ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 16قەۋەتتىكى uighurmedدە2012-05-03 23:45يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
قېرىندىشىم...سىز دىگەن خەن سۇلالىسى ۋاقتىدىكى تەلەپپۇزۇى قاتتىقلار شۇ يىللاردا ئاراتۈرۈكتە باركەنتۇقمۇ؟يە چۆگىلەپ كېتىپلا تارىخىنى يېزىپ قويۇپتىكەنمۇ؟مېنىڭ بىلىشىمدە 30-يىللاردا 80 ئۆيلۈك گەنسۇلۇقنى بوز يەر ئېچىش ئۈچۈن لىيۇ سىجاڭ دىگەن كىشى ئاراتۈرۈككە كۆچۈرۈپتىكەن.مۇشۇلار تۇنجى ئەۋلاد ئاراتۈرۈككە چىققان كىشىلەر بولىشى مۇمكىن.ئىۋىرغول ئاتالغۇسىنىڭ ئۇيغۇرغولغا ئۆزگىرىشى بىز بىلەن بىر تىل تۈركۈمىدىكى بولمىغان يى ۋۇ سۆزى بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بار؟بولسا مۇشۇ ھەقتە بىر ئىلمىي ماقالە بولسا يوللاپ قويغان بولسىڭىز ھەممىمىز بىلىۋالغان بولساق.
كەچۈرۈڭ، ئۇيغۇرمېد تارىخنىڭ ئۇزۇن مۇساپىلىرىدە بىزنىڭ بۇ يۈرىكىمىزنىڭ پارىسىدەك ئەزىز تۇپراقلىرىمىزدا باشقا مىللەتلەرمۇ ياشاپ ئۆتكەن. لېكىن بىز ئۇيغۇرلار ئەڭ ئاخىرقى دەملىرىمىزگىچە بۇزىمىنلاردىن قەتئىي ۋاز كەچمىدۇق. تاڭ، خەن...دېگەندەك سۇلالە، خاندانلىقلارنىڭ يازمىلىرىدا << يىجۇچۈ >>دەپ خاتىرلەنگەن خاتىرىمۇ <<ئۇيغۇرغول كۈيلىرى>>دەپ ئوقۇلىدۇ. بىزنىڭ سەنئىتىمىز،مەدەنىيىتىمىز ھەتتا كىيىم-كېچەك،يىمەك-ئىچمەكلىرىمىزگىچە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە تەسىركۆرسەتكەن...سىز ئېيىتقان 30-يىللاردىكى ئۇ 80 ئۆيلۈك خەنزۇنىڭ ۋەقەسىنى مەنمۇ بىلىمەن.
ئاراتۈركنىڭ ئۆزىدە مىليون يىللار مابەينىدىن ئېقىۋاتقان غولنىڭ نامى بىلەن ئاتالغانلىقىنى خەلقارا تەسىرگە ئىگە تارىخچىلار تەرپىدىن بىكىتىلىپ بولدى. شۇ بىز تېخىچە ئىۋىرغول دەپ ئاتاشنى تاشلىيالمايلا كېلىۋاتىمىز....ۋاقتىڭىز يەتسە كۆپرەك تارىخى ماتىرىيال كۆرۈپ قويارسىز