saltanat lutun elan berig
بۇ تېما 1351 قېتىم كۆرۈلدى
kabus
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1273
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 33
شۆھرەت: 231 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 233 سوم
تۆھپە: 129 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 131 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 73(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-30
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 جان ئانا ماڭا رۇخسەتمۇ ؟؟

جان ئانا

مەزكۇر فىلىمنى نۇر ئىسلام ئۇيغۇر تەرجىمە گۇرۇپپىسىنىڭ تىرىشچان تۈرك تىلى تەرجىمانى ئايتۈرك خانقىز تەرجىمە قىلىپ ئىشلىگەن بولۇپ، مەزكۇر فىلىمنىڭ سۈزۈك نۇسخىسىنى تېپىش مۇمكىن بولمىدى ، شۇ ۋەجىدىن سۈزۈك ئەمەس نۇسخىسىغا خەت كىرىشتۈرۈلدى! ياقتۇرۇپ كۆرۈشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز!



  بۇ فىلىمنى كۆرۈپ كۆزلىرىمگە ئىختىيارسىز ياش كەلدى ،  ھەمدە فىلىمدە دىيىلگەن سۆزلەر مەندەك ئەرزىمەس ئادەملەرنىڭ يۈركىگىلا تەگدى .
فىلىمدىكى سۆزلەر نەقەدەر چىن ھېسىياتتىن چىققان سۆزلەرھە ؟؟

سىلەر دىققەت قىلدىڭلارمىكىن  ماھۇ بىر جۈملە سۆزلەرگە!!!!

بۇ دۇنيادا غېرىپلىق ، ئازاپ بىزگىلا دەپ قالما !

ئانىسىدىن ئايرىلغان خىنىلىق قوزىنى بىر مەن دەپ قالما !

مىڭلارچە باللار بار !!!!

ئانىسىدىن ئايرىلغان ،باشلىرى خىنىلىق ،يۈزلىرى نۇرلۇق .

يالغۇزلۇقتا بىر-بىرىمىزنىڭ ،ئاتا -ئانىلىرى ، دوسىت -يارەنلىرى بىز !!!

بىمىدىگەن چىن يۈرەكتىن چىققان سۆزلەر بۇ ھە،   بەلكىم بەزىڭلار  ماشۇ سۆزنى چۈشۈنەلمىگەن بولىشىڭلار مۇڭكىن،
‹‹ باشلىرى خىنىلىق ›› دەگەن سۆزنى ،  تۈركلەرنىڭ ئادىتىدە قۇربانلىق قىلماقچى بولغان قوينىڭ بېشىغا خىنا سۈركەپ قويۇدىغان ئادەت بار ئىكەن .
  دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان ئۇرۇشتا چاناق قەلئە ئۇرشىدا ، تۈرۈك ئەسكەرلىرى جەڭدە شىھىد بولۇپ كىتىدۇ ،
چوڭلار ۋە ياش يىگىتلەر تۈگەپ كىتىپ ،   ئانىلار 13 ياشتىن 16 ياشقىچە بولغان باللارنى ئۇرۇشقا ئەۋەتىدۇ ، بەزى ئانىلار بالىرىنىڭ بېشىغا خىنا قويۇپ قويىدۇ . چۈنكى ئۇرۇشتا شىھىد بولسىمۇ ۋەتەن خەلىقنى قوغداپ قالسۇن دەپ شۇنداق قىلىدۇ !  
   مەن سىلەرگە  ماۋۇ ھىكايىنى قالدۇراي كۆزۈڭلەردىن چوقۇم ياش چىقىدۇ  .

چېچىغا خىنا قويغان كىچىك ھەسەن

-چاناق قەلئە ئۇرۇشى





چاناق قەلئە ئۇرۇشى-دۇنيا ئۇرۇش تارىخى قامۇسىدىكى تىللاردا داستان بولغۇدەك ئەڭ مەشھور ئۇرۇشتۇر! ئۇ دۇنيا تۈركلىرىنىڭ ھازىرغىچە قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇشىنىڭ ئاساسىنى سالغان! مىليونلىغان تۈرك باتۇر -قىز ئوغلانلىرىنىڭ قېنى بەدىلىگە ھازىرقىدەك قۇدىرەتلىك تۈركىيە ئاپرىدە بولغان...


  چاناق قەلئە ئۇرۇشغا ھەر كۈنى يۈزلەرچە ياشلار پىدائى بولۇپ كىلىۋاتاتتى. يېڭى ئەسكەرلەرنى دەرھال تەربىيلەپ تىزلىكتە ئالدىنقى سەپكە ئەۋەتىۋاتاتتى.  يۈز بېشى سىررى بەي يېڭى كەلگەن ئەسكەرلەرنى تەكشۈرۈپ يوقلىما قىلىۋاتاتتى. ئەسكەرلەرنىڭ بىرسىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ئۇ ئەسكەرنىڭ چېچىغا خېنە قويغانلىغىنى  كۆرۈپ ئەجەپلىنىپ سورىدى-
    بالام، ئسمىڭ نىمە؟
    - ئسمىم ھەسەن قوماندانىم.
    - سەن نەدىن؟
    - يوزغاتتىن.
    - چېچىڭدىكى نىمە؟
    - مەن ئەسكەرلىككە مېڭىشتىن بۇرۇن ئاپام چېچىمگە خېنە قويدى.
    - نىمىشقا؟
    - مەن بىلمەيمەن قوماندانىم.
    - ئۇنداق بولسا مەيلى، جايىڭغا بار.
    ھەسەن يوزغات ۋىلايىتىنىڭ سورگۇن ناھىيىسىگە قاراشلىق قارا ياقۇپلار يېزىسىدىن بولۇپ، تېخى بۇرۇتلىرى خەت تارتمىغان كىچىككىنە بالا ئىدى. چاناققەلئەدىكى ئۇرۇشتا ھەددىدىن ئارتۇق شېھىتلەر بىرىلگەن بولۇپ دۆۋلەتنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش ئىمكانىيىتى بولمىغاچقا ۋەتىنىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ ھەر يېرىدىن ئاھ ۋەتەن دەپ چىققان بالىلار يىراق-يىراقلاردىن مېڭىپ ھەتتا بەزىلىرى يالاڭ ئاياق ھالەتتە چاناققەلئەگە كىلىپ پىدائى
بولۇپ تىزىملىتىۋاتاتتى. كىچىك ھەسەن ئەنە شۇلاردىن بىرى ئىدى.
    شۇ كۈندىن باشلاپ ھەسەننىڭ سەپداشلىرى ئۇنى خېنە قويغان ھەسەن دەپ زاڭلىق قىلىپ ئوينايدىغان بولدى. كۆپ ۋاقىت ئۆتمەي سەپداشلىرى ھەسەننىڭ ئاجايىپ ياخشى، ئاق كۈڭۈل، باتۇر ئىكەنلىگىنى بىلدى، ھەممىسى ھەسەننى ھۆرمەت قىلىدىغان بولدى.
    بىر كۈنى ھەسەن ئائىلىسىگە سالام خەت يازماقچى بولدى. ساۋادى بولمىغاچقا دوسلىرىدىن ياردەم سورىدى ۋە ھەممىسى بىرلىكتە يازدى.
    - جېنىم ئاپا. جېنىم دادا ياخشى تۇرىۋاتامسىلەر... دەپ باشلىدى، مەھەللىسىدىكىلەرنىڭ بۇرنىنىڭ ئۇچىدىن تۇتۇپ ئەكىلىتىپ ئوينىتىدىغانلىقىنى يازدى، ئۈزىدىن چوڭ ئاچىسىنىڭ ئەھۋالىنى سورىدى، ئىنىسىنىڭ ئەھۋالىنى سورىدى، بىزدىن خاتىرجەم بولۇڭلا، بىزلا بولىدىكەنمىز دۈشمەنلەرنى ۋەتىنىمىزگە بىر قەدەممۇ ئاياق باستۇرمايمىز... دەپ يازدى، غۇرۇر بىلەن خەتنى قاتلىدى.
نەدىن ئەقلىگە كەلدى تۇرۇپلا خەتنىڭ ئارقىسىغا نوت دەپ،- ئاپا، دادا مەندىن كىيىن ئىنىمنى ئەسكەرلىككە ئەۋەتسەڭلار ھەرگىزمۇ چېچىغا خېنە قويماڭلار، مىنى قوماندانىم ۋە دوسلۇرۇمنىڭ ھەممىسى زاڭلىق قىلىدۇ ئىنىمنىمۇ زاڭلىق قىلمىسۇن دەپ يازدى.
    كۈنلەر ئۈتۈشكە باشلىدى، چاناققەلئەنى تىزراق ئىشخال قىلىش ئۈچۈن ئېنگىلىسلار گېلىبولۇغا پۈتۈنكۈچى بىلەن ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتتى. ئەسكەرلەت ئارقا- ئارقىدىن شېھىت بۇلۇشقا باشلىدى. ياردەمگە بارىدىغان ئەسكەرلەرمۇ قالمىدى. ھەسەننىڭ قىسمى دۈشمەنگە يېقىن ئىدى قۇماندان ئەھۋالنى بىلىپ تۇراتتى، نىمە قىلىشىنى بىلمەي تىپىرلاپ
كىتىۋاتاتتى. چۈنكى ئەسكەرلىرى يېڭى كەلگەن بالىلار بولۇپ ئۇرۇش قىلالىغىدەك ئەھۋالى يوق ئىدى. بۇ ئەھۋالنى بىلگەن ھەسەن ۋە سەپداشلىرى قۇماندانىدىن ئۆزلىرىنى ئۇرۇشقا ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلىپ يالۋۇرىپ تۇرىۋالدى. قۇماندان كىچىك ھەسەنلەرنىڭ ئۈلۈمگە كىتىۋاتقانلىغىنى بىلىپ تۇرۇپ چارىسىزلىكتىن ئۇرۇشقا ئەۋەتتى.
    گېلىبولۇ گويا قان كۆلىگە ئايلانغان ئىدى.كىچىك ھەسەننىڭ قىسمىدىن ھىچكىم ساق قالمىدى، ھەممىسى شېھىت بولغان ئىدى. ئارىدىن ئىككى ئاي ئۆتۈپ بىر كۈنى قۇماندان سىررى بەيگە بىرقانچە پارچە خەت كەلدى. ھەسەننىڭ يېزىسىنىڭ كاتىۋى خەتنى ھەسەننىڭ ئائىلىسىگە يەتكۈزگەن بولۇپ، بۇ خەتلەر ئىچىدە ھەسەننىڭمۇ خېتى بار ئىدى. خەتتە ھەسەننىڭ دادىسى:
    -جېنىم بالام ياخشى تۇرىۋاتامسەن؟ كالىنى ساتتۇق، بۇنىڭدىن كىيىن يەرنى مەن ھەيدەيمەن. پۇلىسىنىڭ يېرىمىنى ساڭا ئەۋەتتۇق يېرىمىنى ئۇكاڭنى ئەسكەرلىككە ئەۋەتىشكە ئىشلىتىمىز، بىزدىن جاتىرجەم بول.
    ئانىسى:
    - جېنىم قوزام، كۈزۈمنىڭ نۇرى بولغان چېچىغا خېنە قۇيۇلغان ئۇغلۇم، خېتىڭ كەلدى، گويا دۇنيالار مىنىڭ بولدى، يېزىمىزنىڭ كاتىۋى ئۇقۇپ بەردى، مەن يىغلىدىم. قۇماندانىڭنى بەك ياخشى دەپسەن، ئۇ سىنىڭ داداڭنىڭ يېرىمىدۇر. ئۇنىڭ بۇيرىقىغا ھەرگىزمۇ خىلاپلىق قىلما، ئوتقا كىر دىسە كىر. كارىستىن، سىئىرىتتىن، ئۇشاقتىن، ئادانادىن ئاغىنىلىرىڭ بوپتۇ. ئۆز ئارا چىقىشىپ ئۈتىۋېتىپسىلەر. مانا بۇ سىلەرگە يارىشىدۇ. ئۇلارنى رەنجىتمە، ئۇدۇنيا- بۇدۇنيالىق دوسلىرىڭدۇر. ئەگەر رەنجىتسەڭ ساڭا بەرگەن ئاخ سۈتۈمگە رازى ئەمەس. قۇماندانىڭ چېچىڭدىكى خېنىنى سوراپتۇ، بۇنىڭدا بىلمەيدىغان نىمە بار؟ بالام. بىزنىڭ يۇرتىمىزدا قۇربانلىققا ئاتىغان قوشقارنىڭ بېشىغا خېنە سۈرۈپ زىننەتلەيدىغان ئادىتىمىز بار. مەن سىنى تۆت بالامنىڭ ئىچىدە ئەڭ ياخشى كۆرگەچكە ھەزرىتى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ قېرىندىشى قىلىپ قۇربانلىققا تاللىدىم. جېنىم بالام، قىيامەت كۈنى بېشىڭدىكى ئۇ بەلگە سىنىڭ ئىشارىتىڭ بۇلىدۇ، مەن ئىنسانلار ئىچىدىن سىنى ئاسانلا تېپىۋالىمەن، ئاھ جېنىم بالام دەپ يۈرىكىمگەباسىمەن دەپ ئاپاڭ خەلىچە.
    قۇمانداننىڭ كۆزلىرىدىن بۇلاقتەك ياش تۈكۈلدى ئارقىدىن پوچتىچىغا- سىز بېرىپ خېنە ياققان ھەسەننى تېپىپ كىلىڭ بۇ خېتىنى مەن ئۇقۇپ بىرىمەن، ئۇ ساۋاتسىز بولغاچقا ئوقۇيالمايدۇ دىدى. پوچتىچى ئانچە ئۇزاق ئۆتمەي قايتىپ كىلىپ- قۇماندانىم ھەسەن بىر ھەپتە بۇرۇن ھېرە بۇرنىدىكى شىددەتلىك ئۇرۇشتا شېھىت بوپتۇ.
     قۇماندان بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ئايلىنىپ كەتتى، ئۈزىگە كەلگەندىن كېيىن- بىلىشىم كېرەك ئىدى، بىلىشىم كېرەك ئىدى، قۇربانلارخېنە قۇيۇلغان بۇلىشى كېرەك، بۇ يىگىتلەرنىڭ ھەممىسى خېنە قويغان... ھەممىسى ۋەتىنى ئۈچۈن قۇربانلىققا ئاتالغان يىگىتلەر، بىلىشىم كېرەك ئىدى، بىلىشىم كېرەك ئىدى.
     شېھىت ھەسەننىڭ يېنىدىن چىققان شىئىردە قۇماندانىغا بىرىدىغان جاۋاپ يېزىلغان:


                              ئانام قۇيۇپتۇ خېنىنى ئاتىدىم دەپ،
                             مەن بۇ ۋەتەن ئۈچۈن قۇربان تۇغۇلدۇم.
                             ئانامدىن ئاللاھ غا ئاخىرقى بىر ھەدىيە،
                               قۇماندانىم، مەن ئىسمائىل تۇغۇلدۇم... .

كىچىك ھەسەننىڭ سەبداشلىرى



تۈرۈكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: تەۋبە قېرىندىشمىز ...

مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادىمىيىسى
تېما تەستىقلىغۇچى : alqondi
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-04-23, 21:47
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-04-23 15:49 |
nida
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6236
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 171
شۆھرەت: 868 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 869 سوم
تۆھپە: 519 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 520 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 66(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-16
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ماناخشىنى ئاڭلاپ بۇلۇپ خېنە قويغان ھەسەننىڭ ھىكايىسىنى كۇرۇپ بۇلۇپ ھاياجاندىن  تىنىم تىتىرەپ كەتتى .
قارىسام ئەردوغان ئەپەندىنىڭ خانىمىمۇ ياش تۆكىۋېتىپتۇ .رەخمەت سىزگە kabus
.
[ بۇ يازمىنىnidaدە2012-04-23 23:25قايتا تەھرىرلىدى ]
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-23 23:15 |
kvzatkvqi
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6364
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 69
شۆھرەت: 361 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 363 سوم
تۆھپە: 215 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 217 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 108(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇ  تۇلىمۇ  ئەھمىيەتلىك  فىلىمكەن.مەن بەك  تەسىرلەندىم..رەخمەت
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-23 23:38 |
camel
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 5095
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 46
شۆھرەت: 233 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 234 سوم
تۆھپە: 139 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 140 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 91(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-12-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

چاناق قەلئە ئۇرۇشى ھەقىقى بىر مىللىي قەھرىمانلىق ئۇرىشىدە،بىزنىڭ ئۆگىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ.
saltanat
جان چىقسىمۇ ئانا تىلدا سۆزلەيلى....
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-24 01:15 |
uyghurizlari
دىنىم ئىسلام ،مىللىتىم ئۇيغۇر.
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3877
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 327
شۆھرەت: 1743 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1760 سوم
تۆھپە: 1030 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1035 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 249(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-10-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بەك تەسىرلەندىم  .بەك تەسىرلىككەن،
simfoniya
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-24 13:16 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » سۈرەتلىك فىلىم