ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر ئادەمگە زىيانسىز بولۇش،ئاددى تېجەشلىك قولايلىق بولۇش ،ئاز پۇل بىلەن كۆرۆكەم ئۆي بېزەش ئۇسۇلىنى تاللاشقا يۈزلەنمەكتە،بۇ خىل ئۆي بېزەش ئۇسۇلى ياغاچچى،سىرچى ئىشلەتمەي تەييار ئائىلە سايمانلىرىنى مۇھاپىق باھادا سېتىۋېلىپ ئۆي بېزەش ئۇسۇلىدۇر،بۇ خىل ئۇسۇلدا ئۆي بېزىگەندە بازار تەكشۇرۇشكە ياخشى كۆڭۈل بەرگەندە نۇرغۇن ئىقتىساتنى تىجىۋالغىلى بولىدۇ. تۆۋەندە ئۆزلىرلەر كۆرىدىغان ئۆي دەل مۇشۇنداق ئۆيدۇر ،بۇ ئۆينىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى بۇ ئۆينى ئۇيغۇر ئۇستىلار ياسىغان ،ماتىرىياللارنىمۇ تۆت كوچا سودا بازىرىدىكى ئۇيغۇر شېركەتلىرى تەمىللىگەن(ئىزنۇر بېزەكچىلىكى،قۇدرەت لايىلەش ئورنى،نەزەر بېزەكچىلىكى، يېڭىى ئەسىر مىللىچە ئائىلە سايمانلىرىنى سېتىش ئورنى(تۆت كوچا جامەسىنىڭ قىيپاش ئۇددۇلىدا)كۆزلەر چىراقلىرى،خانبابا فارفۇرلىرى،ئىسكەندەر بەش خىل مېتال دۇكىنى،گۇزەل ئەسلىمە گۇل دۇكىنى).
بۇ ئوينىڭ خاس ئالاھىدىلىكى شۇكى بۇ ئۆي كىسەل داۋالىيالايدۇ!! يەنى ئۇيغۇر ئۇستىلار قىلالمايدىغان ئىش يوق،ئەڭ ياخشى ئۇستىلار يەنىلار ئۇيغۇر ئۇستىلاردۇر.بۇ ئۇستىلارنىڭ بىزگە بېرىدىغان يەنە بىر مەنپەتى شۇكى بىرەر يىللاردىن كېيىنمۇ بۇ ئۇستىلار شېركەتلەر سىزنىڭ ئەرز-شىكايەتلىرىڭىزگە قۇلاق سالىدۇ(ياخشى قىلمىغان جايلىرىنى ئوڭشاپ بېرىدۇ ،ئاساسەن ھەقسىز ،ماتىرىيال پۇلىنى چىقىرىسىز ئەلۋەتتە ). ئاشخانا ئۇسكىنىلىرى،يۇرۇشلۇك كارۋات قاتارلىق ئۇيغۇر شېركەتلىرىدە يوق سايمانلارنى باشقا شېركەتلەردىن ئالدىم .يۇققۇرقى شېركەتلەر بەرگەن پايدىغا(ئېتىۋار باھا) كىچىك بىر ماشىنىمۇ ئېلىپ قويدۇم. ھەممىلىرىنىڭ توت كوچا سودا كوچىسىنى مەركەز قىلغان 30 دەك ئۇيغۇر بېزەكچىلىك شېركەتلىرىدىن پايدا ئېلىشلىرىنى ،ئۇلارنى قوللاپ مەنىۋى زوق ئېلىشلىرىنى تىللەيمەن.
دۇنيادىكى ئەڭ گۇزەل ئۆي مېنىڭ ئۆيۇم چۈنكى بۇ ئۇيغۇر ئۇستىلار بېزىگەن ئۆي. مەن ئاشۇ شېركەتلەرنى قوللۇغانلىغىمدىن پەخىرلىنىمەن
مەنبە:ئۆزەم