زامانىمىزدىكى مائارىپ مەغلۇبىيىتى
مۇئاممار ئۇلۇغيار
زامانىمىزدىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈگىنىش مۇددىئاسى، ئۈگىنىش قىزغىنلىغى، ئۆسۈپ يېتىلىش ساپاسى، ئىجتىمائىي ئەخلاق تەرەققىياتى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىغا نىسبەتەن ئۇنىۋېرسال يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ باھا بەرگەندە، كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، بۈگۈنكى مائارىپىمىز بىر مەغلۇپ بولغان مائارىپ (گەرچە ھىچكىم ئېتىراپ قىلغۇسى كەلمىسىمۇ) ! مەيلى ئۇنىڭغا سېلىنغان مەبلەغ، ئادەم كۈچى ۋە ماددىي كۈچ سېلىنمىسى ھەرقانچە چەكسىز بولسىمۇ...، مەيلى ئۇ ھەرقانچە ئۇلۇغ، توغرا، شەرەپلىك رەھبەرلەرنىڭ قولىدا باشقۇرۇلىۋاتقان بولسىمۇ...، ئەمەلىيەت ھامان ئەمەلىيەت، ئەتراپىمىزدىكى مىليۇنلىغان ئاتا-ئانىلار ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ھالى بۇنىڭ پولاتتەك دەلىلىدۇر.
تەربىيىلەپ چىقىلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى تۈپكى ئۆلچەم قىلغاندا، قېنى كىم ئەخلاقىي تەربىيىدە مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئوقۇغۇچىلار كۈندىن كۈنگە تېخىمۇ لاياقەتلىك ئەخلاق ئىگىسى قىلىپ يېتىشتۈرۈلدى دىيەلەيدۇ؟ قېنى كىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم سەۋىيىسى ۋە شۇنىڭغا لايىق قىممەت يارىتىش ئىقتىدارى كۈندىن كۈنگە ياخشى بولىۋاتىدۇ دەپ كېسىپ ئېيتالايدۇ؟ قېنى كىم مۇتلەق كۆپ قىسىم ئوقۇغۇچىلار ھەممىدىن مۇھىم ياشاش كاپالىتى بولغان جىسمانىي ۋە پىسخىك ساغلاملىق جەھەتتە، كۈندىن كۈنگە تېخىمۇ ياخشى بولۇپ كەتتى دەپ كېسپ ئېيتالايدۇ؟
ئەگەر كىملەردۇر، بۈگۈنكى مائارىپىمىز مۇۋەپپەقىيەتلىك مائارىپ دەپ مەيدىسىگە چەكسە، ئۇنىڭ «مۇۋەپپەقىيەت» تارازىسى چوقۇم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەتراپلىق ئۆسۈپ-يېتىلىشىنى تۈپكى ئۆلچەم قىلغان ئەمەس، بەلكى باشقا بىر نىشاندىكى كۈزىتىش سىزىقىنى ئۆلچەم قىلغان بولىدۇ.
ئەڭ مۇھىمى جەريان ئەمەس، بەلكى نەتىجىدۇر. ئەمەلىيەتتە، زامانىمىزدىكى مائارىپ، كۆپ تەرەپلىمە «مىجەزى بۇزۇلۇش» ۋە «ئېزىپ كېتىش» كېسىلىگە گىرىپتار بولغان. نەتىجىدە ئەڭ زور بەدەل تۆلەپ ئەڭ ناچار نەتىجىگە ئېرىشىشتەك مىسلىسىز مەغلۇبىيەت كېلىپ چىققان. ئەشۇ مەغلۇبىيەتنىڭ «سىر»لىرى ۋە ئۇنىڭ تىپىك ئىپادىلىرىنى تۆۋەندىكى بىرقانچە نۇقتىلاردىن مۇلاھىزە قىلىپ بىلىپ يېتىش تەس ئەمەس:
1. مائارىپ يېتەكچى ھالقىسى: ئىنتايىن سوغۇق قانلىق بىلەن ئېيتقاندا، مائارىپ ئاساسىي تەلىماتلىرى سىياسىينىڭ تەسىرىگە زىيادە ئۇچراپ كەتكەن(چەكتىن ئېشىپ بىنورمال سەۋىيىگە يەتكەن). مائارىپ ئۆز قانۇنىيەتلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدىن ئايرىلىپ قالغان، مائارىپ يۆنۈلۈشىنى بەلگىلەيدىغان سىياسىي زىيادە ئاينىپ كېتىپ، ھەتتا مائارىپ جەريانلىرىغىمۇ ئىشتىراك قىلىپ، خۇددى ئاتا-ئانا بولغۇچى تويى بولغان پەرزەنتىنىڭ يوتقىنىغا كىرىۋېلىپ بالا تېپىشقا رەھبەرلىك قىلغاندەك ئىشلار كۆپىيىپ كەتكەن. مائارىپنىڭ ئۆز قانۇنىيەتلىرى ھوزۇرىدا ئۆز رولىنى جارىي قىلدۇرۇش ئەركىنلىگى كۈندىن كۈنگە بوغۇلۇپ ماڭغان.
2. ئوقۇتقۇچى تەربىيىلەش ھالقىسى: مۇتلەق كۆپ قىسىم پىداگوگىكا مەكتەپلىرىدە پەقەتلا مەدەنىىيەت ئاساسىنى تولۇقلاش ئاساس قىلىنغان. ئومۇمىي دەرس سائىتى ئىچىدە، ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىي ئىقتىدارىنى يېتىشتۈرۈش تىپىدىكى كەسپىي دەرسنىڭ سالمىقى ئىنتايىن تۆۋەن، كەسپىي دەرسلەردىن پەقەتلا زاماندىن قالغان پىداگوگىكا ۋە ئەمەلىيەتتىن ئايرىلغان پىسخولوگىيە دەرسلىرى(قۇرۇق نەزەرىيە ئۆتۈلۈپ ئەمەلىي تەجرىبە ئېلىپ بېرىلمايدۇ) ، يەنە دەۋرگە يېتىشەلمەيۋاتقان ئىنتايىن ئاز ۋە چۇۋالچاق مائارىپ تېخنىكىسى دەرسىلا تەسىس قىلىنغان، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە «ئۈگىنىش ئۇسۇلى تەتقىقاتى ۋە ئۇنى قوللىنىش تاكتىكىسى»، «ئوقۇغۇچىلار بىلەن سىردىشىش تەتقىقاتى ۋە ئەمەلىي يېتەكلەش ماھارىتى»، «مۇۋەپپەقىيەت ئىلمى»، «ئوقۇتۇش ئۇچۇرلىرىنى توپلاش ۋە بىر تەرەپ قىلىش»، «ئىپادىلەش ماھارىتى ۋە ئىپادىلەشنى ئۆلچەملەشتۈرۈش مەشقى(تىل-يېزىق، ئۆلچەش-سىزىش، ئىما-ئىشارەت، ئۇچۇر-ئالاقە كودى، مۇزىكا تىلى...)» قاتارلىق ئىنتايىن ئاچقۇچلۇق زۆرۈر تېمىلار چەتتە قالغان. ئومۇملاشتۇرغاندا، ئوقۇتقۇچىلىق ماھارىتىنى ئۆگىتىدىغان مەخسۇس كەسپىي دەرسنىڭ سالمىغى ئاران %10 ئەتراپىدا! بۇنداق ئۇسۇلدا تەربىيىلەپ مەكتەپلەرگە سەپلەنگەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك مائارىپچى بولۇپ چىقىش نىسبىتى قانچىلىك بولىدۇ؟ بۇنى پەرەز قىلىش تەس ئەمەس!
3. مەكتەپ ۋە جەمئىيەت تەربىيىسى ھالقىسى: مەكتەپ تەلىم-تەربىيە مەزمۇنلىرى ۋە ئۇنى يەتكۈزۈش ۋاستىلىرى ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇلمىغان، ئىجتىمائىي پەن مەزمۇنلىرى ئىجتىمائىي رىياللىق بىلەن ماس كەلمىگەن(كونىرىغان)، تەبىئىي پەن ئوقۇتۇش مەزمۇنلىرى ئىشلەپچىقىرىش ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئېلىپ بېرىلمىغان، مەكتەپ تەلىم-تەربىيە جەريانى ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانىي ۋە پىسخىك ساغلاملىقىنى ياخشىلاشتا سەلبىي رول ئالغان، مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار پائالىيىتى كۈندىن-كۈنگە زېرىكىشلىك ۋە كۆڭۈلسىز بولغان؛ جەمئىيەتنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئېڭىغا كۆرسىتىدىغان سەلبىي تەسىرى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەنمىگەن. ئوقۇغۇچىلار دائىم ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان جەمئىيەتتە ئىجتىمائىي ئادالەتسىزلىك كۆپىيىپ كەتكەچكە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياخشى ئۆگىنىش ئارقىلىق گۈزەل كېلەچەك يارىتىش مۇددىئاسىنى يېتىلدۈرۈشكە ئېغىر سەلبىي تەسىر پەيدا قىلغان؛ ئاتا-ئانىلارنىڭ جىددىي خىزمەت رېتىمى، تۇرمۇش ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە ئىجتىمائىي ئالاقىدىكى قاتمۇ-قات نۇقسانلار بالىلارنىڭ ئائىلىدىكى ساغلام تەربىيىلىنىشى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىسىز تەسىر كۆرسەتكەن؛ يىمەك-ئىچمەك، تۇرمۇش ئادىتىنىڭ نورمالسىزلىنىشى ۋە مۇھىت بۇلغىنىشىنىڭ كۈندىن كۈنگە ئېغىرلىشىشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ نېرۋا ساغلاملىقى، جىسمانىي ئىقتىدارى ۋە پىسخىك ئۇلىنىشلارنىڭ تەڭپۇڭلۇق-تەڭكەشلىرىنى ئېغىر دەرىجىدە قالايمىغان قىلىۋەتكەن.
4. مائارىپ مەمۇرىي باشقۇرۇش ھالقىسى: قۇرۇلمىسى ۋە فۇنكىتسىيىسى زۆرۈرىيەت بىلەن ماشلاشمىغان ھەم ئۆلچەملەشمىگەن، مائارىپ كەسپىي مەمۇرىي باشقۇرۇش مۇلازىمەت كاپالىتى ئورنىغا سىياسىي ئىسكەنجە ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇلغان. مائارىپ مەمۇرىي باشقۇرۇش ھەرىكىتىدىكى بىرتەرەپلىمىلىكلەر مەكتەپ تەلىم-تەربىيە جەريانلىرىغا پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار كۆپىيىپ كەتكەن. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال تەرەققىيات نىشانىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان تەڭ دەرىجىلىك يېتەكچىلىك ئاپاراتلىرى يېتەرلىك تەسىس قىلىنمىغان. قىسمەن تۈردىكى كەسپىي يېتەكچىلىك ئاپاراتلىرى تەكرار تەسىس قىلىنغان. مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورگىنى بىرلا ۋاقتتا نازارەتچىلىك ئورگىنىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئىگىلەپ ئىشلەيدىغان، ھەتتا مەكتەپ تەلىم-تەربىيە خىزمىتىنى ئىگىلەپ ئىشلەيدىغان بولۇپ، ئۆز فۇنكىتسىيىسى دائىرىسىدىن چەتلەپ كەتكەن. خادىملارغا ئىشەنمەسلىكتىن تەكرار ئىش ھالقىسى تەسىس قىلغان...پۈتۈن ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار قوشۇنىغا ئىشەنمەسلىك نەزەرىدە قاراپ، پىسخىك دۈشمەنلىشىش كەيپىياتىنى پەيدا قىلىپ، ئىنتايىن قاتمال ھالەت شەكىللەنگەن. بىرقىسىم تۈرلەردە تەتۈر پرامىدا شەكلىدىكى باشقۇرۇش قۇرۇلمىسى كۆرۈلگەن. مەكتەپ مائارىپىنى «باشقۇرۇش» تونىغا ئورىنىۋالغان ئەمەلىي كاشىلىلار كۆپىيىپ، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەسلى ئۆز ۋەزىپىلىرىنى ئادا قىلىشىغا بولغان كاشىلا تەكرارلىقى كۈندىن-كۈنگە ئاشقان.
5. مائارىپ نازارەتچىلىك ھالقىسى: قانۇن ۋە مائارىپ قانۇنىيەتلىرى بويىچە تەكشۈرۈپ نازارەتچىلىك قىلىش، باھالاش ۋە بىر تەرەپ قىلىش تۈزۈلمىسى ۋە ھەرىكەت مېخانىزىمى مۇكەممەل بولمىغان. مائارىپ سۈپىتىگە ئەتراپلىق باھا بېرىش ئۆلچىمى بېكىتىلمىگەن، مائارىپ ئۈنۈمىنى تەكشۈرۈپ باھالاش ۋە نازارەتچىلىك قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش يولغا قويۇلمىغان. مائارىپ سىستېمىسىدىكى خىزمەت باھالاش سىستېمىسىنىڭ ئىلمىيلىگى تۆۋەن، ئايرىم تەكىتلەيدىغان نۇقتىلارنى ئومۇمىي نىشاننىڭ ئۈستىگە دەسسىتىدىغان، مائارىپ سىستېمىسىنىڭ يىللىق خىزمەتلىرىنى ئۇنىۋېرسال باھالاشتا، مائارىپ فاڭجېنى ئاساسىدىكى سۈپەت ۋە ئۈنۈم نىشانىنى تۈپكى ئۆلچەم قىلمايدىغان ئەھۋاللار ئىنتايىن ئېغىر بولغان.
6. مائارىپ تەتقىقات ھالقىسى: مائارىپ نەزەرىيە تەتقىقاتى، مائارىپ مەمۇرىي باشقۇرۇش تەتقىقاتى، سۈپەت ۋە ئۈنۈم تەتقىقاتى، مەكتەپ خىزمىتى تەتقىقاتى، ئوقۇتۇش جەريانى تەتقىقاتى ۋە ئوقۇغۇچىلار ئىشلىرى تەتقىقاتى ئەتراپلىق ۋە سىستېمىلىق تەشكىللەنمىگەن. ئەمەلىي يۈرگۈزۈلىۋاتقان (ئىنتايىن ئاز سالماقنى ئىگىلەيدىغان) تەتقىقات بولسا ئەمەلىيەت بىلەن بىرلەشتۈرۈلمىگەن. نىسبەتەن مۇكەممەل ۋە مۇستەقىل بولغان تەتقىقات سىستېمىسى شەكىللەنمىگەن، تەتقىقات تۈرلىرى بىرتەرەپلىمە، مەزمۇنى ۋە قاپلىنىش دائىرىسى ئىنتايىن تار بولغان. تەتقىقات قوشۇنىنىڭ سانى ۋە ساپاسى تۆۋەن، تەتقىقات خىزمەت شارائىتى ۋە پائالىيەت راسخودى زۆرۈر ئېھتىياجنى قامدىيالمىغان. پەقەت شەكىل ئۈچۈنلا قىسمەن خادىم ۋە خىزمەت جابدۇقلىرى سەپلەنگەن. بولۇپمۇ كەسپىي مائارىپ ساھەسىدىكى تەتقىقات تېخىمۇ قاتمال بولغان ۋە تولىمۇ كېچىككەن.
7. مائارىپ مۇلازىمەت ھالقىسى: مائارىپ تەتقىقاتى، مائارىپ مەمۇرىي باشقۇرۇش ۋە مەكتەپلەر خىزمىتىگە نىسبەتەن، يېتەرلىك يۇمشاق دېتال كاپالەت مۇلازىمەت سىستېمىسى شەكىللەنمىگەن ياكى ئىنتايىن چۇۋالچاق بولۇپ، مۇلازىمەت ئورۇنلىرىدا تەمىنات كاپالەت فۇنكىتسىيىسىنىڭ ئورنىغا ئىقتىسادىي ئۈنۈم ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلىۋالغان. مەكتەپلەر ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغان ئوقۇتۇشنى باشقۇرۇشقا دائىر كەسپىي يېتەكچىلىك خاراكتېرىدىكى ياردەم مۇلازىمىتى، ئوقۇتقۇچىلار ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغان ئوقۇتۇش پروگىراممىسى ۋە ئەمەلىي مەشغۇلات دەرسلىكلىرى، ئوقۇتۇش تەجرىبە خام ئەشيالىرى ۋاقتىدا تەمىنلەنمىگەن.
8. مائارىپ ئەسلىھەلىرى ھالقىسى: مەكتەپلەرنى قۇرۇش ۋە جابدۇشتا، ئۆي-ئىمارەتلەرگە زىيادە ئەھمىيەت بېرىش، سانى كۆپ ساپاسى يوق، ئەمەلىي ئىشلىتىشكە ئەپسىز، ئېھتىياجغا قاراپ تەڭشەش قىيىن بولۇشتەك ئەھۋاللار ئېغىر، ئەسقاتىدىغان قورال-جابدۇقلار كەمچىل، ياكى ئۈنۈملۈك ئىشلىتىلمەي ئېغىر ئىسراپچىلىق كۆرۈلگەن. ئوقۇغۇچىلارنى ھەرقايسى جەھەتلەردىن ئەتراپلىق تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تۈپ ئۆلچەم قىلغان يادرولۇق يۇمشاق دېتال قۇرۇلۇشى ۋە جەريان خاراكتېرلىك تەمىنات ۋە تەڭكەشلەرگە كاپالەت شەكىللەنمىگەن. مەكتەپلەرنىڭ نىسبىي مۇستەقىل تەلىم-تەربىيە يۈرگۈزۈشى يېتەرلىك دەرىجىدىكى ئىچكى-تاشقى كاپالەتكە ئىگە بولمىغان. مەكتەپ تەلىم-تەربىيىسى بىلەن جەمئىيەت ئەمەلىيىتىنى بىرلەشتۈرۈشتىكى جەريانلىق ۋاستە ۋە كاپالەت تۈزۈلمىسى شەكىللەنمىگەن. مەكتەپ قوروسى ئۇچۇر تورى قۇرۇلۇشى سىستېمىلىق كاپالەتكە ئىگە بولمىغان. ئوقۇتقۇچىلار تورلاشقان ۋاستىلەردىن خالىغانچە پايدىلىنىپ بىلىم يېڭىلاش ۋە ئۇچۇر توپلاش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلمىگەن. ھەتتا ئاۋال قۇرۇپ ئاندىن ئىشلىتىشنى چەكلەشتەك بىمەنە ئىشلار دائىم كۆرۈلگەن.
9. ئوقۇتۇش خىراجەت كاپالىتى ھالقىسى: تۈرلۈك ئوقۇتۇش تەتقىقات ۋە پراكتىكا پائالىيەت راسخوتلىرى قاتارلىقلار ئىنتايىن كەمچىل بولغان ياكى ۋاقتىدا يۈرۈشتۈرۈپ تەمىنلەنمىگەن. بولۇپمۇ كەسپىي مائارىپ ساھەسىدە بۇ جەھەتتە ئېغىر كەمتۈكلۈك كۆرۈلگەن. خېلى كۆپ مەكتەپلەردە خىراجەت تەمىناتى يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن مۇتلەق كۆپ قىسىم ئوقۇتۇش، تەجرىبە ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلىتىشكە چەك قويۇشتەك بىنورمال تىزگىنلەش ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەن.
10. مائارىپ ئۇچۇر ھالقىسى: ھازىر مائارىپ ساھەسىدە ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئوقۇغۇچىلارغا ئائىت بىر قىسىم يەككە ئۇچۇر باشقۇرۇش يۇمشاق دېتاللىرى ئىشلىتىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن مائارىپ ساھەسىنىڭ يادرولۇق تەركىۋى بولغان ئوقۇغۇچىلار ئۇچۇر ئامبىرى سىستېمىسى تېخى شەكىللەنمىگەن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاساسىي ئۇچۇرىنى سېفىرلاشتۇرۇپ، كارتىلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش يولغا قويۇلمىغان. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي ئۈگىنىش ئۇچۇرى، ئائىلە مەدەنىيەت ئارخىۋى، مەكتەپ ئالمىشىش، ئۆرلەپ ئوقۇش، ئوقۇش پۈتتۈرۈش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋاللىرىغا دائىر ئۇچۇرلار تورلاشتۇرۇلمىغان. شۇڭا ھەر تۈرلۈك ستاتىستىكا ئۇچۇرلىرى بىلەن ئەمەلىي ئەھۋاللار ئارىسىدا دائىم خاتالىق پەرقى كۆرۈلگەن، ھەمدە ئالدامچىلىق ئىشلىرىغا نۇرغۇن يوچۇق قالدۇرۇلغان. پۈتۈن مائارىپ سىستېمىسىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئەھۋالىنى ئاپتوماتىك ئىلمىي تەتقىق قىلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى تېخى يولغا قويۇلمىغان. بۇ جەھەتتە مائارىپ سىستېمىسى جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ كۆپ كەينىدە قالغان.
(تۈگىدى)
2011-يىلى 25-ماي، ئونسۇ.