ئارمىيە قۇرۇش پىلانلىرىنى تۈزۈش خىزمىتىگە باشتا پارتىزانلار باش قوماندانى ۋە ھەربىي ئىشلار نازىرى پېتىر رومانوۋىچ ئالېكساندروۋنى مەسئۇل قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ 1945-يىلى، 17-يانۋاردا شې يىفېڭ قوشۇنلىرى غۇلجىغا قىستاپ كەلگەن خەتەرلىك پەيتتە ۋەزىپىسىنى تاشلاپ سوۋېت ئىتتىپاقىغا قېچىپ كېتىشكە ئۇرۇنۇشى بىلەن ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ئۇنى ۋەزىپىدىن قالدۇرغان ئىدى . ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت  ئۇزۇن ئۆتمەي   ئەخمەتجان قاسىمىنى  ھەربىي ئىشلار بۆلۈمىگە مەسئۇل قىلىپ، مىللىي ئارمىيە قۇرۇش تەييارلىق خىزمەتلىرىگە سالدى.  شۇنىڭدىن كېيىن ھەربىي ئىشلار بۆلۈمىنىڭ  باشلىقلىقىلىق  ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالغان ئەخمەتجان قاسىمى  جىددىي تۈردە مىللىي ئارمىيە قۇرۇلۇش خىزمىتىگە كىرىشىپ، ئالدى بىلەن  مىللىي ئارمىيىنىڭ تۈزۈلمە لايىھىسى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك پىلانلارنى  تەييارلاپ ئوتتۇرىغا قويدى. ئەلۋەتتە،  بۇ چاغدا  2-دوم ئەخمەتجان قاسىمىغا مەسلىھەتچىلىككە  سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىنىڭ ئوفىتسېرى، سوۋېتلىك ئۇيغۇر سەيدەخمەت ئۆمەروفنى تەيىنلىگەن بولۇپ، سەيدەخەمەت ئۆمەروفنىڭ 2-دوم گېنېرالى  ۋلادىمىر ستېپانوۋىچ ئېگناروۋقا بىۋاسىتە بويسۇنۇشىدا شەك يوق ئىدى. كەسپىي ھەربىي خادىم سەيدەخمەت ئۆمەروفنىڭ  ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ مىللىي ئارمىيە قۇرۇلمۇسىغا ئائىت پىلانلىرىنى تەييارلاشتا مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى پەرەز قىلىش مۇمكىن.


          مىللىي ئارمىيىنىڭ ھەربىي ئۇنۋان، پاگون، ھەربىي ئۇستاف ۋە قوشۇن تۈزۈلمىسىنىڭ  سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىدىن  كۆپ دەرىجىدە،  سابىق چار رۇسىيە ئارمىيىسىدىن ئازراق دەرىجىدە ئۈلگە ئالغانلىقىدا ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ 2-دومنىڭ كەسپىي ھەربىي خادىملىرىنىڭ تەكلىپى ۋە تەشەببۇسىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس.   ئەينى ۋاقىتتا جۇمھۇرىيەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى ئەزالىرى  مىللىي ئارمىيىنىڭ قۇرۇلۇش لايىھىسىنى  مۇزاكىرىلەردىن  ئۆتكۈزگەندە، مىللىي ئارمىيىنىڭ نامىنى قانداق ئاتاش ھەققىدىمۇ كۆپ تالاش-تارتىش قىلغان. ئەخمەتجان قاسىمى  دۇنيادا مەۋجۇت بولغان   سوۋېت ئىتتىپاقى ، جۇڭگو ، تۈركىيە ، ئىران قاتارلىق  ئەللەرنىڭ ھەربىي ناملىرى ھەم باشقا ئالاھىدىلىكلىرىنى  مىساللار بىلەن كۆرسىتىپ  ، يېڭىدىن دۇنياغا كەلگەن بۇ مۇنتىزىم قوشۇننىڭ   ھەر مىللەتنىڭ پەرزەنت قوشۇنى ۋە ھەر مىللەتنىڭ مەنپەئەتلىرىنى قوغدايدىغان  ئارمىيە بولۇشى لازىملىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىنقىلابنىڭمۇ مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى  ئىكەنلىكى،  شۇڭا ئۇنى << مىللىي ئارمىيە>> دەپ ئاتاش لازىملىقىدىن ئىبارەت  ئۆز لايىھىسىنى كۈچكە ئىگە قىلىشقا تىرىشقان. گەرچە ، ھۆكۈمەت    تەركىبىدىكى بىر قىسىم ئەربابلار تەرىپىدىن مىللىي ئارمىيىنى  تۈركىيىنىڭ ئۇسۇلى بويىچە "مىللىي ئوردۇ" دەپ ئاتاپ، تۈركچە ھەربىي ئاتالغۇ ۋە ھەربىي سىستېمىنى ئىشلىتىش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان بولسىمۇ، ئەمما   سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ  ياردىمىگە ۋە قوللىشىغا ئېرىشىۋاتقان مىللىي  ئازادلىق ئىنقىلابنىڭ  بۇنىڭدىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تېخىمۇ زور ياردەملىرىنى  ۋە خەلقئارالىق سىياسىي قوللاشلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ  تەشەببۇسى توغرا تېپىلغان ئىدى.
        ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە مۇنتىزىم مىللىي ئارمىيە قۇرۇش  ۋە ئۇنى قوراللاندۇرۇش مەسىلىلىرىدە سوۋېت تەرەپ ، جۈملىدىن موسكۋانىڭ باش مەسلىھەتچىسى ۋلادىمىر ستېپانوۋىچ ئېگناروۋنىڭ  مەسلىھەتىنى قوبۇل قىلماسلىقمۇ  مۇمكىن ئەمەس ئىدى.  ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار مىللىي ئارمىيىنى سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىنىڭ ئۈلگىسىدىكى مۇنتىزىم ئارمىيە قىلىپ قۇرۇش چىقىشنىڭ  كۆپ جەھەتلەردىن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۆز لايىھىسى ۋە تەشەببۇسىدا چىڭ تۇردى.  خۇددى  لاۋرېنتى  بېرىيا  يوسىف ستالىنغا يوللىغان دوكلاتىدا كۆرسەتكەندەك ، مىللىي ئارمىيىنى قۇرۇش ۋە تەييارلىقتىن ئۆتكۈزۈش ئىشلىرىغا  باش ھەربىي-سىياسىي مەسلىھەتچى  ئېگناروۋ  بىۋاسىتە ئارىلاشقان ئىدى.
       1945-يىلى، 3-ئايدىن باشلاپ، مۇنتىزىم ئارمىيە قۇرۇش ئىشلىرى  جىددىي تۇتۇش قىلىنىپ ،  پارتىزان ئەترەتلىرى ئۆزگەرتىلىپ،  پارتىزانلار ۋە پارتىزان كوماندىرلىرى  مۇنتىزىم  ئارمىيىنىڭ ئوفىتسېر- ئەسكەرلىرىگە ئايلاندۇرۇلدى  شۇنىڭدەك جۇمھۇرىيەت ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ 1945-يىلى، 2-فەۋرال كۈنى ئېلان قىلغان 19-نومۇرلۇق ھەربىي ئىشلار قارارى بويىچە 20 ياشتىن 45 ياشقىچە بولغان پۇقرالار  ئەسكەرگە قوبۇل قىلىنىپ،  سوۋېت ھەربىي ئىنستروكتورلىرى  ۋە يەرلىك كوماندىرلار  تەرىپىدىن مەشىق قىلدۇرۇلدى. قىسقا مۇددەت ئىچىدە چىلپەڭزىدە تەربىيىلەنگەن بىر قىسىم تۆۋەن دەرىجىلىك ئوفىتسېرلار  ھەر قايسى قوشۇنلارغا تەقسىم قىلىندى ھەمدە يەنە  داۋاملىق تۈردە  ئۈچ ئايلىق ئوفىتسېر تەربىيىلەش كۇرسى ئېچىلدى.



            كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى ،  1945-يىلى، ئاپرىل ئايلىرىدا  سانى تەخمىنەن 15 مىڭ بولغان[35] مۇنتىزىم مىللىي ئارمىيىنىڭ يەتتە ئاتلىق ۋە پىيادە پولكى، ئۈچ ئاتلىق ۋە پىيادە مۇستەقىل  باتالىيونى ، بىر زەمبىرەكچىلەر باتالىيونى  ھەم بىر ئاتلىق مۇستەقىل ئېسكادرونىنىڭ جەڭگىۋار ۋە مۇنتىزىم ھالدا  جىڭ، شىخو، تارباغاتاي ۋە ئالتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان  تەڭرى تاغلىرىنىڭ شىمالىدىكى جايلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان گومىنداڭنىڭ ئۈچ   دىۋىزىيىگە يېقىن  مۇنتىزىم ھەربىي كۈچىنى تارمار قىلىپ، ئۈچ ۋىلايەتنى تولۇق ئازاد قىلىشىدا ھەمدە قوشۇننىڭ 1946-يىلى، 6-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا داۋاملىق كۆپىيىپ، تەخمىنەن 30 مىڭ كىشىلىك ئارمىيىگە ئايلىنىشىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇشقا بولمايدۇ.   ئۈچ ئايلىق مۇنتىزىملىشىش، قاتتىق ھەربىي مەشىق  ۋە ھەربىي تەييارلىق  ئۆمرىدە مىلتىق تۇتۇپ باقمىغان ئۇيغۇر دېھقان ياشلىرى ۋە  قازاق چارۋىچىلىرىنىڭ روھىدىكى  قەھرىمانلىقلارغا تېخىمۇ زور كۈچ قوشۇپ، ئۇلارنىڭ  گومىنداڭنىڭ ئەڭ ئىلغار قورال-ياراقلىرى بىلەن قوراللانغان، ياپونىيە ئارمىيىسى بىلەن جەڭ قىلىپ، تەجرىبىلەرگە ئىگە بولغان مۇنتىزىم قوشۇنلىرىنى، يەنى  غەربىي شىمالنىڭ يەرلىك پادىشاھى ھېسابلانغان مىلىتارىست خۇ زوڭنەنگە تەۋە 29- گۇرۇپپوۋاي ئارمىيىنىڭ يېڭى 2- كورپۇسىنى بىتچىت قىلىپ تاشلىيالىشىدا مۇھىم رول ئوينىدى.  ئەمما، شۇ نۇقتىنى ئەسكەرتىش زۆرۈركى،  ئەگەر باتۇر ئەسكەر بولمىسا، قوماندان قانچە جەڭگە ماھىر  ۋە يۇقىرى ھەربىي تەلىم-تەربىيىگە ئىگە بولسىمۇ بىكار. گومىنداڭنىڭ  يېڭى 2-كورپۇس قوماندانى گېنېرال لېيتىنانت لى تېجۈن،  يېڭى 45-دىۋىزىيە كوماندىرى گېنېرال مايور شې يىفېڭ ۋە گېنېرال مايور گۇچى،  زاپاس 7-دىۋىزىيە كوماندىرى لى يۈشاڭ، يېڭى 45-دىۋىزىيىنىڭ  پولك كوماندىرلىرىدىن  خۇ ۋېنسى ۋە باشقا پولكوۋنىكلار ھەمدە باتاليون ۋە  روتا كوماندىرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى خۇئاڭپۇ ھەربىي مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن كەسپىي ئوفىتسېرلار ئىدى. بۇلارنىڭ  ئۇزۇن مەزگىللىك جەڭ قىلىش تەجرىبىسى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى  جاڭ جېشىنىڭ 1927-يىلى،  شىمالغا يۈرۈش قىلىش ، 1928-1937-يىللىرى ئارىسىدا جۇڭگو قىزىل ئارمىيىسىنى قورشاپ يوقىتىش ئۇرۇشلىرىغا ھەمدە 1937-يىلىدىن كېيىن ياپونغا قارشى تۇرۇش قاتارلىق ئۇرۇشلارغا  قاتناشقان شۇنىڭدەك  كۆپلىگەن  جەڭلەرگە قوماندانلىق قىلغان كونا ھەربىي كوماندىرلار ۋە  گېنېراللار ئىدى.   بىراق، ئۇلار  ئۇيغۇر، قازاق،قىرغىز، تاتار، موڭغۇل ، تۇڭگان ۋە رۇس پارتىزانلىرى  ھەم   كوماندىرلىرىنىڭ قولىدا يېڭىلىپلا قالماستىن،  بەلكى يەنە 1945-يىلى، 5-ئايدىن كېيىن مۇنتىزىم مىللىي ئارمىيىنىڭ قولىدىمۇ داۋاملىق مەغلۇپ بولدى. گومىنداڭ  ھۆكۈمىتى  ئامالسىزلىقتىن <<ياتلارنى ياتلارنىڭ قولى بىلەن يوقىتىش>>  ئەنئەنىسى بويىچە گەنسۇدىكى ما بۇفاڭنىڭ قوماندانلىقىدىكى تۇڭگان ۋە سالا قاتارلىق مۇسۇلمان مىللەتلەرنى ئاساس قىلغان   ئاتلىق 5-كورپۇسنى يۆتكەپ كېلىپ، مۇسۇلمانلارنى مۇسۇلمانلار ئارقىلىق يوقاتماقچى بولدى.
      گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ ئىلى، تارباغاتاي  ۋە ئالتايدىكى پاجىئەلىك مەغلۇبىيەتلىرىدە تۈرلۈك ئامىل مەۋجۇت بار.  بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب، گومىنداڭ  ئوفىتسېر ۋە ئەسكەرلىرى قورقۇنچاق،  ئۆلۈمدىن قورقىدىغانلىقى، ئۇلاردا يەرلىك خەلقلەرنى دۈشمەن ھېسابلاش، ئۇلارنى كەمسىتىش، ھاقارەتلەش خاھىشى كۈچلۈك ئىدى.شۇ سەۋەبتىن ئۇلار بارلىق ئۇرۇش جەريانىدا ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەت خەلقىنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشەلمەي، ئارقا سەپسىز قالدى.
         گومىنداڭ ئوفىتسېرلىرى تېخىمۇ شۇنداق  بولۇپ، ئۆز ئەسكەرلىرىنىڭ ئۆلە-تىرىلىشىگە قارىماي، ئۆزلىرىنىڭ جېنىنى ساقلاشنى ئويلايتتى. بۇ خىل يەكۈننى ئەينى ۋاقىتتىكى گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ ئوفىسېرلىرىدىن بىرى دۇ شېزوڭمۇ شۇنداق چىقارغان ئىدى(36).

     شۇنىڭ بىلەن  بىر ۋاقىتتا يەنە يەرلىك مۇھىت ۋە ھاۋا كىلىماتىغا كۆنەلمىگەن گومىنداڭ ئەسكەرلىرى ۋە كوماندىرلىرى  ئۆزلىرىدىكى يۇقىرىقى بىر قاتار كەمچىللىكلىرى بىلەن قوشۇلۇپ، پارتىزانلار ۋە كېيىن مۇنتىزىم مىللىي ئارمىيىنىڭ زەربىلىرىگە مۇتلەق تەڭ كېلەلمىدى.  گومىنداڭ ئوفىتسېر- گېنېراللىرى  بولسا ئۆزلىرىنىڭ بۇ مەغلۇبىيىتىنى سوۋېت ئىتتىپاقىغا دۆڭگەپ، ھە- دېسىلا ئۆزلىرىنى سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى بىلەن جەڭ قىلغان، ئۆزلىرىنىڭ رەقىبلىرىنىڭ يەرلىك پارتىزانلار ئەمەس،  بەلكى مۇنتىزىم سوۋېت ئىتتىپاقى قىزىل ئارمىيىسى ئىكەنلىكىنى پەدەزلەپ، ئۆزلىرىدىن يۇقىرى باش قوماندانلىق شىتابلىرىغا مەلۇمات يوللاپ، ئۆزلىرىنى  جازاغا تارتىلىشتىن ساقلاپ قېلىشقا ئۇرۇندى.


        مۇنداق كۆپتۈرمە دوكلاتلار، يالغان مەلۇماتلار،  ھەرەمباغنى مۇداپىئە قىلغان گېنېرال مايور دۇ دېفۇدىن تارتىپ، باشتا غۇلجا ئەتراپىدا، كېيىن شىخودا مەغلۇپ بولغان يېڭى 45-دىۋىزىيە قوماندانى گېنېرال مايور  شې يىفېڭ، كەڭساي ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولغان زاپاس 7-دىۋىزىيە كوماندىرى گېنېرال مايور لى يۈشاڭ،  45-دىۋىزىيىنىڭ 3-پولكىنىڭ كوماندىرى پولكوۋنىك خۇ ۋېنسى،  ھەرەمباغنى مۇداپىئە قىلغان پولكوۋنىك ساۋ رىلىڭ،  جىڭدا مەغلۇپ بولۇپ ئەسىرگە چۈشكەن گېنېرال مايور گۇچى ھەتتا   مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابنى باستۇرۇشتىكى ھەربىي ھەرىكەتلەرگە باش قوماندانلىققا تەيىنلىنىپ، 1944-يىلى، 12-ئايدىن 1945-يىلى، 9-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتىكى بارلىق ھەربىي ھەرىكەتلەرگە قوماندانلىق قىلغان يېڭى 2-كورپۇس قوماندانى گېنېرال لېيتىنانت  لى تېجۈن قاتارلىقلارنىڭ قەلىمى بىلەنمۇ 8-ئۇرۇش رايونى قوماندانى جۇ شاۋلياڭ ۋە باشقىلارغا يوللانغان ئىدى.
      بۇ خىل كۆپتۈرۈلگەن  تېلېگراممىلار ۋە مەلۇماتلار  گومىنداڭ تارىخچىسى جاڭ داجۈننىڭ  << شىنجاڭدىكى 70 يىللىق بوران-چاپقۇن>>  ناملىق كىتابىدىن ئورۇن ئالغان.
       ھەقىقەتەن،  سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارتىزانلارغا ۋە مىللىي ئارمىيىگە  ياردەم بەرگەنلىكى راست، ئەمما بۇ ياردەملەرنىڭ چەكلىك بولغانلىقى، ھەرگىزمۇ مەغلۇپ بولغان گومىنداڭ ئوفىتسېرلىرىنىڭ يالغان ۋە كۆپتۈرمە  ئۇچۇرلىرىدا ئېيتىلغاندەك بولمىغانلىقىمۇ ھەقىقەت .  سوۋېت ئىتتىپاقى ئەينى ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ خەلقئارالىق ئابرويى ، ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق ئىتتىپاقداشلارغا بەرگەن ۋەدىلىرى ئۈچۈن  ھەرگىزمۇ ئىلى ئىنقىلابىنى ئاشكارا قوللىمىغان بولۇپ،    ئۆز ياردەملىرىنى  مۇتلەق مەخپىي تۈردە  كۆرسەتكەن ئىدى . شۇنىڭ ئۈچۈن موسكۋا   زور ساندىكى سوۋېت قىزىل ئارمىيە قوشۇنلىرىنى گومىنداڭ ئارمىيىسى بىلەن بىۋاسىتە جەڭ قىلىشقا ئەۋەتمىگەن بولۇپ، پەقەت ئايرىم ئەترەتلەر ۋە ياكى  ئوفىتسېرلارنى پارتىزانلار ھەم مۇنتىزىم مىللىي ئارمىيىنىڭ تەركىبىدە جەڭ قىلىشقا ئەۋەتكەن.  بۇلارنىڭ سانىمۇ كۆپ ئەمەس ئىدى.   بۇ   سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1934-يىلى، ۋە 1937-يىلى مۇنتىزىم قوشۇنلىرىدىن  ن ك ۋ د نىڭ ئالمۇتا 13-ئاتلىق پولكى قاتارلىق پولك دەرىجىلىك قوشۇننى  بىۋاسىتە ئۆلكىگە كىرگۈزۈپ تۇڭگان ۋە ئۇيغۇر  قوشۇنلىرى بىلەن جەڭ قىلدۇرغىنىغا ئوخشىمايتتى.

        ھەتتا مەخپىيەتلىك سەۋەبىدىن سوۋېت ئىتتىپاقى مەخسۇس ئورگانلىرى  ئىلىغا ئەۋەتكەن ئاتلىق پارتىزانلارنىڭ  كىيىملىرى، ئىشلەتكەن قوراللىرىغىچە  ئالماشتۇرىۋەتكەن ھەمدە خادىملارنىڭ يانلىرىدىكى ئەسلى سوۋېت ئىتتىپاقىغا مەنسۇپ بولغان كىملىك كىنىشكىلىرى ۋە بەلگىلىرىنى  يىغىۋالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ  ئۆزلىرىنىڭ  سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كەلگەنلىكىنى يەرلىك كىشىلەرگە ئېيتىشىمۇ چەكلەنگەن ئىدى. بىراق، مۇنتىزىم مىللىي ئارمىيە قۇرۇلغاندىن كېيىن، كوماندىرلار تەركىبىدىكى يەرلىك  كوماندىرلار  كىمنىڭ  سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كەلگەنلىكىنى بىلگەن بولسىمۇ، ئەمما  ئىنتىزام تۈپەيلىدىن داۋراڭ سېلىنمىغانلىقى مەلۇم.
        سوۋېت ئىتتىپاقى  مەيلى خەلقئارا سورۇنلاردا ۋە ياكى گومىنداڭ رەھبەرلىرى بىلەن بولغان سۆھبەتلەردە ھېچقاچان ئۆزىنىڭ  ئىلى ئىنقىلابىغا ھەربىي ياردەم بېرىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان ئەمەس. موسكۋا باشتىن  ئاخىرى بۇنى يەرلىك خەلقنىڭ  خاتا سىياسەت كەلتۈرۈپ چىقارغان ئازادلىق كۈرىشى ۋە قوزغىلىڭى ئىكەنلىكى ، بۇنىڭ بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھېچ بىر ئالاقىسى يوقلۇقىنى تەكىتلىگەن.

        بىراق، ئېتىراپ قىلىش لازىمكى، سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى  ئۆزلىرىنى قوزغىلاڭ بىلەن ئالاقىسى يوق دېگەن بىلەن بەرىبىر مەخپىي تۈردە   مىللىي ئارمىيىنى  چەكلىك دەرىجىدىكى ھەربىي ئىنسترۇكتور، ئوفىتسېر ۋە جەڭ قىلغۇچى خادىملار ھەم قورال-ياراق، ئوق-دورا ۋە ھەربىي ئەشيالار  بىلەن تەمىنلەشنى تاكى 1945-يىلى 10-ئايغىچە داۋاملاشتۇردى ھەمدە بىراقلا ئۆز ئادەملىرى،  قورال-ياراق ۋە ئوق -دورىلىرىنى ئېلىپ چىقىپ كەتتى.  بۇ قوراللار ۋە ئوق-دورىلار ھەم خام ئەشيالارنىڭ  بىر قىسىمى  باشتا  يېزا ئىگىلىك ۋە دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى  بىلەن ئالماشۇرۇلغان ئىدى. چۈنكى، ئىنقىلاب باشلانغاندا سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىنى ياۋروپادا جەڭ قىلىۋاتاتتى، سوۋېت ئىتتىپاقى ئۈچۈن ئاشلىق، مال-چارۋا، خام ئەشيا  قاتارلىق تۈرلۈك مەھسۇلاتلار كېرەك ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن سوۋېت ئىتتىپاقى قورال-ياراقلىرىنىڭ بىر قىسىمىنى بىكارغا بەرمىدى ھەمدە سودىنى يولغا قويۇپ، ئىلى، چۆچەكنىڭ سودىگەرلىرىنىڭ شۇنىڭدەك <<تەرەققىيات شىركىتى>>نىڭ  يەرلىك مەھسۇلاتلارنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يېنىك سانائەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئالماشتۇرۇشى ئۈچۈن يول ئاچقان ئىدى.


        مىللىي ئارمىيە ئارتىلىرىيە دىۋىزىيونىنىڭ كوماندىرى ئەسىھەت تېيىپوفنىڭ 2004-يىلى سۆزلەپ بېرىشىچە، ھەتتا سوۋېت ئىتتىپاقى ھەربىي مۇتەخەسسىسلىرى مىللىي ئارمىيىنىڭ ئارتىلىرىيە  دىۋىزىيونىنى قۇرۇش ئۈچۈن كەڭسايدا 1945-يىلى 3-ئايدىن باشلاپ رەسمىي تەربىيىلەشكە كىرىشكەن بولۇپ، 3-4 ئايلىق تەربىيىدىن كېيىن مىللىي ئارمىيىنىڭ ئارتىلىرىيە  دىۋىزىيونى قۇرۇپ  چىقىلىپ، جىڭ ۋە شىخو ئۇرۇشلىرىغا قاتناشقان ئىدى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەربىي  ياردەملىرى ئۈچۈن ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت رەئىسى ئەلىخان تۆرە 1945-يىلى ماي ئېيىدا مەخسۇس موسكۋا خەت يېزىپ، سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ كۆرسەتكەن ياردەملىرىگە رەھمەت بىلدۈرگەن[37].


       شۇنىڭدىن كېيىن يەنە سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى 1945-يىلى 6-ئايدا  قوزغىلاڭچىلارغا ياردەم بېرىپ، مىللىي ئارمىيىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن قىزىل  ئارمىيىنىڭ 500 نەپەر ئوفىتسېرى ۋە 2000 نەپەر ئەسكىرىنى ئەۋەتكەن[38].  سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرىنىڭ مەسئۇلى لاۋرېنتى بېرىيا  مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيورو ئەزاسى ۋە تاشقى ئىشلار كومىسسارى   ۋىچېسلاۋ مولوتوۋقا يازغان دوكلاتىدا   "   شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ قوزغىلاڭ ھەرىكەتلىرىگە قاتنىشىش ئۈچۈن   قىزىل ئارمىيىنىڭ ئوفىتسېر ۋە ئەسكەرلەرنى يەتكۈزۈش ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى" دەپ مەلۇمات بەرگەن[39].  
       بىراق،  بۇ قوشۇنلارنىڭ قايسى جەڭلەرگە قانداق شەكىلدە قاتناشقانلىقى ئېنىق ئەمەس.
         لېكىن، ھازىرغىچە مەلۇم بولغان ئۇچۇرلار كۆرسەتتىكى شىخو ۋە جىڭدىكى جەڭلەر  مىللىي ئارمىيىنىڭ ئەڭ شىددەتلىك ئۇرۇشلىرى بولۇپ،   بۇ ئۇرۇشلارغا مىللىي ئارمىيىنىڭ بارلىق كۈچى ۋە  بارلىق قىسىملىرى سېلىنغان ئىدى. ھازىرغىچە مەخسۇس سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىنىڭ ئايرىم بىر باتالىيونى ۋە ياكى بىر پولكىنىڭ جىڭ ۋە ياكى شىخو ئۇرۇش مەيدانىدا ئۆز ئالدىغا جەڭ قىلغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات  يوق.  

پەرەز قىلىشقا بولىدۇكى، مەزكۇر 500 ئوفىتسېر ۋە 2000 ئەسكەر بەلكى مىللىي ئارمىيىنىڭ شىمالىي ۋە ئوتتۇرا يۆنىلىشتىكى، بەلكى ئاساسلىقى ئوتتۇرا يۆنىلىشتىكى قىسىملىرىنىڭ ئارىسىغا چېچىۋېتىلگەن بولۇشى، ئوفىتسېرلارنىڭ بولسا، ھەر قايسى قىسىملارنىڭ ھەر دەرىجىلىك  كوماندىرلىق ۋەزىپىلىرىنى ئاتقۇرغان  بولۇشى  ئېھتىماللىققا   يېقىن، ئەگەردە سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى ئايرىم پولك ۋە ياكى ئايرىم باتالىيون سالاھىتىدە  جەڭ قىلغان بولسا بۇنىڭ ئاسانلا سىرتقا بىلىنىپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى.


       دېمەك،  كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىراز كەڭ كۆلەملىك ياردىمى مىللىي ئارمىيە قۇرۇلۇپ، رەسمىي ئۈچ فرونت بويىچە جەڭ قىلىشقا كىرىشكەندە بولغان. مۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب، جىڭ ۋە شىخودىكى   ئىككى دىۋىزىيە گومىنداڭ قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلىش ئۈچۈن  مىللىي ئارمىيىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش زۆرۈر ئىدى.  بېرىيا ئۆز دوكلاتىدا گومىنداڭنىڭ بۇ ئۆلكىگە <<70 مىڭ كىشىلىك مۇنتىزىم قوشۇنىنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقى>>نى ئالاھىدە ئەسكەرتىشى تەسادىپىي ئەمەس. بۇ ۋاقىتتا مىللىي ئارمىيىنىڭ قوماندانلىق شىتابىدا  تۈزۈلىدىغان ھەربىي ھەرىكەت پىلانلىرى، ئۇرۇش خەرىتىلىرى ۋە باشقا ھەربىي ئىشلارغا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرگە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەربىي خادىملىرىنىڭ قاتناشقانلىقى  ھەتتا مۇھىم رول ئوينىغانلىقى شۈبھىسىز.     سوپاخۇن سوۋۇروف  ئۆز ئەسلىمىسىدە مىللىي ئارمىيە قوماندانلىق شىتابىدا پۈتۈنلەي دېگۈدەك سوۋېتلىكلەرنىڭ بولغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرى دەل ئەنە شۇ يۇقىرىدا قەيت قىلىنغان مەلۇماتلار بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر.  سوپاخۇن سوۋۇروفنىڭ بۇ مەلۇماتلىرى مىللىي ئارمىيە شىتاب تەركىبىنى چۈشىنىشتە مۇھىم پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە.


4. سوپاخۇن  سوۋۇروف  قەلىمى ئاستىدىكى ئاقسۇ ئۇرۇشى ۋە  سوۋېت ئىتتىپاقى


  سوپاخۇننىڭ ئەسلىمىسىدە،  ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ۋە   مىللىي ئارمىيە قوماندانلىق شىتابى ئۇنى ئاقسۇدا پارتىزانلىق ئۇرۇشى قىلىشقا بەلگىلەيدۇ.  ئۇ مىللىي ئارمىيە شىتابىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ئۇ ئاقسۇغا بېرىش يوللىرىنى ۋە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىش ئۈچۈن  ئىسكەندەر بىلەن كۆرۈشىدۇ. ئىسكەندەر ئۇنى تېكەس پولكىغا ئېلىپ بارىدۇ. ئۇ يەردە نوغايبايېف، ئىسكەندەر قاتارلىقلار بىلەن ئاقسۇغا بېرىش  ھەربىي ھەرىكەت مەسىلىلىرىنى مۇھاكىمە قىلىدۇ.
سوپاخۇننىڭ ئەسلىمىسىدىكى بايانلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، سوپاخۇن باشلىق 100 دىن ئارتۇق  گومىنداڭنىڭ ئۇيغۇر ئەسكەرلىرى خىل قورال-ياراقلىرى بىلەن  مىللىي ئارمىيە تەرەپكە ئۆتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار بىر مەزگىل گۇمان بىلەن كۆزىتىلىدۇ. باش قوماندانى ئىۋان پالېنوۋ ئۇلارنىڭ قوراللىرىنى يىغىۋېلىپ، تارقاقلاشتۇرىۋېتىدۇ. ھەتتا شىتابتىكى بىر سوۋېتلىك پولكوۋنىك دەرىجىلىك ئوفىتسېر  ئۇنىڭدىن گۇمانلىق سوئال سورايدۇ.
سوپاخۇن سوۋۇروف  ئەترىتىنىڭ بىر مەزگىل گۇمان ئاستىدا بولغانلىقى زىيا سەمەدىنىڭ " ئەخمەت ئەپەندى"  ناملىق ھۆججەتلىك  بىئوگرافىك رومانىدىمۇ  ئەسلىتىلىپ ئۆتۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ يېزىشىچە، قوماندانلىق شىتابىدىكى << ئاق باش>> لەقەملىك سوۋېتلىك مەسلىھەتچى سوپاخۇن ئەترىتىگە ھەمدە ئۇنىڭ پارتىزانلىرىنىڭ جەنۇبقا ئەۋەتىلىشىگە گۇمانلىق قارايدۇ. مۇنداق گۇماننىڭ  ئاساسلىقى سوۋېت ئوفىتسېرلىرى ، بولۇپمۇ 2-دوم تەرىپىدىن بولغانلىقىنى پەرەز قىلىش مۇمكىن.
       شۇنى، ئەسكەرتىش كېرەككى،   سوپاخۇن، قاسىمجان قەمبىرى ۋە ئابدۇكېرىم ئابباسوف قاتارلىق  ئەسلى كېلىپ چىقىشى جەنۇبلۇق بولغان كىشىلەرنىڭ  ھەربىي-سىياسىي مەسئۇللىقىدا 200 كىشىلىك پارتىزان ئەترىتىنى ( سىياسىي تەشۋىقات ۋە سودا-ئارقا سەپ خادىملىرىمۇ ئۆز ئىچىدە) ئاقسۇ تەۋەسىگە چۈشۈرۈشى   ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭلا پىلانى بولماستىن بەلكى  مىللىي ئارمىيە شىتابى ۋە 2-دومنىڭ پىلانى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. چۈنكى، بۇ ۋاقىتتا مىللىي ئارمىيىنىڭ ئاساسلىق ھۇجۇم نىشانى جىڭ ۋە شىخودىن ئىبارە ئوتتۇرا يۆنىلىش  بولۇپ، ئەگەردە ئوتتۇرا يۆنىلىشتە غەلىبە قىلىنسا، شىمال ۋە جەنۇبىي يۆنىلىشنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولاتتى. جىڭ ۋە شىخو لىنىيىسىگە گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ ئاساسىي كۈچى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ ئىككى نۇقتا مىللىي ئارمىيىنىڭ پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىنى ئازاد قىلىپ، گومىنداڭ قوشۇنلىرىنى شىڭ  شىڭشادىن قوغلاپ چىقىرىشىنىڭ ئاچقۇچى  ئىدى. ئەمما، يەنە بىر خەتەر شۇكى،   مىللىي ئارمىيە پۈتۈن كۈچىنى  شىمال ۋە ئوتتۇرا يۆنىلىشتىكى ئۇرۇشقا سېلىپ، غۇلجىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئارقا سەپلەردە ئەسكەر قالمىغان مۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئاقسۇ، قەشقەر ۋە كۇچاردىكى گومىنداڭ قوشۇنلىرى كۈچىنى توپلاپ مۇزداۋان ئارقىلىق  ئىلىغا ھۇجۇم قىلىپ، مىللىي ئارمىيىنىڭ ئارقا سېپىنى بۆسۈپ تاشلىشى مۇمكىن ئىدى. مۇنداق نازۇك  ئەھۋال ئاستىدا قوماندانلىق شىتاب  سوپاخۇن ئەترىتىنى  ئاقسۇغا ئەۋەتىپ،  پارتىزانلىق ئۇرۇشى قىلىپ، دۈشمەننى ئۆزىگە جەلىپ قىلىپ تۇرۇش ئارقىلىق ئوتتۇرا يۆنىلىش ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولدى.  مەزكۇر  ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان بۇ ھەربىي ھەرىكەتكە 2-دوم گېنېرالى ۋلادىمىر ستېپانوۋىچ ئېگناروۋنىڭ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى شۇنىڭدەك ئۇنىڭ موسكۋانى خەۋەردار قىلىشى تەبىئىي ئىدى.
سوپاخۇننىڭ بايان قىلىشىچە،  ئاقسۇدىكى پارتىزانلىق ھەرىكەتنىڭ  ئىنتايىن مۇھىملىقىنى باش قوماندان پالېنوۋ ئۆزى  بىۋاسىتە تەكىتلەيدۇ ھەمدە ۋەزىپە تاپشۇرىدۇ.

        ئاقسۇدىكى بۇ ھەربىي ھەرىكەتنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ ئەنە شۇنداق  ناھايىتى مۇھىملىقى تۈپەيلىدىن 2-دوم  مەخسۇس تۈردە يۇقىرى دەرىجىلىك ئىككى ھەربىي خادىم  زاكىر تۆرە بىلەن ئىسكەندەر ئەپەندىنى سوپاخۇن ئەترىتىگە باش مەسلىھەتچىلىككە تەيىنلىگەن ئىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى  ن ك  ۋد سى ( خەلق ئىچكى ئىشلار كومىسسارىياتى)نىڭ پودپولكوۋنىك دەرىجىلىك مەزكۇر ئىككى ئوفىتسېرى بىۋاسىتە گېنېرال ئېگناروۋقا بويسۇنىدىغان بولۇپ،  زاكىر تۆرىنىڭ كېيىن يېزىپ قالدۇرغان ئاقسۇ ئۇرۇشى ھەققىدىكى ئەسلىمىسىدە ئۆزىنىڭ  ۋە ئىسكەندەرنىڭ بۇ ۋەزىپىگە  ۋلادىمىر ستېپانوۋىچ تەرىپىدىن تەيىنلەنگەنلىكىنى يازىدۇ. ئۇنىڭ نەزىرىدە مىللىي ئارمىيە باش شىتابى ئەمەس، بەلكى  ۋلادىمىر ئېگناروۋلا مەۋجۇت ئىدى. زاكىر ئەسلىمىسىدە   يۇقىرىنىڭ  سوپاخۇن ئەترىتىنى ئۆزىنىڭ رەھبەرلىكى ئاستىغا تاپشۇرغانلىقىنى شۇنىڭدەك ئەترەتنى ئاقسۇغا ئۇزىتىش مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن  كېيىن دەرھال غۇلجىغا  قايتىپ، ئەھۋالنى ۋلادىمىر ستېپانوۋىچقا دوكلات قىلغانلىقىنى يازىدۇ. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ بۇرۇنلا ئاقسۇغا  مەخپىي ئادەملەرنى ئەۋەتكەنلىكى، ئەلىخان تۆرىگە تەشۋىقات چاقىرىقلىرىنى يازدۇرۇپ، بۇ تەشۋىقاتلارنى  ئاقسۇ تەۋەسىدىكى مەسچىتلەرگە تاشلاتقانلىقىنى بايان قىلىدۇ.
        سوپاخۇن ئۈچۈن ئۆزى بىلەن بىرگە   ئاقسۇغا چۈشكەن زاكىر  ۋە ئىسكەندەر دېگەن كىشىلەر ئۆز ھەرىكىتىگە ئەڭ  تەسىر كۆرسەتكەن شەخسلەردۇر. بولۇپمۇ  سوپاخۇن بىلەن زاكىرنىڭ بىۋاسىتە ھەربىي ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى بولۇپ، ئۇ زاكىر بىلەن بولغان مۇناسىۋەت ھەققىدە بىر قەدەر كۆپرەك بايان قىلىدۇ.  ئاقسۇدىن چېكىنىش بۇيرۇقى كېلىپ، پارتىزانلار چېكىنىپ، قورغانغا كېلىپ ، 10 كۈندىن ئارتۇق ۋاقىت تۇرۇپ قالىدۇ. زاكىر تۆرە بۇ ۋاقىتتا قورغاندا مەخسۇس رادىئو ئالاقە پونكىتى قۇرۇپ، ئۆزىنىڭ رۇس رادىستى  بىلەن تۇراتتى.  سوپاخۇن  قورغاندا  ئۇنىڭدىن ئاقسۇدىن نېمە ئۈچۈن چېكىنگەنلىكنىڭ سەۋەبىنى سورىغاندا، ئۇ  " بىلمەيمەن"  دەپ  جاۋاب بېرىپ، بۇ مەسىلىدىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ. شۇنىڭدەك ئۇ سوپاخۇندىن ئاقسۇ ئەتراپىغا ما بۇفاڭنىڭ  قوشۇنلىرىنىڭ كەلگەن ياكى كەلمىگەنلىك ئەھۋالىنى ئېنىقلاشنى تەلەپ قىلىدۇ. سوپاخۇن ئىبرايىماخۇن ئىسىملىك كىشىنى ئەۋەتىپ،  5-كورپۇسنىڭ تېخى  ئاقسۇغا  كەلمىگەنلىكى ، ئەمما پات يېقىندا كېلىدىغانلىقى ۋە غۇلجىغا  ھۇجۇم قىلىشى مۇمكىنلىكىگە ئائىت ئۇچۇرنى ئىگىلەپ يەتكۈزىدۇ.  بۇ ئۇچۇر زاكىرنى ئىنتايىن خۇشال قىلىۋېتىدۇ.
        1945-يىلى، 12-ئايدا  سوپاخۇن  غۇلجىغا قايتقاندىن كېيىن، زاكىرنىڭ تەكلىپى  بىلەن  ئۇنىڭ ئۆيىدە 1946-يىلىنىڭ يېڭى يىلىنى بىرلىكتە كۈتۈۋېلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ. سوپاخۇننىڭ يېزىشىچە، بۇ يەردىكى سورۇندىكىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك سوۋېتلىك ئوفىتسېرلار ۋە گېنېراللار بولۇپ،  بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىسكەندەرمۇ بار ئىدى.  ئىسكەندەر ئاقسۇغا  بارغان سوپاخۇن، قاسىمجان قەمبىرى ۋە سىدىق ھاجىلار بىلەن بۇ يەردە قۇچاقلىشىپ كۆرۈشىدۇ.  مېھماندارچىلىق تازا قىزىپ، ھاراقلار يېتەرلىك ئىچىلگەندىن كېيىن، زاكىر سوپاخۇننى ئايرىم خانىغا باشلاپ، ئۇنىڭغا ئۆزلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئاقسۇدىن چېكىنىشىنىڭ سەۋەبىنى ھېچكىمگە ئېيتماسلىق شەرتى بىلەن سۆزلەپ بېرىدۇ.  ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئاقسۇدىكى ئۇرۇشنى توختىتىش بىۋاسىتە موسكۋا ئارقىلىق ئىلى باش قوماندانلىق شىتابىدىن   كەلگەن. ئىلى شىتابى موسكۋانىڭ تېلېفونىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن  كېيىن ئاقسۇدىن چېكىنىش بۇيرۇقىنى چۈشۈرگەن. زاكىر يەنە  ستالىن بىلەن جاڭ كەيشىنىڭ پۈتۈشكەنلىكى، ئەمدى ئۇرۇش بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىدۇ[40]. سوپاخۇننىڭ يېزىشىچە،  مانا بۇ ئۇنىڭ زاكىر تۆرىنى ۋە ئىسكەندەرنى  ئاخىرقى بىر قېتىم كۆرۈشى  بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ زاكىر ۋە ئىسكەندەرنى  ئىككىنچى قېتىم كۆرمىگەن. 

        شۇنى ئەسكەرتىشنى مۇۋاپىق تاپتىمكى،  پارتىزانلار باينى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن،   پارتىزان رەھبەرلىرى  ئىككى نەپەر سوۋېتلىك ھەربىي مەسلىھەتچى  زاكىر بىلەن ئىسكەندەرلەرنىڭ قاتنىشىشى بىلەن     ئۇرۇشنى ئاقسۇ شەھىرى ئەتراپىغىچە كېڭەيتىش،  مۇز داۋان يولىنى ئېچىش  مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلىدۇ. ئاخىرى  ئالدى بىلەن قورغاننى ئازاد قىلىپ، مۇز داۋان يولىنى ئېچىش قارار قىلىنىدۇ.
 

      زاكىر  تۆرە ئاقسۇ ئۇرۇشى ۋە سوپاخۇن  ھەققىدە يازغان قىسقا ئەسلىمىسىدە  ئەسلىدە پارتىزانلارنىڭ ئاقسۇ ئەتراپىغا بېرىش ۋە ئاقسۇغا ھۇجۇم قىلىش نىيىتى بولمىغانلىقى، قورغاننى ئازاد قىلغاندىن كېيىن، ئۈمىد تۇغۇلۇپ، ئىنقىلابنى كېڭەيتىش قارارىغا  كەلگەنلىكىدىن ئىبارەت پارتىزانلارنىڭ يېڭىدىن چىقارغان بۇ قارارىنى ۋلادىمىر ستېپانوۋىچقا يەتكۈزۈپ،  ئۆزى ۋە ئىسكەندەرنىڭ غۇلجىدىن ياردەم ئېلىش ئۈچۈن كەتكەنلىكىنى يازغان .
بۇ ۋاقىتتا پارتىزان رەھبەرلىرى ئارىسىدا كۇچارغا ھۇجۇم قىلىش، قورغانغا  ھۇجۇم قىلىش ۋە ئۇچتۇرپانغا ھۇجۇم قىلىش ھەمدە ئاقسۇغا ھۇجۇم قىلىشتىن ئىبارەت بىر قانچە تاللاش بار  بولۇپ، ئۇلار ئۇزاق تالاش-تارتىش قىلغان ھەمدە ئابدۇكېرىم ئابباسوفنىڭ ئۇچتۇرپاننى ئازاد قىلىپ، بۇ يەرنى بازىغا ئايلاندۇرۇش، ئەگەردە مەغلۇپ بولسا ئۇچتۇرپان ئارقىلىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا چېكىنىش ھەم ئۇ يەردىن ياردەم ئېلىش تەكلىپى  مەزكۇر سوۋېت مەسلىھەتچىلىرى تەرىپىدىن  سۈكۈت ئىچىدە قارشى ئېلىنمايدۇ.   كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى،   سوۋېت مەسلىھەتچىلىرى  ئابباسوفنىڭ   بۇ تەكلىپىنى  بۇ ئىنقىلابنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەنلىك سىرىنى  ئاشكارىلاپ قويۇشقا ئېلىپ كېلىدۇ دەپ چۈشەنگەن.  سوپاخۇننىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، سوۋېتلىك بۇ مەسلىھەتچىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئەسىرگە چۈشۈپ قېلىشىدىن بەك ئەنسىرەيتتى.  زاكىر بىلەن ئىسكەندەر  پارتىزان قوماندانلىرىنىڭ ئاقسۇغا ھۇجۇم قىلىش پىلانىنى  مۇۋاپىق دەپ قاراپ ، ئالدى بىلەن غۇلجىدىن رۇخسەت سوراش قارارىغا كەلگەن ئىدى. زاكىرنىڭ ئەسلىمىسىدە ئېيتىلىشىچە، ئەسلىدە ئۇلارغا ئاقسۇغا  ھۇجۇم قىلىپ، ئالتە شەھەردە كەڭ ئىنقىلاب قوزغاش ۋەزىپىسى بېرىلمىگەن.  ئۇنىڭ يېزىشىچە، بۇنىڭ  ئۈچۈن  گېنېرال ئېگناروۋنىڭ رازىلىقىنى ئېلىش كېرەك ئىدى. شۇنى ئەسكەرتىش كېرەككى، ئۇنىڭ ئەسلىمىسىدە بۇ مەسىلىسىنى  قارار قىلىدىغان ئادەم يەنىلا ئېگناروۋتۇر.  بىراق، ئۇ غۇلجىدىن خەۋەر ئېلىپ كەلگىچە سوپاخۇنلار  ئاقسۇ ۋە كونىشەرلەرگە ھۇجۇم قىلىپ، بۇ جايلارنى ئازاد قىلىپ بولدى. ئەمما، ئاقسۇغا قىلغان بىرىنچى قېتىملىق ھۇجۇم مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىدى ھەتتا   كونىشەھەردە  ئاقسۇدىكى گومىنداڭ كۈچلىرى بىلەن ئۇچتۇرپاندىن كەلگەن 300 دەك قوشۇننىڭ بىرلىشىپ قىلغان  ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.  دۈشمەننىڭ يالغان تەسلىم بولغانلىق ھىلىيىسىگە ئالدانغان، ئۇرۇش تەجرىبىسىگە ئىگە ئەمەس، ياش ئابدۇكېرىم ئابباسوفنىڭ سوپاخۇننىڭ  تەكلىپىنى رەت قىلىپ، دۈشمەنگە ئوق چىقارماسلىق بۇيرۇقى بەرگەن ئىدى. دۈشمەن پارتىزانلارغا يېقىنلىشىۋېلىپ بىراقلا ھۇجۇم قىلدى ،نەتىجىدە،   پارتىزانلار ئاقسۇ تەۋەسىگە چۈشكەندىن كېيىن تۇنجى قېتىم ئەڭ ئېغىر بىر زەربىگە ئۇچرىدى. بۇنىڭ خەلق ۋە جەڭچىلەر ئىچىدىكى تەسىرى ناھايىتى يامان بولدى[41]. پارتىزانلار قايتىدىن ئاقسۇ شەھىرىگە كىرىپ، قورشاشنى داۋاملاشتۇردى ۋە يىغىن ئېچىپ، ۋەزىيەتنى مۇھاكىمە قىلدى. بۇ ۋاقىتتا ئىلىدىكى مىللىي ئارمىيە شىتابى ئاقسۇ شەھىرىنى ئازاد قىلىش جېڭىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن  كۆلىمى چوڭراق ھېچقانداق ئەسكىرى كۈچ ئەۋەتمىگەن بولۇپ، سوپاخۇن بۇنىڭ سەۋەبىنى مۇنداق دەپ يازىدۇ:

     " بىزنىڭ كۈچىمىز ئاز، ياردەم تېخى يېتىپ كەلمىدى. ياردەمگە كەلمەسلىكىنىڭ سەۋەبى بەلكى بىز ماڭغاندا، سىلەر جەنۇبىي شىنجاڭغا ئۆتۈپ، دۈشمەن قوشۇنلىرىنىڭ ئىلى تەرەپكە ئۆتۈشىنى قاتتىق توسايسىلەر، رازۋېتكا، پارتىزان ئۇرۇشى قىلىپ، دۈشمەننى ساراسىمگە  سېلىپ تۇرىسىلەر، دېگەن ئىدى. بىرەر شەھەرنى ئالىسىلەر دەپ تاپشۇرمىغان ، شۇڭا ئۇلار بىزنى پارتىزانلىق ئۇرۇشى قىلىۋاتىدۇ دەپ  قاراپ  ياردەمگە قىسىم ئەۋەتمىگەن بولۇشى مۇمكىن" .[42]

       زاكىر ئۆزىنىڭ ئەسلىمىسىدە "   بىز، مەن ۋە ئىۋان  ئىۋانوۋىچ،  بىر قانچە يارىدار ۋە قۇربانجان سوپاخۇننى  ئەترەت بىلەن قورغاندا قالدۇرۇپ، مۇزارت داۋىنى ئارقىلىق تېكەس ۋادىسىغا كەتتۇق. سوپاخۇنغا    ياردەمچى قوشۇن كەلمىگىچە   قورغاننى قوغداپ تۇرۇش بۇيرۇقى بېرىلدى"  دەپ يازغان[43]. ئۇلار قالماقكۈرەگە كەلگەندىن كېيىن، ئۆزئارا مەسلىھەتلىشىپ، ۋلادىمىر ستېپانوۋىچقا مەلۇم قىلماي تۇرۇپلا، شۇ يەردىكى كارىلوۋ كوماندىرلىقىدىكى موڭغۇللار  پولكىدىن بىر ئېسكادروننى سوپاخۇنغا ياردەمگە ئەۋەتىدۇ.  زاكىر سوپاخۇنلارنىڭ بۇ موڭغۇل ئېسكادرونى  بىلەن ئاقسۇغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئەسلەيدۇ.  سوپاخۇننىڭ ئەسلىمىسىدىن مەلۇم  بولۇشىچە، سوپاخۇن ، بۇ كىچىك ئەترەتنى  ئىلىدىكى باش شىتاب ئەۋەتتى دەپ خاتا چۈشىنىپ قالغان. ئەمەلىيەتتە، بۇلارنى زاكىر  بىلەن ئىسكەندەر ئەۋەتكەن بولۇپ، باش شىتاب كېيىن خەۋەر تاپقان.
ئىسكەندەر ۋە زاكىر تۆرە غۇلجىغا  قايتقاندىن كېيىن، ئىلى مىللىي ئارمىيە شىتابى ۋەزىيەتتىن خەۋەردار بولىدۇ.  پەقەت بىر ئېسكادرون ئەسكەرنى  تەلەمەت ئارقىلىق باي ئەتراپىغا ئەۋەتىپ، كۇچاردىن كېلىدىغان دۈشمەننى توسۇشقا سالغان.   9-ئاينىڭ بېشىدا   يەنە ئىككى ئېسكادرون  ئەلىخان تۆرىنىڭ ئوغلى  ئاسىلخان ۋە   مىرزىگۈل ناسىروف قاتارلىقلارنىڭ  مەسئۇللۇقىدا  ياردەمگە كەلگەن بولۇپ، بۇلار  تەلەمەت داۋىنى ئارقىلىق ئۆتكەن ھەمدە  باي ۋە   كۇچار ئەتراپىدا جەڭ قىلغاندىن كېيىن. ئۇلارنىڭ بىر ئېسكادرونى شۇ ئەتراپتا قالدۇرۇلۇپ،   ئاسىلخان ۋە مىرزىگۇل باشچىلىقىدىكى ئەترەت  جامغا كېلىپ، ئۇ يەردە سوپاخۇن ئەترىتى بىلەن بىرلەشكەندىن كېيىن قايتىدىن كونا شەھەرگە ھۇجۇم قىلىپ، ئاقسۇنى قورشاۋغا ئالدى.

مىرزىگۇل ۋە ئاسىلخان باشچىلىقىدىكى بۇ ئەترەتنىڭ تەركىبىدىكى  ئىككى ئېسكادروندا   تېگى ئۆزبېكىستانلىق  ئۇيغۇرلاردىن، سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىنىڭ ئوفىتسېرلىرىدىن  قوچقاروف ۋە يەتتەسۇلۇقلاردىن مىرزىگۈل ناسىروف قاتارلىق كوماندىرلار بار ئىدى.   مەلۇم بولۇشىچە،  ئازغىنا بۇ ياردەمچى ئېسكادرونلارنى ئەلىخان تۆرە ئاقسۇنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تېپىپ، ئۆزى بىۋاسىتە بۇيرۇق بىلەن ئەۋەتكەن بولۇپ، ئەمەلىيەتتە  بۇ  غۇلجىدىكى  جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتىنى مۇھاپىزەت قىلىدىغان مۇھاپىزەت باتالىيونىدىن ئىبارەت ئىدى. سوپاخۇننىڭ يېزىشىچە، مەزكۇر مۇھاپىزەت ئەترىتىدە كۆپ ساندا ئۆزبېك پەرزەنتلىرى بولغان ئىكەن. ئەلۋەتتە،  بۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ يەنىلا ئاساسلىق سالماقنى ئىگىلەيدىغانلىقى تەبىئىي. ئەينى ۋاقىتتا غۇلجا شەھىرىدە بۇ باتالىيوندىن باشقا يېتەرلىك كۈچ يوق بولۇپ، ھەممىسى ئالدىنقى سەپتە ئىدى.
        شۇ ۋاقىتتا يەنە ئىلى باش شىتابى سوپاخۇنغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن سوۋېتلىك  ئوفىتسېر ،  پودپولكوۋنىك  دىنىسكوفنىڭ باشچىلىقىدا  ئون نەچچە  رۇس، ئۆزبېك، ئۇيغۇر ۋە  قىرغىز  ئوفىتسېرلارنى ئەۋەتتى. بۇلارنىڭ بەزىلىرى پارتىزان شىتابىغا ، بەزىلىرى ئېسكادرونلارغا كوماندىر ۋە ياكى مۇئاۋىن كوماندىرلىق ۋەزىپىسىگە ئورۇنلاشتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە 2-دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقانلارمۇ بار ئىدى[44]. ئاقسۇغا كەلگەن بۇ سوۋېتلىك مەسلىھەتچىلەرنىڭ   ئەڭ يۇقىرى ئۇنۋانلىقى پودپولكوۋنىك دىسىنىكوف   بولۇپ، ئۇ ئىسكەندەر ۋە  زاكىر قاتارلىقلارنىڭ ۋەزىپىسىنى تاپشۇرىۋالغان ئىدى.   ئەمما،  دىسىنىكوفنىڭ پائالىيەتلىرى ھەققىدە كۆپ ئۇچۇرلار يوق.  بىراق  ،  پارتىزانلارنى ئاقسۇدىن چېكىندۈرۈشە ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قوراللىرىنى يىغىۋېلىپ ئېلىپ كېتىشتە ئۇنىڭ رولى چوڭ بولۇشى تەبىئىي.  دىسىنىكوف باشچىلىقىدىكى مەسلىھەتچىلەر ئەترىتىنىڭ ئاقسۇ جەڭ مەيدانىدا ھېچقانداق كۆرۈنەرلىك رولى بولمىغان بولۇپ،  2-قېتىملىق مەسلىھەتچىلەرنىڭ ئەۋەتىلىشى ئەمەلىيەتتە  سوپاخۇن،  قاسىمجان قەمبىرى، ئابدۇكېرىم ئابباسوف ۋە كېيىن قوشۇلغان ئاسىلخان ھەم مىرزىگۈل  قاتارلىق كوماندىرلارنىڭ  پائالىيەتلىرىنى نازارەت قىلىشتىن ئىبارەت بولسا كېرەك. بولۇپمۇ، ئەلىخان تۆرىنىڭ ئۆز ئوغلى ئاسىلخاننى مىرزىگۈل ناسىروف بىلەن قوشۇپ بىۋاسىتە ئاقسۇغا   ئەۋەتىشى  2-دومنى بىئارام قىلغان بولۇشى ئېھتىمالللىقا ئۇيغۇن.

        قىسقىسى،   مىللىي ئارمىيە قوماندانلىق شىتابىنىڭ ئاقسۇغا چۈشكەن ئاتلىق پارتىزان ئەترىتىنىڭ  ئىككى ئايدىن ئارتۇق ۋاقىت ئېلىپ بارغان  ئۇرۇشلىرى جەريانىدا ئەۋەتكەن  ياردەمچى قوشۇنى  ئىلگىرى-كېيىن بىر باتالىيونغا يەتمەيدىغان  ئەترەتلەر  بولۇپ،    پارتىزانلار يەرلىك پىدائىيلارنىڭ كۆپلەپ قوشۇلۇشىنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنى قورال-ياراق بىلەن تەمىنلەشتە قىينالدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە ئۇلار ئاقسۇ ئەتراپىدا جەڭ قىلىش ۋە ئاقسۇنى قورشاش جەريانىدا  پەقەت گومىنداڭ قوشۇنلىرىدىن ئولجا ئالغان ئوق-دورىلارغىلا تايىنىشقا مەجبۇر بولغان بولۇپ، سوپاخۇن قاتارلىق رەھبەرلەر ئىلىغا ئادەم ئەۋەتىپ ياردەمچى قوشۇن  ۋە ئوق-دورا ئەۋەتىشنى  بىر قانچە قېتىم تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئىلىدىكى قوماندانلىق شىتابى بۇنىڭغا قۇلاق سالمىدى. شۇ سەۋەبتىن پارتىزانلارنىڭ ئوق-دورىلىرىنى ئازلاپ، قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى. ئاسىلخان بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ يازىدۇ؛
      " ئۆزىمىزدىكى بارلىق ئوقلار ساناقلىقلا قېلىپ، ھۇجۇمنى داۋاملاشتۇرالماي ، تەكرار مۇزاراتقا  ئوق سوراپ  ئادەم ئەۋەتتۇق. ئەۋەتكەن ئادەملىرىمىزنى  يەنە قۇرۇق ۋەدىلەرنى قىلىپ قايتۇردى" [45]. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە پارتىزانلار شىتابى ئاقسۇ سېپىلىنىڭ ئاستىغا پارتلاتقۇچ دورىسى كۆمۈپ، سېپىلنى پارتلىتىش ئارقىلىق شەھەرگە ھۇجۇم قىلىپ كىرىش ئۈچۈن مەخپىي  لەخمە كولاپ سېپىل تۈۋىگىچە ئەكىلىپ، غۇلجىدىن پارتلىتىش دورىسى كېلىشىنى كۈتكەن بولسىمۇ، ئەمما پارتلىتىش دورىسى  يېتىپ كەلمىگەن. پارتىزان رەھبەرلىرى پارتلىتىش دورىسى ۋە  ئوق-دورا تەلەپ قىلىپ، ئاخىرقى قېتىم ئادەم ئەۋەتكەن  بولسىمۇ، مۇزارت داۋىنىدا تۇرىدىغان مىللىي ئارمىيە شىتابىنىڭ ۋەكىللىرى  غايىپ بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئىشمۇ بىكار بولغان[46].



         مىللىي ئارمىيە باش شىتابى   بىر ئاي ئەتراپىدا داۋاملاشقان ئاقسۇنى قورشاپ ھۇجۇم قىلىش ئۇرۇشىغا  بىرەر پولك دەرىجىلىك قوشۇن ۋە ياكى بىرەر  مىناميوتچىلار روتىسى ھەم ئېغىر قوراللارنى ئەۋەتمىگەن ئىدى. بۇلاردىن باشقا يەنە زور ساندىكى پۇقرالار پىدائىي بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارغا ئىلى تەرەپتىن قورال-ياراق ۋە ئوق-دورىلار يېتەرلىك دەرىجىدە  ئەۋەتىلمىگەنلىكى ئۈچۈن   قوراللىنىش ئەھۋالى ناچار ئىدى. ئەمەلىيەتتە، 9-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا  مىللىي ئارمىيىنىڭ دەرھال قوشۇن ئاجرىتىپ، ئاقسۇغا ھۇجۇم قىلىش مۇمكىنچىلىكى شەكىللەنگەن بولۇپ، مىللىي ئارمىيە  7-ئاينىڭ 31-كۈنى چۆچەكنى ،  9-ئاينىڭ 5-كۈنى ئالتاينى،  9-ئاينىڭ 8-كۈنى شىخونى، 9-ئاينىڭ 8-كۈنى جىڭنى ئازاد قىلىپ، ئۈچ ۋىلايەت بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ بولغان ئىدى. مىللىي ئارمىيە شىتابىنىڭ بۇ ۋاقىتتا ئاقسۇنى قورشاپ تۇرغان پارتىزانلارغا بىر ئەمەس، ھەتتا ئىككى پولك ئەۋەتىش مۇمكىنچىلىكى تامامەن بار ئىدى.  ئەمما، ئاقسۇنى قورشاپ ياتقان پارتىزان كوماندىرلىرى ۋە ھۆكۈمەت  ۋەكىللىرى، ھەتتا غۇلجىدىكى جۇمھۇرىيەت  ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىرىمۇ   بۇ ۋاقىتتا ستالىن رەھبەرلىكىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيورىسىنىڭ  14-ئاۋغۇست كۈنى  سوۋېت-جۇڭگو دوستلۇق شەرتنامىسى ئىمزالاپ، ئۆزلىرىنىڭ يالتا كېلىشىمىدە ئېرىشكەن  ئىمتىياز-مەنپەئەتلىرى  نەنجىڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن كاپالەتكە ئىگە قىلىنغاندىن  كېيىن، مىللىي ئارمىيىنىڭ ھۇجۇملىرىنى توختىتىش  ھەم   <<شەرقىي تۈركىستان  جۇمھۇرىيەت>> ھۆكۈمىتىنى نەنجىڭ ھۆكۈمىتى بىلە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە قىستاپ، ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇش قارارىغا كەلگەنلىكىدىن بىخەۋەر ئىدى. ستالىن ھۆكۈمىتى مىللىي ئارمىيە قوشۇنلىرىنىڭ ماناس دەرياسى بويىغا كەلگەندىن كېيىن، بارلىق  ھەربىي ھەرىكەتلەرنى توختىتىشىنى بۇيرۇق قىلغاندىن كېيىنلا ئەلىخان تۆرە باشلىق قوزغىلاڭ رەھبەرلىرى ۋەزىيەت ۋە موسكۋانىڭ مەقسىتىنى چۈشىنىپ يەتكەن ئىدى. ئەلىخان تۆرە مىللىي ئارمىيە باش قوماندانى ئىۋان پالېنوۋقا ئۈرۈمچىگە ھۇجۇم قىلىش بۇيرۇقى بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما پالېنوۋ ئۇنىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلدى ھەمدە ئۆزىنىڭ پەقەت موسكۋانىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى[47]. دېمەك، بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا  مىللىي ئارمىيە باش شىتابى ئاقسۇغا قوشۇن ئەۋەتىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
          ئاقسۇنى ئازاد قىلىش ئەسلىدىنلا باش شىتاب تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن ئەمەس بولۇپ، كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، موسكۋا  باشتىن ئاخىرى پارتىزانلارنىڭ  تەڭرى تاغلىرىنىڭ جەنۇبىدىكى چوڭ شەھەرلەرنىڭ بىرى بولغان ئاقسۇ شەھىرىنى ئىشغال قىلىش، ئارقىدىن پۈتۈن ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئازاد قىلىنىپ، جەنۇبنىڭ بىر تۇتاش ئازاد رايون بولۇشىنى خالىمىغان. مەيلى، تاشقورغاننى بازا قىلغان قەشقەر تەۋەسىدىكى جەڭلەر ۋە ئاقسۇ تەۋەسىدىكى جەڭلەرنىڭ ھەممىسى پەقەت  تەڭرى  تاغلىرىنىڭ شىمالىدىكى كەڭ كۆلەملىك ھەربىي  ھەرىكەتنىڭ ئارقا سېپىنى قوغداش رولىنىلا ئۆتىدى خالاس! موسكۋانىڭ چۈشەنچىسى بويىچە ئالغاندا، ئەگەردە پۈتۈن قەشقەرىيە ئازاد قىلىنىپ، بۇ يەردىكى گومىنداڭ ھاكىمىيىتى ۋە قوشۇنى يوقىتىلسا،  بۇ  رايوننى كونترول قىلىش قىيىن بولاتتى. چۈنكى،    مەزكۇر    رايوننىڭ  جەنۇبىي  ئۇلۇغ برىتانىيىنىڭ تەۋەسىدىكى ھىندىستان  ھەم مۇستەقىل ئافغانىستان بىلەن چېگرىغا ئىگە بولۇپ، بۇ رايوندا 19-ئەسىردىن تارتىپ، ئەنگلىيە ۋە رۇسىيە مەنپەئەتلىرى قاتتىق توقۇنۇشۇپ  كەلگەن ئىدى. ئەگەر قەشقەرىيىدە خۇددى ئىلىدىكىدەك ئازاد ھاكىمىيەت قۇرۇلسا، بۇ رايون قەدەم-قەدەم غەربلىكلەرنىڭ تەسىرى ئاستىغا كىرىپ قېلىپ، موسكۋانىڭ بۇ جايغا چىشى  پاتماسلىق  ۋەزىيىتى  شەكىللىنىشى ،  بۇ ئاخىرىدا ئۇنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن ئىدى.   مانا بۇ نۇقتىلار ئاقسۇ ئۇرۇشىنىڭ ھەربىي جەھەتتىن غەلىبە قىلالماسلىقى، ھەتتا تاشقورغاندىن باشلانغان  ئىنقىلابنىڭمۇ غەلىبە قىلالماسلىقىدىكى  تاشقى ئامىللار ھېسابلىناتتى. ئەمەلىيەتتە،  ئىلى مىللىي ئارمىيە باش شىتابى ئاقسۇدىكى پارتىزانلارنى  چېكىندۈرۈپ چىقىشتىن بۇرۇنلا ئىسساقبەكنىڭ قوماندانلىقىدا  بىر برىگادا  ئاتلىق قوشۇننى   ئاقسۇ يۆنىلىشىگە ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، نوغايبايېف   ۋە كورىلوۋ كوماندىرلىقىدىكى پولكلار  جىددىي تەييارلىقلاردا تۇرغان ئىدى. بۇ ئاقسۇغا ھۇجۇم قىلىش ئەمەس، بەلكى    مىللىي ئارمىيە باش شىتابىنىڭ  ما بۇفاڭنىڭ ئاتلىق 5-كورپۇسىنىڭ ئاقسۇغا ئورۇنلىشىپ مۇزارت داۋىنى ئارقىلىق ئىلىغا ھۇجۇم قىلىشىدىن مۇداپىئە كۆرۈش  پىلانى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك.
يەنە بىر تەرەپتىن ئالغاندا، 1945-يىلى، 14-ئاۋغۇستتا سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭخۇئا مىنگو  ھۆكۈمىتى ئارىسىدا ئىمزالانغان شەرتنامە  موسكۋانىڭ مەنپەئەتلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ بولغانلىقى ئۈچۈن مىللىي ئارمىيىنىڭ داۋاملىق ئۇرۇش     قىلىشى  ستالىن ئۈچۈن ھاجەتسىز ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە 2-جاھان ئۇرۇشى ئاخىرلىشىپ، گومىنداڭمۇ غەلىبە قىلغان دۆلەتلەر قاتارىغا كىردى ۋە ياپونىيە ئارمىيىسى قورال تاشلاپ، گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ جەڭ قىلىدىغان دۈشمىنى تۈگىدى. ئەگەردە گومىنداڭ  ما بۇفاڭ قوشۇنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا قوشۇنلىرىنى  يۆتكەپ كېلىپ، مىللىي ئارمىيىگە ھۇجۇم قوزغىسا، ئۇرۇش تېخىمۇ زور دەرىجىدە كېڭىيىشى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تېخىمۇ بەكرەك مەيدانغا چىقىشى  ۋە ياكى ئاشكارا يوسۇندا يا ئۇ تەرەپتە، يا بۇ تەرەپتە تۇرۇشى لازىم بولاتتى.  شۇ سەۋەبتىن موسكۋا ئۇرۇشنى ۋاقتىدا توختىتىپ، تىنچلىق سۆھبەت تاكتىكىسىنى قوللىنىپ،  ئۆزىنىڭ  ئۆلكىدىكى ، جۈملىدىن ئىلى ، تارباغاتاي ۋە ئالتايدىكى تەسىرى كۈچىنى ساقلاپ قېلىشنى قارار قىلدى.
 
      ما بۇفاڭ قوشۇنلىرىنىڭ  كېلىش مەسىلىسىگە زاكىر ۋە ئىسكەندەرلەر باشتىن ئاخىرى كۆڭۈل بۆلگەن بولۇپ، ئۇلار سوپاخۇنغا  ما بۇفاڭ قوشۇنلىرىنىڭ كېلىشى مەسىلىسىنى بىر قانچە قېتىم تىلغا ئالغان. سوپاخۇن ئېيتقاندەك، زاكىر تۆرىنىڭ ما بۇفاڭنىڭ ئاتلىق 5-كورپۇسى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارغا ئىگە بولغانلىقىدىن خۇشال بولۇپ كېتىشى  تەسادىپىي  ئەمەس ئىدى.


باغداشقا باسقان قەدىمىڭىزدىن گۈل ئۈنسۇن!
چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-20 15:35 |
arknur
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1896
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 221
شۆھرەت: 1155 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1168 سوم
تۆھپە: 684 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 683 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 150(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ياخشى يېزىلغان ئەسەر ئىكەن. تېمىنى يوللىغىچىمۇ جاپا تارتىپسىز. ئاپىرىن، ھارمىغايسىز!
lutun
چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-20 18:01 |
bahdaxohli

دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


UID نۇمۇرى : 3149
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1082
شۆھرەت: 5772 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 5814 سوم
تۆھپە: 3411 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 3448 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 423(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

تارىخ قەھرىمانلارنىڭ قېنى بىلەن يېزىلغان ، قانلىق تارىخ كىيىنكى ئەۋلاتلارغا ساۋاق بولغۇسى
چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-20 22:31 |
فىدا
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6545
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 101
شۆھرەت: 515 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 525 سوم
تۆھپە: 307 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 307 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 85(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ستالىن رەھبەرلىكىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيورىسىنىڭ  14-ئاۋغۇست كۈنى  سوۋېت-جۇڭگو دوستلۇق شەرتنامىسى ئىمزالاپ، ئۆزلىرىنىڭ يالتا كېلىشىمىدە ئېرىشكەن  ئىمتىياز-مەنپەئەتلىرى  نەنجىڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن كاپالەتكە ئىگە قىلىنغاندىن  كېيىن، مىللىي ئارمىيىنىڭ ھۇجۇملىرىنى توختىتىش  ھەم   <<شەرقىي تۈركىستان  جۇمھۇرىيەت>> ھۆكۈمىتىنى نەنجىڭ ھۆكۈمىتى بىلە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە قىستاپ، ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇش قارارىغا كەلگەنلىكىدىن بىخەۋەر ئىدى
..........................................................................................................................................................
    كۇرۇپ تۇرۇپتۇققكى ھەممىسى يىعىننىڭ قارارى .   ھەرقانداق مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى ،شۇ مەسىلىنىڭ پەيدا بۇلۇش جەرىيانىعا سىڭگەن بۇلىدۇ.
saltanat
چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-21 10:23 |
nota
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3025
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 22
شۆھرەت: 110 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 120 سوم
تۆھپە: 66 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 66 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 2(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-08-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مانا بۇ قۇرلاردىن شۇنى كۆرۋېلىشقا بولىدىكى
------------------------------------------------
ئەمما، ئاقسۇنى قورشاپ ياتقان پارتىزان كوماندىرلىرى ۋە ھۆكۈمەت  ۋەكىللىرى، ھەتتا غۇلجىدىكى جۇمھۇرىيەت  ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىرىمۇ   بۇ ۋاقىتتا ستالىن رەھبەرلىكىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيورىسىنىڭ  14-ئاۋغۇست كۈنى  سوۋېت-جۇڭگو دوستلۇق شەرتنامىسى ئىمزالاپ، ئۆزلىرىنىڭ يالتا كېلىشىمىدە ئېرىشكەن  ئىمتىياز-مەنپەئەتلىرى  نەنجىڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن كاپالەتكە ئىگە قىلىنغاندىن  كېيىن، مىللىي ئارمىيىنىڭ ھۇجۇملىرىنى توختىتىش  ھەم   <<شەرقىي تۈركىستان  جۇمھۇرىيەت>> ھۆكۈمىتىنى نەنجىڭ ھۆكۈمىتى بىلە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە قىستاپ، ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇش قارارىغا كەلگەنلىكىدىن بىخەۋەر ئىدى. ستالىن ھۆكۈمىتى مىللىي ئارمىيە قوشۇنلىرىنىڭ ماناس دەرياسى بويىغا كەلگەندىن كېيىن، بارلىق  ھەربىي ھەرىكەتلەرنى توختىتىشىنى بۇيرۇق قىلغاندىن كېيىنلا ئەلىخان تۆرە باشلىق قوزغىلاڭ رەھبەرلىرى ۋەزىيەت ۋە موسكۋانىڭ مەقسىتىنى چۈشىنىپ يەتكەن ئىدى. ئەلىخان تۆرە مىللىي ئارمىيە باش قوماندانى ئىۋان پالېنوۋقا ئۈرۈمچىگە ھۇجۇم قىلىش بۇيرۇقى بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما پالېنوۋ ئۇنىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلدى ھەمدە ئۆزىنىڭ پەقەت موسكۋانىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى[47]. دېمەك، بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا  مىللىي ئارمىيە باش شىتابى ئاقسۇغا قوشۇن ئەۋەتىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
          ئاقسۇنى ئازاد قىلىش ئەسلىدىنلا باش شىتاب تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن ئەمەس بولۇپ، كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، موسكۋا  باشتىن ئاخىرى پارتىزانلارنىڭ  تەڭرى تاغلىرىنىڭ جەنۇبىدىكى چوڭ شەھەرلەرنىڭ بىرى بولغان ئاقسۇ شەھىرىنى ئىشغال قىلىش، ئارقىدىن پۈتۈن ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئازاد قىلىنىپ، جەنۇبنىڭ بىر تۇتاش ئازاد رايون بولۇشىنى خالىمىغان. مەيلى، تاشقورغاننى بازا قىلغان قەشقەر تەۋەسىدىكى جەڭلەر ۋە ئاقسۇ تەۋەسىدىكى جەڭلەرنىڭ ھەممىسى پەقەت  تەڭرى  تاغلىرىنىڭ شىمالىدىكى كەڭ كۆلەملىك ھەربىي  ھەرىكەتنىڭ ئارقا سېپىنى قوغداش رولىنىلا ئۆتىدى خالاس! موسكۋانىڭ چۈشەنچىسى بويىچە ئالغاندا، ئەگەردە پۈتۈن قەشقەرىيە ئازاد قىلىنىپ، بۇ يەردىكى گومىنداڭ ھاكىمىيىتى ۋە قوشۇنى يوقىتىلسا،  بۇ  رايوننى كونترول قىلىش قىيىن بولاتتى. چۈنكى،    مەزكۇر    رايوننىڭ  جەنۇبىي  ئۇلۇغ برىتانىيىنىڭ تەۋەسىدىكى ھىندىستان  ھەم مۇستەقىل ئافغانىستان بىلەن چېگرىغا ئىگە بولۇپ، بۇ رايوندا 19-ئەسىردىن تارتىپ، ئەنگلىيە ۋە رۇسىيە مەنپەئەتلىرى قاتتىق توقۇنۇشۇپ  كەلگەن ئىدى. ئەگەر قەشقەرىيىدە خۇددى ئىلىدىكىدەك ئازاد ھاكىمىيەت قۇرۇلسا، بۇ رايون قەدەم-قەدەم غەربلىكلەرنىڭ تەسىرى ئاستىغا كىرىپ قېلىپ، موسكۋانىڭ بۇ جايغا چىشى  پاتماسلىق  ۋەزىيىتى  شەكىللىنىشى ،  بۇ ئاخىرىدا ئۇنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن ئىدى.   مانا بۇ نۇقتىلار ئاقسۇ ئۇرۇشىنىڭ ھەربىي جەھەتتىن غەلىبە قىلالماسلىقى، ھەتتا تاشقورغاندىن باشلانغان  ئىنقىلابنىڭمۇ غەلىبە قىلالماسلىقىدىكى  تاشقى ئامىللار ھېسابلىناتتى. ئەمەلىيەتتە،  ئىلى مىللىي ئارمىيە باش شىتابى ئاقسۇدىكى پارتىزانلارنى  چېكىندۈرۈپ چىقىشتىن بۇرۇنلا ئىسساقبەكنىڭ قوماندانلىقىدا  بىر برىگادا  ئاتلىق قوشۇننى   ئاقسۇ يۆنىلىشىگە ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، نوغايبايېف   ۋە كورىلوۋ كوماندىرلىقىدىكى پولكلار  جىددىي تەييارلىقلاردا تۇرغان ئىدى. بۇ ئاقسۇغا ھۇجۇم قىلىش ئەمەس، بەلكى    مىللىي ئارمىيە باش شىتابىنىڭ  ما بۇفاڭنىڭ ئاتلىق 5-كورپۇسىنىڭ ئاقسۇغا ئورۇنلىشىپ مۇزارت داۋىنى ئارقىلىق ئىلىغا ھۇجۇم قىلىشىدىن مۇداپىئە كۆرۈش  پىلانى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك.
يەنە بىر تەرەپتىن ئالغاندا، 1945-يىلى، 14-ئاۋغۇستتا سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭخۇئا مىنگو  ھۆكۈمىتى ئارىسىدا ئىمزالانغان شەرتنامە  موسكۋانىڭ مەنپەئەتلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ بولغانلىقى ئۈچۈن مىللىي ئارمىيىنىڭ داۋاملىق ئۇرۇش     قىلىشى  ستالىن ئۈچۈن ھاجەتسىز ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە 2-جاھان ئۇرۇشى ئاخىرلىشىپ، گومىنداڭمۇ غەلىبە قىلغان دۆلەتلەر قاتارىغا كىردى ۋە ياپونىيە ئارمىيىسى قورال تاشلاپ، گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ جەڭ قىلىدىغان دۈشمىنى تۈگىدى. ئەگەردە گومىنداڭ  ما بۇفاڭ قوشۇنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا قوشۇنلىرىنى  يۆتكەپ كېلىپ، مىللىي ئارمىيىگە ھۇجۇم قوزغىسا، ئۇرۇش تېخىمۇ زور دەرىجىدە كېڭىيىشى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تېخىمۇ بەكرەك مەيدانغا چىقىشى  ۋە ياكى ئاشكارا يوسۇندا يا ئۇ تەرەپتە، يا بۇ تەرەپتە تۇرۇشى لازىم بولاتتى.  شۇ سەۋەبتىن موسكۋا ئۇرۇشنى ۋاقتىدا توختىتىپ، تىنچلىق سۆھبەت تاكتىكىسىنى قوللىنىپ،  ئۆزىنىڭ  ئۆلكىدىكى ، جۈملىدىن ئىلى ، تارباغاتاي ۋە ئالتايدىكى تەسىرى كۈچىنى ساقلاپ قېلىشنى قارار قىلدى.
      ما بۇفاڭ قوشۇنلىرىنىڭ  كېلىش مەسىلىسىگە زاكىر ۋە ئىسكەندەرلەر باشتىن ئاخىرى كۆڭۈل بۆلگەن بولۇپ، ئۇلار سوپاخۇنغا  ما بۇفاڭ قوشۇنلىرىنىڭ كېلىشى مەسىلىسىنى بىر قانچە قېتىم تىلغا ئالغان. سوپاخۇن ئېيتقاندەك، زاكىر تۆرىنىڭ ما بۇفاڭنىڭ ئاتلىق 5-كورپۇسى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارغا ئىگە بولغانلىقىدىن خۇشال بولۇپ كېتىشى  تەسادىپىي  ئەمەس ئىدى.


سىتالىن دېگەن تۈلكىنىڭ ئويۇنى.
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • مۇنبەرپۇلى:+10(duttarqi)
  • چوققا [15 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-21 11:31 |
    marjanyax
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 4158
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 61
    شۆھرەت: 328 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 329 سوم
    تۆھپە: 194 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 195 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 30(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-11-04
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-12
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    شۇنچە جەڭلەردە تۆكۈلگەن قانلار نىمە ئۈچۈن ئىدى ؟
    «شاخمات تاختىسىدىكى پىچكا»
    lutun
    چوققا [16 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-21 11:39 |
    subuhan
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 6671
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 3
    شۆھرەت: 15 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 15 سوم
    تۆھپە: 9 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 9 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 6(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-09
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-04-21
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    قان ياشلىق تارىخ،ئېچلمىغان تارىخىمىزنىڭ يەنىمۇ ئېچىلغۇسى.
    sarkar
    چوققا [17 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-21 16:25 |
    nota
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 3025
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 22
    شۆھرەت: 110 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 120 سوم
    تۆھپە: 66 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 66 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 2(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-08-27
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-10
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    مىللىي ئىنقىلابنى «سىتالىن» باشلاپ يەنە شۇ ئاخىرلاشتۇردى.  بۇ بىر ئادىمى تۈلكىنىڭ ئويۇنى خالاس.
    saltanat
    چوققا [18 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-21 21:02 |
    曲马多!
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 6949
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 11
    شۆھرەت: 55 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 55 سوم
    تۆھپە: 33 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 33 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 11(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-19
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-06
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ھەي ئىچىم ھەجەپ ئاچچىق بولدا!!!     
    خەپ ! خەپ! خەپ!
    sarkar
    قىز-ئوغۇللىرىمىز  تۇگەشمەكتە!
    چوققا [19 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-21 22:51 |
    曲马多!
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 6949
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 11
    شۆھرەت: 55 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 55 سوم
    تۆھپە: 33 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 33 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 11(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-19
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-06
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ھەي ئىچىم ھەجەپ ئاچچىق بولدا!!!     
    خەپ ! خەپ! خەپ!
    قىز-ئوغۇللىرىمىز  تۇگەشمەكتە!
    چوققا [20 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-21 22:51 |
    tohotur

    دەرىجىسى : ئاكتىپ ئەزا


    UID نۇمۇرى : 251
    نادىر تېما : 4
    يازما سانى : 1525
    شۆھرەت: 8190 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 8250 سوم
    تۆھپە: 4826 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 4834 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 2391(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-11
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    1. ئالدى بىلەن بىزنى تارىخ ھەقىدە تېخىمۇ مۇھىمى تارىخنى قانداق تەتقىقى قىلىش ھەقىدە تەپەككۇر ئۇسۇلى بىلەن تەمىن ئەتكەنلىكىڭىزگە ئەلۋەتتە ئىھتىرام بىلدۇرىمىز  .

    2. ماقالىنى ئوقۇپ ئۇچ ۋىلايەت تارىخى ھەقىدىكى ئىلگىرى كاللامدا بار بولغان ئۇچۇرلار پاچاق پاچاق بولۇپ چېقىلىپ كەتتى ،  

    3. ئاپتۇرنىڭ  بۇنداق تولۇق چاقسىمان تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلى ، ھەرقايسى تەرەپ لەردىن ماتىريال توپلايدىغان سوغۇققان ئىستىلى ، ۋە ماقالىغا سىڭدۇرۋېتىلگەن  ئەقلى يەكۇن خاراكتىرلىك ، تەتقىقات تۇسىنى ئالغان ئوبزۇرسىمان تەھلىللىرى   بىزنى ئەينى ۋاقتىتىكى ۋەقەلىكنىلا ئەمەس ئەينى ۋاقتىتىكى  ھىسيات تۇيغۇلار بىلەنمۇ تەمىن ئىتىشكە كۇچىگەن ، بۇنى تارىخچى بۇۋىلىرىمىزنىڭ ئۇسلۇبىغا يېققىنلاشقان دەپ ئېيتالايمەن ،

    4. ماقالىىدكى تىرىك تارىخى شەخىسلەرنىڭ ئاغزىدىن ئۇچۇر ئىگەللەشتىن ئىبارەت ئەل ئىچى تارىخ چېقىنلىرىغا  ئالىم يوقۇرى باھا بەرگەن ، ئەل ئىىچىدىكى پاراڭلارنى بەزى خۇمپەرلەردەك كەمسىتمەي بەلكى ئەكسىچە تارىخى چىنلىقىلارنى ،كىتاپتا يوق تاپقىلى بولماس ئۇچۇرلارنىىڭ بارلىقىنى سەمىمىزگە سېلىپ ، مېنىڭلا راست مېنىڭكىنىلا ئاڭلايسەن دەيدىغان مونۇخەيلەرنىڭ رادىكال تارىخ قارىشىغا  كۆنۇپ كەتكەن بىزدەكلەرنىڭ تيىز تارىخ تەپەككۇرىمىزغا بىر قۇرۇق يىڭنە ئۇرغان ،

    5. تارىخ بايان دىگەن مۇشۇنداق بولمامدۇ ، مىللى ئارمىيەدىكى شەخىسلەرنىڭ بايانى ، رۇس ئەسكىرى دائىرلىرىنىڭ مەخپى ۋە ئاشكارا بايان ئۇچۇرلىرى ،  قارشى تەرەپتىكى گومىنداڭچىلارنىڭ ئەمىلى ئەھۋالاتلىرى ، چاندۇرماي سۇنئى پەيدا قىلغان ،ئۆز مەقسىتىنى يوشۇرۇشتىكى چۇمپەردىلىرى ئاپتۇر تەرپىدىن ئىنچىكە تەھلىل قىلىپ كەسكىنلىك بىلەن ئېچىۋېتلگەن ، 36 تەدبىرنىڭ ھېيلە نەيرەڭلىرى ھەقىدە تېخىمۇ ئېنىق تېخىمۇ چوڭقۇر چۇشەنچە ھاسىل قىلدىم ،

    ئاخىرىدا ئالىمنىڭ تىنىگە سالامەتلىك قەلىمىگە بەركەت تىلەيمەن ،
    چوققا [21 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-21 23:19 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    «12345»Pages: 2/5     Go
    Bagdax bbs » مەشھۇر شەخسلەر