بوستان قومۇل
ئەي گۈزەل بوستان قومۇل ساڭا كۈيلەر قاتقۇم كېلۇر،
شۇ ھېكمەتلىك باغرىڭدىن دۇر -گۆھەر قازغۇم كېلۇر.
شۆھرىتىڭ ھەم خىسلىتىڭدىن بارچە ئەل ساڭا ھەيران،
ھەر زامان سېنى كۈيلەپ شئېر- داستان يازغۇم كېلۇر.
ئون ئىككى تاغ ئارا سانسىز غول -ئېقىن تارام-تارام،
ئۆركەشلەپ ئاققان سۈيۈڭدە چۆمۈلۈپ ئاققۇم كېلۇر.
خەلقى ئىشچان قولى گۈل مېھنەت ئەجىردىن ياشنىغان،
بەرىكەت تولغان باغرىڭغا باغرىمنى ياققۇم كېلۇر.
گۈل-گۈلىستان باغلىرىڭدا سەيلە قىلغاچ ھەر سەھەر ،
كۈي- مۇقام ،داستانلىرىڭغا جۆر بولۇپ ئىيتقۇم كېلۇر.
يۇرتمۇ -يۇرتلىرىڭدا قىززىپ كېتەر ،مەشرەپ،بەزمە توي..
شوخ ئۇسۇل ،سەنمىڭنى قانچە كۆرسەم كۆرگۈم كېلۇر.
ئارمىنىم شۇ بىر قۇش بولۇپ ھەريان پەرۋاز قىلىپ ،
شۇ گۈزەل باغلار ئارا گۈل شېخىغا قونغۇم كېلۇر.
كۆپ ئەجىر -مېھنىتى بىلەن چۆلنى بوستان ئەيلىگەن،
بارچە يۇرتۇم خەلقىگە گۈل دەستىلەر سۇنغۇم كېلۇر.
بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى يۇرتۇم خوتۇنتامغا بارغانتىم ، باشلانغۇچتا بىللە ئوقۇغان ساۋاقدىشىم ھاپىزجان زاكىر(دېھقان) بۇ شېئىرىمنى ياخشى تور بەتلىرىدە چىقىرىپ قويسىڭىز دەپ ھاۋالە قىلغانتى،كۆپچىلىكنىڭ بۇ شئېرنى ئوقۇپ قىممەتلىك تەكلىپ -پىكىر بېرىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.