قانداق قىلسام قىماردىن قول ئۈزەلەيمەن؟؟؟
مەن ئەسلى ئىنتايىن ياخشى ئوقۇغۇچى ئىدىم . باشلانغۇچ ،تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئىنتايىن ياخشى ئوقۇغان ئىدىم . تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 2-يىللىقىغا چىققاندىن باشلاپ مۇشۇ ھازىر مودا بولۇۋاتقان ئىلىكتىرونلۇق ئويۇنچۇقخانىغا قىزىقىپ قالدىم . ئۇ ۋاقىتلاردا ھازىرقىدەك ئۇنداق چوڭ ئوينىمايتىم .بىراق بارا -بارا ئۇنىڭدىن قول ئۈزەلمىدىم .ئەكسىچە تېخىمۇ بېسىپ ئوينايدىغان بولۇپ كەتتىم .3-يىللىققا چىققاندىن باشلاپ رەسمى كىرىشتىم . ئاتا-ئانامنىڭ ھەر ھەپتىدە ئەۋەتىدىغان تۇرمۇش پۇلۇم پۈتۈنلەي مۇشۇنى ئويناشقا كېتەتتى .كېيىنچە ھەپتىلىك پۇلۇم 5مىنوت ئويناشقا يەتمەس بولدى .شۇنىڭ بىلەن ساۋاقداشلىرىمدىن ،ئوقۇتقۇچىللىرىمدىن قەرىز ئېلىپ ئوينىدىم .بۇقەرىزلىرىمنى ئۆيدىكىلەر بىلىپ بىر قانچە قېتىم تۆلەپ بەردى .بىراق كېيىنچە مەن قەرىزلەرنى قايتۇرالمىغانسېرى تېخىمۇ بېسىپ ئويناشقا باشلىدىم .كېيىن سااۋاقداشلىرىم ،دوسلۇرۇممۇ ماڭا ئىشەنمەس بولۇپ كەتتى .ھېچكىمدىن قەرىز ئالالمىغاندىن كېيىن ئۆيدىكىلەرنى ئالداپ پۇل ئېلىپ ئوينۇدۇم . ئاتا-ئاناممۇ نەسىھەت قىلىپ ھاردى . ھەتتا ئوقۇش پۇلۇمنىمۇ ئوقۇتقۇچىللىرىمغا تاپشۇرماي ئويناپ ئۇتتۇرىۋەتتىم .ئامال قانچە ،ئاتا-ئانامنىڭ يالغۇز ئوغلىمەندە ! ئۇلارنىڭ مەندىن كۈتىدىغان ئۈمۈدى ناھايىتى زور . ئامالسىز يەنىلا ئوقۇش پۇلۇمنى تۆلەپ بەردى .قىمار دېگەن شۇنداق مېھرى ئىسسىق نەرسىكەن يەنىلا مېھرىمنى ئۈزەلمىدىم .داداممۇ تىللاپ -ئۇرۇپ بېقىپمۇ ئۆزگەرتەلمىدى .نۇرغۇن كۈنلەر ئۇتتۇرىۋېتىپ كۈنلەپ ئاچ يۈردۈم .سىرىتلاردا قالدىم .ئاتا-ئانام ھايات تۇرۇپ تىرىك يېتىمدەك كۈنلەپ ئۆيگە كىرمەي سىرىتلاردا يۈردۈم .(خۇدايىم ئۇنداق كۈنلارنى ھېچبىر بەندىسىگە كۆرسەتمىسۇن ،ئۇكۈنلەرنى ئويلىسام قوررىققۇم كېلىدۇ ،ھېلىمۇ ھايات ياشىدىم ) .ئۆيدىن نۇرغۇن قېتىم مىڭلاپ- تۈمەنلەپ ئوغۇرلاپ ئەپچىقىپ ئۇتتۇرىۋەتتىم .دادام ئاخىرى ئوقۇتماسلىق قارارىغا كېلىپ مېنى ھۈنەرگە بېرىۋەتمەكچى بولدى .بىراق يەنىلا بىچارە ئاپام يالۋۇرۇپ يۈرۈپ يەنىلا مېنى ئوقۇتتى .مىڭبىر تەستە ئالى مەكتەپ ئىنتاھانىنى بېرىپ مەكتەپنى ئاران پۈتتۈدۈم . تولۇق 1-2- يىللققلاردا ئوقۇۋاتغان چېغىمدا ئوقۇشۇم ھەقەقەتەن ياخشى ئىدى ،مەكتەپ بويىچە يىللىقلار ئىچىدە ئالدىنقى 5-نىڭ ئىچىدە ئوقۇغان ،بوۋام يازغۇچى بولغاچقىمىكىن ،يېزىقچىلىقتىمۇ ئالاھىدە تالانتىم بارئىدى .نۇرغۇن شېئىر ،ھېكايە ،فىليەتونلىرىم گېزىت -ژورناللاردىمۇ ئېلان قىلىنغان ،مەكتەپتىمۇ خېلى يۈزۈم بار ئىدى . دىنى جەھەتتىمۇ ھېچ بولمىسا قۇرئاننىڭ 5پارىسىنى بولسىمۇ چالىراق يادا ئالغان ،<سۈرەياسىن>نى پۈتۈن يادلىغان ،ئۈيدە بولسام ھەر كۈنى كامىدا بىرۋاق بامدات نامىزىنى ،بولمىسا بەشۋاق نامازنى تولۇق ،قالدۇرماي ئوقۇيمەن ،قىمار ئويناشنىڭ قانچىلىك ئېغىر گۇناھ ئىكەنلىكىنىمۇ ئوبدان بىلىمەن .بىلىپ تۇرۇپ يەنە قىلىمەن ،قىلىپ بولۇپ كۆزيېشى قىلىپ ئاللادىن گۇناھىمنى كەچۈرىشىنى سوراپ تۆۋە قىلىمەن .،ئاپامنىڭ مەن ئۈچۈن تۆككەن كۆزياشلىرىنى ،ھەتتاكى مەن ئۈچۈن شۇنچىلىك قەيسەر تۇيۇلغان دادامنىڭمۇ ئاللاغا نالە قىلىپ ياش تۆككىنىنى ئويلىسام ئۆلىۋالغىم كېلىدۇ . ئاتا -ئانامنىڭ ھەر ئىككىسى مائارىپچى ،مەن شۇنداق قىلىپ يۈرۈپ مەھەللىدە ئاتا -ئانامنىڭ يۈزىنىمۇ قويمىدىم .ئۆيدىكىلەر قەرزىمنى تۆلەش بىلەن ھالىدىن كەتتى . شۇنداقتىمۇ مېنىڭ ئالى مەكتەپ چاقىرىقىمنى كۆرۈپ بۇرۇن قىلغانلىرىمنى كەچۈرۈپ مېنى يەنىلا جوڭگودىكى داڭلىق ئالى مەكتەپكە خوشاللىق ياشلىرى بىلەن يولغا سالدى . بۇچاغدا مەن ئۈچۈن مېھرىبان ،جان كۆيەر بىردىنبىر ھەدەممۇ ئالى مەكتەپنىڭ 4-يىللىقىدا ئوقۇۋاتاتتى . تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا ھەدەم تۇرمۇش خىراجىتىدىن قىسىپ يىغقان پۇللىرىنى ،مەكتەپتىن يىلدا ئالغان ئوقۇش مۇكاپات پۇللىرىنى ئاتا-ئانامدىن يوشۇرۇن ماڭا ئەۋەتىپ بېرەتتى .لېكىن مەن قارا يۈز ئاشۇ پۇللارنىمۇ مىنوت ئىچىدە ئۇتتۇرېۋېتىپ گۆشىيىپ ئولتۇراتتىم .ئالى مەكتەپكە چىققاندىن كېيىنمۇ يەنىلا شۇ قىمار نى تاشلىماي باشچىلاپ كىرىشىپ كەتتىم .بىريىللىق ئوقۇش پۇلۇم 6000يۇۋەن پۇلنى 5قېتىم سالغۇزۇپ ئۆيدىكىلەرنى سورىۋەتتىم . ھەدەممۇ مىڭ بىر جاپادا قىينىلىپ يۈرۈپ مەكتەپنى ئەلا ئوقۇپ پۈتتۈرۈپ دېپلوم ۋە ئۇنۋاننى غەلبىلىك ئېلىپ قايتىپ كەلدى . ھەدەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈنمۇ يەنىلا شۇ پۇل كېرەكتە . بىراق قەيسەر ھەدەم يەنىلا ئۆيدىكىلەرگە(ئاشۇ بىچارە ئازغۇن ئىنىمنىڭ ئوقۇشىغىمۇ پۇل كېتىدۇ ) دەپ ئۆزى خىزمەت تېپىپ ئىشقا ئورۇنلاشتى . ھەتتاكى ئۆزىنىڭ ئىدارىسىدىن بەرگەن ئۆينىمۇ مېنىڭ نامىمغا ئېلىپ بەردى . بىراق مەن يەنىلا قىمارنى تاشلىمىدىم .ئاخىرى مەكتەپنىمۇ مىڭ تەستە ئۈچ يىلىنى تۈگىتىپ بىر يىللىق 休学قىلىپ ياخشى قوغلاندى بولماي ئاران يېنىپ كەكدىم .شۇنداقتىمۇ بىچارە ھەدەم ھەريان چېپىپ يۈرۈپ نىفىت شىركىتىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدى. ئۇيەردىمۇ يانىلا قىمار ئويناپ يۈرۈپ ئايلىق مائاشىم ھېچنىمىگە يەتمىدى .ھەتتاكى شىركەتنىڭ 15000يۋەن پۇلىغا خىيانەت قىلىپ ئۇتتۇرىۋېتىپ ،ئۆيدىكىلەر مىڭ تەستەتۆلەپ بېرىپ ئۇيەردىنمۇ ئاران يېنىپ كەلدىم . بۇيىل قۇربان ھېيىتتا دادامنىڭ قۇربانلىق قوي ئېلىش ئۈچۈن ئېلىپ قويغان 1000يۋەن پۇلى ۋە ئاپامنىڭ كېسىلىنى داۋالىتىش ئۈچۈن ئېلىپ قويغان 1500يۋەن پۇلنى ئوغۇرلاپ ئېلىپ چىقىپ ئۇتتۇرىۋەتتىم . بىچارىلەر يەنىلا مېنى كەچۈرۈپ (پەقەت ئوقۇشۇڭغا قايتىپ ياخشى ئوقۇپ دېپلوم ۋە ئۇنۋاننى ئېلىپ كەلسەڭلا ،ساڭا ئۆزۈم ماشىنا ئېلىپ بېرىپ ،تويۇڭنىمۇ خەقنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرەتكىدەك ئۆتكۈزۈپ بېرىمەن) دەيدۇ . بىراق مەن ئادەم ئەمەس يەنىلا بۆگۈن دادامنىڭ مائاش كارتىسىدىن 3000يۋەننى ئوغۇرلۇقچە ئېلىپ چىقىپ كېتىپ بايىلا ھەممىنى ئۇتتۇرىۋېتىپ ئېشىپقالغان 10يۋەن پۇلغا 网吧 دا包夜 قىلىپ مۇشۇ تېمىنى يوللاپ ئولتۇرۇپتىمەن .ئۆيدىكىلەر بىركۆزى قان ،بىر كۆزى ياش قانداق ئولتۇرغاندۇ ؟ دادام تېخى( كۆزۈم ئاجىزلاپ كېتىۋاتىدۇ ،كۆرمەس بولۇپ قالىدىغان ئوخشايمەن ، بۇئايلىق مائاش چىقسا داۋالانسام بولاتتى ) دەۋاتاتتى . ھەي........
مەن ئەمدى قانداق قىلاي ..........
ئۆلىۋالايمۇ ؟؟؟؟؟؟؟
جېنىم تورداشلار .......ياردەم قىلساڭلار . قانداق قىلسام مۇشۇ قىمار دىن قول ئۈزەلەيمەن ؟ ........مەسلىھەت بەرسەڭلار!!!!!