saltanat lutun irpan tera kesallikliri xipahanisi
بۇ تېما 365 قېتىم كۆرۈلدى
muammar
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6060
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 21
شۆھرەت: 170 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 180 سوم
تۆھپە: 89 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 89 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 19(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 مەدەنىيەت-مائارىپتىكى ھالقىما تەرەققىيات يولى

ئاجىز توپلارنىڭ مەدەنىيەت-مائارىپتىكى ھالقىما تەرەققىيات يولى
(ئائىلە تەربىيىسى يېتەكچىسى)
 

مۇئاممار ئۇلۇغيار  (2012-يىلى 6-فېۋرال)
 

1. ئاجىز توپلارنىڭ ئەڭ ئاجىز تەرىپى ـــ مەدەنىيەت ۋە مائارىپتا

ھەرقانداق ئەلدە، ئاجىز توپلارنىڭ «ئاجىز»لىقىنىڭ نېگىزى ئالدى بىلەن ئۇنىڭ مەدەنىيەت-مائارىپتىكى ئاجىزلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ، بۇ ئاجىزلىقنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى تۆۋەندىكىچە:

(1)  پۈتۈن قەۋمنىڭ مائارىپ كۆزقارىشى ئۇزاققىچە باشقا قەۋملەردىن كېيىن تۇرغان؛

(2)  ئۇزۇن دەۋرلەرگىچە مائارىپ ھوقۇقى ئۆز ئىلكىدە بولمىغان؛

(3)     مۇكەممەل ۋە ئىزچىل مائارىپ ئەندىزىسى بولمىغان؛

(4)     زاماننىڭ تەقەززاسىغا يېتىشىپ ماڭالىغۇدەك مائارىپ پروگىراممىسى ۋە ئالىي مائارىپقا قەدەر ئانا تىل دەرسلىك سىستېمىسى بولمىغان؛

(5)   يېتەرلىك ساندا يۇقۇرى ساپالىق ۋە مەسئۇلىيەتچان مائارىپ قوشۇنى بولمىغان؛

(6)   مەدەنىيەتتە ئېغىر دەرىجىدە چۈشكۈنلەشكەن؛

(7)   تارىختىن بۇيان كۈچلۈك توپلار تەرىپىدىن سىياسىي ۋە ئىقتىسادى جەھەتتە تالان-تاراج قىلىپ بېسىلىپ، ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچىدىن مەھرۇم قالغان؛

(8)   مەدەنىيەت جەھەتتە شىددەتلىك ئاسسىمىلاتسىيە قىلىشنىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ، ئېغىر دەرىجىدە قايمۇققان؛

(9)   ئۇزۇن مۇددەت ئۆزىنىڭ نوپۇزلۇق رەھبىرى ۋە بىرلىككە كەلگەن تەشكىلىي ئاپاراتى بولمىغاچقا، دىن بىلەن پەن ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى توغرا بىر تەرەپ قىلالماي، ئۆز-ئۆزىنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ كەلگەن؛

 

2. ئاجىز توپ مەدەنىيەت-مائارىپىنىڭ ھالقىما تەرەققىيات يولى

قانداق سەۋەپلەر بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، ئاجىز توپلارنىڭ ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ئىرادىسى ۋە جۈرئىتى بولسىلا، تۆۋەندىكى قانۇنلۇق تەدبىرلەر ئارقىلىق مەدەنىيەت ۋە مائارىپتا ھالقىما تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈش مۈمكىنچىلىگى بار:

(1) مەدەنىيەت قاتلىمىدا پەلەمپەيسىمان ئۆرلەشنى ھەممە ئائىلىنىڭ ئىچكىي قائىدىسىگە ئايلاندۇرۇش: يەنى، ئاتا ئانىسىغا نىسبەتەن، ھەر بىر پەرزەنت:

ئوقۇش تارىخىدا بىر دەرىجە ئۆرلەش،

ئائىلىۋى مەدەنىيەتنى مۇكەممەللەشتۈرۈش جەھەتتە بىر دەرىجە ئۆرلەش،

ئىجادىيەت-كەشپىيات سانى جەھەتتە بىر دەرىجە ئۆرلەش،

ئىقتىساد(مال-مۈلۈك ياكى يەر-زىمىن) جۇغلانمىسىدا بىر دەرىجە ئۆرلەش،

⑤ بېرىپ كۆرگەن(ساياھەت قىلغان) دائىرە جەھەتتە بىر دەرىجە ئۆرلەش،

ئوقۇپ چۈشىنەلەيدىغان تىل-يېزىق سانى جەھەتتە بىر دەرىجە ئۆرلەش،

بەدەن ساپاسى جەھەتتە بىر دەرىجە ئۆرلەش،

قېرىنداشلىرىغا يار-يۆلەك بولۇشتا بىر دەرىجە ئۆرلەش،

كىشىلىك قەدىر-قىممەت، ھەق-ھوقۇقتا بىر دەرىجە ئۆرلەش ـــ

ـــ تىن ئىبارەت «توققۇزدا بىر دەرىجە ئۆرلەش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش؛

(2) ئەۋلاتمۇ-ئەۋلات تەبىئىي پەن ۋە سانائەت تېخنولوگىيىسىنى ئۆگىنىشنى، قەۋمنىڭ سانائەتكە يۈزلىنىپ قۇدرەت تېپىشىنىڭ ئاساسلىق يولى قىلىش؛

(3) ھەر بىر يۇرتتا ئۆز قەۋمىدىن بىر تۈركۈم يۇقۇرى ساپالىق ۋە مەسئۇلىيەتچان مائارىپ پىدائىيلىرى(ئاۋانگارتلار)دىن تەشكىللەنگەن «پىدائىي مائارىپچىلار ئۇيۇشمىسى»نى قۇرۇپ، قەۋمنىڭ مائارىپ ئېڭىنى ئۆستۈرۈش، كىتاپ ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش ۋە مائارىپچىلارنىڭ مەسئۇلىيەت ئېڭىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش جەھەتتە يول ئېچىپ ئۈلگە تىكلەش؛

(4) ھەر بىر يۇرتتا «قېرىنداشلار مائارىپ فۇندى» تەسىس قىلىپ، شۇ يۇرتتىن دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقانلارنىڭ ئوقۇش پۇلىنى فۇند ئارقىلىق تولۇق ھەل قىلىپ بېرىش؛

(5) «قېرىنداشلار مائارىپ فوندى» ۋە «پىدائىي مائارىپچىلار ئۇيۇشمىسى» ئەمەلىي كۈچ چىقىرىپ، يەسلى مائارىپىدىن تاكى دوكتۇرلۇق ئوقۇشى قاتلىمىغىچە، ئۆز ئانا تىل-يېزىقتا يېزىلغان «ئائىلىۋى مەدەنىيەت ۋە ئۆزلىگىدىن ئۈگۈنۈش پروگىراممىسى»نى، ھەمدە شۇنىڭغا ماسلاشقان يۈرۈشلۈك ئۆزلۈگىدىن ئۈگىنىش دەرسلىك سىستېمىسىنى تۈزۈپ نەشىر قىلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ مەزمۇنىنى ھەر ئۈچ يىلدا بىر يېڭىلاپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ مېڭىش؛

(6) ھەر بىر ئائىلىدە ئۆلكە ياكى دۆلەت ھالقىپ ئوقۇغان، ۋە ياكى جاھان كېزىپ دۇنيانى چۈشەنگەن ئادەم بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش؛

(7) ھەر بىر ئائىلە ئۆزىنىڭ يىللىق كىرىمىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئائىلە مەدەنىيىتى ۋە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ تەلىم-تەربىيە ئىشلىرىغا سەرپ قىلىش، ياكى يىلمۇ-يىل ھەسسىلەپ ئاشۇرۇش؛

(8) بارلىق ئائىلىدە قەتئىي بوشاشماي ئۆز-ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش؛

(9) ھەر بىر قەۋمدە ھەمكارلىشىپ ئىگىلىك تىكلەش گۇرۇھى شەكىللەندۈرۈپ، بىرلىشىپ بازار ئېچىپ، كۈچلۈك ئىقتىسادىي بىرلىك بەرپا قىلىپ، مەدەنىيەت ۋە مائارىپ ئىشلىرىنى يېتەرلىك دەرىجىدىكى ماددىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش ۋە ئۆز ئىچىدە مۇقىم يۇقۇرى كىرىملىك ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىمكانىيىتى ھازىرلاش؛

تېما تەستىقلىغۇچى : bagdax
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-05-03, 00:52
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-05-02 17:16 |
turmux.net
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 7275
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 14
شۆھرەت: 75 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 75 سوم
تۆھپە: 44 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 44 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 3(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-05-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-03
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

يازمىلىرىڭىزدىن سۈيۈندۈم، ھەر قانداق بىر توپ ئۆزىنىڭ مائارپىغا كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-03 01:10 |
tugluk
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 678
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 273
شۆھرەت: 1702 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1716 سوم
تۆھپە: 958 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 965 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 277(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

يازمىلىرىڭىزدىن بەكمۇ سۆيۈندۇق.  قەلىمىڭىزگە بەركەت تىلەيمىز!.
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-04 00:42 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » بەس بەس مۇنازىرە