saltanat lutun irpan tera kesallikliri xipahanisi
بۇ تېما 1388 قېتىم كۆرۈلدى
elqut
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1875
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 28
شۆھرەت: 275 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 280 سوم
تۆھپە: 141 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 141 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 11(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-04
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 چۈشكۈنلۈك ۋايساشتىن قۇتۇلۇش ئۇسۇلى

چۈشكۈنلۈك ، ئىشەنچىسىزلىك، ۋايساش، قاخشاش پىسخىكىسىدىن قۇتۇلۇشنىڭ
 ئاددى ئۇسۇلى


      چۈشكۈنلۈك ۋە ئاغرىنىش ئەھۋاللىرىنىڭ ئېغىر بولۇشىنىڭ  ئاساسى سەۋەبى شۇ كىشىنىڭ ئۆزىگە ۋە ئۆز ئىقىتىدارىغا بولغان ئىشەنچىنىڭ ئاجىزلىغىدىدۇر. بۇ خىل كىشىلەر ئىككى خىل بولىدۇ.
1- تۇردىكى كىشىلەردە بۇ خىل ئىپادە بەك روشەن بايقىماق ئاسان ، ئىپادىسى روشەندۈر.
2- خىل كىشىلەردە بولسا بۇنى بايقىماق تەس، ئۇلار قارىماققا ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا نىسبەتەن ، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى تولۇپ تاشقان، جەڭگىۋار كۆرىنىدۇ. ھەتتا ئۆزىمۇ شۇنداق ھىس قىلىدۇ. ئەمما ئۇلار ئەمىلىيەتتە ئۇنىڭ ئەكىسىچە ئۆزىگە ۋە ئۆزگىگە ئىشەنچىسى يوق كىشىلەردۇر. ئۇلار ئۆزىگە ئىشەنچىسى بولمىغانلىق سەۋەبىدىن ئۆزگىگە ئىشەنمەيدۇ، ئۆزىنىڭ ئۆزگىلەرگە تەسىر قىلالايدىغانلىغىغا ، ۋە ئۆزگىلەرنى ئۆزگەرتەلەيدىغانلىغا ئىشەنمەيدۇ. لىكىن ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدىكى تەخىرسىزلىك، ئىنتىلىش ،ئالدىراشقا، جىددىلىشىكە ئۆزگىرىدۇ. ئۇلاردە ئەنسىرەش، قورقۇش پەيدا بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھەممىدىن بىزار بولۇش ، قارغاش ، قاخشاش پىسخىكىسى شەكىللىنىدۇ.
بۇ خىل پىسخىكىدىن قۇتۇلشنىڭ ئاددى ۋە ئۈنۈم بېرىدىغان ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە
1.        سىز ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ، ئۆزىڭىزنىڭ جەمىيەتتىكى ۋە ئەتراپىڭىزدىكى كىشىلەرگە تەسىر قىلىپ ئۇلارغىمۇ ئىشەنچ ئۈمىد ئەكىلەلەيدىغانلىغىڭىزغا ئىشىنىڭ. بۇ ئەڭ مۇھىم نۇقتا . ئۆزىڭىزگە ئىشەنمىسىڭىز ، ئەلبەتتە ئۆزگىلەرگە ئىشىنەلمەيسىز.
2.        سىز  مۇقەددەس كىتاپتىكى ‹‹ ماڭىلا ئىشىنىڭلار ،ۋە ماڭىلا تەۋەككۈل قىلىڭلار››  دىگەن سۆزنى تەھلىل قىلىڭ، ۋە  ھەر قانداق ئىشنىڭ يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىگى بارلىقىغا شەكسىز ئىشىنىڭ. يۇقارقى سۆزنىڭ  بىزنى ھەر ۋاقىت ئۇمىدۋار بولۇشقا چاقىرغانلىغى ھەر ۋاقىت ئېسىڭىزدىن چىقارماڭ.
3.         ئەتراپىڭىزدىكى جامىئەنىڭ ياخشى تەرەپلىرىنى كۈزىتىڭ ۋە خاتىرلەپ مېڭىڭ.ھەر ۋاقىت باشقىلارنىڭ ئاجىزلىغىنى كۈزىتىدىغن كۆزىڭىزنى ، ھەر ۋاقىت باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىغىنى كۈزىتىدىغان قىلىشقا تىرىشىڭ. ھەر ۋاقىت باشقىلارنىڭ يېتەرسىزىلىگىنى سۆزلەيدىغان تىلىڭىزنى ، ھەر ۋاقىت باشقىلارنىڭ ياخشىلىغىنى سۆزلەيدىغان تىلغا ئۆزگەرتىشكە تىرىشىڭ.
4.  باشقىلارغا ئىشىنىشنى، باشقىلارنى چۈشىنىشنى ، باشقىلارنى كەچۈرۈشنى ئۆگىنىۋىلىڭ.  
مۇھتاجلىق، ئاچلىق، نامراتلىقلىنڭ كىشىگە ئېلىپ كېلىدىغان روھى بېسىمنى ئوبدان تەسەۋۋۇر قىلىڭ. باشقىلارنىڭ ھازىرقى قىلمىشلىرىنى ئىجدىمائى، سىياسى، مەنىۋى ۋە ماددى سەۋەبلەردىن ئىكەنلىگىنى ( ئىلاھىيەت نۇقتىسىدىن ‹‹ بۇلارنىڭ ھەممىسى ياراتقۇچىنىڭ ئىرادىسى ›› ئىكەنلىگىنى ) ئەستىن چىقارماسلىغىمىز ، ۋە ئۆزىمىزنىڭ شۇلارنىڭ جۈملىسىدىن ئەمەسلىگىمىزدىن مەمنۇنلىنىشىمىز ۋە شۇ بىچارە ئاجىزلارنى قۇتۇلدۇرىۋىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق قىلىشىىز لازىم.
5. ئاجىز، پەقىر ، مۇھتاجلارغا ياردەم بېرىشنى ، باشقىلارغا ياخشلىق قىلىشنى خوشاللىق دەپ بىلىڭ. ھەر ۋاقىت كىچىك بولسىمۇ بىرەر ياخشى ئىشنى قىلىپ تۇرۇڭ . مەسىلەن : كوچىدىكى بىر تال تاشنى چەتكە ئېلىۋتىشمۇ ياخشى ئىشتۇر .
سىز ئۆزىڭىزنىڭ قىلغان ياخشى ئىشىڭىزدىن پەخىرلىنىشنى، ھۆزۇرلىنىشنى ئۆگىنىۋىلىڭ !


تېما تەستىقلىغۇچى : duttarqi
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-04-24, 14:09
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-04-24 14:05 |
曲马多!
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6949
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 11
شۆھرەت: 55 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 55 سوم
تۆھپە: 33 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 33 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 11(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-06
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

چۈشكۈنلۈك ، ئىشەنچىسىزلىك، ۋايساش، قاخشاش !

مەن بۇنىڭ تىپىپ مىسالى، لىكىن قۇتۇلۇش  ئۇنداق ئاسان ئەمەسكەن!
lutun
قىز-ئوغۇللىرىمىز  تۇگەشمەكتە!
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-25 22:20 |
vmid-nur
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6907
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 6
شۆھرەت: 30 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 30 سوم
تۆھپە: 18 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 18 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 6(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-07
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

دىگەنلىرىڭىز  ناھايتى   توغرا...
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-02 16:40 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » بەس بەس مۇنازىرە