saltanat lutun elan berig
بۇ تېما 571 قېتىم كۆرۈلدى
alabag
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1675
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 63
شۆھرەت: 552 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 547 سوم
تۆھپە: 294 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 297 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 39(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ئەمگەكچى ئىشلىتىشتىكى ئىقتسادى تۆلەم ھەققىدە

ئەمگەكچى ئىشلىتىشتىكى ئىقتسادى تۆلەم ھەققىدە

       ئادەم ئىشلەتكۇچى بىلەن ئەمگەكچى ئوتتۇرسىدا ئەمگەك مۇناسىۋتىنى ئاياغلاشقاندا ، ھەم ئەمگەك توختامى بىكار قىلىنغاندا ، تەرەپلەر ئەمگەك توختامى ئىمزالىمىغاندا قانداق تۆلەم بىرىش مەسىلىسدە كۆپلىگەن تالاش تارتىش يۇز بىرىدۇ. ئەمگەكچى ھامان ئاجىز ئورۇندا تۇرغاچقا ،ھەم قانۇنى بىلىملىرى كەمچىل بولغاچقا يۇقارقى ئەھۋاللاردا قانداق تۆلەم بىرىلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ.

         ئادەم ئىشلەتكۇچى ئورون تۆۋەندىكى ئەھۋالدا كۇرۇلۇپ ئەمگەك توختامى بىكار قىلىنغاندا ئەمگەكچىگە ئىقتىسادى تۆلەم بىرىشى كىرەك:

 1. ئىككى تەرەپ ئەمگەك توختامىنى كىڭىشىپ بىرلىككە كىلىپ ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا .
2. ئەمگەكچى كىسەل بۇلۇپ ياكى ئىش ئۇستىدە بولمىغان سەۋەپلەر بىلەن زەخمىلىنىپ ،داۋالىنىش مۇددىتى توشقاندىن كىيىن ئەسلىدە ئىشلەۋاتقان ئىشنى قىلالمىغان ،ئادەم ئىشلەتكۇچى ئورون قايتىدىن قايتىدىن ئۇرۇنلاشتۇرغان ئىشنىمۇ قىلالماي ئادەم ئىشلەتكۇچى ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا.
3. ئەمگەكچى ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىسا ،تەربىيلەنگەن ياكى ئىش ئورنى تەڭشەلگەندىن كيىنمۇ ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالماي ئادەم ئىشلەتكۇچى ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا .
4.ئەمگەك توختامى تۇزگەندە ئاساسلانغان ئوبىكتىپ ئەھۋالدا زور ئۇزگىرىش بۇلوپ ،شۇ توختامنى ئىجرا قىلىش مۇمكىن بولماي ،توختامنى تۇزۇشكەن ئىككى تەرەپ كىڭىشىىپ توختامنى ئۆزگەرتىش توغرىسىدا كىلىشىم ھاسىل قىلالماي  ئادەم ئىشلەتكۇچى ئورۇن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا.
5.ئادەم ئىشلەتكۇچى ئورۇن ۋەيران بۇلۇپ گىردابىغابىرىپ قىلىپ ،قانۇن بۇيىنچە ،ياكى ئىشلەپچىقىرىش تىجارەت ئەھۋالىدا ئىغىر قىيىنچىلىق يۇز بىرىپ ئادەم قىسقارتىش زۇرۇر بولوپ ئادەم ئىشلەتكۇچى ئۇرۇن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا  .
6.ئەمگەك مۇھاپىزىتى ياكى ئەمگەك شارائىتى ئەمگەك توختامىدىكى پۇتۇمگە ئۇيغۇن بۇلمايدىغان ،ئەمگەك ھەققى ۋاقتىدا بىرىلمەيدىغان  ، ئەمگەكچىنىڭ ئىقتىسادى سۇغۇرتسى تاپشۇرۇلمايدىغان  ،ئەمگەكچى ئىشلەتكۇچى ئورۇننىڭ قائىدە تۇزۇمى قانۇنغا خىلاپ بولىدىغان ئەھۋاللار كۇرۇلۇپ ئەمگەكچى ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلغان بولسا .
7.ئالداش مەجبۇرلاش ۋاستىللىرنى قوللىنىپ ياكى قىيىن ئەھۋالدا قالغان پۇرسەتتىن پايدىلنىپ ،قارشى تەرەپنى ئىرادىسگە خىلاپ ھالدا توختام تۇزگۇزىدىغان ،توختام ئۆزگەرىتكۇزىدىغان ، ئادەم ئىشلەتكۇچى ئورۇن قانۇندا بەلگىلەنگەن جاۋاپكارلىقىنى خالاس قىلىۋىتىدىغان ،ئەمگەكچىنىڭ ھۇقۇقىنى چەتكە قاقىدىغان توختاملارنى تۇزىدىغان ،قانۇن نىزاملاردىكى مەجبۇرلاش خاراكتىرلىك بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ توختام تۇزىدىغان ئەھۋاللار كۇرۇلۇپ كىسىم ئۇرگىنى ياكى خەلىق سوت مەھكىسمى بۇ توختامنى كۇچكە ئىگە ئەمەس دەپ بىكتىسە.
8. ئەمگەكچى كەسپى كىسەل خەۋپى بار ئەمگەكنى قىلىپ ئىش ئورنىدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن ئەمگەكچىنىڭ كەسپى كىسەللىگى تەكشۇرتىلمىگەن بولسا، ياكى گۇمانى كەسپى كىسەللىك دىئاگنۇزى قۇيۇلغان ، تىببى كۇزۇتۇش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان چاغدا ئەمگەك ئۇرنى ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلغان بولسا.
9. ئەمگەكچى ئىشلەتكۇچى ئۇرۇن  ئەمگەك توختامىدا پۇتۇشكەن شەرىتلەرنى ساقلاپ قىلىش ياكى ئۆستۇرۇش يۇلى بىلەن ئەمگەك توختامىنى داۋاملاشتۇرماقچى بۇلغاندا ئەمگەكچى قۇشۇلمىغان بولسا ئەمگەك توختامىنىڭ مۇددىتى توشقان ئەھۋالدا ئەمگەكچى ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلغان بۇلسا  .
10. ئادەم ئىشلەتكۇچى ئورۇننىڭ ۋەيران بولغانلىقى قانۇن بۇيىنچە جاكارلىنىپ ،تىجارەت كىنشكىسى بىكار بۇلۇپ،ئادەم ئىشلەتكۇچى ئورۇن تاقىلىشقا بۇيرۇلۇپ ،ئادەم ئىشلەتكۇچى ئورۇن مۇددەتتىن بۇرۇن تاقىلىپ ئادەم ئىشلەتكۇچى ئورون ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا.
11.كارخانا تىپىدىكى قانۇنى ئىگە بۆلۇنگەنلىكىنى ،بىرلەشكەنلىكىنى ،ئۆزگۇرۇش بولغانلىقىنى باھانە قىلىپ ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا.
12.ئادەم ئىشلەتكۇچى ئۇرۇن مۇقىم ئىشچىلىقتىن ئەمگەك تۇختامى مۇناسىۋتى ئۇرنىش   مەزگىلدە ئادەم ئىشلەتكۇچى ئورۇن ئىشىنچە ئەمگەكچىىنى ئىشتىن چىكىندۇرۇپ ،ئاندىن باشقىدىن ئەمگەك توختامى ئىمزالىماقچى بولسا ئەمگەكچى قۇشۇلماي ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا .
13.ئەمگەكچى ئىشلىتىدىغان ئورۇن ئىچكى قىسمىدا قۇبۇل قىلىنغان ،تەكىلىپ قىلىنغان ئەمگەكچىلەرنىڭ خاراكتىرىنى خىزمەت ئىھتىياجى بىلەن ئۆزگەرتىپ ھەممىسى بىلەن قايتا ئەمگەك توختامى تۇزمەكچى بۇلسا ئەمگەكچى قۇشۇلماي ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا .
14. ئەمگەكچى بىلەن ئادەم ئىشلەتكۇچى ئۇرۇن بىرلىكتە پۇتۇشۇپ مەلۇم ۋەزىپىنى ئۇرۇنداش ئەمگەك توختامى ئىمزالاپ ،ئەمگەكچى پۇتۇشكەن ۋەزىپىنى ئۇرۇنداپ بۇلۇپ ئەمگەك مۇناسىۋتى ئاياغلاشسا.
15.ئەمگەكچىگە ئىش ھەققىنى سەۋەپسىز بەرمىسە ،قەستەن كەينىگە تارتىپ ئىش ھەققىنى بەرمەي،ئەمگەكچىنىڭ ئىش ھەققىنىڭ مەلۇم قىسمىنى تۇتۇپ قىلىپ،شۇ يەرنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى ئۆلچىمىدىن تۆۋەن ھەق بىرىپ ئەمگەكچى ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا .
16. ئەمگەكچى ئۇزۇن مۇددەت داۋالىنىپ داۋالىنىش مۇددىتى تۇگىگەندىن كيىن ئەسلىدىكى ئىشنى قىلالماي،باشقا ئىشقا ئۇرۇنلاشتۇرسىمۇ قىلالماي ،ئەمگەك ئىقتىدارنى باھالاش ئۇرۇنلىرى تەرەپىدىن مىيىپ دەپ باھالانىپ ئادەم ئىشلەتكۇچى ئورون ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا  .
17. ئادەم ئىشلەتكۇچى ئورون ئەمگەكچىگە  زورلۇق ئىشلىتىش ،تەھدىت سىلىش ،جىسمانى ئەركىنلىكنى چەكلەش ،ئەمگەكچىنى مەجبۇرى ئەمگەككە سىلىش. ئەمگەكچىنى قائىدىگە خىلاپ ئەمگەك قىلىشقا بۇيرۇش ،ئەمگەكچىنىڭ جىسمانى بىخەتەرلىگىىنى  خەۋىپكە ئۇچرىتىش ۋە خەۋىپكە  ئۇچراش ئەھۋالى كۇرۇلۇپ ئەمگەكچى ئەمگەك تۇختامىنى بىكار قىلسا.

          يۇقۇردىكى  ئەھۋاللارنىڭ 2-، 3-، 4 - ، 5- سىدىكى ئەھۋاللاردا ئادەم ئىشلەتكۇچى ئورون ئەمگەكچىگە 30 كۇن بۇرۇن يازمىچە ئۇقتۇرۇش كىرەك. يۇقۇردىكى  ئەھۋاللارنىڭ 6-، 7-  سىدىكى ئەھۋاللاردا ئەمگەكچى ئادەم ئىشلەتكۇچى ئورونغا 30 كۇن بۇرۇن يازمىچە ئۇقتۇرۇش كىرەك.ئادەم ئىشلەتكۇچى ئورون ئەمگەكچىگە  زورلۇق ئىشلەتسە ،تەھدىت سالسا ،جىسمانى ئەركىنلىكنى چەكلىسە ،ئەمگەكچىنى مەجبۇرى ئەمگەككە سالسا. ئەمگەكچىنى قائىدىگە خىلاپ ئەمگەك قىلىشقا بۇيرۇسا ،ئەمگەكچىنىڭ جىسمانى بىخەتەرلىگىىنى  خەۋىپكە ئۇچراتسا ۋە خەۋىپكە  ئۇچرىسا ئەمگەكچى شۇ ھامان ئاغزاكى ھالدا شۇ ۋاقىتتا  ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلغانلىقىنى ئۇقتۇرسا بولىدۇ ،يازما ئۇقتۇرۇش ھاجەتسىز.

       تۆۋەندىكى ئەھۋالدا ئەمگەكچى ئىشلەتكۇچى ئورۇن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بۇلىدۇ.

 1. ئەمگەكچىنىڭ سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتى ئىچىدە قۇبۇل قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقى ئىسپاتلانسا .
2. ئەمگەكچى شۇ ئورۇننىڭ  ئەمگەك ئىنتىزامىغا ،قائىدە تۇزۇمىگە ئىغىر خىلاپلىق قىلسا .
3. ئەمگەكچى ئىغىر دەرىجىدە مەسئۇليەتسىزلىك قىلىپ ئادەم ئىشلەتكۇچى ئورۇنغا ئىغىر زىيان كەلتۇرسە .(بۇ« ئىغىر زىيان» ئادەم ئىشلەتكۇچى ئۇرۇننىڭ قائىدىسدە ئىنىق بىكتىلگەن بۇلۇشى كىرەك،مەملىكەتلىك ئۆلچەم يوق.)
4.ئەمگەكچى  قانۇن بۇيىنچە جىنايى جاۋاپكارلىققا تارتىلسا .
5. ئەمگەكچى ئىككى ئورۇن بىلەن ئەمگەك مۇناسىۋتى ئورناتسا .
6.ئەمگەكچى ئەدىليە ئۇرۇنلىرى تەرىپىدىن تەكشۇرۇلسە ،قامالسا ،تەھقىقلەنسە.( بۇ چاغدا ئادەم ئىشلەتكۇچى ئورۇن ئەمگەكچى بىلەن بولغان ئەمگەك توختامىنى ۋاقتىلىق توختىدۇ.)
7.ئەمگەكچى ئۇزۇن مۇددەت داۋالىنىپ داۋالىنىش مۇددىتى تۇگىگەندىن كيىن ئەسلىدىكى ئىشنى قىلالمىسا ،باشقا ئىشقا ئۇرۇنلاشتۇرسىمۇ قىلالمسا ،ئەمگەك ئىقتىدارنى باھالاش ئۇرۇنلىرى تەرەپىدىن مىيىپ دەپ باھالانسا .
8. ئادەم ئىشلەتكۇچى ئورۇننىڭ ۋەيران بولغانلىقى قانۇن بۇيىنچە جاكارلانغان بولسا ،تىجارەت كىنشكىسى بىكار قىلىنغان بولسا،ئادەم ئىشلەتكۇچى ئورۇن تاقىلىشقا بۇيرۇلغان بولسا ،ئادەم ئىشلەتكۇچى ئورۇن مۇددەتتىن بۇرۇن تاقالغان بولسا.
9. ئادەم ئىشلەتكۇچى ئورۇن ۋەيران بۇلۇپ گىردابىغابىرىپ قىلىپ ،قانۇن بۇيىنچە ،ياكى ئىشلەپچىقىرىش تىجارەت ئەھۋالىدا ئىغىر قىيىنچىلىق يۇز بىرىپ ئادەم قىسقارتىش زۇرۇر بولسا .

       تۇۋەندىكى ئەھۋالدا ئەمگەكچى ئادەم ئىشلەتكۇچى ئورۇن بىلەن بولغان  ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولىدۇ.

1.ئەمگەكچى ئەمگەكچى ئىشلىتىدىغان ئۇرۇندا سىناپ ئىشلەش مەزگىلىدە .
  2..ئادەم ئىشلەتكۇچى ئورون ئەمگەكچىگە  زورلۇق ئىشلىتىش ،تەھدىت سىلىش ،جىسمانى ئەركىنلىكنى چەكلەش ،ئەمگەكچىنى مەجبۇرى ئەمگەككە سىلىش. ئەمگەكچىنى قائىدىگە خىلاپ ئەمگەك قىلىشقا بۇيرۇش ،ئەمگەكچىنىڭ جىسمانى بىخەتەرلىگىىنى  خەۋىپكە ئۇچرىتىش ۋە خەۋىپكە  ئۇچراش ئەھۋالى كۇرۇلسە
3.ئادەم ئىشلەتكۇچى ئورۇن ئىش ھەققىنى بەرمىسە ،مۇۋاپىق ئەمگەك شارائىتىنى يارىتىپ بەرمىسە.
4. ئالداش مەجبۇرلاش ۋاستىللىرنى قوللىنىپ ياكى قىيىن ئەھۋالدا قالغان پۇرسەتتىن پايدىلنىپ ،قارشى تەرەپنى ئىرادىسگە خىلاپ ھالدا توختام تۇزگۇزىدىغان ،توختام ئۆزگەرىتكۇزىدىغان ، ئادەم ئىشلەتكۇچى ئورۇن قانۇندا بەلگىلەنگەن جاۋاپكارلىقىنى خالاس قىلىۋىتىدىغان ،ئەمگەكچىنىڭ ھۇقۇقىنى چەتكە قاقىدىغان توختاملارنى تۇزىدىغان ،قانۇن نىزاملاردىكى مەجبۇرلاش خاراكتىرلىك بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ توختام تۇزىدىغان ئەھۋاللار كۇرۇلۇپ كىسىم ئۇرگىنى ياكى خەلىق سوت مەھكىسمى بۇ توختامنى كۇچكە ئىگە ئەمەس دەپ بىكتىسە.
5. ئەمگەكچى ئىشلىتىدىغان ئورۇن ئىچكى قىسمىدا قۇبۇل قىلىنغان ،تەكىلىپ قىلىنغان ئەمگەكچىلەرنىڭ خاراكتىرىنى خىزمەت ئىھتىياجى بىلەن ئۆزگەرتىپ ھەممىسى بىلەن قايتا ئەمگەك توختامى تۇزمەكچى بۇلسا ئەمگەكچى قۇشۇلمىسا.

      تۆۋەندىكى ئەھۋالدا ئادەم  ئىشلەتكۇچى ئورۇن ئەمگەكچى بىلەن تۇزگەن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولمايدۇ.

1. ئەمگەكچى كەسىپى كىسەلگە گىرپتار بولغان بولسا.ئىش ئوستىدە زەخمىلىنىپ ئەمگەك ئىقتىدارىنى يۇقاتقانلىقى ياكى قىسمەن يۇقاتقانلىقى باھالانغان بولسا.
 2. كىسەل بۇلۇپ ياكى زەخمىلنىپ داۋالىنىش مۇددىتى ئىچىدە داۋالىنىۋاتقان بولسا.
 3. ئايال ئىشچى خىزمەتچىلەرھامىلدارلىق مەزگىلدە ،تۇغۇتلۇق مەزگىلدە ،بالا ئىمىتىۋاتقان مەزگىلدە تۇرۇۋاتقان بولسا.
 4. ئەمگەكچى كەسپى كىسەل خەۋپى بار ئەمگەكنى قىلىپ ئىش ئورنىدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن ئەمگەكچىنىڭ كەسپى كىسەللىگى تەكشۇرتىلمىگەن ۋاقتىدا ، ياكى گۇمانى كەسپى كىسەللىك دىئاگنۇزى قۇيۇلغان ، تىببى كۇزۇتۇش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان مەزگىلدە .
5.شۇ ئورۇندا ئىشلەۋاتقىنىغا 15 يىل توشقان ۋە پىنىسىيە يىشىغا تۇشۇشقا 5  يىل قالمىغان بولسا .
ئەمگەكچى ئۇزى قەستەن قانۇنغا خىلاپ ھالدا يۇقارقى سەۋەپلەر شەكىللەنمىگەن ئەھۋالدا ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا ئىقتىسادى  تۇلۇقلىما بىرىلمەيدۇ.

       ئەمگەكچى ئىشلەۋاتقان مەزگىلدە رۇھى كىسەل بۇلۇپ قالسا ئەمگەكچى ساقايغاندىن كىيىن ئادەم ئىشلەتكۇچى ئورۇن مۇۋاپىق ئىشقا قۇيۇشى كىرەك . ئەگەر ئالاقىدار باھالىغۇچى ئورۇنلار ئەمگەك ئىقتىدارى يوق دەپ باھالىسا ئادەم ئىشلەتكۇچى ئورۇن يىل سانىغا قاراپ ھەر يىلغا بىر ئايلىق مائاشى ( ئەڭ ئوزۇن بولغاندا 12 ئايلىق مائاشى )  ، ۋە 6 ئايلىقتىن تۆۋەن 3 ئايلىقتىن يۇقۇرى بولغان داۋالىنىش پۇلى بىرىلشى كىرەك.ئەمگەكچى مۇقىم ئىشچىلىقتىن ئەمگەك توختامى تۇزۇمىگە ئوتۇش جەريانىدا رۇھى كسەل بۇلۇپ داۋالىنىش  ئاياغلاشقاندىن كىين ئەگە ر مۇۋاپىق ئىشقا قويسىمۇ قىلالمىسا ئەمگەكچىنىڭ پىنسىيگە چىقىش رەسمىيتىنى بىجىرىپ بىرىش كىرەك .

        ئادەم ئىشلەتكۇچى بىلەن ئەمگەكچى ئوتتورسىدىكى ئەمگەك توختامى يۇقارقى تۇرلەردە ئىيتىلغاندەك بىكار قىلنغاندا ۋە ئاياغلاشقاندا ئادەم ئىشلەتكۇچى ئورۇن تۆۋەندىكىدەك ئىقتىسادى تۇلۇقلىما بىرىشى كىرەك:
ئەمگەكچى بىلەن ئادەم ئىشلەتكۇچى كىڭىشىپ بىرلىككە كەلگەندە ،ئەمگەكچى شۇ ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىغاندا تۆلەم مۇنداق بۇلىدۇ:
 ئىقتىسادى تۇلۇقلىما ئەمگەكچىنىڭ شۇ ئورۇندا ئىشلىگەن يىل تارىخىغا قاراپ ،ھەر يىلىغا بىر ئايلىق مائاش بۇيىنچە ھىساپلاپ بىرىلدۇ.6ئايدىن ئاشقان بىر يىلغا توشمىغان بولسا بىر يىل بۇيىنچە ھىساپلىنىدۇ.6 ئايغا توشمىغان بولسا يىرىم ئايلىق مائاش بۇيىنچە ھىساپلىنىدۇ.ئەگەر ئەمگەكچىنىڭ مائاشى شۇ جايدىكى ئشچى خىزمەتچىلەرنىڭ ئالدىنقى يىللىق ئوتتورچە مائاشىنىڭ 3 ھەسسىدىن يوقۇرى بولسا ئەمگەكچىگە ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ ئايلىق ئوتتۇرچە مائاشىنىڭ 3 ھەسسى بۇيىنچە بىرىلىدۇ. يۇقۇردىكى ئىقتىسادى تۇلۇقلىمىنى بىرىش يىل چەكلىمىسى ئەڭ يۇقۇرى بولغاندا 12 ئايدىن ئاشمايدۇ.

       ئەمگەكچى كىسەل بۇلۇپ قالسا ياكى باشقا ئىش سەۋەبىدىن يارلىنىپ ئەمگەك توختامى ئاياغلاشتۇرۇلغان بولسا تۆلەم مۇنداق بولىدۇ:

     ئىقتىسادى تۇلۇقلىما ئەمگەكچىنىڭ شۇ ئورۇندا ئىشلىگەن يىل تارىخىغا قاراپ ،ھەر يىلىغا بىر ئايلىق مائاش بۇيىنچە ھىساپلاپ بىرىلدۇ. ئىقتىسادى تۇلۇقلىمىنى بىرىش يىل چەكلىمىسى ئەڭ يۇقۇرى بولغاندا 12 ئايدىن ئاشمايدۇ.ئۇندىن باشقا ئىشچىنىڭ 6 ئايلىق مائاشىدىن تۆۋەن بۇلمىغان داۋالىنىش پۇلى بىرىش كىرەك. ئىغىر كىسەللەرگە داۋالىنىش پۇلىنى يۇقۇرقى ئۆلچەم بۇيىنچە %50 كۆپەيتىپ بىرىش كىرەك. ئەگەر ئالاھىدە ئىغىر كىسەل بولسا داۋالىنىش پۇلىنى يۇقۇرقى ئۆلچەم بۇيىنچە %100كۆپەيتىپ بىرىش كىرەك

       ئادەم  ئىشلەتكۇچى ئورون ئەمگەكچىگە ئەمگەك ھەققىنى بەرمسىە،ئەمگەكچىنىڭ مائاشى شۇ جاينىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمدىن تۆۋەن بۇلۇپ قالسا ،ئىسمىنا قۇشۇپ ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇرۇپ ئىسمىنا قۇشۇپ ئىشلەش ھەققىنى بەرمسىە،ئەمگەك توختامى ياكى بىكار قىلىنغان ياكى ئاخىرلاشتۇرولغاندىن كىيىن ئادەم ئىشلەتكۇچى ئورۇن ئەمگەكچىگە ئىقتىسادى تۇلۇقلىما بەرمىسە ئەمگەك مەمۇرى تارماقلىرى سۇرۇك بەلگىلەپ بىرىشكە بۇيرۇيدۇ. سۇرۇك ئۆتسىمۇ بۇ تۆلەمنى بەرمىسە ئەمگەك مەمۇرى تارماقلىرى ئادەم ئىشلەتكۇچى ئوروننى، ئادەم ئىشلەتكۇچى ئورون بىرىشكە تىگىشلىك سوممىنىڭ %50 يۇقۇرى %100 دىن تۆۋەن ئۆلچەم بۇيىنچە ئەمگەكچىگە تۆلەم تۆلەشكە بۇيرۇيدۇ. يۇقارقىلاردا ئالاھىدە ئەسكەرتىلمىگەنلىرنى ھىساپقا ئالمىغاندا تۆلەم ئاساسى جەھەتتىن، ئىقتىسادى تۇلۇقلىما ئەمگەكچىنىڭ شۇ ئورۇندا ئىشلىگەن يىل تارىخىغا قاراپ ،ھەر يىلىغا بىر ئايلىق مائاش بۇيىنچە ھىساپلاپ ئەڭ يۇقۇرى بولغاندا 12 ئاي بىرىلىدۇ.

      ئادەم ئىشلەتكۇچى ئورونلار ئادەم ئىشلەتكەن كۇندىن باشلاپ 1 ئايدىن ئاشقان 1 يىلغان توشمىغان ۋاقىتتا ئەمگەكچى بىلەن يازما ئەمگەك توختامى تۇزمسە ئەمگەكچىگە ھەر ئايدا ئىككى ھەسسە مائاش بىرلىشى كىرەك.ئەگەر ئەمگەكچى بىلەن ئادەم ئىشلەتكۇچى ئورۇن ئوتتورسىدا تۇراقسىز مۇددەتلىك ئەمگەك توختامى تۇزۇش شارائىتى بار تۇرۇپ ،ئادەم ئىشلەتكۇچى ئورۇن تۇراقسىز مۇددەتلىك ئەمگەك توختامى تۇزمىسە ،تۇراقسىز مۇددەتلىك ئەمگەك توختامى تۇزۇشكە تىگىشلىك بولغان كۇندىن باشلاپ ئەمگەكچىگە ئىككى ھەسسە مائاش بىرىشى كىرەك.ئەمگەك توختام قانۇنىدىكى« ئادەم ئىشلەتكۇچى ئورۇن ئادەم ئىشلەتكەن كۇندىن باشلاپ 1 يىلغىچە ئەمگەكچى بىلەن يازما ئەمگەك توختامى تۇزمىگەن بولسا ئادەم ئىشلەتكۇچى ئورۇن بىلەن ئەمگەكچى تۇراقسىز مۇددەتلىك ئەمگەك توختامى تۇزۇشتى دەپ قارىلدۇ »دىگەن بەلگىلمىگە ئاساسەن  ھازىرى كۇپلىگەن سوت مەھكىمىللىرى پەقەت ئىككى ھەسسە مائاشنى ئەڭ يۇقۇرى بولغاندا 11 ئايلىق بۇينىچە ھىساپلاۋاتىدۇ. مىنىڭچە بۇ تازا مۇۋاپىق ئەمەس . ئولارنىڭ قارىشىچە« ئەمگەكچى  11 ئايلىق ئىككى ھەسسە مائاشنى ئالىدۇ ، يەنە ئادەم ئىشلەتكۇچى ئورۇن بىلەن تۇراقسىز مۇددەتلىك ئەمگەك توختامى تۇزگەن »دەپ قارىلىدۇ بۇ  ئەمگەكچىگە پايدىلىق دەيدۇ. مىنىڭچە ئۇنداق دەپ قارالسا ئەمگەكچى بىلەن ئادەم ئىشلەتكۇچى ئورۇن مەڭگۇ ئەمگەك توختامى ئىمزالىمىسىمۇ يەنىلا تۆلەيدىغىنى 11 ئايلىق ئىككى ھەسسە مائاش بۇلۇپ قالىدۇ . بۇنداق بولغاندا تازا ئادىل بولمايدۇ. قانۇن ساھەسىدىكىلەر ۋە ئادۇۋكاتلار بۇ مەسىلە ھەققىدە ئەستايىدىل ئويلۇنۇپ ئەمگەكچىنىڭ ھۇقۇق مەنپەتىنى قۇغدايدىغان قانۇنلارنى تىخىمۇ مۇكەممەللەشتۇرۇشى كىرەك.

         باشتا دىگىنىمىزدەك ئەمگەكچى ھامان ئادەم ئىشلەتكۇچى ئورۇن ئالدىدا ئاجىز ئورۇندا تۇرىدۇ . ئەمگەكچىلەر تالاش تارتىشقا دۇچ كەلگەندە ئامال بار ئادۇۋكاتلاردىن مەسلىھەت سورىشى كىرەك . ئىشچىلار ئۇيۇشمىللىرى رۇلىنى ياخشى جارى قىلدۇرىشى كىرەك .ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنى ھۇقۇق مەنپەتىنى قۇغداشتا ئىشچىلار ئۇيۇشمىللىرنىڭ قانۇنى جەھەتتىكى رۇلى تازا ياخشى ئەمەس . مەن ھازىرغىچە بىرەر ئىشچىنىڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمسى قانۇنى ھۇقۇقىمنى قۇغدىدى دىگىنىنى ئاڭلىمىدىم.ئالدىنىقى ئايدا ئىشچىلارنىڭ قانۇنى ھۇقۇقىنى قۇغداش ئۇچۇن ئورنىمىزدىن ھەر ھەپتىدە بىر ئادۇۋكات ئىشچىلار ئۇيۇشمسىدا يىرىم كۇن تۇرۇپ ھال ئىيتىپ كەلگەن ئىشچىلارغا ھەقسىز قانۇندىن مەسلىھەت بەرسۇن  دەپ ئەۋەتسەك ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى« بىزگە ئادۇۋكاتنىڭ لازىمى يۇق ،ئادۇۋكات قانۇنى مەسىللەرنى ئەستايدىل چۇشەندۇرسە ئەمگەكچى بىلەن ئادەم ئىشلەتكۇچى ئورونلارنىڭ زىددىيتى كەسكىنلىشىپ كىتىدۇ»دەپ  كەتكۇزۋىتىپتۇ ، بۇ ئىشتىن تولىمۇ ئەپسۇسلاندىم .  ئەكسىچە ئادۇۋكاتلار قانۇنى ھۇقۇقىمنى قۇغدىدى دىگەن گەپنى تولا ئاڭلايمەن .يەنە بىرگە ئادەتتە ئەمگەك كىسىم كۇمۇتىتىلىرى دەۋا قىلغۇچىنىڭ ئۆز تىلىدا دەۋا قىلىش ھۇقۇقى بار دىگەن بەلگىلىمىنى چەتكە قايرىپ قۇيۇپ دۆلەت تىلىدا داۋا قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ . بۇ ئىشلار ماڭىلا ئۇچرامدۇ ياكى باشقا ئەمگەك كسىم كۇمۇتىتىلرى ئۇنداق ئەمەسمۇ بىلمىدىم.بۇنداق بۇلغاندا ئەمگەكچىنىڭ ئىقتىسادى تۆلەم ئىشى بىر چەتتە قىلىپ ،دەۋا ھۇقۇقى دەخلى تەرۇزگە ئۇچرايدۇ.ئەمگەكچىنىڭ قانۇنى ھۇقۇق مەنپەتىنى قۇغداش مۇشكۇل ۋە جاپالىق ،ئالدىمىزدا بىزگە يۇزلىنىپ تۇرغىنى ئەشۇ ئەڭ كۇچلۇك كارخانىلار .ئادۇۋكاتلار  زۇر كۇچ سەرىپ قىلىپ ئەمگەكچىنىڭ قانۇنى ھۇقۇق مەنپەتىنى قۇغدىشى كىرەك.

قانۇن ساھەسىدىكى مۇتەخىسسلەرنىڭ تەنقىدى پىكىر بىرىشنى قارشى ئالىمەن .
شىنجاڭ دىنار دەرياسى ئادۇۋكاتلار ئورنى
24سائەت قانۇندىن ھەقسىز مەسلىھەت بىرىش قىزىق لىنىيەلىك تىلفۇنى ؛    18299819854( ئادۇۋكات بەختىيار)

       چ چ 1471561935( توردا ماتىريال يوللاش ئۇچۇن بۇ نۇمۇر قالدۇرۇلدى )
بىزنىڭ  مۇلازىمەت ۋەدىمىز: باراۋارلىك، ئادىللىق ، تىنىچلىق ،تەرەققىيات،ئىتتىپاقلىق بىزنىڭ ئەڭ ئالى نىشانىمىز .
 مەزكۇر ئەسەرنى ئۆزگەرىتمەي ،مەنبەنى ئەسكەرتىپ باشقا تۇر بىكەتلەرگە يۆتكەشكە بولىدۇ .
تېما تەستىقلىغۇچى : alqondi
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-04-30, 23:25
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-04-30 20:50 |
budunya
ئۇلۇغ ئاللادىن ئاتا-ئانامنىڭ ساقلىقىنى تىلەيمەن
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 5764
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 619
شۆھرەت: 3141 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3143 سوم
تۆھپە: 1879 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1880 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 582(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئەجىرىڭىزگە رەخمەت ،كەڭ تورداشلارنىڭ تېمىڭىزدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن .
lutun
ئۇلۇغ ئاللادىن ئاتا-ئانامنىڭ ساقلىقىنى تىلەيمەن
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-30 23:32 |
turmux.net
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 7275
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 17
شۆھرەت: 100 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 100 سوم
تۆھپە: 58 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 58 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 3(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-05-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-02
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ياخشى يوللاپسىز، قانۇنغا مۇناسىۋەتلىك تىمىلارنىڭ مۇنبىرىمىزدە ئورۇن تۇتۇشى بەكمۇ پايدىلىق
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-01 15:18 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » تەرمىلەر