«خوشاللىقىمنى نىمە دەپ ئىپادىلىشىمنى بىلەلمىدىم.خۇدايىم بويرىسا بىزنىڭ پالۋانلار شىۋىتسىيىگە بېرىپ شۇ يەردىمۇ ياخشى نەتىجە قازانسا ،بۇ ئۇيغۇر ئەزىمەتلىرىمىز بىز ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدىن كاۋاپ سېتىش،ناخشا -ئۇسسۇل ئويناشتىن باشقىمۇ ئىشلار كىلىدىغىنىنى بىر تونۇتۇپ قويىدۇ!!!!!!!!!!!!!!!»
دۇرۇس! بۇ خوشخەۋەرنى ئاڭلاپ، يۈرەكلەر لەرزىگە كېلىپ، كۆزلەر نەملەندى. بۇ بىز ئاتا-ئاتا-ئانىلار، ئوقۇتقۇچىلار، مائارىپ خىزمەتچلىرى ۋە پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۈچۈن چوڭ بىر ئويغىتىش سىگنالى بولدى! ئىگىسى شۇنداق چىرايلىق، ساغلام، ئەقىللىق، كۈچلۈك قىلىپ بەرگەن سۆيۈملۈك بالىلىرىمىزنى بىر نان تېپىپ يىيەلىگۈدەك كاۋاپچى قىلىپ تەربىيەلەمدۇق، ئاغزىدىن نېنى چۈشۈپ قالغان لايىغەزەللەردىن قىلىپ تەربىەلەمدۇق ۋە ياكى ۋىجدانى، غورۇرى يوق، ۋەتەن، خەلق ،مىللەتكە يۈك بولىدىغان ناباپ كىشىلەردىن قىلىپ تەربىيەلەمدۇق، بۇ ھەقتە ئوبدانىراق ئويلىشىدىغان دەۋر كەلدى!!!
«لاياقەتسىز ئوقۇغۇچى يوق، لاياقەتسىز ئوقۇتقۇچى بار» بۇ ھدقىقەتەن توغرا ئېيتىلغان سۆز! بۇ كىچىك ئەزىمەتلەرنىڭ تېرنىرى غۇلجا ناھىيە تۇرپانيۈزى ئۈمىت مەكتىپنىڭ تەنتەبىيە ئوقۇتقۇچىسى تەلئەت ئەخمەتجاننىڭ ئاددىي خىزمەت ئورنىدا كەچ يېتىپ سەھەر قوپۇپ، بالىلار ئۈچۈن قانچلىك يۈرەك-قېنىنى سەرىپ قىلغىنىنى ئاڭلاپ، كۆرۈپ تۇرغان بىز... ھەممە ئوقۇتقۇچىدا تەلئەت مۇئەللىمدەك نىشان، بوشاشماي تىرىشىدىغان غەيرەت-جاسارەت، ۋىجدان -غورۇر، مەسئۇلىيەت، مەجبۇرىيەت تۇيغۇسى بولغان بولسىدى!!!
ئاپىرىن سىزگە تەلئەت! ئاپىرىن سىزدەك ئوغلانلارنى يېتىشتۈرگەن ئانا يۇرتۇم گۈزەل تۇرپانيۈزى!!!! سېنىڭ قوينۇڭدىن بوش ئادەملەر چىقمايدۇ زادى!!!
[ بۇ يازمىنىnuzukumدە2012-05-01 11:53قايتا تەھرىرلى ]