saltanat lutun elan berig
«12»Pages: 1/2     Go
بۇ تېما 2455 قېتىم كۆرۈلدى
ilim

دەرىجىسى : مۇنبەر مەسئۇلى


UID نۇمۇرى : 35
نادىر تېما : 6
يازما سانى : 1084
شۆھرەت: 6961 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 7070 سوم
تۆھپە: 3902 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 3966 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1586(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 تۈركىيە:مەتبەئە تىخنىكىسىنى ئۇيغۇرلار كەشپ قىلغان!

ئاپتورى:سەلجۇق سىلسۇپەر (تۈركىيە)







تۈركچىدىن ئاغدۇرغۇچى:تاھىر ئىمىن

ئىزاھات:ماقالىدا مەتبەئە تېخنىكىسنىڭ ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئىجات قىلىنغانلىقى بىر قىسم تەتقىقاتچىلارنىڭ ئىزدىنىشلىرى ئاساسدا يورۇتۇپ بېرىلىدۇ.





   مەتبەئە تىخىنىكىسنىڭ ئىجات قىلىنىشى نەشىرىيات ۋە ئاخباراتچىلىق تارىخى بويىچە، كۈلتۈر ۋە مەدەنىيەت تەرەپتىنمۇ ئىنتايىن مۇھىم بولغان بىر ھادىسدۇر. غەرپلىكلەر مەتبەئە تېخنىكىسنى ئىجات قىلغان كەشپىياتچى سۈپىتىدە يوھان گۇتىنبۇرگنى كۆرسەتسىمۇ، ھەقىقەتتە مەتبەئە تېخىنىكىسنى ئۇيغۇرلار گۇتىنبۇرگتىن بۇرۇنلا 6-ئەسردە ئىجات قىلغان.

   دەسلەپكى مەزگىلدە تۆلەس، كىينكى دەۋرلەردە توققۇز ئوغۇز نامى بىلەن ئاتالغان بۇ قەۋم 744-يىلىغا بارغاندا تۇنجى ئۇيغۇر دۆلىتىنى قۇرغان. بۇ دۆلەت 840-يىلىغىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ۋە قىرغىزلار تەرىپىدىن يېقىتىلغان. دۆلەتنىڭ يېقىلىش سەۋەبى بىلەن ئۇيغۇرلار ئىچكى ئاسيادا بەش بالىق، تۇرپان، خوجا قاتارلىق جايلارغا كۆچۈپ بارغان ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيتى، كۈلتۈرىنى تۇرپاندا داۋاملاشتۇرۇپ ئولتۇراقلىشش ھاياتىغا قەدەم قويغان. ئۇيغۇرلار باشقا تۈركى خەلقلەردىن بۇرۇن بۈيۈك مەدەنىيەتلەر بىلەن ئالاقە قۇرۇپ، بىلىم، كۈلتۈر، تىجارەت قاتارلىق نۇرغۇن يېڭى شەيئىلەرنى ئۆگېنىپ، ئوتتۇرا ئەسردىكى ئەڭ مەدەنى مىللەتلىرىدىن بىرى بولغان.

981-984  -يىللىرى قاراخوجاغا چىن (جۇڭگو)ئەلچىسى سۈپىتىدە ئەۋەتىلگەن ۋاڭ يەندي ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى كۆز-قاراشلىرىنى تۆۋەندىكىدەك خاتىرلەيدۇ:«بەش بالىقتا بەك كۆپ ئۆيلەر، مۇنارلار ۋە باغچىلار بار ئىكەن، ئۇيغۇرلار ئەقىللىق، توغرا خاراكتېرلىك ۋە نومۇسلۇق ئنسانلار ئىكەن، ئالتۇن، كۈمۈش، مس ۋە تۆمۈردىن بىر نەرسە ياساشنى بىلىدىكەن، تەشتەك، قاچا، قازان ساھەسىدە مۇكەممەل ئەسەرلەرنى ياراتقانىكەن». ئەلچى ۋاڭ يەندي يەنە تۇرپاندا توقۇلغان ئۇيغۇر رەخېتلىرىگە ھەيران قالغانلىقىنى، ھەر بىر ئۇيغۇر ئۆيىدە مۇتلەق ھالدا بىر كىتابخانا تېپىلىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ تېرىنى ناھايتى ياخشى ئاشلاپ ئشلىتىدىغانلىقىنى، تۆمۈر ۋە پولات تاۋلاپ قورال ياسايدىغانلىقىنى، ھەتتا قورال سودىسنى ئۆز قوللىرىغا ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىپادە ئېتىدۇ».

يەنە ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ كۆمۈرنى بايقاپ نۇرغۇن ساھەلەردە ئشلەتكەنلىكى مەلۇم.

ئۇيغۇر تۈركلىرى كۆكتۈرك ئېلىپبەسدىن كېيىن 14 ھەرپلىك ئۇيغۇر ئېلىپبەسنى ئشلەتكەنىدى.

تۈركولوگ ئا. ۋون. لى كوگنىڭ بايانىغا ئاساسلانغاندا، ياۋروپاغا سلىشتۇرغاندا، ئۇيغۇر تۈركلىرى ئوقۇش ۋە يېزىشنى ياۋروپادىن خېلىلا بۇرۇن باشلىغان. ياۋروپادا ساناقلىق كىشلەر ئوقۇش –يېزىشنى بىلسە، ئۇيغۇرلاردا دېھقانلار، يېزا ئاھالىلىرى، سودىگەر، قىسقىسى ھەممە ئادەم ئوقۇش-يېزشنى بىلەتتى. تۇرپان ئۇيغۇرلىرى، يەرلىك كۈلتۈرلەر ئىچىدە ئەڭ ئىلغار كۈلتۈرنىڭ ۋەكىللىرى ئىدى. مانى دىنى ۋە بۇددا دىنى ئەسەرلىرىنىڭ ئۇيغۇرتىل شۋىسىدە تەرجىمە قىلىنىشى بىلەن ناھايتى گۈللەنگەن بىر باي ئەدەبى تىل تەرەققى قىلغانىدى. بۇ قول يازمىسى ياكى بېسىلغان كىتاپلارنىڭ بىر قسمى مىڭ بۇددا (دۇنخۋاڭ)غارىدىكى ئېتىكاپخانىلىرىدا تېپىلىدۇ. تېپىلغان ئەسەرلەر ئارىسدا، ئالتۇن-يارۇق (ئالتۇن چىراق)، سەككىز يۈكمەككە ئوخشاش بوغۇم ۋەزنى بىلەن يېزىلغان دىنى قەسىدىلەر ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ. نام-شەرىپى مەلۇم بولغان تۇنجى ئۇيغۇر شائىرى بولسا-ئاپرىنچۇر تېكىن ئىدى.

   ئا گىرۇنۋىدىل. ئا ۋون لىكوگ، ئاۋرىل ستەيىن قاتارلىقلار ئوتتۇرا ئاسيادا ئىلىپ بارغان ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش ۋە تەتقىقاتلار نەتىجىسى- مىنياتۇرلار ۋە شەخسلەرنىڭ سۈرەتلىرى بىلەن بېزەلگەن ئۇيغۇر يازمىلىرى ۋە بېسلغان كىتابلار بىلەن تولغان كۈتۈپخانىلار نىڭ بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىدۇ.

   بۇ ئارخېئولوگىيەلىك قېزشلاردا بايقالغان يازما ۋە باسما ئەسەرلەر، تاشكېمىر ۋە ئويمىلار، خارابىلەر ئارىسدا ۋەيران بولۇشقا يۈزلەنگەن بىر ھالدا ئوتتۇرىغا چىققان. ئۇيغۇرلار يەنە قەغەز ياساشنىمۇ بىلەتتى.

   ئەمما تولىمۇ ئەپسۇسكى، بىز تۈرك دۇنياسى بۇ قىممەتلىك ئەسەرلەرنىڭ كۆپ قسمىنى  ئەنگىلىيە، گېرمانيە، روسيە، ھىندىستان، جۇڭگو مۇزىيلىرىغا يوللاپ قاراپ ئولتۇردۇق.

7   -ئەسردىن 9-ئەسرگىچە ئۆز زامانىسنىڭ ئەڭ ئىلغار توپلۇم (مىللى بىرلىك)نى شەكىللەندۇرگەن ئۇيغۇر تۈركلىرى كىتاب بېسىش تېخنىكىسنىمۇ ئىجات قىلغان. بۇ چاغداش(دەۋرىمىز) مەتبەئە تېخنىكىسنىڭ ئاساسنى تەشكىل قىلغان ھەرىكەتچان ھەرپ سستىمىسنى تەتبىقلايدىغان باسمىچىلىق تېخنىكىسى ئىدى.

ئا گىرۇنۋىدىل. ئا ۋون لىكوگلار 1902 -1907يىللىرى شنجاڭنى (ئەسلى ئەسەردە باشقىچە تارىخى نام بىلەن ئاتالغان-ت) قېدىرىپ تەكشۈرۈش جەريانىدا، تۇرپاندا ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان قاتتىق ياغاچتىن قېلىنغان يۈزلىگەن ھەرپلەرنى تاپقان.

شۇنىڭدىن كىين (1906--1909)پ. پېللىئوت، مىڭ بۇددا (دۇنخۇۋاڭ)غارلىرىدىن چىقارغان تۈركچە ھەرپلەر دۇنيادا مەتبەئە ھەرپلىرى بويىچە ئەڭ قەدىمكى ھەرپلەردۇر دىگەن ئىلمى پاكىتنى ئوتتۇرىغا قويغان.

مەنبەسى:تۈرك ئنسكلوپىدىيەسى، 3-جىلىت، ئسمەت بىرانىك. ئۇيغۇرلاردا مەتبەئە.

   رۇس ئالىمى ئولدىنبېرگ قەشقەر ۋە تۇرپان ئەتراپىدىكى تەكشۈرۈشلىرىدىن كىين زامانىۋى ئۇقۇمدىكى مەتبەئەنىڭ پىروتوتىپى بولغان ھەرىكەتچان ئۇيغۇر ھەرپلىرىنىڭ بايقالغانلىقىنى، فىرانسۇز ئالىمى ج. ر. رىسلەر مۇ يارۋوپادىن 600 يىل بۇرۇن تۈرك دۆلىتىدە بېسلغان ئەسەرلەردىن بېلىنگەن ۋە ئۇيغۇر مەتبەئە تىخنىكىسنى موڭغۇللارنىڭ ۋاستىسى بىلەن ياۋروپاغا توشۇغانلىقىنى ئىپادە قىلىدۇ.

   مەتبەچىلىك تېخنىكىسى تارىخى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان تەتقىقاتچى توماس چارتېر :«يەر شارىدا مەۋجۇت بولغان ئەڭ قەدىمكى مەتبەئە ھەرپلىرى ئۇيغۇر تىلىدا بولۇپ، تۈركچىگە مەنسۇپتۇر. مەتبەئە تېخنىكسنى جۇڭگولۇقلارغا مەنسۇپ دەپ قاراش شۈبھىلىكتۇر، چۈنكى سىلابىك ھەرپلەردىن تەشكىل تاپقان خەنزۇچىنىڭ شۇ تارىخى شارائىتتا مەتبەئە تېخنىكىسغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇلۇشى مۇمكىن ئەمەس. بۇنىڭ ئەكسچە، 14 ھەرپلىك ئۇيغۇر ئىېلپبەسنىڭ مەتبۇئات تېخنىكىسغا ئۇيغۇن كىلىشى ئەڭ قولايدۇر».

  تۇرپان، بەشبالىق، قاراغوجا، ياركەنت، خوتەن ۋە باشقا ئۇيغۇر شەھەرلىرىدە ئىلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلاردا قولغا چۇشۇرۇلگەن، قاتتىق ياغاچتىن ياسالغان ھەرىكەتچان ھەرپلەر ئۇيغۇر تۈركلىرىدە مەتبەئە سەنئىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلغۇسز دەرىجىدە ئسپاتلىماقتا.

   ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلىرى بىلەن ھەقلىق بىر شۆھرەتكە ئۇلاشقان پىروفىسور ئانمارىيا ۋون گابائىن «تۇرپان كوللىكېتىپ باسمىلىرى»(-تۇرپان تېكىستلىرى-دەپمۇ ئاتىلىدۇ»)ناملىق ئەسىرىدە جۇڭگو ۋە ئۇيغۇر كىتابچىلىقى ھەققىدە بەك مۇھىم ئۇچۇرلارنى بەرگەن:

   ئا ۋون گابائىننىڭ قارىشچە، «جۇڭگودا سىلىندىر شەكىلدىكى قول يازمىسى بولغان كىتابلاردا بەت نۇمۇرى يوق. بۇنىڭ ئەكسچە، مىڭ بۇددا «دۇنخۇۋاڭ)غارلىرىدىن چېقىرىلغان يازما ۋە باسما كىتابلاردا كىتابنىڭ ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇلۇڭىدا بەت نۇمۇرى بار ئىدى. ئا ۋون گابائىن خانىم بۇ ھەقتە توختىلىپ:«ئۇيغۇرلارغا دائىر خۇسۇستا كەسكىن بىر قانائەتكە ئىگە بولدۇق»دىگەن.

  ئا ۋون گابائىن بىر تېمىغا تېخىمۇ بەك دىققەت قىلغان: جۇڭگولۇقلار ھەرىكەتلىك ھەرپلەرنى بىردىن بىردىن ئەمەس، كەلىمىلەر ۋە گېرامماتىكىلىق قوشۇمچە ھالىتىدە تۆكۈشى كىرەكلىكى، خەنزۇ تىلىنىڭ قۇرۇلمسنىڭ ھەرىكەتچان ھەرپلەرنى پەيدا قىلىشىغا ۋە بۇ ئارقىلىق مەتبەئەدە بېسشقا ئۇيغۇن ھالەتتە بولمايدىغانلىقى، مەتبەئەنىڭ ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن بايقالغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

پىروففىسور ئا ۋون گابائىن جۇڭگو يارلىق پەرمانلىرىنى بېسىشتا ئشلىتىدىغان قەغەزنىڭ قوپال ۋە قېلىن ئىكەنلىكىنى، يارلىقنىڭ قەغەزگە بېسلالمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئەكسچە ئۇيغۇر باسمىچىلىقىدا قوللىنىلغان قەغەزنىڭ ئىنچىكە ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر يازمىلىرىدا كۆرۈلگەن كىتاب بېزەش سەنئىتىنىڭ دۇنيادا بايقالغان تۇنجى ئۆرنەك ئىكەنلىكىنى، بۇلارنىڭ ياكى رەڭسز قويۇلىدىغانلىقى ياكى رەڭلەر بىلەن بېزىلىدىغانلىقى، ئوخشاش ئەھۋالنىڭ باسما بويۇملىرىدىمۇ كۆرۈلىدىغانلىقى. قولدا يېزىلغان ياكى بېسلغان كىتاپلارنىڭ جانلىق ئۇسلۇب جەھەتتىن جۇڭگو ئۇسلۇبىدىن يۇقىرى تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

   گابائىن خانىم شەكىل ۋە مىنياتۇرلاردا كۆرۈلىدىغان ئىتنولوگىيەلىك ئامىللارنىڭ، كىيم-كىچەكلەرنىڭ، پۇتىغا كېيلىدىغانلار ئىچىدىن ئاياغنىڭ، يۈز قسمى، ساچ ۋە ساقال جەھەتتىن تامامەن تۈركلەرگە خاس ئىكەنلىكىنى ۋە جۇڭگو سەنئىتىگە ھىچقانداق ھالەتتە ئوخشتالمىغانلىقىنى قەيت قىلىدۇ.

   ئۇنىڭدىن باشقا گابائىن ئۇيغۇر يازمىلىرىغا رەسىم كىرگۈزۈش تېخنىكىسنىڭ جۇڭگودىن پەرقلىق ھالدا يۇڭ ۋە قومۇش قەلەم بىلەن ئىشلىنىدىغانلىقى، جۇڭگولۇقلاردا بولسا پەقەت يۇڭ قەلەم بىلەنلا ئشلىنىدىغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.

   ئىستانبۇل ئۇنىۋېرستېتى قەدىمې مائارىپ مۇتەخەسسلىرىدىن بىرى پىروففىسور ھەلمۇس سئودا بوسسرت ئىككىنچى نۆۋەتلىك تۈرك تارىخى قۇرۇلتىيىدا سۇنغان «تەبئى سەنئەتنىڭ كەشىپ قىلىنىشى»ناملىق ماقالىسدە، مەتبەئەنىڭ جۇڭگولۇقلار تەرىپىدىن ئەمەس، ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن بايقالغانلىقىنى ھەر خىل پاكىتلار بىلەن ئسپاتلىدى. پىروففىسور بوسسرت :«دەسلەپتە ھەرپ سانى ئاز بولغان بىر ئېلىپبە بولۇشى كېرەك ئىدى، ۋە ھالەنكى خەنزۇچىدا بولسا ھەرپ ئەمەس 4384 بىرلىك بوغۇم بار ئىدى».





توماس فىرانسز چارتىر :«مەتبەئەنىڭ غەرپكە ئېلىپ بېرىلىشىدا ۋە تارقىلىشىدا، تۈركلەرنىڭ بەك چوڭ رولى بار»-دىگەنىدى.

   ئالبېرت ۋون لىكوگ، ھەلمۇرت بوسېرت ۋە لاسزلو راسونى قاتارلىق دۇنياغا مەشھۇر تۈركولوگلارمۇ مەتبەئەنى تۈركلەرنىڭ ئىجات قىلغانلىقىنى ۋە 1241-يىلىدا ئالتۇن ئوردا كۈچلىرىنىڭ گېرمانىيەگە كىرگەن چېغىدا (غەرپنىڭ-ت)مەتبەئەنى شۇ ۋاستە بىلەن ئۆگەنگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

   يېڭى مەتبەئەنى ئۇيغۇر تۈركلىرى ئىجات قىلغان، گۇتىنبېرگ بولسا پەقەت مەتبەئەنى كىرىشتۈرۈپ تەرەققى قىلدۇرغان.

مەنبە:(تۈركلەر ئنسكلوپىدىيەسى. 3-قىسم، ئسمەت بىرانىك، ئۇيغۇرلاردا مەتبەئە)

تور ئادېرسى:http://www. ilgazetesi. com. tr/2012/03/13/matbaayi-uygur-turkleri-icat-etti-2/0122563/


چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-05-01 01:45 |
budunya
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 5764
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 575
شۆھرەت: 2911 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2913 سوم
تۆھپە: 1743 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1744 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 516(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىزدىنىشچان ئەقىللىق ئەزەلدىن مەدەنىيەتلىك ئۇيغۇر مىللىتىمدىن يەنەبىر قېتىم پەخىرلەندىم
lutun
ئۇلۇغ ئاللادىن ئاتا-ئانامنىڭ ساقلىقىنى تىلەيمەن
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-01 02:03 |
iwirghol
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 20
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 113
شۆھرەت: 620 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 621 سوم
تۆھپە: 364 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 368 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 448(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

لىكىن بۇنى ماۋۇ خەن مىللىتى ئېتىۋەتسىمۇ ئېتىراپ قىلمايدۇدە.......
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-01 04:42 |
zekrila
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 5765
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 196
شۆھرەت: 1011 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1013 سوم
تۆھپە: 603 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 605 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1299(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى iwirgholدە2012-05-01 04:42يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
لىكىن بۇنى ماۋۇ خەن مىللىتى ئېتىۋەتسىمۇ ئېتىراپ قىلمايدۇدە.......
 دۇلىتىمىزدىكى  ھەمە ئادەم بىلىدۇ بۇ  كەشپىياتنىڭ جۇڭگودا ياسالغانلىنى
saltanat
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-01 08:48 |
kibliyar
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 7140
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2
شۆھرەت: 10 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 10 سوم
تۆھپە: 6 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 6 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 20(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

   بەلكىم بۇنى ئەينى دەۋىردىكى جۇڭگۇلۇق ئۇيغۇرلار كەشىپ قىلغان بولشى مۈمكىن  
simfoniya
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-01 12:20 |
tograk777
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3280
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 37
شۆھرەت: 195 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 195 سوم
تۆھپە: 116 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 116 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 191(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-01
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئەجدادلىرىمىزغا يۈز كىلەلمەمدۇق نىمە؟ ئۇلار دۇنيا مەدەنىيىتىگە تۆھپە قوشالاپتۇ. بىزنىڭ ھالىمىز شۇ....................
بىر تۈركۈم بالىلارنى مەكتەپتە ئۇقۇتماسلىقنى تەشەببۇش قىلىدىغان جاھالات موللىلىرى بار بولۇپ قاپتۇ. قېرىنداشلارنىڭ دىنى ھېسياتىدىن پايدىلىنىپ بىلىم ئۆگىىنىش ئىشىكلىرىگە چەك قويىۋالىدىغان. ئاللاھ ئۇلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلىسۇن!!!
ئەجدادلىرىمىز مەتبە تېخنىكىسىنى ئۆيدە ئولتۇرۇپ بەرپا قىلمىغان. بىلىم ئۆگۈنۈپ بەرپا قىلغان.
قېرىنداشلار ئاشۇنداق ئېغزىدا قۇرئان ھەدىس سۆزلەپ جاھالەتكە باشلايدىغان  ئىلىمسىز(موللىلاردىن) ھەزەر ئەيلەيلى! ئۇلار قۇرئان ھەدىسنى ئەسلا چۈشەنمەيدۇ.
lutun
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-01 12:32 |
tozan
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 7274
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 87
شۆھرەت: 448 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 449 سوم
تۆھپە: 268 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 269 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 72(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-05-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەنمۇ بۇرۇن بۇ توغرۇلۇق مىش-مىش پاراڭلارنى ئاڭلىغان،ئەمما  بۇ قېتىمقىسى تۇنجى  رەسمى ماتىرىيال يۈزىدە خەۋەردار بولۇشۇم.دىققەت قىلسام بىزنىڭ تارىخىمىزنى كۆپىنچە چەتئەل تارىخشۇناسلىرى تەتقىق قىلىۋاتقاندەكلا.
تېما ئىگىسىگە كۆپ تەشەككۈر!
مەن يېڭى ئەزا بوپ كىردىم .بۇ مەن  ئەڭ ياقتۇرغان مۇنبەر،نەچچە يىللىق مۇنبەر ھاياتىمدا ئۇچراتقان ئەڭ ئېسىل مۇنبەر.
شەرىق ۋە غەرىپتە ئىككى ئىت ياتىدۇ.
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-01 14:25 |
subhan
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6612
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 91
شۆھرەت: 480 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 485 سوم
تۆھپە: 284 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 284 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 123(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

تۆت چوڭ كەشپىياتنىڭ ئىككىسىنى ئۇيغۇرلار كەشىپ قىلغان بولدى ، قەغەزچىلىك مەتبەئە ، يېنە ھارۋىنىمۇ ئۇيغۇرلار كەشىپ قىلغان !
saltanat
تىلى ھەسەل دىلى زەھەر ....
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-01 14:42 |
nota
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3025
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 31
شۆھرەت: 155 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 165 سوم
تۆھپە: 93 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 93 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 2(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-08-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئەجابا نېمىشقا ئۇيغۇر ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىچىدە ئۇيغۇر مىللىتى، ئاناتىلى، يېزقىنى تەتقىق قىلىدىغانغانلار يوق. ئاساسەن دېگۈدەك شېۋېت، روس، تۈرك(ھازىرقى تۈركىيە تۈركلىرى) ۋە غەرىبتىكى بىرقىسىم تارىخشۇناسلار.

مېنى بەك ئەپسۇسلاندۇردى.  
ozgul munbar
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-01 18:55 |
danko1
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3627
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 88
شۆھرەت: 441 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 443 سوم
تۆھپە: 265 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 267 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 70(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-10-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 8قەۋەتتىكى notaدە2012-05-01 18:55يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئەجابا نېمىشقا ئۇيغۇر ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىچىدە ئۇيغۇر مىللىتى، ئاناتىلى، يېزقىنى تەتقىق قىلىدىغانغانلار يوق. ئاساسەن دېگۈدەك شېۋېت، روس، تۈرك(ھازىرقى تۈركىيە تۈركلىرى) ۋە غەرىبتىكى بىرقىسىم تارىخشۇناسلار.

مېنى بەك ئەپسۇسلاندۇردى.  

ھازىرقى ئالى مەكتەپتە ئۇنداق تەتىقات ئەمەس قانداق جان بېقىش ۋە باشقىلارنى قانداق ئالداشنى ئۈگىتىدۇ.باشلق مۇئەللىمنى  مۇئەللىم ئوقۇغۇچىنى ئوقۇغۇچى  ئاتا-ئانىسى ۋە دوسلىرىنى ئالدايدۇ.
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-01 20:43 |
birlik
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 7281
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1
شۆھرەت: 15 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 15 سوم
تۆھپە: 8 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 8 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 3(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-05-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-26
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئەسلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت- مەدەنىيەت نازارىتى -مەتبەئە تىخنىكىسى ھەققىدە ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى ئىچىپ ،ھىچبولمسا مەتبەئە تىخنىكىسنى ‹‹پۈتۈنلەي ئۇيغۇرلار ئىجات قىلغان››دىمىسمۇ ،ئەمما جۇڭگولۇقلارنىڭ مەتبەئە تىخىنىكىسنى كەشپ قىلىشىدا ئۇيغۇرلارنىڭ قوشقان تۆھپىسنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ ،بۇ مەزمۇننى ئۇيغۇر ۋە خەنزۇچە تارىخ دەرسىلىكلىرىگە كىرگۈزۇشى،ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئۆز ئەجدادىغا ۋە ئۆز مىللىتىگە ئىشنىش ،ئۇلارغا ۋارسلىق قىلىش،داۋاملىق قەد كۆتۈرۈش ئۈچۈن مائارىپقا كۇچەش تۇيغۇسنى قوزغاشقا كۆڭۈل بۆلۈشى كىرەك ئىدى.
شۇنداقلا خەنزۇ ئالىملىرى ،زىيالىيلىرى ۋە ياشلىرىغا ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئەزەلدىن مەدەنىيەتتىكى ئورنى كۇچلۇك بولغان ،پەقەت ئەدەبى ۋە سەنئەت ساھەسدىلا ئەمەس،تېخنىكا ساھەسىدىمۇ زور تۆھپسىى بار خەلق ئىكەنلىكىنى بىلدۇرۇشى كىرەك ئىدى.بۇ مىللەتچىلىك ئەمەس،بەلكى رىئال پاكىتلار ئارقىلىق غۇرۇرىنى قايتۇرۇپ كىلىش ، ئۆزىگە تەئەللۇق نەرسلەر ئارقىلىق ئۆزى ۋە باشقىلارغا ھەقىقەتنى جاكارلاش ...
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-01 21:05 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«12»Pages: 1/2     Go
Bagdax bbs » خەۋەر ئۇچۇرلار