كۈلكە دۇنياسى
1.پۇل ساناۋاتىدۇ.
پادىشاھ شىكارغا چىقىپ كىتىپ يەتتە كۇندە قايتىپ كەلتۇ.
_ ھە ، مەن يوق ۋاقىتتا بېرەرسى كەلمىگەندۇ ؟دەپ سوراپتۇ پادىشاھ .
_ئالىيلىرى ،ھىچكىم كەلمىدى ، پەقەت ئوردا بېغىنى باشقۇرۋاتقان پىشقەدەم باغۋەنلا كۈندە كىلىپ مىۋىنىڭ پۇلىنى خانىمغا ئۆتكۈزۈپ بەردى ، _دەپتۇ دېدەكلەر .
_باغنىڭ سودىسى ياخشىمۇ ؟_سوراپتۇ پادىشاھ .
_شۇنداق ،دەپتۇ بىر دېدەك يۈكۇنۇپ تۇرۇپ ،_ئۇ بوۋاي خانىشنىڭ يېنىغا كىرىپ كەتكەنچە چىقمىدى ، تېخىغىچە پۇلنى ساناپ بولالمىغان ئوخشايدۇ دەپتۇ دېدەك .
2 . قېرى خۇتۇن ئېلىش
بىر يىگىت تۇل قالغان بىر قېرى خۇتۇن بىلەن توي قىلىپتۇ .بىر دوستى ئۇنى يوقلاپ كېلىپ:
_ بۇرادەر ، سەن شۇنداق كىلىشكەن ، ياش تۇرۇپ نىمىشقا بىر قې_
رى خۇتۇن بىلەن توي قىلىۋالدىڭ_ دەپ سوراپتۇ .
_ ئاغىينە بېرەرسى ساڭا پۇل بەرسە ، پۇلنىڭ قايسى يىلى تارقىتىلغانلىقى بىلەن ھېساپلىشىپ يۇرەمسەن ؟- دەپتۇ يىگىت .
3 . شىددەتلىك ئۇرۇش
تارىخ دەرسى ئوقۇتقۇچىسى ئوقۇغۇچىلارغا 2-دۇنيا ئۇرۇشىنى ىسۆزلەپ بولۇپ ، ئوقۇغۇچىلاردىن ئۆزىگە ئەڭ تەسىر قىلغان شىددەتلىك ئۇرۇشنىڭ قايسى ئىكەنلىگىنى سوراپتۇ .ئوقۇغۇچىلار ھەر خىل جاۋاپ بىرىپتۇ .نۆۋەت ئەڭ ئاخىرىدىكى ئوقۇغۇچىغا كەلگەندە ، ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ يىغلامسىراپ تۇرۇپ :
_ كەچۈرۈڭ مۇئەللىم ئانام داداڭ ئىككىمىزنىڭ ئىشىنى باشقىلارغا دەپ يۇرمە دىگەب .ئىدى _ دەپتۇ .
مەنبە : ئامانلىق ژورنىلى .