ئەپسانىمەن يارنىڭ سۆزىدە
پاتىگۈل (ئايتۈرك)
ئاشىق بولدۇم يارنىڭ سۆزىگە،
شەيدا بولدۇم ئويناق كۆزىگە،
ئاھ، نە قىلاي ئايدەك يۈزىگە،
ئىچىم كۆيەر پەقەت ئۆزىگە.
كۆيگىنىمگە ئىشەنمەس ئەمما،
ئەپسانىمەن يارنىڭ سۆزىدە.
بىر كۆرۈشكە شۇنچە زارىقىپ،
بىتاپ بولدۇم دەرتلەرگە پېتىپ،
ئۆتتا كۆيدۈم، سۈيىدە ئېقىپ،
قويماس بىر رەت ھالىمغا يېتىپ،
بۇ ھالىمنى قىلار مەسخىرە،
ئەپسانىمەن يارنىڭ سۆزىدە.
مەھەللىنى ئارىلىسام ھەر كەچ،
مۇڭلۇق ناخشا توۋلىسام ھەر كەچ،
ساراڭ دەيدۇ چۈشەنمەي مىنى،
ساراڭ مەندەك كۆيەمدۇ قىنى،
ھەر نە بولسام بولدۇم كويىدا،
ئەپسانىمەن يارنىڭ سۆزىدە.
مەن كۆيگىنىم كۆيگەن ئەمەسمىش،
ئاخىرى يوق قۇرۇق ھەۋەسمىش،
شۇڭا مەندىن ھىچ غەم يىمەسمىش،
يىغلاپ قالساڭ قىلىۋەر دەيدۇ،
دەرتلىرىمنى ئۇ ھىچ بىلمەيدۇ،
ئەپسانىمەن يارنىڭ سۆزىدە.