ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 35قەۋەتتىكى tohoturدە2012-04-25 16:06يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئاللاھقا شۇكرى.ھاجىمنىڭ قەۋرىسى شىھىتلىكتە باركەن ھەنىم بولسا ، بىر چاغلاردا خوجۇنىياز ھاجىنىڭ قەۋرىسىنى ئىگىسىز قەۋرە قاتارىدا بىر تەرەپ قىلۋاتىمىز دىگەندەك گەپلەر چىققان ئىدى ، ھاجىمنىڭ تۇققانلىرى ھاجىمنىڭ مىيتىنى تاراتىغا ئېلىپ چىقىپ شۇ يەردە باشقىدىن دەپنە قىلىمىز دىگەن ئارزۇسىمۇ يەردە قالدى ..........................
يوقارقى باياندىكى ئورۇن شېھىتلىكتىن يۆتكەپ كېلىنگەن جايىغۇ دەيمەن. شېھىتلىكنىڭ ئورنى ھازىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىغا ئۆزگەرتىلدى. تېلېۋزىيە ئىستانسىسىنىڭ يېنىدىكى چاغدا مەن قەبرىسىنى زىيارەت قىلىش شەرپىگە مۇيەسسەر بولغان ئىدىم. ئەپسۇس قەبرىستانلىق يۆتكەلگەندە، تارىخنىڭ يەنە بىر بېتى يىرتىلغاندا، گويا جاھان ئەھلى بۇ شېھىتلىكنى ئۇنتىغاندەك...
شۇ چاغدا مەن ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىغا شېھىتكالىق مەسچىدى نامىدا، شېھىتكالىقنى قوغداش توغرىسىدىكى بىر پارچە ئىلتىماس شىكايەتنامىسىنى يازغان ئىدىم. خەلقىمىزنىڭ ئالى ھوقۇقلۇق ئورگىنى بۇ تارىخ بېتىنى ئەھمىيەتسىز كۆردىمۇ، ئۇقمىدىم؟ يەنىلا قەبرىلەرنى كۆچۈرۈپ، ئورنىغا جامائەت خەۋپسىلىكى ئىدارىسىنى سالدى.
قارىغاندا، تارىخقا قارىغاندا جەمئىيىتىمىزنىڭ ئامانلىقى مۇھىم ئوخشايدۇ؟!