باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى 1-ماي خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمىنى تەبرىكلەش يىغىنى ئېچىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى | تەھرىر:ئوسمانجان يۈسۈپ | يوللانغان ۋاقىت: 2012-04-28 15:12
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 28-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:
جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى 1-ماي خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمىنى تەبرىكلەش يىغىنى تۈنۈگۈن خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ۋاڭ جاۋگو پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋەكالىتەن مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: مەملىكەتتىكى كەڭ ئىشچى-خىزمەتچىلەر خوجايىنلىق قىياپىتى بىلەن سوتسيالىستىك زامانىۋىي قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىگە ئۆزىنى ئاكتىپ بېغىشلىشى، جۇڭگوچە سوتسيالىزمدا چىڭ تۇرىدىغان ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ئاساسىي كۈچ بولۇشى، ئىسلاھات ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىلمىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جەمئىيەت ئىناقلىقىغا تۈرتكە بولىدىغان نەمۇنىلەردىن، تىرىشىپ سەمىمىي ئەمگەك قىلىدىغان، ئەمگەكتە يېڭىلىق يارىتىدىغان ئۈلگىلەردىن بولۇشى كېرەك.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قوشۇمچە باش كاتىپ لى جيەنگو، دۆلەت كومىسسارى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باش كاتىپى ما كەي، مەملىكەتلىك سىياسى كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لىن ۋېنيى قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى يىغىنغا قاتناشتى، ھەم يىغىننىڭ ئالدىدا بۇ يىللىق مەملىكەتلىك 1-ماي ئەمگەك مۇكاپاتى، 1-ماي ئەمگەك مېدالىغا ئېرىشكەن ۋەكىللەر ۋە مەملىكەتلىك ئاۋانگارت ئىشچى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى.
بۇ ئەرلەرنىڭ نىمە ئىشلارنى قىلىدىغانلىغىنى بىر خۇدا بىر ئۆزى بىلىدۇ جۇمۇ ،