تۇرپاندىكى پوتبول مۇسابىقىسى باشلىنىدۇ
باغداش تورى خەۋىرى :
ئالدىنقى نۆۋەت تور بېكىتىمىز تۇرپاندا ئۆتكۈزىلىدىغان پوتبول مۇسابىقىسى توغۇرلۇق دەسلەپكى خەۋەرنى ئېلان قىلغان ئىدۇق ، يېقىندا ئىگەللىشىمىزچە بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى ئاخىرلاشقان بولۇپ قاتنىشىدىغان كوماندىمۇ ئەسلىدىن كۆپەيگەن .
بۇ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﭘﯘﺗﺒﻮل ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﯘرﭘﺎن ﺷﻪﮬﻪرﻟﯩﻚ رادﯨﻴﻮ - ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪ، ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت - ﺗﻪﻧﺘﻪرﺑﯩﻴﻪ ﺋﯩﺪارﯨﺴﻰ، ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺴﺘﯩﻚ ﻳﺎﺷلار ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺗﯘرﭘﺎن ﺷﻪﮬﻪرﻟﯩﻚ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ، ﺗﯘرﭘﺎن ۋﯨلاﻳﻪﺗﻠﯩﻚ ﭘﯘﺗﺒﻮﻟﭽﯩلار ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘلار ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﯩﮕﻪن، ﺗﯘرﭘﺎن ﺷﻪﮬﻪرﻟﯩﻚ «ﭘﻪﺗﺘﺎر ﺋﻪﺳﻠﯩﮭﻪﻟﯩﻚ ﻳﯧﺰا ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻜﻰﻣﯘلازﯨﻤﻪت ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ» ﻧﯩﯔ ﺑﺎش دﯨﺮﯦﻜﺘﻮرى ﭘﻪﺗﺘﺎر ﻗﯧﻴﯘم ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎدﯨﻲ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦﻗﻮﻟﻠﯩﻐﺎن ﺑﻮﻟﯘپ، 28 - ﺋﺎﭘﺮﯨﻞ ۋﯨلاﻳﻪﺗﻠﯩﻚ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﻪ ﺋﻮﺗﺘﯘرا ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﺪە ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺪۇ. ۋﯨلاﻳﻪﺗﻠﯩﻚ ﭘﯘﺗﺒﻮﻟﭽﯩلار ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪن ۋﯨلاﻳﻪﺗﻠﯩﻚ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﻪ ﺋﻮﺗﺘﯘرا ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﻰﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﻪ ﺋﯚﺗﻜﯜزۈﺷﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪۇ. ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﻪ ﻛﯚﻟﻪم ۋە ﺳﻪۋﯨﻴﻪ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﻳﯩﻠلاردﯨﻜﯩﮕﻪ ﻗﺎرﯨﻐﺎﻧﺪا ﺑﯩﺮ ﻗﻪدەر ﻳﯘﻗﯩﺮى ﺑﻮﻟﯘپ، ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﮕﻪ ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ «ﺋﯩﻠﭽﻰ» ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺴﻰ، ﺋﯜرۈﻣﭽﻰ «ﮬﯘررا» ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺴﻰ، ﻗﺎراﻣﺎي «دولان» ﭘﯘﺗﺒﻮل ﻛﯘﻟﯘﺑﻰ، ﻏﯘﻟﺠﺎ «ﺋﯩﻠﻰ ﻳﯘﻟﺘﯘزى» ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺴﻰ، ﻗﻮﻣﯘل «ﺟﻪﺳﯘر» ﭘﯘﺗﺒﻮل ﻛﯘﻟﯘﺑﻰ ۋە «ﻳﯩﻠﺘﯩﺰ» ﭘﯘﺗﺒﻮل ﻛﯘﻟﯘﺑﻰ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ۋە ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﻪ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪا ﺑﯩﺮ ﻗﻪدەر ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺋﻮرۇﻧﺪا ﺗﯘرﯨﺪﯨﻐﺎن داﯕﻠﯩﻖ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨلار ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ، ﺗﯘرﭘﺎن «ﺑﺎرﻣﺎن» ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪن «ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎق يالقۇن سودا شىركىتى» ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺴﻰ ﺳﺎﮬﯩﭙﺨﺎﻧﺎ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪا ﺳﺎلاﮬﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺪۇ.
ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﻪ 28 - ﺋﺎﭘﺮﯦﻠﺪﯨﻦ 2 - ﻣﺎﻳﻐﯩﭽﻪ ﺋﯚﺗﻜﯜزۈﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﯘپ، ﻣﯘﻛﺎﭘﺎت ﺳﻮﻣﻤﯩﺴﻰ 15 ﻣﯩﯔ ﻳﯜەن. ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎدﯨﻞ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶﺋﯜﭼﯜن، ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﻪ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﮬﻪﻳﺌﯩﺘﻰ «ﺟﯘﯕﮕﻮ ﭘﯘﺗﺒﻮﻟﭽﯩلار ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﻪﻗﺎﺋﯩﺪﯨﺴﯩﮕﻪ ﺧﯩلاﭘﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎن، ﺋﯩﻨﺘﯩﺰاﻣﻐﺎ رﯨﺌﺎﻳﻪ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻧلارﻧﻰ ﺟﺎزالاش ﭼﺎرﯨﺴﻰ» ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯩﺶ ﻛﯚرﯨﺪۇ. ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﮕﻪ ۋﯨلاﻳﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ۋە ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮم راﻳﻮﻧﯩﻤﯩﺰدﯨﻜﻰ دۆﻟﻪﺗﻠﯩﻚ 1 - ۋە 2 - دەرﯨﺠﯩﻠﯩﻚ 10 رﯦﭙﯧﺮ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪۇ. ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﻪ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎرا ﭘﯘﺗﺒﻮﻟﭽﯩلار ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪڭ ﻳﯧﯖﻰ «ﭘﯘﺗﺒﻮل ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﻪ ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﺴﻰ» ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ 11 ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﻣﻪﻳﺪاﻧﺪا ﺋﯚﺗﻜﯜزۈﻟۈپ، 5- نومۇرلۇق توپ ئىشلىتىلىدۇ. ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﺶ ﺑﯧﻠﯩﺘﻰ ﺳﯧﺘﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﯘپ، ﺑﺎﮬﺎﺳﻰ ﺑﻪش ﻳﯜەن، ۋﯨلاﻳﻪﺗﻠﯩﻚ پۇتبولچىلار ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن ﻛﯩﺮﯨﻤﻨﻰ 22- ئاپرېلدىكى ﺑﻮران ﺋﺎﭘﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻧلارﻏﺎ ﺋﯩﺌﺎﻧﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪن.
ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﻪ يېڭى رېكورت يارىتىشى مۇمكىن. دەرىجىسى يۇقىرى بولغان بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ نەق مەيدان شاھىدى بولۇپ، ماھىرلارنىڭ ھاياجانغا تولغان كەسكىن ئېلىشىشلىرىنى كۆرۈشنى خالايدىغان پۇتبول مەستانىلىرى ۋە ھەرمىللەت ئاممىسىنىڭ مۇسابىقىدە ئۆزى ياقتۇرىدىغان كوماندىلارغا مەدەت بېرىپ، ئەڭ كۆڭۈللۈك بايرام پەيتلىرىدىن ھۇزۇرلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
مۇسابىقە ۋاقتى: 28 – ئاپرېل باشلىنىپ، 2- ماي ئاخىرلىشىدۇ.
مۇسابىقە ئورنى: تۇرپان ۋىلايەتلىك تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپ پۇتبول مەيدانى.