65-قەۋەتتىكى ئىنكاسىمدا «يىللاردىن بۇيان خەنزۇ تىلىدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇغان مىللىيلارنى تاللاپ ئىشقا قويۇش ئاساسىي ئېقىمغا ئايلىنىپ قالدى. بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەرمۇ ئۇلارنىڭ خەنزۇ تىلىنى بىلىدىغانلىقىدىن بولغان. بۇنى خاتا ئىش دېمىگەندىمۇ ئەمما ئۇنىڭدا قىسمەن نۇقسانلار يوق دېگىلى بولمايدۇ.بىر مىللىي كادىرنىڭ ئېغىزچە خەنزۇچە تەلەپپۇزىنىڭ راۋان بولۇشى شۇ كىشىنىڭ پۈتۈن ساپاسىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.» دېگەنىدىم . بۇنىڭ ئۆزۈم ھېس قىلغان قىسمەن سەۋەبلىرى :
خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇغان ئەمما ئۆز ئانا تىلىنى ئانچە پىششىق بىلمەيدىغان بىر ئويغۇر مۇئاۋىن ۋالىينىڭ ھەجگە بارىدىغان ئويغۇر موللاملارغا ساپ خەنزۇ تىلىدا يىغىن ئاچقانلىقىنى ئۆز قۇلىقىم بىلەن ئاڭلىغانمەن. تېخى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدا 2011-يىلى باش ئەتىيازدا چاقىرىلغان « ئىككى يىغىن»دا رەئىس نۇر بەكرى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلىۋاتقان دوكلاتنى ساپ ئۇيغۇر تىلىدا شۇنچە ۋەزمىن بېلەن چۈشىنىشلىك قىلىپ ئوقۇۋاتسا ئالدىنقى قاتاردا يىغىن ئاڭلاۋاتقان ۋىلايەت-ئوبلاسىتلارنىڭ ۋالىي-ئوبلاسىت باشلىقلىرى قاتارىدا ئولتۇرغان بىرئۇيغۇر ۋالىينىڭ قۇلىقىغا تىڭشىغۇچ تىقىۋېلىپ دوكلاتنى خەنزۇچە ئاڭلاۋاقتان ھالىتى تېلېۋىزوردا تارقىتىلغاندىن كېيىن جەمئىيەتتە سەلبىي تەسىرلەرنى پەيدا قىلغانلىقىدىن خەۋەرسىز ئەمەسمىز.
مودىغا ئەگىشىۋاتقان يەنە بىر قىسىم مىللىي رەھبەرلەر ئەتە-ئاخشاملاردىكى مېھماندارچىلىق-ئويۇن -تامماشىىلىرىنى تاشلاپ خەنزۇ تىلىنى ئۆز تىل قانۇنىيىتى بويىچە تىرىشىپ ئۆگەنمەكتە يوق،تېخى تۈزۈك خەنزۇ تىلى سەۋىيىسىنى ھازىرلىماي تۇرۇپ ئەتەي ئۆزىنى سەۋىيىلىك قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن يىغىنلاردا چۈشىنىكسىز تەلەپپۇز قىلىپ، ھەتتا بۇزۇپ تەلەپپۇز قىلىپ، خەنزۇ تىلىنىڭ تىل قانۇنىيىتىگە ھاقارەت كەلتۈرىۋاتقانلىقىدىن؛ ھەتتا ئۇيغۇرچە ئىلتىماس،ھۆججەتلەرگىمۇ خەنزۇچە ئىمزا قويىۋاتقانلىقىدىن تېخىمۇ خەۋەرسىز ئەمەسمىز.
بۇ ھەقتىكى بەزى مىساللار قىسقارتىدى.
---------------------------------------------
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتىنىڭ ئاساسى قانۇنى»نىڭ4-ماددىسىدا يەنە « ھەر قايسى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تىل-يېزىقىنى ئىشلىتىش ئەركىنلىكىگە ئىگە » دەپ ئېنىق بەلگۈلەنگەن.
يالغۇز ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىق ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنىلا ئېلىپ ئېيىتساق ، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساىي قانۇنى » ۋە « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي تېرىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى » قاتارلىق قانۇنلاردا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىق ئەركىنلىكى تولۇق كاپالەتكە ئىگە قىلىنغاندىن سىرىت يەنە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تۈزگەن ئون قانۇن ؛ گوۋۇيۇەن ۋە ئۇنىڭ فۇنكىتسىيىلىك تارماقلىرى تۈزگەن 23قانۇن-نىزام ۋە قائىدە –تۈزۈملەر ؛ ھەر دەرىجىلىك يەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر تۈزگەن 23تۈرلۈك يەرلىك نىزامدىمۇ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز تىل-يېزىقىنى قوللۇنۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان ۋە قېلىپ لاشتۇرۇلغان.
دېمەك بىزنىڭ ئۇيغۇر تىلىمىز « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساىي قانۇنى » ۋە « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي تېرىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى » قاتارلىق قانۇنلاردا ، گوۋۇيۇەن ۋە ئۇنىڭ فۇنكىتسىيىلىك تارماقلىرى تۈزگە قانۇن-نىزام ۋە قائىدە –تۈزۈملەردە ھەمدە ھەر دەرىجىلىك يەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر تۈزگەن تۈرلۈك يەرلىك نىزامدىمۇ قانۇنلۇق ئورنى توللۇق ئېتىراپ قىلىنغان قانۇنلۇق تىل.
ھەممىگە مەلۇمكى مىللىي تېرىتورىيىلىك ئاپتونومىيىنى يولغا قويغان ئاپتونوم رايونلارنىڭ ئۆز ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن يەرلىك نىزام-بەلگۈلىمىلەرنى تۈزۈش- ئېلان قىلىش-يولغا قويۇش ھوقۇقى بار.مەن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەشۇ ھوقۇقىنى توللۇق يۈرگۈزۈپ، ئۆز ئالدىغا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ساپلىقى ۋە ئىستىمالدىكى ئورنىنى ساقلاشقا دائىر نىزام-بەلگۈلىمىلەرنى تۈزۈپ- ئېلان قىلىپ-يولغا قويۇشى ھەققىدە تەكلىپ بېرىمەن. بۇنىڭدا «ئومۇمەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ۋەزىپىگە تەيىنلىنىدىغان دۆلەت گىراژدانلىرى -مەيلى ئۇ قايسى مىللەتتىن بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر دۆلەت تىلى بولغان خەنزۇ تىلىنى توللۇق بىلىشى ئاساسىدا يەنە بىردەك ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ئىمتاھانىسىغا قاتنىشىپ لاياقەت گۇۋاھنامىسى ئالغان بولۇشى شەرىت» دېگەن ماددا چوقۇم كىرگۈزۈلسە. دەرىجە ئۆلچىمى ئەھۋالغا قاراپ بېكىتىلسە ياكى ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللانسا بولىدۇ.
قازاقىستان ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ پېرزېنىتلىق سايلىمىغا قاتنىشىدىغان نامزاتلارنىڭ دۆلەت بېكىتكەن قازاق تىلى ئىمتاھانىدىن ئۆتۈشىنى شەرىت قىلغان.
مەن كۆرگەن يەنە بىر ماتېرىيالدا ئوكرائىنا نەچچە يىللار بۇرۇن ساپ ئوكرائىن تىلىنى بىلمەيدىغانلارنى ھۆكۈمەت تارماقلىرىدىن بولۇپمۇ ئاخبارات -نەشەرىيات ئورۇنلىرىدىن چەتلەشتۈرۈش پەرمانى چىقارغان.
مېنىڭ يۇقۇرقى تەكلىپنى سۇنۇشۇم قانداقتۇر قاقىستان ۋە ئوكرائىنالارنىڭ ئانا تىلنى قوغداش ھەركىتى بېلەن مۇناسىۋەتسىز . مەن پەقەت ئۇيغۇر تىلىمىزنىڭ« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساىي قانۇنى » ۋە « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي تېرىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى » قاتارلىق قانۇنلاردا ، گوۋۇيۇەن ۋە ئۇنىڭ فۇنكىتسىيىلىك تارماقلىرى تۈزگە قانۇن-نىزام ۋە قائىدە –تۈزۈملەردە ھەمدە ھەر دەرىجىلىك يەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر تۈزگەن تۈرلۈك يەرلىك نىزامدىمۇ قانۇنلۇق ئورنى توللۇق ئېتىراپ قىلىنغان قانۇنلۇق تىل ئىكەنلىكىنى ئاساس قىلىپ يۇقۇرقى تەكلىپنى سۇندۇم.
[ بۇ يازمىنىbozqirدە2012-04-26 23:13قايتا تەھرىرلىد ]