saltanat lutun irpan tera kesallikliri xipahanisi
بۇ تېما 992 قېتىم كۆرۈلدى
yolchuluk
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 7012
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 43
شۆھرەت: 325 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 325 سوم
تۆھپە: 178 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 178 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 96(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 قىزىمنىڭ  ئەسىرى

     قىزىم بۇ يىل تۆت يېرىم ياشتا بولۇپ، شەھىرىمىزدىكى مەلۇم بالىلار باغچىسىنىڭ يۇقۇرى سىنىپى ( چوڭ سىنىپ)دا   ئوقۇيدۇ. قىزىم ھازىر بىردىن ئونغىچە ساناشنى، يېزىشنى بىلىدۇ. مەن باشقىلاردىن ئوخشاش ياشتىكى بالىلىرىنىڭ بىردىن يۈزگىچە بىمالال سانىيالايدىغانلى، ھەتتا قوشۇش-ئېلىشتىن ھالقىپ ، كۆپەيتىش –ئېلىشلارنىمۇ بىلەلەيدىغانلىغىنى ئاڭلاپ ھەيران قالاتتىم. مېنىڭ قىزىمنىڭ ئەقلى ئىقتىدارىنى باشقىلاردىن ئاجىزمىكىن دىسەم، ئۆيدە قىلغان بەزى گەپ-سۆزلىرىنى ئاڭلىسىڭىز ياقىڭىزنى تۇتۇپ، تۆۋە دەپ قالىسىز. بىزنىڭ نەزىرىمىزدە بىزنىڭ قىزىمىز ئالاھىدە ئەقىللىق، ئەقلى –ئىقتىدارى ناھايىتى ساغلام بىر بالا. دىمەك باشقىلارنىڭ بالىلىرى بۇنىڭدىن ئەقىللىق ۋە ياكى تۇغما تالانتلىق بولسا كېرەك.

       قىزىمنى ھەر قېتىم يەسلىگە ئېلىپ بارغاندا، يەسلى تېمىغا چاپلاپ قويۇلغان ئوخشاش ياشتىكى بالىلارنىڭ سىزغان رەسىملىرىنى كۆرسەم ھەيرانلىقتا ئاغزىمنى ئېچىپ قالاتتىم. بۈك-باراقسان دەرەخلىك بويىدىكى تۆمۈر يولدا كېتىۋاتقان پويىز ۋە ئەتراپتىكى تاغ-دەريالار ئاجايىپ ماھارەت بىلەن سىزىلغان ئىدى، يەنە كېلىپ بۇ رەسىملەر ناھايىتى كۆپ بولۇپ، دىمەك كۆپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ رەسىمنى بۇنداق ياخشى سىزىشى مېنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇردى. چۈنكى مېنىڭ قىزىم ئۇنداق رەسىم تۇرماق، بىر تال تۈز سىزىق ياكى يۇمىلاقنىمۇ قاملاشتۇرۇپ سىزالمايدۇ. ئۈگەتمىدۇق ئەمەس، خېلى ئۈگەتتۇق، ئادەتتىكى ئۈچ بىلەن توققۇزنىى يېزىشنى  ئون كۈندە ئاران ئۈگەندى. دىمەك قىزىمنىڭ بۇنداق رەسىملەرنى سىزالىشىنى مەن پەقەتلا ئەقلىمگە سىغدۇرالمىدىم. ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلايمۇ –يە دىگەن ئويغىمۇ كېلىپ قالدىم.

    ئەمما يېقىندا يۈز بەرگەن بىر ئىش مېنى بۇ ئويۇمدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر قىلدى. بىر كۈنى قىزىمغا يەسلىدىن ئىككى خىل تاپشۇرۇق بېرىپتۇ، بىرى قۇرۇق بىردانە لوڭقىنىڭ ئۈستىگە نەقىش سىزىش، يەنە بىرى ‹‹ مەن ئەڭ ياقتۇرىدىغان مۇئەللىم›› دىگەن تېمىدا مۇئەللىمنىڭ رەسىمىنى سىزىش ئىكەن. بىرىنچى تاپشۇرۇقنى قىزىمنىڭ قولىنى تۇتۇپ يۈرۈپ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇندىدۇق. مەسىلە ئىككىنچى تاپشۇرۇقنى قانداق ئورۇنداش بولۇپ قالدى. چۈنكى قىزىم بۇ رەسىمنى ھەرگىزمۇ سىزىپ چىقالمايتتى. شۇنىڭ بىلەن ئوخشاش ئۇسۇلنى قوللىنىپ، قىزىمنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ، مۇئەللىمنىڭ رەسىمىنى سىزىپ چىقتۇق، ئەمما بۇ رەسىم ناھايىتىمۇ كۆرۈمسىز رەسىم بولۇپ چىقتى. ئايالىم بۇنى كۆرۈپ، بۇ رەسىمنى مەكتەپكە ئاپىرىشقا قەتئى بولمايدىغانلىغىنى ئېيتىپ تۇرىۋالدى، شۇنىڭ بىلەن ئايالىم ئۆزى ئولتۇرۇپ،يىگىرمە مىنۇت ۋاقىت سەرپ قىلىپ، خېلى چىرايلىق مۇئەللىمنى سىزىپ چىقتى.

     بىر قانچە كۈندىن كېيىن بالىلارنىڭ سىزغان ئەسەرلىرى يەسلى تېمىغا چاپلىنىپتۇ، قارىسام دىگەندەك قىزىمنىڭ مۇئەللىمنى تەسۋىرلەپ  ھەققىدە سىزغان ‹‹ئەسىرى››ياخشى سىزىلغان رەسىملەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ مېنى بىر خىل شەرەپ تۇيغۇسىغا ئىگە قىلدى، ئەتراپىمدىكى بىر قىسىم ئاتا-ئانىلارنىڭ ھەيرانلىق نەزىرى بىلەن بۇ رەسىملەرگە قاراپ تۇرغانلىغىنى كۆردۈم. قىزىم بۈگۈن چوقۇم ناھايىتى خوش بولغان بولۇشى مۈمكىن. ئەمما ئىچىمنىڭ بىر يېرى بۇ ساختا شەرەپ تۇيغۇسىدىن ئاچچىق بولدى.

 
تېما تەستىقلىغۇچى : duttarqi
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-04-23, 09:07
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-04-22 11:10 |
henim
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6347
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 6
شۆھرەت: 30 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 30 سوم
تۆھپە: 18 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 18 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 17(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مېنىڭچە پەرزەنت تەربىيەسى بەك مۇھىم ھەم مۇرەككەپ بىر مەسىلە. بۇنىڭ بەلگىلىك بىر ئۇسۇلى، قائىدىسى ۋە تەرتىۋى يوق. لېكىن پەرزەنت تەربىيەسىدە چوقۇم بالىنىڭ ئەركىنلىكىگە ۋە قىزىقىشىغا ھۈرمەت قىلىش ئەڭ مۇھىم ئورۇندا ھەپ ئويلايمەن. ئەسلى مەكتەپكە قىزىڭىزنىڭ ئۆزى سىزغان رەسىمىنى بەرگەن بولسىڭىز بەك ياخشى بولاتتى.
تېما ئىگىسىگە سۆز قالدۇرۇش :
qinlik rasqilik adamni rahatlanduridu lekin biz nima uqun ,hamma ixta qinliktin bozumizni kaqurimiz
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-23 18:56 |
hakanbuyuk420
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6741
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 22
شۆھرەت: 110 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 110 سوم
تۆھپە: 66 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 66 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 84(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ھەي نىمە  دىسەك بۇلار؟ جۇڭگوتەلىم-تەربىيىسىدە يەسلىدىن تارتىپ ئالىي مەكتەپكىچە ساختىلىق بەك ئېغىر.3-4 ياشلىق بالىغا قويغان تەلەپ ئېشىپ كەتىمۇ قانداق؟تەربىيە  يۇلۈنىشى  خاتا بولسا كەلگۈسدىن ئۈمۈد كۈتمەك بەك  تەس.
مىنىڭ بالام 3 ياشتىن ئاشتى لىكىن يەسلىگە بەرمىدىم.بىرەي دىسەم شۇ  ئىش  ساختىلىقنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ  كىتەمدىكىن  دەيمەن
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-23 21:06 |
tugluk
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 678
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 276
شۆھرەت: 1812 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1826 سوم
تۆھپە: 1023 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1030 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 308(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

سىزنىڭ بالىڭىز يەسلىدە ئوقۇماپتۇ.يەسلى ئۇنداق بولمايدۇ..

1.بۇ  يەسلى سەبىلەرگە ئالدامچىلىق قىلىشنى،ساختا ئابرويپەرەسلىكنى،بىيۇكراتلىقنى ئۈگىتىدىغان يەسلىكەن.
saltanat
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-23 22:48 |
tohotur

دەرىجىسى : ئاكتىپ ئەزا


UID نۇمۇرى : 251
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 1632
شۆھرەت: 8991 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 9053 سوم
تۆھپە: 5292 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 5302 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 2474(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بىز سەمىمىلىك تەشەببۇس قىلىنمايدىغان بىر جەميەتتە ياشاۋاتىمىز ، خۇددى ئالتۇننىڭ ساپلىقى تارازىغا ئېلىنمايدىغان جەميەتتە سىزنىڭ ساپ ئالتۇنىڭىزنىڭ قىممىتى باشقىلارنىڭ زالتايسىدىن توۋەن قىممەت ئېلىپ قېلىشى مۇمكىن ،
كىم زىيان تارتىشنى خالىسۇن .ئەمما ئەمما ساپ ئالتۇن يەنىلا ساپ ئالتۇن  ئاللاھ ئالتۇننى ئەنە شۇنداق قىممەت بىلەن ياراتقان ، سەمىمىلىكمۇ ئالتۇنغا ئوخشىشىپ كىتىدۇ ،

مېنىڭچە سىزنىڭ بالىڭىزنىڭ رۇھىنى كۆتۇرگەنلكىڭىزنى ئاتا بولۇش سۇپۇتۇم بىلەن توغرا چۇشەنسەممۇ ، بۇ ئىشنىڭ بالىڭىزنىڭ كىينىكى ئۇزاق بىر ھاياتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلغىنى ئويلىسام ناخۇش بولۇپ قالىمەن، بەلىكىم بالىڭىزغا بۇ ئىشلارنىڭ ئانچە توغرا بولمىغان ئىشلار ئىكەنلىكىنى قانداقمۇ چۇشەندۇرۇپ بولارسىز ،قارىسا ئەمەلىي  ئۇنۇم بىرىۋاتقان بۇ ئىشلار
simfoniya
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-23 23:07 |
tohotur

دەرىجىسى : ئاكتىپ ئەزا


UID نۇمۇرى : 251
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 1632
شۆھرەت: 8991 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 9053 سوم
تۆھپە: 5292 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 5302 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 2474(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەكتەپلەردە بالىنىڭ سەمىمىلىكىنى قوبۇل قىلغۇدەك ساپا بولمىغاندىن كىيىن بالا قانچە سەمىمى بولسا شۇنچە مەسخىرە ئوبۇكتى بولۇپ قالىدۇ ، بۇنى يەنىلا شۇ رەسۋا مائارىپتىن كۆرىمەن ،
مائارىپ بالىلار ئۇچۇن ئادالەت ۋە توغرا بولغان كىشىلىك ئىززەت ئاتا قىلالمىسا  ،بۇنۇڭغا قوشۇلۇپ مۇئەللىممۇ   باش بولۇپ ئاشۇ نارسىدىلەرنى مازاق ئەتسە بۇنداق مائارىپتىن يەنە نىمىنى ئۇمۇت كۇتۇش مۇمكىن ،
lutun
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-23 23:15 |
tugluk
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 678
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 276
شۆھرەت: 1812 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1826 سوم
تۆھپە: 1023 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1030 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 308(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇ مەنزىرلەر بالىڭىزنىڭ ئاڭسىز ئېڭىغا سىڭىپ كەتمەستە بالىڭىزنىڭ ئېڭىنى يۇيۇۋېتىڭ!.
simfoniya
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-27 02:15 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » باغداش مۇكاپاتلىق ئەسەر قوبۇل قىلىش پائالىيتى