saltanat lutun elan berig
بۇ تېما 8487 قېتىم كۆرۈلدى
tograk

دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 61
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 420
شۆھرەت: 3858 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3833 سوم
تۆھپە: 2033 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 2057 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 3932(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ستالىن ،گېتلىرنىڭ2-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى سەۋەنلىكلىرى

             گىرمانىيە ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىنكى بىر ھەپتە ئىچىدە ستالىن ھېچقانداق 
                                           بۇيرۇق چۈشۈرمىگەن

    1941  - يىلى 22 - ئىيۇل سەھەر .
     ئەينى چاغدا دۇنيا بويىچە ئەڭ كۈچلۈك ھەربىي كۈچ _  ئۇزاق ۋاقىت ئۇرۇشتا چېنىققان 3 مىليون 25 مىڭ كىشىلىك گىرمانىيە قوشۇنى ياۋروپانىڭ غەربىدىكى ئۇرۇش مەيدانلىرىنىڭ ھەممىسىدە غەلبە قىلغاندىن كېيىن ، " بابۇروسا" پىلانى ئۇرۇشىنى قوزغايدۇ . بۇ گېتلىرنىڭ بالتىق دېڭىزىدىن قارا دېڭىزغىچە سوۋېت ئىتتىپاقىغا قىلغان پۈتۈن لىنىيىلىك تۇيۇقسىز ھۇجۇمىنىڭ نامى بولۇپ ، گېتلىر ئۆزىگە تۇلۇق ئىشەنگەن ھالدا مەسلىھەتچىلىرىگە :  ئۈچ ئايغا بارمايلا بىز سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۆزۈل _ كېسىل بىتجىت بولغانلىقىنى كۆرەلەيمىز ، _ دەيدۇ .
       گېتلىر قىش پەسلى يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇنقى بىر قېتىملىق ئۇرۇشتىلا سوۋېت ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلغىلى بولىدۇ دەپ ھېسابلاپ ، ئۆز ئارمىيىسىگە سوغۇقتىن مۇداپىئەلىنىش بۇيۇملىرىنى تەييارلاپ بەرمىگەن .
       ستالىن ئەينى چاغدىكى ۋەزىيەتتىن ناھايىتى قورقۇپ كەتكەن ، بۇنىڭدىن يوقىرىقى مۆلچەرنى ھېچقانداق ئاساسى يوق دېگىلى بولمايدۇ . ستالىن ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتلاردىمۇ ھەتتا نېمىس قوشۇنى ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىنمۇ گېتلىرنىڭ گېرمان _ سوۋېت شەرتنامىسىگە خىلاپلىق قىلىپ ناپالىئوننىڭ كونا ھالاكەتلىك يولىغا ماڭغانلىقىغا ئىشەنگۈسى كەلمىگەن ۋە ئۆزىنىڭ ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ تەمىنلىگەن ، گىرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ توپلىنىۋاتقانلىقى توغرىسىدا بەرگەن ئاخباراتلىرىغا ئىشەنمىگەن . ئۇنىڭ گۇمانلانغىنى گېتلىر بولماستىن ، بەلكى چېرچېل بىلەن رۇززۋېلىتنىڭ ئۆزىنى گېتلىغا قارشى ئۇرۇش توزىقىغا دەسسىتىشىدىن گۇمانلانغان . گېتلىرنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ، سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى قۇماندانلارنىڭ قىسىملارنى ئۇرۇش ھالىتىگە كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى تەلىپىمۇ ستالىن تەرىپىدىن رەت قىلىنغان . سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھاۋا مۇدائىئە قىسىملىرى گىرمانىيە ئايروپلانلىرىنى توسۇشنى چەكلەش بۇيرۇقىنى تاپشۇرۇپ ئالغاچقا گىرمانىيە ئايروپلانلىرى ئارقا - ئارقىدىن توختىماي سوۋېت ھاۋا بوشلىقىغا كېرىپ ، سوۋېت ئىتتپاقى ئايررودوروملىرىنى سېستىمىلىق سۈرەتكە ئېلىپ ، بۇنىڭ بىلەن يۈزلىگەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئايروپلانلىرىنىڭ ئۇرۇش باشلىنىش بىلەنلا يەر يۈزىدىن پۈتۈنلەي يوقىتىلىشىغا سەۋەپچى بولغان .
       ھەتتا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ باش شتاب باشلىقى گېنرال ژۇكۇۋ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بالتىق دېڭىزىدىن ئوكرائىناغىچە پۈتۈن لىنىيىلىك ھۇجۇمغا ئۇچىرىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئېلىپ كېلىپ ، چۈش كۆرۈۋاتقان ستالىننى ئۇيغاتقاندىمۇ ، سىتالىن ئاللىقاچان يۈز بەرگەن بۇ رىئاللىقنى قوبۇل قىلىشنى خالىمىغان . ئۇ دېپلۇماتىيە مىنىستىرلىقىغا بىرلىن بىلەن ئالاقىلىشىشقا بۇيرۇق بەرگەن ھەمدە ياپۇنىيىنىڭ مۇرەسسەلەشتۈرۈپ قويۇشىدىن ئۈمىد كۈتكەن . 1941 - يىل ئىيۇلنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر ھەپتىسى گىرمانىيە ئارمىيىسى سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇقۇم قىلغاندىن كېيىن ، ستالىن ناھايىتى جىددىلىشىپ كەتكەن . ئۇ بىر ھەپتىدە ھېچقانداق بىر بۇيرۇقمۇ چۈشۈرمىگەن . ھۋچقانداق بىر ھۆججەتكىمۇ ئىمزا قويمىغان . كەم دېگەندە ئۈچ كۈن كىشىلەر ستالىننىمۇ كۆرمىگەن . ئاۋازىنىمۇ ئاڭلىمىغان . ئۇ يېزىدىكى داچىسىغا كرىۋېلىپ ، ئۈمىدسىزلىنىپ قانداق قىلىشنى بىلەلمەي قالغان . مولوتۇۋ ۋە باشقا سىياسىي بيۇرو ئەزالىرى ئۇنى ئىزدەپ داچىسىغا بارغاندىمۇ سىتالىن ئۇلارنى ئۆزىنى قولغا ئالغىلى كەلگەن چېغى دەپ ئويلىغان . ئەمەلىيەتتە ئۇلار ستالىننىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ خىزمەتلەرگە رىياسەتچىلىك قىلىشىنى ئىلتىماس قىلىپ كەلگەن .
       شۇ چاغدىن باشلاپلا ستالىن ئىشەنچىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ، دۆلەت مۇداپىئە كومتېتى تەشكىللىگەن ، ئۆزى رەئىس ۋە ئالىي قۇماندانلىقنى ئۈستىگە ئالغان . پۈتۈن بىر يازدا سوۋېت ئارمىيىسى ئارقا - ئارقىدىن مەغلۇپ بولۇپ ، ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى 8 ئېيىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 4  مىليۇن ئوفېستىر - ئەسكىرى گىرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ قورشاۋىدا قېلىپ ئەسىرگە چۈشكەن .
               

                               گېتلىر ئۈچ خاتالىق ئۆتكۈزگەن

        1942 - يىل پۈتۈن دۇنياغا كەلگەن ئامەت شۇكى ، گېتلىر شۇ چاغدا خاتالىق ئۆتكۈزگەن . ئۇ گىرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ موسكىۋانى قورشاش ۋە بېسىپ كىرىش ۋاقتىنى گىرمانىيە ئارمىيىسى باش شتابى ئوتتۇرىغا قويغان . 1941 - يىلى 8 - ئايدىن 10 - ئايغا كېچىكتۈرگەن . بۇنداق كېچىكتۈرۈشنىڭ نېتىجىسى گىرمانىيىنىڭ ئالدىن يۈرۈش يۈرۈش قىلغۇچى قىسىملىرى موسكۋاغا يېقىنلاپ بارغاندا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قارا قىشىغا توغرا كېلىپ قېلىپ ، ئىلگىرلەشكە ئامالسىز قالغان .
        گېتلىرنىڭ ئىككىنچى خاتالىقى ،  مانا شۇ ۋەزىيەت ئاستىدا ، ئۇ ئەسلىدە ئەينى چاغدىكى ۋەزىيەت ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى يالغۇز سۇلىھى قىلىپ ، دۈشمەنلىرىنى پارچىلىسا بولاتتى ، بىراق ، ئۇنداق قىلماي ، ئەكسىچە پىيارىل خاربور ۋاقەسىدىن كېيىن ئۇنىڭ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشتىن ئىبارەت دو تىكىش قارىشى كۈچىيىپ كەتكەنلىكتىن ، 1941 - يىلى دېكابردا ئامېرىكىغا رەسمىي ئۇرۇش ئېلان قىلغان .
        گېتلىرنىڭ ئۈچىنچى خاتالىقى ،  ئۇرۇش باشلىنىشى بىلەنلا ئۆزىنىڭ سىياسىي ۋە دىپلۇماتىيە ۋاستىسىنى بارغانسىرى ئاز ئىشلىتىپ ، ئەكسىنچە ئۆز تەبىئىتىدىكى تەشەببۇسى بولغان ھەربىي كۈچكىلا تايىنىۋالغان . گىرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى ئەسىرلىرىنى خورلىشى ، ئۇرۇشنىڭ بىرىنچى يىلىلا 3 مىليۇن ئەسىرنىڭ ئۈلۈپ كېتىشىگە سەۋەپچى بولغان . گىرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ پۇقرالارنى رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇشىمۇ ئامان قالغانلارنىڭ ئارقا - ئارقىدىن پارتىزانلار قوشۇنىغا قاتنىشىشىغا سەۋەپچى بولغان .
      ئۇرۇشنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى 1843 - يىلى يانۋاردىكى ستالىنگراد ئۇرۇشى ، گېتلىر 6 - جۈنتىۋەننىڭ چېكىنىشىنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قۇماندانلىرىدىن ژوكۇۋ ۋە ۋاسلېۋسكىلار ئۆزلىرىنىڭ ھەربىي ئىقتىدارىنى ئىشقا سېلىپ ، 200 ئېنگىلىز چاقىرىمغا سوزۇلغان ئالدىنقى سەپتە گىرمانىيە ئارمىيىسىنى قورشاۋغا ئېلىپ ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 5 مىليون 500 مىڭ كىشىلىك چوڭ قوشۇنى گىرمانىيە ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداش قوشۇنلىرىنى بىراقلا شەرقى ياۋروپادىن قوغلاپ چىقىرىپ ، گېتلىرنىڭ دەسلەپ سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قىلغاندىكى ئۇرۇش باشلاش نۇقتىسىدىنمۇ ئېشىپ ،1945 - يىل مايدا بېرلىننى ئىشغال قىلىدۇ .

        "ئەدەبىي تەرجىمىلەر" دىن ئېلىندى .
        "باغداش تورى" غا خاس .   
تېما تەستىقلىغۇچى : hawar
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-04-29, 21:32
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-04-29 16:15 |
adilxa
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 4743
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 68
شۆھرەت: 357 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 357 سوم
تۆھپە: 211 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 214 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 65(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-12-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئۆزىگە ھەددىدىن زىيادە ئىشىنىپ كىتىشمۇ ئادەمنى ھالاكەتكە باشلايدۇ.
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-30 01:57 |
فىدا
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 6545
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 436
شۆھرەت: 2233 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2253 سوم
تۆھپە: 1335 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1341 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 311(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

     جاھانعا پاتمىعانلارنىڭ ئا حىرى  بىرىپ  ياڭاقنىڭ شاكىلىعا پاتىدىعانلىقى ، ھىچكىم ئوزگەرتەلمەيدىعان  قانۇنىيەت .
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-30 09:30 |
dilxikar
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 7250
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 44
شۆھرەت: 225 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 225 سوم
تۆھپە: 134 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 134 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 13(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-08-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

   ھەممە كىشى ئاشۇنداق زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قازانغاندا ، ئەس ھۇشىنى يوقىتىپ، ئاشۇنداق دڭقانپۇتى ئىشلانى قىلىپ قويۇشتىن ساقلىنالمايدۇ. ئەگەر بىز بولغان بولساق ئىش باشلاپ، نەچچە كۈن ئۆتمەيلا ئالجىغان بولاتتۇق.
istanbol
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-30 11:39 |
tarim138
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 7049
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 23
شۆھرەت: 115 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 115 سوم
تۆھپە: 69 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 69 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 221(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-03
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

2- دۇنيا ئۇرۇشى،سۇغۇق مۇناسۋەتلەر  ئۇرۇشى پۇتۇن دۇنياغا يېڭىدىن  خۇجايىن، تىكلەپ بەردى .ئامىركا باشچىلىغدكى  غەرىپ كۇچلىرى دۇنيانىڭ خەرىتىسنى قايتا سىزدى. بىزنىڭ تەقدىرىمىزنىمۇ يالتا يىغىنىدا بىكىتىپ بولدى........تارىخ كەلمەسكە كەتتى.
ئەتەچۇ ؟يەنە دۇنيا ئۇرۇشى بولامدۇ؟
ھازىر مۇ نۇرغۇنلىغان دۈلەتلەر ئۇرۇش ئازاۋىنى تار تىۋاتىدغۇ.....
مىنىڭچە دۇنيا ئۇرۇشى چوقۇم بولىدۇ. چۇنكى بايلىقلارنى تالىشىش،مەدىنيەت جەھەتىن ئاسلىماتسىيە قىلىش ھەر قانداق ئنسانىڭ تۇغما  تەبىىتى.
يەنە دۇنيا ئۇرۇشى بولسا پۇتۇن ئىنسانىيەت قانچىلىك بالا قازاغا يۇلىقار؟.................................بۇ كۈننى ئاللا ھارام قىلسۇن.
simfoniya
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-02 12:43 |
dudayuf
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 7306
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 3
شۆھرەت: 15 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 15 سوم
تۆھپە: 9 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 9 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-05-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-02
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ەمدى ئۇرۇش  بولسا  بىز  ھەرەگىزمۇ  بۇرۇنقىلارنىڭ  يۇلدا  ماڭمايمىز !  
lutun
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-02 18:00 |
qinturk
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2217
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 103
شۆھرەت: 530 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 530 سوم
تۆھپە: 318 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 318 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 27(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-06-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-09-30
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ۆتۈپ كەتكەن تارىخ_ بىز ئۈچۈن بىر ئەسلىمە...
simfoniya
مەن دوستانە،سەمىمي كىشلەرگە ئامراق.
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-09-17 11:38 |
boysundurhuqi
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 10779
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 29
شۆھرەت: 145 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 145 سوم
تۆھپە: 87 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 87 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 11(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-10-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-10-06
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ياۋرۇپا ئۇرۇش مەيدانىدا ياۋرۇپا قىسىملىرىنىڭ گىرمانىيە قورشاۋغا ئىلىۋالغان دونكىرىتتىكى 600000كىشلىك قوشۇننىڭ چىكىنىپ چىقىشىغا يول قويغانلىقى خاتالىقى ئەمەسمۇ
istanbol
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-10-03 12:32 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » تارىخ بەتلىرى