ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم كانۋاي
ئىنسانلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئازماس ئىنسان پەيغەمبەر سەللەللەھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدور.
ئۇنىڭ ۋاپات بولىشى قىيامەتنىڭ يېقىنلاپ كەلگەنلىكىنىڭ دەسلەپكى بىشارەتلەرنىڭ بىرى .
قىيامەت نىمە ئۈچۈن يېقىنلايدۇ؟سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز قىيامەتنىڭ يېقىنلاپ كەلگەنلىكىنى تەسۋىرلىگەندە نىمە ئۈچۈن قاش بىلەن كىرپىكنىڭ ئارلىقىدەك دەپ تەسۋىرلەيدۇ؟
قيامەت ئىنساننىڭ ئاللاھقا ئەمەس نەپسى خائىشىنى رەب قىلىشقا قاراپ ماڭغانلىقىدىن ۋە قىلغانلىقىدىن قىيامەت قايىم بولىدۇ .قىيامەتنىڭ كېلىشى مۇقەررەردور .ھەم ئىسلامغا نەپسى خائىشنى رەپ قىلىدىغان ئىنسانلارنىڭ بۇزغۇنچىلىق قىلىشى ھەم مۇقەررەردور .شەيتان ئىنساننى ئازدۇرۇشنى مىنۇت سىكونت ئۇنتۇپ قالمايدۇ . ئىنسان ھامىنى شەيتان ۋە ئادەمىي شەيتاننىڭ ئازدۇشىغا ئۇچىرايدۇ .ھارام ۋە مەكرو ئىستىمال ئىسلامى بىلىمنى كەمتۈكلەشتۈرۈپ ئۇنتۇلدۇرۇدۇ .لكىن ئىتقاتى دۇرۇس مۇسۇلمانغا شەيتانىنىڭ زىيانكەشلىكى روشەن ئەمەستور ۋە ئاجىزدور .ئاللاھ مۆئمىن ئىنساننى ھەر ئىشلار بىلەن سىنايدۇ ۋە سىناقتىن ئۆتسە ئۆز قوغدىشىغا ئالىدۇ .سىناقتىن ئۆتكەن ئىنسان شەيتاننىڭ دۈشمىنىدور .ئىنسان 100 پىرسەنت ھالال تۇرمۇشتا ياشىشى ئىنشائاللاھ ئەسلا مۇمكىن ئەمەس .پەيغەمبەر ۋاپاتىدىن كېيىن،قۇرئاننىڭ ئايەتلىرى ھەقىقەتەن بىر سۆز چۈشۈپ ياكى قوشۇلۇپ قالمىدى .ئاللاھنىڭ بۇ نىئمەتنى بەرگىنىگە مىڭ قەترە شۇكرى .لېكىن ئۇنى تەپسىر قىلىش ۋە پەيغەمبەر قالدۇرغان شەرئى ھۆكۈم ۋە ئېيتىپ بەرگەن تەپسىرلەرنى يەتكۈزۈش يوقىرىدا ئېيتىلغاندەك شەيتاننىڭ ئازدۇرىشى،ئىنساننىڭ نەپسىنى پاك تۇتماسلىقى ۋە ياكى باشقا ئۇنتۇلۇش يوللىرى ئارقىلىق تولۇق يەتكۈزۈلمەي كەلگەن .ھەتتا بەزىدە يەھۇدىيلار باشچىلىقىدىكى ئادەمىي شەيتانلار ساختا ئۇسوللار ئارقىلىق يەنە شۇ ئىنساننىڭ ئاجىز نەپسىدىن پايدىلىنىپ ساختا ھەدىسلەرنى توقۇپ تارقاتقان .پەيغەمبەر ۋاپاتىدىن كېيىنكى ساھەبىلەر زامانىسىدا ئەنە يوقىرقىدەك ھادىسىلەر تولۇق كۆرۈلۈپ بولۇنغان .شۇڭا شۇ زاماندىكى ئالىملار سانىلىدىغان ساھەبىلەر ئۆزى ئاڭلىغان ۋە كۆرگەن ۋە ئۆگەنگەن دائىرە ئىچىدە ئىسلام تارقاتقان .لېكىن ئۇلار ئوتتۇرسىدا ئىختىلاپ ۋە قان تۆكۈشكە ئاپىرىشقا سەۋەپ بولىدىغان ئىشلار ئەسلا كۆرۈلمىگەن .پەقەت ساختا مۇسۇلمان بولىۋالغان يەھۇدىي جەمەتىنىڭ قۇتىرتىشى بىلەن ھەزرىتى ئەلىنى خەلىپە قىلماق بولغان بىر بۆلەك شەيتاننىڭ كەينىگە ماڭغان ئىنسانلار قان تۆكۈشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى .
ئالىملار ئېيتىدۇكى مەزھەپ ھەرگىز ھۆكمىرانلارغا قۇرال بولۇپ بىرىدىغان نەرسە ئەمەس بەلكى بىر ئىلىم يولى .لېكىن شىئە مەزھىپى تەكەببۇرلۇقنى دوست توتقان ،پەيغەمبەرنىڭ خەلق ئىچىدىن خەلىپە بەلگۈلەش بۈيۈك چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشمىغان بىر ئەشەددىي بىدئەت مەزھەپتور .ئۇلار بىر سىياسى كۈچتور ھەرگىز ئىلمى كۈچ ئەمەس .دىمەك شىئە مەزھىپى بىر مەزھەپ ئەمەس .ئۇنى مەزھەپ دىيىش ئىسلامغا بوھتان چاپلىغانلىق بىلەن بارەۋەردور .
ساھابىلەر دەۋرىدىكى ۋە تائابىنلار دەۋرىدىكى ئەھلى سۈننەت ئالىملىرى يەنى قۇرئاننىڭ ھۆكمىنى چىڭ تۇتقان ،پەيغەمبەر سۈننىتىگە ئەگەشكەن ئالىملار ئوتتۇرسىدا ئاللاھقا مۇھەببەت ،ناماز ئۆتەش،زاكات بىرىش ،ياخشىلىققا چاقىرىش ،خەيرى ئىھسان قىلىش دىگەندەك ئىسلامدىكى بۈيۈك ئەمەللەردە پۈتۈنلەي ئوخشاشلىق بولغان .پەقەت ھاياتى تۇرمۇش ۋە قىسمەن دىنى مەسەلىلەردە پىكىرلىشىش ۋە مۇنازىرلىشىش بولغان .بۇ مۇنازىرلىشىش ئۇلارنى ئۆچەكىشىش كە ئېلىپ بارمىغان .قەلىبلىرىنى كىبىردىن ساقلاشنى ئاللاھدىن كىچە يۇ كۈندۇز ساقلاشنى تىلەيدىغان ئۇ ئالىملار قانداقمۇ كىشى ئوتتۇرسىدىكى ئىلمى مۇنازىرەنى ۋاستا قىلىپ تىغ كۆتىرشنى قوللىسۇن؟ئۇلارنىڭ مەقسەتلىرى ئاللاھنىڭ ھەقىغا يىتىش بولغاچقا ئىلمى ئېقىملارغا بۆلىنىش بىر ياخشى مەقسەتتە ئېلىپ بېرىلىدۇ ئەلۋەتتە .شۇڭا ئەھلى سۇننەت ئىچىدىن بىز ئىتىراپ قىلىدىغان ئالىملىرىمىز تۆۋەندىكى تۆت يولدا ئىجتىھات ئېلىپ بارغان .
يەنە بىر ئەسكەرتىش شۇكى بۇ ئالىملار ئوتتۇرسىدا ئۇرۇش ۋە دۈشمەنلىككە ئېلىپ بارىدىغان ھېچقانداق مەسىلە يوق .بەلكى ئۇلار ئوتتۇرسىدا دوستانە ئىلىم ئالماشتۇرۇش ۋە كۈچلۈك قېرىنداشلىق بار .ئۇلار ئوتتۇرسىدا ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدۇ دەيدىغان چوڭ ئوخشىماسلىق يوق .
1 – ھەنەفىيە مەزھىپى
بۇ مەزھەبنىڭ قۇرغۇچىسى ئەبۇ ھەنىيفە نوئمان ئىبنى سابىت رەھىمەھۇللاھ (80 ھ~150ھ) بولۇپ، ئۇ فارىسىي ئەسىللىك تەبىئىي تابىئىندۇر (تابىئىن دېگەنلەرمۇ بار). ئۇ ئىراقلىقلارنىڭ فەقىھشۇناسى ۋە ئەھلى رەي (ئەقلىيەتچى) دۇر. ئۇ فىقىھ ئىلمىنى ھەمماد دېگەن ئۇستازىدىن ئۇگەنگەن. ھەممادنىڭ ئۇستازى ئىبراھىم نەخەئىي بولۇپ ئۇ فىقىھنى ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇدتىن ئۆگەنگەنىكەن. ئۇ مەزھەب قاراشلىردا قۇرئان، ھەدىس، ئىجمائ، قىياس، ئىستىھسان، ئۆرپ- ئادەت ۋە ساھابىلەرنىڭ سۆزلىرىگە تايانغان. ئۇنىڭ ئەقىدە توغرىسىدا «فىقھۇل ئەكبەر» ناملىق كىتابى بار1.
2 – مالىكىيە مەزھىپى
بۇ مەزھەبنىڭ قۇرغۇچىسى مالىك ئىبنى ئەنەس ئەلئەسبەھىي رەھىمەھۇللاھ (93ھ~179) بولۇپ، ئۇ ئابدۇرراھمان ئىبنى ھۇرمۇز، ئىبنى ئۇمەرنىڭ ئازات قىلىۋەتكەن قۇلى ناپىئ، شىھاب ئىبنى زۆھرىي ۋە رەبىئە ئىبنى ئابدۇرراھمان قاتارلىقلاردىن ئىلىم ئالغان بولۇپ فىقىھ ۋە ھەدىس ساھەسىدە تابىئىنلاردىن قالسىلا مەدىنىنىڭ ئىمامى دەپ تەرىپلەنگەن. ئۇ مەزھەب قاراشلىرىدا قۇرئان، ھەدىس، ئىجمائ، قىياس، مەدىنىلىكلەرنىڭ ئىش- ھەرىكەتلىرى، ساھابىلارنىڭ سۆزلىرى، ئىستىھسان، سەددۇززەرائىئ ۋە مەسالىھۇلمۇرسەلە قاتارلىقلارغا تايانغان3.
3 – شافىئىيە مەزھىپى
بۇ مەزھەبنىڭ قۇرغۇچىسى مۇھەممەد ئىبنى ئىدرىس ئەششافىئىي رەھىمەھۇللاھ (150~204ھ) بولۇپ، نەسەبى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇۋىسى ئابدۇ مەننافقا تۇتىشىدۇ. ھىجرىيە 150- يىلى فەلەستىننىڭ گازا شەھرىدە تۇغۇلغان. 204- يىلى مىسىردا ۋاپات بولغان. ئۇ مۇسلىم ئىبنى خالىد ئەززەنجى، مەككە مۇفتىسى، داۋۇد ئىبنى ئابدۇرراھمان ئەلئەتتار، تاغىسى مۇھەممەد ئىبنى ئەلى ئىبنى شافىئ، سۇفيان ئىبنى ئۈيەينە، ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەبى بەكىر ئەلمەلىيكى، سەئىد ئىبنى سالىم ۋە فۇزەيىل ئىبنى ئەيياز قاتارلىق كىشىلەردىن ئىلىم تەھسىل قىلغان. ئۇ مەزھەب قاراشلىرىدا قۇرئان، ھەدىس، ئىجمائ، ۋە قىياسقىلا تايانغان. ساھابىلارنىڭ سۆزلىرىگە (خاتا ئىجتىھاد بولۇش ئېھتىماللىقى بار دېگەن قاراش بىلەن) تايانمىغان. ھەنەفىيلەر ۋە مالىكىيلەر تايانغان ئىستىھسانغىمۇ تايانمىغان ۋە «ئىستىھسان قىلىش شەرىئەت پەيدا قىلغانلىق» دېگەن. «مەسالىھۇلمۇرسەلە» نى رەت قىلغان. مەدىنە ئەھلىنىڭ ئىش- پائالىيەتلىرىنى ھۆججەت قىلىشنى ئىنكار قىلغان. باغداتلىقلار شافىئىيچىلارغا «سۈننەت ياردەمچىلىرى» دەپ نام بەرگەن5.
4 – ھەنبەلىيە مەزھىپى
بۇ مەزھەبنىڭ قۇرغۇچىسى ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل ئەبۇ ئابدۇللاھ ئەششەيبانى رەھىمەھۇللاھ (164~241ھ) بولۇپ، باغداتتا توغۇلۇپ ئۆسكەن ۋە باغداتتا ۋاپات بولغان. ئىلىم تەھسىل قىلىش ئۈچۈن كۇفە، بەسرە، مەككە، مەدىنە، يەمەن، شام ۋە باشقا ئارال مەملىكەتلىرىگە بارغان. باغداتتا شافىئىي مەزھىبى بويىچە فىقىھ ئۆگەنگەن. ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل مۇجتەھىتلىك مەرتىبىسىگە يەتكەن. ھەدىس، ھەدىس توپلاش ۋە يادلاشقا ئەھمىيەت بەرگەچكە ئۆز زامانىدا ھەدىسشۇناسلار پىشىۋاسى دېگەن نامغا نائىل بولغان. شۇڭا تەبەرىيگە ئوخشاش بىر قىسىم ئالىملار ئۇنى فىقىھشۇناسلار قاتارىدا ئەمەس، ھەدىسشۇناسلار قاتارىدا سانىغان. مەزھەب قاراشلىرىمۇ ئىمامى شافىئىينىڭكىگە يېقىن بولۇپ قاراشلىرىدا قۇرئان، ھەدىس، ئىجمائ، ساھابىلار فەتىۋاسى، ئىجائ، قىياس، ئىستىسھاب، مەسالىھۇلمۇرسەلە ۋە سەددۇززەرائىئ لارغا تايانغان. ھەدىسنى ھەممىدىن ئۈستۈن تۇتۇش بىلەن نامى بار. ساھابىلەرنىڭ سۆزىنى ھەرقانداق قاراش ياكى قىياسلارنىڭ ئۈستىگە قويغان. فىقىھ ھەققىدە بىرەر ئەسەر يېزىپ قالدۇرمىغان. ئەگەشكۈچىلىرى ئۇنىڭ قاراشلىرىنى، ئۇنىڭ سۆز- ھەرىكەتلىرى ۋە فەتىۋالىرىدىن ئالغان. ھەدىس ھەققىدە چوڭ ھەجىملىك كىتابى (مۇسنەد) نى يېزىپ قالدۇرغان.
دىمەك ئىلىم ئۆگەنمەك پىرز ئەيىن بولغاچقا، ھەر مۇسۇلماننىڭ ئىلىم ئۆگەنمىكى ئاللاھ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئەمەلدور .بىر مۇسۇلمان تۇغۇلىشىدىنلا ئىلىمدا يىتۈك بولۇپ تۇغۇلمايدۇ .بەلكى تەربىلىنىش جەريانىدا مۇكەممەللىشىدۇ .تەربىلىنىش ئۈچۈن ئۇستاز ۋە كىتاب كىرەك .لېكىن ھەر ئۇستازلارنىڭ تۇتقان يولى ئانچە- مۇنچە ئۇخشىمايدۇ .شۇڭا مۇسۇلمان ئۆزى ئىجتىھات جەريانىدا بىر مەزھەپكە يەنى بىر ئىلىم يولىغا تەۋە بولىدۇ .بۇ پەقەتلا ئىلىم يولى .سىياسىيونلارنىڭ نەزىرىدىكى تەپرىقچىلىقنىڭ قۇلى بولغان بىتئەت مەزھەپ ئەمەس .
لېكىن زامانىمىزدا يوقىردا دەپ ئۆتكەندەك نەپسى خائىش ۋە ھوقوقنى مۇددىغا قىلغان شىئەلەرنى مەنبە قىلغان ۋە ياكى ئادەمىي شەيتانلارنىڭ قوللىرى بىلەن پەيدا قىلغان ئەھمەدىيە دىگەندەك ساختا مەزھەپلەر ھېلىھەم باردور .ئۇلارنى مۇسۇلمانلارنىڭ نەزىرىدىكى مەزھەپ بىلەن بىر ئېقىمدا دەپ قاراش ئېغىر خاتالىقتور .ھەم بۇ بۇزۇقچىلىقلار ئىسلامنىڭ گۇناھى ئەمەس .(نەئۇزىبىللا)شۇڭا ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ قاراۋاتقان ئىنسان نىمىنىڭ مەزھەپ ئىكەنلىكىنى بىلىش بەكمو زورور .بولمىسا ئەنە ئاشۇنداق ئازغىشلار يۈز بىرىشى مۇقەررەر بىر ئىشتور .ئۇيغۇر تارىخىمىزدا سىياسى مەرەزلەر (مەزھەپ ئىكەنلىكىنى ئىتىراپ قىلمايمىز) توپى بولغان ئىسمائىلىيە ،ئىسھاقىيە .ئاق تاغلىق ،قار تاغلىق دىگەندەك نەرسىلەرنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچىرىدۇق .شۇنى سەمىمىزگە سالايلىكى بۇ گۇرۇھلار ھەرگىز مەزھەپنىڭ ئاۋارىچىلىقى ئەمەس بەلكى كانىيىغا چۈلۈك ئۆتكۈزۈلگەن ھوقوقپەرەسلەرنىڭ ئاۋارىچىلىقى خالاس .
شىئەلەرنى بىز سۆزسىز سىياسى گۇرۇھ دىدۇق .ئۇلار پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۆزلىرىنى ئەمەس بەلكى ئاتالمىش موللىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى دىنى دەستور قىلىۋالىدۇ .ئۇلارنى ۋەھىي ئېيتىدۇ دەپ قارايدۇ .ئۇلارنى ئازماس دەپ قارايدۇ .شۇ ئارقىلىق خەلىقنى مۇستەبىت ھۆكمىرانلارنىڭ نەپسى خائىشى بويىچە مېڭىشقا ئىشەندۈرىدۇ .ئۇلار كۆرىنىشتەئىسلام مەيدانىدا تۇرۇپ ، شەيتانىۋى ھاكىمىيەتلەرگە چوڭ- چوڭ سۆزلەۋەتقاندەك قىلىۋاتقان بىلەن ئەمەلىيەتتە شىرەنىڭ ئاستىدا قاتتىق ئىتىپاق ئۆتىۋاتقانلىقىنى دۇنيا سىياسىسىدىن ئەسلا خەۋەردار ئەمەس بەزى كىشىلىرىمىزگە قاراڭغۇدور .
ھەر سۆزدە ئادىللىق كىرەك .ئۇنداقتا ئۆزىنى ئەھلى سۇننى دەپ ئاتىۋالغان بەزىلەرچۇ ؟شۇنى ئېنىق جاكالايمىزكى ئۇلارنىڭ ئەمەللىرى ھەرگىز ئەھلى سۇننىنىڭ ئىتىراپى ئەمەس .بىز دىمەكچى بولىۋاتقانلار دەل سۈننەت تونىغا ئورىنىۋالغان ،مەقسىتى ئەھلى سۈننى ۋەلجامائىينىڭ كۈچى ئارقىلىق ھوقوق يۈكسەكلىكىگە يىتىشنى ئويلىغان سىياسى گۇراھلار .ئۇلار ئۈممەت ئىچىگە سۇقۇنۇپ كىرگەن مۇناپىقلاردور .ئۇلارنىڭ ئىككى قولى خەلىقنىڭ قېنى بىلەن بويىلىۋاتىدۇ .ئۇلارنىڭ قىلمىشى ۋە شەيتانىۋى ھاكىمىيەتلەر بىلەن بىرلىشىپ مەزھەپ جەڭگە جىدەللىرىگە پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ رىياسەتچىلىق قىلىشى ھەرگىز مەزھەپنىڭ خاتالىقى ئەمەس ھەم ئۇلار تۇتقان يولمۇ مەزھەپ ئەمەس .يەنە شۇنى تەكىتلەيمىزكى مەزھەپ پەقەت بىر ئىلمى يول .ئۇ سىياسى يول ئەمەس .يوقىرقى مەزھەپ ئالىملىرىنىڭ ھەممىسى ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى ئۆز ھۆكۈملىرى ئەگەر تەپرىقچىلىق ۋە قان تۆكۈشكە ئېلىپ بارسا دەرھال ئۇ ھۆكۈمنى تەرىك ئىتىشنى ۋەسىيەت قىلغان .شۇڭا شاھادەت كەلىمىسىنى ئېيتقان مۇسۇلمانلارنى ئۆلتەرگۈزگەن پەردە ئارقىسىكى ھوقوقدارلار دەل مەزھەپنىڭ دۈشمىنى جۈملىدىن ئىسلامنىڭ دۈشمەنلىرىدور .
ئەھلى مۇسۇلمان ئىلىمدا ئىجتىھات قىلىشى ۋە يوقىرقى تۆت ئالىمنىڭ بىرىگە ئەگىشىپ ئىلىم تەھسىل قىلىشى كاتتا ئەمەلدور .
[ بۇ يازمىنىilimدە2012-04-24 12:15قايتا تەھرىرلىدى ]