ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم باغداش مۇنبىرىدىكى بارلىق قېرىنداشلار كەمىنە مەيخوردىن ھەممىڭلارغا سالام بولسۇن.مەن بۈگۈن باغداش تورىغا يىڭى تىزىملاتتىم.خىلىدىن بۇيان بۇ مۇنبەرگە دىققەت قىلىپ كېلىۋاتىمەن. قارىسام بۇ يەرگە يىغىلغان قېرىنداشلارنىڭ ئۈنۋېرسال بىلىمى يۇقىرى،ھەققانىيەت تۇيغۇسى كۈچلۈك،ئۇيۇشچان ئىكەن.ئۇلۇغ ئاللادىن تىلەيدىغىنىم باغداشلىقلارغا قېرىنداشلارچە ئوتلۇق مۇھەببەت مەڭگۈ يار بولسۇن.
ئەلۋەتتە بۈگۈن بۇ يەرگە كىرىشىم قۇرۇق گەپ سېتىش ئۈچۈن ئەمەس.بەلكى ئىنتايىن جىددىي ھەل قىلىشقا تېگشلىك تەخىرسىز بىر ئىشنى باغداشلىق قېرىنداشلار بىلەن دەرقەمدە تۇرۇپ ھەل قىلىش ياكى شۇنىڭغا تىرىشىش ئۈچۈندۇر. خۇددى ھىلىقى چاغدىكى ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغان ئوقۇتقۇچى ئۈچۈن ھەق گەپ قىلغاندەك بۈگۈنمۇ بىر ھەق گەپ قىلىشىپ باقايلى.
بۈگۈن مېنىڭ ئۇتتۇرىغا قويماقچى بولغان ئىش بولسا ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بولغان تەخىرسىز بىر مەسىلە. يەنى ئېلىكتۇرۇنلۇق ئويۇنچۇق( قىمار ) مەسىلىسى ھەم ئۇنىڭ ھەل قىلىشنىڭ تەدبىرى.ھازىر بۇ مەسىلە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى جىددىي كېسىپ ئېلىۋىتىشكە تىگىشلىك يامان خاراكتىرلىك ئۆسمىگە ئايلاندى.بەلكىم توردىكى قىرىنداشلارنىڭ ھەممىز بۇ ھەقتە نۇرغۇن ھېكايىلەرنى ئاڭلىغاندىمىز. كۆرۈپ تۇرۇپتىمىزكى بىر ئۇچۇم قارا نىيەتلەر بىزنىڭ قان تەرىمىزنى ئەسلى ۋەسلىمىزنى بۇلاپ كېتىۋاتىدۇ. ئائىلىلەر ۋەيران بولۇۋاتىدۇ.ئانىلارنىڭ كۆزلىرى ياش، يۈرىكى قان، بالىلار سەرسان، ئاتىلار ھەيران. باغرى خۇن...
قاچانغىچە سەۋر قىلىمىز. قاچانغىچە گۆشىيىپ تۇرىمىز. مىنىڭچە ئەمدى چەكلىمىسەك بۇندىن كېيىنكى زىيان تېخىمۇ زورىيىدۇ. شۇڭا تۆۋەندىكى نوقتىلاردا تورداشلار بىلەن ھەل قىلىشنىڭ تەدبىرلىرىنى مەسلىھەتلەشمەكچى ھەم تەكلىپ بەرمەكچى:
1.مېنىڭچە مۇشۇ تېمىنىڭ ئاستىغا زىچ ئۇيۇشۇپ جامائەت پىكىرى توپلىساق.
2.توردىكى قېرىنداشلار ھەممىڭلار بۇ ئىشنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغان كىشىلەرنى تونۇيسىلەر شۇ ھەقتىكى ۋەقەلەرنى مۇشۇ تىما ئاستىغا يوللىساڭلار.
3.تورداشلار بىرلىشىپ ئىمزالىق خەت يېزىپ ئالاقىدار ئورۇنلارغا تاپشۇرساق.
4.مەن بىر چ چ توپ قۇراي شۇنىڭغا يىغىلىپ ئۆتكەنكىدەك بىر ھەرىكەتكە كەلسەك ئىنشائاللا ئىشلىرىمىز ئىلگىرى بولار.
5.مېنىڭچە قانۇن ئادىل،ھۆكۈمىتىمىزمۇ ،پارتىيىمىزمۇ خەلققە كۆيۈنىدۇ.ئەگەر بىز مەقسىتىمىزنى توغرا يەتكۈزسەكلا قوللاشقا ئېرىشەلەيمىز.
قېنى تورداشلار تەكلىپ پىكىرىڭلارنى ئايىمىغايسىلەر...