saltanat lutun elan berig
«1234»Pages: 2/4     Go
بۇ تېما 7189 قېتىم كۆرۈلدى
hakanbuyuk420
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6741
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 22
شۆھرەت: 110 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 110 سوم
تۆھپە: 66 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 66 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 84(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

سوپىزىمنى ئاپپاق غوجاتەرغىپقىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ نۇرغۇنلىغان يارىخى ماتىرىياللىرىنى كۆيدۈرۈپ ئۇيغۇرمەدەنىيىتىنىڭ كەينىگەچېكىنىپ كېتىشىگەسەۋەپ بولغان.
  بۇ كىمنىڭ  گىپى؟ تارىخىي  ئىسپاتلار بارمۇ؟
چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-24 18:01 |
anka
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6068
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 270
شۆھرەت: 1336 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1343 سوم
تۆھپە: 803 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 810 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 288(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئاللا ئىلمىڭىزنى تېخىمۇ زىيادە قىلسۇن، كۆپ نەرسىلەرنى بىلىۋالدۇق ،رەھمەت.
lutun
چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-24 18:13 |
kanway
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3126
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 49
شۆھرەت: 350 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 375 سوم
تۆھپە: 195 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 195 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 430(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-26
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىلىم ئەپەندىگە سالام! ئاللاھ سىزگە تېخىمۇ كۆپ نۇسرەت ئاتا قىلغاي!
مەزھەپ سۆزىنىڭ ئېنىق ئۇيغۇرچە مەنىسىنى بىلمەيمەن،بۇ مەزھەپ سۆزىنىڭ ئىشلىتىلىشى ئورنىدىن قارىغاندا ئىنىقلا «گۇروھ» دىگەن مەنا چىقىدۇ.مەسىلەن پۇستانچى داموللىنىڭ شاگىرتى دىگەندەك،قىززىق يېرى مۇشۇنداق داموللىلارنىڭ شاگىرتلىرى باشقا داموللىنىڭ شاگىرلىرى بىلەن ئىتىپاق تۈزىمەيدۇ،چۇنكى بۇلار سىز دىگەندەك ئۆز موللىلىرىنىڭ سۆزىگە ئىشىنىدۇ...........لېكىن شۇنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ سىز شىئە مەزھىپىدىكىلەرنىڭ ئەيىپلىرىنى خاتالىرىنى يورۇتۇپ بېرىۋاتقان ۋاقتىڭىزدا دەل شىئەلەر :سۇننىي مەزھىپىنىڭ ئەيىپ ۋە نۇقسانلىرىنى ئېچىپ بېرىۋاتقان خاتا قىلدى......................دەۋاتقان بولىدۇ.

  تۇركىيەنىڭ ئەل باشى ئەردۇخان ئەرەپ دۆلەتلىرىگە بارغاندا مىسلى كۆرۇلمىگە قوللاشقا ئېرىشتى بۇ زادى نىمە ئۈچۈن؟؟
چۈنكى تۇركىيە ھىچقايسى مەزھەپكە تەۋە ئەمەس.ئۇلار پەقەت ئاللاھنىڭ قانۇنى ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسى مۇھەممەتنىڭ كۆرسەتمىلىرىنىلا تونۇيدۇ.(قايسى بىر ھەزرەت ،موللا دىگەنلەرنى تونۇمايدۇ).
   ئۆتكەندە قۇمۇلدىكى مەلۇم موللىنىڭ شاگىرتى مۇشۇنداق بىز سۇننىي .....دەپ سۆزلىدى.
مەن دىدىمكى سىزنىڭ مۇشۇنداق مەزھەپكە بۆلۇنۇشتىكى كىتاۋى ئاساسىڭىز نىمە؟ ناۋادا كىتاۋى ئاساسىڭىز بولمىسا سىز ئاللاھنىڭ قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان بولىسىز يەنى ئاسىيلىق قىلغان جىنايەت ئۆتكۈزگەن بولىسىز.

سىز قانۇن ئىجرا قىلماق بولسىڭىز ،ئالدى بىلەن قانۇنى ئاساسىڭىزنى جاۋاپكارغا سۆزلەپ ئاندىن جازالايسىز شۇنداققۇ!.
قانۇنى ئاساسىڭىز يوق پۇستانچى باشلىقنىڭ بۇيرۇقى دەپ ،باشقىلارغا جەرىمانە قويسىڭىز  مال مۇلكىنى ئىگەللىۋالسىڭىز سىزمۇ ئوخشاش ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلانغان دىگەن گۇنا بىلەن جازالىنىسىز.
  ئەرەپلەرنىڭ ئۆز زامانىسىدا شۇنچە قالاق بىچارە ھالدا پۇتۇن دۇنيانى تىترىتىپ دەۋر سۇرىشى نىمە ئۈچۈن؟ ئاللاھقا سادىق بولغانلىقى ئۈچۈن.
ھازىر ئۇلارنىڭ شۇنچە بوزەك ھالغا چۈشۈپ قېلىشى نىمە ئۈچۈن ؟! ئاللاھنىڭ قانۇنىغا ھەقىقى بوي سۇنمايۋاتقانلىقى ئۈچۈن.
بىز پەقەت ئىككىلا نەرسىگە مەھكەم ئېسىلىشىمىز لازىم.قايسى بىر مەزھەپ موللا دىگەنلەرمۇ ھەم شۇ،ناۋادا بىز ئادەمنى ئىلاھ قىلىۋالسا زۇۋاللىق دىگەن شۇ!!!
  شۇڭا مەن مەزھەپكە تەۋە ئەمەس!!
چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-24 19:08 |
ilim

دەرىجىسى : مۇنبەر مەسئۇلى


UID نۇمۇرى : 35
نادىر تېما : 6
يازما سانى : 1085
شۆھرەت: 6971 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 7080 سوم
تۆھپە: 3908 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 3972 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1586(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم كانۋاي سۆزۈمنى چۈشەنمەي سۆزلىدىڭىزمۇ بىلمىدىم .
تۈركىيە ئەلباشى ئۇ بىر سىياسىيون .ئۇنىڭ قىلغان پائالىيەتلىرىنى زورلاپ تۇرۇپ ئىسلام بىلەن باغلاش ھازىرچە بالدۇر .دۇنيادا تۈرۈكىيە تۈرۈكلىرىمۇ نۇرغۇن مەزھەپلىرىگە بۆلۈنگەن .ماۋۇ مۇنازىرىگە تۈركىيەنى زورلاپ ئەكىرۋالمايلى .
ئاللاھقا ئەڭ يېقىن كىشىلەر ئالىملاردور .بۇ قۇرئاندا بار .ئالىملارنىڭ شاگىرتلىرى، ئوقۇغۇچىلىرى بار .ئۇلار شۇ ئالىملارنى ھۆرمەتلەيدۇ قايىل بولىدۇ .بۇ مۇھەببەت ھەرگىز ئاللاھقا بولغان مۇھەببەتكە تەڭداش ئەمەس .كانۋاي مېنىڭ بۇ چۈشەندۈرۈشۈم بەندىنى ئاللاھ قىلىۋالايلى دىگەن چۈشەندۈرۈشمۇ؟سىز يەنىمۇ ئويلاپ بېقىڭ .سىزنىڭمۇ ئۇستازىڭىز بار .ئىلىمدا توشماي تۇرۇپ ھەددىدىن ئارتۇق شەخسى تەپەككۇرغا تايىنىۋېلىش ئېزىش ئېلىپ كېلىدۇ .نۇرغۇن مەسەلىلەردە بىز ئالىملارنىڭ ھۆكۈم چىقىرىپ بىرىشكە مۇھتاج .بولمىسا ئۆزىمىز ھۆكۈم چىقىرىشقا مەجبور بولىمىز .سىزدە ھۆكۈم چىقارغۇدەك ئىلىم ۋە سالاھىيەت بارمۇ يوق؟ئەڭ ئەقەللىسى ئۇچ ئادەمگە ئىمام بولۇش ئۈچۈنمۇ سالاھىيەت سۈرۈشتۈرۈمىز يەنى ئىسلامى بىلىمى، ئەخلاقىنى سۈرۈشتۈرۈمىز .شۇڭا ھۆكۈم چىقىرىشتا چوقۇم قۇرئان ۋە ھەدىسنى ئاساس قىلىمىز .قۇرئان ھەدىستە ئوچۇق كىسىم قىلغان يەرلەرمۇ بار .لېكىن يوشۇرۇن ،كۆچمە مەنىدە ۋە ياكى مەنىنى پەقەت ئىجتىھات بىلەن ئۆگەنگەندىن كېيىنلا ئاندىن بىلىدىغان جايلىرى بار .بۇنى بىز ۋە سىزدەك نامازنى ئاران ئوقۇپ ئادا قىلىۋاتقانلار قىلالايدىغان ئىش ئەمەس .ئۇنى ئالىملار قىلالايدۇ .شۇڭا دۇنيا ئىتىراپ قىلغان ئالىملارغا ئەگىشىش يەنى ئۇلارنىڭ پەتىۋالىرىغا ئەگىشىشكە مەجبورمىز .ئالىملارغا ئەگىشىش ۋە شۇ ئاساستا تەپەككۇر قىلىش ئەڭ توغرا يول .
كانۋاي سىز بىلەن نامازنى ئۇيغۇرچە ئوقۇش دىگەن مۇنازىرىدە پىكىر بىردەكلىكنى ھاسىل قىلالمايدىغانلىقىمغا كۆزۈم يەتكەن ئىدى .شۇڭا بىز ئىتىپاقلىقنى ئاساس قىلغان ھالدا مۇنازىرىنى توختاتساق دىگەن تەكلىبنى بەرمەكچىمەن .

بىر قېرىندىشىمىز سوفىلار توغرىسىدا ئاز سۆزلە دەۋاتىدۇ .بۇ ماقالىنى مەن زورلاپ يېزىۋالمىدىم بەلكى پەتىۋا بىرىش سالاھىتى بار ئالىملار تارىخنى ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ يازدى .مەن سوفىلار توغرىلىق يوقىرقى يازمىدا چىڭ تۇرىمەن .بۇ كىسىمگە قايىل بولىمەن .مانا كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز .دىيارىمىزدا سوفىلارنىڭ تەسىرى ئەشەددىي ئىتىپاقسىزلىقنى ئېلىپ كېلىۋاتقان ھادىسىلەرنى بايقاۋاتىمىز .بىز مۇسۇلمانلار ئىتىپاقلىقىنى كۆزلەۋەتقان مۇشۇ كۈنلەردە بەزى كىشىلەر نىمە قىلىۋاتىدۇ زادى؟كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز .ساقال قويغان ياشلىرىمىز،روپاش ئاياللىرىمىز ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىگە سۇ ۋە ياكى بىر ياردەم لازىم بولۇپ كىرىپ قالسا قوغلىنىشقا ئۇچىراۋاتىدۇ .
ھەتتا بەزى كىشىلەر شۇنداق تەبلىغ قىلىۋاتىدۇكى ئاشۇ ساقال قويغانلار  يەنى ئۇلارنىڭ نەزىرىگە ۋاھابىدەك كۆرۈنگەن كىشىلەر بىلەن كۆرۈشكەن قولۇڭلارنى كىسىۋېتىڭلار دەۋاتىدۇ .ئۇلار بىرەر كىلىشمەسلىككە ئۇچىرىسا مانا كۆدۈڭلەرمۇ ئۇلارنىڭ ھالىنى دەپ خوشال بولىۋاتىدۇ .بۇ ئۇلارنىڭ شەيتاننىڭ دېپىغا ئۇسسول ئوينىغىنى بولماي نىمە؟
كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز ئۇلار كۆپ رايونلار قانداق ھالەتتە ،ساقال قويغان سۈننەت ئەمەللەرنى چىڭ تۇتقان ياشلار كۆپ رايونلار قانداق ھالەتتە؟دىيارىمىزدا شۇنداق ئىككى رايون بار .ئۇلارنىڭ قۇتۇرتىشى بىلەن قېرىلار بىلەن ياشلار ئوتتۇرسىدىكى پەرىق كۈنسايىن چوڭىيىۋاتىدۇ .ئۆزىڭىز سېلىشتۇرپ بېقىڭ .ئۇلارغا بەرگەن نەدىكى ھوقوق بىر ئادەمنى ماۋۇ ۋاھابى ماۋۇ ئۇ ماۋۇ بۇ دەيدىغان؟
بىز ھازىر بۈيۈك ئىتىپاقلىققا مۇھتاج ،ھەرگىز ئىختىلاپقا ئەمەس .لېكىن بۈيۈك ئىتىپاقلىق ساغلام بولغان ئىتىقات ئاساسىدا بولىشى كىرەك .مۇنازىرىداشلار مۇنازىرە جەريانىدا ئاچچىقلىنىش ۋە ياكى قىيداشتەك روھىي ئاجىزلىقتىن خالى ھالدا مۇنازىرە قىلىشساق .

تۆۋەندىكى  تېما مەلۇم بىر ئۆلىما تەرىپىدىن مەخسوس بىزنىڭ مەزھەپ توغرىسىدىكى چۈشەنچىمىزنى توغىرىلاش توغرىلىق يېزىلغان تەپەككۇر قىلايلى قېرىنداشلار ..


مەزھەپ ئەسەبىيلىكى قىلماسلىق

ـ ئىجتىھاد قىلىش ۋە مەزھەپ ئەسەبىيلىكى قىلماسلىق

ئېنىقلىما:

بۇ ئېقىم، مۇئەييەن فىقھىي مەزھەپكە يېپىشىۋالماستىن، تۆت مەزھەب ۋە ئۇنىڭدىن باشقا دەلىلى كۈچلۈك بولغان مەزھەبلەردىن ھۆكۈم ئېلىشىقا چاقىرىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

قۇرۇلۇشى ۋە ئاساسلىق كىشىلىرى:

مۇئەييەن فىقھىي مەزھەبكە ئېسىلىۋالماسلىق، تەقلىدنى چۆرۈپ تاشلاش ۋە سالاھىيىتى توشقان كىشىلەرنىڭ قۇرئان ۋە سۈننەتتىن بىۋاسىتە ھۆكۈم ئېلىشى مەزھەبچىلىك ۋە تەقلىد قىلىشتىن ئىلگىرىكى ئىسلامىي مېتودتۇر. ئۇنىڭ ئاساسىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سالغان بولۇپ، فىقھىي مەزھەبنىڭ ئىماملىرىدىن باشقا دەسلەپكى ياخشى زامانلار دەپ تونۇلغان دەۋر ئەھلىمۇ بۇ يولدىن ماڭغان. ئەمما، كېيىنكى ئەسىرلەردە مەزھەبچىلىك ئەۋج ئېلىشى، تەقلىدنىڭ مەيدانغا كېلىشى ، مەزھەبلەرگە بولغان مۇتەئەسسىپلىكنىڭ ئەتراپنى قاپلىشى مۇسۇلمانلارنىڭ پارچىلىنىشى، كاپىرلارنىڭ ئىسلام ئەللىرىنى بېسىۋېلىشى، ئىجتىھاد بابىنىڭ تاقىلىشى، ئەگەشكەن ئىماملىرىنىڭ سۆزلىرىنى قۇرئان كەرىم ۋە سۈننەتنىڭ ئۈستىگە قويۇش، ئۇ ئىككىسىدىن پايدىلىنىشنى ئۇنتۇش قاتارلىقلارغا ئېلىپ باردى. مۇئەييەن مەزھەبكە ياردەم بېرىش ، بىر مەزھەبنىڭ ئىچىگە بۈكۈنىۋېلىش ، باشقا مەزھەبلەردىن قول ئۈزۈش قاتارلىق ئىشلار ھۆكۈمران ئورۇنغا ئۆتتى. دوست ـ دۈشمەنلىك قارىشى مەزھەبكە بولغان تەۋەلىكىگە ئاساسەن بېكىتىلدى . ھەتتا قارشى مەزھەبتىكىلەر بىلەن قودىلاشماسلىق، ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا ناماز ئوقۇماسلىق دېگەندەك ئىشلارمۇ مەيدانغا كەلدى. شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييەنىڭ ئەلھافىز ئەززەھەبى تەرىپىدىن قىسقارتىلغان كىتابى "المنتقۈ من منھاج الاىتدال" غا يازغان ئىلاۋىسىدە ئۇستاز مۇھىببۇددين ئەلخەتىيبنىڭ بايان قىلغىنىغا ئاساسەن ئىراندىكى دۆلەتنىڭ شىئەلىشىشىگىمۇ مەزھەب مۇتەئەسسىپلىكى سەۋەب بولغانكەن. مەزكۇر كىتابنىڭ 18 ۋە 19 ـ بەتلىرىدە قىسقىچە مۇنداق دەيدۇ: خۇدابەندە ئىسىملىك ئىران شاھلىرىدىن بىرى ئەھلى سۈننەتتىن ئىدى، بىر كۈنى ئايالىغا غەزەپلىنىپ ئۇنى ئۈچ تالاق قىلغان. كېيىن ئۇنى نىكاھىغا قايتۇرۇۋېلىشنى كۆڭلىگە پۈككەن. ئۇنىڭغا ئەھلى سۈننەتنىڭ فىقھىي ئالىملىرى ئۇ ئايال باشقا بىر ئەر بىلەن نىكاھلىنىپ، ئاجراشمىغۇچە ساڭا يول يوق، دەپ جاۋاب بەرگەن. پادىشاھ بۇ پەتىۋا ئېغىر كەلگەن. ئۇ ئاخىرى شىئەلەرنىڭ فىقھىي ئالىملىرىدىن بىرى سانىلىدىغان ئىبنى ئەلمۇتەھھىردىن پەتىۋا سورىغان. ئۇ شەرتلىرى ھازىر بولمىغان بولغاچقا تالاقنىڭ چۈشمىگەنلىكى ۋە ئايالىنى قايتۇرۇۋېلىشقا بولىدىغانلىقى توغرىسىدا پەتىۋا بەرگەن. پادىشاھ بۇ پەتىۋادىن سۆيۈنگەن ۋە ئىبنى ئەلمۇتەھھىرنى ئۆز يېنىغا تارتقان. بۇ ئىشنىڭ تەسىرى پادىشاھ ۋە خەلقىنىڭ ئۇنى تەقلىد قىلىپ شىئە بولۇپ كېتىشىگە ئېلىپ بارغان.

بۇ ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلى شەرتلىرى ئاساسىدا ئىجتىھاد بابىنى ئېچىپ سەلەپلەرنىڭ فىقھىي مېتودىدىكى ئاساسنى يېڭىلاش، مەزھەبلەر ۋە مۇئەييەن كىشىلەرگە مۇتەئەسسىپلىك قىلماسلىق، قۇرئان ۋە سۈننەتتىن ئېلىنغان دەلىللەرگە تايىنىشقا چاقىرىدىغانلار ئوتتۇرىغا چىققان. بۇنىڭغا چاقىرغانلارنىڭ ئەڭ مەشھۇرلىرى:

� ئەللامە ئىبنى ھەزم؛ تولۇق ئىسمى: ئەلىي ئىبنى ئەھمەد ئىبنى سەئىيد ئىبنى ھەزم بولۇپ، ئەبۇ مۇھەممەد دەپ چاقىرىلاتتى، ئەمما ئىبنى ھەزم نامى بىلەن شۆھرەت قازانغان. ئۇ، ھىجرىيە 384 ـ يىلى رامىزان ئېيىدا ئىسپانىيەنىڭ قۇرتۇبە رايونىدا دۇنياغا كەلگەن.

ئۇ ئىززەت ـ ھۆرمەتكە سازاۋەر، جەمئىيەتتە ئورنى بار، پۇلدار بىر ئائىلىدە ئۆسۈپ يېتىلدى. ئۇنىڭ دادىسى ئىسپانىيەدىكى بەنى ئۇمەييە ئەمىرلىرىنىڭ بەزىلىرىگە ۋەزىرلىك قىلاتتى. ئۇ كىچىكىدىنلا ئىلىمگە بېرىلگەن . ئۇ دەسلەپتە ئىسپانىيەدە كەڭ تارقالغان ۋە شۇ چاغدىكى دۆلەتنىڭ رەسمىي مەزھىپى بولغان مالىكىي مەزھىبىنى ئۆگىنىشكە كىرىشكەن. ئىبنى ھەزم ئىمام مالىكنى تەنقىد قىلىدىغانلارنىڭ سۆزلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ۋە شافىئىي مەزھىبىگە يۆتكەلگەن، شۇنىڭ بىلەن ئىبنى ھەزمدا كۆرۈلگەن تەنقىد روھى ۋە پىكرى ئەركىنلىك شافىئيىنىڭ كىتابلىرىدىكى رىۋايەتلەر بىلەن ئۇچراشقان.

ـ ئىبنى ھەزم شافىئىي مەزھىبىنى ئۆگىنىپ، ئۇنىڭدىكى نەسلەرنى قاتتىق چىڭ تۇتۇش، فىقھىنى نەس ياكى نەسنىڭ مەنىسى دەپ قاراش روھى ئۇنى ھەيران قالدۇرغان. ئۇنى يەنە ئىمام شافىئىينىڭ ئىستىھسان ۋە مەسالىھ ئەلمۇرسەلەنى چىقىش قىلىپ پەتىۋا بەرگەنلەرگە قىلغان ھۇجۇمىنىڭ قاتتىقلىقىمۇ ئەجەبلەندۈرگەن.

ـ ئۇ شافىئىي مەزھىپىدە بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن، شافىئىينىڭ تالىپى ۋە زاھىرىي مەزھىبىنىڭ شەيخى داۋۇد ئەلئىسفەھانىنىڭ پەقەت نەسلەرنىلا تۇتۇپ مېڭىش چاقىرىقىغا ئائىت قاراشلىرىنى توغرا تاپقان ۋە بۇ قاراشقا كۆڭۈل بۆلگەن؛ چۈنكى بۇ مەشھۇر مەزھەبلەرنىڭ بىرىگە باغلىنىپ قالمايتتى.

ـ ئىبنى ھەزم ئۆز يۈرتى ۋە سىرتلاردىن بولۇپ، شەيخ ئەھمەد ئىبنى ئەلجۇسۇر، شەيخ ئەبۇلھۇسەين ئەلفارىسى، ئەبۇ بەكىر ئىبنى ئىسھاق، ئابدۇللاھ ئىبنى يەھيا، ئەبۇلقاسىم ئەلئەزدى، ئابدۇللاھ ئىبنى دەھھۇن قاتارلىق نۇرغۇن ئىلىم ئەھلىلىرىدىن تەلىم ئالغان. ئۇ زامانداشلىرىدىن ئەللامە ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلبىر بىلەن ئۇچراشقان .

ـ "نفچ الطيب" ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى مۇنداق دېگەن: "سائىدنىڭ دېيىشىچە : ئىبنى ھەزم قۇرتۇبىلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئسىلام ئىلىملىرىگە توپلىغان، مەرىپەت دائىرىسىنى كېڭەيتكەن ۋە ئۇلارنىڭ تىلشۇناسلىق، بالاغەت، ئەدەبىيات، تەرجىمىھال ۋە ئەخبار قاتارلىقلاردىمۇ تونۇشىنى بېيىتقان." زەھەبى ئۇنىڭ ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "ئۇ ئەقىلدە، ئۆتكۈرلۈكتە ۋە قۇرئان، سۈننەت، مەزھەب ۋە ئەلمىلەل ۋە ئەننىھەل[1] ، ئەرەب تىلى، لوگىكىغا ئائىت ئىلىملەردە، سەمىمىيەت، دىيانەت، ئىپپەتكە ئائىت شېئىر، ئىززەت ـ ھۆرمەت ۋە كىتابلىرىنىڭ كۆپلىدە ۋايىغا يەتكەن ئىدى." يەنە ئۇنىڭ ھەققىدە ئابدۇلۋاھىد ئۆزىنىڭ "المىجب" ناملىق كىتابىدا مۇنداق يازىدۇ: "ئىسپانىيە ئۆلىمالىرىدىن بىر قانچە كىشىنىڭ ماڭا دېيىشىچە، ئىبنى ھەزمنىڭ فىقھىي، ھەدىس، ئۇسۇل، ئەننىھەل ۋەلمىلەل، تارىخ، نەسەب، ئەدەبىيات قاتارلىق تېمىلاردا يازغان كىتابلىرى تۆت يۈز جىلدقا يەتكەن بولۇپ، سەكسەن مىڭغا يېقىن بەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن."

ـ ئىبنى ھەزم تەقلىدچىلىكنى ھارام دەپ قارايدىغان زاھىرى مەزھىبىنى تاللىغان؛ چۈنكى ئۇ، پەقەت قۇرئان، سۈننەت ۋە ئىجمائنىلا ياقلايدىغان مەزھەب ئىدى.

ـ ئىبنى ھەزم "النبۇ" دە "تەقلىد قىلىش ھارام، ھېچكىمگە بىرسىنىڭ سۆزىنى پاكىتسىز قوبۇل قىلىش ھالال ئەمەس، بۇ مەسىلىدە ئالىممۇ نادانمۇ ئوخشاش" دەيدۇ.

ـ ئىبنى يەنە بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ "تولىمۇ ھەيران قالارلىق، ئىسپانىيەدە تۇرىدىغان بىر ئوقۇمىغان ئادەم مالىكقا ئەگەشسە، يەمەندە شافىئىيغا، خۇراساندا ئەبۇ ھەنىيفەگە تەقلىد قىلسا، ئۇلارنىڭ پەتىۋالىرى بىر ـ بىرىگە زىت تۇرسا، بۇمۇ ئاللاھنىڭ دىنىمۇ؟ ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئاللاھ تائالا بىزنى بۇنداق قىلىشقا قەتئىي بۇيرىمىغان. بەلكى دىن بىر ۋە ئاللاھنىڭ ھۆكمى بىردۇر."

ئىبنى ھەزمنىڭ ئوقۇمىغان ئادەم ئۈچۈن تەقلىد قىلىشنى چەكلىشى، ئۇنىڭمۇ دىنىنىڭ ئەھكاملىرىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن ھەممە ئىشىنى تاشلىشى كېرەك، دېگەننى مەقسەت قىلمايدۇ. چۈنكى بۇنداق قىلىش تىرىكچىلىككە ئائىت مەنپەئەتلەرنى كاردىن چىقىرىدۇ. چەكلەنگىنى پەقەت ئىككى ئىشتۇر:

1 ـ بىر ئىمامنىڭ شەخسىيىتىگە تەقلىد قىلىش، يەنى بۇ ئىمامغا تەقلىد قىلىشنىڭ مەنىسى ئۇنىڭ مەزھىپىگە بۇ ئاللاھنىڭ شەرىئىتى دەپ ئەگىشىش. بۇ ھەقىقەتكە ئويغۇن كەلمەيدۇ.

2 ـ ئوقۇمىغان، بىلمىگەن بىر كىشىنىڭ باشقىلاردىن قۇرئان ۋە سۈننەتكە تايانمىغان ياكى ئۇنىڭ فىقھىشۇناسى مانا بۇ ئاللاھنىڭ ھۆكمى دەپ داۋا قىلغان پەتىۋالارنى قوبۇل قىلىشى.

شۇنىڭ ئۈچۈن ئىبنى ھەزم ئوقۇمىغان بىر كىشىگە مۇپتى پەتىۋا بەرگەندە "ئاللاھنىڭ ھۆكمى ياكى پەيغەمبەرنىڭ ھۆكمى مۇشۇنداقمۇ؟" دەپ سورىشىنى ۋاجىپ دەپ قارىغان. ئەگەر مۇپتى "ھەئە، شۇنداق" دەپ جاۋاب بەرسە، ئوقۇمىغان ئادەمنىڭ ئۇنى قوبۇل قىلىشى زۆرۈر. ئەگەر مۇپتى "ياق" دېسە، ياكى جىمجىت تۇرۇۋالسا ۋە ياكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن باشقا بىر ئادەمنىڭ سۆزىنى بايان قىلىپ بەرسە، ئۇ چاغدا بۇ ئوقۇمىغان، بىلمىگەن كىشىنىگە ئۇنى باشقىلاردىن سورىشى ۋاجىپ بولىدۇ. مانا ئىلىم باسقۇچلىرىدىكى پەيدىن پەيلىككە ئۇيغۇن .

ـ ئىبنى ھەزم تەقلىد قىلىشنىڭ ھاراملىقىغا قۇرئاندىن دەلىللەرنى كەلتۈرىدۇ . ئۇلارنىڭ ئىچىدە، ئاللاھ تائالانىڭ "(ئى ئىنسانلار!) سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن سىلەرگە نازىل قىلىنغان كىتابقا (يەنى قۇرئانغا) ئەگىشىڭلار، اللھ نى قويۇپ، (جىنلاردىن ۋە ئىنسانلاردىن بولغان، سىلەرنى ئازدۇرىدىغان) دوستلارغا ئەگەشمەڭلار"[2] ۋە "ئەگەر سىلەر بىر شەيئىدە ئىختىلاپ قىلىشىپ قالساڭلار، بۇ توغرىدا اللھ غا ۋە پەيغەمبەرگە مۇراجىئەت قىلىڭلار"[3] دېگەن سۆزلىرى باردۇر.

ـ ئىبنى ھەزمنىڭ نەزىرىدە ئۇسۇل (ئاساس) قۇرئان، سۈننەت، ئىجمائ ۋە دەلىلدىن ئىبارەت،

تۆتتۇر: ئىبنى ھەزمنىڭ نەزىرىدىكى تۆتىنچى ئاساس دەلىلدىن ئۇ، باشقا ئۇسۇللاردىن ئېلىنغان مەنا تەتبىقلىنىدىغان مەسىلىدىكى ھۆكۈمنى كۆزدە تۇتىدۇ. ئۇ مەسىلە ئىجمائ ياكى نەستىن ئېلىنغان بولىدۇ. ئەمما ئۇ، نەستىن سەۋەبنى چىقىرىش، ئاندىن نەسنىڭ ھۆكمىنى سەۋەب ئەمەلىيلىشىدىغان بارلىق مەسىلىلەرگە بېرىشنى ئاساس قىلغان قىياسقا قارشى تۇرىدۇ. ئىبنى ھەزم ھىجرىيەنىڭ 456 ـيىلى شەئبان ئېيىدا يەتمىش ئىككى يىلغا يېقىنلاشقان ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئىسپانىيەنىدىكى يېزىسى مىيت لىشيمدا ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ داڭلىق ئەسەرلىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت: "الإچكام في ۆپول الۆچكام"، "الإيپال إلۈ فھم الخپال"، "الجامىە لمچپل شراېى الإسلام في الواجب والچلال والچرام والسنە الإجماى"، "المچلۈ بالژڭار"، "مداواە النفوس"، "المغرب في تاريخ المغرب"، "الفپل بين ۆھل الۆھواء والنچل"، "الالتباس فيمابين ۆپچاب الئاھرە و ۆپچاب القياس" ۋە باشقىلار.

� ئەھمەد ئىبنى ئابدۇلھەلىيم ئىبنى ئابدۇسسالام ئىبنى تەيمىييە، شەيخۇل ئىسلام، شامنىڭ ھىران رايونىدا ئىلىمگە باغلىنىشلىق ۋە ئۇنى سۆيىدىغان بىر ئائىلىدە 661ھـ دۇنياغا كەلگەن. دادىسى شىھابۇددين ئابدۇلھەلىيم ئىبنى ئابدۇسسالام ھەنبەلىيلەرنىڭ ئاساسلىق كىشىلىرىدىن سانىلىدۇ. چوڭ دادىسى شەيخۇل ئىسلام مەجدۇددين ئەبۇ ئەلبەركات ئابدۇسسالام ئىبنى ئابدۇللاھ كۆزگە كۆرۈنگەن ھافىزلارنىڭ بىرى بولۇپ، فىقھىدا، تەپسىردە، ئوقۇشتا ۋە گرامماتىكىدا ئەلگە تونۇلغان كىشى ئىدى.

ـ شەيخۇل ئىسلام ئەھمەد ئىبنى تەيمىييەنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرى، مەتىنلىرىنى يادلاش ۋە ئۇنىڭدىن ھۆكۈم چىقىرىشتىكى ئىنچىكىلىگى بىلەن بىرگە رىۋايەت قىلغۇچىلىرىنىڭ ئەھۋاللىرى بىلىشتە تولۇق تەجرىبىسى بار ئىدى. بۇ خۇسۇستا ئىبنى ئەلۋەردى مۇنداق دەيدۇ: "ئىبنى تەيمىييە بىلمەيدىغان ھەرقانداق ھەدىس ھەدىس ئەمەس. ھەممىنى بىلىش ئاللاھقا خاستۇر، بىراق باشقا ئىماملار كۆلدىن كەچكەن بولسا، ئۇ دېڭىزدىن كەچكەن."

ـ ھافىز ئەززەھەبىي ئۇنى مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ: "ئىلىم ـ مەرىپەت، جاسارەت ۋە زېرەكلىك ، ئاللاھنىڭ يولىدا ئاقارتىش ئېلىپ بېرىش، ئۈممەت ئۈچۈن نەسىھەت ۋە ھۆرمەت، ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆز ئەسرىنىڭ يېگانە كىشىسى ئىدى... كىشىلەر فىقھىنى بىلىش ئۈچۈن جان تالىشىۋاتاتتى، مەزھەبلەر، ساھابىلەر ۋە تابىئىنلارنىڭ پەتىۋالىرىدا ئوخشىماسلىقلار بار ئىدى، ئەمما ئۇ پەتىۋا بەرگەندە مۇئەييەن مەزھەبكە تايىنىۋالماي، قارىشىدىكى توغرا دەلىلنى ئوتتۇرىغا قوياتتى."

ـ ئۇ – ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن ـ پەتىۋالىرىدا ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇشتا مۇئەييەن مەزھەبكە ئەگىشىشنىڭ ۋاجىپلىقىنى يوققا چىقىرىپ، ئىجتىھاد قىلىشقا سالاھىيىتى توشىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ئىجتىھاد بابىنى ئېچىۋېتىشقا چاقىراتتى. بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن باشقا كىشىگە توغرا كەلمەيدىغان مەرتىۋە ئىدى، ئۆلىمالار توپى ئىچىدىكى ئىلىمگە تەۋە تەقلىدچىلەرمۇ ئىبنى ئابدۇلبەر رىۋايەت قىلغان سەئىي ئىبنى ئەبى ئۇرۇبەنىڭ "ئىختىلاپقا قۇلاق سالمىغانلارنى ئالىم ھېسابلىماڭلار" دېگەن سۆزىنىمۇ ئېتىبارغا ئېلىشمىدى.

ـ شەيخۇل ئىسلام (ئىبنى تەيمىييە ـ ت) ھەقىقەتكە ياردەم بېرىش ، باتىلنى چەيلەپ ـ يەنجىش يولىدا قولى ۋە قىلىچى، قەلىمى ۋە تىلى ئارقىلىق شۇنداق جىھاد قىلغانكى، ئېغىر كۈن ۋە ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتلەر ئۇنى جىھادتىن توسۇپ قالالمىغان. ھەقىقەتكە قوللاش يولىدا، تاتارلارغا، ئىسلام شەرىئىتىدىن چىقىپ كەتكەنلەرگە قارشى تۇرغاندەك، پىرقە، ھاۋايى ـ ھەۋەس ۋە پەيلاسوپلار ، كالامچىلار، تەسەۋۋۇپچىلار، مەزھەب مۇتەئەسسىپلىرى ۋە باشقىلاردىن تەركىب تاپقان گۇرۇھلارغا قارشى تۇرغان. بۇ ئىشلار ئۇنىڭ بىر قانچە قېتىم تۈرمىگە تاشلىنىشىغا سەۋەب بولغان. ئۇنىڭ شوئارى مۇنداق ئىدى: "دۈشمەنلىرىم ماڭا زىيان سالالمايدۇ، مېنىڭ جەننىتىم ۋە بوستانىم قەلبىمدىدۇر، نەگىلا باراي، ئۇ ھامان مەن بىلەن بىرگە، مېنى قاماپ قويۇشسا، مەھبۇسلىقىم خالىلىقىم، يۇرتۇمدىن چىقىرىۋېتىشسە بۇ مېنىڭ ساياھىتىم، ئەگەر مېنى ئۆلتۈرۈشسە ئۆلۈمۈم شاھادىتىمدۇر."

ـ شەيخۇل ئىسلامنىڭ دەۋرداشلىرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائە ۋە سەلەپ  ـ سالىھلارنىڭ يولىنى تۇتۇپ كەلگەن كىشىلەرگە ناھايىتى زور تەسىرى بولغان ئىدى. ئۇنىڭ مەشھۇر تالىپلىرىدىن ئىمام ئىبنى قەييۇم ئەلجەۋزىييە، مۇپەسسىر ھافىز ئىبنى كەسىر ۋە ھافىز شەمسىددىن ئەززەھەبىلەرنى ساناش مۇمكىن. ئۇ (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن) نەزەر دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى ، پەتىۋانىڭ ئوقى ئەتراپلىرىدا ئايلىنىدىغان فىقھىي ئىماملارنىڭ سۆزلىرىنى قانچىلىك بىلىدىغانلىقى، سەھىھ دەلىللەرنى قاتتىق چىڭ تۇتۇپ، ئۇنى باشقا ھەر كىمنىڭ سۆزىدىن يۇقىرى قويىدىغانلىقىغا گۇۋاھلىق بېرىدىغان بىر ئىلمىي بايلىقنى ئارقىسىدا قالدۇرۇپ، ھىجرىيەنىڭ 728 ـ يىلى تۈرمىدە ۋاپات بولغان. بۇلارنىڭ مەشھۇرلىرى "مجموى الفتاوۈ"، "درء تىارگ الىقل والنقل"، "نقگ المنطق" ۋە "منھاج السنە النبويە في الرد ىلۈ الرافگە والقدريە" ناملىق كىتابلىرىدۇر.

� ئىبنى قەييۇم ئەلجەۋزىييە؛ تولۇق ئىسمى: مۇھەممەد ئىبنى ئەبى بەكىر ئىبنى ئەييۇب ئىبنى سەئد... ئەبۇ ئابدۇللاھ شەمسىددىن ئەززەرئىي ئەددەمەشقىي بولۇپ، ئىبنى قەييۇم ئەلجەۋزىييە نامى بىلەن تونۇلغان. ھىجرىيە 691 ـ يىلى سەپەر ئېيىنىڭ يەتتىنچى كۈنى دۇنياغا كەلگەن، ئىلىملىك ۋە دىندار بىر ئائىلىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن. ئاتىسى جەۋزىييە مەدرىسىسىنىڭ مەسئۇللىقىنى ئۈستىگە ئالغان، توغرا ـ دۇرۇسلۇقى بىلەن تونۇلغان كىشى ئىدى.

ـ ئىبنى قەييۇم دادىسىنىڭ قولىدا ئوقۇپ، ئۇنىڭدىن مىراس ئىلمىنى ۋە شۇ دەۋردىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئالىملاردا ھەممە پەنلەر بويىچە ئىلىم ئىگەللىگەن. ئۇ ئەڭ كۆپ تەسىرىگە ئۇچرىغان كىشىلەرنىڭ بىرى شەيخۇل ئىسلام تەقىييۇددين ئىبنى تەيمىييە ئىدى. ئۇنىڭ دەرسلىرىدە مەتىن ئوقۇپ بەرگەن ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئون بەش يىل بىرگە يۈرگەن. ئۇنىڭدىن قۇرئان، سۈننەت، تەپسىر، ھەدىس، فىقھىي، ئىلمى كالام ۋە مىراس ئىلىملىرىنى ئۆگەنگەن. ئۇ ـ ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن ـ كۆپ ئىبادەت قىلىدىغان، دۇنياغا بېرەلمەيدىغان ، ھارامدىن قورقىدىغان، ئىستىغپار ۋە زىكىرنى كۆپ ئېيتىدىغان كىشى ئىدى. بامدات نامىزىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ناماز قىلغان ئورنىدا ئاللاھنى زىكىر قىلىپ ئولتۇراتتى ـدە، كۈندۈزمۇ خېلى بىر يەرلەرگە بېرىپ قالاتتى. ئۇ مۇنداق دېگەن: "بۇ مېنىڭ ئەتىگەنلىكىم ، ئەگەر ئۇنىڭغا ئولتۇرمىسام موسكۇللىرىم ئاجىزلاپ كىتىدۇ". ئۇ ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسقانلىقى ۋە ھەقنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىىكى جاسارىتى سەۋەبىدىن بىر قانچە قېتىم تۈرمىگە تاشلانغان.

ـ ئۇنىڭ توغرىسىدا ئىمام شەۋكانى مۇنداق دېگەن: "ھەممە ئىلىمدە يىتىشكەن، تەڭتۇشلىرىدىن ئېشىپ كىتىپ، شۆھرىتى ئوپۇققىچە تارقالغان، سەلەپلەرنىڭ مەزھەبلىرىنى بىلىشتە بىر دېڭىزغا ئايلانغان... چۈشەنچىلەر سۆزىگە ئاشىق، زىھىنلەر مايىل ۋە قەلبلەر ئۇنى سۆيگۈدەك دەرىجىدە، ئۇنىڭ ئارتۇق جايلارنى بىر تەرەپ قىلىش ماھىرلىقى، كۆپىنچە يازغۇچىلارنىڭ قولىدىن كەلمەيدىغان گۈزەل سىياقى بار ئىدى. ئۇ كۆپىنچە ھاللاردا دەلىلسىز گەپ قىلمايتتى. نادىر ئەھۋاللاردا ئۆزى تەربىيلەنگەن مەزھەبكە مايىل بولۇپ قالاتتى... ئىزدىنىشلىرىنىڭ كۆپىنچىسىدە ئوتتۇرا ھال ئىدى. مايىل بولغان تەرەپلىرىگە ھامان دەلىل بىلەن بىرگە مايىل بولاتتى... "

ـ مەككە مۇكەررەمە تۇرغان، مىسىرغا بىر قانچە قېتىم سەپەر قىلغان ۋە سەپەرلىرى جەريانىدا ئىلمىنىڭ كۆپلىكى، كۆرگەنلىرىنىڭ بىپايانلىقى ۋە ئەستە تۇتۇشىنىڭ كۈچلۈكلىكىگە ئىشارە قىلىدىغان نۇرغۇن كىتابلارنى يازغان. بۇ كىتابلار : "كتاب مفتاچ دار السىادە ومنشور ولايە دار الىلم والإرادە"، "روگە المچبين ونزھە المشتاقين"، "زاد المىاد في ھدي خير الىباد"، "بداېى الفواېد"، "تھۇيب سنن ۆبي داود" ۋە باشقىلار.

ـ ئۇ ـ ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن ـ ئىسلام كۈتۈبخانىلىرىغا تەسىر كۆرسەتكۈدەك دەرىجىدە ئىلمىي بايلىقلارنى قالدۇرۇپ، ھىجرىيە 751 ـ يىلى، رەجەب ئېيىنىڭ ئون ئۈچىنچى كۈنى ۋاپات بولغان. بۇ كىتابلارنىڭ مەشھۇرلىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت: "شفاء الىليل في مساېل القگاء والقدر والتنزيل"، "إىلام الموقىين ىن رب الىالمين"، "طريق الھجرتين" ۋە "الپواېق المرسلە ىلۈ الجھميە والمىطلە"

� ئىمام ئەللامە مۇھەممەد ئىبنى ئەلىي ئەششەۋكانىي ئەسسەنئانىي، ھىجرىيە 1173 ـيىلى زۇلقەئدە ئېيىدا يەمەندىكى خولان قەبىلىلىرىنىڭ بىرى بولغان سەھامىييە يېزىلىرىنىڭ بىرى، ھىجرەت شەۋكان دېگەن جايدا دۇنياغا كەلگەن. سەنئادا ئۆسۈپ يېتىلگەن ۋە ئۇ يەرنىڭ ئەللامە ئەلقاسىم ئىبنى يەھيا ئەلخۇلانىي، شەيخ ئابدۇللاھ ئىبنى ئىسمائىل ئەننەھمىي، ئەلھەسەن ئىبنى ئەلمەغرىبىي ۋە باشقىلارغا ئوخشاش ئۆلىما ۋە شەيخلىرىدىن تەلىم ئالغان. ئۇ، تەپسىر، ھەدىس، فىقھىي، ئۇسۇل، تارىخ، گىرامماتىكا، ئەدەبىيات ۋە لوگىكىلاردا يىتىشكەن. ئىمام شەۋكانى ئىمام زەيدنىڭ مەزھىبىدە فىقھىي ئۈگەنگەن. كېيىن، تەقلىدنى تاشلاپ، ئىجتىھادقا ئائىت قاراشلىرىنى تارقاتقان. ئۇ "السيل الجرار المتدفق ىلۈ چداېق الۆزھار" ناملىق كىتابىنى يېزىپ، ئۇسۇل ۋە قوشۇمچە مەسىلىلەردىكى ئۆز دەۋرىنىڭ تەقلىدچىلىرىنى ئۇنىڭغا ئەگىشىشكە چاقىرغان. ئۇ يەنە "شرچ الۆزھار الۇي ھو فقھ ۆھل بيت المختار" ناملىق كىتابىنى يېزىپ، ئۇنىڭدا تەقلىد قىلىشنىڭ ھاراملىقىغا ئائىت دەلىللەرنى ئىزاھلىغان ۋە تەقىلد قىلىشتىن قاچقان. ئۇ، قازىلىق ۋەزىپىسى ئۆتىگەن. ھەدىس شەرىفنى چۈشنىشكە ئائىت "نيل الۆوطار"، تارىخقا ئائىت "إرشاد الفچول إلۈ تچقيق ىلم الۆپول" ۋە "البدر الطالى بمچاسن من بىد القرن السابى"، تەپسىر ئىلمىگە ئائىت "فتچ القدير"، مەۋزۇئ ھەدىسلەر ئىلمىگە ئائىت "الفواېد المجموىە"، تەۋھىدكە ئائىت "الدر النگيد" ۋە باشقا نۇرغۇن كىتابلارنى مىراس قالدۇرۇپ، ھىجرىيە 1250 ـيىلى، جەمادىيەلئاخىر ئېيىدا سەنئادا ۋاپات بولغان.

� ئەللامە، ھەدىسشۇناس ئەھمەد شاكىر ئەبۇ ئەلئەشبال؛تولۇق ئىسمى: ئەھمەد ئىبنى مۇھەممەد شاكىر ئىبنى ئەھمەددۇر. ئۇ ئەبى ئەليائ ئائىلىسىدىن بولۇپ، نەسىبى ئەلھۇسەين ئىبنى ئەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇماغىچە تۇتىشىدۇ. ئۇنىڭغا دادىسى ئىماملارنىڭ قوياشى، ئەبۇ ئەلئەشبال، دەپ لەقەم قويۇپ قويغان. ئۇ ھىجرىيە 1309 ـ يىلى جەمادىئ ئەلئاخىر ئېيىنىڭ 29 ـ كۈنى قاھىرىدە دۇنياغا كەلگەن.(مىلادى 1892 ـ يىلى، 29 يانۋار)

ـ ئۇ ـ ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن ـ مەرىپەتپەرۋەر بىر ئائىلىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن، دادىسى شەيخ مۇھەممەد شاكىر ئەزھەرنىڭ پەتىۋا ئىشلىرىنىڭ مەسئۇلى ۋە ۋەكىلى، سۇدان قازىلىرىنىڭ قازىسى، ئىسكەندەرىييە ئۆلىمالىرىنىڭ شەيخى ئىدى. ئۇ سەبىلىك ۋە ياشلىق چاغلىرىدىن باشلاپلا ئىلىم تەلەب قىلىشقا بەكلا تىرىشقان، شېئىر ۋە ئەدەبىيات ئوقۇغان، ئۇ يىگىرمە ياشقا توشماي تۇرۇپلا ھەدىس ئىلىملىرى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك پەنلەرنى ئۈگەنگەن. بۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئىلىم تەلەب قىلىشتا تەدرىجى ھالدا بىر قانچە ئىلىم ئەھلىگە يۆتكەلگەن. ئۇلارنىڭ ئاساسلىقلىرى دادىسى، شەيخ ئابدۇسسالام ئەلفەقي، شەيخ ئابدۇللاھ ئىبنى ئىدرىيس ئەسسەنۇسىي، شەيخ ئەھمەد ئىبنى ئەششەمس ئەششەنقېيتى، شەيخ شاكىر ئەلئىراقىي، شەيخ جامالۇددين ئەلقاسىمىي، شەيخ مۇھەممەد رەشىيد رىزا، شەيخ تاھىر ئەلجەزائىرىي ۋە باشقىلاردىن ئىبارەت.

ـ ئۇ ئەزھەردە ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كېيىن، بەزى مەكتەبلەردە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، كېيىن مەھكىمە خىزمەتچىلىكىگە، ئارقىدىن قازىلىققا ۋە ئالىي سوتنىڭ ئەزالىقىغا تەيىنلەنگەن. ئۇ تاكى 1951 ـ يىلى پېنسىيىگە چىققانغا قەدەر ئاخىرقى سوتنىڭ مۇتەۋەللىسى بولۇپ ئىشلىگەن. بۇنىڭدىن باشقا ئۇ مىسىردىكى سۈننەتى مۇھەممەدىييە ئەنسارلىرى جامائىتىگە قاراشلىق ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىملار ھەيئىتىنىڭ بىر ئەزاسى ئىدى.

ـ ئۇنى دوستى ئەللامە مۇھەممەد ھامىد ئەلفەقي مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ: "سۈننەت كىتابلىرىنى جانلاندۇرۇشتا رەھمەت ئېيتىشقا تىگىشلىك دەرىجىدە ھەسسە قوشتى. نۇرغۇن كىتابلىرىنى ئىلمىي ۋە ناھايىتى ياخشى نەشىر قىلدۇردى. "المسند للإمام ۆچمد بن چنبل" ناملىق كىتاب نەشىر قىلىنىپ، ئۇنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىنى بېسىپ چۈشتى."

ـ ئۇنىڭ ئىلمىي مېتودى ساغلام ئىلىم، يەنى سەلەپ  ـ سالىھلار ۋە كېيىنكىلەردىن بىرەر قاراش ياكى ھاۋايى ـ ھەۋەسكە مۇتەئەسسىپلىك قىلمىغان، تەقلىد يولىدا چىڭ تۇرىۋالمىغان توغرا دەلىلگە تايىنىدىغان كىشىلەرنىڭ تۇتقان ئۇسۇلى بۇيىچە چۈشىنىلگەن قۇرئان ۋە سۈننەت ئاساسىغا قورۇلغان.

ـ ئۇنىڭ يازغان ۋە تەھقىقلىغان ئەسەرلىرى ئەللىك پارچىغا يېقىنلاشقان. شۆھرەت قازانغانلىرى: "شرچ المسند" ۋە ئىبنى كەسىرنىڭ تەپسىرىنى قىسقارتىپ يازغان "ىمدە التفسير" قاتارلىق كىتابلىرىدۇر. ئەبۇ ئەلئەشبال ـ ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن ـ بۇ ئىككى كىتابىنى تاماملاشقا ئۈلگۈرمەيلا ھىجرىيە 1377 ـيىلى، زىلقېئدە ئېيىنىڭ 26 ـكۈنى (شەنبە) ۋاپات قىلدى.(مىلادى 1958 ـيىلى، 14 ـ ئىيون).

ھازىرقى زاماندىكى ئەڭ گەۋدىلىك كىشىلىرى:

� ئەللامە ئەششەنقىيتى مۇھەممەد ئەلئەمىين ئىبنى مۇھەممەد ئەلمۇختار ئىبنى ئابدۇلقادىر ئىبنى يەئقۇب ئىبنى جاكىن ئەلئەمىير (ھىميەرگە تەۋە ئەلجىكنىييىن نامى بىلەن تونۇلغان مەشھۇر قەبىلىنىڭ چوڭ ئاتىسى) دۇر. ئۇ ھىجرىيە 1335 ـيىلى ھازىرقى مورىتانىيەنىڭ كىيگا ئىشچىلار ئويۇشمىسىغا قاراشلىق تەنبىھ رايۇنىدىكى خوش پىئىل، ئىلىمنى سۈيىدىغان، ئۆلىمالارنى ھۆرمەتلەيدىغان بىر ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ كىچىڭ چېغىدىلا دادىسى ۋاپات بولۇپ كېتىپ، تاغىسىنىڭ تەربىيىسىگە ئۆتكەن. ئۇ تاغىسىنىڭ ئۆيىدە قۇرئان كەرىمنى يادلاش، ئەدەبىيات، گىرامماتىكا قائىدىلىرى، ئەرەبلەرنىڭ نەسىبى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمالىغا ئوخشىغان تۈنجى باسقۇچ ئىلمىنى ئىگەللىگەن. ئون ئالتە ياشقا كىرگەن چېغىدا ۋەرش ۋە قالۇننىڭ رىۋايەتلىرىنى چىقىش قىلغان ئىككى خىل قىرائەتنى ياخشى ئىگەللىگەن. بۇنىڭدىن كېيىن ئىلىم ئىگەللەشتە ئۆز يۇرتىنىڭ ئەخرەم نامى بىلەن تونۇلغان شەيخ مۇھەممەد ئىبنى سالىھ، ئەللامە ئەھمەد ئىبنى ئۆمەر ۋە باشقىلارغا ئوخشىغان مەشھۇر ئۆلىمالىرىنىڭ قېشىغا بارغان. كېيىنچە دەرس ئۆتۈش ۋە پەتىۋا بىرىش ئىشلىرىنى ئۈستىگە ئالغان، ھۆكۈم چىقىرىش، ئەقىل ـ پاراسىتى بىلەن شۆھرەت قازانغان ۋە يۇرتىنىڭ ئۆلىما ۋە خەلقلىرىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەن.

ـ ھەج قىلىپ قايتىش نىيىتى بىلەن سەئۇدى دىيارىغا كەلگەن. ھەج سەپىرى جەريانىدا ئەمر خالىد ئەسسىدەيرىي بىلەن ئۇچىراشقان. سىدەيرىي ئۇنىڭ ئىلىم دائىرىسنىڭ كەڭلىكىنى كۆرگەندىن كېيىن، يۇرتىغا قايتىش پىكرىدىن توسقان ۋە شەيخ ئابدۇللاھ ئەززاھىم، شەيخ ئابدۇلئەزىز ئىبنى سالىھتىن ئىبارەت ئىككى شەيخ بىلەن ئۇچرىشىشىنى تەۋسىيە قىلغان. نەتىجىدە ئۇ پادىشانىڭ ئابدۇلئەزىز –ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن ـ نىڭ تەكلىۋىگە بىنائەن مەدىنە مۇنەۋۋەرەدە ئاللاھنىڭ كىتابىنى تەپىسىر قىلىپ بىرىش ئۈچۈن قېلىپ قالغان.

ـ شەيخنىڭ تەپسىر قىلىشتا ئۆزىگە خاس بىر خىل فىقھىي مېتودى بولۇپ، ئالىملارنىڭ سۆزلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، دەلىلنىڭ تەقەززاسىغا ئاساسەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن بىرىنى مۇئەييەن مەزھەبكە بېقىنمىغان ھالدا كۈچلەندۈرەتتى.

ـ شەيخ ئىلمىي ئېنىستىتوتلارنى قۇرۇش، ساغلام ئەقىدە، دۇرۇس ئىلىملەر ئارقىلىق يېڭى بىر ئەۋلاد تەربىيلەپ چىقىش ئىشىلىرىغا قاتنىشىش مەقسىدىدە رىيادقا يۆتكىلىپ كەلگەن. شۇنىڭدەك مەدىنە مۇنەۋۋەرەدىكى ئىسلام ئۇنۋېرسىتىتىنى قورۇشقىمۇ قاتناشقان. رىيادتىكى ئالىي مەھكىمە ئېنىستىتوتىدا لىكسىيەلەرنى سۆزلەشكە ئىشتىراك قىلغان. بىر قىسىم ئىسلام دۆلەتلىرىدە ئېلىپ بېرىلغان دەۋەت پائالىيەتلىرىگە سۆھبەتلەشكۈچى ياكى لىكسىيە سۆزلىگۈچى سۈپىتىدە بارغان. بۇلاردىن باشقا ئۇ –ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن ـ ئالدىنقى قاتاردىكى ئۆلىمالار ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى ۋە مەككە مۇكەررەمەدىكى دۇنيا ئىسلام بىرلىكىنىڭ قورۇلۇش مەجلىسى ئەزاسى ئىدى.

ـ ئۇ – ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن ـ قول يازما ۋە نەشىر قىلىنغان بولۇپ، نۇرغۇن ئەسەرلەرنى قالدۇرۇپ، ھىجرىيە 1393 ـيىلى ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ كىتابلىرىنىڭ مەشھۇرلىرى "تفسير ۆگواء البيان في إيگاچ القرژن بالقرژن"، "منى جواز المجاز في المنزل المتىبد والإىجاز" ۋە "مۇكرە ۆپول ىلۈ روگە النائر" لاردىن ئىبارەت.

� فىقھىشۇناس، ھەدىسشۇناس شەيخ ئابدۇلئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى ئابدۇرراھمان ئال باز: ئۇ سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھلىقىنىڭ رىياد شەھىرىدە ھىجرىيە 1330 ـ يىلى زۇلھەججە ئېيىدا دۇنياغا كەلگەن.ھىجرىيە 1346 ـ يىلى ئىككى كۆزىگە كېسەل تېگىش سەۋەبى بىلەن ئاجىزلاپ كەتكەن. بۇنىڭدىن كېيىن شۇ ئىككى كۆزى بىلەن ھىجرىيە 1350 ـ يىلى پاكولتېتقا بارغان ۋە دەرس باشلاپ، كىچىكىدىنلا ئىلىم تەھسىل قىلىشقا كىرىشكەن. بالاغەتكە يەتمەي تۇرۇپلا قۇرئان كەرىمنى يادلاپ بولغان. ئۇ سەبىي چېغىدىلا نەجد (ھازىرقى رىياد ئەتراپىدىكى رايونلار ـ ت) ۋە باشقا يەرنىڭ چوڭ ئالىملىرىنىڭ قولىدا شەرىئەت ۋە ئەرەب تىلى ئىلىملىرىنى ئىگەللىگەن. ئۇنىڭ شەيخلىرىنىڭ مۇھىملىرى شەيخ ئابدۇلئەزىز ئال ، شەيخ سەئد ئىبنى ھەمەد ئىبنى ئەتىيق، شەيخ ھەمەد ئىبنى فارس ۋە ئۇزۇن مەزگىل سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھلىقىنىڭ مۇپتىسى بولغان شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئىبراھىم ئال شەيخلاردىن ئىبارەت.

ـ نۇرغۇن ئىلمىي مەنسەپلەرنى ئۆتىگەن؛ قازىلىق مەنسىپىنى ئۈستىگە ئالغان، ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شوغۇللانغان، كېيىن مەدىنە مۇنەۋۋەردەدىكى ئىسلام ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىر يارىدەمچىلىكىگە تەيىنلىنگە ۋە بۇ تاكى ئۇنۋېرسىتېتنىڭ مودىرى شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئىبراھىم ئال شەيخنىڭ ۋاپاتىغا قەدەر داۋاملاشقان. ھىجرىيە 1390 ـ يىلى ئۇنۋېرسىتېتنىڭ مۇدىرلىقىنى ئۈستىگە ئېلىپ، بۇ خىزمەتنى، ھىجرىيە 1395 ـ يىلى ئىلمىي ئىزدىنىش، پەتىۋا بىرىش، دەۋەت ـ ئىرشاد ئىشلىرى قاتارلىق ئىدارىلەرنىڭ ۋەزىر دەرىجىسىدىكى باش مودىرى بولۇپ تەيىنلەنگە قەدەر داۋاملاشتۇرغان. بۇنىڭدىن كېيىن يەنە سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھلىقىنىڭ ۋەزىر دەرىجىلىك باش مۇپتىسى بولۇپ تەيىنلەنگەن. شەيخ ئىبنى باز بۇنىڭدىن باشقا دۇنيا مەسجىدلەر ئالىي مەجلىسىنىڭ رەئىسلىكى، دۇنيا ئىسلام بىرلىكىگە قاراشلىق ئىسلام فىقھىي كېڭىشىنىڭ رەئىسى، دۇنيا ئىسلام بىرلىگى قورۇلۇش مەجلىسىنىڭ رەئىسى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھلىقى دائىرىسىدىكى دەۋەت ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان.

ـ شەيخ ئابدۇلئەزىر ئىبنى باز كۆپ ھوسۇللۇق، پائالىيەتچان، ھامان ئەسلەپ تۇرۇشقا ئەرزىيدىغان كىشى بولۇپ، ئۇ ئاللاھنىڭ دىنىغا ھىكمەت ۋە يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن دەۋەت قىلاتتى، ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توساتتى. بىدئەت ئەھلىگە قاتتىق قارشى تۇراتتى، تەۋھىد خالىس ھالدا ئاللاھ تائالاغا مەركەزلەشتۈرۈشنى مەقسەت قىلاتتى. ئۇنىڭدىن ئالىملار، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئىسلام ئالەمىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر پايدىلاندى. ئۇنىڭ ئاساسلىق كىتابلىرى: "نقد القوميە الىربيە"، "چكم الإسلام فيمن طىن في القرژن والرسول"، "الجھاد في سبيل اللھ"، "الفواېد الجليە في المباچڭ الفرگيە" قاتارلىقلار بولۇپ، بۇلاردىن باشقا يۈزلىگەن پەتىۋالىرى بولۇپ، بەزىلىرى بىر قانچە توملۇق كىتابلارغا توپلانغان.

� مەشھۇر ھەدىسشۇناس ۋە نۇرغۇنلىغان ھەدىسكە ئائىت تەھقىق ۋە ئەسەرلەرنىڭ ئاپتۇرى شەيخ ناسىرۇددين ئەلئالبانى: ئۇ مىلادى 1914 ـ يىلى ئالبانىيە دۆلىتىنىڭ ئەشقۇدرە شەھرىدىكى بىر مەرىپەتپەرۋەر ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. پادىشا ئەھمەد زوگو ئىسپانىيەگە ھۆكۈمدار بولۇپ، تۈركىيەدە ئاتا تۈرك تۇتقان يولنى تۇتۇپ ماڭغاندىن كېيىن، دىنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن سۈرىيەگە ھىجرەت قىلغان.

ـ دادىسى ھەنەفىي مەزھىبىنىڭ رادىكال ئىخلاسمەنى ئىدى. بۇ ئونىڭغا تەسر قىلغان ئىشلارنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ ھەنەفىي مەزھىبى بۇيىچە ئىلىم ئىگەللىگەندىن كېيىن، ھەدىس ئىلمى ئۈگىنىشكە يۈزلىنىپ، ئۇنىڭدا يىتىشىپ چىقتى ۋە ئۆزى ئۆزىنى ئوقۇتتى ۋە سالاھىيىتى توشقان بارلىق كىشىلەرنىڭ بارلىق فىقھىي ۋە ئېتىقادىي مەسىلىلەردە بىۋاسىتە ھالدا قۇرئان ۋە سۈننەتكە قايتىش چاقىرىنى تارقاتتى. ئۇنىڭ "سلسلە الۆچاديڭ الپچيچە"، "سلسلە الۆچاديڭ الگىيفە"، "پچيچ الجامى الپغير"، "گغيف الجامى الپغير" ۋە باشقا نۇرغۇن ئەسەرلىرى بار.

ـ شەيخ ناسىرۇددين ئالبانىنىڭ چاقىرغان يولىغا چاقىرىدىغان ۋە ئۇنىڭ مېتودى بويىچە ماڭغان شاگىرتلىرى بار بولۇپ، ئۇلار:

1 ـ ئۇستاز مۇھەممەد ئېيد ئەلئابباسى: ئۇ شەيخنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن تالىبلىرى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە يۈرگەنلەردىن بىرى بولۇپ، ھازىر دەمەشىقتە. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىن بىرى "بدىە التىپب المۇھبي وملچقھ" ناملىق كىتابىدۇر.

2 ـ شەيخ ئابدۇرراھمان ئابدۇلخالىق: مەدىنە مۇنەۋۋەرەدىكى ئىسلام ئۇنۋېرسىتىتىنى پۈتتۈرگەن، ئۇ دەۋەت ۋە ئىرشاد ساھەسىدە نۇرغۇن ئەسەرلەرنىڭ ئاپتۇرى. ئۇ ھازىر كۇۋەيتتە بولۇپ، ئۇ يەردىكى ئالدىنقى قاتاردىكى دەۋەتچى ئالىملارنىڭ بىرى.

3 ـ ئۇستاز خەيرۇددين ۋانلىي: ھازىر دەمەشىقتە تۇرىدۇ. ئۇ يازغۇچى ۋە مول ھۇسۇللۇق شائىر. ئۇنىڭ "المسجد في الإسلام"، "مىجزات المپطفۈ"، "دليل الخيرات و سبيل الجنات"، "ديوان الچق المبين"، "ديوان ىپر الإسلام" قاتارلىق ئەسەرلىرىدىن باشقا، يەنە بالىلارغا ئائىت شېئىرلار توپلاملىرى ۋە باشقا ئەسەرلىرىمۇ بار.

4 ـ شەيخ مۇقبىل ئىبنى ھادي ئەلۋادىئېي: يەمەنلىك ھەدىسشۇناس، ئۇنىڭمۇ نۇرغۇن ئەسەرلىرى بولۇپ، شۆھرەت قازانغانلىرى: "الپچيچ المسند مما ليس في الپچيچين"، "الپچيچ المسند من ۆسباب النزول"، "الشفاىە" ۋە باشقىلار.

5 ـ زەھىير ئەششاۋيش: ئۇ "المكتب الإسلامي" ناملىق كىتابنىڭ ئاپتۇرى. ئۇنىڭ ئۇستازىنىڭ كىتابلىرىنى نەشىر قىلدۇرۇش ۋە ئۇنى ئەرەب ئەللىرىدە تارقىتىش ساھەسىدە ناھايىتى چوڭ رولى ۋە ئاكتىپچانلىقى بار.

6 ـ بۇلاردىن باشقا سەلىم ئەلھىلالىي، ئەلىي ھەسەن ئابدۇلھەمىيد، مۇھەممەد ئىبنى ئىسمائىل ئەلمەقدەم، ئەبۇ ئىسھاق ئەلھۇۋەينى ۋە باشقىلار ئوخشاش بۇ دەۋەتنى ئۆزلىرىنىڭ پرىنسىپى قىلغان ۋە ئۇنىڭغا چاقىرىپ كەلگەن بىر قاتار ئىلىم تەلەپ قىلغۇچىلارمۇ بار.

پىكىر ۋە ئەقىدىلىرى:

� ئۇلارنىڭ ھازىرقى زاماندىكى كىشىلىرىنىڭ دەۋەتلىرىنىڭ مۇددىئاسىنى ئالتە ئاساسىي نوقتىغا خۇلاسىلەپ چىقتى. بۇ ئالتە نوقتا تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:

1 ـ قۇرئان ۋە سەھىھ سۈننەتكە قايتىش ۋە ئۇنى سەلەپ  ـ سالىھ (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) لارنىڭ چۈشەنگەن مېتودى بويىچە چۈشىنىش

2 ـ مۇسۇلمانلارغا ئۇلارنىڭ ھەق دىنىنى تونۇتۇش ۋە ئۇلارنى دىنىنىڭ تەلىماتى ۋە ئەھكاملىرى بۇيىچە ئەمەل قىلىشقا، ئۇلارغا شەرەپ ۋە بەخىت ئېلىپ كىلىدىغان، ئاللاھ رازى بولىدىغانلىقى بىلەن كاپالەت بەرگەن بۇ دىننىڭ ئەدەب ۋە پەزىلەتلىرى بىلەن ئۆزلىرىنى زىننەتلەشكە چاقىرىش.

3 ـ مۇسۇلمانلارنى ھەر خىل تۈردىكى شىرك، بىدئەت، زەھەرلىك پىكىرلەر ۋە ئىسلامنىڭ ئوبرازىنى خونۇكلەشتۈرىدىغان، مۇسۇلمانلارنى ئىلگىرلەتكۈزمەيدىغان مەۋزۇئ ۋە مۇنكەر ھەدىسلەردىن ئاگاھلاندۇرۇش.

4 ـ ئىسلامنىڭ قائىدە ـ پرىنسپلىرى دائىرىسىدە ئەركىن ئىسلامىي تەپەككۇرنى جانلاندۇرۇش.

5 ـ كۆپ ساندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەقلىگە ئورنىۋېلىپ، ئۇلارنى ئىسلامنىڭ سۈزۈك بولاقلىرىدىن يىراقلاشتۇرىۋاتقان پىكىر قاتماللىقىنى ئېلىپ تاشلاش.

6 ـ ئىسلامچە ھايات ئۇسلۇبىنى قايتىدىن جانلاندۇرۇش، ئسىلامىي جەمئىيەت بەرپا قىلىش ۋە زېمىندا ئاللاھنىڭ ھۆكمىنى تەتبىقلاش.

ئۇلار سۆزلىرىنى مۇنداق ئاخىرلاشتۇرىدۇ: بۇ بىزنىڭ چاقىرىقىمىز. بىز مۇسۇلمانلارنى ئىسلامنىڭ مەڭگۈلۈك رىسالىسىنى تارقىتىدىغان ۋە مۇسۇلمانلارنى ھەرىكەتلەندۈرىدىغان بۇ ئامانەتنى يەتكۈزۈشتە بىزگە ھەمكارلىشىشقا چاقىرىمىز.

� ئۇستاز مۇھەممەد ئېيد ئەلئابباسىي ئۆزىنىڭ "بدىە التىپب المۇھبي" ناملىق كىتابنىڭ ئىلاۋىسىدە ئۇلارنىڭ مەزھەبلەرگە بولغان كۆز قارىشىنى ۋە ئۇنىڭغا ئىجتىھاد ۋە تەقلىدتە ئەگىشىشنىڭ يوللۇقلۇق ئىكەنلىكىنى مۇنداق خۇلاسىلەيدۇ:

ـ ئىجتىھاد ئىسلام شەرىئەت مەنبەلىرىنىڭ مۇھىم بىر مەنبەسى ۋە ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە ئۆزلۈكسىز داۋاملىشىشىدىكى ئىھتىياجلارنىڭ بىرى. ھېچكىمنىڭ ئۇنىڭ ئاللاھ ئېچىپ بەرگەن ئىشىكىنى تاقىۋېلىشى ۋە ئاللاھنىڭ يولغا قويغان ئەمرىنى بىكار قىلىۋېتىش ھەققى يوق.

ـ سالاھىيىتى ۋە ھازىرلىقى بار كىشىلەر ئۈچۈن بۇ يول ئۇچۇق. ھەر دەۋر ۋە ھەر يەردە ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە ئۇنىڭ دەلىللىرىنى كۆرسىتىپ بىرىدىغان مۇجتەھىدلارنىڭ بولۇشى ۋاجىپ بولغاندەك، مۇسۇلمانلارنىڭمۇ شۇنىڭغا مۇناسىپ شارائىت ھازىرلاپ بېرىشىمۇ ۋاجىپ.

ـ ئوقۇمىغان، بىلمىگەن ئادەمنىڭ تەقلىد قىلىشىنى ئىنكار قىلمايمىز. بەلكى ئۇنى، كېيىنچە پەيدا بولغان بىر بىدئەت بولغانلىقى ئۈچۈن مۇئەييەن مەزھەبكە ئېسىلىشنى مەقسەت قىلماسلىق شەرتى بىلەن تەقلىد قىلىشقا تەۋسىيە قىلىمىز. يەنە بىر شەرتى شۇكى، دىنى ۋە ئىلمىغا ئىشەنچ قىلغىلى بولىدىغان بىر كىشى ئارقىلىق قۇرئان ۋە سۈننەتكە خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلگەن ھەرقانداق مەسىلىدە تەقلىد قىلماسلىق.

ـ ئىجتىھاد بىلەن تەقلىد قىلىش باسقۇچلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئەگىشىشتىن ئىبارەت بىر ئوتتۇراھال بىر باسقۇچ بار، ئۇ بولسىمۇ، چۈشىنىشتە مۇناسىپ ئىقتىدارى بار ھەر قانداق بىر مۇسۇلماننىڭ ئۆلىمالارنىڭ سۆزلىرىگە ئۇنىڭدىكى شەرئىي دەلىلەرنى بىر قاتار كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن ئەگىشىشى زۆرۈر دەپ قارايمىز.

ـ ئەمما مەزھەبلەرگە كەلسەك، ئۇلارنى ئۈچ قىسىمغا ئايرىلىدۇ، دەپ قارايمىز:

بىرىنچىسى: ھەممە بىرلىككە كەلگەن مەسىلىلەر بولۇپ، بۇ ھەقتۇر. ئۇنى ئاساس دەپ قاراش ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىش ۋاجىپ.

ئىككىنچىسى: ئوتتۇرىدا تالاش ـ تارتىش بار مەسىلەر بولۇپ، بۇ يەردىكى تالاش ـ تارتىش قارىمۇ قارشىلىقتا ئەمەس، ھەر خىللىقتا بولماستا، بۇلارنىڭ بىرىگە ئەمەل قىلىش جائىز. ياخشىسى ئۇنىڭ ھەممىسىگە ئەمەل قىلىش ئەڭ ياخشى.

ئۈچىنچىسى: قارىمۇ قارشىلىقلار بار مەسىلىلەر بولۇپ، ئوخشىمىغان قاراشلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈش مۇمكىن بولمىسا، بارلىق مەزھەبلەردىكى توغرىنى، ھەقىقەتنى ئىزدەش ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى دەلىلى ئەڭ كۈچلۈك بولغان بىرىنى قوبۇل قىلىش.

ـ ئوخشمىغان ئەسىرلەردە فىقھىي مەزھەبلەرگە نۇرغۇنلىغان ئەيىبلەر ئارىلىشىۋالدى؛ بۇلارنىڭ مۇھىمى، قۇرئان ۋە سۈننەتكە قارشى نۇرغۇن يولسىزلىقلارغا ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدىكى تورغۇنلۇقنىڭ يامرىشىغا ئېلىپ بارغان مۇتەئەسسىپلىكتىن ئىبارەت، دەپ قارايمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ھازىرقى دەۋردىكى ئىختىلاپنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىدىن بىرى سانىلىدىغان ھەدىسلەرنى ئۆگەنمەسلىك ۋە تەھقىق قىلىنماسلىق خاھىشىنى يوقاتقاندىن كېيىن، مەزھەبلەرنى ئەيىپ ۋە زىيانلىق ئامىللاردىن تازىلاش، ئاندىن كۈچلۈك پاكىت، ئورۇنلۇق دەلىللەرگە ئاساسەن، ئۇلارنىڭ ئارىسىنى يېقىنلاشتۇرۇش ياكى مۇمكىن بولسا بىرلەشتۈرۈشكە چاقىرىمىز.

ـ ھازىرقى شارائىتتا ئوقۇغۇچىلار، تەلەپ قىلىنىۋاتقان ۋەزىيەتكە ھازىر تۇرۇشى ئۈچۈن، مۇتەئەسسىپلىكتىن خالىيلىق شەرتى ئاساسىدا تونۇلغان مەزھەبلەرنىڭ ئوسۇلى بويىچە فىقھىي ئۈگۈنۈپ تۇرسا بۇنىڭدا مەسىلە يوق، دەپ قارايمىز.

ـ فىقھىشۇناسلارنى سۆيىمىز، ئۇلارنى قەدىرلەيمىز ۋە ئۇلارنى تۈۋەن كۆرگەن ياكى ئۇلارغا ھۇجۇم قىلغان بارلىق كىشىلەردىن ئالاقىمىزنى ئۈزىمىز. بىز يولىمىزنى ئۇلارنىڭ بۇيرىغانلىرىنى ئىجرا قىلىش، دەپ ئېتىقاد قىلىمىز. چۈنكى ئۇلار "ئەگەر ھەدىس سەھىھ بولسا، ئۇ مېنىڭ مەزھىبىم" دېيىشكەن ئىدى. ئىمام مالىك: "مەن بىر ئىنسان، توغرىمۇ قىلىمەن، خاتامۇ قىلىمەن. پىكرىمگە قاراپ بېقىڭلار ـ دە، قۇرئان ۋە سۈننەتكە ئويغۇن كەلسە قوبۇل قىلىڭلار، ئۇ ئىككىسىگە توغرا كەلمەيدىغان ھەرقانداق گەپنى چۆرىۋېتىڭلار." دېگەن بولسا، شافىئىي: "پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بىر ھەدىس رىۋايەت قىلىنسا، ئۇنى مەن ئوتتۇرىغا قويمىسام، مېنى قايسى زېمىن كۆتىرىدۇ، قايسى ئاسمان ماڭا سايىۋەن بولىدۇ: شۇنداق باش ئۈستىگە، شۇنداق باش ئۈستىگە" دېگەن ئىدى. ئىمام ئەھمەد ئەبۇ داۋۇدقا مۇنداق دېگەن: "مېنىمۇ، مالىكنىمۇ، شافىئىينىمۇ، ئەۋزائىينىمۇ، سەۋرىينىمۇ تەقلىد قىلمىغىن، سەنمۇ ئۇلار ئالغان يەردىن ئال".

� بۇلارغا ئاساسەن، مۇسۇلماننىڭ كىشىنىڭ بىر مەزھەبكە ئۇنىڭ مەزھەبلىكىنى دەپلا ئەگەشمەسلىكى ياكى بىرەر ئالىمنىڭ شەخسىيىتىنى دەپلا دېگەن ھەممە گىپىنى تەقلىد قىلماسلىقى ئىلگىرى سۈرىلىدۇ. ئەمما، قۇرئان، سۈننەتكە قارشى كىلىپ قالغان جايلاردىمۇ ئۇنىڭغا مۇتەئەسسىپلىك قىلىپ تۇرىۋالماسلىق شەرتى ئاساسىدا ئەھلى سۈننەت مەزھەبىلىرىنىڭ بىرىگە ئەگىشىش ۋە ئالىملاردىن بىرەرىنى تەقلىد قىلىش قىلسا بولىدۇ. بۇ ھالدا ئاللاھ خالىسا ئۇ گۇناھكار ھېسابلانمايدۇ.

� ئەيىپلىنىدىغان خىلاپلىق، ئەقىدە ۋە ھاۋايى ـ ھەۋەسلەردىكىگە ئوخشاشلا، مەيلى دىن ياكى دۇنيا، ئەقىدە ۋەياكى فىقھىيدا بولسۇن كىشىلەرنىڭ قىلىشقا تىگىشلىك بارلىق ئىشىلىرىدا ئاللاھنىڭ ھۆكمىنى بىلىش، ئاندىن ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ قاراشلىرىدا ئىزچىل تۇرىۋېلىشتۇر. خىلاپلىق قىلىشتىن ئاگاھلاندۇرۇپ كەلگەن ئايەتلەر ئومۇمىي بولۇپ، ئۇنى چەكلەپ قويىدىغان شەكىل بىلەن كەلمىگەن.

� دەلىلى ئايدىڭ بولمىغان مەسىلىلەردە ئىجتىھاد قىلىش مۇباھ، ئەمما روشەن دەلىل بار مەسىلىلەردە ئىجتىھاد قىلىشقا بولمايدۇ ھەم جائىز ئەمەس.

كېڭىيىشى ۋە تارقالغان رايۇنلار:

� دەلىلىگە ئېسىلىپ مېڭىش مېتودىغا ئەگىشىش، مەزھەبلەر ۋە كىشىلەرگە قارىتا مۇتەئەسسىپلىك قىلماسلىق قەدىمى چاقىرىقتۇر. ئىسلام ئۆلىمالىرى ھەر زامان ئۇنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ، ئۇنىڭغا چاقىرىپ كەلگەن. پەقەت بىر چاغلارغا كەلگەندە، ئىسلام ئۈممىتى ئاجىزلىشىپ، ئىجتىھاد بابىنى تاقاش چاقىرىقى ئوتتۇرىغا چىقتى ۋە دەلىلگە تايىنىش چاقىرىقى غېرىپلىق ئىچىدە قالدى. بىراق ئىسلام ئويغىنىش ھەرىكىتىنىڭ قايتىپ كىلىشى بىلەن يېڭىدىن جانلاندى ۋە پۈتۈن ئىسلام ئالىمىگە تارقالدى. بولۇپمۇ نۇرغۇنلىغان ئىسلام ئۆلىمالىرى بىر قىسىم ئەرەبچە سۆزلەشمەيدىغان ئىسلام ئەللىرىدە مەزھەب مۇتەئەسسىپلىكى ۋە تەقلىدنىڭ ناچار تەسىرىنى كۆرگەندىن كېيىن تېخىمۇ جانلاندى. ھەتتا بەزىدە تەقلىدچىلىك ۋە مەزھەب مۇتەئەسسىپلىكى ئىسلامنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن ھەقىقەتنى ئىزدەۋاتقان بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ مەزھەبكە ئەگەشكۈچىلەر ياكى تەقلىد قىلغۇچىلارنىڭ ئارىسىدىكى ئىخىتلاپلارنىڭ ئىنتايىن ئېغىر ئىكەنلىكى ھەتتا خىرىستىيان ۋە يەھۇدى دىنلىرىدىكى كىشىلەرنىڭ ئىختىلاپلىرىغا ئوخشىشىپ قالغىلى ئاز قالغانلىقىنى كۆرۈپ، باشقا ياقلارغا كىتىپ قېلىشىغا سەۋەب بولغان.

يۇقىرىقىلاردىن شۇ نەرسە ئايدىڭلىشىدۇكى، ئىجتىھاد بابىنى ئېچىش، مەزھەب مۇتەئەسسىپلىكى قىلماسلىق چاقىرىقى تارىخى نوقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، تەقلىد ۋە مەزھەبچىلىكتىن بورۇن مەيدانغا كەلگەن. ئۇنىڭ ئاساسىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سالغان بولۇپ، دەسلەپكى ئۈچ ئەسىردە بۇ يۈنۈلۈش ھۆكۈمران ئورۇندا تۇراتتى، پەقەت كېيىنكى دەۋرلەرگە كەلگەندە، مەزھەبلەرگە چاقىرىش ۋە ئۇنىڭغا مۇتەئەسسىپلىك قىلىش باشلىنىپ كەتتى. بۇ ئاقىۋەتتە ئىجتىھاد بابىنى تاقاش قارىشى ۋە ئۆلىمالار ۋە ئارقىسىغا ئادەم ئەگەشكەن كىشىلەرنىڭ سۆزلىرىنى قۇرئا ۋە سۈننەتنىڭ ئالدىغا قويۇشلارغا ئېلىپ باردى. مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىكى پارچىلاندى. بۇ ئەھۋال شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە ۋە باشقا ئۆلىمالارنى ئىجتىھاد بابىنى ئېچىش، سەھىھ بولغان دەلىللەرنى چىڭ تۇتۇش، بىر فىقھىي مەزھەبكە مۇتەئەسسىپلىك قىلىشنى يوق قىلىش قاتارلىقلارغا ۋە بىر كىشىنىڭ مۇئەييەن شەخىس ياكى مۇئەييەن بىر مەزھەبنى بارلىق ئىشلاردا تەقلىد قىلىشى زۆرۈر ئەمەس، بەلكى دەلىلنى بىلىشتىن ئاجىز كەلسە، مەۋجۇد مەزھەبلەرنىڭ بىرىنى مەزھەبنىڭ قارشىسىدا دەلىل ئېنىقلانغان چاغدا يەنىلا ئۇ مەزھەبكە مۇتەئەسسىپلىك قىلماسلىق شەرتى ئاساسىدا تەقلىد قىلسا بولىدۇ، دېگەنلەرگە چاقىرىق قىلىشقا ئېلىپ باردى. ئاللاھ تائالا مۇئەييەن بىر ئالىمدىنلا سوئال سوراشنى ئەمەس، بەلكى ئالىملاردىن سوئال سوراشقا بۇيرىغان. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: "(ئى قۇرەيش جامائەسى!) بۇنى بىلمىسەڭلار، ئىلىم ئەھلىلىرىدىن سوراڭلار" ـ نەھل سۈرىسى، 43 ـ ئايەت.

ـ ئىجتىھادنىڭ بابى قىيامەتكىچە ئوچۇق. ئاللاھ تائالا ئېچىپ قويغان بۇ ئىشىكنى ھېچكىم تاقاش سالاھىيتىگە ئىگە ئەمەس. تەييارلىقى ۋە سالاھىيىتى توشقان كىشىلەر ئۈچۈن ئۇ ھامان مەۋجۇد. تەقلىد بىلەن ئىجتىھادنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئەگىشىش باسقۇچى بولۇپ، چۈشىنىشتە مۇناسىپ ئىقتىدار بار ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ ھەرقانداق بىر سۆزگە ئەگىشىشتىن بورۇن ئۇنىڭ دەلىلىنى بىلىشى لازىم.

ـ بۇ قاراشنىڭ ساھىبلىرى مۇجتەھىد ئىماملاردىن پايدىلىشقا بولىدۇ، دەپ قارايدۇ ۋە بىرىنى يەنە بىرىدىن يوقىرى كۆرمىگەن ھالدا ئۇلارنىڭ چىقارغان كۈچلىرىنى قەدىرلەيدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ھەقىقەتنىڭ ئالدىدا باب ـ باراۋەر. سۆزلىگۈچىسىنىڭ كىم بولىشىدىن قەتئىي نەزەر، دەلىلى كۈچلۈك، پاكىتى چەك باسىدىغان بارلىق قاراشلارنى قوبۇل قىلىشنى ۋاجىپ، دەپ قارايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن دەلىلىنى بىلمەي تۇرۇپ ئەگەشمەسلىككە بۇيرۇيدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: "سۆزگە قۇلاق سېلىپ ئۇنىڭ ئەڭ ياخشىسىغا ئەگىشىدىغانلارغا (يەنى تەقۋادار بەندىلىرىمگە) خۇش خەۋەر بەرگىن"  ـ زۇمەر سۈرىسى، 17،18 ـئايەتلەر.

ئەتراپلىق مەلۇمات ئۈچۈن پايدىلنىش مەنبەلىرى:

ـ           ئىبنى ھەزم: الإچكام في ۆپول الۆچكام

ـ     توپلىغۇچى ئابدۇرراھمان ئىبنى قاسىم: مجموى فتاوۈ شيخ الإسلام ابن تيميە،  ـ 10،11، 19، 20، 21، 22، 24، 28، 30، 33 ۋە 35 ـ بەشىنچى جىلد.

ـ    مۇھەممەد شاكىر ئەششەريف: الدرە البھيە في التقليد والمۇھبيە من كلام شيخ الإسلام ابن تيميە

ـ           ئىبنى قەييۇم ئەلجەۋزىييە: إىلام الموقىين ىن رب الىالمين

ـ           ئىبنى ئابدۇلبىر: جامى بيان الىلم وفگلھ

ـ           ئەششاتېبىي: الموافقات في ۆپول الفقھ

ـ           ئەششاتېبىي: الاىتپام

ـ           ئەششەۋكانى: إرشاد الفچول في تچقيق الچق من ىلم الۆپول

ـ    مۇھەممەد سۇلتان ئەلمەئسۇمىي ئەلخوجەندى ئەلمەككىي: ھل المسلم ملزم باتباى مۇھب مىين من المۇاھب الۆربىە

ـ           سالىھ ئەلفۇلانىي: إيقائ ھمم ۆولۈ الۆبپار

ـ           سەييىد ئەسسابىق: فقھ السنە (المقدمە)

ـ           مۇھەممەد ناسىرۇددين ئەلئەلبانىي: پفە پلاە النبي كۆنك تراھ

ـ           مۇھەممەد ناسىرۇددين ئەلئەلبانىي: تسديد الإپابە لمن زىم نپرە الخلفاء الراشدين والپچابە

ـ           ئابدۇلكەرىيم زەيدان: الوجيز في ۆپول الفقھ

ـ           مۇھەممەد ئەلئەمىين ئەششەنقېيتى: القول السديد في بطلان التقليد

ـ     ئەھمەد ئىبنى ئابدۇرراززاق ئەددۇۋەيش، ئابدۇللاھ ئىبنى قەئۇد، ئابدۇللاھ ئىبنى غەديان، ئابدۇرراززاق ئەفىيفىي ۋە ئابدۇلئەزيز ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى باز قاتارلىقلانىڭ پەتىۋالىرى: فتوۈ اللجنە الداېمە للبچوڭ الىلميە والإفتاء، 5 ـ جىلد

ـ           ئابدۇرراھمان ئابدۇلخالىق: الۆپول الىلميە للدىوە السلفيە

ـ           مۇھەممەد ئېيد ئەلئەبباسى: المۇھبيە التىپبيە ھي البدىە ۆو بدىە التىپب المۇھبي

ـ           مۇھەممەد ئىبنى ئىبراھيم ئەششەيبانىي: چياە الۆلباني وژڭارھ

ـ           يۇسۇف ئەلقەرداۋىي: الإجتھاد في الشريىە الإسلاميە

ـ           مۇھەممەد ئەبۇ زوھرە: ابن چزم ـ چياتھ وىپرھ – ژراءھ وفقھھ

[1] تەرجىماننىڭ ئىزاھاتى ........

[2] ئەئراف سۈرىسى، 3ـئايەت.
[ بۇ يازمىنىilimدە2012-04-24 20:43قايتا تەھرىرلىدى ]
saltanat
چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-24 19:51 |
ilim

دەرىجىسى : مۇنبەر مەسئۇلى


UID نۇمۇرى : 35
نادىر تېما : 6
يازما سانى : 1085
شۆھرەت: 6971 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 7080 سوم
تۆھپە: 3908 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 3972 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1586(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

سوپىزم

ئېنىقلىما:
تەسەۋۋۇپ- ھاقارەت بابىدا ئەيش-ئىشرەتكە چۈكۈشكە بولغان قارشىلىقنى ئىپادىلەش مەقسىتىدە قاتتىق ئىبادەت قىلىشقا ۋە زاھىدلىققا چاقىرىدىغان شەخسى ئىنتىلىشلەر شەكلىدە ھىجرىيە ئۈچىنچى ئەسىردە ئىسلام ئالەمىگە تارقالغان بىر خىل دىنىي ھەرىكەت. كېيىنچە بۇ خىل مايىللىقلار تەرەققى قىلىپ، سوپىزم نامى بىلەن تونۇلغان پەرقلىق تەرىقىلەرگە ئايلانغان. تەسەۋۋۇپچىلار شەرئىي ۋاسىتىلەرگە ئەگىشىش ئارقىلىق ئەمەس، كەشىف (بايقاش) ۋە كۆرۈش ئارقىلىق ئاللاھ تائالانى بىلىشكە يىتىش مەقسىتىدە نەپىسنى تەربىيلەش ۋە ئۇ ئارقىلىق يۈكسىلىشنى كۆزلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن،ئۇلار ئايرىم يول تۇتقان ۋە تەرىقەتلىرى ھىندىستان، پارىس (ئىران)، يۇنان قاتارلىقلارنىڭ ئوخشىمىغان بۇددىست پەلسەپىلىرى بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن. زاھىدلىق بىلەن تەسەۋۋۇپ ئوقۇمى ئوتتۇرىسىدا ماھىيەتلىك پەرقلەرنىڭ بارلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق لازىم. ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىمى: زاھىدلىق شەرىئەت تەرىپىدىن بۇيرۇلغان بىر خىل ئەھۋال بولسا، تەسەۋۋۇپ ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە تۇتۇپ ماڭغان ھەق يولدىن ئېغىشنىڭ مەركىزى نۇقتىسىدا ياتىدۇ.
قورۇلۇشى ۋە ئاساسلىق كىشىلىرى:
مۇھىم مۇقەددىمە:
* پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدىن باشلاپ، توغرا يولدىكى خەلىپىلەر ھەتتا ھەسەن ئەلبەسرىي ۋاپاتىغىچە بولغان دەسلەپكى ئىككى ئەسىر جەريانىدا، سوپىزم نە ئىسمى، نە رەسىمى ۋەياكى سۈلۈكلىرى بىلەن تونۇلمىغان ئىدى. ئۇ دەۋردىكى ھەممىنى ئۆز ئىچىنى ئالىدىغان ئاتالغۇلار: مۇسۇلمانلار، مۆمىنلەر ياكى ساھابە، بەدر ئەھلى، بەيئەت ئەھلى، تابىئىن دېگەنگە ئوخشاش مەخسۇس ئىسىملاردىن ئىبارەت ئىدى.
ئۇ دەۋردە، ئايرىم كىشىلەرنىڭ نەپىسكە ئېغىرچىلىق سېلىش خۇسۇسىدىكى شەخسىي ئىنتىلىشلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئەمەلىي خۇداگۇيلۇق ياكى ئىلمى ئەقىدە پەرەستلىك ساھەسىدە بۇ دەرىجىدە رادىكاللىق يوق ئىدى. بۇ ئىشلاردىن ئۇلارنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر قانچە يەردە چەكلىگەن ئىدى. ئۇلارنىڭ بىرى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىبادىتى توغرىسىدا سورىغان بىر گۇرۇپ كىشىلەرگە ئېيتقان سۆزىدۇر: «لېكىن مەن روزا تۇتىمەن ۋە روزىسزمۇ يۈرىمەن، مەن كېچىنىڭ بىر قىسمىدا ناماز ئوقۇيمەن، بىر قىسمىدا ئۇخلايمەن ھەم ئاياللار بىلەن توي قىلىمەن. كىمكى مېنىڭ سۈنىتىمدىن يۈز ئۆرىسە ئۇ مېنىڭ ئۈممىتىمدىن ئەمەس.»
يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستىكى، كېچە ئوقۇيدىغان نامىزىدا ئوخلاپ قېلىشتىن قورقۇپ، ئۆزىنى باغلاپ قويغان ھەۋلا بىنتى نۇۋەيتكە دېگەن سۆزىمۇ بۇنىڭ دەلىلى: «سىلەر تاقىتىڭلار يىتىدىغان ئەمەللەرنى قىلىشىڭلار كېرەك، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئۇ سىلەر زىرىكمىگۈچە زېرىكىپ قالمايدۇ، ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدىكى ئەڭ سۆيۈملۈك ئەمەل، ئاز بولسىمۇ ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇلغان ئەمەلدۇر.»
-ساھابە، تابىئىن ۋە تابىئىنلارنىڭ تابىئىنلىرىنىڭ دەۋرىدە مۇشۇ خىل ئۆلچەم بويىچە مېڭىشاتتى، ئىلىم بىلەن ئەمەلنى، ئىبادەت بىلەن نەپىس ۋە ئائىلىگە ھەمدەم بولۇشنى، ئىبادەت بىلەن جىھادنى، ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ كۇفە مەسچىتىدىكى كوللېكتىپ زىكىر قىلىش بىدئىتىگە قارشى تۇرۇپ، ئۇنى ئەمەلدىن قالدۇرغىنى ۋە مۇئەززىد ئىبنى يەزىيد ئەلئەجلىينىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ بەزى تاغلاردا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن مەخسۇس يەر تۇتقانلىقىغا قارشى تۇرۇپ، ئۇلارنى ئۇ ئىشتىن قايتۇرغانلىقىغا ئوخشاش، بىدئەت ۋە ھاۋايى-ھەۋەسلەرگە قارشى تۇرۇشنى ئۆز ئارا مۇجەسسەملەشتۈرگەن ئىدى.
* ئابىدلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى: ھىجرىيە ئىككىنچى ئەسىردە، يەنى تابىئىنلار ۋە قالغان ساھابىلەرنىڭ دەۋرىدە، بىر گۇرۇھ ئابىدلار مەيدانغا كىلىپ، يالغۇزچىلىقنى، كىشىلەرگە ئارىلاشماسلىقنى ئەۋزەل كۆردى، ئىلگىرى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ئۆزلىرىنى ئىبادەتكە زورلىدى. ئۇنداق بولۇشتىكى سەۋەبلەرنىڭ بىر قىسمى، بەزى ئىچكى پىتنىلەرنىڭ ئاۋۇپ كېتىشى، گۇناھسىز قانلارنىڭ ئېقىتىلىشى قاتارلىقلار ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار، جەمئىيەتتىكى پىتنىلەردىن ئۆزلىرىنى ھېمايە قىلىش، دىنىي جەھەتتىكى ساغلاملىقنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئايرىم ياشاشنى ئەۋزەل كۆرۈشتى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، مۇسۇلمانلارنىڭ ئالدىدا دۇنيانىڭ ئېچىلىپ كېتىشى، بولۇپمۇ ئىسلامىي پەتھىلەرنىڭ كېڭىيىشى، بەزى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇنىڭغا بىرىلىپ كېتىشى ۋە ئەدەبسىز كىشىلەر ئارىسىدا ئەيش-ئىشرەت ۋە ھاياسىزلىقنىڭ يامراپ كېتىشى قاتارلىقلار بەزى ئابىدلاردا بولۇپمۇ بەسرە، كۇفە قاتارلىق جايلاردىكى ئابىدلاردا ئىنكاس پەيدا قىلدى. ئەمما، دەسلەپتىكى مېتودتىن ئېغىشنىڭ باشلىنىشى سۈلۈك قىسمىدىلا ئىدى.
-كۇفىلىكلەردىن بىر جامائەت چىقىپ، كىشىلەردىن ئايرىلىپ چىقتى، ھۇسەين ئىبنى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قەتل قىلىنىشىدىن كېيىن قاتتىق پۇشايمان قىلغانلىقلىرىنى ئاشكارىلاشتى ۋە ئۆزلىرىنى كۆپ تەۋبە قىلغۇچىلار ياكى يىغلىغۇچىلار، دەپ ئاتاشتى. يەنە، ئىبادەت ساھەسىگە بەكرەك ئەھمىيەت بىرىدىغان، دۆلەت ئىشلىرىغا ئىشتىراك قىلىشتىن يىراق تۇرىدىغان بىر تەبىقە ئوتتۇرىغا چىقتى. ئۇلار ئەمەل، پەزىلەت ۋە شەرىئەتنىڭ ئەدەب- قائىدىلىرىنى چىڭ تۇتۇشتا، كىتاب ۋە سۈننەتنى ئۆگىنىش ۋە ئۆگىتىش بىلەن شوغۇللىنىشلاردىن باشقا، ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇش، ھاۋايى- ھەۋەس ئەھلىلىرىگە قارشى تۇرۇشتا چىڭ تۇردى. ئۇلاردا يەنە ئاللاھ تائالادىن قاتتىق قورقۇش، قۇرئان كەرىمنى ئاڭلىغاندا ھۇشىدىن كېتىش ۋە ئاۋازىنى كۆتىرىش قاتارلىق ئەھۋاللىرى ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇ ئىشلار، يەنە شۇ دەۋردە قارىلار، زاھىدلار ۋە ئابىدلار، دېگەنگە ئوخشىغان لەقەملەرنىڭ تارقىلىشىغا ئوخشىغان ئىشلار سەۋەپلىك، ئەسما بىنتى ئەبۇ بەكر، ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير، مۇھەممەد ئىبنى سىيرىين ۋە باشقىلارغا ئوخشىغان(ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن رازى بولسۇن) بىر قىسىم ساھابە ۋە تابىئىنلارنىڭ چوڭلىرىنىڭ رەت قىلىشلىرىغا ئۇچرىدى. ئۇلارنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەنلىرى، ئامىر ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەير، سەفۋان ئىبنى سەلىم، تەلقە ئىبنى ھەبىب ئەلئېنەزىي، ئەتائ ئەسسىلمىي، ئەسۋەد ئىبنى يەزىيد ئىبنى قەيس، داۋۇد ئەتتائېي ۋە ھەسەن ئەلبەسرىينىڭ بىر قىسىم ئەسھابىلىرىدىن ئىبارەت ئىدى.
* ئېغىشنىڭ باشلىنىشى: ھەر قانداق بىر ئېغىشنىڭ باشلىنىشى كىچىكىدىن باشلىنىدۇ، كۈنلەرنىڭ ئۆتىشى بىلەن تەدرىجى كېڭىيىدۇ. زۇھد ئوقۇمى كۇفە، بەسرەلەردە، ئىبراھىم ئىبنى ئەدھەم، مالىك ئىبنى دىينار، بىشىر ئەلھافىي، رابىئەتۇل ئەدەۋىييە، ئابدۇلۋاھىد ئىبنى زەيدكە ئوخشىغان زاھىدلارنىڭ چوڭلىرى ئارقىلىق بۇرۇنقى زاھىدلاردا كۆرۈلۈپ باقىمىغان تاماق يىمەسلىك ئارقىلىق نەپىسنى قىيناش، گۆش يېيىشنى ھارام قىلىش، سەھرا، تۈزلەڭلىكلەرگە ساياھەت قىلىش، ئۆيلىنىشتىن يىراق تۇرۇش قاتارلىق ئوقۇملارغا تەرەققىي قىلدى.
مالىك ئىبنى دىينار "بىر كىشى ئايالىنى گويا تۇل ئايالغا ئوخشاش تاشلاپ قويۇپ، ئىتلارنىڭ زەمبىللىرىدە پاناھلانمىغۇچە، سىددىقىينلار دەرىجىسىگە يىتەلمەيدۇ" دەيدۇ. بۇلارنى ھېچقانداق تايانچى ياكى كىتاب، سۈننەتتىن نەس بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئەمما، ئەسكەرتىشكە تېگىشلىك ئىشلارنىڭ بىرى، شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە ئېيتقاندەك، ئۇلارنىڭ ئېيتقانلىقى ئېنىق مۇئەييەنلەشتۈرۈلمىگەن تۇترۇقسىز، رەزىللەرچە ئېيتىلغان سۆزلەر ئەشۇ زاھىدلارغا مەنسۇپ قىلىپ قويۇلغان ئەھۋاللارمۇ بار.
-كۇفىدە مۇئزەد ئىبنى يەزىيد ئەلئەجلىي ۋە ئۇنىڭ قەبىلىسى ئۆزلىرىنى ئوخلىماسلىققا، نامازنى داۋاملاشتۇرۇشقا كۆندۈرۈشكە باشلىدى. كۇفەنىڭ بىر تۈركۈم زاھىدلىرى ئۇلارنىڭ يولىنى تۇتۇپ ماڭدى ۋە باشتا دېيىلگەندەك ئىبنى مەسئۇدنىڭ توسۇشلىرىغا قارىماي، ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن تاغلارغا چىقىپ كىتىشكە باشلىدى.
-ئۇلارنىڭ رابىئەتۇل ئەدەۋىييەگە ئوخشىغان بىر قىسىملىرىدىن، پەرۋەردىگار بىلەن بەندىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەتنى ئىپادىلەش مەقسىتىدە، ئىلاھىي ئىشىق، سۆيگۈگە ئائىت ناتوغرا سۆزلەر ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇلارغا ئەگىشىپ، ئاللاھ تائالانىڭ «(رەھمىتىمىزنى) ئۈمىد قىلىپ، (ئازابىمىزدىن) قورقۇپ بىزگە دۇئا قىلاتتى»  دېگەن سۆزىگە خىلاپ ھالدا، ئىبادەت ھەققىدە نە جەننەتنى تاما قىلىپ، نە جەھەننەمدىن قورقۇپ قىلماسلىق دېگەندەك خاتا چۈشەنچىلەر مەيدانغا كەلدى.
-شۇ باسقۇچتىكى بۇ خىل تەرەققىياتلارنى شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە مونۇ سۆزى ئارقىلىق خۇلاسىلەيدۇ: "تابىئىنلار دەۋرىنىڭ ئاخىرلىرىدا كۆز قاراش، كالام ۋە تەسەۋۋۇپتىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك ئىش يۈز بەردى: كۆز قاراش تەرەپدارلىرى كۇفىدە ئىدى. كالام ۋە تەسەۋۋۇپ تەرەپدارلىرى بەسرەدە ئىدى. ھەسەن ۋە ئىبنى سىيرىينلارنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، ئەمرۇ ئىبنى ئۇبەيد، ۋاسىل ئىبنى ئەتائ ۋە ھەسەن ئەلبەسرىينىڭ شاگىرتى ئابدۇلۋاھىد ئىبنى زەيدنىڭ تالپىى ئەھمەد ئىبنى ئەلى ئەلھۇجەيمىي (200ھ ۋاپات بولغان)لار ئوتتۇرىغا چىقتى. ئۇنىڭ قەدەر توغرىسىدا ئېيتقان سۆزلىرى بار ئىدى. ئۇ ئىسلامدا تۈنجى بولۇپ، ئاڭلاش ۋە زىكىر قىلىش ئۈچۈن مەسچىتتىن مۇستەقىل ھالدا بەسىرىگە سۇپىلار ئۈچۈن بىر خانىقا ياسىدى. ئۇلاردا مۇزىكىغا ئىشارە قىلىدىغان ئاۋازلارنى ئاڭلاش ئەھۋاللىرى شەكىللەندى. مەدىنىلىكلەر ئۇلارغا قارىغاندا سۆز ۋە ئەمەلگە يېقىنراق ئىدى. ئەمما شاملىقلارنىڭ كۆپىنچىسى مۇجاھىدلار ئىدى."
* شۇ دەۋردىن باشلاپ، تەسەۋۋۇپ بىر قانچە باسقۇچنى باشتىن كەچۈردى. ئۇلارنىڭ مۇھىملىرى:
-باشلىنىش ۋە مەيدانغا كىلىش: تەسەۋۋۇپ ۋە سوپىزم ئاتالغۇسى ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇ ئاتالغۇ تۈنجى بولۇپ، پارىس ئېلىگە يېقىن بولۇش سەۋەبى ۋە تەرجىمە دەۋرىدىن كېيىن، يۇنان پەلسەپىسى ۋە ئەھلى كىتاب راھىبلىرىنىڭ سۇلۇكلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى يۈزىسىدىن كۇفىدە ئوتتۇرىغا چىققان. ئۆلىما ۋە تارىخچىلار بۇ ئاتالغۇ بىلەن كىمنىڭ دەسلەپتە ئاتالغانلىقى مەسىلىسىدە ئۈچ خىل قاراشقا كەلگەن:
1-شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە ۋە ئۇنىڭ قارىشىنى ئويغۇن دەپ قارىغانلار: تۈنجى سۇفىي، نامى بىلەن تونۇلغان كىشى ئەبۇلھاشىم ئەلكۇفىي (150ھ ياكى 162ھ ۋاپات بولغان) شامغا كۆچۈپ بارغاندىن كېيىن ئۇ يەردە تونۇلغان. ئۇ سۇفيان ئەسسەۋرىي بىلەن زامانداش ئىدى. سۇفيان ئۇنىڭ توغرىسىدا "ئەبۇ ھاشىم بولمىغان بولسا، رىيانىڭ ئىنچىكىلىكلىرى تونۇلمىغان بولاتتى." دېگەن. ئۇ يەنە جەئفەر ئەسسادىق بىلەن ئەسىرداش ئىدى. ئۇ دەسلەپكى شىئەلەرگە مەنسۇپ بولۇپ، شىئەلەر ئۇنى سوپىزمنىڭ ئىجادچىسى، دەپ ئاتىشىدۇ.
2-بەزى تارىخچىلار ئەبدۇھك (ئابدۇلكەرىم ياكى مۇھەممەد) (210ھ ۋاپات بولغان) نىڭ سۇفىي، دەپ ئاتالغان تۈنجى كىشى، ئىكەنلىكىنى زىكىر قىلىدۇ. ھارىس ئەلمۇھاسىبىي ئۇنىڭ ئۆزىنى كۇفەدە تەسىس قىلىنغان سۇپىزمچىلار، دەپ ئاتىلىدىغان يېرىم شىئە تائىپىسىدىن ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. ئەمما مەلتېي ئۆزىنىڭ"التنبيه والرد على أهل الأهواء والبدع" ناملىق كىتابىدا ئەبدۇھكنىڭ، "دۇنيانىڭ ھەممىسى ھارام، دۇنيادىكى ئۇزۇقلۇقتىن باشقا نەرسە ھېچكىمگە ھالال ئەمەس، توغرا يولدىكى ئىماملار دۇنيانىڭ ئادىل ئىمامسىز ھالال بولمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن، ئادىل ئىمام بولمىغاندا ئۇ ھارامدۇر، ئۇنىڭ ئەھلى بىلەن مۇئامىلە قىلىش ھارامدۇر،" دېگەنلەرنى دەۋا قىلغان زىندىقلار پىرقىسىنىڭ بېشى ئىكەنلىكىنى زىكىر قىلىدۇ.
3-فىھرەستتىكى ئىبنى ئەننەدىيم جەئفەر ئەسسادىقنىڭ شاگىرتى جابىر ئىبنى ھەيياننىڭ تۈنجى سۇفىي، دەپ ئاتالغان كىشى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. شىئەلەر ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ چوڭلىرىدىن ھېسابلايدۇ ۋە پەيلاسۇپلارمۇ ئۇنى شىئەلەرگە مەنسۇپ دەپ قارايدۇ.
-ئۆلىمالار يەنە، سوپىزم سۆزىنىڭ كىلىپ چىقىشى مەسىلىسىدە بىر قانچە خىل قاراشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بولۇپ، ئاساسلىقلىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:
1- شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە، ئىبنى خەلدۇن ۋە كۆپ ساندىكى ئۆلىمالار ، دەسلەپكى سۇپىلار تەسىرىگە ئۇچرىغان ئەھلى كىتاب راھىبلىرىنىڭ چاچلىرىغا قارىتا، سۇف (يۇڭ)دىن تۈرلەنگەن، دېگەننى ئىلگىرى سۈرىدۇ ۋە شۇنىڭ بىلەن ئەرەب تىلىنىڭ قائىدىلىرىگە ئاساسەن باشقا بارلىق تۈرلىنىش ۋە قاراتمىلىقلىرىنى يوققا چىقىدۇ. يەنە سۇپىلارنىڭ ئۆزلىرىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەسھابىلىرىنىڭ ئىچىدىكى كەمبەغەللەرگە مەنسۇپ، دېيىشكە ئۇرۇنۇشلىرى ياكى ئۆزلىرىنى ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب، ھەسەن ئەلبەسرىي، سۇفيان ئەسسەۋرىي (ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن رازى بولسۇن) قاتارلىقلارغا مەنسۇپ ئىكەنلىكلىرىنى ئىسپاتلاشقا ئورۇنۇشلىرىنىمۇ يوققا چىقىرىدۇ. بۇ يەردىكى مەنسۇپلۇق قارىشى دەلىلگە ئېھتىياجلىق بولۇپ، ھۆججەت، پاكىتلىرى تولۇق ئەمەس.
2-ئەبۇ رەيھان بىيرونىي (440ھ ۋاپات بولغان) ۋە يېقىنقى زاماندىكى فون ھامىر ۋە بۇ ئىككىسىدىن باشقىلار تەرىپىدىن كۈچلۈك، دەپ قارالغان باشقا بىر خىل كىلىپ چىقىش بولۇپ، ئۇلار ئۇنى يۇنانچىدىكى ھېكمەت مەنىسىنى بىرىدىغان SOHP (سۇف) سۆزىدىن كىلىپ چىققان، دەيدۇ. بۇ قاراشنىڭ ھېمايىچىلىرى ئۇنىڭ ساغلاملىقىنى ھىجىرىيە ئىككىنچى ئەسىردە ئاكتىپلاشقان تەرجىمە ھەرىكىتىدىن كېيىن باغداد ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا تارقالغانلىقىنى دەلىل قىلىپ كۆرسىتىدۇ. ئەمما ئوخشاش ۋاقىتتا ئىسلام ئالەمىنىڭ غەرب ۋە جەنۇبىدا بۇ ئاتالغۇ تونۇلمىغان. زامان ۋە ماكاندىن باشقا، سوپىزم ۋە يۇنانلارنىڭ نەزىرىدىكى پىكىرنىڭ ئەسلىدىمۇ ئوخشاشلىق بار. ھەر ئىككىلا گۇرۇپتا "ۋەھدەتۇل ۋۇجۇد"، "ھۇلۇل"، "ئىشراق" ۋە "فەيز" پىكىرلىرى مانا مەن چىقىپ، تۇرىدۇ. ئۇلار بۇ قاراشنىڭ كۈچلۈكلۈكىگە دەلىل قىلىپ، دىندىن چىققانلىقى سەۋەبلىك ئۆلتۈرۈلگەن سۇھرەۋەردىيگە ئوخشىغان سۇپىلارنىڭ چوڭلىرىنىڭ "بۇ يېقىن زامانلاردىكى سۈلۈكنىڭ نۇرلىرى فىيساگورسنىڭ خېمىر تۇرۇچىدىن كەلگەن بولۇپ، بۇ قېرىندىشىم ئەخمىيم "زۇنۇن ئەلمىسرىي" گە ئۇنىڭدىن سىيارىستىرىي ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىگە كۆچتى." دېگەن سۆزلىرىنى دەلىل قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا شۇ دەۋردە يۇنانچىدىن تەرجىمە قىلىنغان پەلسەپە، مۇزىكا، مۇزىكىشۇناس، سەپسەتە ۋە ھىيولىي دېگەنگە ئوخشاش ئاتالغۇلارنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكىنىمۇ ئىلاۋە قىلىپ، دەلىل قىلىشىدۇ.
* سۇپىلارنىڭ ئالدىنقى سېپىدىكى كىشىلەر: ھىجىرىيە ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى ئەسىردە تەسەۋۋۇپقا مەنسۇپ ئۈچ تەبىقە ئوتتۇرىغا چىقتى. ئۇلار:
* بىرىنچى تەبىقە: كىشىلەرنىڭ قەلبىنى ۋەسۋەسىگە سالغۇدەك دەرىجىدىكى زاھىدلىققا، دۇنيادىن يىراقلىشىش، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلىرى ياشىغان ئىسلامنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى ئەھۋاللارغا قارشى شەكىلدىكى ئىبادەت ۋە سۈلۈكتىكى ئېغىشقىلا ئەمەس، بەلكى بۇرۇنقى ئەسىردىكى ئابىدلارغىمۇ قارشى شەكىلدىكى ئېغىشلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان، "سەمىمىيەت" بىلەن مەشھۇر بولغان ئېقىمغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ، گەرچە جۇنەيدكە ئوخشىغان بەزىلىرىدىن ئۆلىمالار تەرىپىدىن توترۇقسىزلىق، دەپ قارىغان بەزى ئىبارىلەر رىۋايەت قىلىنغان بولسىمۇ كۆپىنچىسىنىڭ ئەقىدىدە دورۇستلىقى، سۈننەت ۋە سەلەپلەرنىڭ مېتودىنى چىڭ تۇتۇش چاقىرىقىنى كۆپ قىلىشى ئومۇميۈزلۈك ئەھۋال ئىدى. بۇ ئېقىمنىڭ تونۇلغان كىشىلىرىدىن:
-جۇنەيد: تولۇق ئىسمى، ئەبۇلقاسىم ئەلخەراز (298ھـ ۋاپات بولغان) بولۇپ، سۇپىلار ئۇنى "تائىپىنىڭ ئەپەندىسى" دەپ ئاتىشىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ مۇھىم كىشىلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. سوپىلار بولۇپمۇ تەۋھىد، مەرىپەت ۋە مۇھەببەتكە ئائىت مەسىلىلەردە ئۇنىڭ سۆز ۋە قاراشلىرىغا تايىنىدۇ. ئۇ زۇننۇن ئەننۇبىينىڭ قاراشلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىغان؛ ئۇنىڭدىن كېيىن، شاگىرتى شىبلىي ئۇنى تەھقىقلەپ، توپلاپ تارقاتقان. ئەمما ئۇ، فەنا قارىشىدا زۇننۇن، ھەللاج ۋە بەستامىيلارنىڭ يوللىرىغا قارشى يول تۇتقان؛ ھۇشسىزلىقتىن سەگەكلىكنى ئەۋزەل كۆرىدۇ، تۇترۇقسىز قاراشلارنى رەت قىلىدۇ، فەنادىن بەقانى ياخشى، دەپ ھېسابلايدۇ. ئۇ سۇپىلاردىن شەرئىي مەجبۇرىيەتلەرنىڭ ساقىت ئىكەنلىك قارىشىنى رەت قىلىدۇ. جۇنەيد تۈنجى بولۇپ تەسەۋۋۇپ بىلەن كالامنى ئارىلاشتۇرىۋەتكەن ئۇستازى ھارىس ئەلمۇھاسەبىي ۋە تاغىسى سىررىي ئەسسەقتېي (253ھ ۋاپات بولغان) نىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان.
بۇ تەبىقە ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلار يەنە، ئەبۇ سۇلايمان ئەددارانىي، ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەھمەد ئىبنى ئەتېييە ئەلئەنىي (205ھ ۋاپات بولغان)، ئەھمەد ئىبنى ئەبۇ ئەلھەۋارىي، ھەسەن ئىبنى مەنسۇر ئىبراھىم ئەبۇ ئەلى ئەششەتاۋىي ئەسسۇفىي (بۇخارى سەھىھىدە ئۇنىڭدىن رىۋايەت قىلغان)، سىررىي ئىبنى مۇغلىس ئەسسەقتېي ئەبۇلھەسەن (253ھ ۋاپات بولغان)، سەھىل ئىبنى ئابدۇللاھ ئەتتەستەرىي (273ھ ۋاپات بولغان)، مەئرۇف ئەلكەرخىي ئەبۇ مەھفۇز (200ھ ۋاپات بولغان) قاتارلىقلار ۋە ئۇلاردىن كېيىن، شۇلارنىڭ تەرىقىلىرى بويىچە داۋام قىلغان ئەبۇ ئابدۇرراھمان ئەسسىلمىي (412ھ)، مۇھەممەد ئىبنى ھۇسەين ئەلئەزدىي ئەسسىلمىي، خەتىيبۇل بەغدادىينىڭ ئۇستازى مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن ئىبنى فەزىل ئىبنى ئەلئەبباس ئەبۇ يەئلا ئەلبەسرىي ئەسسۇفىي (368ھ) لارمۇ بار.
- بۇ تەبىقىنىڭ باشقا ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ مۇھىملىرى قاتارىدا، مۇسۇلمانلار جامائىتى ۋە ئۆلىمالىرىدىن پەرقلىق تۇرۇشنىڭ باشلىنىشى، بەزىلىرىنىڭ سۆزلىرىدىكى "ئىلمىمىز، مەزھىپىمىز، يولىمىز" دېگەنگە ئوخشىغان كېيىنچە تەرىقەتلەرنىڭ مەيدانغا كىلىشىگە شارائىت ھازىرلايدىغان شەكىلدىكى ئاتالغۇلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى قاتارلىقلار بار. جۇنەيد مۇنداق دەيدۇ: "ئىلمىمىز ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ ھەدىسلىرى بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن". بۇ خىل مەنسۇپلۇق شەرئىي جەھەتتىن ھارام بولۇپ، بۇ بىدئەتكە، مەئسىيەتكە، ھەتتا شېرىككە ئېلىپ بارىدۇ. ئۇلار شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ تەرىقىسىدە مېڭىشنى مەقسەت قىلغانلارغا مال-دۇنياسىنى تاشلاش، تاماقلىرىنى كېمەيتىش ۋە سۈلۈك ئىچىدىلا بولغانكەن ئۆيلىنىشتىن يىراق تۇرۇش قاتارلىقلارنى شەرت قىلىدۇ.
- ئىلىم ۋە دىنىي چۈشەنچىسىنىڭ ئازلىقىغا قارىماي مەنبەسى ئېنىق بولمىغان ۋەز- نەسىھەت ۋە قىسسىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈش. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئەھلى كىتابنىڭ ئىستىقامەتچىلىرى ۋە راھىبلىرىنىڭ سۈلۈكلىرىغا ئەگىشىۋاتقان بولغاچقا ساغلام شەكىلدىكى ۋەز- نەسىھەت ۋە قىسسىلەرنى ئۈگۈنىشتىن ھەزەر ئەيلەش كۆپەيدى. چۈنكى ئۇلار ئۆز ئارا ئۇچىراشقان بولۇپ، بۇ ئەھۋال ساھابە ۋە تابىئىنلارنىڭ ئىماملىرىنىڭ ئەۋزەللىكلىرىدىن يىراقلىشىشنى كۈچەيتىۋەتتى. ئاقىۋەت بۇ ئىشلار ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن مەسچىتتىن باشقا ئورۇن تۇتۇش بىلەن نەتىجىلەندى؛ ئۇ يەرگە زاھىدلارنىڭ قەسىدىلىرى ياكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ماختاش مەقسىتىدە، كۆرۈنىشى غەزەلگە ئوخشايدىغان قەسىدىلەرنى ئاڭلاش ئۈچۈن توپلىنىدۇ. بۇ ئىش فىقھىي ئالىملىرى بىلەن ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا كۈچلۈك دۈشمەنلىككە سەۋەب بولدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا يەنە كەشىف (بايقاش)، ئادەتتىن تاشقىرى ئىشلارغا دائىر دەۋا قىلىشلار ۋە كالامىزمغا ئائىت بەزى سۆزلەر ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇ جەرياندا، ئەبۇ تالىب ئەلمەككىينىڭ كىتابى، ئەبۇ نەئىيم ئەلئىسفەھانىينىنڭ "قوت القلوب و حلية الأولياء"  ناملىق كىتابى ۋە ھارىس ئەلمەھاسىبىينىڭ كىتابلىرىغا ئوخشىغان نۇرغۇن ئەسەرلەر مەيدانغا كەلدى. ئىلگىرىكى ئۆلىمالار، مەۋزۇئ، مۇنكەر، ئىسرائىلىييات قىسسىلىرى ۋە ئەھلى كىتابلارنىڭ سۆزلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى ئۈچۈن، بۇ كىتابلارنى ئوقۇشتىن ئاگاھلاندۇرغان. ئىمام ئەبۇ زەرئەدىن: بۇ كىتابلاردا ئىبرەت بارمۇ، دەپ سورالغاندا ئۇ: ئاللاھ تائالانىڭ كىتابىدىن ئىبرەت ئالمىغانلار ئۈچۈن بۇ كىتابلاردا ئىبرەت يوق، دەپ جاۋاب بەرگەن.
* تەسەۋۋۇپ مەزھەپلىرىنىڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ مۇھىملىرىنىڭ يەنە بىرى ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئىبادەت ۋە باشقا مەسىلىلەرنى تىلغا ئېلىشتىكى پەرقلىق مېتودىنىڭ ئورتاق نوقتىسى بولغان "زوق" دەپ ئاتايدىغان نەرسىسىدۇر. بۇ ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كالامپايلىقنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىۋەتكەن. شۇنىڭ بىلەن سۇپىلىق ئۆزىنى بىرىكىپ كېتىش ياكى ئىسلامىي بولمىغان پەلسەپە ۋە ئەقىدىلەرنىڭ تەسىرىگە يولۇقۇشتىن ھېمايە قىلىشقا قادىر بولالمىغان. بۇنىڭ نەتىجىسىدە بۇ تەبىقىنىڭ يىمىرىلىشىنى قولايلاشتۇرۇپ، رادىكاللىقى ۋە ئېغىشىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان ۋە ئىككىنچى تەبىقىنىڭ تارقىلىشىنى كۈچەيتكەن.
* ئىككىنچى تەبىقە: زاھىدلىق باتىنىيلارنىڭ ئىبارىلىرى بىلەن ئارىلىشىپ كەتكەن بولغاچقا، ئەمەلىي ئىش، رېئال سۈلۈك بولۇشتىن چىقىپ يالغۇز پىكىر يۈرگۈزۈش، نەزىرىۋىي سۆزلەر باسقۇچىغا كۆتۈرۈلگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدە، يالغۇزلۇق، فەنا، ئىتتىھاد (بىرلىشىش)، ھۇلۇل، سۇكر (ھوشسىزلىنىش)، سەھۋ (سەگەكلىك)، كەشپ، بەقا، مۇرىد، ئارىپ ، ئەھۋال، ماقاملار دېگەنگە ئوخشىغان ئاتالغۇلار مەيدانغا كەلدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە شەرىئەت بىلەن ھەقىقەتنى پەرقلەندۈرۈش، ئۆزلىرىنى ھەقىقەت ئىگىلىرى، باتىنىيلار، دېگەنگە ئوخشاش ئىسىملار بىلەن ئاتاش، ئۆزلىرىدىن باشقا فىقھىي ئالىملىرىنى زاھىرىيلار، رەسىمچىلەر، دەپ ئاتاشلار كەڭ ئومۇملاشتى، بۇ ئىككى تەرەپنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئاداۋەتنى كۆپەيتىۋەتتى. بۇلاردىن باشقا سەلەپ-سالىھلار ۋە "سائادەت دەۋرى" دەپ تونۇلغان دەۋردىكى كىشىلەرگە، ھەتتا سۇپىزمغا مەنسۇپ كىشىلەرنىڭ بىرىنچى تەبىقىلىرىدە كۆرۈلۈپ باقمىغان ئەھۋاللار كۆرۈلدى. بۇلار ئۇنىڭ ئېغىشىنى ئاشۇردى. ئۇ دەۋر ھەقىقەتەنمۇ ھازىرغىچە شەكىللەنگەن تەسەۋۋۇپ ئېقىمىنىڭ رېئال باشلانغۇچى بولۇپ قالغان ئىدى.
* بۇ تەبىقىنىڭ ئاساسلىق كىشىلىرى: ئەبۇ يەزىيد ئەلبەستامىي (263ھـ ۋاپات بولغان)، زۇننۇن ئەلمىسرىي (245ھ ۋاپات بولغان)، ھەللاج (309ھ ۋاپات بولغان)، ئەبۇ سەئىيد ئەلخەزار (277-288ھـ)، ھەكىم ئەتتىرمىزىي (320ھ ۋاپات بولغان) ۋە ئەبۇ بەكر ئەششىبلىي (334ھ ۋاپات بولغان) قاتارلىقلار. بۇ يەردە ئۇلاردىن كېيىن ھازىرغىچە تەسىرى كۈچلۈك بولغانلارنىڭ تەرجىمە ھالى بىلەن كۇپايىلىنىمىز. مەسىلەن:
-زۇننۇن ئەلمىسرىي: تولۇق ئىسمى، ئەبۇلفەيز سەۋبان ئىبنى ئىبراھىم بولۇپ، ئەسلى مىسىر ئېگىزلىكىنىڭ ئەخمىيم يېزىسىدىكى نەۋبەلىك قىبتېيلاردىن. ئۇ ھىجرىيەنىڭ 245-يىلى ۋاپات بولغان. ئىبنى خېللىكان ۋە ئابدۇرراھمان ئەلجامىينىڭ رىۋايەتلىرىگە قارىغاندا، ئۇ تەسەۋۋۇپنى شەقران ئەلئابىد ياكى ئىسرائىل ئەلمەغرىبىيدىن ئۆگەنگەن. شىئەلەرنىڭ كىتابلىرىدا ئۇنىڭ خېمىيەنى جابىر ئىبنى ھەيياندىن ئۆگەنگەنلىكىنى تەكىتلىنىدۇ، ئىبنى نەدىيممۇ "ئەلفىھرىست" ناملىق كىتابىدا ئۇلار بىلەن بىر يەردىن چىقىدۇ. ئىبنى خىللىكان ئۇنىڭ كىشىلەردىن تەقۋالىقىنى يۇشۇرۇپ، شەرىئەتنى مەسخىرە قىلغانلىقىنى ئاشكارا قىلىپ يۈرۈيدىغان "مەلامىتىييە"لەردىن ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ھېكمەت ۋە پاساھەتتە مەشھۇر ئىكەنلىكىنى زىكىر قىلىدۇ.
سوپىزم يازغۇچىلىرى ئۇنى مەرىپەت ۋە سۆيگۈگە دائىر تەرىقىلىرىنىڭ تەسىس قىلغۇچىسى، مىسىردا ماقاملار، ئەھۋاللار توغرىسىدا دەسلەپ ئېغىز ئاچقان كىشى، دەپ ھېسابلىشىدۇ. ئۇ "كەشپ" ۋە شەرىئەتنىڭ زاھىرىي ۋە باتىنى بار ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. قۇشەيرىي ئۆزىنىڭ رىسالىسىدە ئۇنىڭ تەۋھىدكە سوپىزم ئوقۇمى بويىچە ئېنىقلىما بەرگەن تۈنجى كىشى، ۋەجد ۋە ئاڭلاش (سوپىزمدىكى ئىككى خىل ئاتالغۇ-ت)نىڭ تۈنجى قېتىم ئېنىقلىمىسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئىپادىلەشتە تۈنجى قېتىم ئىشارە ئىشلەتكەن كىشى ئىكەنلىكىنى زىكىر قىلىدۇ. ئىسمائىلىييەلەرنىڭ باتىنى ئەقىدىسى ۋە ئىخۋانۇسسەفالار بىلەن بولغان كۈچلۈك ئالاقىسى سەۋەبلىك ئۇلارنىڭ تەىسىرىگە ئۇچرىغان؛ چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ باتىل مەزھەپلىرىگە چاقىرىش جەريانىدا ئۆز ئارا ھەمكارلاشقان. ئۇنىڭ باتىنى ئىلىم، ئىلاھىي ئىلىم، ئىتتىھاد (بىرلىشىش) ۋە مەخلۇقاتلارنىڭ ئەسلىنىڭ نۇرى مۇھەممەدىيگە قايتىدىغانلىقى توغرىسىدا سۆزلىگەن سۆزلىرى بار. ئۇنىڭ قېبتىي تىلىدىكى ئىلمى يېزىسىدىكى قېبتىيلارغا ئائىت ئىزلارغا سىزىلغان ئالامەتلەر، نەقىش چۈشۈرۈشلەرگە قەدەر تەسىرىنى كۆرسەتكەن. بۇ ئۇنىڭ پالچىلىق، سىھىر ۋە ئۆزى شۇغۇللانغان تىلسىمات ئىلىملىرىنى ئۆگىنىشكە ئىمكان يارىتىپ بەرگەن. زۇننۇن مۇتەسەۋۋۇپلار ئىچىدىكى يۇنان مەدەنىيىتى، يېڭى ئەفلاتۇنچىلار مەزھىپى، بولۇپمۇ ئارىستوتىلنىڭ ئىلاھىيەتكە دائىر سىيولوگىيەسى قاتارلىقلار بىلەن دەسلەپ تۇنۇشقا كىشى، ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ مەرىپەت ۋە فەنا قارىشىدا گىنوسىيس (يۇنانچە مەرىپەت ئوقۇمىدا)نىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان مەخسۇس مەزھىپى بار ئىدى.
- ئەبۇ يەزىيد ئەلبەستامىي:تولۇق ئىسمى، تەيفۇر ئىبنى ئىيسا ئىبنى ئادەم ئىبنى سروشان بولۇپ، بەستامدا ئەسلى مەجۇسىي بىر ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭغا ئىنتايىن ئېغىر سۆزلەر مەنسۇپ قىلىنغان بولۇپ، كۆپىنچە تەتقىقاتچىلار بۇ خىل مەنسۇپلۇقنىڭ ساغلاملىقىدىن گۇمانلىنىدۇ. مەسىلەن ئۇنىڭ "مەن ھەقتىن ھەققە چىققىنىمدا، ماڭا: "ئەي مەن سەن كىم ؟" دەپ ۋارقىرىدى، مەن ئاللىقاچان ئاللاھتا فەناھلىق ماقامىغا ئېرىشتىم"، "پاكلىقىم، مېنىڭ شەنىم نېمە دېگەن ئۇلۇغ!" دېگەن سۆزلىرى. بۇ مەيلى مەسىت ياكى سەگەك ھالەتتە ئېيتىلغان سۆزلەر بولسۇن، ساھىبىنى كەچۈرگىلى بولمايدىغان سۆزلەردۇر. شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە ئۇنى بۇ تەبىقىنىڭ ئەسھابىلىرىدىن ھېسابلايدۇ ۋە ئۇنىڭغا مەنسۇپ، دەپ قارالغان سۆزلەرنىڭ ساغلاملىقىدىن گۇمانلىنىدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ سۈننەتنى چىڭ تۇتۇدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدىغان سۆزلەر بار. ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائە ئۆلىمالىرى ئىچىدە ئۇنى ھەللاج ۋە سەھرۇۋەردىيلار بىلەن بىر تەبىقىدە قويىدۇ.
- ھەكىم ئەتتىرمىزىي: تولۇق ئىسمى: ئەبۇ ئابدۇللاھ مۇھەممەد ئىبنى ئەلى ئىبنى ئەلھۇسەين ئەتتىرمىزىي (320ھـ ۋاپات بولغان) بولۇپ، ھامىيلىقنىڭ ئاخىرلىشىشى توغرىسىدا تۈنجى ئېغىز ئاچقان كىشى. ئۇ بۇ ھەقتە كىتاب يېزىپ، ئۇنىڭغا "ئەۋلىيالىقنىڭ ئاخىرلىشىشى" دەپ نام بەرگەن. بۇ كىتاب ئۇنىڭ كاپىرلىق بىلەن ئەيىبلىنىشى ۋە يۈرتى تىرمىزدىن چىقىرىۋېتىلىشىگە سەۋەب بولغان. شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييەنىڭ ئونىڭ ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: "سۇپىلارنىڭ بىر تائىپىسى "ئەۋلىيالىقنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى"نى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە ئۇنى ھەكىم ئەتتىرمىزىيغا ئوخشاش كىشىلەر چۇڭايتتى. بۇ ئۇنىڭ خاتالىقلىرىنىڭ بىرى. كۆپ نەرسىلەرنى ئارىلاشتۇرىۋېتىدىغان ئىبنى ئەرەبىينىڭ ئەكىسىچە، ئۇنىڭ سۆزلىرىنىڭ كۆپ قىسمى ساغلامدۇر."  يەنە "پەيغەمبەرلەرنىڭ خاتىمىسى بولغاندەك، ئەۋلىيالارنىڭمۇ خاتىمىسى بولىدۇ" دېگەن سۆز ئۇنىڭغا مەنسۇپ، دەپ قارىلىدۇ. بۇ، ئىبنى ئەرەبىي، ئىبنى سەبئىين، ئىبنى ھۇد ۋە ئەتتىلمەسانىيغا ئوخشىغان سوپىزم پەيلاسۇپلىرىنىڭ ئالدىدا "ئەۋلىيالار خاتىمىسى" سۆزىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە شارائىت ھازىرلاپ بەردى. ئۇنىڭ ماقامىنى پەيغەمبەرلەرنىڭ خاتىمىسىنىڭ ماقامىدىن ئەۋزەل، دەپ قارايدۇ.
* ئۈچىنچى تەبىقە: بۇ تەبىقىدە تەسەۋۋۇپ يۇنان پەلسەپىسى بىلەن يوغۇرۇلۇپ، "ھۇلۇل"، "ئىتتىھاد"، "ۋەھدەتۇل ۋۇجۇد" ۋە پەيلاسۇپلارنىڭ سۆزلىرىگە ماسلاشقان ھالدا، "ھەقىقىي مەۋجۇتلۇق ئاللاھتۇر، ئۇنىڭدىن باشقىلارنىڭ ھەممىسى خىيالى، مەۋھۇم ۋە يالغان سۈرەتلەردىن ئىبارەت" دېگەنگە ئوخشىغان پىكىرلەر ئوتتۇرىغا چىققان. شۇنىڭدەك، غەزالىي، سۇھرەۋەردىيلەرنىڭ قولىدا "ئىشراق"، "فەيز" نەزىرىيەلىرىنىڭ مەيدانغا كىلىشىگە تەسىر كۆرسەتكەن. يۇقىرىقى سەۋەبلەر تۈپەيلى، بۇ تەبىقە تەسەۋۋۇپ باشتىن كەچۈرگەن ئەڭ خەتەرلىك تەبىقىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ھېسابلىنىدۇ. بۇ تەبىقە ئەمەلىي بىدئەتلەردىن تەسەۋۋۇپنى ئىسلامدىن تامامەن چىقىرىپ تاشلايدىغان ئىلمى بىدئەتلەرگە ھالقىغان. بۇ تەبىقىنىڭ ئەڭ مەشھۇر كىشىلىرىدىن، ھەللاج (309ھ ۋاپات بولغان)، سۇھرەۋەردىي (578ھ ۋاپات بولغان)، ئىبنى ئەرەبىي (638ھ ۋاپات بولغان)، ئىبنى ئەلفارىز (632ھ) ۋە ئىبنى سەبئېين (667ھ ۋاپات بولغان) قاتارلىقلارنى ساناش مۇمكىن.
- ھەللاج: ئەبۇ مۇغىيس ئەلھۇسەين مەنسۇر ئەلھەللاج (244ھ - 309ھ)، ئىراندا دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، زەردۇشت دىنىدىكى بىر كىشىنىڭ نەۋرىسى ئىدى. ئۇ ئىراقنىڭ ۋاسىت شەھىرىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن. ئۇ، "ھۇلۇل" ۋە "ئىتتىھاد" چىلارنىڭ ئەڭ مەشھۇرى. كاپىرلىق بىلەن ئەيىبلەنگەن ۋە تۆۋەندىكى تۆت تۈرلۈك جىنايەت سەۋەبىدىن دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈلگەن:
1-قەرامىتەلەر بىلەن بولغان ئالاقىسى.
2 -"ئەنەلھەق" دېگەن سۆزى.
3 -ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ ئۇنى ئىلاھىي، دەپ ئېتىقاد قىلىشى.
4-ھەج توغرىسىدىكى سۆزى. ئۇ ھەرەم بەيتىگە ھەج قىلىش ئادا قىلىشقا تېگىشلىك بولغان پەرزلەردىن ئەمەس، دەپ قارايتتى.
ھەللەج رادىكال، جاھىل ۋە دەبدەبىچى بولغىنىدىن سىرت ئۇنىڭ شەخسىيىتىدە نۇرغۇن گوڭگىلىقلار مەۋجۇت ئىدى. ئۇنىڭ "تەۋاسىين" ناملىق بىر كىتابى بولۇپ، ئۇنى فرانسىيىلىك شەرقشۇناس ماسنيون تەھقىقلاپ چىققان.
* بەزى تەتىقىقاتچىلار ھىجرىيەنىڭ ئۈچىنچى ئەسىرىدە بۇ تائىپىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ بىر خىل باتىنى ئىلىمنى ئاساس قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇنى يوشۇرغانلار بولۇپ، "مەن ۋە ھۇسەين ئىبنى مەنسۇر ئەلھەللاج بىر ئىدۇق، ئۇ ئاشكارىلىدى ۋە مەن يۇشۇرۇپ قالدىم" دېگەن سۆزنىڭ سۆزلىگۈچىسى شىبلىيدىن سىرت بىرىنچى تەبىقىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا يەنە، ئۇنى ئاشكارىلىغان، جار سالغانلار بار بولۇپ، ھەللاج ۋە ئۇنىڭ تەبىقىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا تۆمۈرنىڭ تەمىنى تېتىتتى. بۇ سۆزنى، فرانسىيىلىك شەرقشۇناس ماسنيوننىڭ رىۋايىتىگە قارىغاندا، جۇنەيدنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ھەللەج دارغا ئېسىلغان چاغدا بىر ئايال ئېيتقان.
* تەرىقەتلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى:
ئەبۇ ئابدۇرراھمان ئەسسىلمىينىڭ شاگىرتى، ئەبۇ سەئىيد مۇھەممەد ئەھمەد ئەلمەيھەمىي ئەسسۇفىي ئەلئىرانىي (357ھ - 430ھ) ۋارىسلىق بويىچە زەنجىرسىمانلىق شەكىلىگە كەلتۈرۈش ئارقىلىق سوپىزم تەرىقەتلىرىنىڭ تۈنجى تەرتىپ ئاپپاراتىنى ئورناتقان.
* بەشىنچى ئەسىر، ئەبۇ ئابدۇرراھمان ئەسسىلمىي (412ھ ۋاپات بولغان) نىڭ ئەسەرلىرى ئارقىلىق راۋاجلانغان ئىلگىرىكى ئەسىرلەردىكى پىكىرلەرنىڭ داۋامى ھېسابلىنىدۇ. ئىبنى تەيمىييە ئۇنى مونۇ سۆزى بىلەن تەسۋىرلەيدۇ: "ئۇنىڭ كىتابلىرىدا سەھىھ رىۋايەتلەر ۋە دىندا پايدىلىنىشقا بولىدىغان نەقىل كەلتۈرۈلگەن سۆزلەر بار. ئۇنىڭدا يەنە، ساغلام بولمىغان رىۋايەتلەر ۋە تەجرىبىسىز كىشىلەرگە زىيان يەتكۈزىدىغان رەت قىلىشقا تېگىشلىك سۆزلەرمۇ بار. بەزى كىشىلەر ئۇنىڭ رىۋايىتىنى قوبۇل قىلمايدۇ."  ئۇ سوپىزمنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلەپ ھەدىسلەرنى توقۇيتتى.
* بەشىنچى ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمى بىلەن ئالتىنچى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، يەنى ئىسلامنىڭ ھۆججىتى، تەخەللۇسى بىلەن تونۇلغان ئەبۇ ھامىد ئەلغەزالىي (505ھ ۋاپات بولغان) زامانىدا تەسەۋۋۇپ ئەھلى سۈننەتكە مەنسۇپ كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ئورنىنى تاپتى. شۇنىڭ بىلەن ئىسلامىي بولمىغان پرىنسىپ ساھىبلىرىدىن تەركىپ تاپقان ئالدىنقى قاتاردىكى كىشىلىرىنىڭ دەۋرى ئاخىرلاشقان بولدى. بۇ باسقۇچنىڭ زامانىمىزغا قەدەر سۇزۇلغان مەشھۇر كىشىلىرىدىن:
-ئەبۇ ھامىد ئەلغەزالىي: مۇھەممەد ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئەھمەد ئەتتۇسىي (450ھ - 505ھ) بولۇپ، ئىسلامنىڭ ھۆججىتى، تەخەللۇسى بىلەن تونۇلغان. خۇراسان رايونىنىڭ تۇس شەھرىدە دۇنياغا كەلگەن. ئىلمىي كالام، پەلسەپە، باتىنىييە ۋە تەسەۋۋۇپقا ئوخشىغان قاراش ۋە مەزھەپلەر كۆپ بىر مۇھىتتا ئۆسۈپ يېتىلگەن. بۇلار ئۇنىڭغا ھەيرانلىق ۋە شەكلىنىش بەخشەندە قىلغان ۋە باغدادتا تۇرۇش جەريانىدا يۇقىرىدىكى تۆت مەزھەپنىڭ ئەتراپىدا ئايلىنىپ يۈرۈشكە ئېلىپ بارغان. جورجان، نىسابۇرلارغا بارغان. نىزامۇل مۇلكنىڭ يېنىدا تۇرغان. باغداتتىكى نىزامىييە مەدرىسىسىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. دەمەشق مەسچىتىنىڭ مۇنارىدا ئېتىكاپتا تۇرغان. قۇددۇسقا، ئۇ يەردىن ھىجازغا بېرىپ، ئاخىرىدا يۈرتىغا قايتقان. ئۇ بىر قانچە پارچە كىتاب يازغان بولۇپ، ئۇلاردىن، "تهافت الفلاسفة"، "المنقذ من الضلال"  ۋە ئەڭ مۇھىمى "إحياء علوم الدين"  ناملىق كىتابلىرىنى ساناش مۇمكىن. غەزالىي پارىس ئەسىللىك كىشىلەرنىڭ قولىدىن تەسەۋۋۇپنىڭ بايرىقىنى ئېلىپ، سۈننى ئەسىللىك كىشىلەرنىڭ قولىغا تۇتقۇزغان مەرىپەتتىكى كەشىپ مەدرىسىسىنىڭ رەئىسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ قۇتلۇقلاشقا تېگىشلىك ئىشلىرىنىڭ بىرى، يۇنان پەلسەپىسىنى ۋەيران قىلىشى، "المستظهري" ياكع "فضائح الباطنية" ناملىق كىتابىدا باتىنىيلارنىڭ ئەپتى بىشرىنى ئىچىپ تاشلىشى بولدى. شاگىرتى ئابدۇلغافىر ئەلفارىسى ئۇنىڭ يۈرتى تۇسقا قايتقاندىن كېيىنكى، ئاخىرقى ھاياتىنى مۇنداق ھېكايە قىلىپ بىرىدۇ: "ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرى ۋە ھەدىس تەرەپدارلىرى بىلەن بىرگە ئولتۇرۇش، ئىسلامنىڭ ھۆججىتى ھېسابلىنىدىغان سەھىھۇلبۇخارىي ۋە سەھىھۇل مۇسلىمدىن ئىبارەت ئىككى كىتابنى مۇتالىئە قىلىش بىلەن ئۆتتى." بۇ ئىشلار يۇرتىدا ئۇنىڭغا سەھىھۇل بۇخارىينى ئوقۇپ بەرگەن، ئەبۇ سۇھەيل مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ ئەلھەفسىي، سۇنەن ئەبۇ داۋۇدنى ئوقۇپ بەرگەن قازىي ئەبۇلفەتھ ئەلھاكىمىي ئەتتۇسىيلاردىن ئىبارەت ئەھلى ھەدىسلار بىلەن ھەمسۆھبەت بولغاندىن كېيىن يۈز بەرگەن.
-بۇ مەزگىلدە ئۇ ئىلمى كالام ۋە ئۇنىڭ ئۇسۇلىنى ئەيىبلەپ "إلحام العوام عن علم الكلام"  ناملىق كىتابىنى يازغان. سەلەپلەرنىڭ مەزھەپ ۋە مېتودلىرىنى ھېمايە قىلىپ مۇنداق دېگەن: "سەلەپلەرنىڭ مەزھىپىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلى، ئۇنىڭ قارشىسىنىڭ بىدئەت ئىكەنلىكىدۇر. بىدئەت گۇناھتۇر، ئازغۇنلۇقتۇر. ئاۋامنىڭ ۋە ئۆلىمالارنىڭ تەۋىلگە ئىچكىرلەپ كىرىشى بىدئەتتۇر، گۇناھتۇر. ئۇنىڭ قارشىسى گۈزەل سۈننەتلەر بىلەن كۇپايىلىنىشتۇر."
-ئۇنىڭدا يەنە، كەشىفتىن، پەيغەمبەرلىكنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئامىللىرىنى بايقاش، دېگەن سۆزلىرى ۋە كىشىلەرنى تىزگىنلەشتىن ئىلگىرىكى تەۋىل ياكى ئىسپاتلاشتا كەشىفكە تايىنىش، دېگەن قاراشلىرىدىن يانغان.
* ھىجرىيە ئالتىنچى ئەسىر سوپىزم تەرىقەتلىرىنىڭ ئەمەلىي باشلىنىشى ۋە تارقىلىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. چۈنكى بۇ دەۋردە سوپىزم ئىراندىن ئىسلام شەرقىگە يۆتكەلدى. يەنە بۇ دەۋردە ئابدۇلقادىر جەيلانىي (561ھ ۋاپات بولغان) غا مەنسۇپ "قادىرىييە" تەرىقىتى ئوتتۇرىغا چىقتى. ئۇنىڭ قىرىق توققۇز پەرزەنتى بار ئىدى. ئۇلارنىڭ ئون بىرى ئۇنىڭ تەلىماتىنى ئۈگەندى ۋە ئىسلام ئالىمىگە تارقاتتى. گەرچە ئۇ ھەسەن  بىلەن ئۇچىرىشىپ باقمىغان بولسىمۇ، ئەگەشكۈچىلىرى ئۇنىڭ تەسەۋۋۇپ ۋە خىرقەنى ھەسەن ئەلبەسرىيدىن، ئۇ ھەسەن ئىبنى ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىبتىن ئالغان، دەپ دەۋا قىلىشىدۇ. بۇلاردىن باشقا غەيبنى بىلىش، ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈش، كائىناتتا ئۆلۈك ياكى تىرىك بولسۇن خالىغىنى قىلىش دېگەنلەردىن ئىبارەت ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچكىم قادىر بولالمايدىغان بۈيۈك ئىشلارنى ئۇنىڭغا مەنسۇپ قىلغاندىن سىرت، بىر يۈرۈش زىكىر، ۋىرد ۋە رەزىل سۆزلەرنى ئۇنىڭغا ئائىت، دېيىشىدۇ. بۇ سۆزلەرنىڭ بىرى ئۇنىڭ بىر قېتىملىق ئولتۇرۇشىدا دېگەن "مېنىڭ بۇ پۇتۇم ئاللاھنىڭ بارلىق ئەۋلىيالىرىنىڭ بوينىدا" سۆزىدۇر. ئۇ: "كىمكى قىيىنچىلىققا دۈچ كەلگەندە، مەندىن مەدەت تىلىسە، قېيىنچىلىق ئۇنىڭدىن كۆتۈرۈلۇپ كېتىدۇ. كىمكى قېيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغاندا مېنى چاقىرسا، ئۇنىڭدىن خالاس بولىدۇ، كىمكى ھاجىتىدە مېنى ۋەسىلە قىلسا، ئۇنىڭ ھاجىتى راۋا بولىدۇ" دەيتتى. بۇ سۆزلەردىكى شېرىك ۋە پەرۋەردىگارلىقنى دەۋا قىلىش مانا مەن، دەپ چىقىپ تۇرىدۇ.
-سەييىد مۇھەممەد رەشىيد رىزا مۇنداق دەيدۇ: "شەيخ جەيلانىدىن باشقا ھېچكىمدىن رىۋايەت قىلىنمىغان كارامەتلەر، ئادەتتىن تاشقىرى ئىشلار رىۋايەت قىلىنىدۇ. رىۋايەت ئەھلىنىڭ باھالىغۇچىلىرى بۇ تۈردىكى نەقىللەرنى تايىنىدىغان دەلىللىرى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، قارشى ئېلىپ كەتمەيدۇ."
* ئەبۇلئابباس ئەھمەد ئىبنى ئەبۇلھۇسەين ئەررىفائىي (540ھ ۋاپات بولغان) غا مەنسۇپ "رىفائىييە" تەرىقىتى مەيدانغا كەلدى. ئۇنىڭغا يەنە ئىراقتىكى شېغىللىق بىر يېزىغا يېقىن بىر ۋىلايەتنىڭ ئورنىغا قارىتا "بەتھائىييە" (شېغىللىقچىلار) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. سۇپىلارنىڭ يازغۇچىلىرى سۇپىزمغا مەنسۇپ باشقا كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە، ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئۆلىشىپ، ئەپسانە ۋە خۇراپاتلارنى توقۇيدۇ، ھەتتا ئۇنى پەرۋەردىگارلىق ئورنىغا كۆتۈرىدۇ. بۇ تۈردىكى سۆزلەرنىڭ بىرى: "ئۇ زېمىندىكى قۇتۇبلارنىڭ قۇتۇبى ئىدى، كېيىن ئۇ ئاسمانلارنىڭ قۇتۇپلىقىغا كۆچتى، ئارقىدىن يەتتە ئاسمان ئۇنىڭ پۇتىدىكى ھالقىلارغا ئايلاندى."
-رىفائىي بىر قانچە ئايال بىلەن ئۆيلەنگەن، ئەمما، پەرزەنتى بولمىغان، شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇنىڭ شەيخلىقىغا ئەلى ئىبنى ئوسمان (584ھ ۋاپات بولغان) ۋارىس بولغان، ئۇنىڭغا ئابدۇررەھىم ئىبنى ئوسمان (604ھ ۋاپات بولغان) ۋارىسلىق قىلغان. ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ غەلىتە ئىش ۋە ئەھۋاللىرى بولۇپ، ئۇلارنى ھافىز ئىبنى ئەززەھەبىي زىكىر قىلغان ۋە مۇنداق دېگەن: "ئەمما ئەگەشكۈچىلىرى ئارىسىدا ياخشىلارمۇ، يامانلارمۇ بار."
-يەنە بۇ ئەسىردە، پەلسەپەنى ئاساس قىلغان ئىشراقىييە مەدرىسىسىنىڭ ئاساسچىسى سۇھرەۋەردىي شىھابۇددين ئەبۇلفۇتۇھ مۇھيىددين ئىبنى ھەسەننىڭ زىندىقلىقى، جۆيلۈشلىرى ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇ مەدرىسىنىڭ ئاساسى قەدىمقى پارىسلارنىڭ دىنلىرى، ۋۇجۇدنىڭ ئىككىلىكى توغرىسىدىكى مەزھەپلىرىنىڭ قاراشلىرى بىلەن، يېڭى ئەپلاتۇنچىلىق شەكلىدىكى يۇنان پەلسەپىسى ۋە ئۇنىڭ فەيز، ئىزچىل كۆرۈنۇشلەرگە دائىر مەزھەپلىرىنى بىر يەرگە مۇجەسسەملەشتۈرۈشتىن شەكىللەنگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەلەب ئۆلىمالىرى ئۇنى زىندىقلىق، ئاللاھ تائالانىڭ سۈپەتلىرىنى پاسسىپلاشتۇرۇش ۋە ئىشراقىييە پەلسەپىسى توغرىسىدىكى سۆزلىرى بىلەن ئەيىپلىگەن. بۇ ئۇلارنىڭ سۇلتان سالاھۇددين ئەييۇبىيغا ئۇنىڭ كاپىرلىقى ۋە زىندىقلىقى توغرىسىدا ماتېرىيال يوللىشىغا ئېلىپ بارغان. سالاھۇددين ئەييۇبىي ئۇنى دىندىن چىققانلىق جىنايىتى بىلەن ئۆلتۈرۈشكە بۇيرىغان. سۇھرەۋەردىييە تەرىقىتى ۋە ئۇنىڭ فەيز ياكى ئىزچىل كۆرۇنۇش دەپ ئاتالغان مەزھەپلەر ئۇنىڭغا مەنسۇپ، دېيىلىدۇ. ئۇنىڭ "حكمة الإشراق"، "هياكل النور"، "التلويحات العرشية" ؤة "المقامات"  قاتارلىق كىتابلىرى بار.
³ بۇرۇنقى ئەسىرلەردىكى سوپىزم مەدرىسىلىرىنىڭ كۆپلىكىنىڭ تەسىرى بىلەن ئىبنى ئەرەبىي، ئىبنى ئەلفارز ۋە ئىبنى سەبئىيلار ھەللەج، زۇننۇن ئەلمىسرىي ۋە سۇھرەۋەردىيلارنىڭ ئەقىدىسىنى قايتىلىدى.
* ھىجرىيە يەتتىنچى ئەسىردە تەسەۋۋۇپ ئەندەلۇسقا (ھازىرقى ئىسپانىيەگە) كىردى. ئىبنى ئەرەبىي ئەتتائېي ئەلئەندەلۇسىي سوپىزم كاتىۋاشلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى ۋە شەيخۇل ئەكبەر (ئەڭ چوڭ شەيخ) دەپ ئاتالدى.
- شەيخۇل ئەكبەر (560ھ - 638ھ)، تەخەللۇسى بىلەن تونۇلغان مۇھييىددين ئىبنى ئەرەبىي: ئۇ ۋەھدەتۇل ۋۇجۇد مەدرىسىسىنىڭ رەئىسى بولۇپ، ئۆزىنى ئەۋلىيالارنىڭ خاتىمىسى، دەپ ھېسابلايدۇ. ئىسپانىيەدە توغۇلغان، مىسىرغا سەپەر قىلغان، ھەج قىلغان، باغداتتا زىيارەتتە بولغان. دەمەشىقتە ئولتۇراقلاشقان، شۇ يەردە ۋاپات بولغان ۋە دەپنە قىلىنغان. ئۇنىڭ ھازىر زىيارەت قىلىنىدىغان قەبرىسى بار. ئەگەر ئاللاھ تائالانىڭ ۋەھدانىييىتىگە تولۇق بىرىلىش مۇمكىن بولسىلا، بارلىق مەخلۇقاتلار ئىچىدىن پەقەت ئىنساندىلا بارلىق ئىلاھىي سۈپەتلەر تەجەللى قىلىشى مۇمكىن، دېيىشنى مەركەز قىلىدىغان كامىل ئىنسان نەزىرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ نۇرغۇن كىتابلىرى بار، ھەتتا بەزىلەر ئۇنىڭ ۋە كىتابچىلىرىنىڭ سانىنى 400گە يەتكۈزىدۇ. ئۇنىڭ بەزىلىرى ھېلىھەم كونىيادىكى يۇسۇف ئاغا كۇتۇپخانىسى ۋە تۈركىيىنىڭ باشقا كۇتۇپخانىلىرىدا ساقلانماقتا. ئۇنىڭ مەشھۇر كىتاپلىرىدىن: : "روح القدس"، "ترجمان الأشواق"نى ۋە ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگەنلىرى قاتارىدا "الفتوحات المكية وفصوص الحكم"قاتارلىقلارنى ساناش مۇمكىن.
- ئەبۇلھەسەن ئەششازىلىي (593ھ -656ھ): ئىلىم تەلەپ قىلىش مەزگىللىرىدە ئىبنى ئەرەبىگە يولداش بولغان، ئەمما كېيىن، ئەبۇلھەسەننىڭ كەشىپ مەسىلىسىدە غەزالىي مەدرىسىسىنى تاللىشى ۋە ئىبنى ئەرەبىينىڭ ھەللاج ۋە زۇننۇن ئەلمىسرىينىڭ مەدرىسىسىنى تاللىشى سەۋەپلىك ئايرىلىپ كەتكەن. ھەر ئىككىسىنىڭ ئايرىم مەدرىسلىرى شەكىللەنگەن، ئۇلارنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ھازىرغىچە سوپىزم تەرىقەتلىرى ئىچىدە داۋاملىشىپ كەلمەكتە. بەزىلىرىنىڭ نەزىرىدە ئىككىسىنىڭ چۈشەنچىلىرى ئارىلىشىپ كېتىدۇ. ئەبۇلھەسەن ئەششازىلىي مەدرىسىسىنىڭ مەشھۇر شاگىرتلىرىدىن ئەبۇلئابباس ئەلمىرسىي (686ھ ۋاپات بولغان)، ئىبراھىم ئەددەسۇقىي، ئەھمەد ئەلبەدەۋىي (675ھ ۋاپات بولغان) قاتارلىقلارنى ساناش مۇمكىن. بۇ مەدرىسە تەرەپدارلىرىنىڭ ھازىرغا قەدەر ئىبنى ئەرەبىينىڭ سۆزلىرى ۋە مەدرىسىسىنى تەۋىل قىلىدىغانلىقى ۋە كۆپلەپ ئېتىراز بىلدۈرىدىغانلىقى كۆزگە چېلىقىدۇ.
* يەنە يەتتىنچى ئەسىردە، تۈركىيەدىكى مۆۋلىۋىييە تەرىقىتىنىڭ ئاساسچىسى جالالۇددين ئەررۇمىي (672ھ ۋاپات بولغان) ئوتتۇرىغا چىقتى.
* سەككىزىنچى ۋە توققۇزىنچى ئەسىرلەر ئىبنى ئەرەبىي، ئىبنى فارىز ۋە باشقىلارنىڭ كىتابلىرىنى شەرھىلەش، شاخلاندۇرۇش ئىشلىرى بىلەن ئۆتتى. بۇ دەۋرلەردە تەسەۋۋۇپتا يېڭى نەزىرىيەلەر ئوتتۇرىغا قويۇلمىدى. توققۇزىنچى ئەسىرنىڭ گەۋدىلىك سىمالىرىنىڭ بىرى ھەر ئىككى مەدرىسىنىڭ پىكىرلىرىنىڭ ئارىلىشىپ كېتىشى بولدى. سەككىزىنچى ئەسىردە نەقشىبەندىييە تەرىقىتىنىڭ ئاساسچىسى بەھائۇددين نەقشىبەندىي (791ھ ۋاپات بولغان) ئوتتۇرىغا چىقتى. ئونىنچى ئەسىرمۇ ئىبنى ئەرەبىينىڭ كىتابلىرىنى ئىزاھلاش، ئۇنى مۇداپىئە قىلىش بىلەن ئۆتتى. بۇ ئەسىردە تەسەۋۋۇپتىكى كۆزگە كۆرۈنگەن كىشىلەرنىڭ ھاياتلىرىغا بولغان كۆڭۈل بۆلۈش ئەۋجىگە چىققان بولۇپ، ئاشۇرۇپ مۇبالىغە قىلىش بىلەن تونۇلدى. "الطبقات الصغرى والكبرى"  ناملىق كىتابنىڭ ئاپتۇرى ئابدۇلۋاھھاب ئەششېئرانىي (973ھ ۋاپات بولغان)بۇ ئەسىردىكى سۇپىزمغا ئائىت تەرجىمىھال يازغۇچىلىرىنىڭ بىرى.
* كېيىنكى ئەسىرلەردە سۇپىزمغا باشقا ئىشلار ئارىلىشىۋالدى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا قالايمىقانچىلىق ئومۇملاشتى. ھەر ئىككى مەدرىسىنىڭ پىكىرلىرى ئۆز ئارا كىرىشىپ كەتتى ۋە دەرۋىشلىك باسقۇچى باشلاندى.
- كېيىنكى ئەسىرلەردە ئاساسلىق كۆزگە چېلىققان ئىشلار: جەيناماز شەيخى (شيخ السجادە)، سوپىزم تەرىقەتلىرى شەيخلىرىنىڭ شەيخى، خەلىپە ۋە سۇپىلارنىڭ ئۆيلىرى (خانىقا) قاتارلىق تەخەللۇسلار پەيدا بولدى. خانىقالار بىر تەرىقەتنىڭ شۆبىلىرى بولۇپ، خەلىپىنىڭ خەۋەردارلىقى بىلەن نىسپىي مۇستەقىل ھالدا پائالىيەت ئېلىپ بارىدۇ. يەنە بۇ ئەسىرلەردە تەرىقەتلەرنىڭ مۇئەييەن مەجلىس ۋە ئىدارە كونتروللىقى ئاستىدىكى ئىنتىزاملىق قانۇن- تۇزۇملىرى مەيدانغا كەلدى. مىسىرنىڭ ۋالىسى مۇھەممەد ئەلى پاشانىڭ مۇھەممەد ئەلبەكرىينىڭ ئاتىسىغا ۋارىسلىق قىلىش ئۈچۈن، بەكرىييە سەججادىسىگە تەيىنلىنىشى ۋە بارلىق مازارلىقى بار مەسچىتلەر، بولۇڭ- پۇچقاقلارغا رىياسەتچىلىك قىلىشى توغرىسىدا چىقارغان قارارى بىلەن مەجلىس باشلاندى. ئۇنىڭ يەنە ئۇنىڭدا بېرىلىدىغان دەرس پروگراممىلىرىنى تۈزۈش ھوقۇقىمۇ بار ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى پەقەت ئەزھەرنىڭ شەيخى ۋە ئۆلىمالىرىنىڭ تەسىرىنى ۋەيران قىلىش ئۈچۈن قىلىنغان ئۇرۇنۇشلار ئىدى. ئۇنىڭ تۈزۈم ۋە قانۇنلىرى تەرەققىي قىلىپ، كېيىنچە، مىسىر سوپىزم تەرىقەتلىرى ئالىي كېڭىشى، دەپ تونۇلدى.
- كېيىنكى ئەسىرلەردىكى مەشھۇر كىشىلىرىدىن:
-ئابدۇلغەنىي ئەننابلىسىي (1050ھ - 1143ھ).
-ئەبۇسسۇئۇد ئەلبەكرىي (1812م ۋاپات بولغان): ئۇ غەيرى رەسمىي شەكىلدە مىسىردىكى سوپىزم تەرىقەتلىرى شەيخلىرىنىڭ شەيخى بولۇپ تونۇلغان.
-ئەبۇلھۇدا ئەسسەيادىي ئەررىفائېي (1220ھ- 1287ھ).
-ئۆمەر ئەلفۇتىي ئەتتۇرىي ئەسسىنغالىي ئەلئەزھەرىي ئەتتىيجانىي (1281ھ ۋاپات بولغان). ئۇنىڭ زىكىر قىلىشقا تېگىشلىك ياخشى تەرىپى، بۇددىستلار ئارىسىدا ئىسلامنى تارقىتىشقا كۆڭۈل بۆلگەن، ئۇنىڭ ئۈچۈن لەشكەر تەشكىللەپ، بۇددىستلار بىلەن ئۇرۇشقان ۋە سىگو مەملىكىتى، ماسينھ شەھەرلىرىنى ئىگەللىگەن. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىن: "سيوف السعيد"، "سفينة السعادة"، "رماح حزب الرحيم على نحور حزب الرجيم"قاتارلىقلارنى ساناش مۇمكىن.
- مۇھەممەد ئوسمان ئەلمىيرغەنىي (1268ھ ۋاپات بولغان). بۇ كىشىنىڭ تەرجىمىھالى خەتمىييە تېمىسىدا بايان قىلىنىدۇ.
- ئەبۇلفەيز مۇھەممەد ئىبنى ئەبدۇلكەبىير ئەلكەتتانىي، قاراشلىرى پەلسەپىۋىلەشكەن فىقھىي ئالىمى. ماراكەشنىڭ فاس شەھرىدىن بولۇپ، ئۇ "كەتتانىيە" (1290ھ- 1327ھ) تەرىقىتىنى تەسىس قىلغان. فاس ئۆلىمالىرى ئۇنىڭ بەزى قاراشلىرىنى تەنقىد قىلغان ۋە ئېتىقادى بۇزۇق، دەپ قارىغان. ئۇنىڭ كىتابلىرىدىن: "حياء الأنبياء"، "لسان الحجة البرهانية في الذب عن شعائر الطريقة الأحمدية الكتانية"  لەرنى ساناش مۇمكىن.
- ئەھمەد ئەتىيجانىي (1230ھ ۋاپات بولغان). بۇ كىشىنىڭ تەرجىمىھالى تىيجانىييە تېمىسىدا بايان قىلىنىدۇ.
- "أرجوزة روض القلوب المستطاب في التصوف"  ناملىق كىتابنىڭ ئاپتۇرى ھەسەن رىزۋان (1239ھ- 1310ھ).
- سالىھ ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئەلجەئفەرىي ئەسسادىقىي (1328ھ - 1399ھ): مىسىرغا بېرىپ ئەزھەرگە ئورۇنلاشقاندىن كېيىن، ئەھمەدىييە ئىدرىسىييە تەرىقىتىگە كىرگەن. تەرىقەتنى شەيخ مۇھەممەد بەخىيت ئەلمۇتېيئېي، شەيخ ھەبىيبۇللاھ ئەششەنقېيتېي ۋە يۇسۇف ئەددەجۋىيلاردىن ئۆگەنگەن. ئۇنىڭ "الإلهام النافع لكل قاصد"، القضيدة التائية" ؤة "الصلوات الجعفرية"  قاتارلىق كىتابلىرى بار.
پىكىر ۋە ئېتىقادلار:
* ئىلىم ۋە ئەھكام قوبۇل قىلىدىغان مەنبەلىرى:
- كەشىف: سۇپىزمچىلار ئىلىم ۋە مائارىپلاردا، بەلكى ئىبادەتلىرىنى غايىسىگە يەتكۈزۈشتە كەشفكە كۈچلۈك مەنبە سۈپىتىدە تايىنىدۇ. سۇپىلاردىكى كەشفنىڭ دائىرىسىگە شەرىئەت ۋە كائىناتقا دائىر تۆۋەندىكى بىر قاتار ئىشلار كىرىدۇ:
1-پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئويغاق ياكى ئوخلىغان چاغدا بولسۇن ئۇنىڭ تەلىماتىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلىدۇ.
2-خىزىر ئەلەيھىسسالام: ئۇنىڭ بىلەن ئۇچىراشقانلىق، شەرئىي ھۆكۈم، دىنىي ئىلىم، ۋىرد، زىكىر، دۇئالارنى ئالغانلىقى توغرىسىدىكى ھېكايىلىرى ناھايىتى كۆپ.
3-ئىلھام: بىۋاستە ئاللاھ تائالادىن ئىلھام ئېلىش. بۇنىڭ بىلەن سۇپىنىڭ ماقامىنى پەيغەمبەرنىڭ ماقامىدىن يوقىرى ئورۇندا قويىدۇ. ئۇلار ئەۋلىيا ئىلىمنى بىۋاستە ئاللاھ تائالادىن ئالىدۇ، ئەمما پەيغەمبەر ياكى ئەلچى ئۇنىڭ ۋەھيىنى ئېلىپ كىلىدىغان پەرىشتىدىن ئالىدۇ، دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ.
4-پاراسەت: بۇ روھنىڭ پىكرى ۋە سۆزلىرىنى بىلىشكىلا خاستۇر.
5-پىچىرلاش: خىتابنى ئاللاھ تائالادىن ياكى پەرىشتىلەردىن ياكى سالىھ جىندىن ياكى بىرەر ئەۋلىيادىن ياكى خىزىردىن ۋەياكى ئىبلىستىن ئۇيقۇدا ياكى ئويغاقلىقتا ۋەياكى ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا قۇلاق ئارقىلىق ئاڭلاشنى كۆزدە تۇتىدۇ.
6-ئىسرا ۋە مىراجلار: بۇنىڭدا ئەۋلىيانىڭ روھىنىڭ يۇقىرىقى ئالەمگە ئۆرلەپ، ئۇ يەردە كىزىشى ۋە تۈرلۈك ئىلىم ۋە سىرلارنى ئېلىپ چۈشىشى، دېگەننى كۆزدە تۇتىدۇ.
7-ھېسسىي كەشپ: قەلىب ۋە كۆزنىڭ كۆرۈش نوقتىلىرىدىكى ھېسسىي پەردىلەرنىڭ كۆتىرىلىپ كېتىشى بىلەن مەۋجۇتلۇقنىڭ ھەقىقەتلىرىنى كەشىپ قىلىش.
8-چۈش ۋە ئۇيقۇدىكى ئىشلار: بۇ ئەڭ كۆپ تايىنىلىدىغان مەنبەلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار چۈشلىرىدە ئاللاھ تائالادىن ياكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋەياكى شەيخلىرىنىڭ بىرىدىن شەرىئەت ئەھكاملىرىغا ئائىت كۆرسەتمىلەرنى ئالىدىغانلىقىنى دەۋا قىلىشىدۇ.
-زەۋق: بۇنىڭ ئىككى تۈرلۈك قاراتمىلىقى بار:
1- بارلىق ئەھۋال ۋە ماقاملارنى ئىنتىزاملاشتۇرىدىغان ئومۇمىي زەۋق. غەزالىي ئۆزىنىڭ "المنقذ من الضلال" ناملىق كىتابىدا، سۈلۈك تۇتقان كىشىنىڭ پەيغەمبەرلىكنىڭ ھەقىقىتىدىن زوقلىنىشى ۋە كۆرىشىش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئەۋزەللىكىنى بايقىيالىشى مۇمكىن، دەپ قارايدۇ.
2- ئۆزگىچە زەۋق بولۇپ، ئۇ زەۋق، ئارقىدىن ئىچىش (الشرب) بىلەن باشلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ ئارىلىرىدا ئۇنىڭ دەرىجىسى پەرقلىق بولىدۇ.
-ۋەجد: بۇ ئۈچ مەرتىسىۋىسى بار:
1- ھازىر بولۇش (التواجد).
2 - سۆيگۈ (الوجد).
3 - ۋۇجۇد (الوجود).
- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن باشقا پەيغەمبەرلەر ۋە قەبىرلەردىكى شەيخلىرىدىنمۇ تەلىمات قوبۇل قىلىش.
* سوپىزمنىڭ ئەقىدە ۋە پىكىرلىرى بىر-بىرىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ ۋە تەرىقەت مەدرىسىلىرىنىڭ سانىغا كۆرە كۆپ بولىدۇ. ئۇلارنى تۆۋەندىكىچە خۇلاسىلەش مۇمكىن:
- مۇتەسەۋۋۇپلار ئاللاھ تائالاغا ئوخشىمىغان ئەقىدىلەر بويىچە ئېتىقاد قىلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھەللاجنىڭ مەزھىپىگە ئوخشاش ھۇلۇلچىلار، ياراتقۇچى بىلەن مەخلۇقلارنىڭ ئارىسىنى ئايرىماسلىقنى ياقلايدىغان ۋەھدەتۇل ۋۇجۇدچىلار بار. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئاللاھ تائالانىڭ زاتى، ئىسىم ۋە سۈپەتلىرى مەسىلىسىدە ئەشئەرىييە، ماترىيدىييە ئەقىدىلىرى بويىچە ئېتىقاد قىلىدىغانلارمۇ بار.
- ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بەلگىلىمىدىن ھالقىپ مۇبالىغە قىلىدىغانلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغىمۇ تۈرلۈك ئەقىدىلەر بويىچە ئېتىقاد قىلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇلارنىڭ مەرتىۋىسى ۋە ئەھۋالىغا يېتەلمەيدۇ ۋە ئۇنى، بەستامىينىڭ "پەيغەمبەرلەر قىرغىقىدا توختاپ قالغان دېڭىزغا كىردۇق" دېگەن سۆزىدىكىگە ئوخشاش تەسەۋۋۇپ كىشىلىرىنىڭ ئىلىملىرىنى بىلمەيدۇ، دەپ ئېتىقاد قىلىدىغانلارمۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كائىناتنىڭ مەركىزى، ئۇ ئەرشتە قارار ئالغان ئاللاھ، ئاسمان-زېمىنلار، ئەرش، كۇرسىي ۋە بارلىق كائىنات ئۇنىڭ نۇرىدىن يارىتىلغان، ئۇ تۈنجى مەۋجۇتلۇق، دەپ ئېتىقاد قىلىدىغانلارمۇ بار. بۇ ئىبنى ئەرەبىي ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ ئەقىدىسى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە يەنە، يۇقىرىقىلار بويىچە ئېتىقاد قىلمايدىغان، ئۇلارنى رەت قىلىدىغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىنسانلىقىغا ۋە ئۇنىڭ رىسالىسىگە ئېتىقاد قىلىدىغانلارمۇ بار. بىراق ئۇلار شۇنداق بولسىمۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن شاپائەت تىلەيدۇ، ئۇنى ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەنىڭ ئەقىدىسىگە خىلاپ ھالدا ئاللاھ تائالاغا ۋاسىتە قىلىدۇ.
- ئەۋلىيالار مەسىلىسىدىمۇ سۇپىزمچىلار ئوخشىمىغان ئەقىدىلەر بويىچە ئېتىقاد قىلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەۋلىيا پەيغەمبەردىن يۇقۇرى، دەپ بىلىدىغانلار، ئەۋلىيانى بارلىق سۈپەتلىرىدە ئاللاھ تائالا بىلەن ئوخشاش ئورۇندا قويۇپ، ئۇ يارىتىدۇ، رىزق بىرىدۇ، ئۆلتۈرىدۇ، تىرىلدۈرىدۇ، كائىناتتا خالىغىنى بويىچە ھەرىكەت ئېلىپ بارىدۇ، دەپ ئېتىقاد قىلىدىغانلار بار. ئۇلار ئەۋلىيالىقنى غەۋس، قۇتۇبلار، بەدەللەر، نۇجەبالار  دېگەن مەرتىۋىلەر بويىچە تەقسىم قىلىدۇ. ئۇلار ھەر كېچىسى ھىرا غارىدىكى سارىيىدا توپلىنىپ، قەدەرلەرگە قاراپ چىقىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە بۇ شەكىلدە ئېتىقاد قىلمايدىغانلار بولسىمۇ، ئەمما، ھايات ۋەياكى ئۆلگەندىن كېيىن بولسۇن ئەۋلىيالارنى ئۆزلىرى بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ ئوتتۇرىسىدا ۋاسىتە قىلىدۇ.
ئەلۋەتتە بۇلارنىڭ ھەممىسى، ئىسلامدىكى دىيانەت، تەقۋالىق، ياخشى ئەمەللەر، تولۇق شەكىلدە ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىش، ئۇنىڭغىلا يېلىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئەۋلىيالىق قارىشىغا ئويغۇن كەلمەيدۇ. ئەۋلىيا باشقىلار ئۇ ياقتا تۇرۇپ تۇرسۇن، ئۆزلىرىگىمۇ پايدا- زىيان ئېلىپ كىلەلمەيدۇ. ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىگە خىتاب قىلىپ، مۇنداق دەيدۇ: «ئېيتقىنكى، «مەن سىلەرگە پايدا-زىيان يەتكۈزۈشكە قادىر بولالمايمەن (بۇنىڭغا پەقەت اﷲ قادىر بولالايدۇ)»
- ئۇلار دىن شەرىئەت ۋە ھەقىقەتتىن ئىبارەتتۇر، شەرىئەت دىننىڭ ئاشكارا قىسمى بولۇپ، ئۇنىڭدىن ھەممە كىشى كىرىدۇ، ھەقىقەت باتىن (يۇشۇرۇن) قىسمى بولۇپ، ئۇنىڭدىن پەقەت تاللانغان كىشىلەرلا كىرىدۇ، دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ.
- تەسەۋۋۇپمۇ ئۇلارنىڭ نەزىرىدە تەرىقەت ۋە ھەقىقەتتىن تەركىپ تاپىدۇ.
- تەسەۋۋۇپتا، تەرىقەتنى باشقا بىر شەيختىن ئالغان بىر شەيخنىڭ ۋاسىتىسى بىلەنلا يىتىپ كىلىشى مۇمكىن بولىدىغان روھىي تەسىر بولۇشى لازىم.
- زىكىر قىلىش، روھىي پىكىر يۈرگۈزۈش ۋە يۇقىرى تەبىقىدىكى كىشىلەرگە زېھىنىنى مەركەزلەشتۈرۈش لازىم. ئۇلارنىڭ نەزىرىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجە ئەۋلىيالىق دەرىجىسى.
- سۇپىلار ئۆزلىرىنىڭ قارىشى بويىچە، پەيغەمبەر ۋە ئەۋلىيالارغا خاس ئىلاھىي ئىلىم ھەققىدە سۆز قىلىدۇ. ئۇ ئىلىم خىزىر ئەلەيھىسسالامغىمۇ بىرىلگەن ئىدى. چۈنكى ئاللاھ تائالا ئۇ ھەقتە خەۋەر بېرىپ، مۇنداق دېگەن: «بىزنىڭ ئۆزىمىزگە خاس ئىلمىمىزنى (يەنى ئىلمىي غەيبنى) بىز بىلدۈرگەن بىر بەندىنى (يەنى خىزىر ئەلەيھىسسالامنى) ئۇچراتتى»
- فەنا: ئەبۇ يەزىيد ئەلبەستامىي بۇ پىكىرگە چاقىرغان ئىسلامدىكى تۈنجى كىشى ھېسابلىنىدۇ. بەستامىي بۇنى شەيخى ئەبۇ ئەلى ئەسسۇندىيدىن نەقىل كەلتۈرگەن. فەنا، ئاللاھ تائالادا پۈتۈنلەي ئاخىرلىشىش، ئاللاھدىن باشقا بارلىق نەرسىلەرنى، ھەتتا ئۆزىنىمۇ ئۇنتۇش، دېمەكتۇر. قۇشەيرىي مۇنداق دەيدۇ: "باشقىلاردىن بىر كۆز، ئىز، رەسىم، جىسىمنى كۆرمىگۈدەك دەرىجىدە ھەقىقەت سۇلتانىنىڭ كونتروللىقىغا كىرگەن كىشى ئۈچۈن، پۈتۈنلەي ئاخىرلىشىش، مۇمكىن بولىدۇ." فانى بولۇش دەرىجىلىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرىسىغا "جەمئۇل جەم" (كۆپلۈكنىڭ كۆپى) دېگەن نام بىرىلىدۇ. بۇمۇ "بەندىنىڭ ھەقنىڭ بارلىقىدا ئۆزىنىڭ فەنالىقىنى پەرق قىلالمىغۇدەك دەرىجىگە كىلىشىدۇر."
فەنا مەقامى, بۇ يولدىكى كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرلىرىنىڭ ئىككى قارىمۇ قارشى قۇتۇب ئارىسىدىكى كېتىپ كىلىدىغان بىر خىل ئەھۋال بولۇپ، بۇ بىر تەرەپتە تەنزىيھ (پاك، دەپ تۇنۇش) ۋە تەجرىيد (بارلىق سۈپەتلەردىن زېھنىي مۇناسىۋەتلەرنى ئۇزۇش)، يەنە بىر تەرەپتە ھۇلۇل ۋە تەشبىھتۇر.
* سۇلۇك دەرىجىلىرى:
- بۇ يەردە سۇپىي بىلەن ئابىد ۋە زاھىدنىڭ ئوتتۇرىسىدا پەرق بار. چۈنكى بۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب، مېتود ۋە غايىلىرى بار.
ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىنى سۆيۈش سۈلۈك دەرىجىلىرىنىڭ بىرىنچىسى بولۇپ، دەلىلى ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئەگىشىشتۇر.
ئارقىدىن گۈزەل ئۈلگە: «سىلەرگە رەسۇلۇللاھ ئەلۋەتتە ياخشى ئۈلگىدۇر»
ئۇنىڭ ئارقىسىدىن تەۋبە كىلىدۇ: بۇ، گۇناھدىن قول ئۈزۈش، ئۇنى قىلىپ سالغانغا پۇشايمان قىلىش، قايتا سادىر قىلماسلىققا قەتئىي ئىرادە باغلاش ۋە ئىنسانلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئەھۋالدا ئۇلاردىن ئەپۇ سۇراش ئارقىلىق ئىشقا ئاشىدۇ.
- ماقاملار: "سۈلۈك تۇتقۇچىنىڭ ئاللاھ تائالاغا يىتىش يولىدىكى مەنىۋىي مەنزىللەر بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەر بىرىدە مۇئەييەن مەزگىل توختاپ، ئىككىنچى مەنزىلگە ئاتلىغانغا قەدەر تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ." ئەمما، باشقا مەنزىلگە ئاتلاش ئۈچۈن جىھاد ۋە تەزكىيە (پاكلىنىش) مۇھىمدۇر. مۇرىد بىلەن ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالانىڭ ئوتتۇرىسىدا مال، مەرتىۋە، تەقلىد ۋە گۇناھدىن ئىبارەت، تۆت نەرسە توسالغۇدۇر، دەپ قارايدۇ..

ئەھۋاللار تالانتتۇر، ماقاملار كۈچ سەرپ قىلىپ ئېرىشىدىغان نەرسىدۇر. بۇنى ئۇلار "ئەھۋاللار سۆيگۈنىڭ كۆزىدىن كىلىدۇ، ماقاملار كۈچ سەرپ قىلىش بىلەن ھاسىل بولىدۇ" دېگەن سۆزلىرى بىلەن ئىپادىلەيدۇ.
- ۋەرئ: سۇلۇك تۇتقۇچىنىڭ شۇبھىلىك نەرسىلەرنى تەرك قىلىشىدۇر. بۇ سۆزدە، قەلبتە ۋە ئەمەلدە ئىشقا ئاشۇرىلىدۇ.
- زاھىدلىق: كۆرۈنۈشتە دۇنيا بىلەن بولۇش، ئەمما قەلبى ئاللاھنىڭ قولىدىكى نەرسىلەر بىلەن باغلانغان بولۇش. ئۇلارنىڭ بىرى زاھىد توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: "پالانى توغرا ئېيتقان، ئاللاھ ئۇنىڭ قەلبىنى دۇنيادىن يۇيۇۋېتىپ، كۆرۈنۈش ئېتىبارى بىلەن دۇنيانى ئۇنىڭ قولىغا بەرگەن." ئىنسان بىر ۋاقىتتا ھەم باي، ھەم زاھىد بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى زاھىدلىق پېقىرلىق دېگەنلىك ئەمەس، بارلىق پېقىرلار زاھىد بولمىغىنىدەك، بارلىق زاھىدلارمۇ پېقىر ئەمەس. زاھىدلىق ئۈچ دەرىجىگە ئايرىلىدۇ:
1- ھارامنى تەرك قىلىش، بۇ بارلىق كىشىلەرنڭ زاھىدلىقى.
2- ھالال نەرسىلەر ئىچىدىكى ئېھتىياجىدىن ئارتۇق نەرسىلەرنى تەرك قىلىش، بۇ ئايرىم كىشىلەرنىڭ زاھىدلىقى.
3- بەندىنى ئاللاھ تائالانىڭ غەيرى بىلەن مەشغۇل قىلىپ قويىدىغان نەرسىلەرنى تەرك قىلىش، بۇ ئارىفلارنىڭ زاھىدلىقى.
- تەۋەككۇل: ئۇلار: تەۋەككۈل باشلىنىش، بويسۈنۈش ۋاسىتە، ئەلۋەتتە ئاللاھ تائالاغا بولغان ئىشەنچنىڭ نىھايىتى بولىدىغان بولسا، ھاۋالە قىلىش ئاخىرلىشىشتۇر، دېيىشىدۇ. سەھل ئەتتەستەرىي: "تەۋەككۇل قىلىدىغان بارلىق ئىشلىرىدا ئاللاھ تائالاغا تەسلىم بولۇش، دېمەكتۇر" دەيدۇ.
-مۇھەببەت: ھەسەن ئەلبەسىري (110ھ ۋاپات بولغان) مۇنداق دەيدۇ: "مۇھەببەتنىڭ ئالامىتى سۆيگەن نەرسىسىگە ماسلىشىش، ھەر ئىشتا ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولۇش، بارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئۇنىڭغا يېقىنلىشىش، ئۇنىڭ يولىغا ھەمدەم بولمايدىغان بارلىق ئىشلاردىن يىراق تۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر."
- رازىلىق (مەمنۇنلۇق): سۇپىلارنىڭ بىرى مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھ تائالا بىلەن رازى بولۇش بەك ئۇلۇغدۇر. ئۇ، بەندىنىڭ قەلبىنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ھۆكمى ئاستىدا سۈكۈناتقا چۈمىشىدۇر." يەنە بىرى مۇنداق دەيدۇ: "رازىلىق ماقاملارنىڭ ئەڭ ئاخىرىقىسىدۇر، ئۇنىڭدىن كېيىن، قەلب ئىگىلىرى، غەيىبنى مۇتالىئە قىلغانلار، زىكىرلەرنىڭ ساپلىقى ۋە ئەھۋاللارنىڭ ھەقىقەتلىرىگە ئىگە بولغانلار داۋاملاشتۇرىدۇ.
- ئاللاھ تائالانىڭ كىتابى، پەيغەمبىرىنىڭ سۈننىتىنى چۈشىنىش ئۈچۈن خىيالنى قويۇپ بىرىدۇ، سۈلۈك تۈتقۇچى ئاخىرىدا ئەڭ ئىشەنچلىك نوقتىغا يىتىپ بارىدۇ. بۇ خىل كەسكىن ئىشەنچ ئۈچ مەرتىۋىگە بۆلىنىدۇ:
1- ئىشەنچلىك ئىلىم: بۇ، ئايەت ۋە ھەدىسلەردىن ئېلىنغان ئەمەلىي دەلىللەر ئارقىلىق كىلىدۇ. «ئەگەر سىلەر راستلا ھەقىقىي بىلسەڭلار (غەپلەتتە قالماڭلار)»
2-كۆز بىلەن كۆرۈش: بۇ، كۆرۈش ۋە بايقاش ئارقىلىق كىلىدۇ: «ئاندىن ئۇنى چوقۇم ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرىسىلەر»
3- ئېنىق ھەقىقەت: بۇ زوقلىنىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ: «شەك - شۈبھىسىزكى، بۇ ئېنىق ھەقىقەتتۇر. ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىڭنى (مۇشرىكلارنىڭ ئېتىرازلىرىدىن) پاك ئېتىقاد قىلغىن»
- ئەمما ھۆكۈم، ھاكىمىيەت ۋە سىياسەت توغرىسىدىكى سوپىلارنىڭ تۇتقان مېتودى يامانلىققا ۋە ھاكىملارنىڭ يولسىزلىقلىرىغا قارشى تورۇشنىڭ جائىز ئەمەسلىكىدۇر؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئاللاھ تائالا بەندىلەرنى خالىغىنى بويىچە ئورۇنلاشتۇرغان.
- سوپىزم شارائىتىدىكى ئەڭ خەتەرلىك مەسىلە تەلىم- تەربىيەدىكى مېتودى بولۇشى مۇمكىن. ئۇلار، كىشىلەرنىڭ ئەقىللىرىنى كونتروللىقىغا ئېلىپ، ئۇنى كاردىن چىقىرىدۇ، بۇ ئۇلارنى تەدرىجى يولغا كىرگۈزۈش بىلەن كۆندۈرىشىدىن باشلايدۇ، ئارقىدىن تەسەۋۋۇپ ۋە ئۇنىڭ ئاساسلىق كىشىلىرىنى ئۇلۇغلاش ۋە ھەيۋەتلىكلەشتۈرۈشكە كىرىشىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن، بىر كىشىگە يېپىشتۇرۇشنى باشلايدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن، ئۇنى بىر - بىرلەپ تەسەۋۋۇپ ئىلىملىرىگە سۆرەپ كىرىدۇ، ئۇنىڭمۇ ئارقىسىدىن تەرىقەتكە باغلاپ، قايتىپ چىقىدىغان بارلىق يوللارنى ئىتىپ تاشلايدۇ."
* سوپىزم مەدرىسلىرى:
- زۇھد مەدرىسىسى: ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى نۈسۈك تۇتقۇچىلار، زاھىدلار، ئابىدلار ۋە كۆپ يىغلىغۇچىلار (البكاېين) دىن تەركىپ تاپىدۇ. ئاساسلىق كىشىلىرى، رابىئەتۇل ئەدەۋىييە، ئىبراھىم ئىبنى ئەدھەم ۋە مالىك ئىبنى دىنار قاتارلىقلار.
- كەشىف ۋە مەرىپەت مەدرىسىسى: بۇ مەدرىسە، يالغۇز ئەقلىي مەنتىقىگە تايىنىشنىڭ ئۆزىلا مەرىپەت ھاسىل قىلىش ۋە مەۋجۇداتلارنىڭ ھەقىقەتلىرىنى بايقاش ئۈچۈن يىتەرلىك ئەمەس، دېگەن ئاساسقا تايىنىدۇ. چۈنكى، ئىنسان نەپىس رىيازەتلىرى ئارقىلىق تەرەققىي قىلىدۇ-دە، قەلىب كۆزلىرىدىن جاھالەت پەردىلىرى كۆتىرىلىپ كېتىدۇ ۋە ھەقىقەتلەرنى قەلىب ئەينىگىدە بىرمۇ بىر سەير قىلىشقا باشلايدۇ. بۇ مەدرىسىنىڭ داھىسى ئىمام ئەبۇ ھامىد ئەلغەزالىي.
- ۋەھدەتۇل ۋۇجۇد مەدرىسىسى: بۇ مەدرىسىنىڭ داھىسى مۇھيىددين ئىبنى ئەرەبىي، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: "تەھقىق قىلغۇچىلار تەرىپىدىن ئىسپاتلانغان مەسىلە شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، مەۋجۇتلۇقتا بار بولغان نەرسە يالغۇز ئاللاھ تائالادۇر. ئەگەر بىز مەۋجۇت بولساق، بىزنىڭ مەۋجۇتلىقىمىز پەقەت ئۇنىڭ بىلەندۇر. مەۋجۇتلۇق سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان ھەر قانداق نەرسە ھەقىقەتتۇر. مەۋجۇتلۇق ھەقىقەتتۇر ۋە يىگانىدۇر. ئۇنىڭغا ئوخشايدىغان بىر نەرسىمۇ يوقتۇر. چۈنكى، ھەر قانداق چاغدا، بىر - بىرىگە ئوخشايدىغان ئىككى مەۋجۇتلۇقنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەستۇر."
- ئىتتىھاد ۋە ھۇلۇل مەدرىسىسى: بۇ مەدرىسىنىڭ رەئىسى ھەللاج بولۇپ، بۇ مەدرىسىدە ھىندى ۋە خىرىستىيان تەسەۋۋۇپىنىڭ تەسىرلىرى كۆزگە چېلىقىدۇ. چۈنكى بۇ مەدرىسىدە سۇفىي ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىگە ھۇلۇل (چۈشمەك) بولغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ئاللاھ بىلەن ئاللىقاچان بىرلىشىپ (ئىتتىھاد) كەتكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىدۇ. "مەن ھەق"، "جۇۋىنىڭ ئىچىدە پەقەت ئاللاھ بار" دېگەنگە ئوخشىغان سۆزلەر ئۇلارغا ئائىتتۇر. ئۇلارنىڭ دەۋالىرىغا كۆرە، مۇشاھىدىلەر نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن ئۆزلىرىنى ئۇنتۇش لەھزىلىرىدە تىللىرىدىن چىققان بۇنىڭغا ئوخشىغان باشقا قالايمىقان سۆزلىرىمۇ بار.
* سوپىزم تەرىقەتلىرى:
- جەيلانىي تەرىقىتى: بۇ تەرىقەت ئابدۇلقادىر جەيلانىي (470ھ - 561ھ) غا مەنسۇپتۇر. ئۇ باغداتقا دەپنە قىلىنغان بولۇپ، ھەر يىلى نۇرغۇن ئەگەشكۈچىلىرى ئۇنى تەۋەررۇك بىلگەنلىكى ئۈچۈن زىيارەت قىلىپ تۇرىدۇ. ئۇ ئۆز ئەسىرىنىڭ خېلى كۆپ ئىلىملىرى بىلەن تونۇشقان. يۇقىرىدا زىكىر قىلغىنىمىزغا ئوخشاش، ئەگەشكۈچىلىرى ئۇنىڭغا نۇرغۇنلىغان كارامەتلەرنى مەنسۇپ، دەپ قارايدۇ.
ئۇنىڭ تەرىقىتى ئافرىقىدا ئىسلام دىنىنى تارقىتىش ئىشلىرىدا كۆرىنەرلىك رول ئوينىغان، ئىسلام مەركەزلىرىنى قورۇشقا ھەسسە قوشقان ۋە مەغرىبكە باستۇرۇپ كىلىۋاتقان ياۋرۇپانىڭ تەسىرىگە قارشى چەكلىگۈچىلىك مەيداندا تۇرغان.
- رىفائىييە تەرىقىتى: ئەرەبلەرنىڭ رافىئىي قەبىلىسىدىن ئەھمەد ئەررافىئىي (580ھ ۋاپات بولغان) غا مەنسۇپ بىر تەرىقەتتۇر. بۇ تەرىقەتنىڭ جامائىتى كارامەتنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئوتقا كىرىش، قىلىچ ئىشلىتىش قاتارلىق ئىشلارنى قوللىنىدۇ. شەيخ ئەلۇسىي ئۆزىنىڭ "غايە الۆماني في الرد ىلۈ النبھاني" ناملىق كىتابىدا ئۇلار توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ئەسىردىكى دىن ۋە دۆلەتكە نىسبەتەن خەتىرى ئەڭ قورقۇنلۇق كىشىلەر رىفائىييە بىدئەتچىلىرىدۇر. سىز مەنبەسى، كىلىپ چىقىشى ۋە ئېلىنىشى ئۇلارغا چېتىلمايدىغان بىدئەتنى ئۇچىرىتالمايسىز. ئۇلارنىڭ زىكىرلىرى ناخشا، ئۇسۇل، ئاللاھ تائالانىڭ غەيرىگە تېۋىنىش ۋە شەيخلىرىغا ئىبادەت قىلىش ، ئەمەللىرى بولسا يىلانلارنى تۇتۇشتىن ئىبارەتتۇر."
رىفائىييە تەرىقىتى شىئەلەر بىلەن بىر قانچە ئىشتا بىر يەردىن چىقىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن جەئفەرنىڭ كىتابىغا بولغان ئىمانى، ئون ئىككى ئىمامغا بولغان ئېتىقادلىرى، ئەھمەد ئەررافىئېينى ئون ئۈچىنچى ئىمام دېيىشلىرى ۋە ئاشۇرا كۈنىدىكى قايغۇرۇش پائالىيىتىگە ئىشتىراك قىلىشلىرى قاتارلىق ئىشلىرى ۋەباشقىلارنى تىلغا ئېلىش مۇمكىن.
گەرچە بۇ تەرىقەتنىڭ شەيخى ئەھمەد ئەررافىئېينىڭ سۈننەتكە كۈچلۈك رىغبەتلەندۈرۈش ۋە بىدئەتتىن يىراقلىشىش توغرىسىدىكى سۆزلىرى رىۋايەت قىلىنغان بولسىمۇ، تەرىقەت ئىچىدە يۇقىرىقى ئىشلار سادىر بولىۋاتىدۇ. رافىئىي مۇنداق دەيدۇ: "سۈننەتنى ئېتىبارغا ئالىمىغان، بىدئەتكە سەل قارىغان قەۋمگە ئاللاھ دۈشمەنلەرنى ھاكىم قىلىپ قويىدۇ، سۈننەتكە ئەھمىيەت بەرگەن، بىدئەتنىڭ يىلتىزىنى قومۇرۇپ تاشلىغان قەۋمگە بولسا،ئۆز پەزلىدىن ھەيۋەت بېغىشلايدۇ، ئۇلارغا ياردەم بىرىدۇ ۋە ئىشلىرىنى ئىسلاھ قىلىدۇ."
رىفائىييە تەرىقىتى غەربى ئاسىيادا كۆرىنەرلىك دەرىجىدە تارقالغان..

- دۇسۇقىييە تەرىقىتى: ئىبراھىم ئەددۇسۇقىي (633ھ -676ھ) غا نىسبەت بىرىلىدۇ. ئۇ مىسىرنىڭ دۇسۇق شەھرىگە دەپنە قىلىنغان. مۇتەسەۋۋۇپلار ئۇنى، بۇ كائىناتتىكى ئىشلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشلىرى تاپشۇرۇلغان تۆت قۇتۇبنىڭ بىرى، دەپ دەۋا قىلىدۇ..
- ئەكبەرىييە تەرىقىتى: بۇ تەرىقەت شەيخ مۇھيىددين ئىبنى ئەرەبىيگە نىسبەت بىرىلىدۇ. ئۇنىڭ تەرىقىتى ۋەھدەتۇل ۋۇجۇد، سۈكۈت، يالغۇزلۇق، ئاچلىق، كىچىسى ئۇخلىماسلىق ئەقىدىسى بويىچە ماڭىدۇ. بۇ تەرىقەتنىڭ ئۈچ خىل سۈپىتى بار: بالاغا سەۋر قىلىش، باياشاتلىققا شۈكۈر قىلىش ۋە قازا رازى بولۇش.
- شازىلىييە تەرىقىتى: ئەبۇلھەسەن ئەششازىلىي (593ھ- 656ھ) غا مەنسۇپ تەرىقەتتۇر. شازىلىي ماراكەشنىڭ مىرسىييەگە يېقىن جايدىكى ئەممارە يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. تۇنىسقا كۆچۈپ بارغان. بىر قانچە قېتىم ھەج قىلغان. كېيىن ئىراققا كىرگەن. ئاخىرىدا ھەجگە مېڭىش يولىدا مىسىر ئېگىزلىكىدىكى ئەيزاب سەھراسىدا ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ توغرىسىدا "ئۇ تەرىقەتنى كىشىلەرنى قولايلاشتۇرۇپ بەردى" دېيىلىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ تەرىقىتى تەرىقەتلەرنىڭ ئەڭ ئاسىنى ۋە ئەڭ يېقىنىدۇر؛ ئۇنىڭ تەرىقىتىدە كۆپ كۆچ چىقىرىش يوق. ئۇنىڭ تەرىقىتى مىسىر، يەمەن ۋە ئەرەب ئەللىرىگە تارقالغان. مۇخا شەھرىنىڭ ئەھلى ئۇنى ناھايىتى قەدىرلەيدۇ ۋە ئۇنىڭ ئەۋلىيالىقىغا چوڭقۇر ئىشىنىدۇ. ئۇنىڭ تەرىقىتى يەنە ماراكەش، ئالجىرىيەنىڭ غەربى، شىمالىي ئافرىقا ۋە غەربىي ئافرىقىغا ئومۇمەن تارقالغان.
- بەكداشىييە تەرىقىتى: ئوسمانىيە تۈركلىرى بۇ تەرىقەتكە تەۋە ئىدى. بۇ تەرىقەت ھېلىھەم ئالبانىيەگە كەڭ تارقالغان بولۇپ، ئۇ سۈننى تەسەۋۋۇپىغا قارىغاندا شىئە تەسەۋۋۇپىغا بەكرەك يېقىن. بۇ تەرىقەتنىڭ تۈرك ۋە مۇڭغۇللار ئارىسىدا ئىسلامنىڭ تارقىشىدا كۆرىنەرلىك رولى بولغان. ئەينى زاماندا ئوسمانىيە سۇلتانلىرىنىڭ ئۈستىدىمۇ ئۇنىڭ كۈچلۈك تەسىرى بار ئىدى.
- مەۋلىۋىييە تەرىقىتى: بۇ تەرىقەت پارىس شائىرى جالالۇددين ئەررۇمىي (672ھ ۋاپات بولغان) تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان. ئۇ كونىيادا دەپنە قىلىنغان. بۇ تەرىقەتنىڭ ئۆزگىچىلىگى زىكىر ھەلقىلىرىدە رىتىم ئىچىدە ساما سېلىشىدۇر. تۈركىيە ۋە غەربىي ئاسىيادا تارقالغان. بۈگۈنكى كۈندە بۇ تەرىقەتكە دائىر، تۈركىيە، ھەلەب ۋە بەزى شەرق ئەللىرىدىكى ئازغىنا ئەگەشكۈچىلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ئاساسەن بىر نەرسە قالمىغان.
- نەقشىبەندىييە تەرىقىتى: بۇ تەرىقەتنىڭ قورۇلۇشى شاھ نەقشىبەند تەخەللۇسى بىلەن تونۇلغان شەيخ بەھائۇددين مۇھەممەد ئىبنى مۇھەممەد ئەلبۇخارىي (618ھ - 791ھ) غا مەنسۇپتۇر. بۇمۇ شازىلىييەگە ئوخشاش ئاسان تەرىقەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئىران، ھىندىستان ۋە غەربىي ئاسىيادا تارقالغان.
- مەلامىتىييە تەرىقىتى: قۇرغۇچىسى ئەبۇ سالىھ ھەمدۇن ئىبنى ئەھمەد ئىبنى ئەممار (271ھ ۋاپات بولغان) بولۇپ، قەسسار نامى بىلەن تونۇلغان. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى نەپىس بىلەن جىھاد قىلىش مەقسىتىدە ئۇنىڭغا قارشى چىقىشنى ۋە كەمچىللىكلىرىگە قارشى كۆرەش قىلىشنى مۇباھ، دېگەن. يېقىنقى زامانلاردا بۇ تەرىقەتنىڭ رادىكاللاشقان مەنسۇپلىرى ھەممە نەرىسىگە "ھېچ گەپ يوق" قارىشى بويىچە بەڭۋاشلىق قىياپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان. ئۇلار بارلىق ئىشلارنى شەرىئەتنىڭ بۇيرۇق ۋە چەكلىمىلىرىنى ئېتىبارغا ئالمىغان ئاساستا ئېلىپ بارغان.
بۇنىڭدىن باشقا قەننائىييە، قەيرەۋانىييە، مۇرابىتېييە، بەشبەشىييە، سەنۇسىييە، مۇختارىييە، خەتمىييە... ۋەباشقا نۇرغۇن تەرىقەتلەر بار. شەكىسزكى بۇ تەرىقەتلەرنىڭ ھەممىسى بىدئەت تەرىقەتلەردۇر.
*
بەزىلەر تەسەۋۋۇپنىڭ دائىرىسىدىن دەپ قاراپ، روھلارنى توپلاش يولىنى تۇتقان بولسا، يەنە باشقىلىرى سېھىرگەرلىك ۋە دەججالنىڭ ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللاندى. ئۇلار گۈمبەز ۋە ئەۋلىيالارنىڭ قەبرىلىرىنى ياساشقا، ئۇنىڭغا چىراق يېقىشقا، ئۇنى زىيارەت قىلىشقا ۋە ئۇلارنى سىلاش قاتارلىق ئىشلارغا ئەھمىيەت بېرىشتى. بۇلارنىڭ ھەممىسى قۇرئان كەرىمدە ئورنى بولمىغان بىدئەتلەردۇر.
- بەزىلىرى ئەۋلىيادىن شەرئىي مەسئۇلىيەتلەرنىڭ ساقىت بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ؛ يەنى ئىبادەت قىلىش ئۇنىڭ ئۈچۈن مەجبۇرىي ئەمەس؛ چۈنكى ئۇ ئۇلارنى ئادا قىلىشقا ئېھتىياج قالمىغان بىر ماقامغا يەتكەن؛ ئەگەر ئۇ شەرئىي ۋەزىپىلەر ۋە ئۇنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇپ قالسا، باتىنىنى ساقلاپ قېلىش تۈگەپ كېتىپ، زاھىر (ئاشكارا)نىڭ يۈزىدىن باتىنى (روھىي) پائالىيەتلىرىنىڭ بارلىق تۈرلىرىگە سەل قارىلىپ قالىدۇ.
- غەزالىينىڭ مەغرۇرلۇق بېسىپ كەتكەنلەرنى تەنقىد قىلغانلىقى ۋە ئۇلارنى پىرقىلەر شەكلىدە سانىغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ:
1- كىيىنىش، قىياپەت ۋە لوگىكا ئارقىلىق مەغرۇرلانغان پىرقە.
2- مەرىپەت ئىلمىنى، ھەقنى كۆرۈشنى ۋە ئەھۋال، ماقاملاردىن ھالقىش دەۋاسىنى قىلغان پىرقە.
3- ھەرقانداق نەرسىنى مۇباھ سانايدىغان، شەرىئەتنىڭ بىساتىنى چۆرۈپ تاشلىغان، ئەھۋاللارنى رەت قىلغان ۋە ھالال بىلەن ھارامنى ئوخشاش كۆرگەن پىرقە.
4- بەزىلىرى مۇنداق دەيدۇ: بەدەن ئەزالىرى بىلەن قىلغان ئەمەلنىڭ قىممىتى بولمايدۇ، مۇھىم بولغىنى قەلبتۇر. بىزنىڭ قەلبىمىز ئاللاھنىڭ سۆيگۈسى بىلەن تولغان، ۋە ئۇنىڭ مەرىپىتىگە يەتكەندۇر. بىز قوللىرىمىز بىلەن دۇنياغا كىرىشىپ كەتكەندەك كۆرۈنسەكمۇ، قەلبىمىز پەرۋەردىگارنىڭ دەرگاھىدا ئېتىكاپتىدۇر. بىز قەلبلىرىمىز بىلەن ئەمەس، پەقەت تاشقى قىياپىتىمىز بىلەن شەھۋەتكە بىرىلىپ كەتكەندەك كۆرىنىمىز.
- ئىبنى ئەرەبىيدىن ئىلگىرى مۇتلەق بىرلىك مەزھىپىنىڭ مۇكەممەل شەكىلدە ئىسلامدا ۋۇجۇدى يوق ئىدى. ئىبنى ئەرەبىي ئۇنىڭ ئاساسىنىڭ تۇرغۇزغۇچىسى، مەدرىسىسىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە مەنە، مەقسەتلىرىنىڭ ئىزاھلىغۇچىسى بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقتى. ئۇنىڭ ""فصوص الحكم" ۋە "الفتوحات المكية" " ۋە باشقا كىتابلىرى بار.
- ئەمما، ھەللەج ئىتتىھاد ۋە ھۇلۇل مەدرىسىسىنىڭ ساھىبى سانىلىدۇ. ئۇنىڭ ھەر تۈرلۈك سۆزلىرى بولۇپ، ئۇلاردىن:
أنا من أهوى ومن أهوى أنا         نحن روحان حللنا بدناا
فإذا أبصرتني أبصرته               وإذا أبصرته أبصرتنا

ئەگەر كۆرسەڭ مېنى كۆردۈڭ ئۇنى،           ئۇنى كۆرسەڭ گەر بىزنى كۆرىسەن.
ئۇنىڭ يەنە مۇنداق سۆزىمۇ بار:
مزجت روحك في روحي كما     تمزج الخمرة في الماء الزلال
فإذا مسك شيء مسني            فإذا أنت أنا في كل حال
سېنىڭ روھىڭ مېنىڭ روھىمدا يۇغۇرۇلۇپ كەتتى        گويا زىلال سۇدا يۇغۇرۇلغان خېمىردەك
ئەگەر سېنى بىر نەرسە تۇتسا، مېنىمۇ تۇتىدۇ،               ئەگەر بارلىق ئەھۋالدا سەن مەن بولساڭ،
- سوپىلار "غەۋس" ۋە "غەيياس" (مەدەت تىلەش) كەلىمىلىرىنى قوللىنىدۇ. ئىبنى تەيمىييە "مجموى الفتوۈ" ناملىق كىتابىنىڭ 437-بېتىدە مۇنداق پەتىۋا بىرىدۇ: "غەۋس ۋە غەيياس كەلىمىلىرى ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچكىمگە لايىق ئەمەس. ئۇ مەدەت سورىغۇچىلارنىڭ مەدەتكارى، ھېچكىمگە ئاللاھ تائالادىن باشقا مەيلى يېقىن پەرىشتە ياكى پەيغەمبەر بولسۇن بىرسىدىن مەدەت تىلىشى جائىز ئەمەس."
- بارلىق سوپىزم تەرىقەتلىرى زىكىرنىڭ زۆرۈرلىكىدە بىرلىككە كەلگەن. نەقشىبەندىييەلەرنىڭ نەزىرىدە زىكىر پەقەت ئاللاھ لەفزىدۇر، شازىلىييەلەرنىڭ نەزىدە "لا ئىلاھە ئىللەللاھتۇر. باشقىلارنىڭ نەزىرىدىمۇ ئىستىغپار ئېيتىش ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا سالام يوللاش بىلەن يۇقىرىقىلارغا ئوخشاش لەفىزلەردۇر. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى زىكىر ئەۋجىگە چىققاندا "ھۇۋە، ھۇۋە" يەنى "ئۇ، ئۇ" دەپ كىشىلىك ئالماشنى ئىشلىتىدۇ. بۇ ھەقتە ئىبنى تەيمىييە ئۆزىنىڭ "مجموى الفتوۈ" ناملىق كىتابىنىڭ 229-بېتىدە مۇنداق دەيدۇ: "ئايرىم كىشىلەرنىڭ، ئارىفلارنىڭ زىكرى بولغىنىدىن سىرت، مەيلى ئاشكارا، مەيلى يۇشۇرۇن شەكىلدە ئىپادىلەنسۇن، زىكىردا يالغۇز ئىسىم بىلەن كۇپايىلىنىشنىڭ ئەسلى يوق بولۇپ، ئۇ تۈرلۈك بىدئەت ۋە ئازغۇنلۇقلارغا ۋاسىتە، ئىتتىھادچىلار ۋە دىننى ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ ئەھۋاللىرىغا ئائىت يولىسز تەسەۋۋۇرلارغا يول ئاچىدۇ."
ئۇ يەنە يۇقىرىقى كىتابنىڭ 228-بېتىدە مۇنداق دەيدۇ: "بىر كىشى زىكىر ئەسناسىدا "ياھۇ، ياھۇ" ۋەياكى "ھۇ، ھۇ" غا ئوخشاش بىر نەرسىلەرنى دېسە،بۇ يەردىكى ئالماش پەقەت قەلب تەسەۋۋۇر قىلغان نەرسىگە ئائىت بولىدۇ. قەلب توغرا يولدا بولۇشىمۇ، خاتامۇ يولدا بولۇشىمۇ مۇمكىن."
- تەسەۋۋۇپقا مەنسۇپ بەزى كىشىلەر ئادەمنى ھەيران قالدۇرىغان ۋە ئادەتتىن تاشقىرى ئىشلارنى قىلىشى مۇمكىن. بۇ ھەقتە ئىبنى تەيمىييە يۇقىرىقى كىتابنىڭ 494-بىتىدە مۇنداق دەيدۇ: "باشلارنى ئېچىش، چاچلارنى ئۆرۈش ۋە يىلانلارنى كۆتۈرۈش سالىھ كىشىلەرنىڭ ھېچ بىرىنىڭ ئىشى ئەمەس. ساھابىلەرنىڭ، تابىئىنلارنىڭ، مۇسۇلمانلارنىڭ شەيخلىرىنىڭ، ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى ئالىملارنىڭ ھەتتا ئەھمەد ئىبنى ئەررىفائېينىڭ قىلغان ئىشى، تۇتقان يولىمۇ ئەمەستۇر. بۇ ئىشلار شەيخنىڭ ۋاپاتىدىن ئۇزۇن مەزگىل كېيىن پەيدا قىلىنغاندۇر."
- ئۇ يەنە 504-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "پەيغەمبەرلەر، شەيخلەر ۋە باشقىلاردىن ئۆلگەنلەرگە ياك ئۇلارنىڭ قەبىرلىرىگە ۋەياكى قەبىرلىرى ئەتراپىدا ئولتۇرغانلار ئۈچۈن نەزىر قىلىش ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرۈشتۇر، ئۇنىڭغا قارشى ئىسيان كۆتۈرمەكتۇر."
- يەنە شۇ كىتابنىڭ 506-بېتىدە: "يەنە، ئاللاھ تائالادىن باشقا پەرىشتىلەر، پەيغەمبەرلەر، مەشايىخلار، پادىشاھلار ۋە باشقىلارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىش بولسا، چەكلەنگەندۇر." دەيدۇ.
- يەنە شۇ كىتابنىڭ 505-بېتىدە مۇنداق دەيدۇ: "يات ئەر- ئاياللارنىڭ ئۆز - ئارا بۇرادەر بولۇشى، ئۇلار بىلەن يالغۇز قېلىشى ۋە ئۇلارنىڭ يۇشۇرۇن زىننەتلىرىگە بېقىشلىرى مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىككە كىلىشى بىلەن ھارامدۇر. كىمكى شۇ ئىشلارنىڭ بىرىنى دىننىڭ ئىچىدىن سانىسا، ئۇ شەيتانلارنىڭ بۇرادەرلىرىدىندۇر."
- فەنا مەقامىدىكى ئاللاھتىن باشقا نەرسىنى كۆرمەسلىك، دېمەك، ئىرادىنىڭمۇ فەنالىقى دېمەكتۇر. بۇ ھەقتە كىتابىنىڭ 337-بېتىدە مۇنداق دەيدۇ: "فەنانىڭ بۇ ئەھۋالىدا مۇرىد: "مەن ھەقمەن"، "مەن نېمە دېگەن ئۇلۇغ!" ۋە ياكى "جۇۋىنىڭ ئىچىدە پەقەت ئاللاھ بار"، دېگەنگە ئوخشىغان سۆزلەرنى دېيىشى مۇمكىن. چۈنكى ئۇ بۇ نوقتىدا كۆرۈش بىلەن ئەمەس، كۆرۈنگەن نەرسە بىلەن، ۋۇجۇدى بىلەن ئەمەس، مەۋجۇد نەرسە بىلەن مەشغۇل بولۇپ، ئۇنىڭدا فەنا بولىدۇ. بۇ خىلدىكى فەنالىقتا، ئىماننىڭ ھۇزۇرى بىلەن پەرقلەندۈرۈش ئەۋزەللىكىنى يوقىتىپ قويىدىغان بىر تۈرلۈك مەستلىككە دۇچار بولىدۇ. گويا ھاراقنىڭ ۋە سۈرەتلەر ئىشقىدىكى مەستلىكتە يۈز بىرىدىغان ئىشلارغا ئوخشاش. ئۇلارغا مۇنداق ھۆكۈم بىرىلىدۇ: ئەگەر ئەقىللىرىنىڭ كېتىشىگە ھارام بولمىغان بىر نەرسە سەۋەب بولغان بولسا، ئۇلاردىن سادىر بولغان ھارام سۆز ۋە ئىش- ھەرىكەتلەرى گۇناھ ھېسابلانمايدۇ. ئەگەر بۇنىڭ ئەكىسىچە، ئەقىلنىڭ كېتىپ قىلىشىغا ھارام ئىشلار سەۋەب بولغان بولسا، گۇناھ بولىدۇ. ھالال ئىشلار ئارقىلىق ئەقلىدىن كېتىپ قالغاندا قىلغان ئىش- ھەرىكەتلىرىگە گۇناھ بولمىغاندەك، ئۇ سۆزلەرنى نەقىل قىلىشقا، ئىشلىرىنى توغرا، دەپ قاراشقا ۋە ئۇلارغا ئەگىشىشكە بولمايدۇ. ئېنىق شەرئىي مەسئۇلىيەتلەردە ئۇلار غاپىل ۋە مەجنۇنلار قاتارىدا ئايرىم مۇئامىلە قىلىنىدۇ.";

* ھازىرقى دەۋردە سۇپىزمغا مەنسۇپ بەزى كىشىلەرنىڭ بەلگىلىمىلەردىن ھالىقىپ كېتىشى:
- سوپىزمنىڭ خاتالىقى، دەپ قارىلىۋاتقان شېرىككە ئائىت ئەڭ گەۋدىلىك ئەھۋاللار تۆۋەندىكىچە:
1- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەققىدە بەلگىلىمىدىن ھالقىپ كېتىش.
2- ھۇلۇل ۋە ئىتتىھاد.
3 - ۋەھدەتۇل ۋۇجۇد.
4- ئەۋلىيالار توغرىسىدا بەلگىلىمىدىن ھالقىپ كېتىش.
5- نۇرغۇنلىغان يالغان دەۋالىرى. ۋەھيىنىڭ توختىمىغانلىقى ۋە ئۇلارغا قىلىنىدىغان دۇنيا- ئاخىرەتتىكى ئەۋزەللىكلەرگە دائىر قىلغان دەۋالىرىغا ئوخشاش.
6- ئاللاھنى زىكىر قىلىش بىلەن مەشغۇل بولۇش دەۋاسى بىلەن، ئاللاھ تائالانىڭ شەرىئىتى ئارقىلىق ھۆكۈم قىلىشقا ھەمكارلىشىش ۋە ئۇنىڭ يولىدا جىھاد قىلىشنى تاشلاپ قويۇش. ئەمما، ئەمىر ئابدۇلقادىر ئەلجەزائىرىيغا ئوخشىغان مۇستەملىكىچىلەرگە قارشى مەدھىيەلەشكە تېگىشلىك مەيداندا تۇرغانلىرىمۇ بار.
7- تەسەۋۋۇپقا تەۋە بەزى كىشىلەر كۆپىنچە ئەھۋاللاردا شەرىئەت ھۆكۈملىرىنى چىڭ تۇتۇشقا سەل قارايدۇ.
8- شەيخلەرگە بولغان تائەتلىرى، ئۇلارغا باش ئىگىشلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئالدىدا گۇناھلىرىنى ئېتىراپ قىلىشلىرى ۋە ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ مازارلىرىنى سىيلاشلىرى قاتارلىقلار.
9- زىكىر دەپ ئاتاپ، ئاللاھ تائالا بۇيرىمىغان نۇرغۇن مەسىلىلەردە بەلگىلىمىدىن ھالقىپ كېتىش. مەسىلەن، بەدەننى تىترىتىپ، ئوڭ ۋە سولغا قېيىش، ھەر قېتىمدا يالغۇز ئاللاھ كەلىمىسىنىلا تەكرارلاش، مەشايخلارنىڭ قەلىب كۆزلىرى ئېچىۋېتىلگەن، دەپ دەۋا قىلىش، ھاجەتلىرىنىڭ راۋا بولۇشى ئۈچۈن ئۇلارنى ۋەسىلە قىلىش ۋە ھايات ۋە ئۆلگەن كېيىن ئاللاھ دەرگاھىدا ئۇلارنىڭ ماقاملىرى بىلەن دۇئا قىلىشقا ئوخشىغان مەسىلىلىرى بار.
پىكىر ۋە ئەقىدىلەرنىڭ يىلتىزلىرى:
- سوپىزم ئەقىدىسى بويىچە كۈچ چىقىرىش مەسىلىسى، ئىنساننىڭ نەپسىنى چېنىقتۇرۇش، ھاۋايى- ھەۋەسلىرى ئۈستىدىن غالىپ كىلىشكە بولغان ئىھتىياجنى ھېس قىلغان ناھايىتى قەدىمىي زامانلارغا سۇزىلىدۇ.
- سوپىزم چاقىرىۋاتقان زاھىدلىق، تەقۋالىق، تەۋبە ۋە رازىلىق... قا ئوخشىغان ئىشلارنىڭ ئىسلام دىنىدىن ئىكەنلىكىدە شەك يوق. ئىسلام ئۇلارنى چىڭ تۇتۇشقا ۋە شۇلار ئۈچۈن ئەمەل قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ. ئەمما، سوپىزم بۇ مەسىلىدە ئىسلام چاقىرغان نوقتىلارغا خىلاپلىق قىلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرى تۇتقان يولنىڭ ئەكسىچە، بۇ ئاتالغۇلار ئۈچۈن ئوقۇم ۋە سۇلۇكلارنى پەيدا قىلىشتى.
ھۇلۇل، ئىتتىھاد، فەنا ۋە كۆپلىگەن كۈچ سەرپ قىلىش يوللىرىنىڭ بەزى مۇرىتلىرى يىتىپ بارغان بىر قاتار مەسىلىلەر بولسا، ھىندۇزم، جاينىيلىق، بۇددىزم، ئەپلاتۇنچىلىق، زەردۇشت ۋە خىرىستىيانچىلىققا ئوخشاش، ئىسلامنىڭ سىرتىدىكى مەنبەلەردىن سىزىپ كىرگەن مەسىلىلەردۇر. تەسەۋۋۇپنى تەتقىق قىلغان بىر قاتار تەتقىقاتچىلار بۇ ھەقتە قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇلار:
- شەرقشۇناس ماركوسقا كۆرە، تەسەۋۋۇپ شام راھىبلىرىدىن كەلگەن..
- شەرقشۇناس جونس ئۇنى ھىندىستان ۋىداسىغا قايتۇرىدۇ.
- نىكولسونغا كۆرە، ئۇ شەرق دىنلىرى بىلەن يۇنان پىكرىنىڭ بىرلىشىشىدىن مەيدانغا كەلگەن ياكى تېخىمۇ ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا: يېڭى ئەپلاتۇنچىلىق پەلسەپىسى، خىرىستىيانچى دىنلار ۋە گانۇسى مەزھىپىنىڭ بىرلىشىشىدىن تۈرەلگەن.

- ھەللاجنىڭ "ھۇلۇل" ۋە ئىبنى ئەرەبىينىڭ "كامىل ئىنسان" توغرىسىدا ئېيتقانلىرى خىرىستىيانلارنىڭ ئىيسا ئەلەيھىسسالام توغرىسىدىكى مەزھىپىگە ماس كىلىدۇ.
- توغرا يولدىن چىققان تەسەۋۋۇپ ئىشىكنى كەڭ ئېچىۋەتكەن بولۇپ، ئۇ ئىشىك ئارقىلىق مۇسۇلمانلار ئارىسىغا سۆرەلمىلىك، پاسسىپلىق، ئىنساننىڭ سالاھىيىتىگە سەل قاراش، شەيخنىڭ سالاھىيىتىنى يوقىرى بىلىش ۋە بۇنىڭدىن باشقا ساھىبىنى ئىسلامدىن چىقىرىپ تاشلايدىغان نۇرغۇن بىدئەت ۋە ئازغۇنلاردىن ئىبارەت كۆپلىگەن شۇملۇقلار ئېقىپ كىرگەن.
تارقىلىشى ۋە نۇپۇز دائىرىسى:
سوپىزم تەرىقەتلىرى ھىندىنوزىيە، ئافرىقىنىڭ كۆپ قىسمى ۋە باشقا يىراق يەرلەردە، "جەزب" دەپ ئاتىشىدىغان بىر خىل روھىي تەسىر كۈچلىرى ئارقىلىق ئەسكەرلەر تەرىپىدىن فەتھى قىلىنمىغان نۇرغۇن جايلاردا ئىسلامنىڭ تارقىلىشى ئۈچۈن زېمىن ھازىرلىغان..
تەسەۋۋۇپ زامان بويلاپ تارقىلىپ، ئىسلام ئالەمىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. ئۇلارنىڭ پىرقىلىرى مىسىر، ئىراق، ئافرىقىنىڭ غەربى شىمالى ۋە ئاسىيانىڭ شەرق، ئوتتۇرا ۋە غەرب قىسىملىرىدا مەيدانغا كەلدى ۋە كېڭەيدى.
ئۇلار شېئىر، نەسىر، مۇزىكا، ناخشا ۋە غەزەل تۈرلىرىدە مۇھىم ئىزلارنى قالدۇردى. ئۇلارنىڭ قونالغۇ ۋە راباتلارنىڭ تەسىس قىلىنىشىدىمۇ ئىزلىرى بار.
غەربلىك ماددا پەرەستلەرنى ئىسلامغا جەلىپ قىلىشتىمۇ سوپىزم روھانىيىتىنىڭ تەسىرى بولدى. مارتىن لىڭس بۇلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: "مەن ياۋرۇپالىقمەن، روھىمنىڭ قوتۇلىشى ۋە نىجاتلىقىنى تەسەۋۋۇپتا ئۇچىراتتىم". غەربلىكلەرنىڭ تەسەۋۋۇپ روھانىيىتىگە بىرىلىشى ۋە تەسەۋۋۇپ توغرىسىدا ئىزاھ ۋە نەزىرىيەلەرنى يازغان ماددىي ئىنتىلىشلىرىگە بولغان ھەيرانلىقلىرىدىن باشقا، غەربلىكلەر ۋە غەرب، شەرق ئۇنۋېرسىتىتلىرىدىكى شەرقشۇناسلىق مەركەزلىرىنىڭ تەسەۋۋۇپقا بولغان كۆڭۈل بۆلۈشى ئادەمنى شەكلىنىشكە ئېلىپ بارىدۇ. بۇ يەردە شەرقشۇناسلار، ئاكادېمىك مۇئەسسەسەلەر ۋە ئومۇمەن غەربلىكلەرنىڭ تەسەۋۋۇپقا كۆڭۈل بۆلىشىگە مۇناسىۋەتلىك باشقا سەۋەپلەرمۇ بار. بۇ سەۋەپلەر:
- تەسەۋۋۇپتا بار بولغان پاسسىپ، تەسلىمچانلىققا ياتىدىغان تەرەپلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئارقىلىق ئۇنى ئىسلام، دەپ تەسۋىرلەش.
- تەسەۋۋۇپتا خىرىستىيان راھىبلىقلىرى بىلەن بىر يەردىن چىقىدىغان تەرەپلەر بولۇپ، ئۇنى شۇ خىل ئېقىمنىڭ داۋامى، دەپ قاراش.
- ئازغان مۇتەسەۋۋۇپلارنىڭ بارلىق دىنلارنى قوبۇل قىلىشقا بولغان مايىللىقى ۋە ئۇنى روھىي تەربىيەنىڭ ۋاسىتىسى، دەپ ھېسابلىشى. غەربتە ئۆزىنى مۇتەسەۋۋۇپ دەپ ھېسابلايدىغان، مۇسۇلمان بولماستىنلا، بىر قىسىم ئىسلامىي ئاتالغۇلارنى ئىشلىتىدىغان، ئىسلامىي سۈلۈكلارنى ئېلىپ بارىدىغان كىشىلەر بار. ئۇلار يەھۇدىي، خىرىستىيان، بۇددىزىم ۋە باشقا دىنلارنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ئىچىدىن چىققان.

- سوپىزم ئون توققۇزىنچى ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە يىگىرمىنچى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا چىكىنىشكە باشلىدى. گەرچە بىر قىسىم ئىسلام دۆلەتلىرى ھەممە جەھەتتىن ئىسلامنى تەتبىقلاشتا مۇسۇلمانلارنى قوزغىتىشنىڭ ئاساسلىق ئامىلى سۈپىتىدە ئۇلارغا يارىدەم بېرىپ كىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئىلگىرىكى نوپۇزى تۈگەپ كەتتى.
يۇقىرىقىلاردىن شۇ نەرسە ئايدىڭلىشىدۇكى: تەسەۋۋۇپ ئۇزۇن تارىخى بويىچە ئىلىم، ئەمەل، جىھاد، ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇش، ئۈممەتكە مەنپەئەت يەتكۈزۈش ۋە دىننى تارقىتىشلاردا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان ئىسلام قىزىقتۇرغان سۈلۈك يولىنى كۆرسىتىپ بەرگەن مېتودتىن ئېغىپ كەتكەن بىر ئېقىمدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىنىڭ ئۇنداق قىلىشىنى توسقان. كېيىنكى دەۋرلەردە ھىندى، يۇنان پەلسەپىلىرى ۋە خىرىستىيان راھىبلىقلىرى بىلەن ئارىلىشىپ كەتكەن چاغدا بۇ خىل ئېغىش تېخىمۇ ئەۋجىگە چىققان. ھالال رىزق تېپىپ يىيىش يولىدىكى ھەرىكەتلىرى كەملەپ، ئىلمىي دەسمايىلىرى ئازلاپ كەتكەنلەرنىڭ ئارىسىدىن چىققان سىھىرگەر ۋە دەججاللارنىڭ تىجارىتىگە ئايلانغان چاغدا ئىش تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ كەتكەن. بۇنى ئىسلامنىڭ دۈشمەنلىرى بايقاپ، تەسەۋۋۇپ ئارقىلىق ئىسلامنى ئىچكى قىسىمدىن خۇنۇكلەشتۈرۈش، ئىسلامنىڭ ئالاھىدىلىككە ئىگە تەۋھىد ئەقىدىسىنىڭ ساپلىقىنى يوقىتىپ تاشلاش ۋە مۇسۇلمانلارنى مەڭگۇ مىدىرلىماس شەكىلدە پاسسىپلىققا ئەسىر قىلىپ قويۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەن.

ئەتراپلىق مەلۇمات ئۈچۈن پايدىلنىش مەنبەلىرى:
- ئەھمەد تەۋفىق ئەيياد:التصوف الإسلامي  -ئەنگىلو ئەلمىسرىييە، 1970م.
- ھۆججەتۇل ئىسلام ئەلغەزالىي: المنقذ من الضلال- د.ئابدۇلھەلىيم مەھمۇدنىڭ تەسەۋۋۇپقا دائىر تەتىقاتلىرى، ھەسسان باسمىخانىسى- قاھىرە.
- ئىبنى تەيمىييە:مجموع فتوى، 11-جىلد، تەسەۋۋۇپ توغرىسىدا، 10-جىلد سۈلۈك توغرىسىدا،1398ھ نەشرى.
- د.ھەسەن ئىيسا ئابدۇززاھىر:الدعوة الإسلامية في غرب أفريقيا، ئىمام مۇھەممەد ئىبنى سەئۇد ئۇنۋېرسىتىتى كىتابچىلىرى، 1401ھ/ 1981م.
- د.ئېرفان ئابدۇلھەمىيد فەتتاھ: نشأة الفلسفة الصوفية وتطورها، ئىسلامىي كىتابخانا- بېيرۇت، 1394ھ/1974م.
- ئەبۇلئەلا ئەفىيفىي: في التصوف الإسلامي وتاريخه.
- نېيكلسون: الصوفية الإسلامية، شەرىيبە تەرجىمىسى.
- ئىمام غەزالىي:إحياء علوم الدين، ئەرەب كىتابلىرىنى جانلاندۇرۇش نەشرىياتى، 1957م.
- شەيخۇل ئەكبەر مۇھيىددين ئىبنى ئەرەبىي: الفتوحات المكية  ، بېيرۇت- سادر نەشرىياتى، چىسلاسىز.
- ھەللاج: كتاب الطواسين  ، بۇ كىتابنى لويس ماسنيون 1913-يىلى پارىژدا نەشىر قىلدۇرغان.
- أخبار الهلاج  ، بۇنى لو.م سىراب، نوينسام س.ش لار نەشىر قىلدۇرغان.
- ديوان الحلاج، بۇ كىتابنى لويس ماسنيون 1931-يىلى پارىژدا نەشىر قىلدۇرغان.
- ئەبۇ نەسىر ئەسىسىراج ئەتتۇسىي: كتاب اللمع، (بۇ كىتابنى د.ئابدۇلھەلىيم مەھمۇد ۋە تاھا ئابدۇلباقىي سۇرۇرلار تەھقىق قىلغان)، يېقىنقى زامان كىتابلىرى نەشىرىياتى- قاھىرە، 1960م.
-ئەبۇلقاسىم ئىبنى ئابدۇلكەرىم ئىبنى ھەۋازن:الرسالة القشيرية،مۇھەممەد ئەلى سۇبەيھ كىتابخانىسى-قاھىرە، 1957م.
- ئارنولد رىنولدز نىيكلسون: في التصوف الإسلامي وتاريخه، (بىر يۇرۇش ماقالىلار بولۇپ، د.ئەبۇلئەلا ئەلئەفىيفىي تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان) - قاھىرە، 1947م.
- ئابدۇلھەكىيم ئابدۇلغەنىي قاسىم: المذاهب الصوفية ومدارسها.
- ئابدۇرراھمان ئابدۇلخالىق: الفكر الصوفي في ضوء الكتاب والسنة.
- سادىق سەلىيم سادىق:       المصادر العامة للتلقي عند الصوفية.
- ئابدۇرراھمان دەمەشقىييە: أبو حامد الغزالي والتصوف.
- ئېھسان ئىلاھىي زەھىير: دراسات حول التصوف.
- مۇھەممەد ئەلئەبدۇھ، تارىق ئابدۇلھەلىيم:     الصوفية.
- مۇھەممەد ئەلھەسەن: المذاهب والأفكار في التصور الإسلامي.
- ئابدۇللاھ ئەلئەمىين: دراسات في الفرق والمذاهب القديمة والمعاصرة.
- زەكىي مۇبارەك، د.ئابدۇرراھمان بەدەۋىي: التصوف والأدب.
- د.ئابدۇرراھمان بەدەۋىي: تاريخ التصوف.
چەتئەل مەنبەلىرى:
- Nicholson. R. A. Studies in Islamic Mysticism, Combridge 1961.
- Spencer Trimingham. T. The Sufi Orders of Islam, Oxford 1971.
- Arberry. A.J. An Interduction to the History of Sufizm, Oxford 1942.
- Nicholson: Literary History of the Arabs.
- Macdonald: Development of Moslem Theology
- Sufizm: An Account of the Mystics of Islam, London 1956.
- Fazlur Rahman: Islamk London 1966.
- Encyclopedia of Religion anda Ethics 1908. The Articles: Soul- Pantheism Sufis.
- Encyclopedia of Islam. The New Edition. The Articles: Al-Hallaj -ibn-Arabi Al-Bistami- Asceticism.
يازازما مەنبەسى :
http://bbs.kangsay.com/read.php?tid-17800-fpage-1-page-1.html
simfoniya
چوققا [15 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-24 20:16 |
bahadirkomul
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3236
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 36
شۆھرەت: 185 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 185 سوم
تۆھپە: 111 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 111 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 56(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-07
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئافاق غوجانى ئونمىڭ قېتىم ئۆلتەرسىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قان قەرزى تۈگىمەيدۇ.
lutun
چوققا [16 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-24 21:36 |
camel
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 5095
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 45
شۆھرەت: 228 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 229 سوم
تۆھپە: 136 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 137 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 89(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-12-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

پەيغەمبىرىمىز شۇنداق دىگەن :دۇنيادا پەقەت ئىككىلا خىل ئادەم بار ،بىرى ياخشى ئادەم ،يەنە بىرى يامان ئادەم دەپ.لىكىن بەزى كىشىلىرىمىز بىر قۇرئاننى،بىر دىننى نەچچە سۈلۈككە،نەچچە .مەزھەپكە بۆلۈپ كىلىۋاتىدۇ،بارلىق مۇسۇلمانلار بىر .بىز ھەرگىزمۇ قەدىمقى سەئىدىيە خانللىقىنىڭ تىراگىدىيەسىنى تەكرارلىماسلىقىمىز كېرەك.
simfoniya
جان چىقسىمۇ ئانا تىلدا سۆزلەيلى....
چوققا [17 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-25 11:06 |
gohar
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6990
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 3
شۆھرەت: 15 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 15 سوم
تۆھپە: 9 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 9 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 2(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-04-25
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بىزنى ياراتقان ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ بىسىھاپ سالامى سىزگە ۋە ئائىلىڭىزگە بولسۇن ، بەرىكەت ئىشىكى سىزگە ھامان ئېچىقلىق تۇرسۇن ، ئىمان نۇرلىرى يۈزلىرىڭىزدە پارلىسۇن  .....
saltanat
چوققا [18 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-25 12:53 |
budunya
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 5764
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 575
شۆھرەت: 2911 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2913 سوم
تۆھپە: 1743 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1744 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 519(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 11قەۋەتتىكى hakanbuyuk420دە2012-04-24 18:01يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
سوپىزىمنى ئاپپاق غوجاتەرغىپقىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ نۇرغۇنلىغان يارىخى ماتىرىياللىرىنى كۆيدۈرۈپ ئۇيغۇرمەدەنىيىتىنىڭ كەينىگەچېكىنىپ كېتىشىگەسەۋەپ بولغان.
  بۇ كىمنىڭ  گىپى؟ تارىخىي  ئىسپاتلار بارمۇ؟

بۇ مېنىڭ گېپىم .سىزگە قانداق ئىسپات كېرەك؟
ساۋادى بارئادەملابولسابۇھەقىقى تارىخنى بىلىدۇ.
سىز (جاللات خېنىم)رومانىنى ئوقۇسىڭىز شۇلاكۇپايە
ozgul munbar
ئۇلۇغ ئاللادىن ئاتا-ئانامنىڭ ساقلىقىنى تىلەيمەن
چوققا [19 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-25 13:45 |
tunji
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6299
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 20
شۆھرەت: 105 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 105 سوم
تۆھپە: 62 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 62 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 51(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىلىم ئەپەندىم، سىزنىڭ مۇنداق بايانلىرىڭىز باركەن:
پەقەت ساختا مۇسۇلمان بولىۋالغان يەھۇدىي جەمەتىنىڭ قۇتىرتىشى بىلەن ھەزرىتى ئەلىنى خەلىپە قىلماق بولغان بىر بۆلەك شەيتاننىڭ كەينىگە ماڭغان ئىنسانلار قان تۆكۈشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى .
ئالىملار ئېيتىدۇكى مەزھەپ ھەرگىز ھۆكمىرانلارغا قۇرال بولۇپ بىرىدىغان نەرسە ئەمەس بەلكى بىر ئىلىم يولى .لېكىن شىئە مەزھىپى تەكەببۇرلۇقنى دوست توتقان ،پەيغەمبەرنىڭ خەلق ئىچىدىن خەلىپە بەلگۈلەش بۈيۈك چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشمىغان بىر ئەشەددىي بىدئەت مەزھەپتور .ئۇلار بىر سىياسى كۈچتور ھەرگىز ئىلمى كۈچ ئەمەس .دىمەك شىئە مەزھىپى بىر مەزھەپ ئەمەس .ئۇنى مەزھەپ دىيىش ئىسلامغا بوھتان چاپلىغانلىق بىلەن بارەۋەردور .
____________________
بەك چەكتىن ئاشۇرۋىتىپسىز، مەن ئەمدى ئاراق بىرنەرسىنى چۈشەنگەندەك قىلىۋاتىمەن. مەزەپلەر مۇناسىتىنى شۇنچە كۆچەپ، چىڭغا چىقىرىش زادى نېمە سەۋەپ بولدى؟ شىئە مەزىپىنى مەزھەپ دېيىش ئىسلامغا بوھتان چاپلىغانلىق بولىدىگەن. يەنە كېلىپ ئەشەددىي بىددەت مەزەپكەن . دەرۋەقە سىزنىڭ يازمىلىرىڭىزدىن ئۇلارنى بىددەت ، ئەشەددىي مەزھەپ ئىكەنلىكىنى بىلىپ ئولتۇرۇپتىمىز. سىزنىڭچە بىر ئىسلام دىنىدىكى ئوخشىمىغان ئىقىمغا ئەگەشكەنلەرنى شۇنچىلىك بىددەتكە چىقىرىش نېمىگە شۇنچە زورۈر بولۇپ قالدى؟ قاراپ تۇرۇپ شىئە مەزىپىگە ئەگىشىدىغان نەچچە يۈز مىليۇن مۇسۇلماننى كاپرىغا چىقىرۋتىپسىز. سىزگە بۇ ھوقۇقنى كىم بەرگەن؟ ياكى سىزنىڭ مەخسۇس مەزەپ ئىشلىرىدا پەتۋا بېرىشكە ئەۋلىيالىرىڭىز تەرپىدىن  ئالھىدە ئىجازەت بېرىلگەنمۇ؟ ... مېنىڭچە بېرىلىمىگەن. ئەگەر سىزگە شۇنچىلىك ئىمتىياز بېرىلسە ، سىزنىڭ شىنجاڭ زىمىنىدا كۆك تاغلىق گورۇھىنى شەكىللەندۈرىشىڭىز چوقۇمكەن. ئىلىم ئەپەندى سىنىڭ نۇرغۇللىغان يازمىلىرىڭىز ھەم ئىنكاسلىرىنىڭىزنىڭ قىزغىن ئىشتىراكچىسىمەن. لىكىن، سىزنىڭ بۇنچىلىك دەرىجىدە مەزھەپ ئەسبىيچىسى ئىكەنلىكىڭىزنى بىلمەپتىمەن. سىز ھازىر ئىراقتاياشىسىڭىز، بىرنچى دەرىجىلىك ئوت قۇيرىقى ئىقىمى بولۇپ ، ئىراق زىمىنىدا بىر كۈنمۇ تىنچلىقنىڭ بولىشىغا يول قويمايدىغان دەرىجىگە يېتەلەيدىگەنسىز. سەل ئىلمىي مۇھاكىمە قىلسىڭىز. سىز دەۋاتقان شۇ شىئەلەرنى مەن سىزدىن ئوبدان بىلىمەن. ئۇلارنىڭ ئەگەشكەن يولى مۇھەممەد ئەھليىسسالامىنىڭ نەۋرە ئىنىسى ھەزرىتى ئەلى ۋە ئۇنىڭ نەۋىرلىرىنىڭ يولى... ئۇلارنىڭ قارىشچە ھاكىمىيەت شۇلارغا تەۋە بولسا ئىسلام يولى توغرا بولىدۇ . ئىختىلاپنىڭ ھەممىسى شۇ..ئەھلىي سۇننىيلەرنىڭ يولى باشقىلار ھاكىمىيەت تۇتسا بولىدۇ ، دېگەن قاراشنىڭ نەتىجىسىدە شەكىللەنگەن يول. لېكىن سەگەكلىك بىلەن قارىساق ئەھلىي سۈنىلەردىن ھاكىمىيەت تۇتقان قايسى ھۆكىمدار ، ئۆز ھاكىمىيتىنى ئاۋامغا ئۆتكۈزۈپ باقتى. ئەنە سەئۇدى ئەربىستاننىڭ پادىشاھسى ئابدۇللا، ئۇنى قايسى ئەھلى سۈننىي پادىشاھ  قىلىپ سايلىدى. ھاكىمىيەت ئەجدادىدىن مىراس قىلىۋاتىدىغۇ؟ ... دەرۋەقە ھەر ئىككى مەزەپلەردە ئوخشىمىغان دەرىجىدە مەسىللەر ساقلانغان... بىز شۇ مەزپلەرنىڭ سىياسىي ھامىلىقىدا بولمىغاندىن كېيىن ، ئۆزىمىنىڭ دىننىي ئىشلىرىمىزنى قانداق راۋاجاندۇرۇش، ئۆز ئەقىدىلىرىمىزنى قانداق بېيىتىش ھەققىدە كۆپرەك باش قاتتۇرساق ياخشى بولامدىگىن دەپ ئويلايمەن... بۇنداق تېمىلار ئىلگىرى بۇ مۇنبەردە كۆرۈلمىگەن. 2-3 يىلدىن بىرى باشقا مۇنبەردە بار مەزمۇنلار ... مېنىڭچە يەنىلا مۇنبەرنىڭ ساپلىقىدا چىڭ تۇرساق. باشقىلارنى ئەيىپلەش ھېسابىغا ئۆزىمىزنى سەمرىتمەي،ئۆزىمىنىڭ توغرا يولىنىشنى شۇلارغا چۈشەندۈرسەك . سەل چېچىلىپ قالدىم ئەپۇ قىلارسىز.
چوققا [20 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-25 15:44 |
altun00
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 240
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 64
شۆھرەت: 395 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 395 سوم
تۆھپە: 231 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 231 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 54(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 19قەۋەتتىكى budunyaدە2012-04-25 13:45يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :

بۇ مېنىڭ گېپىم .سىزگە قانداق ئىسپات كېرەك؟
ساۋادى بارئادەملابولسابۇھەقىقى تارىخنى بىلىدۇ.
سىز (جاللات خېنىم)رومانىنى ئوقۇسىڭىز شۇلاكۇپايە

بۇدۇنيا،ئومرىدە بىرەپارچە كىتابنىمۇ ئوقۇپتۈگۇتۇپ باقمىغان كىشىلەربىلەن گەپتاكاللاشقاننىڭ پايدىسى يوق !(جاللات خېنىم 72كوي تۇسا قوساق ئاغىرمامدۇ ئېلىشقا گوشتىنقىممەتكىتاب لاردە ئۇ!!!!!!!!)بىزگە ھېچقاندەق مەزھەپ پىرئۇستا لارنىڭ لازىمى يوق بىزگە قۇرئان كەرىم،پەيغەمبەرنىڭ ھەدىس سۇننەتلىرى كۇپايە!ئاللاھ چۈشۇرگەن دىن بىر ئىسلام تۇرسا نېمىنى تالىشىپ مەزھەپلەگە بولۈندۇ؟ئالدىنقى جۈمەدىمۇ ئىسمايىل دا موللام بىزھەنەفىيە مەزىپىدىن دەيدۇ تېخى !شۇمۇگەپمۇ مۇسۇلمانلا بولساقېرىندىشىمىز،لېكىن مەن ھېچقانداق مەزھەپتە ئەمەسمەن پەقەت دىنىم ئىسلام
چوققا [21 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-25 16:04 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«1234»Pages: 2/4     Go
Bagdax bbs » تارىخ بەتلىرى