ئىجتىمائىي ئۈستۈنلۈكنىڭ ئېلېمېنتار تەڭلىمىسى
مۇئاممار ئۇلۇغيار (2012-يىلى 30-مارت)
l ئىجتىمائىي ئۈستۈنلۈكنىڭ ئېنىقلىمىسى ۋە ئۇنىڭ تەركىپلىگۈچىسى
ئىجتىمائىي ئۈستۈنلۈك بىر قەۋم ياكى جەمەتنىڭ دۆلەت ياكى رايۇن تېرىتورىيىسى ئىچىدىكى ئىجتىمائىي مۇھىتتا تۇتقان ئورنى ۋە رولى جەھەتتىكى ئەۋزەللىكى ۋە مەنپەئەتدارلىق ئىمكانىيىتىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ ئاساسلىقى تۆۋەندىكى ئامىللارنىڭ ئۆرگانىك بىرلەشمىسىدىن تەركىپ تاپىدۇ:
1. نوپۇسنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپا ئۈستۈنلۈگى
(1) مەدەنىيەت ساپاسى
(2) سىياسىي ئاڭ ساپاسى
(3) پەن-تېخنىكا، مەشغۇلات ئىقتىدار ساپاسى
(4) جىسمانىي ساپاسى
(5) پىسخىكا ساپاسى
2. لەشكىرىي-سىياسىي ئۈستۈنلۈگى
(1) ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، تەكلىپ بېرىش تەشەببۇسكارلىقى
(2) پەلسەپە، سىياسىي نەزەرىيە ئىجادىيىتىدىكى تەشەببۇسكارلىق
(3) قانۇن-تۈزۈم قۇرۇلۇشىدىكى تەشەببۇسكارلىق
(4) سىياسىي تەشكىلات ۋە پائالىيەتلەرنى تەشكىللەشتىكى تەشەببۇسكارلىق
(5) بىخەتەرلىك، لەشكىرىي مۇداپىئە، دىپلوماتىيە-ھەمكارلىق ئۈستۈنلۈگى
3. ئىقتىساد-بايلىق ئۈستۈنلۈگى
(1) ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيىسى ئۈستۈنلۈگى
(2) زاپاس بايلىق ۋە ئېنېرگىيە ئۈستۈنلۈگى
(3) ئىشلەپچىقىرىش بازىسى ئۈستۈنلۈگى
(4) ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرى ئۈستۈنلۈگى
(5) ئىشلەپچىقىرىش كۈچى ئۈستۈنلۈگى
4. تېخنولوگىيە ۋە مەدەنىيەت ئۈستۈنلۈگى
(1) پەن-تەتقىقات جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈگى
(2) پەن-تېخنىكا ئىجادىيەتلىرىنى قوللۇنۇش ئۈستۈنلۈگى
(3) پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈستۈنلۈگى
(4) مەدەنىيەت جۈغلانمىسى ۋە ئەنئەنە ئۈستۈنلۈگى
(5) ھۈنەر-سەنئەت، يېڭىلىق يارىتىش ئۈستۈنلۈگى
l ئىجتىمائىي ئۈستۈنلۈكنىڭ ئېلېمېنتار فورمۇلىسى
ئەگەر ئىجتىمائىي ئۈستۈنلۈك قىممىتىنى سېلىشتۇرۇپ ھىسابلاشقا توغرا كەلسە، ئۇنى تەركىپلىگۈچى ئامىللارنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋەت قانۇنىيىتىنى تەتقىق قىلىش ئاساسىدا، تۆۋەندىكىدەك ھىسابلاش فورمۇلىسىنى تەخمىن قىلىشقا بولىدۇ:
Ui={Sn∩Hs∩Ib∩Tm}/N
فورمۇلىدىكى لاتىنچە ھەرپلەر ۋەكىللىك قىلىدىغان مەنا تۆۋەندىكىچە:
Ui ـــ ئىجتىمائىي ئۈستۈنلۈك
Sn ـــ نوپوس ساپاسى ئۈستۈنلۈگى
Hs ـــ ھەربىي-سىياسى ئۈستۈنلۈك
Ib ـــ ئىقتىساد-بايلىق ئۈستۈنلۈگى
Tmـــ تېخنولوگىيە-مەدەنىيەت ئۈستۈنلۈگى
∩ ـــ بىرىكمە توپلام بەلگىسى(توپلام ھىسابلاش ئەمىلى)
{} ـــ توپلام بەلگىسى
/ ـــ بۆلۈش بەلگىسى
N ـــ نوپۇس سانى
يۇقارقى مۇناسىۋەت ئىپادىسىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بىر قەۋمنىڭ ئىجتىمائىي ئۈستۈنلۈگىنى ـــ ئۇنىڭ مائارىپ، سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئەۋزەللىكلىرى جۇغلانمىسىنىڭ ئومۇمىي نوپۇسقا بولغان نىسبىتى ئارقىلىق ئەكس ئەتتۈرىدىغان «ئىجتىمائىي ئۈستۈنلۈكنىڭ ئېلېمېنتار فورمۇلىسى» بىلەن بىرقەدەر توغرا تەسۋىرلەشكە بولىدۇ (بۇ ئۆزۈمنىڭ سىياسىي ماتېماتىكىلىق مېتودولوگىيەم).
ئىجتىمائىي ئۈستۈنلۈكنى تەركىپلىگۈچى ئامىللار(ئېلېمېنتلار)نى يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ فۇنكىتسىيىلىك ئانالىز قىلىش ئارقىلىق، قەۋمنىڭ ئىجتىمائىي ئورنىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈپ قەددىنى رۇسلاشنىڭ ئۈنۈملۈك يوللىرىنى تېپىپ، ماكان-زامان پۇرسەتلىرىگە تەقەززا تەقدىر-قىسمەتلەرنى پايدىلىق تەرەپكە يۈزلەندۈرۈشكە بولىدۇ. بۇ خىل مېتودولوگىيە، ئاجىز توپنىڭ ئۇنىۋېرسال قۇدرەت تېپىش سۈرئىتىنى تېزلىتىشتە ئىنتايىن مۇھىم بولۇپلا قالماي، يەنە مەلۇم جەمەت ياكى ئائىلىنىڭ ئۇنىۋېرسال گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىمۇ تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.