saltanat lutun elan berig
«12»Pages: 1/2     Go
بۇ تېما 2533 قېتىم كۆرۈلدى
arknur
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1896
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 272
شۆھرەت: 1468 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1482 سوم
تۆھپە: 867 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 867 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 204(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-16
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 فېلىپىندىكى مورو تەشكىلاتى ئىككىلەمچى ئىسلام دۆلىتى قۇرماقچى!

جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 26-ئاپرېل خەۋىرى: تەيۋەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جەنۇبىي قىسىمدىكى كۆپ يىللىق ئۇرۇش ئاپىتى ۋە نامراتلىقنى تىنجىتىش ئۈچۈن، فىلىپپىن ھۆكۈمىتى سىياسىي جەھەتتە قاتتىق يول قويۇپ، مورو ئىسلام ئازاتلىق فرونتى (MILF) نىڭ مىنداناۋ ئارىلىدا «ئىككىلەمچى دۆلەت» (sub-state) كە باراۋەر يېڭى سىياسىي گەۋدە قۇرۇشىغا ماقۇل بولغان.
فىلىپپىن ئاخباراتلىرى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى ھۆكۈمەت ۋە سۆھبەت گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىس سۆھبەتلەشكۈچىسى مارۋىك لېئونېن (Marvic Leonen) نىڭ خەۋىرىنى نەقىل قىلىشىچە، فىلىپپىن ھۆكۈمىتى بىلەن مورو ئىسلام ئازادلىق فرونتىنىڭ سۆھبەت گۇرۇپپىسى «تىنچلىق سۆھبىتى پىرىنسىپىدىكى مۇھىم نۇقتا» ھۆججىتى ئىمزالىغان، بۇ مۇھىم نۇقتىلار ئىككى تەرەپنىڭ كەلگۈسى تىنچلىق سۆھبىتىدىكى مۇھىم قارالمىلار ھەققىدە يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا كېڭىشىشگە يول ئاچىدۇ.
فىلىپپىن ھۆكۈمىتى ۋە تىنچلىق گۇرۇپپىسى مالايسىيانىڭ كۇئالۇمپۇردا مورو ئىسلام ئازادلىق فرونتى بىلەن 27-نۆۋەتلىك تىنچلىق سۆھبىتىنى ئاخىرلاشتۇرغان.
10 ماددىلىق تىنچلىق پىرىنسىپى مۇھىم نۇقتىلىرىدا، ئەڭ دىققەتنى تارتقىنى، ئىككى تەرەپ يېڭى سىياسىي گەۋدە قۇرۇشتائورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، مىنداناۋ مۇسۇلمان ئاپتونوم رايونىنىڭ ئورنىنى ئېلىشقا ماقۇل بولغان، ئەمما بۇ فىلىپپىن ئاساسىي قانۇنىڭ بەلگىلىمىسى ئۇيغۇن كېلىشى ھەمدە پارلامېنت قانۇن تۇرغۇزۇپ ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزىشى كېرەك.
فىلىپپىننىڭ 90 مىليون نوپۇسىدا تەخمىنەن %5~9 مۇسۇلمان بولۇپ، كۆپ قىسىمى جەنۇبىي قىسىمدىكى مىنداناۋ ئارىلىغا جايلاشقان.
تىنچلىق سۆھبىتى پىرىنسىپى ھۆججىتىگە ئاساسلانغاندا، يېڭى سىياسىي گەۋدە باش مىنىستىرلىق تۈزۈمىدىكى ھۆكۈمەت بولىدىكەن.
 مورولار ماھىيەتتە فىلىپپىننىڭ جەنۇبىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئورتاق ئاتىلىشى بولۇپ، ئىسپانىيىلىكلەر فىلىپپىنغا كەلگەندە بۇ يەردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسپانىيەنى بويسۇندۇرغان ئافرىقا قوشۇنلىرىغا ئوخشاش ئىبادەت ۋە تۇرمۇش شەكلى تۈپەيلى ئىسپانىيەلىكلەر فىلىپپىننىڭ جەنۇبىدىكى بارلىق مۇسۇلمانلارنى ئۇمۇملاشتۇرۇپ مورولار دەپ ئاتىغان( ئىسپانىيەنىڭ جەنۇبى خوشنىسى بولغان ئافرىقىدىكى موروككو-ماراكەش، ۋە ماۋرتانىيە دىگەن دۆلەت نامىمۇ مۇشۇ مورو دىگەن نامدىن كېلىپ چىققان).
      مورولار چوڭ جەھەتتىن ئاھالىسىنىڭ كۆپ قىسمى ئىسلام دىنىغا ئىشىنىدىغان تاۋى-تاۋى ۋە پالاۋان تاقىم ئاراللاردىكى مالاي تىل سېستىمىسى بىسايان تىللار ئائىلىسىگە تەۋە تاۋسۇگ(نوپۇسى بىر مىليۇن) قاتارلىق مىللەتلەر بىلەن  باسلان ئارىلىدىكى مېسو تىللىرى ئائىلىسىگە تەۋە ياكان(200مىڭ)، ساما(550مىڭ) قاتارلىق مىللەتلەر ۋە مىندانائو چوڭ ئارىلىدىكى  جەنۇبى فىلىپپىن تىل ئائىلىسىگە تەۋە ماگۇنداناۋ(بىر مىليۇن820مىڭ)، ماراناۋ(نوپۇسى بىر مىلىيۇن50مىڭ)، مىنداناۋنىڭ غەربى جەنۇبىدىكى سۇبانۇن( نوپۇسى 370مىڭ)، سۇلۇ(نوپۇسى200مىڭ) قاتارلىق چوڭراق مىللەتلەر ۋە نوپۇسى يۈز مىڭغا توشمايدىغان 20دىن كۆپ  قانداشلىق مۇناسىۋىتى بولمىغان ئون نەچچە مىللەتنى كۆرسىتىدىغان مىللەتلەر تۈركۈمى بولۇپ، مالاي، ئەنگىلىز ۋە ئەرەب تىللىرى بۇ رايونلاردا مائارىپ ۋە باشقا ساھەلەردە كەڭ قوللىنىلىدۇ.
     2007-يىلىدىكى سىتاتىسكىدا فىلىپپىندىكى مورولارنىڭ جەمى نوپۇسى 8مىليۇن230مىڭ بولۇپ ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى مىندانائو مۇسۇلمان ئاپتونۇم رايونىدىن باشقا يەنە مىندانائو ئارىلىسىدىكى باشقا ئۆلكىلەرگە ۋە  پالاۋان قاتارلىق جەنۇپتىكى ئاراللارغا تارقالغان. مورولارنىڭ مالايسىيا ۋە ھىندونوزىيەدىكى مىللەتلەر بىلەن قانداشلىق مۇناسىۋىتى بار.
    مىندانائو مۇسۇلمان ئاپتونۇم رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، مورولار ئىلگىرى ھۆكۈمرانلىق قىلغان ۋە مورو مىللى ئازاتلىق فىرونتى «مورو جۇمھۇرىيىتى» قۇرۇشنى نىشان قىلغان مىندانائو ۋە پالاۋان ئارىلىنىڭ 21مىليۇن نوپۇسىدا مورولار31%نى ئىگەللەيدۇ.
    مورولار ياشىغان رايون تارىختا بىرۇنىي سۇلتانلىقى، سۇلۇ سۇلتانلىقى ۋە ماگىنداناۋ سۇلتانلىقى قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. ئامېرىكا كېلىشتىن بۇرۇن ئاساسەن ئىسپانىيە ھۆكۈمىتى بىلەن نىسبى مۇستەقىل ھالىتىنى ساقلاپ كەلگەن بولۇپ ئىسپانىيە كاتولىك مەدەنىيىتى مورولارغا ئۈنۈملۈك تەسىر كۆرسىتەلمىگەن. ئامېرىكا فىلىپپىنغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىللەردە گەرچە يەرلىك سۇلتانلارنىڭ ھوقۇقى ئېلىپ تاشلانغان بولسىمۇ ئەمما سۇلتان جەمەتى يەنىلا دىنى داھىلىق ئورنىنى ساقلاپ قالغان.
    مورولار مول بېلىقچىلىق ۋە دېڭىز قاتنىشى سودا تارىخىغا ئىگە بولۇپ، ئۆزگىچە مەدەنىيەت تىپىغا ئىگە.
فلىپپىنىڭ جەنۇبىي رايونىنى 15-ئەسىردە ئىسپانىيە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن بۇيان ئەزەلدىن تىنجىپ باققان ئەمەس. تارىختىكى مۇستەملىكىگە قارشى ئۇرۇشتىن ھازىرقى ھۆكۈمەتكە قارشى مۇستەقىللىق ئۇرۇشىغىچە، جەنۇبىي قىسىمدىكى فىلىپپىن مۇسۇلمانلىرى ھەر خىل شەكىلدە سىرتقى كۈچلەرگە قارشىلىق كۆرسىتىپ كەلدى. 1946-يىلى، فىلىپپىن مۇستەقىل بولۇپ دۆلەت قۇرغاندىن  كېيىن، ھۆكۈمەت ئوتتۇرا شىمالىي قىسىمدىكى نامرات رايونلارنىڭ ئاھالىسىنى جەنۇبىي قىسىمدىكى ئاراللار رايونىغا كۆچمەن بولۇپ بېرىشىغا ئىلھاملاندۇردى، تۇپرىقى مۇنبەت ۋە نوپۇسى ئاز بولغان مىنداناۋ ئارىلى كاتولىك دىنى كۆچمەنلىرىنىڭ ئاساسلىق نىشانى بولۇپ قالدى. ھۆكۈمەت كاتولىك دىنى كۆچمەنلىرىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئەسلى ئاھالىنى قوللاش يېتەرلىك بولمىدى.
تارىخىي ئاداۋەت ۋە ھازىرقى زىددىيەتلەر جەنۇب شىمال ئىككى تەرەپنى ياراشتۇرغىلى بولمايدىغان دۈشمەنلەرگە ئايلاندۇرۇپ قويدى. جەنۇبتىكى ئەسلى ئاھالە مىنداناۋ رايونى ئەسلىدىلا مۇسۇلمانلار ئولتۇراقلاشقان جاي، ھۆكۈمەتنىڭ چىرىكلىكى ۋە ئىقتىدارسىزلىقى مەزكۇر رايوننىڭ تەرەققىياتىنى توساپ قويدى، پەقەت مۇستەقىل مورو مىللىتى دۆلىتى قۇرۇلغاندىلا، مۇسۇلمانلار ئۆز-ئۆزىگە ئىگە بولۇپ تەرەققىي قىلالايدۇ دەپ قارىدى.
موشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، مورو ئىسلام ئازادلىق فرونتى (the Moro Islamic Liberation Front) ۋەزىيەتنىڭ ئېھتىياجى بىلەن بارلىققا كەلدى. مورو ئىسلام ئازادلىق فرونتى 1978-يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان، گەرچە نەچچە قېتىم زەربىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ ئەزەلدىن تىز پۈكمىدى، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن كېيىن ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورايدى. نۆۋەتتە، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ 12 مىڭ 500 نەپەر قوراللىق خادىمى بار، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ قارشىلىق كۆرسەتكۈچى قوراللىق كۈچ دېيىشكە بولىدۇ. يۈزەكى ھېسابلىغاندا، مورو ئىسلام ئازادلىق فرونتى بىلەن فىلىپپىن ھۆكۈمىتىنىڭ تىركىشىشى ھازىرغىچە 150 مىڭ ئادەمنىڭ ئۆلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
كەڭرى يىلتىز تارتىش شەك-شۈبھىسىزكى مورو ئىسلام ئازادلىق فرونتىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدىكى ھەل قىلغۇچ ئامىل. مىنداناۋ مۇسۇلمان ئاپتونوم رايونى(Autonomous Region in Muslim Mindanao)نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ئىساقتاننىڭ دېيىشىچە،، يەرلىك مۇسۇلمان ياشلىرىنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ھەركىتىگە قاتنىشىشتىن باشقا تاللىشى يوق ئىكەن. نۇرغۇن كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ ئۇلارنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىشى بولۇپلا قالماستىن، مەزكۇر رايوندا تاپالايدىغان بىردىنبىر خىزمىتى ئىكەن. ئەگەر زۆرۈر تېپىلسا، مورو ئىسلام ئازادلىق فرونتىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە 8000 دىن 10 مىڭغىچە ئەسكەر يىغالايدىغانلىقىنى فىلىپپىن ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلدارلىرىمۇ ئېتراپ قىلىدىكەن.
مەنبە:ئەرىكنۇر بىلوگى
يەرلىك قاتلامغا بولغان تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، مورو ئىسلام ئازادلىق فرونتى نۇرغۇن رايونلاردا  بىر قاتار « قارانچۇق ھۆكۈمەت »  لەرنى تەرەققىي قىلدۇرغان. بۇ سىياسىي قۇرۇلما كۆپلىگەن قاتلاملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ھەربىي قۇرۇلما بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن. ئەڭ يۇقىرى قاتلىمى رەئىس، مۇئاۋىن رەئىس ۋە باشقا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلاردىن تەركىب تاپقان غازاتچىلار كومىتىتى. نەزەرىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا، غازاتچىلار كومىتىتى 70 كىشىلىك مەركىزىي كومىتىتقا مەسئول بولىدۇ، رەئىس، مۇئاۋىن رەئىس، دائىمىي كومىسسار ھەمدە تەشكىلاتتىكى باشقا ئاچقۇچلۇق خادىملارنىڭ ھەممىسى مەركىزىي كومىتىتقا تەۋە. بۇ مورو ئىسلام ئازاتلىق فرونتىنىڭ ئەمەلىي ھوقوقىنى غازاتچىلار كومىتىتىنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. غازاتچىلار كومىتىتىنىڭ تۆۋىنىدە فونكىسىيە (ئىقتىدار) كومىتىتى بار بولۇپ، رولى بولسا يۇقىرىنىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىش، ئاساسلىقى مالىيە كومىتىتى، تاشقى ئىشلار كومىتىتى، ئۇچۇر كومىتىتى، مائارىپ كومىتىتى، ئاخبارات كومىتىتى ۋە ھەربىي كومىتىتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، قوشۇمچە يەنە ئىسلام ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ئەدىلىيە كومىتىتى بار.
بۇنىڭدىن سىرت، مورو ئىسلام ئازادلىق فرونتى يەنە قىسمەن ئۆلكە، شەھەر، كەنتلەردە ئىنقىلابىي كومىتىت تەسىس قىلغان، ئەزالىرى ھەر قايسى رايونلاردىكى دىننىي زاتلار، كەسپىي زاتلار، دېھقانلار ۋە ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇلار كونترول قىلغان رايونلاردا ئىنقىلابىي كومىتىت ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق باشقۇرۇش ئورگىنىغا باراۋەر كېلىدۇ. ئەمما، مىنداناۋ مۇسۇلمانلار ئاپتونوم رايونىنىڭ كۆپ قىسىمىدا مورو ئىسلام ئازادلىق فرونتىنىڭ تېخى يېتەرلىك كۈچلۈك تەسىرى يوق، ئىنقىلابىي كومىتىت بۇ رايونلاردا پەقەت ھۆكۈمەت تۈزۈلمىسىنىڭ تولۇقلىمىسى، ئەمەلىي رولىنى ئۇلارنىڭ رايوننى كونترول قىلىشى دەرىجىسى بەلگىلەيدۇ.
فىلىپپىن ساقچى تەرەپنىڭ سۆزىگە ئاساسلانغاندا: 2008-يىلى، مىنداناۋ مۇسۇلمانلار ئاپتونوم رايونىدىكى 6474 كەنتتىن 1463 كەنتنى مورو ئىسلام ئازادلىق فرونتى كونترول قىلغان بولۇپ، ئومۇمىي ساننىڭ %23 نى ئىگەللىگەن، بۇ نىسبەت 2005-يىلدىكى %11 تىن خېلى يۇقىرىلىغان، بۇ مورو ئىسلام ئازادلىق فرونتىنىڭ زېمىنىنى كېڭەيتىۋاتقانلىقى ۋە مۇستەھكەملاۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. مورو ئىسلام ئازادلىق فرونتى تەمىنلىگەن مۇلازىمەتلەر ئاساسلىقى: ئىسلام مائارىپى، ئىسلام قانونى ۋە ئىسلام قانونىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەلۇم دەرىجىدىن ئېيتقاندا، بۇ مۇلازىمەتلەر مورو ئىسلام ئازادلىق فرونتىنىڭ مۇسۇلمانلار ئاممىسى قەلبىدىكى قانۇنلىقلىقىنى كۈچەيتتى.
چوڭقۇر يىلتىز تارتقان « قارانچۇق ھۆكۈمەت » لىرىدىن سىرت، مورو ئىسلام ئازادلىق فرونتىنىڭ خېلى زور قورال-ياراغ ئەسلىھەلىرى ۋە كېلىش مەنبەسى كۆپ مەبلىغى بار بولۇپ، قۇدرەتلىك ھەربىي كۈچ(ئەسكەرلەر قاۋۇل، ئاتلار تىمەن) دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ.
فىلىپپىن ھۆكۈمىتى ۋە مورو ئىسلام ئازادلىق فرونتى ئىككى تەرەپ ئېتراپ قىلغان ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، نۆۋەتتىكى مورو ئىسلام ئازاتلىق فرونتىنىڭ تەخمىنەن 7000 دانە قورالى بولۇپ، ئاساسلىقى  M60 ھەممىباب پىلموتى؛ M16، M14، M4 ، M1، AR15 ۋە AK47 ئاپتوماتى؛ M79  ۋە M203 شراپنېل ئاتقۇچ؛ RPG-2 مىنامىيوت؛ 60 مىللىمېتىرلىق كاتيۇشا ۋە 81 مىللىمېتىرلىق كاتيۇشا؛ ھەرخىل تىپتىكى تاپانچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. فىلىپپىن دائىرلىرى مورو ئىسلام ئازادلىق فرونتىنىڭ يەنە M2 بروۋنىڭ پىلىموتى بار دەپ قارايدۇ، مورو ئىسلام ئازادلىق فرونتىمۇ ئۆزىنىڭ مۈرىگە قويۇپ ئاتىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېستىمىمىز بار دەپ جاكارلىدى، ئەمما تېخىچە ئىسپاتلانمىدى.
مورو ئىسلام ئازادلىق فرونتىنىڭ كۆپ قىسىم قوراللىرىنىڭ كېلىش مەنبەسى ئېھتىمال فىلىپپىن ھۆكۈمەت ئارمىيىسى بولىشى مۇمكىن. ئۇلار يا بولمىسا ھۆكۈمەت ئارمىيىسى بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئارقىلىق قولغا چۈشۈرگەن، يا بولمىسىا ھۆكۈمەت ئارمىيىسىدىكى بىر قىسىم خىيانەتچى ئەمەلدار ياكى مورو ئىسلام ئازادلىق فرونتىغا ھېسداشلىق قىلىدىغان ئەمەلدارلاردىن ئېرىشكەن. ئەمەلىيەتتە، يەرلىك خەلق ئەسكەرلىرىدىكى قوراللار نىڭ كۆپ قىسمىمۇ مورو ئىسلام ئازادلىق فرونتىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتتى. بۇ خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ يا تۇققىنى مورو ئىسلام ئازادلىق فرونتىنىڭ ئەزاسى ياكى ئۇلار ئەسلىدىنلا مورو ئىسلام ئازادلىق فرونتىنىڭ خادىمى.
تېما تەستىقلىغۇچى : otyvrak
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-04-28, 12:26
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-04-28 10:58 |
nota999
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 7213
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 3
شۆھرەت: 25 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 25 سوم
تۆھپە: 14 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 14 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 5(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-06
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈمنىڭ ئاساسى
lutun
شۇنداق دۇنيا بۇ ..
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-28 12:48 |
فىدا
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6545
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 255
شۆھرەت: 1304 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1321 سوم
تۆھپە: 779 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 782 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 194(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

1946-يىلى، فىلىپپىن مۇستەقىل بولۇپ دۆلەت قۇرغاندىن  كېيىن، ھۆكۈمەت ئوتتۇرا شىمالىي قىسىمدىكى نامرات رايونلارنىڭ ئاھالىسىنى جەنۇبىي قىسىمدىكى ئاراللار رايونىغا كۆچمەن بولۇپ بېرىشىغا ئىلھاملاندۇردى، تۇپرىقى مۇنبەت ۋە نوپۇسى ئاز بولغان مىنداناۋ ئارىلى كاتولىك دىنى كۆچمەنلىرىنىڭ ئاساسلىق نىشانى بولۇپ قالدى. ھۆكۈمەت كاتولىك دىنى كۆچمەنلىرىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئەسلى ئاھالىنى قوللاش يېتەرلىك بولمىدى.
تارىخىي ئاداۋەت ۋە ھازىرقى زىددىيەتلەر جەنۇب شىمال ئىككى تەرەپنى ياراشتۇرغىلى بولمايدىغان دۈشمەنلەرگە ئايلاندۇرۇپ قويدى. جەنۇبتىكى ئەسلى ئاھالە مىنداناۋ رايونى ئەسلىدىلا مۇسۇلمانلار ئولتۇراقلاشقان جاي، ھۆكۈمەتنىڭ چىرىكلىكى ۋە ئىقتىدارسىزلىقى مەزكۇر رايوننىڭ تەرەققىياتىنى توساپ قويدى، پەقەت مۇستەقىل مورو مىللىتى دۆلىتى قۇرۇلغاندىلا، مۇسۇلمانلار ئۆز-ئۆزىگە ئىگە بولۇپ تەرەققىي قىلالايدۇ دەپ قارىدى
....................................................................................................
     قازاننىڭ قولىقى توت . ئۇ لارنىڭ ئىشلىرىدا ئىلگىرلەش بولعىنى بەك ياحشى بوپتۇ  بىز ئۇلارنىڭ ب د ت نىڭ 195-ئەزاسى بۇلىشىنى ئۇمۇت قىلىمىز . 2010-يىلىدىن باشلاپ ، مۇسۇلمانلار  نۇسرەت قازىنىدىعان  حاسىيەتلىك يىل بۇلۇپ ، يەرشارىعا  مۇسۇلمانلار باھارى يىتىپ كەلدى .
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-28 14:24 |
jigar
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 7220
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1
شۆھرەت: 5 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 5 سوم
تۆھپە: 3 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 3 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-04-28
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇيەردىمۇ ئوخشاشلا يەرلىكلەرگە كۈن يوقكەندە.
saltanat
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-28 17:02 |
wolf-man
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2937
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 98
شۆھرەت: 857 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 876 سوم
تۆھپە: 454 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 457 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 913(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-08-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇ تىمىنى كۇرۇپ قۇيۇڭلار..............
./read.php?tid=3082
simfoniya
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-28 22:26 |
naprat2009
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 79
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 203
شۆھرەت: 1191 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1189 سوم
تۆھپە: 691 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 693 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 519(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇ يازمىنى مەن تەرجىمە قىلىپ ئوكيان تورىغا يوللىغان، ئەركنۇر بلوگى ئوغرىلاپتۇ، مېنىڭ باغداش تورىدا بارلىقىمنى بىلمەي قاپتۇدە بۇ تورداش:
http://news.okyan.com/View.aspx?ID=4862 &Page=1
lutun
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-01 14:30 |
arknur
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1896
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 272
شۆھرەت: 1468 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1482 سوم
تۆھپە: 867 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 867 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 204(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-16
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 5قەۋەتتىكى naprat2009دە2012-05-01 14:30يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
بۇ يازمىنى مەن تەرجىمە قىلىپ ئوكيان تورىغا يوللىغان، ئەركنۇر بلوگى ئوغرىلاپتۇ، مېنىڭ باغداش تورىدا بارلىقىمنى بىلمەي قاپتۇدە بۇ تورداش:
http://news.okyan.com/View.aspx?ID=4862 &Page=1

تېمىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن مەلۇم قىسمىنى بۇ تېمىدىن مەلۇم قىسمىنى باشقا تېمىدىن، ئېلىپ تېمىنى تېخىمۇ ئەتىراپ قىلىش ئەقىلگە ئۇيغۇن، ھەرقانداق ئەدەبى ئەسەردە شۇنداققۇ؟يەنە كىلىپ ياخشى تېمىنى تېخىمۇ كۆپ ئادەملەرنىڭ كۆرىشىنى ھەركىم ئۈمۈد قىلىدىغۇ؟
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-02 16:42 |
naprat2009
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 79
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 203
شۆھرەت: 1191 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1189 سوم
تۆھپە: 691 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 693 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 519(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 6قەۋەتتىكى arknurدە2012-05-02 16:42يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :

تېمىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن مەلۇم قىسمىنى بۇ تېمىدىن مەلۇم قىسمىنى باشقا تېمىدىن، ئېلىپ تېمىنى تېخىمۇ ئەتىراپ قىلىش ئەقىلگە ئۇيغۇن، ھەرقانداق ئەدەبى ئەسەردە شۇنداققۇ؟يەنە كىلىپ ياخشى تېمىنى تېخىمۇ كۆپ ئادەملەرنىڭ كۆرىشىنى ھەركىم ئۈمۈد قىلىدىغۇ؟

مەن  سىزنى نەقىل قىلىپتۇ دېمىدىم، ئوغرىلاپتۇ دېدىم، نەقىل قىلغان بولسىڭىز نەقىل مەنبەسى قېنى؟؟؟
مورو ئىسلام ئازادلىق فونتىنىڭ سىرى دېگەن ئەسەرنى ئىككىگە بۆلۈپ يوللىسام ئىككىسىنى بىرىكتۈرۈپ قويۇپسىز، ئوكيان قامۇسدىكى قىسىمىنى بىرىكتۈرۈپ قويۇپسىز، شۇنىڭ بىلەن "مۇكەممەل " ئوغرى ئەسەر پۈتۈپتۇ ئەمەسمۇ؟ئەدەبىيات مۇئەللىمىڭىز شۇنداق ئۆگەتكەنمۇ؟
ھەر قانداق ئەدەبىي ئەسەر دەپ كېتىشىنى، نەقىل قىلىشنىڭمۇ مەلۇم چېكى بولىدۇ، %100 نەقىل قىلىپ ئەسەر يازغاننى سىزدىن كۆردۈم، قىپقىزىل ئوغرىلىق تۇرۇپتىغۇ؟
saltanat
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-02 19:52 |
arknur
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1896
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 272
شۆھرەت: 1468 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1482 سوم
تۆھپە: 867 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 867 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 204(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-16
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 7قەۋەتتىكى naprat2009دە2012-05-02 19:52يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :

مەن  سىزنى نەقىل قىلىپتۇ دېمىدىم، ئوغرىلاپتۇ دېدىم، نەقىل قىلغان بولسىڭىز نەقىل مەنبەسى قېنى؟؟؟
مورو ئىسلام ئازادلىق فونتىنىڭ سىرى دېگەن ئەسەرنى ئىككىگە بۆلۈپ يوللىسام ئىككىسىنى بىرىكتۈرۈپ قويۇپسىز، ئوكيان قامۇسدىكى قىسىمىنى بىرىكتۈرۈپ قويۇپسىز، شۇنىڭ بىلەن "مۇكەممەل " ئوغرى ئەسەر پۈتۈپتۇ ئەمەسمۇ؟ئەدەبىيات مۇئەللىمىڭىز شۇنداق ئۆگەتكەنمۇ؟
ھەر قانداق ئەدەبىي ئەسەر دەپ كېتىشىنى، نەقىل قىلىشنىڭمۇ مەلۇم چېكى بولىدۇ، %100 نەقىل قىلىپ ئەسەر يازغاننى سىزدىن كۆردۈم، قىپقىزىل ئوغرىلىق تۇرۇپتىغۇ؟

مەن سىزگە دىسەم تور دۇنياسىدا ئۇنداق ئىشلىتىش دىگەن ،سىز تاماق يىگەندەكلا دائىملىق ئىش. ئەگەر سىزمۇ تەرجىمە قىلىپسىز، بۇنىڭغا ئاپىرىن، لېكىن سىزمۇ تەرجىمە قىلىشتىن ئىلگىرى شۇ خەۋەرنى چىقارغان تور بىكەت بىلەن ئالاقىلىشىپ شۇلارنىڭ قوشۇلىشىنى سورىدىڭىزمۇ؟
ئۇيغۇر تورلىرىدىكى 80 ھەتتا 90% يازما قايسى بىرى باشقا تورلاردىن كەلمىگەن؟
سىزمۇ بۇ خەۋەرنى تېخىمۇ كۆپرەك تورداشنىڭ كۆرىشىنى ئارزو قىلىسىز، مەنمۇ ئەلۋەتتە ياخشى تېما بولسا تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ كۆرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.شۇڭا يوللىدىم.
سىز ئىككى تېما يوللامسىز قانچە تېم يوللايسىز ئۇ ئۆزىڭىزنىڭ ئىشى. مەن قۇلايلىق بولسۇن ئۈچۈن شۇ بىر نەچچە تېمې ئىچىدىكى بولىدىغان جايلىرى كىرىشتۈرۈپ يوللۇدۇم. بۇ ئەقىلگە ئۇيغۇنغۇ؟
ozgul munbar
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-03 09:45 |
naprat2009
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 79
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 203
شۆھرەت: 1191 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1189 سوم
تۆھپە: 691 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 693 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 519(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

تور دۇنياسىنىڭ قانداق بولىشى بىلەن كارىم يوق، ئۆز تەرجىمە ئەمگىكىمنىڭ ئوغرىلىنىشىغا نارازىلىق بىلدۈردۈم، باشتىكى ئىنكاسىڭدا «مەلۇم قىسىمىنى باشقا تېمىدىن ئېلىپ» دەۋاتقان ئادەم ئەمدى، كىرىشتۈردۈم دېدى، ئوغرىلىق قىلغانلىقىغا تەن ئالدى،نومۇسسىز قىلمىشىغا تېخى بانا ئىزدەۋاتقىنى، ئىسىت....
تەرجىمە قىلىشتا ئەسلىدە رۇخسەت ئېلىشنىڭ ھاجىتى يوق، لېكىن مەن سىزدەك نومۇسسىزلارنىڭ موشۇنداق باھانەكۆرسىتىشىنى ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئاللاقاچان مەسئول كىشىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ رۇخسەت ئالغان، ئۇلار ئۆز تور بېتى ياكى ژورناللىرىدىكى ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىپ باشقا مىللەتلەرگە تونۇشتۇرۇشىمنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى، مەنمۇ تەرجىمە قىلغاندا پالانى تور بەت ياكى پالانى ژورنال دەپ تولۇق ئەسكەرتىمەن...چۈنكى ھەر قانداق مەتبۇئات تەرجىمىگە چەكلىمە قويمايدۇ، بەلكى ئۆز ئەسەرلىرىنى باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىنىشىنى بەكمۇ ئۈمىد قىلىدۇ.
چەك قويىدىغىنى سىزدەك نومۇسسىز ئوغرىلار...
مۇنداق ئۆتمەيدىغان باھانىلىرىڭىزنى كۆتۈرۈپ چىققچە تېزدىن مەنبەنى توغرا بېرىڭ يا ئۆچۈرۈڭ، بولمىسا سېسىق نامىڭىز مانا موشۇ ئىنكاسلاردا پۇر كېتىدۇ.
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-03 19:56 |
arknur
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1896
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 272
شۆھرەت: 1468 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1482 سوم
تۆھپە: 867 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 867 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 204(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-16
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 7قەۋەتتىكى naprat2009دە2012-05-02 19:52يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :

مەن  سىزنى نەقىل قىلىپتۇ دېمىدىم، ئوغرىلاپتۇ دېدىم، نەقىل قىلغان بولسىڭىز نەقىل مەنبەسى قېنى؟؟؟
مورو ئىسلام ئازادلىق فونتىنىڭ سىرى دېگەن ئەسەرنى ئىككىگە بۆلۈپ يوللىسام ئىككىسىنى بىرىكتۈرۈپ قويۇپسىز، ئوكيان قامۇسدىكى قىسىمىنى بىرىكتۈرۈپ قويۇپسىز، شۇنىڭ بىلەن "مۇكەممەل " ئوغرى ئەسەر پۈتۈپتۇ ئەمەسمۇ؟ئەدەبىيات مۇئەللىمىڭىز شۇنداق ئۆگەتكەنمۇ؟
ھەر قانداق ئەدەبىي ئەسەر دەپ كېتىشىنى، نەقىل قىلىشنىڭمۇ مەلۇم چېكى بولىدۇ، %100 نەقىل قىلىپ ئەسەر يازغاننى سىزدىن كۆردۈم، قىپقىزىل ئوغرىلىق تۇرۇپتىغۇ؟

مەن كىرىشتۈردۇم ئىشەنمىسەڭ قاراپ باق؟ نىمە دىسەڭ دىمەمسەن. سەن تەرجىمە قىلدىم دىگەن تور بىكەتتىمۇ ھېچقانداق ئەسلى مەنبەسى ئەسكەرتىلمەپتىغۇ؟ سەنمۇ تولا سۆزلىمە تور دۇنياسى موشۇنداق .ئەلۋەتتە مەن سېنىڭ ماقالەڭنى قوللانغان بولسا پەقەت سېنىڭ ماقالەڭنىڭلار يالغۇر ئەكەلمدىم، باشقا ماقالىلەر بىلەن كىرىشتۈرۈپ ئەكەلدىم. ماقالە دىگەن شۇنداق بولىدۇ. ئەمدى سەن بىلەن دىيىشىشنىڭ ئورنى يوق، نىمە قىلساڭ قىل.
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-04 09:55 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«12»Pages: 1/2     Go
Bagdax bbs » سۈرەتلىك فىلىم