YYنى چۈشنەمسىز ؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۇگۈن تورداشلارغا تونۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچى بولغان دىتالىم يىقىندىن بۇيان ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئومۇملىشىش سۈرئىتى بىرقەدەر تېز بولغان، تور دۇنياسىدا يىڭىلىق ياراتقان ، ئىشلىتىلىش قىممىتى بىر قەدەر ياخشى بولغان توردىكى دەرىسخانا سورۇنى ، ئەدەبى گۈزەل سەنئەت ، يىغىن ئىچىش ، ئاۋازلىق مۇنازىرە ،يۇقرى ئاۋاز سۈپىتىدىكى كۆڭۈل ئىچىش سورۇنى شارايىتى ھازىرلىغان (YY ) دىتالىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتمەكچىمەن .
خەنزۇچە ئىسمى yy语音
سىز بەلكىم QQ غا ئوخشاشمىدۇ دەپ ئويلاپ قىلىشىڭىز مۈمكىن . بۇنىڭ QQ غا قارىغاندىكى ئوخشىماسلىق تەرىپى تولمۇ كۆپ .
1.كومپىيوتىردىن ئىگەنللىگەن ئورنى كىچىك 。(ئاۋاز سۈپىتى ياخشى بولغان بىلەن ، ئۆزى يىنىڭ دىتال )
2 .سۈرئىتى تېز
3.ئۇيغۇرچە يىزىق قوللايدىكەن ،
4.ئاۋازلىق قاناللار بار ، بۇ قاناللار ئىچىگە ئايرىم ئۆيلەرنى قۇرغىلى ، ئايرىم ئۆيلەردا ئايرىم پائالىيەتلەر ئىلىپ بارغىلى بولىدىكەن .
5. خەنزۇچە نۇرغۇن كەسىپلەرگە چېتىلىدىغان قاناللار قۇرۇلۇپتۇ ,(ئۇيغۇرچە يىڭى قۇرۇلغان قانالدىن كۈيچى قانىلى ID:53559282) . يەنى سىز ئېكران ئالدىدا ئولتۇرۇپلا ، نۇرغۇن دوسلار بىلەن بىرگە تىل ئۈگىنىش دەرسىنى ئاڭلىيالايسىز .
ئۆزڭىز يازغان ياكى ماقالە-شىئىرلارنى باشقىلاربىلەن ئورتاقلىشالايسىز ،شۇ توغۇرلۇق باشقا تورداشلار بىلەن پىكىرلىشەلەيسىز .
6.باشقا ئاڭلاۋاتقان تورداشلارغا ناخشا ئوقۇپ بىرەلەيسىز ، سىز كومپىيوتىردا قۇيۋاتقان ناخشىڭىزنى باشقىلارغا ئاڭلىتالايسىز . ( بۇلارنى ئىختىيارى پائالىيەت ئۆيدە بولىدۇ .)
7.شىركىتىڭىزنىڭ ياكى ئىدارىڭىزنىڭ يىغىنىنى مۇشۇ ئورۇندا ئايرىم ئۆيلەرگە كىرىپ ئاچالايسىز، سىز سۆزلىگەندە باشقىلار خەت ياكى ئاۋازلىق پىكىر قوشالايدۇ .
ۋاھاكازالار ...........
بۇ دىتالنى ئاندروند تىلفۇن نۇسقىسىمۇ بار ئىكەن .تىلفۇندىن چىقىپمۇ كۇلۇب ئىچىدە بولىۋاتقان ئىشلارنى ئاڭلىيالايدىكەنسىز ، خەت يازالايدىكەنسىز ..
ئۇيغۇرچە كۈيچى كۇلۇبى(53559282 ) 4.ئاينىڭ 22. كۈنى دوسلار ئۈچۈن رەسمى ئىچىۋىتىلىدۇ .
كۈيچى كۇلۇبىدا ئىچىلغان تۈرلەر
1.تىل ئۈگىنىش دەرىسخانىسى .
2.ئەدەپ ئەخلاق مۇنازىرسى .
3.كومپىيوتىر بىلىملىرى دەرىسخانىسى .
4.ئىختىيارى پائالىيەت ئۆيى .
5.ناخشا ئوقۇش ، مۇزىكا ئىشلەش دەرىسخانىسى .
6.ئاندىرود تىلفۇن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش مۇنازىرە ئۆيى .
7.تور يېڭىلىقلىرى
8.يىغىن زالى
باشقا ئۆيلەر ۋە مۇلازىمەتلەر تورداشلارنىڭ ئىھتىياجى بويىنچە داۋاملىق تولۇقلىنىدۇ .
تورنىڭ ياخشى تەرەپلىرىدىن ئورتاق پايدىلىنىپ ، بىرلىكتە ئۆگۈنەيلى . دەرىسخانىلارغا ئوقۇتقۇچىلار كەمچىل بولىۋاتىدۇ . مىننەتسىز ئەجىرىنى دوسلارنىڭ ئالغا ئىلگىرلىشى ئۈچۈش سەرىپ قىلىشنى خالىغان ئىختىساس ئىگىلىرنىڭ كۇلۇبقا كىرىشىنى قارشى ئالىمىز . باشقىلارغا ياردەم قىلالىغانلىق بىر خۇشاللىق ئىش .
دىتال چۈشۈرۈش ئادىرسى :
http://yydl.duowan.com/4/setup/YYSetup-4.12.0.4.exeئىسىم تىزىملىتىش ئادىرسى :
http://udb.yy.com/register.do?appid=21&url=http%3A%2F%2Fwww.yy.com%2Fs%2Fdownload.html تورنىڭ يىڭىلىقلىردىن ، ياخشى تەرەپلىردىن ئورتاق پايدىلىنىپ ، بىرلىكتە ئىلگىرلەيلى .
ئاستىدىكىسى دىلتالنىڭ ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈش ، ئىشلىتىش دەرىسلىك فىلىمى .(پۈتۈن ئىكرانلىق كۆرشۈڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن .)
http://www.56.com/u36/v_Njc2MjkxNjk.html مەنبە :ئۆزۈم