ئانامغا مەرسىيە
ئاناجانىم كىتىپ قالدىڭ، ئەمدى قايدىن كىلەرسەنمۇ،
يۈ رەكىم زار، باغرىمدۇر قان، ئەمدى قايدىن كىلەرسەنمۇ،
ئاتام كەتتى ئۆزۈڭمۇ ھەم، سەبرىگە قالمىدى دەرمان،
باغرىم تىلىپ، نالە قىلسام ئەمدى قايدىن كىلەرسەنمۇ.
كىچىلەر ئۇيقۇ ھەم يوقتۇر، پىغانىم يەتتى ئاسمانغا،
تۈن كۆكسىگە ئۇرۇپ خەنجەر ئانا قايدىن كىلەرسەنمۇ.
ئۆيىمىز بولدى زىمىستان، قەبرەڭ بولدى گۈلىستان،
يۈرەكلەرنى ئۆرتەر پىغان، ئانا قايدىن كىلەرسەنمۇ.
بۆشۈكتىكى بالاڭ يىغلار بىر ئىمىشكە سىنى زار بوپ،
چىدالماستىن نالىسىگە ئانا قايدىن كىلەرسەنمۇ.
كوچىدا سەرساندۇر ئوغلۇڭ ، سىنى ئىزدەر تالاي كۆزدىن،
سۇنۇپ بىر پىيالە قىزىق چاي ، ئانا قايدىن كىلەرسەنمۇ.
ئۈمچىيەرمىز كىملەرگە سەندىكى مىھىرنى ئىزدەپ،
يىتىملىك تونىنى كەيدۇق، ئەمدى قايدىن كىلەرسەنمۇ.
توققۇزى تەل بولسىمۇ سىنىڭدەك مىھرىبان يوقكەن،
پىقىر بولساڭمۇ، قەلبىمگە شاھ بوپ قايدىن كىلەرسەنمۇ.
تەسبىھ ئىيتىپ، زىكرى ئىيتىپ، شۇكرى قىلسام ئاللاھقا،
كۈلۈپ بىر رەت تاتلىققىنا، چۈشۈمگە قايدىن كىلەرسەنمۇ.
پاتىگۈل (ئايتۈرك)