ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 32قەۋەتتىكى altun00دە2012-04-26 17:58يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
نېمىشقا مەزھەپكەتايىنسىز سىزنىڭ ئاللا بەرگەن كاللىڭىز يوقما ؟ئاللا نېمىشقا بىرپەيغەمبەرنى چۇشۇرگەن؟ نېمىشقا ئايرىم مەزھەپلەرنى چۇشۇرمەيدۇ بىردىننى پارچىلاپ 80خىل مەزھەپكە بولۈنسىڭىز نېمەگەپ ؟بىر ئاللا بىرقۇرئان بىر پەيغەمبىرىمىزتۇرسا؟سۈلكى ئىسھاقىيە بىلەن سۈلكى ئىشقىيە مۇرتلىرى(ئاپپاق خوجادېگەن تۇڭگۇزنىڭ مەزھىپى)شۇنچە گۈنلەنگەن سەئىدىيەنى پارچىلىغىنى ئىبرەت ئەمەسمۇ ؟قومۇل يەنە قانچە مەزھەپكە بولۈنسە ياخشى بولا ؟مەن يەنەشۇقاراشتا ماڭا مەزھەپنىڭ لازىمى يوق دىن لازىم قۇرئاندا نېمە دېيىلسە ئەيغەمبەرنىڭ يولىنېمە بولسا شۇ
ئەسلى ھېچكىمنىڭ مەزھەپلەرگە بۆلۈنگىسىمۇ يوق .پەيغەمبەر (س ئە ۋ) نىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ،قۇرئان ئاللاھنىڭ قوغدىشىدا بىر ھەرىپ چۈشۈپ قالمىدى .لېكىن مۇلۇم ھەدىس ۋە ئەمەللەر ئۇنتۇلۇپ قېلىش ياكى مەلۇم بىر ساھەبە ئاڭلىغان ھەدىس يەنە بىر ساھەبىگە ۋاقتىدا بارالماسلىق ياكى مەلۇم بىر ئالىم توپلىغان ھەدىس بىلەن يەنە بىر ئالىمنىڭ ئوخشاش چىقماسلىق تۈپەيلى، كېيىن ئەڭ قوقىنىشلىقى يەھۇدىيلارنىڭ سۈيقەستى بىلەن ساختا ھەدىسلەرنىڭ ئارلىشىپ كېتىشى تۈپەيلى ،ئۈممەتنى تېخىمۇ توغرا يولغا ماڭغۇزۇش ئۈچۈن بىر بۆلەك ئىسلام ئالىملىرى مەيدانغا كەلگەن .بۇ ئالىملارنىڭ مەقسىتى بىردور .ئۇلار ئارسىدا چوڭ جەھەتتە بىرلىككە كېلىپ،زامانداشلار بىر بىرىنى ھۆرمەتلەيدۇ ،كىيىن كەلگەنلەر بۇرۇنقىلارنى ئىتىراپ قىلىدۇ .پەقەت قىسمەن ئەمەل ۋە فىقھى مەسىلىلىرىدە مۇنازىرلىشىش بار .مۇشۇ ئالىملارنىڭ تۇتقان يولىنى دورىغان كېيىنكى كىشىلەر ئۆزىنى شۇ ئالىمنىڭ يولىدا دەپ قارايدۇ ،لېكىن باشقا ئالىملارنىڭ يولىدىكىلەرگە ئۆچمەنلىك ۋە كەمسىتىش ،ئىتىپاقسىزلىق قىلىپ باقمىغان .لېكىن شىئەلەر ۋە ئۇلارنىڭ تەسىرىدە مەيدانغا كەلگەن ساپ ھالىتىنى يوقاتقان سوفىلار يوقىرىدا دىيىلگەن تۆت مەزھەپ ئالىمىگە كىرمەيدۇ .
لېكىن دىيارىمىزدا سوفىزىم بىلەن ئىمام ئەزەم ئەزەمنىڭ تەرغىبارتلىرى ئارلىشىپ كەتكەن ،شۇڭا تەنتەكلىك بىلەن دىيارىمىزدىكى چوڭلارنى كىسىپ سوفى يولىدىكىلەر دىيىشكە بولمايدۇ .ئۇلارغا مۇھەببەتلىك بولىشىمىز ،ھۆرمەت قىلىشىمىز ، ئامال بار ئىتىپاقلىقنى ساقلىشىمىز لازىم .
سىز دىگەن ئاففاق غوجانىڭ تۇتقان يولى بىر مەزھەپ ئەمەس .بەلكى بارسا كەلمەس يول .شۇڭا ئۇنىڭ يولىغا مېڭىپ مەزھەپ ،سۈلۈك جىدىلى قىلماسلىقتا سىز بىلەن ھىسياتتا ئورتاقمەن .لېكىن سىزگە تەكلىپىم نىمىنىڭ ھەقىقى ئىلىم يولى يەنى مەزھەپ ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىڭ .
ئاللاھ ھەمىمىزنى ئىسلامغا نىسبەتەن دىللىرىمىزنى ئوچۇق قىلىپ بەرگەي .