«ئېسىلزادە» ئادەملەر كىم؟
مۇئاممار ئۇلۇغيار، 2012-يىلى 30-مارت.
«ئېسىلزادە» دىگەن سۆز، بىر كىشىنىڭ ئادىمىيلىك شەرىپىنى يېتەرلىك دەرىجىدە تەرىپلەپ بېرەلەيدىغان ئۇلۇغ سۆز بولۇپ، ئۇنىڭغا تۈرلۈك-تۈمەن ھىكمەتلەر يوشۇرۇنغان. ئاساسلىقى تۆۋەندىكى سۈپەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
1. ئۇقۇمۇشلۇق، بىلىمگە ھېرىسمەن، بىلىملىك، يۇقۇرى ساپالىق، ئالغا ئىنتىلىدىغان، مەرىپەتپەرۋەر، يىراقنى كۆرىدىغان ئادەم؛
2. ئاقكۆڭۈل، كۆيۈمچان، كەڭ قۇرساق، ئەپۇچان، غەمگۈزار ئادەم؛
3. مەردانە، قولى كەڭ، سېخىي-ساخاۋەتچى، قانائەتچان، نەپسىدىن كېچەلەيدىغان، زىيانغا چىدايدىغان، مېھماندوست ئادەم؛
4. دىيانەتلىك، غايە-ئېتىقادلىق، دىلى يورۇق، يولباشچى، نىجاتكار ئادەم؛
5. تەمكىن، ئۆزىنى تۇتىۋالغان، سالماق، چوڭ سۈپەت، غۇرۇرلۇق، ئۆزىنى ۋە ئۆزگىنى قەدىرلەيدىغان، «چاقىرسا ئېتى، تۇتسا سېپى بار» ئادەم ؛
6. مەسئۇلىيەتچان، تىرىشچان، چىداملىق، غەيرەتلىك، ئىجاتكار، تەدبىرلىك، ئەيش-ئىشرەتتىن ئۆزىنى تارتىدىغان، تەرتىپلىك، پاكىزە، ئىدىتلىق ئادەم؛
7. نومۇسچان، كەم سۆز، خۇشپېئىل، خۇشچاقچاق، چىقىشقاق ئادەم؛
8. لەۋزىدە تۇرىدىغان، مەسئۇلىيەتتىن قاچمايدىغان، ۋاپادار، سەمىمىي-ساپ دىل ئادەم؛
9. يامانغا يانتاياق بولمايدىغان، ھارامدىن قاچىدىغان، ھەق-ناھەق كۆزقارىشى ئېنىق، مەيدانى دۇرۇس، تىكىچى توختايدىغان ئادەم.
يۇقارقى سۈپەتلەرگە ئىگە ئادەم باشقىلارنىڭ كۆزىگە ئىسسىق كۆرۈنىدۇ، ئاسان قوللاشقا، ئېتىراپ قىلىشقا، ھۆرمەتكە ۋە ياخشى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولالايدۇ. ئىشلىرى ئوڭغا تارتىپ، بەرىكەتلىك بولىدۇ؛ كىشىلەرنىڭ كۆڭلىدىكى مەرتىۋىسى ئۈستۈن، يولى ئوچۇق، روھى ۋە جىسمانىيىتى ساغلام، ئۆمرى ئۇزۇن بولىدۇ.
شۇڭا، ئادەم مۇشۇنداق قېرىنداشلىرىنى كۆرسىلا بىر خىل ھوزۇر ۋە ئازادىلىك ھىس قىلىدۇ، دىلى سۆيۈنۈپ، روھى قانائەت تاپىدۇ...
بارلىق قەۋم-قېرىنداشلىرىمنىڭ يۇقارقىدەك «ئېسىلزادە»لەردىن بولۇپ چىقىشىنى، ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ ئەكسىچە «تېگى پەس»لەرنىڭ تائىپىسىگە قېتىلىپ قالماسلىغىنى كېچە-كۈندۈز تىلەيمەن...