ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 19قەۋەتتىكى isyankarدە2012-04-22 18:52يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ھەممىنى بىلىدىكەنسەن ، يەنە ئوينايدىكانسەن!!! قومۇللۇق بولساڭ ، مېنى ئىزدە مەن ياردەم قىلاي...... ئەسلىدىن ئوبدان بالا بولساڭ ئۈمىد بار.. بولمىسا ، نوچى بولساڭ بېرىپ شۇ ئويۇنچۇقلارنى چاققىن ، شۇ يەرنى ئاچقانلارنى ئۇرغىن شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سېنى ئۇرىدۇ... تەلىيىڭ بولسا قېچىپ كېتىسەن ، يەنە كېلىپ چاقىسەن .... شۇنداق قىلىپ ھەممە ئويۇنچۇقخانىلارغا بارالمايسەن ... نەدە يېڭىدىن ئاچسا ، شۇ يەرگە بېرىپ چاق!!!
ئۇ چاغلارغىچە ئەقلىڭنىمۇ تېپىپ قالىسەن .... يېڭىچە كۈنلىرىڭىنى باشلايسەن .... ئادەمدەك ياشايسەن... ياكى بولمىسا ئۇ گۇيلار سېنى ئۆلتۈرۈپ قويىدۇ ... ئىشقىلىپ ئۆزەڭ ئۆلۈۋېلىپ گۇناھكار بولمايسەن .... قىمارخانىنى چاققان ئەزىمەت بولىسەن...
بۇ ئوسسول گەرچە قانونغا خىلاپ ۋە قوپال ئۇسول بولسىمۇ لېكىن مەن ئىسيانكارنىڭ ئاۋازىغا قېتىلىمەن .ھۆكمىرانلار دەستورىدا خەلىقنى چىرىك قالدۇرۇپ ئىدارە قىلىش ،نامرات قالدۇرۇپ ئىدارە قىلىش ،ئەخلاقسىز قالدۇرۇپ ئىدارە قىلىش دىگەندەك مەزمونلار بار .ھۆكۈمەتنىڭ ئەخلاقسىز قىلمىشلارغا جۈملىدىن ئىنسان تەبىئىتىگە خىلاپ قىلمىشلارغا زەربە بەرمەستىن بەلكى سورۇن ھازىرلاپ بىرىشى مانا مۇشۇنداق ھادىسىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .قىمارخانىلارغا ھۇجۇم قىلىش ھادىسىسى شىنجاڭدىلا ئەمەس بەلكى ئىچكىرى ئۆلكىلەردە يۈز بەرگەن ئىش .ئاڭلىسام قەشقەردە چوڭ قىمارخانا قۇرىمىش .مەقسەت ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بايلارنىڭ پۇللىرىنى تېپىش ئىمىش .گەپ ئۇزاپ كەتتى ھە .
نەق گەپنى قىلاي ساڭا مۇنداق بىر ھىكايە سۆزلەپ بىرەي ئاڭلىسام بۇ بىر ھەدىس ئىكەن .لېكىن مەنبەسىنى بىلمىگەندىكى ھەدىس ئەمەس بەلكى لەتىپە دەپ بىلەرسەن .
بىر نامدا ئۆزىنى ساڭا ئوخشاش مۇسۇلمان دەپ چاغلايدىغان ئادەم بىر قوينىڭ گۆشىنى ئۇلاقنىڭ كەينىگە ئارتىپ كىتىپ بارسا، بىر كاپىرمۇ بىر چوشقا گۆشنى ئۇلاقنىڭ كەينىگە ئارتىپ كېتىپ بارغۇدەك .ئۇلار بىر تار كوچىدا سۈركىلىشىپ ئۆتۈپ كېتىپتۇ .دەل شۇ دەقىقىدە قوي گۆشى بىلىنە- بىلىنمەس چوشقا گۆشىگە سۈركىلىپ كېتىپتۇ .شۇئان <مۇسۇلمان> نىڭ كۆڭلىگە بىر شەك شۈپتۇ-دە ئۇددۇل ئىمامنىڭ ئۆيىگە چېپىپتۇ .ئىمامغا :
مۇشۇنداق ئىش يۈز بەردى .چوشقا گۆشى سۈركىلىپ كەتكەن يېرىنى كىسىپ ئېلىۋېتىپ قوي گۆشىنى يىسەم بولامدۇ ؟ دەپ سوراپتۇ .
ئىمام بۇ كىشىنىڭ ناتوغرا ئىشلار بىلەن شوغۇللىنىدىغانلىقىنى بىلگەچكە، ئۇنىڭدىن قەستەن بۇ قوي گۆشى سېتىۋالغان پۇلنى قانداق تاپقانلىقىنى سوراپتۇ .ئۇ كىشى قىزىرىپ تۇرۇپ بۇنى ئيېتسا تىللىماسلىقنى سوراپتۇ .ئىمام مەيلى راستىڭنى ئېيىت. دىگەندە ئۇ بۇ پۇلنى قىمار ئويناپ تاپقانلىقىنى ئېيتىپتۇ .ئىمام دەرھال ئورنىدىن دەس تۇرۇپتۇ-دە ھېلىقى قىمارۋازغا :
دەرھال ئاشۇ كاپىرغا ئېيتىپ قوي ،چوشقا گۆشىنى يۇۋىتىپ يىسۇن دەپ كېتىپ قاپتۇ .
بۇ مەسەلدىن نىمىنى ھىس قىلدىڭ ئوغا ۋالا ئەركەك .