saltanat lutun elan berig
بۇ تېما 1289 قېتىم كۆرۈلدى
heniya
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2680
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 224
شۆھرەت: 1241 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1243 سوم
تۆھپە: 731 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 733 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 209(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-07-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 سېيىت نوچى توغۇرسىدا

سېيىت نوچى توغۇرسىدا

                                                          -گۈلەن


         ئابدۇكېرەم ئابلىز ئورۇنلىغان ”سېيىت نوچى“ داستانىدىن ئارىيەدە "سىېيىت نوچى "شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ ئالدى كەينىدىكى چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئىستىبىدات ھۆكۈمىرانلىقىغا قارشى قوزغالغان گېلاۋخۇي تەشكىلاتىغا قاتناشقان“ دېيىلىدۇ. مەن بۇنى ئېنىقلاش ئۈچۈن گېلاۋخۇيغا دائىر تارىخى ماتىرىياللارنى كۆرۈپ چىقتىم. گېلاۋخۇي دېگەن بۇ گوروھ ئەسلى سىچۈئەننىڭ گولۇ دېگەن يېرىنى مەنبە قىلغان بولۇپ بەزىلەر گېلاۋخۇي دېگەن بۇ ئىبارىنى گولۇ گوروھى مەنىسىدىكى گولۇخۇيدىن كەلگەن دەپ قارايدىكەن. بۇ گورۇھنىڭ زوزوڭتاڭ قۇرغان خۇنەن قوشۇنىدا تەسىرى كۈچلۈك بولغان. خۇنەن قوشۇنى لىيۇجىنتاڭنىڭ قۇماندانلىقىدا شىنجاڭنى ئالغاندىن كېيىن گېلاۋخۇي قەشقەردە پائالىيەت قىلىشقا باشلىغان. خەنسۇچە تارىخى مەنبەلەردە قەشقەردىكى گېلاۋخۇي ھەققىدە مەلۇماتلار بار، ئەمما ئۇيغۇرلاردىن بۇ گورۇھقا قاتناشقانلار ھەققىدە ئېنىق بىر نەرسە دېيىلمىگەن. بۇ گورۇھ 1912-يىلىنىڭ بېشىدا ئىسيان قىلىپ قەشقەرنىڭ دوتىينى ئۆلتۈرگەنىكەن. شۇ زامانلاردا مويدىن خەلىپە، تۆمۈر خەلىپە قوزغىلىڭىنى باستۇرۇشتا تۆھپە كۆرسەتكەن تۇگان قوشۇنىنىڭ قۇماندانلىرىدىن بىرى لى شوفۇ بىلەن بىر قاتاردىكى مافۇشىڭ گېلاۋخۇينى باستۇرۇپ قەشقەرگە تىتەي بولغان.“ سىيىت نوچى“ داستانىدا تىلغا ئېلىنغان ماتىتەي(مافۇشىڭ)، ماشاۋۋۇ قاتارلىقلارنىڭ ئىسمى خەنسۇچە تارىخى مەنبەلەرگە ئۇيغۇن، ئەمما داستاندا گېلاۋخۇيغا قاتنىشىپ تۇرمىدا ياتقان دېيىلگەن ھاشىم گېلاۋخۇي، ئۆلتۈرۈلگەن سىيىت نوچىلارنىڭ گېلاۋخۇي تارىخىدا ئىسمى يوق. سىيىت نوچىنىڭ گېلاۋخۇيدىكى ئۇستازى ھەققىدە ”سىيىت نوچى“ داستانىدا

بولدى مېنىڭ يۆلەنچىم

گېلاۋخۇي ھاشىم

چامباشلىقنى ئۆگەتتى ئۇ

قاتقاندا باشىم


دەپ يېزىلغان بولسا، ”ئۇيغۇر تارىخى قوشاقلىرى“ دېگەن كىتاپتىكى سىيىت نوچى قوشاقلىرىدا


بولدى خەنزۇ ئوتياشچى

لاۋ جاڭ ئاداشىم

ئۇ ئۆگەتتى چامباشى

قاتقاندا باشىم


دەپ يېزىلغان. بىز بۇلاردىكى پەرقلەردىن سىيىت نوچىنىڭ زادى كىمنىڭ ۋاستىسى بىلەن گېلاۋخۇيغا ئەزا بولغىنىنىمۇ بىلەلمەيمىز. قارىغاندا، ”سىيىت نوچى“ داستانى ۋە ”ئۇيغۇر تارىخى قوشاقلىرى“ دىكى سىيىت نوچىنىڭ گېلاۋخۇيغا قاتناشقانلىقىغا ئائىت تەپسىلاتلار 1949-يىلدىن كېيىن زاماننىڭ ئىھتىياجى بويىچە توقۇلغاندەك. چۈنكى سىيىت نوچى دەۋرىدە خەنزۇ دېگەن گەپ ئۇيغۇرچىدا قوللىنىلمايتتى، قەشقەردە خەنزۇ ئوتياشچىلارمۇ يوق ئېدى. نۇرمەھەممەت زاماننىڭ ”ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىيات تارىخى“ ناملىق ئەسىرىدە سىيىت نوچىنى رۇسسىيەگە بېرىپ ئۆكتەبىر ئېنقىلابىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان دېيىلگەن. ئابدۇكېرىم راخمان تۈزگەن ”ئۇيغۇر خەلق داستانلىرى“ ناملىق كىتابتا ئۇنى شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ تەسىرىدىكى گېلاۋخۇيغا قاتناشقان دېيىلگەن. ئېنىقكى، ئۇيغۇر تارىخدىكى ۋەقەلەر يا شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ تەسىرىدە، ياكى ئۆكتەبىر ئېنقىلابىنىڭ يېتەكلىشىدە يۈز بەرگەن بولىدىكەن. ئەگەر شۇنداق بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل بىر ئىشنى باشلاش ئىقتىدارى يوقمىكەن. چوقۇم مەلۇم تاشقى كۈچنىڭ يېتەكلىشىنى دائىم قوبۇل قىلىشى كېرەكمىكەن. سىيىت نوچى ئابدۇقادىر داموللامنىڭ تەسىرىگە، قۇتلۇق شەۋقىنىڭ تەسىرىگە، ئىسمايىل غاسپىرالىنىڭ تەسىرىگە، رىزائۇددىن پەخرۇددىننىڭ تەسىرگە ئۇچرىسا نېمىشقا بولمايدىكەن؟ ئەمەلىيەتتە يۇقارقىدەك توقۇلمىلار باشقا ساھەلەردىمۇ خېلى جىق. مەسىلەن، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى شىنخەي ئىنقىلابى تەسىرىدە شەكىللەنگەن، ئۇيغۇر تېبابىتى جۇڭگۇ تېبابىتىنىڭ بىر قىسمى، ئۇيغۇرلار سەددىچىن سېپىلىنى قۇرۇشقا قاتناشقان…ئۇيغۇرچە مۇناسىۋەتلىك كىتابلاردا يۇقارقى گەپلەر بولغان بىلەن خەنسۇچە جوڭگۇ ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى تارىخى، جوڭگۇ تېبابەت تارىخى، جوڭگۇ مەدەنىيەت تارىخى دېگەن كىتابلاردا ئۇنداق گەپلەر يوق. بۇنداق گەپلەرنى ئۇيغۇرنىڭ تارىخى، ئەدەبىياتى، مەدەنىيتى ۋە بۈگۈنكى رىياللىقىنى زامانغا بېقىپ چۈشەندۈرىدىغان زىيالىلار توقۇپ چىققان. سىيىت نوچى شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ تەسىرىدىكى گېلاخۇينىڭ رەھبەرلىكىدە ئۇنى قىلغان، بۇنى تەۋرەتكەن دېگەنلىك ئەمەلىيەتتە يۈسۈپ خاس ھاجىپ كۇڭزىنىڭ شاگىرتى، كەكمەنىر ئىسىملىك ئۇيغۇر شائىرى ”خەنزۇلار ئەزەلدىن بولمىش ئۇستازىم“ دەپ شىئېر يازغان، دېگەندەك ئىنقىلابىي رىۋايەتلەرنىڭ داۋامى بولۇشى مۇمكىن.


سىيىت نوچى نېمە ئۈچۈن ئۆلگەن


بىرىنجى، خانلىققا ۋە خانغا بولغان ساداقىتى ئۈچۈن ئۆلگەن.

داستاندا يېزىلىشىچە سىيىت نوچىنى ماتىتەينىڭ چىرىكلەرى باغلىغاندا قارشىلىق قىلمايدۇ، قېچىپمۇ كەتمەيدۇ، ئەكسىچە چىرىكلەرگە


ھىچ گۇناھ يوق سىلەردە

خاننىڭ ۋاجىپ يارلىقى

يۇرت جامائەت خوش ئەمدى

رىزا بولۇڭ قەشقەرلىك

ئۇلۇغ ئۇششاق بارلىقى


دەپ قوشاق توقۇپ باغلىنىشقا رازى بولىدۇ. بۇ قوشاقتىن مەلۇمكى سىيىت نوچى مۇسۇلمانلىق نوقتىسىدىن چىقىپ ”خاننىڭ يارلىقىنى ۋاجىپ“ دەپ بىلىدۇ. كۈلكىلىك يېرى سىيىت نوچى باغلانغان چاغدا جوڭگۇدا خان ئاللىقاچان تەخىتتىن چۈشكەن بولۇپ، جوڭگۇنى شىمالى مىللىتارىستلار ھۆكۈمىتى باشقۇرىۋاتاتتى. بۇ ھۆكۈمەت ئىسلامدىكى پەرز، سۈننەت، ۋاجىپ دېگەنلەرنى ئىتىراپ قىلمايتتى. سىيىت نوچى شەرىئەتنى ئىتىراپ قىلمايدىغان بىر ھۆكۈمەتكە ئاتا بوۋىسىدىن قالغان شەرىئەتنىڭ ھۆكۈمى بىلەن مۇئامىلە قىلغان. تۆۋەندىكى قوشاق سىيىت نوچىنىڭ ”خاننىڭ ئەمرى ۋاجىپ“ دېگەن ئەقىدىسىنىڭ نەقەدەر كۈچلۈكلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.


ئەي ئامبال، دېدى گاڭگۇڭ

تەڭلىكتە تۇرۇپ قالما

خاننىڭ ئالدىدا ئاسىي

گۇناھكار بولۇپ قالما


دېمەك سىيىت نوچى خاننىڭ ئالدىدا گۇناھكار بولۇشنى خالىمايدۇ، ھەم باشقىلارنىمۇ گۇناھقا قويۇشتىن ھەزەر ئەيلەيدۇ. ئۇنىڭچە خان گۇناھكار ئەمەس. خانلىق تۈزۈم گۇناھكار ئەمەس، خاننىڭ بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلغۇچى ئاسى، گۇناھكار. خاننىڭ سىياسەتلىرى توغرا، زۇلۇم قىلىۋاتقانلار پەقەت بىر ئوچۇم پارىخور ئەمەلدارلار، يەرلىك باي غوجاملار. سىيىت نوچى ئۆزىنى بىلمەيدىغان. ئىتىقادىنى ئىتىراپ قىلمايدىغان، زالىم خاننىڭ ”ۋاجىپ“ بۇيرۇقىغا ساداقىتىنى بىلدۈرۈپ ئۆلۈمگە رازى بولغان.


ئىككىنجى، ئامانەتكە خىيانەت قىلمايدىغان ئەقىدىسى ئۈچۈن ئۆلگەن

سىيىت نوچى تۇزچى بوۋاينىڭ خەتنى ئېچىپ كۆرۈپ بېقىش ھەققىدىكى نەسىھېتىگە قۇلاق سالمايدۇ. چۈنكى ئۇ ”ئامانەتكە خىيانەت نامەرد ئىشىدۇر“ دەپ قارايدۇ. ئامانەتكە خىيانەت قىلماسلىق ئەقىدىسى ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش كۆرۈنمەس بىر مەۋجۇداتنىڭ ھەرقانداق چاغدا ئىنساننىڭ بارلىق قىلمىش- ئەتمىشلىرىنى كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغان خەلقنىڭ ئەزالىرى ئۈچۈن چەكلەش رولىغا ئېگە. بۇنداق ئەقىدىگە ئىگە بولمىغان خەلق ئۈچۈن ئۇنداق ئەمەس. سىيىت نوچى ئامانەتكە خىيانەت قىلماسلىق ئەقىدىسىگە ئىشىنىدۇ، ئەمما بۇ ئامانەتنىڭ كىمنىڭ ئامانىتى ئىكەنلىكىگە، ئامانەت بەرگۈچىنىڭ ئۆزى بىلەن ئەقىدىداش ياكى ئەمەسلىكىگە سەل قارايدۇ. ئادەتتە ئەخلاق مىللىي بولىدۇ. بىر خەلق ئۈچۈن ئەخلاقسىزلىق سانالغان قىلىق يەنە بىر خەلق ئۈچۈن ئۇنداق بولۇشى ناتايىن. مەسىلەن، ئامېرىكىلىقلاردا پەرزەنتلەرنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن سىر ساقلىشى ئەخلاققا ئۇيغۇن، ئەمما بىز ئۇيغۇرلاردا ئۇنداق ئەمەس. شىنجاڭ ئۇنۋېرىستىتىنىڭ جا فامىلىلىك بىر پروفېسسورى ئۇيغۇرلارنى ئاخماق دەپتۇ. سەۋەبى ئۇ كىشى ئاقسۇغا بارغاندا ئۇيغۇرلاردىن ئۈرۈك ئالغانمىش. ئۇيغۇرلار ئۇنىڭغا ئۈرۈكنى كىلولاپ ساتماي يەپ بولغاندا ئۈچكە (ئۇرۇقچە) سىنى ساناپ ساتقانمىش. ئۇنىڭچە ناۋادا خېرىدار ئۈرۈكنى يەپ ئۈچكىسىنى يوشۇرۇۋالسا ساتارمەن زىيان تارتارمىش. مېنىڭچە كىشى كۆرمىگەن تەقدىردىمۇ باشقىلارنىڭ ھەققىنى يىمەسلىك تەشەببۇس قىلىنىدىغان ئۇيغۇر ئەخلاقى بويىچە ساتارمەننىڭ قىلغىنى ئاخماقلىق ئەمەس، بۇنىڭغا ئىشەنمەيدىغان خاڭجۇلۇق زىيالىنىڭ نەزىرىدە بۇ ئاخماقلىق. سىيىت نوچى باشقىلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەخلاق ئۆلچىمى بويىچە مۇئامىلە قىلغان ۋە بۇنىڭ جازاسىنى تارتقان. سىيىت نوچى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەخلاق ئۆلچىمى بويىچە مەردلىك قىلغان، ماتىتەينىڭ ئەخلاق ئۆلچىمى بويىچە ئاخماقلىق قىلغان.


ئۈچىنجى، روھى قۇللۇق بەدىلىگە ئۆلگەن

سىيىت نوچىنىڭ روھىدا قۇللارچە خوجايىنىغا مايىللىق ۋە تاما بولمىسا ئېدى، ئۇچتۇرپاننىڭ ئامبىلى ماشاۋۋۇنىڭ ئوردىسىدا ياتمىغان بولاتتى. ماشاۋۋۇنىڭ ئوردىسىغا مېھمانغا ئەمەس ھاشىم جانبازدەك دوستلىرىنىڭ قىساسىغا بارغان بولاتتى. ھەمدە ئۇنىڭ تۆۋەندىكى گېپىگە ئالدانمىغان بولاتتى.


قەشقەردىكى تىتەيگە

خەت يېزىپ بېرەي ئەكەت .

خەتنى كۆرسە ما تىتەي ،

دەيدۇ ساڭا كۆپ رەھمەت .

سەن ئۆزۈڭ سېيىت گاڭگۇڭ ،

قىلدىڭ بىزگە كۆپ خىزمەت . .

ئەجرىڭ قەدرىگە لايىق ،

مەنمۇ بىلدۈرەي ئىززەت .


بۇ خېتىمنى ئاپىرىپ ،

بەر تىتەينىڭ ئۆزىگە .

سېنى باشلىق قىپ قويار ،

تۆت دەرۋازىنىڭ بىرىگە ، .

باشلىق بولۇپ شۇندا سەن ،

ئويناپ كۈلۈپ ئۆتەرسەن . .

گاڭگۇڭ نامىڭغا لايىق ،

مۇرادىڭغا يېتەرسەن .


بۇ قوشاقلارغا قارىساق سىيىت نوچىنىڭ دوست نېمە، دۈشمەن نېمە ئايرىيالمايدىغان، ئىناۋەتنى خەلقتىن ئەمەس خوجايىنىدىن تىلەيدىغان، ئىنقىلاپنى ھۆرلۈك ئۈچۈن ئەمەس خوجايىننىڭ ئىتىراپى ئۈچۈن قىلىدىغان ئاجىزلىقى ئەكىس ئېتىدۇ. ئەسلى ئۇيغۇرلار بەرگەن باتۇر دېگەن ئاتاقلا سىيىت نوچىغا يېتىشى كېرەك ئېدى. ئەمما ئۇ يەنە ھاكىمىيەتنىڭ ئىتىراپىغىمۇ ئېرىشمەكنى، خوجايىننىڭ ئىنئاملىرىغا نائىل بولماقنى تاما قىلغان. بۇنداق قۇللارغا خاس تاما تۆمۈر خەلىپىدىمۇ بولغان، ئۇ كىشىمۇ خەلق بەرگەن خەلىپە ئۇنۇۋانىغا قانائەت قىلماي ھۆكۈمەتنىڭ يىڭجاڭلىقىغا قۇل بولغان. 1933-يىلى قەشقەرنى ئالغان تۆمۈر ئېلى ماشاۋۋۇدىن سىلىڭ دېگەن تامغىنى تارتىۋېلىپ بىر كۈن قەشقەرنى ئايلىنىپ داۋراڭ قىلغانىكەن. ئۇنىڭ ئەينى دەۋردە ئۆزى قارشى تۇرغان ھاكىمىيەتنىڭ سىلىڭ دېگەن تامغىسىنى ئالغىنىغا خوش بولۇپ كەتكىنى ئېچىنىشلىق. ئۆزنامىغا تامغا ئويدۇرسا، ئۆز تىلى بىلەن ئۆزىنى ھۆكۈمران دەپ جاكارلىسا بولمايدىغان نېمىسى بار. بۇلاردىن ئۆزىنى مالايلىققىلا يارالغاندەك، خوجايىنسىز ياشىيالمايدىغاندەك ھېس قىلىدىغان، پۈتۈن تىرىشچانلىقى پەقەت خوجايىندىن ئازراق مەرتىۋە تارتىۋېلىش بەدىلىگە بولىدىغان قۇللۇق روھىنىڭ يىلتىزى ۋە دائىرىسى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.


بۈگۈنكى سىيىت نوچى

سىيىت نوچى داستانىنىڭ سىيىت نوچى قەتلى قىلىنغان ۋاقىتتىن كېيىن يېزىلغان بىرەر قوليازمىسى يوق. بۇ داستان ئىزچىل خەلق ئارىسىدا تارقىلىپ كەلگەن. زامانلارنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئۇنىڭغا ھەرقايسى دەۋرلەرگە خاس تەركىپلەر قوشۇلۇپ ماڭغان. ئابدۇكېرىم ئابلىز“ سىيىت نوچى“نى سەھنىگە ئېلىپ چىققاندىمۇ بەزى تەپسىلاتلارنى قوشقان. بۇنىڭ بىرى ئوردىدىكى ئۆرۈمە چاچ (سىيىت نوچى ئۆلتۈرۈلگەن ۋاقىت مافۇشىڭنىڭ 1915-يىلى ماشاۋۋۇنى ئۇچتۇرپانغا قوغلىۋېتىپ قەشقەرگە مۇستەقىل ھۆكۈمران بولغاندىن كېينگە توغرا كېلىدۇ. بۇ چاغدا ئۆرۈم چاچ ئاللىقاچان ئەمەلدىن قالغان) ئەمەلدارنىڭ سىيىت نوچىغا ياخشىلىق قىلىشى، يەنە بىرى ئۇيغۇر جاسۇسنىڭ سىيىت نوچى ھەققىدە ئۆرۈمە چاچقا مەلۇمات يەتكۈزىشى. بۇ يەردە بۈگۈنكى تاماششابىنلارغا يەتكۈزىلىۋاتقان ئۇچۇر؛ سىيىت نوچىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدىكى جاسۇسلار تۇتۇپ بەرگەن، ئۆرۈمە چاچلىق ئەمەلدارلارنىڭ ھەممىسىمۇ سىيىت نوچىنىڭ دۈشمىنى ئەمەس ئېدى… دېگەندىن ئىبارەت. قىزىق يېرى، يەنە شۇ ئۇيغۇرنىڭ دۈشمىنى يەنىلا ئۇيغۇر. ھاكىمىيەت تۇتقانلار ئىچىدىمۇ سىيىت نوچىغا دوستلار بار ئېدى… ۋاھاكازالار. شۇ نەرسە ئېنىقكى، ئۆرۈمە چاچنىڭ مۇكاپاتى بولمىغان بولسا تۇماقلىق ئۇيغۇر جاسۇسلۇق قىلالمايتتى. ئۆرۈمە چاچ ۋەكىللىك قىلىۋاتقان تۈزۈم جاسۇسلارنى قوغۇدىمىغان، تەربىيىلىمىگەن بولسا جاسۇسلۇق مەۋجۇد بولمايتتى.


سىيىت نوچى نېمە ئۈچۈن يادلىنىدۇ

سىيىت نوچىنى قەتلى قىلغانلار ئۆلدى، ئەمما سىيىت نوچى ئۆلمىدى، ئۇنىڭغا ئاتاپ داستان يېزىلىپ مەدداھلىق سورۇنلىرىدا سۆزلەندى، دەرسلىك كىتاپلارغا كىرگۈزۈلدى، ناخشىلار ئېيتىلدى. 2011-يىلى ئابدۇكېرەم ئابلىزنىڭ ئورۇنلىشىدا سەھنىگە ئېلىپ چىقىلدى. ئۇنداقتا سىيىت نوچى نېمىشقا ئارىمىزدا شۇنچە يىل ياشىيالايدۇ. مەنچە بۇنىڭ سەۋەبىنى ئۇيغۇرلاردىكى باتۇرلۇق، قەھرىمانلىق ۋە پىداكارلىققا بولغان شەيدالىقتىن ئىزدەش كېرەك. ئۇيغۇر ئۈچۈن ئۆلۈم قورقۇنچلۇق ئەمەس، بەلكى ياراتقۇچىغا، ئادەملەرگە، دۇنياغا، ۋە ئۆزىگە مەردانە يۈزلىنىپ ياشىيالماسلىق ئەڭ قورقۇنچلۇقتۇر. ئۇيغۇر ئۈچۈن ئۆلۈم ھاياتنىڭ ئاخىرلىشىشى ئەمەس بەلكى يېڭى بىر ھاياتنىڭ باشلىنىشى. ئۇيغۇرلارتارىختىن بېرى ياشىسا قورقۇمسىزلىق بىلەن ياشايدىغان روھنى قەدىرلەپ كەلگەن. ئۇيغۇرلاردا ”يا ئۆلۈم يا كۆرۈم“ دېگەن گەپ بار. بۇ يەردە ئۆلۈم بىلەن كۆرۈم ئارىسىدا پەقەت ئىككىلىنىش، ئارىلىق يوق بولۇپ ئۇيغۇرچە تەپەككۇردا پەقەت بۇنىڭ بىرىلا مەۋجۇد. يا ئارمانىڭغا يېتىسەن، يا ئارمان ئۈچۈن ئۆلىسەن. سىيىت نوچىنىڭ ئۆلۈم ئالدىدىكى قورقۇمسىزلىقى ئەزەلدىن قەھرىمانلىققا چوقۇنىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ قەلبىدە ئىھتىرام ئويغاتقان، شۇڭا سىيىت نوچىنىڭ پاجىيەلىك ئۆلۈمى ھەققىدىكى بۇ داستان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئوخشىمىغان شەكىلدە تەكرارلىنىپ كەلگەن ۋە تەكرارلانماقتا.




تېما تەستىقلىغۇچى : duttarqi
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-05-02, 15:25
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-05-02 14:04 |
muqam
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1060
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 123
شۆھرەت: 660 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 660 سوم
تۆھپە: 389 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 389 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 273(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-05
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇ ماقالىدە سىيىت نوچىنى ناھايىتىمۇ ئەتراپلىق تەھلىل قىپتۇ، ئۆتكەندە سىيىت نوچى توغرىلىق بىر تېمىدا ئازراق ئۆز كۆز قارىشىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ سۆزلەپ قويسام تاس قالغان بەزى تورداشلار مېنى ئۆلتۈرىۋەتكىلى .... ئەمدى ئۇلار يۇقىرىدىكى ماقالىنى تەپسىلىي ئالدىرىماي ئوقۇپ قايتىدىن تەھلىل قىلىپ باقسا بولغۇدەك .....
سىيىت نوچىنىڭ (نوچى) دېگەن نامىغىلا ئېسىلىۋالماي بۇ ماقالىدە تەھلىل قىلىنغاندەك ئۇنىڭ روھى دۇنياسىنى ئوپېراتسىيە قىلغاندا ئاندىن ئۇنىڭ بىر پۈتۈن سىياقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-02 18:05 |
humuli
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 7310
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 3
شۆھرەت: 15 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 15 سوم
تۆھپە: 9 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 9 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-05-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-02
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

سيت نوچىنىڭ نوچىلىقىدىن مىللىتىمىزنىڭ نوچىلىقى چىقىپ تۇرۇپتو........
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-02 19:26 |
tengrikulibeg
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6216
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 5
شۆھرەت: 25 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 25 سوم
تۆھپە: 15 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 15 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 29(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-31
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

يەڭگىلتەكلىك بىلەن چىقىرىلغان ھۆكۈم قۇمغا يېزىلغان خەتكە ئوخشىسا كىرەك ، ئازراق چىققان شامالدىمۇ ئۆچۈپ كىتىدۇ.  
saltanat
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-03 17:24 |
tengrikulibeg
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6216
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 5
شۆھرەت: 25 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 25 سوم
تۆھپە: 15 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 15 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 29(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-31
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مۇنۇ قۇشاقنىمۇ ئاڭلاپ باققايسىزلەر . بۇ سىيت نوچى داستانىنىڭ بىر قەدەر تولۇق نۇسخىسى بولسا كىرەك .
simfoniya
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-03 21:15 |
zekrila
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 5765
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 210
شۆھرەت: 1081 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1083 سوم
تۆھپە: 645 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 647 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1396(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى humuliدە2012-05-02 19:26يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
سيت نوچىنىڭ نوچىلىقىدىن مىللىتىمىزنىڭ نوچىلىقى چىقىپ تۇرۇپتو........

مەن ئۇنداق قارىمايمەن  ھازىر خەلقىمىز ئۇيغاندى ،ھەق ناھەق كۇز قارشى ئايدىڭلاشتى ،ھازىر خەلقىمىزدە  باتۇرلۇقمۇ بار .ئەقىلمۇ بار ،  خەلقىمىز  قاراملىقنى پەم بىلەن قىلىدۇ  قىلغان ئىشىدا غەلبە قىلىدۇ ،خەلىقنىڭ ئىرادىسى بويىچە ئىش قىلىدۇ ، سېيىت نۇچىدەك خانغا چۇقۇنمايدۇ ،ھازىرقى خەلقىمىز سېيىت نۇچىدەك قارا قۇساق  قاراملاردىن ئەمەس ، سېيىت نۇچىدەك نۇچىلار  پۇخرانىڭ يىغىسىغا قۇلاق سالماي  ھەق ناھاقنى  ئايرىمايلا ئەمەلدارنىڭ  كەتمىننى چاپىدىغانلاردىن بۇلۇپ  ئۇلار ئۇزىنىڭ ئاتا ئانىسىدىنمۇ ئەمەلدارنىڭ  2 ئېغىز ەگېپىنى چۇڭ بىلىدۇ 
lutun
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-03 22:00 |
bahar.tilayman
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 7367
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 18
شۆھرەت: 90 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 90 سوم
تۆھپە: 54 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 54 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 14(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-05-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-27
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مىنىڭچە <<سىيىت نوچى>>دىن ئۈگىنىدىخان ۋە ئبرەت ئالىدىخان تەرەپلىرىمىز بار.مانا مۇشۇ نوختىدىن تەھلىل،ئانالىز قىلساق بولىدۇ.مۇشۇندا بولغاشقا داستان ھازىرغىچە يادلىنىپ كەلمەكتە.
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-05 18:43 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » تەرمىلەر