ئەۋلادىم
تاڭلارنىڭ زىننىتى چولپان ئەۋلادىم،
زېمىننىڭ سۇلتانى خاقان ئەۋلادىم.
كۆمۈلمەس ئىزلارنىڭ داۋامى ئۆزۈڭ،
خەلقىمنىڭ بارلىقى دەرمان ئەۋلادىم.
مۇقەددەس بۇ زېمىن ئەزەلدىن سېنىڭ،
تاغلىرى،باغلىرى،چۆللىرى سېنىڭ،
ئاققان سۇ تۇتىيا،زەرلىرى سېنىڭ،
تەڭرىمدىن بۇ ساڭا پەرمان ئەۋلادىم.
كۆكلەردە چاقنايدۇ ئوغۇز سىماسى،
كۆرەشكە ئۈندەيدۇ بۇغرا ساداسى،
تاڭلارنى چىللايدۇ ئۇيغۇر نىداسى،
دىللاردىن ئۆچمىسۇن ئارمان ئەۋلادىم.
ئىز بېسىپ دۇنيادىن بوۋاممۇ كەتتى،
مەنزىلدە يۈلەكسىز داداممۇ ھاردى،
ئۈمىدلىك يوللاردا كۆزلەرمۇ تالدى،
ۋىسالغا شام-چىراق،نىشان ئەۋلادىم.
بۇ ھايات يوللىرى ئېگىز پەس-داۋان،
ھەر قەدەم يولۇڭدا ئۇچرايدۇ قاۋان،
ئىستىگى-ئارزۇسى توقاتساڭ ۋىجدان،
ھەق چىقىش يولۇڭدۇر،ئىمان ئەۋلادىم.
ھاياتلىق يولىدا بولما تەمەخور،
ئەجىرىسىز ئەمگەكتىن ئىزدىمە ھۇزۇر،
ئېزىشلەر ئالدىدا يوقاتما غۇرۇر،
ئىنسانلىق سۈلكۈتىڭ ۋىجدان ئەۋلادىم.
سەن بولغىن زۇلمەتكە چېقىن ۋە يانغىن،
قاباھەت،مەئىشەت يولىدا تاشقىن،
قولىمىز دۇئادا بولمىغىن خائىن،
ئەجدادتىن بۇ ساڭا پەرمان ئەۋلادىم.
سەن ئۈچۈن شاۋقۇنلاپ ئاقىدۇ تارىم،
سەن ئۈچۈن يىغلايدۇ زەرەپشان دائىم،
سەن ئۈچۈن ئۆرتىنەر ھەسرەتتە باغرىم،
ئۈمىدلىك مەنزىلدە چۇقان ئەۋلادىم.
نەسەبىڭ، تارىخىڭ،ھەقىنى ئۇنۇتما،
ئۆز تىلىڭ،ئېتىقاد يولدىن ئاداشما،
رەقىبلەر يولىغا ھەرگىز يانداشما،
سەن بۈيۈك تارىخقا سۇلتان ئەۋلادىم.
تاڭلارنىڭ زىننىتى چولپان ئەۋلادىم،
زېمىنىنىڭ بايلىقى خاقان ئەۋلادىم.
كۆمۈلمەس ئىزلارنىڭ داۋامى ئۆزۈڭ،
ئۇيغۇرنىڭ بارلىقى دەرمان ئەۋلادىم.
2012-يىل نورۇز ئېيىنىڭ27-كېچىسى
مەنبە:كۆكسۇ يازمىلرىدىن