مۇھەببەت دېگىنىڭ مۇشۇمىدى يار
باھارنىڭ قۇياشى سېنى ئەسلىتەر،
قۇشلاردىن ئەۋەتكەن سالىمىڭ يېتەر.
گۈللەردىن ئەتراپقا ھىدلىرىڭ كېتەر،
مۇھەببەت دېگىنىڭ مۇشۇمىدى يار!
باھارنىڭ چىڭقى چۈش ئاپتاپلىرىدا،
ئەكسىڭ بار چاقنىغان ياپراقلىرىدا.
مۇڭۇڭ بار تەبىئەت جىمقىتلىقىدا،
مۇھەببەت دېگىنىڭ مۇشۇمىدى يار!
باھارنىڭ زاۋىلى چىققان شامالمۇ،
دەپ بەرمەي قاچالماس يارىم ئامانمۇ؟
قارچۇغۇڭ سىماسى چۈشكەن گۇگۇممۇ،
مۇھەببەت دېگىنىڭ مۇشۇمىدى يار!
باھارنىڭ كېچىسى،باھارنىڭ چۈشى،
يار بىلەن جەم قىلار شېرىن ئۇيقۇسى.
يۇلتۇزلار چېقىمچى،ئاي ئاقلار تېخى،
سەن مېنى باغداشقا ئېلىپ ماڭغان چېغى.
مۇھەببەت دېگىنىڭ مۇشۇمىدى يار!
2012-يىلى4-ئاينىڭ26-كۈنى
[ بۇ يازمىنىeverollدە2012-04-28 21:29قايتا تەھرىرلى ]