saltanat lutun elan berig
بۇ تېما 1402 قېتىم كۆرۈلدى
muammar
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6060
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 41
شۆھرەت: 275 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 285 سوم
تۆھپە: 152 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 152 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 45(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-17
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 «تېگى پەس» ئادەملەر كىم؟

«تېگى پەس» ئادەملەر كىم؟
 

مۇئاممار ئۇلۇغيار، 2012-يىلى 30-مارت.
 

    «تېگى پەس» دىگەن سۆز، كىشىلەر ئۆزئارا قاتتىق ئۇرۇشۇپ قالغاندا دەيدىغان زەھەردەك ئاچچىق سۆز بولۇپ، بۇ قارشى تەرەپنى ئىنتايىن تۆۋەن تەبىقىنىڭ پۇشتى، دەپ ھاقارەتلەش مەقسىدىدە ئىشلىتىلىدۇ.

    ئۇنداقتا «تېگى پەس ئادەم» دىگەن زادى قانداق ئادەمگە قارىتىلغان؟    ئىنچىكە تەھلىل قىلساق ئېنىقكى، «تېگى پەس ئادەم» تۆۋەندىكىلەرنى كۆرسىتىدۇ:

1.       تېگى-تەكتى، ئەسلى ۋەسلىدىن تەربىيە كۆرمىگەن، ساپاسى ئىنتايىن تۆۋەن، قارا قۇرساق، مەدەنىيەتسىز، بىلىمسىز، ئاڭسىز ئادەم؛

2.       ئىشنىڭ ئېپىنى بىلمەيدىغان، دىتى يوق، چارىسىز، ئۇرۇغىدىن دۆت، قائىدە چۈشەنمەيدىغان ئادەم؛

3.       ئىرادە-ئېتىقادىنىڭ تايىنى يوق، نام-نىشانسىز، بېلى بوش، لىڭتاسما، لايغەزەل ئادەم؛

4.       كېپىنى تىزىدىن ئاشمايدىغان، «ئىككى نان تاپسا، بىرىنى داپ چالىدىغان»، يۆلىگەنسېرى سوڭىغا دەسسەيدىغان، ئەسلى نەسەبىدىن ئىلگىرى كەلمەيدىغان يالاڭتۆش ئادەم؛

5.       ئەسلى-ۋەسلىدىن تارتىپ چاكىنا، قىلىقسىز، تۇتۇرۇقسىز، شاللاق، تاماگەر، يالاقچى، خۇشامەتچى، نومۇس قىلىشنى بىلمەيدىغان، شەرمى-ھاياسىز، پەدىشاپنى تەرك ئەتكەن ، يۈزى قېلىن ئادەم؛

6.       ئۇرۇغىدىن گۇمانخور، پىتنە-غەيۋەتچى، ئىچى تار، ھەسەتخور، قىتىغۇر، زەھەرخەندە، چېقىمچى ئادەم؛

7.       پۇشتىدىن قولى ئەگرى، يالغانچى، ساختىپەز، تانغاق، ھارامخور، ئاچكۆز، تەييارتاپ، نەپسانىيەتچى ئادەم؛

8.       ئۇرۇغىدىن كۆكەمە، يۈزسىز، چاتاقچى، جىدەلخور، گەدەنكەش، بالاخور ئادەم؛

9.       ئەسلى-ۋەسلىدىن تانغان، ۋاپاسىز، تۇزكور، ساتقىن-مۇناپىق ئادەم.

ئوبدان كۈزىتىدىغان بولساق، ئەتراپىمىزدا، ھەر قەۋم، ھەر جەمەتتە يۇقارقىدەك يىرگىنىشلىك ئىللەتلەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرىۋالغان «تېگى پەس» ئادەملەرنى ماڭدامدا بىر ئۇچرىتىپ قالىمىز. زامانىمىزدا، ئەبجەش مەدەنىيەتلەرنىڭ ئىنسان ئەقلىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىشى ۋە ئېزىقتۇرۇشىغا ئەگىشىپ، بۇ خىل «تېگى پەس» ئادەملەر كۈندىن كۈنگە كۆپىيىپ، «تېگى پەس» ئادەملەرنى ئىزدىمىسىڭىزمۇ تاپالايدىغان بولۇپ كەتتى. ئىشەنمىسىڭىز، ئەتراپىڭىزغا ئوبدان قاراڭ،  ئەنە چوڭ-چوڭ ئەمەلدار، كادىر، سودىگەر، دېھقان، ئوقۇغۇچى، ھەتتا ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدىن...ئىشقىلىپ، ھەممە تائىپىلەردىن يەتكۈچە ھۆ بولغۇدەك مىساللارنى تاپالايسىز...

بىر قەۋم ياكى جەمەتكە نىسبەتەن، كۆپچىلىك تەرىپىدىن «تېگى پەس» دىگەن باھاغا ئىگە بولۇپ قېلىش ئىنتايىن شەرمەندە بولغانلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. چۈنكى يۇقارقىدەك يىرگىنىشلىك ئالامەتلەرنىڭ بەزىلىرى ھەتتا ھايۋانلاردىمۇ كۆرۈلمەيدۇ! شۇڭا بۇنداق «تېگى پەس»لەرنىڭ خالا قۇرۇتىدەكمۇ ئىززەت-ھۆرمىتى يوق، ھەرقانداق بىر ئەقلى-ھۇشى جايىدا ئادەم ئۇلاردىن ئىنتايىن يىرگىنىپ، خۇددى ۋابا كېسىلىدىن قاچقاندەك قاچىدۇ...

قاراڭ، قېرىندىشىم، لاياقەتلىك ئادەم بولماق ھەقىقەتەن تەس. ئەمما ھەممە ئادەم ئۆزىنى سەللا ئىختىيارىغا قويۇۋېتىدىغانلا بولسا، ئارتۇق كۈچىمەيلا «تېگى پەس» تائىپىلەر قاتارىغا كىرىپ كېتەلەيدۇ!...شۇڭا، ئەقلىمىزنى بىلگەندىن باشلاپ، ئۆز ئۆزىمىزنى باشقۇرۇشنى ھەر-بىر دەقىقىلەردە ئەستىن چىقىرىپ قويساق بولمايدۇ. نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز، ئۆز-ئۆزىنى باشقۇرۇشتا بوشاڭلىق قىلغانلىقى ئۈچۈنلا، تازا ئۆلچەملىك «تېگى پەس»لەردىن بولۇپ كەتتى...بۇنداق كۆپىيىۋەرسە پۈتۈن قەۋمىمىز بىر چوڭ توپ سۈپىتىدە «تېگى پەس» قەۋم بولۇپ قالماسمۇ؟ ئۇنداقتا بىز ۋە بىزنىڭ ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ قەدىر-قىممىتى قانچىلىك بولار؟...ئۇلۇغ تەڭرىم شۇ كۈنلەرنى بەندىسىگە كۆرسەتمىسۇن!!!

تېما تەستىقلىغۇچى : bagdax
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-05-03, 00:51
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-05-02 17:06 |
budunya
ئۇلۇغ ئاللادىن ئاتا-ئانامنىڭ ساقلىقىنى تىلەيمەن
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 5764
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 628
شۆھرەت: 3186 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3188 سوم
تۆھپە: 1906 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1907 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 588(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

راس دەيسىز پۇل ئۈچۈن ،مال دۇنيا ئۈچۈن سىز دېگەندەك تېگى پەس بولۇپ كەتكەنلەر ئازئەمەس .ئۇلار ئۆلۈمنى ئويلۇمامدىغاندۇ.تاپقان مال -دۇنياسىنى ئۆلگەندە بىللە ئەكېتالمايدىغانلىقىنى قاچانمۇچۇشۇنە، شۇتېگى پەس ھارامدىن قورۇقماس .پۇل ئۈچۈن ئەسلىدىن تانىدىغان ،ھەتتا قېرىنداشلىقتىنمۇ كېچىدىغان،تۇزكور ،مۇناپىقلار...
lutun
ئۇلۇغ ئاللادىن ئاتا-ئانامنىڭ ساقلىقىنى تىلەيمەن
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-03 03:02 |
tohotur

دەرىجىسى : ئاكتىپ ئەزا


UID نۇمۇرى : 251
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 1817
شۆھرەت: 9991 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 10053 سوم
تۆھپە: 5879 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 5889 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 2573(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

دىگىنىڭىز مەسەلىنىڭ بىر تەرىپى دوستۇم ، ئادەم جەميەتنىڭ مەھسۇلى ، مائارىپنىڭ مەھسۇلى ،
رىئاللىقىمىزغا قارايدىغان بولساق بىز قازان تىشىلگۇدەك بېىسمنىڭ دەردىنى تارتىۋاتىمىز ، بىزنىڭ جەمىيىتىمىزدىكى ئىجىتمائى رىئال كۇچلەر بولسا پۇقرا بىلەن كارى يوق ، ئەخلاق بىلەن كارى يوق ، مەدىنيەت بىلەن كارى يوق ،مائارىپ بىلەن كارى يوقى نىمە بولساڭ بولمامسەن دەيدىغان پەدىدە  ئۆزى بارلىق ناچارلىقنىڭ ئۇلگۇسى بولۇپ كىتىۋاتىدۇ ، بۇنى ئەجداتلىرىمىز سۇ بېشىدىن لاي دەپ ئېيتقان ئىدى ،

سىز گەپنى قەۋىم بىلەن تۇگۇتۇپسىز ، ئۇنداقتا سىز ئويلاپ باقتىڭىزمۇ خەلىقنى يىتەكلەيدىغان ھۆكۇمەتتە قانچىلىك تىگى پەس ئادەم بار ،  قانچىلىك تىگى پەس ئادەم پارتىىيە دە ھوقۇق تۇتۇۋاتىدۇ ،  سىز ئىشەككە كۇچۇڭ يەتمىسە ئۇر تۇقۇمنى دىگەندەك خەلىقنى ئەيىپلەپلا ئىشنى تۇگەتىسڭىز قانداق بولۇدۇ دەيمەن ،

مەن ھەرگىز خەلقىمنى ئەيىپلىمەيمەن ،چۇنكى بىز كىشنىڭ ئىقتىدارىنى ئەڭ زور دەرىجىدە نامايەن قىلىشقا ئىلھام بىرىدىغان جەميەتتە ئەمەس بەلكى نەگىلا قارىسڭىز قول ئاستىدىكلەرنى ھوقۇقتىىن پايدىلنىپ باسىدىغان ئوخشىمىغان پىكىرلەرنى ئەدىپىنى بىرىىدىغان بىر جەميەتتە ياشاۋاتىمىز ،

بۇنداق جەميەتتە چەتكە قېقىلىپ سالپا ساياق بولۇپ قالغانلارنى قانداقمۇ ئۆزىلا سەۋەپكار دىگىلى بولسۇن ،
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-03 10:56 |
be42late
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 190
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 233
شۆھرەت: 1379 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1368 سوم
تۆھپە: 802 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 809 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 983(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ھەي توخوتۇر،،، ھەي توخوتۇر........

پىكرىڭىز بەكلا ئۆتكۈر جۇما.............
saltanat
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-03 12:33 |
heniya
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2680
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 226
شۆھرەت: 1251 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1253 سوم
تۆھپە: 737 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 739 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 209(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-07-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

  مۇناپىقلارلا بۇ نامغا لايىق دەپ قارايمەن.
simfoniya
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-03 13:17 |
muammar
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6060
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 41
شۆھرەت: 275 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 285 سوم
تۆھپە: 152 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 152 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 45(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-17
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

«...ئىشەنمىسىڭىز، ئەتراپىڭىزغا ئوبدان قاراڭ،  ئەنە چوڭ-چوڭ ئەمەلدار، كادىر، سودىگەر، دېھقان، ئوقۇغۇچى، ھەتتا ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدىن...ئىشقىلىپ، ھەممە تائىپىلەردىن يەتكۈچە ھۆ بولغۇدەك مىساللارنى تاپالايسىز...»
lutun
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-03 14:19 |
فىدا
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6545
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 258
شۆھرەت: 1319 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1336 سوم
تۆھپە: 788 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 791 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 194(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

  ئولار مال -دۇنياسىنى ئولگەندىمۇ بىللە ئىلىپ كىتىدىعۇ ؟
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-03 14:23 |
kun^kiz
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 7332
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1
شۆھرەت: 5 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 5 سوم
تۆھپە: 3 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 3 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-05-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-29
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئەسلى-ۋەسلىدىن تانغان، ۋاپاسىز، تۇزكور، ساتقىن-مۇناپىق ئادەم.
saltanat
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-03 15:29 |
qayan123
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2736
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 167
شۆھرەت: 885 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 888 سوم
تۆھپە: 527 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 527 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 104(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-07-31
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

جەمىيىتىمزدە بۇنداق ئادەملەر ھەقىقەتەن ئاۋۇپ قالدى بۇنىڭ تۈپ سەۋەبى زادى نىمىدۇ؟؟؟ بۇ ھەممىمىزنىڭ ئويلۇنۇشىغا تىگىشلىك بىر ئىش
ozgul munbar
ئادەم ئۆمرۈدە نۇرغۇن ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچۇرايدۇ
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-03 16:24 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » بەس بەس مۇنازىرە