كونا تۈگمەن رىۋايىتى
-«پۇقرالىق ھوقۇقى ھەققىدە ھېكايىلەر»نىڭ داۋامى
بۇرۇنقى زاماندا بىر پادىشاھ ئۆتكەن ئىكەن. شاھ ئوردىسىنى كۆچۈرمەكچى بوپتۇ. يېڭى ئوردا-قەسىر سالدۇرۇپتۇ. ۋەزىر-ۋۇزرا، تۈمەنلىگەن نەۋكەر-لەشكەرلەر بىلەن يېڭى ئوردىنى كۆزدىن كۆچۈرۈشكە بېرىپتۇ. پادىشاھ يېڭى ئوردىنىڭ ئەڭ ئېگىز راۋىقىغا چىقىپ ئەتراپقا نەزەر تاشلاپتۇ. پاھ، رەڭگا-رەڭ گۈل-چېچەكلەر،ئېقىپ تۇرغان سۈزۈك سۇلار، نەقىشلىق ئىمارەتلەر، يېشىل ئوت-چۆپلەر... پادىشاھ گۈزەل مەنزىرىلەردىن ھوزۇرلىنىۋاتقاندا، ئوردا سېپىلىغا يېقىن جايدىكى كوناتۈگمەننى كۆرۈپ كەيپى ئۇچۇپتۇ.
-چېقىپ تۈزلىۋېتىڭلار،- بۇيرۇپتۇ پادىشاھ.
«باش ئۈستىگە» دېگىنىچە بىرمۇنچە نەۋكەرلەرنى باشلاپ كەتكەن ۋەزىر بىردەمدىن كېيىن قايتىپ كېلىپ دەپتۇ:
-شاھ ئالىيلىرىغا مەلۇم بولغاي، كونا تۈگمەننىڭ ئىگىسى تۈگمەنچى بوۋاي چېقىشقا ئۇنىمايدىكەن.
-سېتىۋېلىپ چېقىڭلار،-دەپتۇ پادىشاھ.
ۋەزىر بىردەمدىن كېيىن قايتىپ كېلىپ دەپتۇ:
-شاھ ئالىيلىرىغا مەلۇم بولغاي، تۈگمەنچى بوۋاي تۈگمەننى ساتمايدىكەن.
-قانچە پۇل دېسە، شۇنچە پۇل بېرىڭلار.
-ئالىيىلىرىغا مەلۇم بولغاي، تۈگمەنچى بوۋاينىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئاتامىراس تۈگمەن ئىكەن، پۇل ئەمەس، ئالتۇنغىمۇ ساتمايدىكەن.
-مۇتەھەم!- پادىشاھ دەر-غەزەپ بوپتۇ.نەۋكەر-لەشكەرلەرنى كونا تۈگمەننى چېقىشقا بۇيرۇپتۇ، قارشىلىق قىلسا نەق مەيدانداكاللىسى ئېلىنسۇن، دەپ پەرمان چۈشۈرۈپتۇ.
كونا تۈگمەن ھەش-پەش دېگىچە چېقىپ تۈزلىنىپتۇ. نۇرغۇن ئادەملەر توپلىشىپتۇ، ئادالەت نەدە قالدى دېيىشىپ غۇلغۇلا قىلىشىپتۇ. تۈگمەنچى بوۋاي يىغلاپ يالۋۇرماپتۇ، تۈگمەننى چېقىۋاتقانلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ يېتىۋالماپتۇ،قارشىلىق قىلماپتۇ. يۇرتداشلىرىغا:
- پۇقرانىڭ مال-مۈلۈك ھوقۇقى دەخلىسىزدۇر. پۇقرامۇ،پادىشاھمۇ قانۇن ئالدىدا باپباراۋەر، ئەلنى قانۇن ئىدارە قىلىدۇ. ئادالەت ۋە قانۇن بولغان ئەلدە قانۇن بىلەن ئوينىشىپ، پۇقرانىڭ ئۆيىنى مەجبۇرىي چېقىپ، جىنايەت يولىغا ماڭغان ناكەس ئەمەلدارلار جاجىسىنى يەيدۇ...ئالەمدە ئادالەت تۈگەپ كەتكىنى يوق، پادىشاھئ ۈستىدىن سوتقا ئەرز قىلىمەن، دەپتۇ.
يۇرتداشلار دېيىشىپتۇ:
- پادىشاھنىڭ قىلغىنى قانۇنغا مۇخالىپ.
- ئۇ دېگەن پادىشاھ تۇرسا.
- پادىشاھ بولسىمۇ ئاۋام-پۇقرانىڭ ھەق-ھوقۇقىغا چاڭ سالسا بولماس.
- پادىشاھ قانۇننى بۇزسا، ئەلدە ئەمىنلىك بولامدۇ؟
- پادىشاھ بولسىمۇ ئەرز قىلىش كېرەك!
تۈگمەنچى ئەرز سۇنۇپتۇ. سوت ئېچىلغان كۈنى نەچچە مىڭ ئادەم سوتنى ئاڭلاشقا كەپتۇ. پادىشاھ سوتقا كەلمەپتۇ. دەرقەمسىز سوت بوپتۇ.
تۈگمەنچى ئەرزىنى بايان قىلغاندىن كېيىن، سوتنى ئاڭلاپ تۇرغان كىشىلەر:
-پادىشاھ تۆلەم بەرسۇن،- دەپ چۇقان ساپتۇ.
سودىيەلەر كېڭەش قىپتۇ. «سودىيەنىڭ پادىشاھى-قانۇن»،ئادالەت ئۈچۈن بېشىمىزغا كەلگىنىنى كۆرەيلى، دېگەن ئىرادىگە كېلىپ، پادىشاھنى تۈگمەننى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بېرىشكە ھۆكۈم قىپتۇ.
ئادىل ھۆكۈمدىن ھاياجانلانغان ئادەملەر غەلىبەتەنتەنىسى قىلىشىپتۇ.
پادىشاھ ھۆكۈمنامىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، مەن قانۇننى مەنسىتمىسەم، ئاۋام مېنى مەنسىتمەيدىكەن، مەن قانۇنغا قارشى ئىش قىلسام، ئاۋام ماڭا قارشى چىقىدىكەن، دېگەننى پەملەپتۇ-دە، ھۆكۈمنى ئىجرا قىپتۇ. چېقىلغان كوناتۈگمەن ئورنىدا يېڭى تۈگمەن پەيدا بوپتۇ.
پادىشاھ بۇ دەۋاغا ھۆكۈم چىقارغان سودىيەلەرگە قايىللىقىنى بىلدۈرۈپ: سىلەردەك ئادىل سودىيەلەر پۈتكۈل ئەلنىڭ بەختى، دەپتۇ.
باشقا بىر ئەلدىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان كوناتۈگمەن دەۋاسى بولغان ئىكەن، ئوخشىمايدىغىنى، سودىيەلەر ھۆكۈم قىلىپ بولۇپ، مەنسەپ قالپىقىنى چۆرىۋېتىپ، بەدەر تىكىۋەتكەنمىش، پادىشاھ ئىز-دېرىكىنى ئالالمىغانمىش...
ئابلاجان تۇردى تەييارلىغان.