saltanat lutun irpan tera kesallikliri xipahanisi
بۇ تېما 375 قېتىم كۆرۈلدى
nazlan
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2400
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 19
شۆھرەت: 120 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 130 سوم
تۆھپە: 67 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 67 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 5(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-06-29
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 قومۇل مەشرەپلىرى توغرىسىدا چۈشەنچە

 ئۇيغۇر مەشرەپلىرى «شەرق مۇزىكا خەزىنىسىدىكى بىباھا گۆھەر»دەپ تەرىپلىنىپ كېلىنىۋاتقان ئۇيغۇر كىلاسسىك مۇقاملىرىنىڭ ئەسلى مەنبەيى،ئەقىل-پاراسەتلىك ئۇيغۇر خەلقنىڭ بۈيۈك ئىجادىيىتى بولۇپ،ئۇزاق تارىخىي تەرەققىياتلار جەريانىدا ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىپ بارغان ھەم دەۋردىن دەۋرگە ئۇلىشىپ كەلگەن بىباھا سەنئەت مىراسى.
ئۇيغۇر مەشرەپلىرى ئۆزىدىكى روشەن مىللىي ئالاھىدىلىك بىلەن سېھرى كۈچكە تولغان،ئۆزگىچە مىللىي خاسلىققا،مول مەزمونغا،يۈكسەك بەدىئىي قىممەتكە ئىگە بولغان قىممەتلىك غەيرى ماددى مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ بىرى بولۇپ،خەلق ناخشا -مۇزىكىلىرى،تېپىشماق،نەزمە،ناتىقلىق،ئەپسانە-رىۋايەت،كىتاپخانلىق،پەند-نەسىھەت،دارۋازلىق،سېھىرگەرلىك ۋە تۈرلۈك خەلق ئويۇنلىرىنىڭ بىر گەۋدىلىشىشىدىن پۈتكەن ئونۋېرسال سەنئەت.
   ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا «مەشرەپ»ئاتالغۇسى «يىغىلىش»،«توپلىشىش» دېگەن مەنىلەرگە ئىگە بولۇپ ،بۇ تەبىر مەشرەپنىڭ ئورۇنلىشىش شەكلى بىلەن بىردەكلىككە ئىگە.
مۇناسىۋەتلىك تارىخ-تەزكىرە ماتىرىياللىرىغا ئاساسلانغاندا،20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە شىنجاڭدا 120خىلدىن ئارتۇق مەشرەپ تۈرلىرى ۋە 100خىلدىن ئارتۇق شەكلى ئۆزگەرگەن مەشرەپ ۋارىيانتلىرى ساقلانغان.2008-يىلى5-ئايغىچە 31تۈرلۈك مەشرەپ،يەنى قومۇل ئوردا مەشرىپى،قومۇل كۆك مەشرىپى،پىچان مىلىس مەشرىپى،تۇرپان قېيىت مەشرىپى،توقسۇن مەرتەم مەشرىپى،خوتەن گۈلچاي مەشرىپى،گۇما كىلياڭ مەشرىپى،قەشقەر مەدداھلىق مەشرىپى،يەكەن كاچۇڭ مەشرىپى،مەكىت جازا مەشرىپى،مەكىت ئوۋچىلىق مەشرىپى،يېڭىسار ئىسپال مەشرىپى،مەكىت ساغادى مەشرىپى،يوپۇرغا ھويلا مەشرىپى،قەشقەر چايخانا مەشرىپى،ئاتۇش باراۋەت مەشرىپى،ئاقتۇ تاغ مەشرىپى،كەلپىن ئوردىكام مەشرىپى،ئۈچتۇرپان توققۇزبۇلاق مەشرىپى،ئاقسۇ چوغتال مەشرىپى،ئاۋات چوكان مەشرىپى،كۇچا باغ مەشرىپى،لوپنور گۈلخان مەشرىپى،چاقىلىق توپۇق مەشرىپى،چەرچەن توي مەشرىپى،ئۈرۈمچى باغچا مەشرىپى،مورى تاغ مەشرىپى،ئىلى ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپى،بۆرتالا يايلاق مەشرىپى،چۆچەك ئېمىل مەشرىپى،ئالتاي تەبرىك مەشرىپى قېزىپ چىقىلدى،رەتلەندى ۋە نەشىر قىلىندى.
   ئۇيغۇرلار شىنجاڭدا تارقاق ئولتۇراقلاشقان بولغاچقا،مەشرەپ مەدەنىيىتى ئۆز تەرەققىيات مۇساپىسى داۋامىدا،ھەرقايسى يۇرتلارنىڭ ئۆزگىچە ئىشلەپچىقىرىش-تۇرمۇش ئادەتلىرى بىلەن بىرىكىپ،ھەربىر يۇرتتا ئۆزگىچە يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە مەشرەپ شەكىللىرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن.شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەن بۇ قېتىمقى مەشرەپ پىروگراممىسىدا يۇرتۇم قومۇلنىڭ مەشرەپلىرى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتمەكچىمەن.  


قومۇل خەلق مەشرەپلىرى



  قومۇل خەلق مەشرەپلىرى ئۇيغۇر خەلق مەشرەپلىرىنىڭ يارقىن گەۋدىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن،مول مەزمونلۇق،جانلىق ئۇسلۇپقا ئىگە ،ۋاقىت،جاي خاراكتېرلىك خەلق سەنئىتىدۇر.قومۇل خەلق مەشرەپلىرى قومۇل خەلق مۇقانلىرىنى ئاساس قىلغان ھالدا تەرەققىي قىكغان ۋە خەلق ئىچىگە سىڭگەن ھەم ئەجدادتىن ئەۋلادقا داۋاملىشىپ ھازىرغىچە يىتىپ كەلگەن.قومۇل مۇقام مەشرەپلىرى قومۇل مەنىۋى مەدەنىيەت خەزىنىسىنىڭ ئالتۇن ئاچقۇچى بولۇپ قومۇل خەلقنىڭ ئەسىرلەر بويى ئېلىپ بارغان تۇرمۇش پائالىيەتلىرى،ئىجدىمائىي كۆرەشلىرىنىڭ مەنىۋى مەھسۇلى ھەمدە قومۇل ئۇيغۇرلىرى ئەلنەغمىچىلىرىنىڭ جەۋھىرى،مەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ئومۇرتقۇسى.


قومۇل خەلق مەشرەپلىرىنىڭ قەدىمىيلىكى



   قومۇل دىيارى مەشھۇر يىپەك يولى ئارقىلىق جۇڭگونى غەربى ئاسىيا ياۋروپا ۋە جەنۇبى ئاسىيا  دۆلەتلىرى بىلەن تۇتاشتۇرۇپ كەلگەن ئېلىمىز تارىخىدىكى مەشھۇرجايلارنىڭ بىرى.
ھەيۋەتلىك تەڭرى تاغلىرى قومۇلنى شىمال ۋە جەنۇپقا ئايرىپ ئوخشىمايدىغان تەبىئىي مەنزىرە شەكىللەندۈرگەن.تاغنىڭ شىمالىدا ئىگىز چوققىلار،قار-مۇزلۇق تاغلار،ياپيېشىل قارىغايلار،بىپايان ئوتلاقلار،سىرلىق كۆللەر بار.ئەنە شۇ زىمىننىڭ تۈرلەڭ جايلىرىدا كۆجۈم مەھەللىلەر،دېھقانچىلىق،چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئۆزلىرىگە خاس مىللىي ھەم يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە تىل-شىۋە،ناخشا-ئۇسسۇل جەھەتتە قەدىمىيلىكنى ساقلاپ كېلىۋاتقان قومۇل خەلقى ياشايدۇ.تاغنىڭ جەنۇبىدا بۈك-باراقسان دەرەخلەر،شارقىراپ ئېقىۋاتقان سۇلار،مۇنبەت ئېتىزلار،تۈرلۈك مىۋىلەرگە تولغان باغلار بار بولۇپ مانا بۇ يېزا بىلەن شەھەر تۇتىشىپ كەتكەن قومۇل شەھرىدۇر.قومۇلنىڭ ئاقكۆڭۈل،ناخشا-ئۇسسۇلغا ئامراق خەلقى ناھايىتى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى جاپالىق كۆرەش قىلىپ،ئۆز ئەمگىكى بىلەن كۆپلىگەن ماددى بايلىق يارىتىپ،بۇ ماكاننى گۈللەندۈرگەن.شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە ئۆزىگە خاس مەدەنىيەت يارىتىپ،بۇ ماكاننى گۈزەل مىللىي شەكىلگە ئىگە خەلق سەنئىتىنىڭ كانىغا ئايلاندۇرغان.
   خەنزۇچە تارىخىي مەنبەلەردىن قارىغاندا ئالدىنقى خەن دەۋرىدىلا «مۇقدۇل نەغمىسى»يەنى قومۇل مۇقاملىرىدىكى مۇقدۇر ياكى ئۇلۇغدۇر مۇقاملىرى بولغانلىقى ئىزاھلانغان.قومۇلدىكى بەش شەھەر،12تاغ رايونىنىڭ ئۆي-ئۆيلىرىدە ئورۇندىلىدىغان مەشرەپ مۇقاملىرى،شۇ يەر خەلقلىرىنىڭ روھىي ئوزۇقى سۈپىتىدە ھازىرغىچە داۋاملىشىپ ساقلىنىپ كەلدى.ھەتتا بۇ سورۇنلار خەلقنىڭ تۇرمۇش،ئۆرۈپ-ئادەتلىرىگە ئايلىنىپ كەتتى.يەنە قومۇلنىڭ قىسمەن يېزا-قىشلاقلىرىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان مەشرەپلەردە كۈچلۈك يايلاق پۇراق چىقىپ تۇرىدىغان بولۇپ ،ئۇلار داپ ۋە غېجەك بولسىلا ،قومۇلنىڭ خاس مۇقام ناخشىلىرىنى ئېيتىپ،مەشرەپ ئويناۋېرىدۇ.ئۇلارنىڭ پوتا سېلىپ ئۇسسۇل ئويناشلىرىدا ئەدەپ-شەرمىي-ھايا،سالماقلىق ئالاھىدە گەۋدىلىنىدۇ.ئاياللىرىنىڭ سېكىلەك قويۇپ ئىككى تال ئۆرىگەن چاچلىرىدىكى چاچ چاتقۇ،چاچ پۆپۈك،جالالىرىمۇ سىلىق ھەركەتلەردە سىلكىنمەيدۇ.مانا بۇلاردىنمۇ قومۇل مەشرىپىدە مىللىي ئۇسلۇپنىڭ قويۇقلىقىنى ۋە قەدىمىيلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.


مەشرەپلەرنىڭ ئورۇندىلىش جەريانى



   مەشرەپ ناخشا-مۇزىكا،ئۇسسۇل،ھەرخىل خەلق ئويۇنلىرى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرى بىرلەشتۈرۈلگەن بىر خىل ئونۋېرسال سەنئەت شەكلى.قومۇل خەلقى مەشرەپ ئويناشنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ.مەشرەپ دېسە ئۇنىڭغا قاتناشقۇسى كەلمەيدىغان بىرمۇ ئادەم يوق.شۇڭا مەشرەپ خەلق ئىچىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان.مەشرەپلەر ئېلىپ بېرىلىشتىن بۇرۇن تەييارلىق ئىشلىرى ئېلىپ بېرىلىدۇ.مەشرەپ ئەھلى يىغىلىپ بولغاندىن كىيىن،ئەرلەر بىر تەرەپ ،ئاياللار بىر تەرەپ بولۇپ سەپ تارتىپ ئولتۇرىشىدۇ.ئاۋۋال سىنچاي تۇتۇلىدۇ،ئاندىن تاماق تارتىلىدۇ.تاماق يىيىلىپ بولغاندىن كىيىن داپلار قىزىتىلىدۇ.غېجەكلەر سازلىنىدۇ.سازاندە ناخشىچىلار ئورۇن ئېلىپ بولغاندىن كىيىن مەشرەپ باشلىنىدۇ.
  قومۇل مەشرەپلىرى مۇقامنىڭ مۇقەددىمىسى بىلەن باشلىنىدۇ.مۇقەددىمە بىر كىشى تەرىپىدىن غېجەكنىڭ ساز ھەم مۇڭ،يېقىملىق ئاۋازى بىلەن باشلىنىدۇ.داپ تۇتقان ناخشىچىلار ھەم سورۇن ئەھلى جىمجىت ئولتۇرۇپ مۇقامنى ئاڭلايدۇ.مۇقام تېكىستىدە تەلىم-تەربىيە ئاساس قىلىنغان تېكىستلەر ئوقۇلىدۇ.مەسىلەن:
تەكەببۇر ئەيلىمە ھەرگىز،ئىگىلگىن ئاسمانچە بولساڭ،
ئۆزۈڭنى بارچىدىن كەم تۇت،سۇلايمان تەختىدە بولساڭ.
   مۇقام ئېيتىلىپ بولغاندىن كىيىن مەشرەپ تەشكىللىگۈچىسى گۈل چېكىلگەن يىپەك قولياغلىق بىلەن تۈگۈلگەن پوتىنى تۇتۇپ ئۇسۇلغا چۈشىدۇ.ئۇسسۇلنى بىر پەدە ئويناپ بولغاندىن كىيىن خالىغان بىرىگە(ئەر بولسا ئايالغا،ئايال بولسا ئەرگە)پوتىنى سالىدۇ.ئەگەر پوتا سېلىنغۇچى ئايال بولسا ئۆزىنى تۈزەشتۈرۈپ يېقىملىق كۈلۈمسىرەش ۋە ئاستا تەۋرىنىش بىلەن ئوتتۇرغا چۈشىدۇ ۋە ئىگىلىپ تەزىم قىلىدۇ.پوتا سالغۇچى بۇ ئايالنى ئۇسۇلغا توسسا ئايالمۇ ئۇسسۇل ئوينايدۇ.ئاندىن بىر-بىرىگە ئۈچ قېتىم تەزىم بىلەن ئوڭ ئايلىنىپ،ئەرنىڭ ھۆرمەت-ئېھتىرام بىلەن تۇتقان پوتىسىنى «رەھمەت»دەپ قولىغا ئېلىپ،ئۆزى خالىغان بىر ئەر كىشىگە سالىدۇ.پوتا ئويۇنى مۇ تەرىقىدە داۋاملىشىدۇ.بەزى چاغلاردا مۇشۇ چاغدا بىيىت ئېيتىشىدىغان ئىشلارمۇ بولۇپ قالىدۇ.ئۇسسۇلنى توختاتماقچى بولغان تەرەپ ئىككى قولىنى كۆكسىگە قويۇپ تەزىم قىلىپ تۇرىدۇ.ئاندىن قائىدە بويىچە ئۈچ قېتىم تەزىم بىلەن ئاياغلاشتۇرىدۇ.
   قومۇل خەلق مەشرەپلىرىدە ھەرقايسى مۇقام چۈشۈرگە،شۆبىلىرىدە خەلق داستانلىرى ۋە ۋەقەلىك قوشاقلاردىن بىر قانچە كۇپلىت نەمۇنە ئېيتىلىدۇ.مەسىلەن:
ياچى دېگەن بىر كىشى،ئارقىسىدا مىڭ كىشى.
ياچىغا ئىگىلمىسە،قۇتۇلالماس ھېچ كىشى.
«ياچىبەگ» داستانىدىن
قوراي يولى ھەيۋەتلىك،ئۇنىڭ ئىچى زارەتلىك،(قەبرىستانلىق)
مۇرادىغا يەتمىگەن تۆمۈر خەلىپە رەھمەتلىك.
«تۆمۈر خەلىپە»داستانىدىن


قومۇل مەشرەپلىرىنىڭ تۈرلىرى



قومۇل مەشرەپلىرى ئۇيغۇر مەشرەپلىرى ئىچىدە ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى،مەزمون ۋە شەكىل مەۋجۇدلىقى بىلەن باشقا يەرلىك مەشرەپلەردىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ.ئۇ ئاساسلىقى قومۇل مەشرىپىنى ئاساس قىلىپ راۋاجلانغان ھەم خەلق ئارىسىغا كەڭ تارقالغان.قومۇل مەشرەپلىرىنىڭ تۈرلىرى 30خىلدىن ئارتۇق بولۇپ،ھازىر ئاساسلىق مەشرەپ تۈرلىرىدىن سەككىز خىلنى كەڭ مۇنبەرداشلارغا تونۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچىمەن:.
1.ھېيىت-ئايەملەردىكى مەشرەپلەر
بۇ روزا-ھېيىت،قۇربان ھېيىت،نورۇز كۈنلىرىدىكى مەشرەپلەرنى كۆرسىتىدۇ.ھېيىت كۈنلىرى شەھەرنىڭ ئاۋات كوچىلىرىغا ناغرىخانە تىكىلىدۇ.ناغرا،كاناي،سۇنەيگە تەڭكەش قىلىپ مەشرەپ باشلىنىدۇ.قىز-يىگىتلەر لەرزان ئۇسسۇلغا چۈشىدۇ.تۈرلۈك تەقلىد ئۇسۇللىرى ئوينىلىدۇ.مەسىلەن،توخو ئۇسسۇلى،تۆگە ئۇسسۇلى،ئات ئۇسسۇلى قاتارلىقلار.
2.ئوردا مەشرىپى
بۇ ئەينى زاماندىكى ۋاڭ ۋە ئوردا ئەمەلدارلىرى ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەشرەپ بولۇپ،ۋاڭ بىلەن ئوردا ئەمەلدارلىرى ئايرىم،ئاغىچە خېنىملار ئايرىم،شاھزادە-بەگزادىلەر ئايرىم سورۇن تۈزۈپ ئۆتكۈزىدۇ.بۇ مەشرەپ قومۇل مەشرەپلىرى ئىچىدىكى ئەڭ غوللۇق مەشرەپتۇر.
3.توي مەشرىپى
بۇ مەشرەپ قىزلار ئولتۇرىشى،يىگىتلەر ئولتۇرىشى،قىز كۆچۈرۈش مەشرىپى،يۈز ئاچقۇ مەشرىپى،خەتنە توي مەشرىپى،بۆشۈك توي مەشرىپى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.قىزنى كۆچۈرۈش ۋاقتىدا مەشرەپ تازا ئەۋجىگە چىقىدۇ.يۈز ئاچقۇ مەشرىپىدى قىزنى قات-قات كۆرپە ئۈستىگە ئولتۇرغۇزۇپ،قىز تەرەپ بىلەن ئوغۇل تەرەپ بىر-بىرىنى تارتىشىپ ئۇسسۇل ئوينايدۇ.ئاندىن بىيىت ئېيتىشىدۇ:
قىز تەرەپ:
ئۈنچىلەرنى تىزىۋالدۇق،چىن سەدەپ بولغايمۇ دەپ،
قىزىمىزنى ئۆزلىرىگە بەردۇق،مېھرىبان بولغايمۇ دەپ.
يىگىت تەرەپ:
چەكسەك ساندۇق ئېچىلدى،گۈللىرى باشقا ساچىلدى،
كىلىن قىزنى بىر كۆرۈپ،خەستە كۆڭۈللەر ئېچىلدى.
شۇنىڭ بىلەن قىقاسچىلار قىقاس توۋلىشىدۇ.
قىقاس!مانا بارىكاللا قىقاس!
قوغۇن قومۇلدىن چىقۇر،
تاش كۆمۈر تارانچىدىن چىقۇر.
چىلان بىلەن ئۈزۈم قارادۆۋە-لاپچۇقتىن چىقۇر،
قاھشال توراق نومدىن چىقۇر.
سۆكسۆك ئوتۇن بايدىن چىقۇر،
كۆيىگى ئەمدى بېسىلدى
دەردى ئۆلگەندە چىقۇر.
قاھشالمۇ قاھشال،چاھارباغدا قاھشال!مانا بارىكاللا قىقاس!!!
4.باراۋەت مەشرەپلىرى
بۇ مىۋە پىشىقىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان مەشرەپ بولۇپ،جۈجەم(ئۈجمە)باراۋىتى،ئۆرۈك باراۋىتى،قوغۇن باراۋىتى،ئۆستەڭ باراۋىتى،باغ سەيلىسى،تاغ سەيلىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
5.قار مەشرىپى
بۇنىڭدا يېڭى قار ياغقان كۈنى يېڭى قارنى تەبرىكلەش يۈزىسىدىن ئۆتكۈزىلىدىغان مەشرەپ بولۇپ قارلىق تاشلاش ئويۇنى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ.
6.مىلىس مەشرەپلىرى
بۇ مەشرەپ شائىرلار مۇشائىرە قىلىش،قوشاقچىلار قوشاق ئېيتىشىشتىن كىيىن ياكى ئوقۇغان كىتاپلىرىنى مۇتائىلە قىلغاندىن كىيىن ئېلىپ بېرىلىدىغان مەشرەپ بولۇپ،شائىرلار بىر يەرگە توپلىشىۋېلىپ،قوشاق توقۇش ۋە ھەزىل-چاقچاقلارنى قىلىشىدۇ.مەسىلەن:
بىر داڭلىق ئاخۇنۇممۇ دائىم مۇشۇنداق سورۇنلارغا داخىل بولىدىكەن.بىر كۈنى ئاخۇنۇم سورۇنغا كېچىكىپرەك كېلىپ تۆرىگە چىقىپ ئولتۇرۇپتۇ.شۇ ئەسنادا بىر چاقچاقچى:
بىر كاتتا موللا كېلىپتۇ خانىدىن،
سېسىقى تۆرىگە پۇراپتۇ ماڭدىدىن.(پەگاھدىن)
دەپتۇ.ئاخۇنۇم دەرھال:
شۇ سېنىڭ قىلغان سۆزۈڭ ئۆتتى قاتتىق غولدىدىن،
ئەمدى ھەرگىز يېمەسمەن جۇسەي سالغان مانتىدىن.
دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.
7.كۆك مەشرىپى
بۇ  قىشلىقى مايسا ئۈندۈرۈپ ئۆي-ئۆيلەردە نۆۋەتلىشىپ ئوينايدىغان،قىشتىن ئەتىيازغىچە نەچچە ئون ئۆيدە داۋاملىشىدىغان مەشرەپ.بۇ مەشرەپ ئاساسلىقى دېھقانلار ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ.كۆك مەشرىپى باشلىماقچى بولغانلار قىش باشلىنىش بىلەنلا قاپاقتىن قاچا ياساپ مايسا ئۈندۈرىدۇ ۋە ئۆيگە ئەھلى-مەھەللە،دوست-يارەنلىرىنى چاقىرىپ مەشرەپ ئۆتكۈزىدۇ.
8.بۇلاق مەشرىپى
بۇ مەشرەپ ئاساسلىقى قومۇل ئاراتۈرۈك ناھىيىسى باي يېزىسىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.يەنى ھەر يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى باي يېزىسىنىڭ ئەر-ئايال دېھقانلىرى بۇلاق چېپىپ،بۇلاقلارنىڭ كۆزىنى ئېچىشقا ئاتلىنىدۇ.بۇ چاغدا ئەرلەر بۇلاق چاپىدۇ.ئاياللار بولسا ھەرخىل تاماقلارنىڭ خۇرۇچلىرىنى ئېلىپ بېرىپ،بۇلاق بېشىدا قازان ئېسىپ تاماق ئېتىدۇ.بۇلاق چېپىلىپ،بۇلاق سۇلىرى راۋان بولغاندىن كىيىن بۇلاق بېشىغا چىققانلارنىڭ ھەممىسى بىرلىشىپ ئولتۇرۇپ مەشرەپ ئۆتكۈزىدۇ.

قومۇل مەشرەپ مۇقاملىرىنىڭ تېكىستلىرىنىڭ ئىنتايىن ئاز قىسمى يازما شېئىرىيەتتىن تەركىپ تاپقاندىن تاشقىرى،پۈتۈنلەي دېگۈدەك خەلق بېيىتلىرى ۋە خەلق قوشاقلىرىنى ئاساس قىلىدۇ.قومۇل مەشرەپلىرى ئاۋال مۇقامدىن باشلىنىدۇ.مۇقام تېكىستى ئاساسەن كىلاسسىك شائىرلىرىمىزنىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرىنى ئاساس قىلىدۇ.ئاندىن چۈشۈرگە،شۆبىلەرگە ئۆتكەندە تامامەن خەلق قوشاقلىرى،قىسسە،داستانلاردىن ئۈزۈندە ئېيتىلىدۇ.ئاخىرى شوخ ئۇسسۇل پەدىسىدە ئاياغلىشدۇ.
قومۇل مەشرەپلىرىدىكى ئۇسسۇللار بىر قەدەر قەدىمىي بولۇپ،خەلق ئۇسسۇللىرى خارەكتېرى ئۇنىڭغا سىڭگەن.بۇ ئۇسسۇللار باشقا جايلاردىكى ئۇسسۇل ھەركەتلىرىگە ئوخشىمايدۇ.ئىككى دەسسەپ بىر قېتىم تاپاننى قاتتىق ئۇرۇپ شوخ،ھاياجان ئىلكىدە ئېنىق ئۇسسۇل رىتىمىنى ھاسىل قىلىش ئالاھىدە قىزىقارلىق تۇيۇلىدۇ.بۇ پۈتۈن قومۇل مەشرەپ ئۇسسۇللىرىنىڭ يىلتىزلىق ھەركىتىنى شەكىللەندۈرىدۇ.
قومۇل مەشرەپلىرى-ئۇيغۇر خەلق مەشرەپلىرى ئىچىدىكى يەرلىك پۇرىقى كۈچلۈك،ئۇسسۇللۇق ھەركىتى سۈزۈك،فولكلور خاراكتېرىدىكى ناخشا-مۇزىكىلىق سېستىمىدىن ئىبارەت بولۇپ،ئۇ قومۇل ئۇيغۇرلىرىنىڭ كۆپ ئەسىرلىك قەلب ئابىدىسى،جانلىق سەنئەت مەكتىپىدۇر.


   شىنجاڭ سەنئىتى ژۇرنىلىدىن پايدىلىنىلدى
تېما تەستىقلىغۇچى : bagdax
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-05-03, 15:29
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • مۇنبەرپۇلى:+10(everoll) نادىر ماقالە
  • تەبئىي ئۇنتۇش -ئەڭ ياخشى قۇتۇلۇش
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-05-03 14:04 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    Bagdax bbs » ئادەت قېرىماس