بۇ يېرىمىزدە بۇرۇنقىلارنىڭمۇ ھەققى بار
(تارىخ ھالسىراتقان دادامداش، ئاپامداش مۇئەللىملەرگە بېغىشلايمەن)
يېقىندا، باغداش مۇنبىرىدىن «بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئاھۇ زارى» دىگەن قول يازمىنى كۆرۈپ قالدىم. ماتىريالدا قەشقەر بەشكىرەم يېزىسىدىكى بىر ئەر مەكتەپ مۇدىرى قول ئاستىدىكى بىر ئايال خانىمنى مىنى ئۈردى دەپ شىكايەت قىلىپ، قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشقا تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكتىن، بۇ ئوقۇتقۇچىنى مەمۇرى توختۇتۇپ بىر تەرەپ قىلىغانلىقى يېزىلىغان ئىكەن. بۇنى كۆرۈپ كۆڭلۈم يېرىم بولدى. تولىمۇ ئۆكۈندىم. نۇرغۇن تورداشلارنىڭ بەس- بەستە قايتۇرغان ئىنكاسلارنىمۇ كۆرۈپ چىقتىم. يۈرىكىم ئاچچىققا تۇلۇپ كەتتى. كىيىن تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ (توردا شۇنداق ئاتالغان) تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ۋە بۇ نەتىجىگە قالدۇرغان ئىنكاسلارنىمۇ كۆرۈپ چىقىپ بىر مەزگىلگىچە خىياللارغا چۈمۈپ قالدىم، پىكىرلىرىم قالايمىقانلىشىپ، بىر خىل ھەقىقەت ھىسلىرىم ئۆرتىنىپ، بۇ دۇنيا رەزىللىككە، ساختىلققا تولغاندەك تۇيغۇدا بۇلۇپ قالدى. خىياللىرىمدا يەنە نەچچە يىل بۇرۇن مەلۇم مەكتەپتىكى «قاراڭ بۇ سەتچىلىككە» دىگەن قول يازمىدا ئىنكاس قىلىنغان «كۆمۇر ۋەقەسى» ئىسىمگە كىلىپ قالدى.
بۇ يازمىدىمۇ مەكتەپ مۇدىرى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىنغان بۇلۇپ مەكتەپتىكى كەڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۈمىد- ئارزۇلىرى، تەلپۈنىشى ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان ئىدى. مىنىڭچە يۇقۇرقى مەسىللەرنىڭ راسىت- يالغانلىقى مۇھىم ئەمەس. مۇھىمى خەلىقنىڭ ياقتۇرىشىدا، خەلق ئارزۇسىغا يېقىنلاشقانلىقىدا، شۇنچىلىك چوڭ تەسىر پەيدا قىلالىغانلىقىدا. ئەلۋەتتە، بۇ مەسىلىنىڭ قانداق ھەل بۇلۇشى تېخىمۇ مۇھىم ئەمەس، مۇھىمى يۇقۇرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ ئىتبارىغا ئېلىنىشىدا، ئۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتالىشىدا، «يىلان»نى ھۈركىتەلىشىدە. مەيلى ئادەتتىكى ئوقۇتقۇچى بولسۇن ياكى مائارىپقا كۆڭۈل بۆلىۋاتقان مائارىپ مۇتەخخەسىسسلىرى، رەھبەرلەر بولسۇن ۋە ياكى ئەتراپىمىزدا بىز مائارىپچىلارغا دىققەت قىلىۋاتقان خەلق- ئاممسى بولسۇن ھەممىسى بۇ مەسلىنىڭ تۈزۈتىلىپلا قۇيۇشنى ئۈمىد قىلمايدۇ، ئۇلار قوليازمىدا تەسۋىرلەنگەندەك مۇدىرلارنىڭ يەنە مەيدانغا كىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە مائارىپ سېپىمىزدە يۈز بىرىۋاتقان ناتوغرا قىلمىشلارنى چەكلەش تەدبىرلىرىنى بەلگىلەپ، ھەممە كىشلەر رازى بولغۇدەك، ئىسمى جىسىمىغا لايىق «ساغلام مائارىپ» بۇلۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ. يەنە بىر نوقتىدىن ئويلىساق، گەرچە كۆپ ۋاقىت ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، بىراق ئەتراپىمىزدا يۈز بەرگەن يۇقۇرقىدەك مەسىللەر ئالى ئارزۇلار بىلەن باغلانغان مائارىپمىزدا پۈتكۈل جەمئىيەتكە، مائارىپ ئۈچۈن كۆيۈپ كىلىۋاتقان ھەر قاتلام رەھبىرى ئاپپاراتلارغا نۇرغۇن جاۋابسىز سۇئاللارنى تاشلايدۇ، ئاشۇنداق ئۇۋالچىلىقتا قېلىپ سۈكۈتتە يۈرگەن، ھەقىقەتنىڭ ئەلچىسى، بىچارە ئوقۇتقۇچلارنىڭ ۋۇجۇدىنى كۆيدۈرسە، مائارىپىمىزدىكى ناچار قىلمىشلارنى كۆرۈپ تۇرۇپ، كۆرمەسكە سالغان نامەرتلەرنىڭ يۇركىگە تىغ ئۇرىدۇ. بىراق ئاخىردا شۇ جاپا، شۇ مۇنبەر، شۇ غۇنچىلارغا ھەمرەھ بۇلۇپ كىلىۋاتقان باغۋەنلەر ئۆزىنىڭ قوليازمىسى بىلەن جەمئىيەتكە يەنە لەنەتنامە تاپشۇرىدۇ.
بۇ مەزگىللەردە مەن تۆۋەنگە خىزمەتكە چىقسام، شۇ جاپاكەش مۇئەللىمىنىڭ چىھرىگە تىكىلىپ قارايدىغان، ماڭغان يولغا قۇد تىلەيدىغان، سۆزلىگەن سۆزلىرىگە تەشەككۈر ئېيتىدىغان بۇلۇپ قالدىم. ئۆيگە قايتسام، 38 يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ، تېخىچە مۈنبەردىن ئايرىلىش يېشىغا توشمىغان مىسكىن دادامغا، 37 يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ تېخىچە شۇ ۋاراڭ- چۇرۇڭلۇق سىنىپتىن قۇتۇلالماي كىلىۋاتقان جاپاكەش ئاپامغا ئىپتىخارلىق نەزىرىدە ئەركىلەيدىغان بۇلۇپ قالدىم. ھەر قېتىم ئۇلاردىكى ھارغىن كەيپىياتنى سەزگىنىمىدە دىلىم شۈركىنىدۇ، ئۇلارنى باغرىمغا باسقۇم كىلىدۇ، دادامنىڭ ئاق چۈشكەن چاشلىرىنى، ئاپامنىڭ قورۇققا يول ئالغان پىشانىسىنى سىلىغۇم كىلىدۇ. ئەتراپىمىزدىكى دادامداش، ئاپامداش پىشقەدەم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەممىسىنى «دادا، ئاپا» دەپ چاقۇرغۇم كىلىدۇ.
بىز ھەقىقەت سۆزلەيمىز، غۇنچىلارغا راستچىللىقىنى، مەردانە، جەسۇر بۇلۇشنى ئۈگىتىمىز.بىز دىل يۇرۇقلۇقىنىڭ ئەلچىسى! ئەجىبا، ئەتراپىمىزدا يۈز بەرگەن ئاشۇنداق قلىمىشلارنى كۆرۈپ تۇرۇپ، «شۇنداق بۇلۇشى كېرەك ئىدى» دەپلا ھېچكىمنىڭ ھېچكىم بىلەن كارى بولماي سۈكۈتتە يۈرىشىمىز كېرەكمۇ؟ ئەتراپىمىزىدىكى مەۋجۇتلۇققا كۆز يۇمۇشىمىز كېرەكمۇ؟ يۇقۇردىكىلەرگە چۇقۇم ئىشىنىپ، ئارزۇ- ئامانلىرىمىزدىن ۋاز كىچىپ، ھالسىرىغان تەنلىرىمىزنى قىيناپ، ھەقىقەت رۇھىمىزنى تۈنجۇقتۇرۇپ ئۆتىشىمىز، مىللى مائارىپىمىزدىكى مۇنداق زىددىيەتلەرنى يۇشۇرۇشىمىز كېرەكمۇ؟ بىز شۇنداق بىچارە مۇئەللىملەرمۇ...!؟ بىز قاچانغىچە سۈكۈتتە تۈرىمىز، ۋۇجۇدىمىزدىكى شۇ ھەقىقەتكە ئىنتىلىدىغان، ئادالەتپەرۋەر، مەردانە رۇھلىرىمىزنى قاچانغىچە سۈكۈتلۈك دىللىرىمىزغا تۈنجۇقتۇرۇپ يۈرۈيمىز؟
مەن بىر قېتىم بىر مەكتەپ مۇدىرىمىزنىڭ قول ئاستىدىكى بىر ئايال ئوقۇتقۇچىنى رەھبىرى كادىرلارنىڭ ئالدىدىلا سېسىق سۆزلەر بىلەن تىللىغانلىقىنى ئاڭلىغان. بۇ 60 ياشلارغا يېقىنلىشىپ قالغان بىچارە ئوقۇتقۇچى بۇ ئاھانەتكە چىدىماي رەھبەرلەرنىڭ ئالدىدا ئۆپىكىدەك قىزىرىپ، ئۆزىنى تۈتىۋالالماي يىغلىغانچە يۈگۈرۇپ چىقىپ كەتكەندى. مۇدىر بولسا خىجىل بولماي، يوق ئادەمنى داۋاملىق ھاقارەتلاپ بەرگەن ئىدى. بىز رەھبەرلەر بولىمىغان بولسا، بۇ ئايال خانىمىنىڭ قانداق سۆزلىرى بار ئىدى بۇ مۇدىرغا سۆزلەيدىغان؟ بىلىپ تۇردۇقىكى، بۇ مەكتەپ مۇدىرى بۇ ئايال ئوقۇتقۇچىغا يۈز-خاتىر قىلماي، ئىززىتىگە تەگدىيۇ، لىكىن بۇ ئوقۇتقۇچى ئۇنداق قىلمىدى، مۇدىرنى ئايىدى، سەت تۇرۇشتىن ئۆزىنى ئېلىپ قاچتى. نۇرغۇن ئازابلىق سوقۇشلارنى يۈرەكلىرىگە ئاستا- ئاستا تىندۇردى.
ئىككىنجى قېتىم بۇ مەكتەپكە بارغاندا، باشقا بىر ئوقۇتقۇچى مىنى بىر تەرەپكە چاقىرىپ، «سىلەر يەنە قايسىمىزنى نەس باستۇرغىلى كەلدىڭلار؟» دەپ سۇرىۋىدى، مەن تۇرۇپلا قالدىم، كۆڭلۇم ئاچچىق بۇلۇپ قالدى. ئۇنىڭ گېپىگە يارىشا، بىز « سىزلەرنى يىتەكلىگىلى، خىزمىتىڭلارنى كۆزىدىن كەچۈرگىلى، سىلەر بىلەن ئوقۇتۇش توغرىسىدا سۆھبەتلەشكىلى كەلدۇق» دەپ سۆز قايتۇرۇپ بۇلۇپ، ھەيرانلىقتا « بىز قاچان سىلەرنى نەس باستۇردۇق؟» دەپ سۇرۇۋىدىم، ئۇ ئوقۇتقۇچى ئالدىنقى قېتىمقى ئايال ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىشلىرىنى سۆزلەپ بەردى. ئەسلىدە ئالدىنقى قېتىم بىز قايتىپ كەتكەندىن كىيىن، مۇدىر ھەممە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يىغىپ، ھېلىقى ئوقۇتقۇچىنى تۇرغۇزۇپ قۇيۇپ قاتتىق تەنقىدىلىگەن ئىكەن. ئۇندىن باشقا، «ئىشلىسىڭىز ياخشى ئىشلەڭ، بولمسا يۇقۇلۇڭ» دەپ ئۇ ئوقۇتقۇچىنى يېغىن زالدىن چىقىرۋەتكەن ئىكەن. كۆڭلۈم يېرىم بولدى. قارىسام ئۇ ئوقۇتقۇچى يەنە ئىشلىگىلى تۇرۇپتۇ، نەچچە ئون يىل مۇنبەردە كۆرەش قىلىپ كەلگەن بۇ مۇئەللىم ھاياتىنىڭ ئاخىردىمۇ شۇ تەھقىق، شۇ ھاقارەتلەرگە ئۆزىنىڭ ئىسسىق ياشلىرى بىلەن جاۋاب قايتۇرۇپ، ھەم ئاچچىق، ھەم شەرەپلىك بۇ ھاياتىنى داۋام قىلىۋېتىپتۇ. ئۇنىڭغا ھىسداشلىق قىلىپ قالدىم. شۇ چاغلاردا ئۇ قانداق كۈنلەرنى بېشىدىن كەچۈرگەن بولغىيدى؟ قانداقمۇ خىزمەتداشلىرى، مەكتەپ مۇدىرى بىلەن مۇئامىلە قىلغاندۇ؟ ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا قانداق ئازابلىق تۇيغۇلار دولقۇن ئۇرغاندۇ؟ بۇ خىل سۈكۈتتە ياشاشنى تەسەۋۋۇر قىلالمىدىم. خىجىللىقىمىدىن تىنىم شۈركۈنگەندەك بۇلۇپ كەتتى. شۇ بىر بەت مۇندەرىجىنىڭ تەرتىپى توغرا بولمىغان ئىدىغۇ! باشقىلارغا شۇنداق ئازار بىرىشكە ئەرزىمدۇ؟
توردىكى ھېلىقى قول يازمىدا، ئايال ئوقۇتقۇچى كىسەللىك روخسىتى سۇراپ رۇخسەت ئالالمىغانلىقتىن، مەكتەپ مەيدانىدا، كارۋات قۇيۇپ دەرس ئۆتكەنلىكىدەك بىر ھەجىۋى مۇھىت سۆزلەنگەن. بۇ مۇھىتنى ھەجىۋى دەپ ئىپادىلەشتىن باشقا ئۇسۇلدا ئىپادىلىيەملىدىم. چۈنكى مەن تارىخىمدا ئاڭلاپ باقمىغاچقىمۇ ياكى سۆز لۇغىتىمىزدە يېڭى بىر سۆزنى ئىجاد قىلىشقا توغرا كىلىپ قالغاچقىمۇ، ئۇيلاپ- ئويلاپ تېخىمۇ ياخشى بولغان ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى تاپالمىدىم. مىنىڭچە قانداق ئىپادىلەش مۇھىم ئەمەس، مۇھىمى مۇشۇنداق قىلمىشلار ئەتراپىمىزدا بارمۇ- يوق؟ ئىسىمگە دادام- ئاپامىنىڭ رۇخسەت سۇراش ئۈچۈن قلىشقان سۆزلىرى كىلىپ قالدى. نەچچە ئون يىللىق ھاياتنى مائارىپ ئۈچۈن تەقدىم ئەتكەن شۇ پىشقەدەملىرىمىزمۇ رۇخسەت سوراش زۆرۆرمۇ- يوق دىگەننى ئەمەس، مۇدىر رۇخسەت بىرەرمۇ دىگەنىنى ئاۋۋال ئويلىشىدىكەن. ئەجىبا، مۇشۇنداق پىشقەدەملىرىمىزگە بىر كۈنلۈك رۇخسەت ئۈچۈن نۇرغۇن پىكىر ئاۋارىگەرچىلىكى كەلتۈرۈپ چىقىرىش زۆرۆرمۇ؟ ئۇلار ياشانغاندىمۇ مەسئۇلىيەت ئۆتكىلىدىن ئەمەس، مۇدىر ئۆتكىلىدىن غەم قىلىپ ئۆتەرمۇ؟ ئۇلار تۆككەن ئۇزۇن يىللىق جاپالارنىڭ يۈز خاتىرسى، ھۆرمىتى يوقمۇ؟ ئۇلار ھۆرمەتلەشكە، كۆيۈنىشكە، قەدىرلەشكە مۇھتاجلارغو!!! نىمشىقا شۇلارنى چۈشەنمەي ئاشۇنداق ھەجىۋى مۇھىتلارنى يوقتىن بارلىققا كەلتۇرىمىز!
بىنا ئالدىدا تولىمۇ ياشانغان بىر مويسىپىت بوۋاينىڭ بىر زەمبىل كارۋاتتا ياتقان ئىشى يەنە دىققىتىمىنى تارتتى. ئىگەللىشمىچە، ئۇمۇ بىر جاپاكەش مائارىپچى، غېرىپ ئوقۇتقۇچى، ئۇمۇ بىر دەرتمەن رۇخسەت سۇرۇغۇچى. كارۋاتتىن قوپالمايدىغانلىقىنى ھەممە ئادەم بىلىدىكەن، لىكىن مەكتەپ مۇدىر بىلمەيدىكەن. مەكتەپكە ئېلىپ بارسا، ھەممە ئادەملەر بۇ بوۋاينىڭ كارۋاتتا ياتقانلىقىنى كۆرۇپتۇ ھەم ئىشنىپىتۇ، لىكىن مەكتەپ مۇدىر كۆرەلمەپتۇ، كۆرگىنىگە ئىشەنمەپتۇ. بىچارە پەرزەنتلەر دادىسىنى زەمبىلگە ئېلىپ كۆتۈرۈپ كىلىپ، مائارىپ ئىدارسىنىڭ باشلىقىدىن كۆرگەنلىكىگە، كۆرگەنلىرىگە ئىشەنگەنلىكىگە ئىسپات ئېلىشقا كەلگەن ئىكەن. چۈنكى پەقەت ئىدارە باشلىقى ئىجازەت قىلسا، مەكتەپ مۇدىرى ئۇنىڭ مائاشىنى تۇتمايمىش، مەكتەپكە ھەيدىمەيمىش. سۆيۈملۈك دادامداش مۇئەللىم، ياشلىقىڭدا قانداق گۇناھ قىلغان ئىدىڭ، قېرىغاندىمۇ تۈگىمەيدىغان؟ كىملەرگە ئازار بەرگەن ئىدىڭ قېرىغاندىمۇ قارغۇش يەيدىغان؟ ياش ۋاقتىڭدا، شۇ پۇر- پۇر توپىلىق، پىچانلىق يوللاردا مائارىپ ئۈچۈن كۆيگەن چاغلىرىڭدا، مۇشۇنداق ھارامزادە مەكتەپ مۇدىرىڭنىڭ ئالدىدا مۇنداق بىچارە بۇلۇپ قېلىشنى ئۆلۈمدىن ئارتۇق بىلەتتىڭ ھە؟! خىيالدىمەن، بىزنىڭ مەكتەپ مۇدىرلىرىمىز قىلغاننى قىلىپ بۇلۇپ، ئەمدى ئاشۇنداق ئاقساق- چۇلاق مۇئەللىمگە تىگىش قىلغانمىدۇ؟ مۇدىرلىرىمىز مانا مۇشۇنداق ھەقىقىي رىئاللىقنى ئىدارە باشىلىقىغا توغرا يەتكۈزۈشكە جۈرئەت قىلالمىغانمىدۇ ياكى شۇنىڭغا چۇشلىق ئىقتىدار يوقمىدۇ ۋەياكى شۇ ياشانغانلارغا كۆيىدىغان يۈرىكى يوقمىدۇ؟
پەلەمپەيدە، تىترەپ- تىترەپ يانچىسىغا مىڭىپ يۇقۇرىغا چىقىپ كىتىۋاتقان ئوتتۇرا ياش بىر ئايال. ئۇنىڭ ئېغىزىدىن ئاققان شۈلگەيلىرىنى ئېيتىشقا ئۈلگىرەلمەي قېلىۋاتقان يولدىشى ئۇكام ئەنۋەرجان، ياردەم قىلىڭ دىگەندە، يېقىنىلىشىشتىن قورقۇپ قالغان بولساممۇ، مەن يەنىلا يۆلەپ ئىككىنجى قەۋەتكە ئېلىپ چىققان كۆرۈنۈش خىيالىمدىن كەتمەيدۇ. بىلىشمىچە، بۇمۇ ھاياتى قىسمەتكە تولغان مۇئەللىم. ھادىسىگە ئۈچراپ، مېيىپ بۇلۇپ قالغان. ئۇ ئۆزىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالمايدۇ، ھەتتا ئۆز تەرىتىنىڭ ھاجىتىدىنمۇ چىقالمايدۇ. بىراق مەكتەپ مۇدىرنىڭ نەزىرىدە، بۇ ئوقۇتقۇچى مۇنبەردە دەرس بىرەلەيدۇ، ئالىم، كەشپىياتچىلارنى تەربىلىيەلەيدۇ. بەلكىم مېيىپ بۇلۇپ قالغاندا ئەتىۋالىنىدىغان بۇ مۇئەللىم، ساغلام ۋاقتىدا مۇدىرنىڭ ئىللىق سالاملىشششغا مۇيەسسەر بۇلالمىغان بولغىدى ھە! مەكتەپ مۇدىرى تېخى بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئايدا %30 مائاشىنى تۇتۇپ، ئورنىغا ئادەم سەپلەپ ئىشلىتىپتىمىش. بۇ قېتىم يەنە مەكتەپكە چىقمىسا %70 مائاشىنى تۇتارمىش. بۇ يەرگە يولدىشى ئايالىنى ئىلىپ كىلىپ، مائارىپ ئىدارىسىدىن شۇ تۇتۇلۇپ قالىدىغان مائاشى ئۈچۈن، بۇندىن كىيىن خىزمەتكە ھەيدىمەسلىكى ئۈچۈن يىغلىغىلى كەپىتىمىش. پۇلاتتەك ئىسپاتلار، ئېچىنىشلىق رىئاللىقلار بۇ مەكتەپ مۇدىرىنىڭ بۇرتىدىن ئۆتەلمەپتمىش. ئەجىبا، شۇ بىر ئوقۇتقۇچى خىزمەتكە چىقمىسا، مەكتەپتە ئوقۇتۇش توختاپ قالارمىدى، شۇ مائاشنى تۇتمىسا، مەكتەپ مالىيسى ئايلانماسمىدى، ئۇلار مائارىپ ئىدارىسىگە كەلمىسە، باشلىقلار مۇدىرنىڭ سۆزىگە، دوختۇرخانىنىڭ ئىسپاتىغا ئىشەنمەي قالارمىدى...؟ بۇ مېيىپ ئوقۇتقۇچى يىغلاشنى بىلمەيدىكەن، لىكىن يولدىشى يىغلاپ كەتتى. يۇرىكىم سىرقىرايدۇ، بىزدىكى مۇھەببەت، ئىنسانپەرۋەرلىك شۇ مۇدىرلىق ئورنى بىلەن ئالمىشىپ قالغانمىدۇ؟ مەن خىياللاردىمەن. بىزدىكى ئادەمنى ئاساس قىلىش دىگەن شۇئار قەيەرلەردە؟ ھەممە كىسەللەر ئىدارە باشلىقىنى ئىزدەپ كىلىشى زۆرۆرمۇ؟ مۇدىر نىمە ئىش قىلىدىغان ئادەم.، ئۇنىڭدىكى كىبىرلىك تەشنالىقى بىر ئادەمنىڭ ھاياتىدىنىمۇ مۇھىممۇ؟
«پىنىسيگە چىققاندا خاتىرجەم كۈن ئالارمىز دەپتىكەنمەن، پىنسىيگە چىقىپ سەككىز كۈندىن كىيىن تۇيۇقسىز ئاغرىپ يېتىپ قالغاندىن بىرى، سەككىز يىل بولدى ئويدىن سىرتقا چىقالمايدۇ. داۋاملىق دورا يەپ، دوختۇرخانىگە بىېرىپلا يۈرىۋاتىمىز...». بىر مويسىپىت ئايال كۇچا ئابتوبۇسىدا مۇشۇنداق سۆزلەپلا كەتتى. بۇ دەرتمەن ئايالمۇ 41 يىل مائارىپ سېپىدە كۆرەش قىلىغان بىر جاپاكەش پىنسىيۇنىر مۇئەللىمىنىڭ ئايالى ئىدى، ئىگىلىشمچە، « ئۇ ساغلام پىنىسيگە چىققان ئىدىغۇ؟» دەپ سۇرىۋىدىم، ئۇ ئايال، بالام، ئۇ چاغلاردا كىسەل بۇلۇپ قالسا دوختۇرخانىگە بارغىلى ئۈنمايتى، روخسەت سۇراشقا پەقەت بوينى بارمايتى.« رۇخسەت سۇرىسام، مۇدىر بەرمەي قالسا سەت تۇرىدۇ» دەپلا تۇرۇۋالاتتى، ئەمدىلىكتە كۆرىدىغان كۈن مۇشۇ بولدى.... كۆڭلۈم يېرىم بولدى. ئەجىبا بىزلەرنىڭ كۈنى ئاشۇنداق ئاخىرلىشارمۇ؟ ئۆزىمىزنىڭ ساغلاملىقىنى شۇ مۇنبەرگە، مۇدىرنىڭ تەلەتىگە، مەسئۇلىيەتنىڭ جاپاسىغا تىگىشىپ يۈرەرمىزمۇ؟ پۇتىمىز گۆرگە ساڭگلىغاندا ئاندىن پىنسىيگە چىقارمىزمۇ؟ ئۆزىمىزنىڭ ياشلىق باھارىنى، گۆھەردەك ساغلامىلىقىنى، گۈزەل ھاياتىنى مىللى مائارىپ ئۈچۈن سەرىپ قىلىپ، ئەڭ ئاخىردا يەنە شۇنداق خالىققا قالارمىزمۇ؟
بىر دوستۇمنىڭ ئايالى رۇخسەت سۇراپ، قورسىغىدىكى يەتتە ئايلىق بالىنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن دوختۇرنىڭ داۋالىشغا ئاساسەن كۈندە دوختۇرخانىغا بېرىپ ئۇكۇل ئالىدۇ، لىكىن مەكتەپ رەھبەرلىرى بىچارە ھامىلدار خانىمىنىڭ ئەھۋالىغا ئىشەنمەي، تىلفۇن بىلەن بۇ خانىمغا ئائىلە سۆھبەت ئۇرۇنلاشتۈرۈپ، ۋاقىت چەكلىمىسى بىلەن بۇنىڭغا ۋەزىپە بىرىدۇ. نىمە ئامال، خاننىڭ يارلىقى شۇنداق تۇرسا، بۇ خانىم ھەر كۈنى ئۇكۇل ئېلىپ بۇلۇپ، 20 نەچچە كىلومىتىر يىراقلىقتىكى يېزىغا بېرىپ سۆھبەتتە بۇلىدۇ. دوستۇمنىڭ ئايالى قاقشاپ، ئوقۇتقۇچى بولغانلىقىغا پەندىيات دەيدۇ. شۇ مۇدىرغا لانەت ئوقۇيدۇ. تېخى مۇدىر ئەپەندىنىڭ يېقىنلىرىدىن بولغان بىر نەچچە خىزمەتدىشىنى تىللاپ كىتىدۇ. يەنە نىمە ئامال، ئاچچىقنى يۈتۋىتىپ، توققۇز ئايدا تۇغۇدىغان بالنى سەككىز ئايدا تۈغۇپ، يۈرەك پارىسىنىڭ ھاياتىغا چاقچاق قىلىشقا رازى بۇلۇدىيۇ، لىكىن شۇ مۇدىر ئەپەندىنىڭ يارلىقىنى كىچىكتۈرۈشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ. ئەجىبا، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قەلبىنى ئۆچمەنلىك ئوتلىرى بىلەن زەھەرلەپ ئۆتىمىزمۇ؟ مىللىي رۇھىيتىمىزدىكى، ئاجىزلارغا ھىسداشلىق قىلىدىغان، مەزلۇملارنى ھىمايە قىلىدىغان، ئاياللارنى ھۆرمەتلەيدىغان شۇ ئىسىل ئىستىللار قەيەرلەرگە كەتكەندۇ؟ شۇ مەكتەپ مۇدىرلىق ئۇرۇندۇقى ئۈسىتىدە ھەممە نەرسە ئۆزىنىڭ ماھىيتىنى يۇقۇتۇپ قۇيامدىغاندۇ؟
توردىكى قول يازمىدا، ئۈنۋان مەسلىسى ئوتتۇرىغا قۇيۇلۇپ، مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئۇنى ساتىدىغانلىقى سۆزلەنگەن. بۇنىڭ راست- يالغان بۇلۇشى بىلەن كارىم يوق. لىكىن ئۈنۋان دىگەن كەسپى تېخنىك ئىقىتىدارىغا بىرىلىدىغان دەرىجە. بۇ بىر خىل نەزىرىيەسىز تەجىرىبە، يىللار ئېلىپ كىلىدىغان ئۆمۈرلۈك قابىليەت. بۇ يەرگە كەلگەندە يەنە قىزىق نوقتا بۇلۇپ قاپتۇ. چوڭلارنىڭ كەسپى تېخنىك ئىقىتىدارى يۇقىرىمۇ ياكى كىچىكلەرنىڭمۇ؟ مىنىڭچە، بىزلەر قالقان قىلۋالغان كىنشكە، تەقدىرنامىلەر پەقەت شۇ ۋاقتتىكى، شۇ خىل كەسپىتىكى ئىقىتىدارىنى بىلدىرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق كەسپى تېخنىك ئىقىتىدارى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق دەپ قارايمەن. كونلاردا «بىر ئىشتان ئۇشۇق يىرتقاننىڭ ئەقلى ئۇشۇق» دىگەن سۆز بار. بۇ سۆز پەقەت چوڭلارنىڭ تەجىربىسى مول دىگەننى بىلدۈرىدۇ. بۇنىڭدىن بىلىمىزكى ئۇزۇن يىل خىزمەت قىلغانلارنىڭ ئوقۇتۇش، تەربىيلەش تەجىربىسى مول بۇلىدۇ. ئۇنداقتا، ئوقۇتقۇچىلىق كەسپى تېخنىك ئىقىتىدارى دەرىجىسى (ئۈنۋان) تەجىربىسى موللارغا بىرىلەمدۇ ياكى كىنىشكىسى كۆپلەرگىمۇ؟ دىمەك، كەڭ ئۈنۋان باشقۇرغۇچىلار بۇ نوقتىدا قاتتىق ئويلىنىشى كېرەك. بۇ يەردە مەن تەۋىسيە قىلىمەنكى، ئۈنۋان ئاۋۋال خىزمەت تارىخى يۇقۇرلارغا (خىزمەت قىلىۋاتقان، نۇرمال ئىش ئورنىدىكىلەر) بىرىلىشى، خىزمەت تارىخى ئوخشاش بۇلۇپ قالسا، ئاندىن كىنىشكە، تەقدىرنامە كۆپلەرگە بىرىلىشى كېرەك. مىنى ئويغا سالىدىغىنى شۇكى، نەچچە 30 يىل جاپالىق تارىخلاردا، قەتئىيلەرچە خىزمەت قىلىپ بۈگۈنگە كەلگەندە، ئۈنۋان تەخسىملەش ئۆلچىمىگە يىتلمەي شاللانغان تالانتلىق پبىشقەدەم ئۇستازلىرىمىغا ھىسداشلىق قىلىمەن. ئۇلارنىڭ قولدىن قانچىلىغان تالانىت ئىگىلىرى تەلەم ئالغان، قانچىلىغان قاراڭغۇ دىللار يۇرىغان بولغىيدى. خىيالدىمەن، ئەجىبا ئۇلار باشتىن كەچۈرگەن مۇشەققەتلىك رىئاللىق كۆز ئالدىمىزدىكى ئۈنۋان تەخسىملەش ئۆلچىمى ئالدىدا ئەرزىمەس ھىكايىگە ئايلانغاندىمۇ؟ ئۇلار تارىختىن بۇيان ئىگە بولغان ھۆرمەتكە خاس ئسىل خۇلۇق، ئالىيچاناب تىرىشچان رۇھ، شەرەپلىك تۆھپە ۋە مول تەجىرىبىلەر ئۈنۋان ئېلىش ئۆلچىمىگە يىتەلمەمدۇ؟ ئۇلارنىڭ ياشانغانلىقى كەمچىللىكمۇ؟ پاكلىقى ئاجىزلىقمۇ؟ پەردازسىز تۆھپە قوشقانلىقى گۇناھمۇ...؟ بىز ياش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق تارىخىنى تاغاردا بىر كىنىشكا، تەقدىرنامىلەر بىلەن پەردازلاپ پىشقەدەملىرىمىزدىن ئالىيلىقنى تالىشىشىغا قارشىمىز.
يەنە بەزىبىر دوقمۇش پاراڭلىرى ئادەمنى ئۆرتۈندىرىدۇ. بىر قىسم ئوقۇتقۇچىلار بىر كۈنمۇ خىزمەت تاشلىماي ئىشلىسە، يەنە بىر قسىم ئوقۇتقۇچىلار بىر كۈنمۇ رۇخسەت تاشلىماي ئۇينايدۇ. يەنە تېخى ئاشۇنداق كىسەللەرگە مۇپتىلا بولغانلار ھاخىرقى ھاياتىنىڭ ئەمىنلىكى ئۈچۈن خاتىرجەمسىزلىنىدۇ، غەم قىلىدۇ، مۇدىرغا يالۋۇرىدۇ. مانا مۇشۇنداق ناھەق، تەڭسىز، مىھىرسىز مۇئامىلىدە، شۇ غېرىپ ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ قانچىسى غەزەپلىك تىنىقلىرىنى يۈتىۋەتكەندۇ، قانچىلىك ئىسىل ئەخلاق تۇيغۇلىرىنى تۇنجۇقتۇرۋالغۇندۇ-ھە؟
........................................................................
رەھمەتلىك چوڭ دادام، مىنى تەنقىدلەپ « نىمىشقا چوڭلارنىڭ ئالدىدا مىنگەن ۋېلسىپىتىڭىدىن چۈشۈپ سالام بىرىپ ئۆتمەيسەن» دىگەن ئىدى. پىشقەدەم دادام ماڭا تەربىيە ئىشلەپ «خىزمىتىڭ سەن بىلەن كەتمەيدۇ، ھاجەتمەننىڭ ئاسانلىقى ئۈچۈن خىزمەتتە خاتالاشساڭ، مەن سىنى قوللايمەن» دىگەن ئىدى. قېيىنئاتام ماڭا «نامراتلىقتا ئادەم ئۆلمەيدۇ، باشقىلارغا ھارام قول ئۇزارتماڭ، ھالال ياشاڭ» دىگەن، سۆيۈملۇك ئانام ماڭا بەخىت تىلەپ «باشقىلارنىڭ ئاھانىتىدىن خالىي بولغايسەن، باشقىلارغا كۆپلەپ ياخشلىق قىل» دىگەن، ئايالىم ماڭا كۆيۈنۈپ تۇرۇپ «ئاجىزلارنى كۆرسەم ئىچىم ئاغرىيدۇ، ياردەم قىلسام خۇشال بۇلىمەن» دىگەن، ئىنىم ماڭا «باشقىلارغا يالۋۇرما، ھالال تەرىمىز خۇمسىلارنىڭ تەمسىز ئېشىغا تۈز بۇلۇپ قالمىسۇن» دىگەن، دوستۇم ماڭا «ھەرقانچە چوڭ ئادەم بولساڭمۇ، خەلىقىنىڭ بالىسىسەن، كىبىرلىكتىن يىراق تۇر، بىز ساڭا خۇشامەت قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، مۇشۇنداق سۆزلەرنى دىيەلىگەنلكىمىز ئۈچۈن ساڭا يېقىنىلىشالايمىز» دىگەن. مانا بۇلار ئەتراپىمىدىكى ماڭا ئەڭ يېقىن ئوقۇتقۇچىلاردۇر، ئۇستازلاردۇر، ماڭا ئەينەكلەردۇر. مەن شۇڭلاشقىمىكىن ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئالدىدىن توغرا ئۆتۈپ قېلىشتىن ھەزەر ئەيلەيمەن. ھەيران قالىدىغىنىم شۇكى مەكتەپلەرنى باشقۇرىۋاتقان ئەشۇ مۇدىرلارنىڭ ئاتا- ئانىسى، خۇتۇن- باللىرى، ئۇرۇق- تۇغقانلىرى يۇقمىدۇ؟ مۇھەببەتكە مول قەلبى ئەملدىلىكتە مۇزلىغانمىدۇ؟ ئۇلار باشقىلارنىڭ چەككەن جاپاسىدىن خۇش بۇلامدىغاندۇ؟ باشقىلاردىن كۈتىدىغان باشقىچە تاماسى بارمىدۇ ياكى شۇ ئۇرۇندا باشقىلارنى تەڭشەپ خىزمەت قىلدۇرغىدەك ئىقىتىدار يوقمىدۇ؟
باشقۇرۇشىمىزدىكى بىر قىسىم ناچار قىلمىشلار رۇھىمىزدىكى نادانلىقنى ئېلىپ كەلمەكتە، مائارىپ ئۈچۈن نۇرغۇن يىللار يۇرۇپ كىلىۋاتقان مەشئەل يۇرەكلەرنى زىدە قىلماقتا.... بۇ پىرىنسىپ ھارۋىسغا ئۇلتۇرۇپ، تۈزۈم خېچىرىنى ھەيدىۋالغان مۇدىرلىرىمىز ئەزەلدىن يول بۇيىدا ھالال تەرى بىلەن شەرەپلىك ئىشقا ئاتلانغان مۇئەللىملەرنىڭ ھىسياتىنى ئويلاشماي، ئۇلارنى تار يولدا قىيناپ كەلمەكتە. ئاقىۋەت، نۇرغۇن پىداكار ئوقۇتقۇچىلار شۇ خېچىر ھارۋىنىڭ ئاسىتىدا قېلىپ، ئۆز نىشانىنى يۇقۇتۇپ قويماقتا، نۇرغۇن جاپاكەشلەر بۇلۇڭ- پۇچقاقلارغا قاپسىلىپ قالماقتا. خېچىر ھارۋا ئۆزىنىڭ رۇلىنى يۇقاتماقتا. شۇنداقتىمۇ مۇدىرلىرىمىز زىرىكمەي خېچىرىنى قامچىلىماقتا، زىخلىماقتا، ھارۋىدىكى ناچار قىلمىشلار كۆپەيمەكتە.... ئەپسۇسلىنىمەن، نىمىلەر مۇھەببەتسىز راۋاج تاپقان؟ كىملەر مۇھەببەتسىز رۇناق تاپقان؟ كىشىلەرنىڭ دىلىغا ئازار بىرىدىغان خېچىر ھارۋا قەيەرلەرگە بارالار...؟
پىرىنسىپ- ئادەم بۇلۇش مىزانى، بۇنىڭغا ئادىمىيلىك، ئىنسانپەرۋەرلىك، ساداقەت، ئىشەنچ، مىھىر- مۇھەببەت مەجەسسەملەنگەن. ھەرقانداق پىرىنسىپتا ئادىمىيلىك بولمسا ھايۋان بۇلىدۇ، ئىسانپەرۋەرلىك بولمىسا مۇناپىق ، ساداقەت بولىمىسا ئاسىي، ئىشەنچ بولمىسا مەجرۇھ بۇلىدۇ، مىھىر- مۇھەببەت بولمىسا ھايۋان چاغلىقمۇ بۇلالامايدۇ. مانا، بۇ پىرىنسىپ. ھېچكىم بىزلەرگە قېرىپ ياشانغاننى، ئاجىز مەزلۇملارنى قىيناش پىرىنسىپ بۇيىچە ئىش كۆرگەنلىك دەپ بەلگىلەپ بەرمىدى. ئەگەر مۇدىرلارنىڭ پىرىنسىپى ياشانغانلارنى قۇربان قىلىپ، ياشلارغا ئىبرەت ئەيلەش بولسا ياكى ئۆز خىزمىتىنىڭ قۇلايلىقى ئۈچۈن بولسا، ئۇنداقتا مۇھەببەتنى دەپسەندە قىلغانلاردۇر، ئادەم بۇلۇش پىرىنسىپى بويىچە ئۇلار مىللىي مائارىپىمىزنىڭ ئاسىيلىرى، مۇناپىقىلىرى بۇلۇپ قالغۇسى. چۈنكى ئۇلاردا خىزمەت قىلالىغۇدەك ئىقىتىدار، مۇدىرلىق سۆلەت يۇقتۇر. تۈزۈم توغرىلىق سۆزلەش ھاجەتسىز، قول ئاستىدىكىلەرنى قائىدە بىلەن قايىل قىلالماي، تۈزۈم بىلەن چوڭ- كىچىك، قېرى- ياش دىمەي تىزگىنلەپ، ھىسياتقا نوقتا سالىدىغان، ئارزۇلارغا پىسەنت قىلمايدىغان، مەسئۇلىيەتچانلىقنى خۇرتىدىغان مۇدىرلىرىمىز كىشلەرنىڭ ھىمايسىدىن مەھرۇم قالىدۇ. تۇرمۇشنىڭ خاتىرجەملىكىنى بۇزىدىغان بۇنداق قائىدە- تۈزۈملار خالىغان ۋاقىتتا تاجاۋۇزغا ئۇچرايدۇ.
ئىنسانلارنىڭ قەلبىدە تىنىمسىز سۇقىۋاتقان بىر تال قوشمۇشتەك يۈرەك تۇغۇلىشىدىنلا مۇھەببەتكە زار تۆرەلگەن، ئۇ مۇھەببەتتىن ئىنسانپەرۋەرلىك، ساداقەت، ئىشەنچ، سۆيۈش- سۆيۈلىش، قەدىرلەش- قەدىرلىنىش قاتارلىق نۇرغۇن ئادەم بۇلۇش قائىدە- قانۇنىيەت ۋە پىرىنسىپلىرىنى شۈمۈرۈپ ئىلىش ئۈچۈن شۇنداق جەسۇر يارالغان. ئۇ شىددەتلىك بوران- چاپقۇن، زىمىستان شىۋىرغان، يال- يال پىژقىرىم يالقۇنلارغا بەرداشلىق بىرەلەيدىيۇ، ئەمما يىنىككىنە ئۇرغىغان مۇھەببەت دولقۇنلىرى ئالدىدا ئىسسىق ياشلىرىغا باش ئىگىدۇ، دېڭىزدەك دىل ئاغرىقىغا بىر تامچە ياشتىن تەسەللىي تاپىدۇ. زۇر قۇربان بىرىشتىن زەررىچە مۇھەببەت ئىزدەيدۇ. بىز بۇنى مىھىربانلىق دەيمىز،بىز بۇنى ئىسىلزادىلىك دەيمىز.
بىزنىڭ سىپىمىزدىمۇ شۇنداق مىھىربان، ئىسلزادىلەر بار. مائارىپىمىزدىكى نى-نى جاپا- مۇشەققەتلەر ئۇلارنى ئەل قىلالمىغان، نى- نى زىمىستانلار ئۇلارنىڭ مائارىپقا بولغان مۇھەببىتىنى سۇۋۇتالمىغان، نى- نى پىژقىرىملار ئۇلارنىڭ مائارىپقا بولغان كۈچلۈك ئىرادىسىنى ئىرىتەلمىگەن. ئۇلارنىڭ پىشانىسىدىن ئاققان تەرلىرى، كۆزلىرىدىن ئاققان ياشلىرى ئۇلارنىڭ جاپالىق كۈنلىرىگە، ئازابلىق ئاھۇ- زارىغا شاھىد بۇلۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆتمىشىنى ئۇنتۇلماس مۇھەببەت خاتىرىسىگە پۈتۈپ كەلگەن. ئۇلار يامغۇرلۇق كۈنلەردە يامغۇر تۇرماس لەمپىلەر ئاستىنى، تۇمۇز كۈنلەردە جىگدە توغراقلارنىڭ سايىسىنى، ئىش مەزگىلىدە كەڭرى ئېتىزلىقلارنى، قارلىق كۈنلەردە كىگىز كەپىلەرنى، قەھرىتان كۈنلەردە تۈتۈنگە تولغان كۆلەڭلەرنى، يول بويىنى، كۆل- ئۆستەڭ ياقىسىنى، ھەتتا ئۆزىنىڭ كىچىككىنە ئۆيىنى ئوقۇتۇش مۇنبىرى قىلىپ، ئۆز جىسمىدىكى مىللىي مائارىپىمىزغا بولغان يالقۇنلۇق مۇھەببىتىنى سۇغارسا، يەنە بىر نوقتىدىن بۈگۈنىكى مائارىپىمىزنىڭ مانا مۇشۇنداق گۈزەل كارتىنىسىنى سىزپ بەرگەن.
ئەلۋەتتە، ئۇلارنىڭ خاتىرسىدە پەقەت ئوتلۇق تەبەسسۇمغا، مەڭگۈلۈك دوستلىققا تولغان دەرس مۇنبىرى بار، ئۈزۈلمەش رىشتىلەرگە، ئارزۇ- ئارمانلارغا باغلانغان مەكتەپ بار، جاپالىق قان- تەرى سىڭگەن مائارىپ بار. جۈملىدىن، بارلىق مۇھەببىتىنى قۇربان قىلىپ، پۈتكۈل ۋۇجۇدى بىلەن كۆرەش قىلىپ كەلگەن مائارىپ ئىش- ئىزلىرى بار. بىراق، ئۆز مۇھەببىتىنى قالدۇرماي بەخشەندە قىلغان تارىخقا خاتىمە بىرىپ، شۇ ئەسلىمىلىرىنى «خۇرسەنلىك» ئۈندەش بەلگىسى بىلەن تاماملاش ئالدىدا تۇرغان ئەشۇ پىشقەدەم ئىسىلزادىلىرىمىز يەنە بىر قېتىم خۈنۈك كۆزلىرىدىكى «خۇرسىنىش» ياشلىرىغا ئىلتىجا قىلماقتا. بىچارە سىقىلغان يۈرەك بىر تامچە ياش ئۈچۈن، قۇرۇپ كەتكەن مۇھەببەتكە زار- زار تەشنا بولماقتا....
ئۇ ماڭغان يۇللاردا مۇھەببەت ئىزناسى بار،
ئۇ تۇتقان بورلاردا مەرىپەت ھەقداسى بار.
ئۇ چەككەن ئەلەملار چۇلغار ئۇنىڭ باغرىنى،
ئۇنىڭ زار يۈرەكىدا ئىلم- پەنگە تەقۋاسى بار.
خۇشاللىق، سائادەت ھەمراھ ئاڭا قارماققا،
مىسكىن قەلبى ھەم دىلىدا، يەنە چوڭ ياراسى بار.
ئازار قىلدۇق، بىلىمدۇق، مەجبۇرلاپ يالغۇزلۇققا،
ئۇ چەككەن دەرتلەردە، بىزگە بىر نىداسى بار.
كۆزىدە ياش، لەۋ چىشلەپ قارار بىزگە غېرىپ،
سۆزلەيمەن ئۇنىڭ راست سۆيگۈگە تەشناسى بار.
مۇھەببەت بىرەيلى، ئۆمىرىگە ئامەت تىلەپ،
ئۇ ياققان شاملارنىڭ يوللارغا شولاسى بار.
مەن مال- دۇنيا ئەمەس، مەرتىۋە-ھۇقۇق ئەمەس، بەخىت- سائادەت ئەمەس، پەقەت مۇھەببەت تىلەيمەن. ئەلنىڭ باللىرىنى ئۆزىنىڭ بالىسىدىن ئەتىۋا بىلىپ، ئۆز بالسىنى ياندا قۇيۇپ، ئۆزگىنىڭ بالىسىنى باغرىغا بېسىپ، ئەلگە مىھىر- مۇھەببەت ئۇرۇقى چاچقان شۇ پىشقەدەم ئۇستازلار ئۈچۈن مۇھەببەت تىلەيمەن. ئۆز تىنىنىڭ كىسەللىكىنى ئەلنىڭ رۇھى كىسەللىكى بىلەن ئۈنتۈنسىز ئالماشتۇرۇۋاتقان شۇ ئاغرىقچان مۇئەللىملەر ئۈچۈن مۇھەببەت تىلەيمەن. ئۆز ئائىلىسىدىن ئازار يىسە، مەكتەپ قوينىغا ئىختىيارسىز ئېقىپ بېرىپ، ئۆزىنىڭ سۆيگەنلىرىدىن ئەمەس، ئارزۇ- ئارمانلىرى جەملەنگەن باشقا بىر دۇنيا(مەكتەپ) دىن مۇھەببەت، خۇشاللىق ئىزدەپ كەلگەن دىلى سۇلغۇن مەرىپەتچىلەر ئۈچۈن مۇھەببەت تىلەيمەن.ئۆزىنىڭ نامرات ۋە گادايلىقىغا لېۋىنى چىشلەپ، ئەلنىڭ بەختى ۋە قاراڭغۇ دىللىرى ئۈچۈن ئاقارتىش مەشئىلىنى كۆتۈرۈشتىن ۋاز كەچمەي كەلگەن شۇ نامرات مۇئەللىملەر ئۈچۈن مۇھەببەت تىلەيمەن. ئۇلار شۇ لاي دوسكىلارنى تالاي- تالاي سۇۋاپ- سىرلاپ، ئاپئاق بورنىڭ «ئاق» ئىزى ئۈچۈن نۇرغۇن ئەجىرلەرنى سىڭدۈرگەن. شۇ ياغاچ،چالما ئۇرۇندۇق- پارتىلارنى قايتا- قايتا رىمۇنت قىلىپ سەبىئى بالىلارنىڭ ساغلام كۆكلىشى ئۈچۈن قان- تەر تۆككەن، شۇ پاتاس- پاتقاق، توپىلىق يوللارنى كۈنۈم- كۈنۈم مېڭىپ، نادان خەلقنىڭ مەرىپەتلىك كەلگۈسى ئۈچۈن كۆرەش قىلىپ كەلگەن. مەن شۇ ئۆتمۈش ھالسىراتقان، مائارىپ قېرىتقان پىشقەدەم ئاتىلار ئۈچۈن مۇھەببەت تىلەيمەن. چۈنكى بۇ تۇپراقتا، مۇنبەردە، ھازىرقى مۇئەللىملەر ۋۇجۇدىدا، بىزگە ھاياتلىق بىرىۋاتقان بىر تال داندا، ھەتتا كۈندە پارلاۋاتقان يېڭى قوياشتا، ئايدا بىر پۈتۈنلىنىدىغان تۇلۇن ئايدا ئۇلارنىڭمۇ ھەققى بار، ئۇلارنىڭمۇ ئەجىرى بار.
شۇنىڭغا ئىشنىمەنكى، سېپىمىزدىمۇ ھەقىقىي ئوقۇتقۇچىلىق رۇھىغا ئىگە ئۇقۇتقۇچىلار نۇرغۇن، ئۇلارمۇ مۇشۇ ئانا زىمىننى مەرىپەت چىمەنلىرى بىلەن زىننەتلەشكە تۇلىمۇ ھىرىسمەن،ئۈمىدۋار سۈبىھى كۆزلەرگە ئاجايىپ تەشنا، تۇزانلىق دەرس مۇنبىرىگە پۈتكۈل ۋۇجۇدى بىلەن ئاشىق، ئۆز مۇھەببىتىنى قۇربىنىڭ يىتىشچە مائارىپ ئۈچۈن قۇربان قىلىشقا ھامان تەييار، ئەشۇ پىشقەدەملىرىمىزنىڭ غايىلىرىگە ۋارىسلىق قىلىغۇچى جاپاكەش ئىزباسارلار. مەن مائارىپىمىزدىكى شۇ تايانچلار ئۈچۈن مۇھەببەت تىلەيمەن.
ئۇلارغا مۇھەببەت بىرەيلى، كۆڭۈل بۆلەيلى! پەقەت ھەممىمىزدە ئۆز- ئارا كۆيىنىدىغان مۇھەببەت بولسا، ئەشۇ نۇرلۇق كۆزلەر خۈنۈكلەشمەيتى، شۇ قىممەتلىك ياشلەر قەدرىنى يوقاتمايتى، شۇ ئۈمۈدىلىك يۈرەكلەر ئاغرىمايتى. پەقەت بىر- بىرىمىزنى قوللايدىغان يۈركىمىز بولسىلا، بىزنىڭ ئۆتمىشىمىزمۇ، كەلگۈسىمىزمۇ بىزدىن رازى بۇلاتتى. بۇ كەڭ يوللارنى تار ھىس قىلمايتۇق، بۇ جاپالار بىزنى ھالسىراتمايتى. پەقەت ھەممىمىزدە ئۆز- ئارا سۆيىنىدىغان مۇھەببەت بولسا، خىزمەت قىلىشمۇ ئانچە قىيىنغا چۈشمەيتى. تۇرمۇشىمىز خۇشاللىققا تولاتتى. ھەممىمىزدە مۇھەببەت بولسۇن. كۆزلەر ياشقا تولمىسۇن، شۇ پىشقەدەملەرگە ئازار يەتمىسۇن. ئۇلارمۇ كۈلسۇن، يايرىسۇن، بىزنىڭ قىلغانلىرىمىزدىن سۆيۈنسۇن، بىزلەرگە ئاسايىشلىق تىلىسۇن.
خۇشال ياشاڭ ئەلنى ياشارتقانلار!!!
بۇ ماقالىگە يەنە قانداق ماۋزۇ قويسام بولار، تورداشلارنىڭ پىكىر بېرىشنى سورايمەن!
[ بۇ يازمىنىhawarدە2012-04-19 23:23قايتا تەھرىرلىدى ]