بۇ مەزمۇن 8قەۋەتتىكى rehanدە2012-05-01 15:40يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ھەر قانداق ئادەمگە ئىشەنمەسلىك تۈپەيلىدىن بولسا كېرەك ، سادام ئاز دېگەندە يىگىرمە قېتىملىق سىياسىي ئۆزگىرىشتىن ئامان قالدى . ئۇ قىز _ چوكانلار ۋە پۇل ئارقىلىق جۇمھۇرىيەت قوغدىغۇچى قىسىملىرىنى قولىدا چىڭ تۇتتى . بۇ قىسىمدا ئاز دېگەندە 65 مىڭ ئادەم بولغان . ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى سادامنىڭ كېچىك ۋاقتىدىكىگە ئوخشاش نامرات ئائىلىلەردىن تاللاپ كېلىنگەن . بىر قېتىملىق سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن ، ئۇ 100 دىن ئارتۇق ئوفېتسىرنى قولغا ئېلىپ ئۆلتۈرىۋەتتى . ئۇ دائىم تەكەببۇرلۇق بىلەن : " ماڭا خائىنلىق قىلىدىغانلارنى مەن ئالدى بىلىۋالىمەن " دەپ پو ئاتاتتى . ئوتتۇرا سەرق مەسەللىرى مۇتەخەسسىسى ۋە سادامنى كۈزەتكۈچى ئاماتىئا بارامنىڭ ئېيتىشىچە ، بىر قېتىم ، ئۇنىڭ بالا ۋاقتىدىكى ئاغىنىسى ئۇنىڭ ئىشخانىسىغا كېلىپ ئۇنى يوقلىماقچى بولغاندا ، بىر كاپتان ئۇنىڭغا سادامنىڭ بار يېرىنى دەپ بەرگەن . سادام بۇ ئاغىنىسىدىن " سەن مېنى قانداق تاپتىڭ ؟ " دەپ سۇرىغان . ئاغىنىسى كاپتاننىڭ دەپ بەرگەنلىكىنى ئېيىتقان . شۇنىڭ بىلەن سادام بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ، بۇ كاپتاننى ئاتقۇزىۋەتكەن .
مەن بولساممۇ شۇنداق قىلاتتىم . دوسنىڭ دۈشمەنگە ئايلىنىدىغان ۋاقتىمۇ بولىدۇ ئەمەسمۇ...سەزگۈرلۈككە نېمە يېتىدۇ ...........
توي بولسا ئۈچ كۈن سۆز، ئۆلۈم بولسا ئۈچ كۈن سۆز .