saltanat lutun elan berig
بۇ تېما 1395 قېتىم كۆرۈلدى
ئەمىن
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 7212
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 6
شۆھرەت: 50 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 50 سوم
تۆھپە: 26 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 26 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 31(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 دىموكراتىك شائىر نەمەت خەلپەت (كەمى)نىڭ ھاياتى

بۇيىل دىموكىراتىك شائىر ،جامائەت ئەربابى نەمەت خەلپەت(كەمى ) ۋاپاتىنىڭ50يىللىق خاتىرە يىلى، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ مۇبارەك زاتنى چوڭقۇر سېغىنىش ئىچىدە ئەسلەيمىز! 

دىموكراتىك شائىر نەمەت خەلپەت (كەمى)نىڭ ھاياتى توغرىسىدا
 
شىرىپ نىياز خۇشتار
 


 
 
يىقىنقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ مۇنەۋۋەر نامايەندىلىرى ۋە كىيىنكى زامان ئۇيغۇر شىئىرىيىتىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرگۈچى ھەر قايسى مۇنەۋۋەر شائىرلار قاتارىدىن ئورۇن ئىلىشقا مۇناسىپ بولغان دىموكراتىك شائىر نەمەت خەلپەت (كەمى)، شىنجاڭدا مىللىي ۋە سىنىپىي زۇلۇم كۈچىيىپ، فىئوداللىق خانلىق تۈزۈمى ئاخىرقى چىكىگە يەتكەن؛ چىڭ خاندانلىقى شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ گۈزەل دىيارنى ئۆزىنىڭ كاللا كىسەر مەيدانىغا ئايلاندۇرۇش مەقسىتىدە مىللەتلەر ئارانىزا پەيدا قىلىپ، ھەر قايسى قىرىنداش مىللەتلەرنىڭ قولىنى بىر بىرىنىڭ ياقىسىغا چىڭ تۇتقۇزۇپ، «ئۆز يىغىدا ئۆز گۆشىنى قورۇش» سىياسىتىنى يۈرگۈزۈۋاتقان چاغدا، 1888- يىلى ھازىرقى پىچان ناھىيىسىنىڭ لۈكچۈن رايونىدا دىھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان ئىدى. شائىر نەمەت خەلپەت، ئائىلە تەربىيىسىنى ئالغاندىن كىيىن لۈكچۈندىكى بەگلىك مەدىرىستە ئەلا دەرىجە بىلەن ئوقۇپ، 20 يىشىدىلا ئوقۇغان مەدىرىستە خەلپەت (ئوقۇتقۇچى) بولغان، ئۇنىڭغا خەلپەت دىگەن نام شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ سىڭگەنىدى.
نەمەت خەلپەت كىچىگىدىنلا زىرەك، تىرىشچان ۋە ئىشچان بولۇپ، ئوقۇش دەۋرىدىن باشلاپلا پارس، ئەرەپ ۋە تۈركىي تىللىرىنى خىلىلا پىششىق ئۆگىنىدۇ، جۈملىدىن ئەدەبىياتقا قىزىقىپ، پەيلاسوپ شەيخ سەئىدى، ئۆمەر ھەييامى، ناۋايى، غۇجاھاپىز شىرازى ۋە سۇفى ئاللا يار قاتارلىق شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۆگىنىدۇ.

شائىر نەمەت خەلپەت، بىر تەرەپتىن ئۇقۇتقۇچىلىق قىلسا يەنە بىر تەرەپتىن جامائەت ئىچىدە ئىلىپ بىرىلغان دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىدۇ، ئۇنىڭ جامائەتكە ئارىلىشىشى، ئۇنىڭ ئۈچۈن خەلق تۇرمۇشىنى ئۆگىنىش مەكتىپى بولىدۇ. ئۇ ، مۇستەبت سىياسەت ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان  ئاپەتلىك يىللاردىكى مىللىي ۋە سىنىپىي زۇلۇمدىن ئىبارەت قوش زۇلۇم ئاستىدا جەبرى زۇلۇم چىكىۋاتقان جاپاكەش خەلقنىڭ ئىچىنىشلىق تۇرمۇشىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرىدۇ، زالىم ئەمەلدارلار، ۋاڭ- غۇجاملار ۋە باشقا يۇقىرى تەبىقىلەرنىڭ ئەيشى- ئىشرەتلىك چىرىك تۇرمۇشىدىن، ئۇلارنىڭ ئاچكۆزلىكى، زالىملىقىدىن قاتتىق نەپرەتلىنىدۇ، نەتىجىدە ئىجتىمائىي ھايات ۋە جەمئىيەتنى چوڭقۇر چۈشىنىشكە باشلايدۇ.

تەڭسىزلىك، ئادالەتسىزلىك كىشى تەسەۋۋۇر قىلىپ بولمايدىغان دەرىجىگە يەتكەن ئەينى زامان ئىجتىمائىي تۇرمۇش رىئاللىقى، ئۇنىڭدا، جەبرى- زۇلۇمغا قارشى غايىۋى ھىسىيات، ئازادلىق- ئەركىنلىك ۋە دىموكراتىيە ئارزۇسىنى قوزغايدۇ. ئۇنىڭ ئىزىلگۈچى ئەمگەكچى خەلققە

بولغان مىھرى- مۇھەببىتى، كۈچلۈك ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى ئۇرغۇپ تاشىدۇ. ئاخىرى ئۇ ، ئازادلىق ۋە دىموكراتىيە يولىدا ئۆز غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن قەلەمنى قورال قىلىپ، زالىم ئەمەلدارلار، جاھىل روھانىيلارنى پاش قىلىپ، كونىلىق، مۇستەبىتلىك، خۇراپىي نادانلىق ۋە تەقدىرچىلىكنى سۆكىدىغان كۆپلىگەن شىئىر، قوشاق، لەتىپىلەرنى يىزىپ خەلقنى ئويغىتىدۇ. 1912- يىلى ئىلىپ بىرىلغان تۇرپان دىھقانلىرىنىڭ قوراللىق قوزغىلىڭى نەمەت خەلپەتكە ناھايىتى زور ئىلھام بولىدۇ. ئۇ، دەرھال قوراللىق قوزغىلاڭغا قاتنىشىش ئارزۇسىدا تۇرپاننىڭ مۇرتۇق يىزىسىغا كۆچۈپ كىلىدۇ، ئارقىدىنلا (1913- يىلى) قۇمۇل دىھقانلىرىنىڭ تۆمۈر خەلپە باشچىلىقىدىكى قوراللىق قوزغىلىڭى كۆتۈرۈلىدۇ. بۇ قوزغىلاڭلارنىڭ غەلبىسى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئەمگەكچى خەلقنىڭ ئازادلىق ۋە دىموكراتىيىگە بولغان چەكسىز تەشنالىقىنى نامايەن قىلىدۇ.

بۇ چاغدا نەمەت خەلپەت «بارىكاللا» دىگەن شىئىرى داستانىنى يىزىپ، ئىزىلگۈچى دىھقانلارنىڭ قوزغىلىڭىنى مەدھىيلەيدۇ، زالىم ئىستىبداتلارنىڭ ئەپتى بەشىرىسىنى ئىچىپ تاشلايدۇ. خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئىرىشكەن بۇ «بارىكاللا» داستانى، ھەر قايسى جايلاردىكى توي- تۆكۈن بەزمىسى ۋە مەشرەپلەردە ئىغىزدىن- ئىغىزغا كۆچۈپ يادىلىنىدۇ.

1913- يىلى 9- ئاينىڭ 6- كۈنى ياڭ زىڭشىن، تۆمۈر خەلىپە بىلەن تۇرپان قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ رەھبەرلىرىدىن مۆيدىن ئاخۇنۇم قاتارلىقلارنى پاجىئەلىك ئۆلتۈرۈپ، ئۈرۈمچىگە كەلتۈرۈلگەن تۆمۈر خەلىپە قوزغىلاڭچىلىرىنى ئىچىنىشلىق باستۇرىدۇ. بۇ خەۋەر جايلارغا يەتكەندىن كىيىن شائىر نەمەت خەلپەت «پۇشايمان»، «ھەسرەت» ناملىق شىئىرلىرىنى يىزىش بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن قوزغىلاڭچىلارغا تەزىيە ۋە مەدھىيە ئوقۇيدۇ، ئىنقىلابى خەلقنىڭ بۇ خىل ئاچچىق ساۋاقنى ئىسىدە تۇتۇپ، داۋاملىق ئىنقىلاب قىلىشىنى دالالەت قىلىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ يەنە 1907- يىلدىكى قۇمۇل دىھقانلىرىنىڭ رەجەپ (راجى) ئاكا باشچىلىقىدا ئىلىپ بارغان مەشھۇر «تۇرپاقلار» قوزغىلىڭىدىن 1913- يىلى تۆمۈر خەلىپە باشچىلىقىدا ئىلىپ بىرىلغان قۇمۇل دىھقانلار قوزغىلىڭىغىچە بولغان جەرياندىكى قۇمۇل دىھقانلىرىنىڭ ئاسارەتلىك كۈنلىرى؛ جەۋرى، زۇلۇمغا قارشى ئىلىپ بارغان قانلىق كۈرەشلىرى ھەم تۇرپاندا ئەمەت تاماق بىلەن مويدىن خەلىپە باشچىلىقىدا ئىلىپ بىرىلغان تۇرپان قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ كۈرەش ئىرادىسى ۋە ئاخىرقى مەغلۇبىيەت ئەھۋالى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن چوڭ تىپتىكى تارىخىي داستانىنى① يازىدۇ. ئۇنىڭ داستانى ناھايىتى تىز خەلق ئىچىگە تارقىلىپ، تۇرپاننىڭ مەشھۇر ئەلنەغمىچىلىرىدىن نۇرۇل ئاكا، بۇرھان بەدىزامان قاتارلىقلارنىڭ ئەلنەغمە غەزەللىرىگە ئايلىنىدۇ. نەمەت خەلپەت ئۆز ئەسەرلىرىنىڭ خەلقنىڭ ھۈرمىتىگە سازاۋەر بولغانلىقىنى كۆرۈپ، خەلق شائىرلىرى ۋە ئاممىدىن سەمىمىي ئۆگىنىدۇ. ئۇ ، ئۆگىنىش جەريانىدا، 1920- يىللىرىنىڭ ئالدى- كەينىدىن باشلاپ شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر بىلەن تونۇشىدۇ ۋە ئابدۇخالىقنىڭ ئۆزىگە «ئۇيغۇر» دەپ تەخەللۇس قويغانلىقىدىن بەكمۇ مەمنۇن بولۇپ، ئىسمى- جىسمىڭغا لايىق قويۇلغان ئىسىم، دەپ مەدھىيە شىئىر يازىدۇ. ئۇ، شۇندىن باشلاپ ئابدۇخالىق ئۇيغۇر بىلەن بىرىش- كىلىش قىلىپ، قويۇق مۇناسىۋەتتە بولىدۇ. كىيىنچە نەمەت خەلپەتنىڭ شىئىر- قۇشاق ۋە ھەجىۋىلىرى بىۋاستە ۋاڭ ئوردىسىغا قارىتىلىدۇ. ئۇنىڭ «ئوغۇچىلاردىن نو چىقتى، لۈكچۈن قۇۋىقىدىن غو چىقتى» دىگەن ھەجىۋىسى «چوڭ پاشا» دەپ ئاتالغان لۈكچۈن ۋاڭى مۇھەممەت سايىت ئوردىسىنىڭ ئەپتى- بەشىرىسىنى ئىچىپ تاشلايدۇ. بۇنىڭغا قاتتىق نارازى بولغان ۋاڭ ئامالسىز قىلىپ، نەمەت خەلپەتنى ۋاڭ ئوردىسىغا تەكلىپ قىلىپ ئوردا «قىزىقچىسى» قىلىپ ئۆزى بىلەن تۇرغۇزىدۇ. بۇ پۇرسەت نەمەت خەلپەتنىڭ ۋاڭ ئوردىسىدىكى رەزىللىكنى تىخىمۇ ئوبدان بىلىۋىلىشقا سەۋەب بولىدۇ. شۇندىن باشلاپ ئۇنىڭ يۇمۇرلىرى «قىزىم ساڭا ئىيتاي، كىلىنىم سەن ئاڭلا» دىگەن مەنا بىلەن ئۆتكەن- كەچكەننى مەسخىرە قىلغان بولۇپ ۋاڭنى مەسخىرە قىلىدۇ. ئۆزىنىڭ ئۆتكۈر سۆزمەنلىكى بىلەن كۆپ ئىشلاردا ۋاڭغا مەسلىھەت بىرىپ، ئۇنى قايىل قىلىپ، كەمبەغەللەر ئۈستىدىكى ئالۋان- ياساق ۋە ئازاپلارنى ئازايتىدۇ. كىيىن، ياش شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر سوۋىت ئىتتىپاقىدىن قايتىپ كەلگەندىن كىيىن، ئۇنىڭدىن روسىيە سوتسىيالىستىك ئىنقىلابى ۋە سوۋىت خەلقىنىڭ يىڭى تۇرمۇشىغا ئائىت كۆپ نەرسىلەرنى ئاڭلايدۇ ھەم شىئىر يىزىش ئۇسلۇبىدىكى دىنى تەسەۋۇپتىن رىئالىزملىق ئۇيغۇر يىڭى زامان ئەدەبىياتى ئۇسلۇبىغا كۆچىدۇ. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى تاكى مەرھۇم شائىر 1933- يىلى شىڭ شىسەي تەرىپىدىن چىپىپ ئۆلتۈرۈلگىچە داۋاملىشىدۇ، نەمەت خەلپەت مۇشۇ جەرياندا يەنە تۇرپاندىكى تەرەققىيپەرۋەر مەرىپەتچى مەخسۇت مۇھىتى بىلەنمۇ تونىشىدۇ، ئۇنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا ھەمكارلىشىدۇ. كىيىنكى ۋاقىتتا، مەخسۇت مۇھىتى نەمەت خەلپەتنى ھەقىقىي بىلىم ئىگىسى ۋە ئەقىلدار، دەپ قاراپ، ئۆزلىرىنىڭ تۇرپان ناھىيىسىدىكى قوراللىق ھەرىكەتلىرىگە ۋە قۇمۇل دىھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ سەركەردىسى خوجىنىياز ھاجىم بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتلەرگە قاتناشتۇرىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇ ، مەخسۇت مۇھىتىنىڭ (تۇرپان) ۋەكىلى بولۇپ، قۇمۇل قوزغىلاڭچىلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرىدۇ. مەخمۇت مۇھىتىغا (مامۇت سىلىڭغا) مەسلىھەتچى بولىدۇ. نەمەت خەلپەت بىر قىتىملىق سۆھبەتتە (يەتتە قۇدۇقتا غوجىنىياز ھاجىمنىڭ يىنىدا بولۇپ، ماخۇسەن گەپ- سۆزسىزلا  قۇمۇلغا چىكىنگەچكە، خوجىنىياز ھاجىم قىسىملىرى يالغۇز قالىدۇ ۋە شىڭ شىسەي قىسىملىرىنىڭ قىستاپ ھۇجۇم قىلىشىغا ئۇچرىغاندا، نەمەت خەلپەتمۇ خوجىنىياز ھاجىم بىلەن بىللە چىكىنىدۇ (بۇ چاغدا مەھمۇت مۇھىتى قوشۇنلىرى قارا شەھەر ئەتراپىدا ئىدى). شۇندىن كىيىن خوجىنىياز ھاجىمنىڭ يىنىدا تۇرۇپ مەسئۇل كاتىپ ۋە مەسلىھەتچى بولۇپ ئىشلەيدۇ. خوجىنىياز ھاجىم گۇچۇڭدىن قوزغىلىش ئالدىدا، شىڭ شىسەي ئەۋەتكەن ۋەكىللىرى بىلەن بولغان سۆھبىتىدە، غوجىنىياز ھاجىمغا مەسلىھەتچى بولىدۇ ۋە سۆھبەت خاتىرىسى بىلەن شىڭ شىسەيگە ئەۋەتىدىغان جاۋاب خەتنى يازىدۇ. مەھمۇت مۇھىتى جەنۇبىي شىنجاڭغا يۈرۈش قىلغاندا، ئۆزىنىڭ كونا مەسلىھەتچىسى نەمەت خەلپەتنى خوجىنىياز ھاجىمدىن سوراپ قەشقەرگە ئىلىپ كېتىدۇ، نەمەت خەلپەت قەشقەرگە بارغاندىن كىيىن مەھمۇت مۇھىتىنىڭ دىۋىزىيە قۇرۇش ئىشىغا زور ياردەمدە بولىدۇ ۋە دىۋىزىيىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى بولۇپ ئىشلەيدۇ. غوجىنىياز ھاجىم ئۆلكىگە مۇئاۋىن رەئىس بولۇپ ئۈرۈمچىگە كەتكەندىن كىيىن، شىڭ شىسەي ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن مەھمۇت مۇھىتىنى يالغۇز قالدۇرۇش مەقسىتى بىلەن ئۇنىڭ يىنىدىكى بىر بۆلۈم قابىل كىشىلەرنى ئۈرۈمچىگە يۆتكەيدۇ. شىڭ شىسەي شۇلار قاتارىدا يەنە نەمەت خەلپەتنىمۇ ئۆلكىلىك بانكىنىڭ مۇئاۋىن بانكا باشلىقى قىلىپ تەيىنلەپ، ئۈرۈمچىگە يۆتكەيدۇ. ئەمما نەمەت خەلپەت ئۈرۈمچى ياكى قەشقەردە بولغان ۋاقىتلىرىدا بولسۇن ئومۇمەن شىئىرى ئىجادىيىتىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرىدۇ، كونا شىئىرلىرىنى رەتلەش ئارقىلىق 14 جىلىت ئەسەر توپلايدۇ. بىر بۆلۈم شىئىرلىرى 1935- يىلى 1- ئايدىن باشلاپ «شىنجاڭ گىزىتى»دە ئىلان قىلىنىدۇ. 1936- يىلى 18-فىۋرال «شىنجاڭ گىزىتى»دە ئېلان قىلىنغان «جاھانگىرلىككە قارشى» ناملىق شىئىرى مۇخەممەس شەكلىدە يىزىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش بىلەن بىرگە يىڭى تۇرمۇش قاراشلىرى، خەلقنىڭ مەدەنىيەتكە، تەرەققىياتقا بولغان ئارزۇسى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ.

1937- يىلى شىڭ شىسەي قانلىق قىلىچىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، ئوچۇق ئاشكارا ھالدا تۇتقۇن قىلىشنى باشلايدۇ، بۇ چاغدا، خوجىنىياز ھاجىم بىلەن شارىپقان باشلىق بىر بۆلۈم ئۇيغۇر، قازاق ئىنقىلابىي ئەرباپلار قولغا ئىلىنىدۇ، شۇندىن كىيىنلا نەمەت خەلپەتمۇ قولغا ئىلىنىپ، تۈرمىگە تاشلىنىدۇ.

نەمەت خەلپەت يەتتە يىل تۈرمە ئازابىنى تارتىدۇ، ئۇ، دەسلەپ شىڭ شىسەينىڭ ئۈرۈمچىدىكى 5- تۈرمىسىدە، كىيىن تۆتىنچى ۋە ئىككىنچى تۈرمىدە، ئەڭ ئاخىرىدا ئۈرۈمچى دۆڭكۆرۈك (ھازىرقى ئىككىنچى دوختۇرخانا ئورنىدىكى) سوپۇن زاۋۇتى دەپ ئاتالغان تۈرمىدە ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق ئىلغارلار بىلەن بىللە بولۇپ ئەمگەك قىلىدۇ. تۈرمىدىكى ھەر خىل ئازاب- ئوقۇبەتلەر ۋە قىيىن- قىستاقلار ئۇنىڭغا ئىغىر جىسمانىي جازا بولسىمۇ، لىكىن ئۇنىڭ قەيسەر ئىرادىسىنى بويسۇندۇرالمايدۇ. بەلكى ئۇ، تۇرمە جەريانىدا ئۆزىنىڭ تارتقان ئازاب- ئۇقۇبەتلىرىنى ئۇنتۇغان ھالدا، ناھەق قولغا ئىلىنىۋاتقان بىگۇناھ قىرىنداشلار ئۈچۈن قاتتىق قايغۇ ئۇرۇپ، «ۋادرىخ»① (شائىرنىڭ «ۋادرىخ» دىگەن شىئىرى، 1944- يىلى سوپۇن زاۋۇتى تۈرمىسىدە يىزىلغان) دىگەن شىئىرىدا:

«ياخشىلاردىن قالمىدى زىندانغا چۈشمەي بىر كىشى،
بۇ نىچۈك بى رەھىملىك، ئەي چەرقى گەردان ۋادرىخ»
دەپ يازسا، تۈرمىدە تونۇشقان بىگۇناھ كىشىلەر ۋە ئىنقىلابچىلارنى مەدھىيلەپ:

«ياخشىلارغا ھەمنەپەس بولساڭ ئەگەر زىنداندا سەن،
ھىچ كىرەك يوق ئەيلىسەڭ، جانىڭدىن قۇربان ۋادرىخ»
دەپ يىزىپ تۈرمىداشلىرى-ئوخشاش ئازاب چىكىۋاتقانلار ئۈچۈن ھاياتىنى قۇربان قىلىشتىن يانمايدىغانلىقىنى ئىزھار قىلغانىدى. ئۇنىڭ تۈرمىداشلىرى، بولۇپمۇ 1942- يىلىدىن 1944- يىلى 6- ئاي ئاخىرىغىچە بىللە بولغان ئەخمەتجان قاسىمى ئۇنىڭ (نەمەت خەلپەتنىڭ) ئىرادىلىك، دوستلارغا سادىق قەلبىنى چۈشىنىدۇ، بۇلار تۈرمە داۋامىدا ناھايىتى ئىناق ئۆتىدۇ.

نەمەت خەلپەت، 1946- يىلى 6- ئاينىڭ ئاخىرىدا تۈرمىدىن بوشىنىپ تۇرپانغا قايتىدۇ، كەڭ خەلق ئاممىسى ئۇنى قىزغىن قارشى ئىلىپ ھىمايە قىلىدۇ. ئەممە گومىنداڭنىڭ ئىشپىيونلۇق ئورگانلىرى ئۇنى داۋاملىق رازۋىت قىلىدۇ ھەم يوشۇرۇن تەھقىپ ئاستىدا تۇتىدۇ. بۇ چاغدا، نەمەت خەلپەت تۇرپاندا «تۇرپان شىركىتى» ناملىق سودا شىركىتىنى قۇرىدۇ ۋە ئۇنىڭ مەسئۇلى بۇلۇپ، خەلقنى سودا تەشكىلاتىغا ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق گومىنداڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ قانۇنسىز سودىسىنى چەكلەيدۇ. بىر قىتىم گومىنداڭ ھەربىيلىرى خوتەندىن ئىچكىرىگە ئىلىپ كەتمەكچى بولغان 40 مىڭ جىڭ ساپ يىپەكنى تۇرپانغا ئىلىپ كىلىدۇ، بۇنىڭدىن ۋاقىپ بولغان نەمەت خەلپەت سودا رەسمىيىتى بۇيىچە يىپەكنى توسۇپ قويىدۇ، كىيىن نۇرغۇن تالاش- تارتىشلار ئارقىلىق گومىنداڭ ھەربىيلىرىنى مۇنازىرىدە يىڭىپ، 2000 جىڭ ساپ يىپەكنى تۇرپان شىركىتى نامىغا ئىلىپ قالىدۇ.

1946- يىلى گومىنداڭ تەرەپ بىلەن ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا 11 ماددىلىق بىتىم بولىدۇ، بۇ يىللاردا، ئەخمەتجان قاسىمى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ ئۈرۈمچىگە كىلىدۇ. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان نەمەت خەلپەت تۇرپان خەلقى نامىدىن ئەخمەتجان قاسىمىنى يوقلاپ ئۈرۈمچىگە چىقىدۇ ۋە «مانا كەلدىم» ناملىق شىئىرىنى گىزىتتە ئېلان قىلىدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ نەمەت خەلپەت تۇرپان، تۇقسۇن، پىچان، لۈكچۈن قاتارلىق جايلارنىڭ سايلام خىزمىتىگە قاتنىشىدۇ ۋە خەلقچىل سايلامنىڭ ئىجراسى ئۈچۈن تۆھپە قوشىدۇ. كىيىن تۇرپاننىڭ كىڭەش ئەزاسى بولۇپ، بىر بۆلۈم ئىلغارلارنى باشلاپ ئۈرۈمچىگە يىغىنغا كىلىدۇ، بۇ چاغدا گومىنداڭ ھۆكۈمىتى تەتۈر قۇيۇن چىقىرىپ 11 ماددىلىق تىنچلىق بىتىمىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئەخمەتجان قاسىمى باشلىق ئۈچ ۋىلايەت ۋەكىللىرى ئىلىغا قايتىدۇ، نەمەت خەلپەتمۇ ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ تەكلىپ بىلەن تۇرپان ۋەكىللىرىنى باشلاپ ئىلىغا بارىدۇ ۋە ئىلىدا تۇرۇپ، تۇرپان شىركىتىنىڭ خىزمەتلىرىگە ياردەمدە بولىدۇ. ئىلىدا بولغان مەزگىلدە «يەتتە ۋىلايەت خەلقچىل تەشكىلاتى»نىڭ مەسئۇلى بولۇپ ئىشلەيدۇ. 1948- يىلى ئىلىدا قۇرۇلغان «شىنجاڭدا تىنچىلىق ۋە خەلقچىلىقنى ھىمايە قىلىش ئىتتىپاقى»نىڭ ھەيئەت ئەزاسى بۇلۇپ سايلىنىدۇ. نەمەت خەلپەت غۇلجىدا بولغان مەزگىلىدە، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ بىر تەركىبىي قىسمى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھىس قىلغان، ئۇ، ئەينى يىللاردا ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئارقا- ئارقىدىن غەلبە قازىنىۋاتقان خەلق ئازادلىق ئۇرۇشىنىڭ پات ئارىدا پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا غەلىبە قىلىدىغانلىقى، جۇڭگو ھاۋا بوشلۇقىدىن قارا بۇلۇتلارنىڭ پۈتۈنلەي سۈپۈرۈلۈپ يورۇق تاڭ ئاتىدىغانلىقىغا چوڭقۇر ئىشەنچ باغلايدۇ، ئۇ، 1949- يىلى 7- ئايدا يازغان «بولماس» دىگەن غەزىلىدە ئۆزىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئارزۇ- ئارمانلىرىنى ۋە مۇستەھكەم ئىنقىلابىي مەيدانىنى تولۇق ئىپادىلىگەنىدى.

ۋەتەنپەرۋەر دىموكراتىك شائىر نەمەت خەلپەت 20 يىشىدىن باشلاپلا خەلىققە تونۇلغان خەلقپەرۋەر جامائەت ئەربابى ئىدى، ئۇنىڭ پۈتۈن ھاياتى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، ۋاڭ- بەگلەردەك تىرىكتاپ ئەمەلدارلارنىڭ رەزىل ئەپتى- بەشرىسىنى ئىچىپ تاشلاپ ھەم ئىزىلگۈچى مىللەتلەر ۋە خەلقلەر تەرىپىدە تۇرۇش بىلەن ئۆتكەن ئىدى. بۇلۇپمۇ ئۇ ، 1931- يىلى قوزغالغان قۇمۇل قوزغىلىڭى ۋە تۇرپان دىھقانلار قوزغىلىڭىغا قولىغا قورال ئىلىپ قاتناشتى، 1935- يىلى كۈزدە شىنجاڭ ئۆلكىلىك بانكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغاندىن تارتىپ ئاخىرقى ئۆمرىگىچە ھۆكۈمەت خىزمىتىدە بولدى، ئۇ، ئۆز ھاياتىدا نۇرغۇن شىئىر، داستان، لەتىپە ۋە قوشاقلارنى يازدى (ئۇنىڭ خەلق ئىچىگە تارالغان كۆپلىگەن لەتىپىلىرى زاماننىڭ ئۆسۈشى بىلەن باشقىلار ھىسابىغا خاتىرىلىنىپمۇ قالدى). ئۇنىڭ ھەر بىر شىئىرى ۋە لەتىپىلىرى دەۋر روھىنى ئەكس ئەتتۈرگەن، ئۆزىنىڭ ئىلغار دۇنيا قارىشىنى ئىپادىلىگەن ئىدى. ئۇ، شىنجاڭ تىنچلىق بىلەن ئازاد بولغان كۈنلەردە، كۆپلىگەن شىئىرلىرى بىلەن شىنجاڭ خەلقىنىڭ ئازادلىقىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ رەھبەرلىكىنى مەدھىيلىگەن ئىدى.

نەمەت خەلپەت 50- يىللاردىلا مەملىكەتلىك سىياسىي كىڭەشنىڭ دائىمىي ھەيئىتى بولۇپ سايلانغان، 1955- يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كىڭەشنىڭ ھەيئەت ئەزاسى ۋە تۇرپان ناھىيىلىك سىياسىي كىڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ ئىشلىگەن.

نەمەت خەلپەت ئازادلىقتىن كىيىن پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋە خەلقنىڭ زور غەمخورلىقىغا ئىرىشتى، ئۇ، 1962- يىلى ئېغىر دەرىجىدە يۇقىرى قان بىسىمى كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي 74 يىشىدا ۋاپات بولدى. پارتىيە 3- ئومۇمىي يىغىنىدىن كىيىن شائىر نەمەت خەلپەتنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى توغرىسىدا ھەر تەرەپلىمە ئىزدىنىش بولغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ 1935- يىلىغىچە يازغان ئەسەرلىرى شىڭ شىسەي قولىدا، قالغانلىرى كىيىنكى تۈرلۈك ھەرىكەتلىرى جەريانىدا يوقالغان بولغاچقا، تىپىلغان ئاز بىر قىسىم شىئىرلىرى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن 1982- يىلى نەشىرى قىلىنغان «گۆدۈك» توپلامغا كىرگۈزۈلدى. بىز بۈگۈن دىموكراتىك شائىر، خەلقپەرۋەر جامائەت ئەربابى نەمەت خەلپەتنىڭ ئۆز ھاياتىدا خەلققە يەتكۈزگەن تۆھپىسىنى ھۈرمەت بىلەن تىلغا ئالماي تۇرالمايمىز.

 

ئاپتور: جۇڭگو ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخ تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى.بۇ ماقالە «شىنجاڭ تارىخ ماتىرىياللىرى» 25- قىسمىدىن ئىلىنغان.
تېما تەستىقلىغۇچى : duttarqi
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-04-28, 21:23
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-04-28 16:48 |
omaq
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 5731
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 51
شۆھرەت: 278 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 279 سوم
تۆھپە: 163 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 164 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 9(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئويغانغان زىمىن رومانىنى ئوقۇغاندا نەمەت خەلپەتنىڭ ئىش ئىزلىرىنى بىلگەن ، بۇنى ئوقۇپ تېغىمۇ چوڭقۇر چۈشەندىم
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-28 23:09 |
edirhan
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2666
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 308
شۆھرەت: 1672 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1694 سوم
تۆھپە: 984 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 987 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 276(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-07-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-27
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

   يېقىنقى زامان تارىخىمىزدا ئۆتكەن قەھرىمانلارنى تونۇش ۋە ئىش-پائالىيەتلىرىنى ئەسلەش، كەلگۈسىگە قانداق قارىشىمىزغا تۇرتكە بولىدىغان ياخشى يول.
   تېما ئىگىسىگە رەھمەت! نەمەت خەلپەت توغرىسىدا ئەتىراپلىق چۈشەنچە بەرگىنىڭىز، بىزگە ئوخشاش ئىسمىنىلا ئاڭلاپ ئىش-ئىزلىرىنى بىلمەيدىغانلار ئۈچۈن ياخشى پايدىلانما...
http://www.uqur.net/
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-29 08:37 |
palgan
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 176
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 144
شۆھرەت: 1001 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1013 سوم
تۆھپە: 565 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 567 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 852(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

چۈشەندۈرىلىشى:مۇشۇ ئادەم شۇ ، كۆرۈۋېلىڭىزلار
رەسىم:
نەمەت خەلپەتنىڭ سۈرىتى ، بۇ كىشى خوجىنىياز ھاجىلارنىڭ ئىمامى دېگەنغۇ دەيمەن ..
saltanat
لا اله الا الله محمد رسول   ال
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-29 09:48 |
adilxa
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 4743
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 45
شۆھرەت: 225 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 225 سوم
تۆھپە: 135 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 135 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 46(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-12-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-17
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئويغانغان زىمىن رومانىدا مۇشۇ كىشىنىڭ خوجىنىياز ھاجى ئاتىمىزغا ئېيتىپ بەرگەن ئىككى ھىكايسىنى ئارىلاپ-ئارىلاپ ئوقۇپ قۇيىمەن .ھېلقى «ئىشەك بىلەن تۈلكە»،«مايمۇن بىلەن تاشپاقا»دىگەن.
بەك بىلىملىك  ھەم شۇنداقلا بەك تەلەيلىك كىشىكەنتۇق.ھېلقى شىڭ شىسەي دىگەن ئالۋاستىنىڭ تۈرمىسىدىن ساق چىققىنى چوڭ ئىشتە.چۈنكى بۇكىشى ئىنقىلابتا مۇھىم رول ئوينىغان تۇرسا
simfoniya
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-30 01:38 |
sawer082
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6664
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 4
شۆھرەت: 20 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 20 سوم
تۆھپە: 12 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 12 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 27(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

يارەب دېگەن شېئىرنى مۇشۇ كىشى يازغانغۇ شۇ روماندىكى ...............
lutun
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-30 12:44 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » مەشھۇر شەخسلەر