saltanat lutun elan berig
بۇ تېما 1452 قېتىم كۆرۈلدى
tarim
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2064
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 81
شۆھرەت: 611 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 623 سوم
تۆھپە: 332 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 334 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 355(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-31
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 پۇقرالىق ھوقۇقى ھەققىدە ھېكايىلەر

پۇقرالىق ھوقۇقى ھەققىدە ھېكايىلەر


ئابلاجان تۇردى


«ئاقلىنىش ھوقۇقۇم چەكلەندى»
       قاتىل دەپ ئەيىپلەندى، سوتلاندى. ئاقلىغۇچى ئادۋۇكاتنى سوت بېكىتىپ بەردى. ئادۋۇكات جاۋابكارنى سوتتا كۆردى. جاۋابكار ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىندى. ئادۋۇكات ۋاكالىتەن نارازىلىق ئەرز سۇندى، نارازىلىق ئەرزنى جاۋابكار كۆرۈپ باقمىدى. 2- سوتتا باشقا ئادۋۇكاتقا ھاۋالە قىلدى، ئىناۋەتسىز دېدى. سوت مەھكىمىسى ئەسلىدىكى ئادۋۇكاتنى بېكىتىپ بەردى. نارازىلىق ئەرز رەت قىلىندى. بۇ ترىنىداد ۋە توباگودا بولغان ئىش.
كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى كومىتېتىغا ئەرز سۇندى. ئاقلىنىش ھوقۇقۇم چەكلەندى، دېدى. ھەيئەتلەر دېيىشتى: ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىدىغان دېلولاردا ئاقلىغۇچى بېكىتىپ بېرىش شەرت. جاۋابكار سوت بېكىتكەن ئادۋۇكاتنى رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق. جاۋابكار ئۆزى تاللىغان ئادۋۇكاتنى سوتنىڭ رەت قىلىش ھوقۇقى يوق. جاۋابكارنىڭ ئاقلىنىش ھوقۇقى چەكلەنگەن. ئادىل سوتلىماي تۇرۇپ، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغان، بۇ-جاۋابكارنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقىغا چېقىلغانلىق.
جاۋابكار ئۆزىنى ئۆزى ئاقلايدۇ، ئاقلىغۇچى ئاقلىسىمۇ بولىدۇ. ئاقلىنىش ھوقۇقى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق قانۇن ھۆججەتلىرىدە بەلگىلەنگەن، دۆلەت ئىچى قانۇنلىرىدىمۇ بەلگىلەنگەن.
جانباقتى ئادۋۇكاتلارمۇ بار، پاكىتقا كۆز يۇمىدۇ، قانۇننى كۆرەلمەيدۇ، ھەقنى سۆزلىمەيدۇ. ئاقلىغۇچىمۇ بولىدۇ، سوتتىن بۇرۇن جاۋابكار بىلەن كۆرۈشەمدۇ-كۆرۈشمەمدۇ، پاكىتقا، قانۇنغا قاراپ ئاقلامدۇ ياكى سوتچىنىڭ، يەنە بىرسىنىڭ ئاغزىغا قاراپ ئاقلامدۇ، ئىشقىلىپ ئاقلايدۇ. ئۆزىنى سودىيە، ئادۋۇكات ساناپ يۈرگەن ئەركەكلەر ئاقلاش ھوقۇقى تولۇق ئىشقا ئاشماي، جاۋابكار ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنسا، ھاياتلىق ھوقۇقىغا چېقىلغانلىق بولىدىغانلىقىنى بىلىپ قويسا بولىدۇ.



ھامىلدار ئايالغا ئۆلۈم جازاسى يوق
زەھەر ئېلىپ-سېتىش بىلەن مال-دۇنياغا كۆمۈلۈپ كەتكەنلەر كۆپ، تەلىيى تەتۈر كېلىپ، ئېتىلىپ كەتكەنلەرمۇ كۆپ.
ئۇ شۇ يولغا قانداق مېڭىپ قالغان، بۇ نامەلۇم. ئاخىرى تۇتۇلدى. زەھەر-خرويىن ئېلىپ-سېتىۋاتقاندا تۇتۇلدى. ساتقان زەھەر ئاز ئەمەس، 717 گىرام.
تۇتۇلۇپ ئەتىسى قاماقخانىدىن قاچتى. تۆت ئاي ئۆتكەندە يەنە تۇتۇلدى. بۇ قېتىم ھامىلدار بولۇپ كەلدى. ھامىلە چۈشۈرىۋېتىلدى. يەنە قاچتى، يەتتە يىلدىن كېيىن يەنە تۇتۇلدى.
سوتقا ئەيىبلەندى. سوتلاندى. ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلىندى. نارازىلىق ئەرز سۇندى.  «قامالغاندا ھامىلدار ئىدىم، ئۆلۈم جازاسى بېرىشكە بولمايتتى»، دېدى.
يۇقۇرى سوت ھۆكۈم چىقاردى: سوت قىلىنغاندا ھامىلىدار ئايالغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلمەيدۇ. قامالغان ۋاقتمۇ سوت قىلىنغان ۋاقتقا تەۋە بولىدۇ. قامالغان مەزگىلدە مەيلى بويىدىن ئاجراپ كەتسۇن ياكى ھامىلىنى چۈشۈرىۋەتسۇن، ئۆلۈم جازاسى بېرىلمەيدۇ. جاۋابكار ۋە ئاقلىغۇچىنىڭ پىكرى يوللۇق. ئەسلى ھۆكۈم كۈچتىن قالدى، جاۋابكار مۇددەتسىز قامالسۇن. بۇ شەنشى دېگەن يەردە بولغان ئىش.
سوت قىلغاندا ھامىلدار ئەمەس، دەپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغان غوجاملار يەنە بىلىپ قويسا بولىدۇ، جىنايەت سادىر قىلغاندا قورامىغا يەتمىگەن (18 گە كىرمىگەن)لەرگىمۇ ئۆلۈم جازاسى يوق. سوت قىلغاندا 18 گە توشۇپ بوپتۇ، دەپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىپ يۈرۈشمىسۇن يەنە.


«سۈكۈت قىلىش ھوقۇقۇڭ بار»
ئۇ ئادەتتىكى كىتابپۇرۇش ئىدى. سېتىۋاتقان كىتابلار ئارىسىدىن چەكلەنگەن كىتابلارنى تېپىۋېلىشتى. شۇ كىتابلاردا پادىشاھنىڭ سىياسەتلىرىگە قارشى گەپلەر بارمىش. كىتابپۇرۇش تۇتۇلدى، ئەيىبلەندى، سوتلاندى.
گۇناھسىز مەن، دېدى. نۇرغۇن سۇئال سورالدى، لام-جىم دېمىدى. سودىيە غەزەپلەندى، دەررە ئۇرۇشقا بۇيرۇدى. جازا چوڭ مەيداندا ئىجرا قىلىندى. كۆرۈپ تۇرغان ئاۋام: ئادىل سوت شۇنداق بولامدۇ؟ سۈكۈت قىلىش قانۇندا چەكلەنمىگەن، سۈكۈت قىلىش گۇناھ ئەمەس، دېيىشتى. بۇ 300 يىللار ئىلگىرى ئەنگىلىيەدە بولغان ئىش.
كۆپ ئىنقىلاپلار بولدى. سۈكۈت قىلىش ھوقۇقى قانۇنلاشتى. ساقچىلار ئادەم تۇتقاندا: «سۈكۈت قىلىش ھوقۇقۇڭ بار» دەيدىغان بولدى. سوراقتا قىيناش، ئىقرارغا قىستاش نۇرغۇن ئەللەردە چەكلەندى.
ئىنسانىي ھەق-ھوقۇق ۋە كىشىلىك قەدىر-قىممەت بولغان ئەللەردە ئەركىن، بەختلىك ياشاۋاتقان كىشىلەر بۇنداق ھېكايىلەرنى ئوقۇپ يۈرمەسلىكى مۇمكىن. لېكىن، بەزى يەرلەردە يەنىلا ئوقۇلىۋاتىدۇ...

مەنبە: قەلەم






تېما تەستىقلىغۇچى : duttarqi
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-04-25, 10:02
ئەلبەھرە تورى  www.elbehre.com
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-04-25 01:04 |
tohotur

دەرىجىسى : ئاكتىپ ئەزا


UID نۇمۇرى : 251
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 1816
شۆھرەت: 9986 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 10048 سوم
تۆھپە: 5876 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 5886 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 2573(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

كىمنىڭ قەدىر قىممىتى كام بولسا شۇ ئوقۇيدىكەن شۇ
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-25 12:04 |
فىدا
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6545
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 255
شۆھرەت: 1304 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1321 سوم
تۆھپە: 779 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 782 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 194(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

  قانۇن مەسىلىنىڭ توعرا-حاتالىقىنى ئەمەس ، مەسىلىنىڭ  قانۇنعا حىلاپ ياكى ئەمەسلىكىنى ئايرىدۇ .
     مەن بىر ساقچى بۇلۇپ يول توسقان چىعىمدا  قورقۇپ توحتىماي  ئوتۇپ كەتكەن دىھقانلارنى نەق مەيداندا ئىتىۋەتسەم ، بۇنى قانداق ھوقۇق دىسەك بۇلار ؟   
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-25 14:07 |
hakanbuyuk420
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6741
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 22
شۆھرەت: 110 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 110 سوم
تۆھپە: 66 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 66 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 84(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇ يەردە  سۈكۈت قىلىش دىگەنلىك گۇناھىنى  ئېتراپ قىلغانلىق.ساقچى تەكشۈرسە ياكى تۇتسا قورقماي تۇرۇپ مەن پىستانى ئەمەلدارنىڭ تۇققىنى ياكى پىستانى مىنىڭ بىرنىممەم دەپ ئۈزىڭىزنى <<ئاقلاڭ>> بولمىسا گەپ قىلمىغانغا تۇيسىز،تاياق-توقماق،مۇش-پەشۋاغا كۈمۇلۈپ كىتىسىز
saltanat
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-25 16:38 |
nida
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6236
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 171
شۆھرەت: 868 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 869 سوم
تۆھپە: 519 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 520 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 66(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-16
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

خاتىرجەم بۇلۇڭلار قانۇننى سىياسەت تۇزەيدۇ    
simfoniya
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-25 17:40 |
hikmat823
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 7072
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 5
شۆھرەت: 25 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 25 سوم
تۆھپە: 15 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 15 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-04-27
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

كىنولاردا تولا ئاڭلايتۇق بۇ « سۈكۈت قىلىش ھوقۇقى » نى ...
lutun
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-25 20:37 |
edirhan
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2666
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 308
شۆھرەت: 1672 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1694 سوم
تۆھپە: 984 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 987 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 276(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-07-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-27
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

   بۇ تېما توغرىسىدا گەپ قىلغۇدەك ئىمكان يوق ئىكەن. تېمىنىڭ ئۆزىدە جاۋاب! تېما ئىگىسىگە رەھمەت! باغداشقا كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز!!!
   ياخشى تېمىلىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز! چوقۇم ئالقىشلىق تېمىلارنى يوللايدىغىنىڭىزغا ئىشىنىمىز!!!
simfoniya
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-25 23:28 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » دۇنياغا نەزەر