saltanat lutun elan berig
«1234»Pages: 1/4     Go
بۇ تېما 7732 قېتىم كۆرۈلدى
zohran
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1065
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 7
شۆھرەت: 120 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 120 سوم
تۆھپە: 63 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 63 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 50(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ ھەيران قىلىش-راست ۋەقە(1)

       ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتىرەم تورداشلار،مەن ئالدى بىلەن بۇ يازمامنى يىزىشتىن ئاۋال سىزگە بۇ تىمىدا يىزىلغان ئىشلارنىڭ ھەقىقى بولغان مۆجىزىلەر ئىكەنلىكىنى سىلەرگە ئەسكەرتىپ قوياي.ئۈز ۈمنى ئىمان ئېيتقان مۇسۇلمان بەندە ھىسابلاش سۈپىتىدە بۇ يازمىدا ھەقىقەتەن يالغان ئىشلارنى قوشمىدىم.يەنە بىر قىتىم ئەسكەرتىش بىرەيكى بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى راست بولغان مۆجىزىلەر.
       (بۇنداق ئەسكەرتىشىمدىكى سەۋەپ بەزىىبر بولغان ئىشلارغا ئىشەنگىڭىز كەلمەيدۇ بىراق ھەقىقەتەن شۇنداق بولغان ).

         بەلكىم يۇقارقى قۇرلارنى ئوقۇپ بۇ تىمامغا بەكلا قىزىقىپ قالغان بولىشىڭىز مۈمكىن.مەن بۇ يازمامنى يىزىشتىن ئاۋال ئۈزۈم ھەققىدە ئازراق چۈشەنچە بىرىپ ئۆتەي. مەن بۇ يىل 28ياش.2003-يىلى ئىلى 2-سفەن مەكتىپىنىڭ گۈزەل سەنئەت كەسپىنى پۈتۈرگەن.باشلانغۇچ- ئوتتورا مەكتەپلەرنى ئەلا نەتىجىدە پۈتۈرگەن.باشلانغۇچتىلا ئۈزۈم ھەققىدە ئويلىنىشنى باشلىغان.يەنى باشلانغۇچتا ئوقۇۋاتقان چىغىمدا بىر ساۋاقدىشىمغا ئۈزۈمدە بىر خىل كىسەل باردەك ھىس قىلدىغنىمنى ئېتىپ بەرگەن.ھازىر بىلسەم بۇ مەندىكى قانداقتۇر جىسمانى كىسەللىك بولماستىن بەلكى پىسخىك كىسەللىك ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم.يەنى مەن باشقىلارغا ئانچە ئارلىشىپ كەتمەيمەن،ئۈزۈمگە بولغان ئىشەنچىم تۆۋەن.كەمسۈز،ياۋاش ئەمما خۇشچاقچاق(بۇ غۇلجىلىق بولغانلىقىمدىن بولدىمىكىن)ئويۇن تاماشىغا قىزىقمايمەن.يالغۇز يۈرۈشنى خالايمەن.بىر ئىشقا قىزىقىپ تىزلا سوۋۇيمەن.بىر ئىشىنى مۇقۇم تۇتۇپ قىلالمايمەن.2003-يىلى مۇقەددەس كىتابىمىز"قۇرئان كەرىم"نى كۆچۈرۈپ يىزىشقا باشلاپ 2011-يىلى رامزان ئىيىدا تاماملاپ چىقتىم. ئائىلە كىلىپ چىقىشىم ھەققىدە سۆزلەپ ئۆتسەم ئاپام ئوقۇتقۇچى،دادام ئەينى ۋاقىتتىكى بىر مائارىپچى ئىكەنتۇق.ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بىز بىر ياشتىن ئاشقاندا قازا قىلىپ كەتكەن ئىكەن.شۇ چاغدىن تارتىپ ئاپام بىز ئۈچ بالىنى ئۆزى يالغۇز بىقىپ بۈگۈنكىددك قاتارغا قوشقان.(ئۇلۇغ ئاللاھ ئاپامنىڭ شۇ تاتقان جاپاسىنىڭ ئەجرىنى قايتۇرۇشقا نىسىپ قىلغاي).

        شۇنداق قىلىپ مانا ھازىر 28ياشقىمۇكىپ قالدىم.بۇ جەرياندا بىر نەچچە يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپمۇ باقتىم.ئۇنىڭىدىن يالتىيىپ ئۆزۈمنىڭ كەسپىگە دائىر نۇرغۇن ياخشى ئىش ئورۇنلىرىدا ئىشلەپمۇ باقتىم.لىكىن كۆڭلۈمنىڭ خاتىرجەملىكى يوق بىرخىل ئەندىشە ئىچىدىلا يۈرەتتىم.مەن بىرئىشىنى قىلالماسلىق ئەمەس بەلكى شۇ ئىشنى كۆڭۈل خاتىرجەمسىزلىكى بىلەن ئايىغىغا چىقىرالمايتىم.دائىم بىر ئىش بىلەن شۇغۇللانساملا بۇنىڭدىنمۇ موھىم ئىشىم قىپ قىلۋاتقاندەك ئۈزۈمنىڭ ئەرزىمەس ئىشلار بىلەن ۋاقتىمنى ئۆتكۈزۈپ كىتىپ بارغاندەك ھىس قىلاتتىم.شۇنداق قىلىپ نۇرغۇن ئىشلارنى بىشىغا ئاچىقالماي كەلگۈسىمدىن تىخىمۇ ئەندىشە قىلىدىغان بولدۇم.قانداق قىلسام پىسخىك ھالىتىمنى ياخشلىيالايدىغاندىمەن دەپ نۇرغۇن باش قاتۇردۇم.نۇرغۇن ئادىملىكنى ئۆگىتىدىغان كىتاپلارنى ئوقۇپ چىقتىم.بۇنىڭلىق بىلەن بىلىم سەۋىيەم ئاشقان بولسىمۇ ئەمما روھى ھالىتىم يەنىلا ئاۋالقىدەك بولدى.ئاخىرى قان بىلەن كىرگەن خوي جان بىلەن چىقارمۇ دىگەنلەرنى ئويلاپ يەتتىم.كەلگۈسۈمدە نىمە كۈنلەرنى كۆرەرمەن دەپ تىخىمۇ ئەندىشىدە بولدۇم...

       2011-يىلى كۈزدە بىر ئۆي بىزەكچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خوشنىمىز ماڭا پەنەركىگە گۈل ئويۇش ماشىنىنى ماڭغۇزالىساڭ ئۇ ماشىنىنى شىرىك ئېلىپ ماڭغۇزساق دىگەن گەپنى قىلدى.ھەم سەن كومپىيۇتىر بىلەن ھەپىلشىۋاتقىلى ئۇزۇن يىل بولغاندىكىن چوقۇپ ماڭدۇرۇرالايسەن دەپ ئېتتى.مەن بۇنىڭغا شۇئان ماقۇل بولۇپ ئۇ ماشىنىنى ماڭدۇرۇپ كىتىدىغىنىنمى بىلدۈردۈم.شۇنداق قىلىپ مىنىڭ قۇشۇلۇشۇم بىلەن بۇ ماشىنى ئېلىپ ماڭدۇردۇق.بۇنى ماڭدۇرۇپ بىر ئايچە بولغاندا بەزىبىر مۇرەككەپ لاھىيىلەرنى قالماشتۇرالماي چۈشكۈنلىشىشىكە باشلىدىم.شۇ چۈشكۈنلۈك بىلەن بىرنەچچە كۈن ئۆتتى.ئاپاممۇ بۇ خىل ئەھۋالىمنى سىزىپ نىمە بولدۇڭ بالام چاچ ساقاللىرىڭ ئۆسۈپ غەم قايغۇغا پىتىپ قاپسەنغۇ ،ئوغۇل بالا دىگەن تىتىك يۈرىيىدىغان دەپ بىر مۇنچە نەسىھەتلەرنى قىلدى.شۇ چۈشكۈنلۈكتە كىچىلىرى تۈزۈلمۇ ئويقۇ يوق.ئەنە شۇ غەمدە قالغان ،ئۇيقۇسىز كۈنلەردە 11-ئاينىڭ 1-كۈنى سەھەردە ئەمدى ئورنۇمدىن تۇراي دىگەن ۋاقتتا مەھەللىمىزدە قاتتىق يەر تەۋرەپ كەتتى.گەرچە مەن ئىمان كەلىمىسىنى ئوقۇپ ئىتتىك ئۆينىڭ بۇلۇڭىغا بىرىۋالغان بولساممۇ ئەمما بۇ چۈشكۈنلۈك ئىچىدە ئۆيلەر ئۈرۈلۈپ پۇت-قولۇمنى بىسۋىلىپ مىنى مىيىپ قىلۋەتسىكەن دىگەنلەرنىمۇ خىيال قىلدىم.
       (ئۇنداق قىلمىغنىغا ئاللاھقا چەكسىز شۈكۈرلەر بولسۇن)چۈنكى مەن شۇنچلىك دەرىجىدە چۈشكۈنلىشىپ كەلگۈسۈمدىن ئۈمىد ئۆزگەن ئىدىم.(ئىنقلاشقا قارىغاندا بۇ قىتىمقى يەر تەۋرەشنىڭ مەركىزى دەل بىزنىڭ كەنتىمىز بولۇپ 6بالدىن ئوشۇق يەر تەۋرەش ئىكەن).شۇ ۋاقتىلادا يەر تەۋرەشتىن قورقۇپ شۇنىڭ ھەلەكچىلىكىدە قالغان بولسا مەن يەنىلا ئۈزۈمنىڭ ھەلەكچىلىكىدىلا قالغان ئىدىم.بۇ خىل چۈشكۈنلۈكتىن قانداق قۇتۇلۇپ كىتىدىغىنىمغا كۆزۈم يەتمەيۋاتاتتى.ئاخىرى ئاللاھنىڭ مەدەت بىرىشى بىلەن غەيرەتكە كەلدىم.ئەمدى غەيرەتكە كەلمىسەم بولمايتتى.چۈنكى مەن ئەمدى بۇ ئىشتىن قاچسام ماڭا قىلغىدەك ئىشمۇ قالمايدىغاندەك تۇيۇلدى.غەيرەتنىڭ تۈرتكىسىدە بىرخىل يەڭگىللەپ قالغان ئىدىم.ھىلىقى غەم قايغۇ –چۈشكۈنلۈك دىگەنلەر قاياققىدۇر يوقالغان ئىدى.شۇ كۈنى مەن ئاپامغا ئاپ ئۆزۈك بىلدىڭ ،مەن قايسى كۈنلىرى بەكلا چۈشكىنلىشىپ كەتكەن ئىدىم ئاخىرى بۈگۈن غەيرەتكە كىلىپ خىلى يەڭگىللەپ قالغانلقىمنى ئېتتىم.شۇنداق قىلىپ ھىلىقى پەنەركىگە گۈل ئويۇش ئىشىغا شۇنچىلىك كىرىشىپ كەتتىم.روھى كەيپىياتىم بەكلا ياخشى بوپ كەتتى.ئۆزۈمگە ئۈزۈم ھەيران قالدىم.پىسخىك ھالىتىم شۇنچىلىك ياخشى بوپ كەتكەن ئىدى.ئاپامغىمۇ ئاپا مەن ئاخىرى ئۈزۈمنى يەڭدىم.ئېسىمىنى بىلگەندىن تارتىپ تا ھازىرغىچە قايتۇرۇپ كىلەلمىگەن ئەڭ ياخشى روھى ھالىتىمىنى ئاخىرى قايتۇرۇپ كەلدىم مەن ئەمدى مۇۋەپىقىيەت قازىنىمەن دىدىم.چۈنكى بۇ ۋاقتلاردا مىنىڭ ئۈزۈمگە بولغان ئىشەنچىم شۇنچلىك ئاشقان ئىدى.

       11 – ئاينىڭ 5-كۈنى (يەنى قۇربان ھىيتنىڭ 1- ئايەم كۈنى )مەن ئاشۇنداق ئىنتايىن خوشال كەيپىياتتا ھىيىت تەييارلىقى بىلەن ھويلا –ئارامنى تازلىدىم.كەيپىياتىمىنىڭ ياخشى بولغانلىقىدىنمۇ باغنى شۇنچىلىك ئىشىقىم بىلەن پاك –پاكىزە تازلىۋەتتىم.شۇكۈنى چۈشتىن كىيىن بىر نەچچە ئاغىنىلىرىم بىلەن سىرتتا قىزغىن پاراڭلارنى سىلىشتۇق.پارىڭىمىزنىڭ تىمىسى دىنىمىز ۋە روھىيەت ھەققىدە بولدى.بۇ ئاغىنىلىرىم بىز تەرەققى قىلغان شەھەر دۆلەتلەرگە بارساق بەزىبىر تەرەققىياتلارغا ھەيران قالىمىز ئەمما بۇ ھەيران قىلىش روھىيەت ئىلمى بىلەن سىلىشۇرغاندا ئۇنچە ھەيران قالغۇدەك چوڭ ئىش ئەمەسكەن دىگەن گەپلەرنى قىلدى.مەن بۇ گەپلەرگە قۇشۇلدۇم.شۇنداق قىزغىن پاراڭلار بىلەن دىگەر ۋاقتى بوپ قىلىپ ئايرىلدۇق.ئۆيگە كەلگەندىن كىيىن تىخىمۇ بەك يەڭگىللەپ كىتىپ بارغانلىقىمنى ھىس قىلدىم.ھەم زىھنىممۇ بەكلا ئىچىلىپ كىتىپ باراتتى.شۇئان سۈرە بەقەرەدىكى ‹‹ئەلف لام مىم .بۇ كىتاپتاھىچ شەك يوق ...››دىگەن ئايەتنى ئەسلىدىم ھەم ھەقىقەتەن شۇنداقلىقىنى بىلدىم شۇ ۋاقتتا مەن بايام سۈزلەشكەن ئاغىمىلىرىنىڭ تىلفۇنىغا بۇ ئايەتنى يوللاپ بۇنىڭ مەنىسىنى ئەمدى چۈشەندىم دەپ ئۇچۇر يوللىۋەتتىم.كەچ كىردى.مەن تىخىمۇ ياخشى كەيپىياتتا ئۆيگە ئايەملەپ كەلگەن مىھمانلار بىلەن ناھايتى قىزغىن پاراڭ سېلىشىپ كەتتىم.پارىڭىمىزنىڭ ئاساسى مەزمۇنى ئىدىيە ھەققىدە بولدى.ھەم ماۋزىدۇڭنىڭمۇ ئىدىيىنى ئازاد قىلىش دىگەن گىپىمۇ شۇ ئىكەندە ئەسلى دىيشتۇق.كەچ سائەت 10لاردىن ئاشقاندا ئايەمچىلەرمۇ قايتىشتى.مەن بۇ ۋاقىتتا گۈل ئويۇش ئۈچۈن يەنە دۇكانغا باردىم.لىكىن كومپىيۇتىر ۋىرۇسلاندىمۇ بىلمىدىم نۇرمال ئىشلىمىدى.شۇنىڭ بىلەن ئۆيگە يىنىپ كىرسەم ئاپاملا تىخى ئۇخلىماپتۇ.ئۇلار بىلەن يەنە پاراڭ سىلىشىپ سائەت 11يىرىم ئەتراپىدا ئۇلارمۇ ئۇخلاپ قىلىشتى.بىراق مىنىڭ كۆزۈمدە ئۇيقۇر دىدارى يوق ئىدى.قەلبىم تىخىمۇ يورۇپ كىتىۋاتاتتى.شۇ ۋاقىتتا ھىلىقى ئاغىنىلىرىمگە (بۇ ئاغىنەمنىڭ ئويغاق ئىكەنلىكىنى بىلگەندەك بولغان ئىدىم).ھاياتىمدىكى ئەڭ ھەيران قىلىش دەپ ئۇچۇر يازدىم .(كىيىن ئاڭلىسام بۇ ئاغىنەم مىنىڭدىن ئۇچۇر كىلىدىغاندەك تۇردىغانلقىنى دەپ بەردى.)بۇ ئاغىنەممۇ راستلا ئويغاق بولۇپ نىمە بولدۇڭ ئاداش؟دەپ ئۇچۇر يوللاپتۇ.مەن ھىچنىمە بولمىدى ،ئەمما قاپقاراڭغۇ كىچىدە قەلبىم كۈندۈزدەك يورۇپ كىتىۋاتىدۇ دەپ جاۋاپ يوللىۋەتتىم.ئۇ ئاغىنەم ئاللاھ سىنى سالىھلاردىن قىلسۇن دەپ يوللىدى مەن دەرھال ئاللاھ ھەممىمىزگە رەھمەت قىلسۇن دەپ يوللىۋەتىتىم.ئانداق خىلىغىچە قاراپ يىتىپ قاچانلاردا ئۇخلاپ قالغىنىمنى بىلمىدىم.يىرىم كىچىدە (پەرزىمچە سائەت بىرلەر ئەتراپىدا )ئويغانسام تىخىمۇ ئاجايىپ يەڭگىللەپ كەتكەن ئىدىم.مەندە غەم قايغۇ ،گۇناھلىرىم پۈتۈنلەي ئېلىپ چىقىرۋىتىلگەن مەندە پەقەت ساپ بىر روھلا قالغاندەك بولۇپ قاپتىمەن.(بۇ خىل راھەتلىكنى سىلەرگە تىل بىلەن ئىپادىلەپ بىرىشكە ئاجىزلىق قىلىمەن.)
          شۇئان بۇنداق ئىسل ھالەتتە ناماز ئۇقۇشنى نىيەت قىلىپ ئورنۇمدىن تۇردۇم.تاھارەتكە قانداق سۇ تەڭشىگىنىم ئىسىمدە يوق چۈگۈننى كۆتۈرۈپ خالاغا قاراپ ماڭدىم.خالاغا كىتىۋىتىپ مىنىڭ روھىم تىنىمدىن چىقىپ كەتكەندەك ھىس قىلدىم .ئۆزۈمگە تىخىمۇ ئىشەنمەي يۆتىلىپ باقتىم مەن دەل شۇ .خالاغا ئاز قالغاندا ‹‹لا ئىلاھە ئىللەللاھو مۇھەممەدۇررەسۇللىلاھ ››دىگەن ئىمان كەلىمىسىنى كەينى كەينىدىن ئوقۇپ كەتتىم.قانچە ئوقۇغانچە ماڭا شۇنچە راھەت ئىدى.مەن شۇئان مەن ئەمدى دىننى تارقىتىشقا ئاتلانغان ئوخشايمەن دىگەنلەرنى خىيالىمدىن ئۆتكۈزدۈم.قاپقاراڭغۇدا خالاغا كىرىپ كەتتىم .(خالا ناھايتى كونا بولۇپ كىچىسى تۇرماق كۈندۈزى بايقاپ دەسسىمىسە چۈشۈپ كىتىش مۈمكىنتى.بىراق مەن ئەنسىرەشلەر كەلمەي ئۇدۇل كىرىپلا كەتتىم).شۇنداق قىلىپ خالادىن چىقىپ تاھارەت ئالدىم .بارا-بار بەك ئالدىراشقا باشلىدىم.ھەتتا پۇتۇم ئۆزلىكىدىن يۇيۇلۇپ كىتىپ بارغانلىقىنى ھىس قىلدىم.تاھارەتنى ئالدىمدە ئۆيگە قاراپ ماڭدىم .دەل ۋاقتىدا نامازنى ئوقۇۋالمىسام بولمايدىغاندەك تىخىمۇ ئىتتىك ماڭدىم(پەرىزىمچە يۈگۈرۈپ ماڭغاندەكمۇ بىلىندى).شۇنداق قىلپ ئاپاملارنى ئويغىتىپ قويماسلىق ئۈچۈن (بۇ كۈنى مەن ئاپام ۋە مەن بىلەن قوشگىزەك بىر قىز قىرىندىشىم بىلەن ياتقان ئىدىم) دالان ئۆيگە كىردىم.بۇ ئۆينىڭ توكى يوق ئىدى ھەم توك ياندۇرۇشمۇ ئىسىمگە كەلمىدى.شۇنداق ئالدىراشلىقتا ئۆينىڭ تاپسىسىمۇ ئىسىمدە يوق ئۇنىڭغا پۇتلىشىپ كەتتىم ۋە شۇئان پۇتۇمدا ساپما كەش بارلىقىنى ئىسىمگە ئالدىم ۋە سىلۋىتىش ئۈچۈن پۇتۇمنى سىلكىسەم ،سالماي چىقىۋەر دىگەندەك ھەم بىرخىل كۈچ غولۇمدىن ئىتتىرىپ چىقىرۋەتكەندەك ئۆزلۈكۈمدىن مىڭىپ ساپما كەش بىلەن ئۆينىڭ تاپسسسىدىن چىقىپ كەتتىم .دەرھال قىبلىگە بۇرۇلدۇمدە نامازغا ‹‹ئاللاھو ئەكبەر›› دەپ نىيەت قىلىپ تۇرۇشۇم بىلەن ھۆكىرەپ يىغلاپ كەتتىم.(ئامماناماز ئوقىۋاتقاندا ئۆي ئىچىنىڭ يوپ يورۇق ئىكەنلكى ئىنىق ئىسمىدە) .تا نامازنى ئوقۇپ بولۇپ دۇئا قىلىپ ئاخىرلاشتۇرغانغا قەدەر يىغام توختىمىدى.دۇئا قىلىپ نامازدىن قوپقان زامات يىغىدىن توختىدىم.(مەن كىچىدە ئاشۇنداق يىغلاپ ناماز ئوقۇشنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن،بىراق بۇنچىلىك ئوقۇشۇمنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم).شۇنداق قىلىپ نامازنى ئوقۇپ بولۇپ .ئۆيگە ئۆزۈم ياتقان ئۆيگە چىقتىم .مەن يەنىلا شۇنداق يەڭگىل ئىدىم .ئاپام بىلەن قىز قىرىندىشىم ھىچنىمىنى تۇيماي ئۇخلاۋاتاتتى.مەن دەرھال ئاپا ‹‹لا ئىلاھە ئىللەللاھو مۇھەممەدۇن رەسۇلىللاھ››دىگىنە دىدىم ۋە ئۇلارنىڭ دەرھال ئويغىنالماسلىقىدىن ۋە دىيەلمەسلىكىدىن بەكمۇ ئەنسىردىم.ئاپام دەرھال شۇنداق دىدى.مەن شۇئان ئاللاھ سىنى جەننەتتىن قىلىۋەتتى دىدىم ۋە قىز قىرىندىشىمىنىمۇ شۇنداق دىگىن دىسەم ئۇمۇ دەرھال دىدى(ئاددەتتە ئۇ بەك قاتتىق ئۇخلايتتى).
         مەن سىنىمۇ ئاللاھ جەننەتتىن قىلىۋەتتى دىدىم .بۇلار ھىچنىمىنى تۇيمىغاندەك ئۇخلاپ قىلىشتى .مەن بولسا ئاجايىپ راھەتچىلىكىدە ئورنۇمدا قاراپ ياتتىم .شۇ ۋاقىتتا يەنە مەن ئاپا مىنىڭ بۇ ھالىتىمىنى كۆرىۋالسۇن دىگەن ئويدىمۇ ئاپامغا يەنە ئاپا توكنى ياندۇرايمۇ دەپ سورىدىم .ئاپام مەيلى ياندۇر دىدى .مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ دەرھال توكنى ياندۇردۇم .ئەمما ئاپام كۆزىنى ئاچماي ئۇخلاۋەردى.مەن يەنە ئاپامنىڭ روخسىتى بىلەن توكنى ئۆچۈرۈپ ياتتىم.ئاللاھنىڭ قۇدرىتى بىلەن مەن شۇ ۋاقتىتتا يىتىپ نىمىنى خىيال قىلسام شۇ نەرسە كۆز ئالدىمغا كەلدى.ھەقىقەتەن تىخىمۇ ھەيران قالدىم .ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ قانچىلىك چەكسىزلىكىنى چۈشەندىم.يەنە تۇرۇپلا روھىم جىنىمدىن چىقىپ كەتكەن ئوخشايدۇ،ئاپام مىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىمنى كۆرسە قانچىلىك ئازاپلىنىپ كىتەر دىگەننى ئويلسىام ئۆزۈمنىڭ دەرھال ئۇلار بىلەن بىللە ياتقان ھالىتىمگە قايتىپ كىلەتتىم.بۇ ۋاقىتتا قاچانمۇ تاڭ ئاتار،مەن بۇ كىچىدە بولغان ئىشلارنى ئۇلارغا سۆزلەپ بەرسەم دەپ تاڭنىڭ بالدۇراق ئېتىىشىغا تەشنا بولدۇم. شۇ ئىشلاردىن كيىن قاچان ئۇخلاپ قالغانلىقىمنى بىلمەيمەن .
داۋامى بار .
تېما تەستىقلىغۇچى : bagdax
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-05-03, 20:34
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-05-03 19:51 |
yaxna
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6538
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 50
شۆھرەت: 303 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 313 سوم
تۆھپە: 174 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 175 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 112(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-31
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

قىززىقىپ قالدىم...ئاخىرىنى تىزراق يوللىۋەتسىڭىز.....
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-03 21:39 |
ablajan5
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1557
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 38
شۆھرەت: 212 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 212 سوم
تۆھپە: 123 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 126 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 523(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

سىز پېسخولوگىيە دوختۇرى ياكى روھى كېسەللەر دوختۇرىغا كۆرۈنۈپ باقسىڭىز بولىدىغان ئوخشايدۇ
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-03 21:52 |
bahram
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6542
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 6
شۆھرەت: 30 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 30 سوم
تۆھپە: 18 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 18 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 12(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەنمۇ ئاخىرىغا قىززىقىپ قالدىم.
saltanat
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-04 00:37 |
www.kuznak.com
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 5696
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 112
شۆھرەت: 576 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 583 سوم
تۆھپە: 344 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 346 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 11(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-01
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇنى دىندا ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە ھىدايىتىنىڭ باشلىنىشى دەيمىز . ئەمما ماتىرىيالىزىمچىلار بۇنى روھىي كېسەللىك دەپ چىقىرىدۇ . چۈنكى ئۇلار دىنغا ۋە روھىيەت ئالىمىگە ئىشەنمەيدۇ .
ئۆز ۋاقتىدا رۇسۇللاھمۇ ئاسمانغا چىقتىم دىگەن ۋاقىتتا رۇسۇللاھقا ئىشىنىدىغانلار تەستىق قىلغان ، ئەمما ئۇنى ۋە شۇ خىل قىممەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغانلار  رۇسۇللاھنى مەجنۇنغا چىقارغان . بۇنىڭدەك تالاش - تارتىشلار بولۇپ تۇرىلىدىغان ئەھۋال
 
 ئاللاھ   باشقا قىرىنداشلىرىىمىزغىمۇ تېخىمۇ كەڭ رەھمەتلەرنى بەرسۇن !!!



http://www.kuznak.com/
simfoniya
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-04 02:52 |
danko1
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3627
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 88
شۆھرەت: 441 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 443 سوم
تۆھپە: 265 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 267 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 70(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-10-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەن بۇنىڭ راسىت ھەم ياخشى خەيرىلىك ئىش بولىشىنى تىلەيمەن.قېرىندىشىم.
lutun
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-04 09:14 |
hasanow
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1509
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 37
شۆھرەت: 190 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 190 سوم
تۆھپە: 113 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 113 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 16(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

  ئاللاھ خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ، خالىغان ئادەمنىڭ مەرتىۋىسىنى ئۈستۈن قىلىدۇ.

سىزنىڭ بۇ كەچۈرمىشىڭىزنى ئوقۇۋېتىپ بەك ھاياجانلاندىم، ئاشۇ ئىشلار خۇددى مەندە يۈز بېرىۋاتقاندەك خوشال بولۇپ كەتتىم. قېرىندىشىم سىزگە  ئاللاھ بېرىپتۇ، ئامال بار تاھارەتسىز يەردەسسىمەڭ، ھەربىر نەپەسنىڭ ھەققىگە دىلىڭىزدا ئاللاھ دەپ ياد ئېتىڭ.
    بۇنىڭغا باشقىلارنىڭ ئىشەنمەسلىكىدىن ئەنسىرەپ كېتىپسىز، بۇ ھاجەتسىز.
    مەن 2011- يىلى يازلىق تەتىلدە غۇلجىغا بېرىپ قازانچىلار مەھەللىسى دېگەن ھەيۋەتلىك دەرۋازىسى بار كوچىدىن كىرىپ ئۇدۇلدىكى بىر نەچچە دۇكاندىكى پەنەركىگە نەقىش ئۇيىدىغان دۇكانغا كىرگەن ۋە ئاشۇ تېخنىكىغا ھەيران قالغان ئىدىم. بەلكىم سىز بىلەن كۆرۈشكەن بولۇشۇممۇ مۈمكىن.
  
   داۋامىنى تېزراق يوللاڭ، بىزنى بۇنداق تەشنا قىلماڭ.......

   دىن توغۇرسىدا سىز بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولۇشنى خالايمەن. چ چ : 1661610657
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-04 09:41 |
calligrapher
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 420
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 8
شۆھرەت: 60 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 60 سوم
تۆھپە: 32 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 32 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 2(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-29
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-16
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئەسسالامۇئەلەيكۇم
ھۈرمەتلىك دىن قېرىندىشىم شۇنداقلا كەسىپدىشىم
اللە كىمنى ھىدايەتكە باشلىسا،ئۇنى ھېچكىم ئازدۇرېۋىتەلمەيدۇ. اللە كىمنى ئازدۇرسا ئۇنى ھېچكىم ھىدايەت قىلالمايدۇ.
مەن خوتەنلىك خەتتات قېرىندىشىڭىز بولىمەن. سىزنىڭ قۇرئان كەرىمنى كۆچۈرۈپ چىققانلىقىڭىزغا قىزىقىپ قالدىم.
بولسا مەن سىز كۆچۈرۈپ چىققان قۇرئان كەرىمنىڭ سەھىپىلىرىنى كۆرۈپ باققۇم بار.
saltanat
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-04 10:09 |
iparhan

دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 383
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 673
شۆھرەت: 3415 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3445 سوم
تۆھپە: 2045 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 2045 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 726(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

سىزنىڭ سۈزۈلگەن روھىڭىزدىن خۇش بولدۇم ............................
ozgul munbar
پوزىتسىيە __ ھەممىنى بەلگىلەيدۇ .
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-04 10:27 |
edirhan
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2666
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 308
شۆھرەت: 1672 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1694 سوم
تۆھپە: 984 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 987 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 276(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-07-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-27
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

  داۋامىنى كۈتىمەن. قىزىقىشىڭىز ۋە مىجەز-خۇلقىڭىز مېنىڭكىگە ئوخشاش ئىكەن. ئەپسۇس! سىزگە نىسىب بولغان مۆجىزىلەر ماڭا تېخى نىسىب بولغىنى يوق.
    ئۇلۇغ ئاللاھ سىزنىڭ ھەر ئىشىڭىزنى ئوڭۇشلۇق قىلسۇن!
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-04 11:12 |
anwarkapak
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 98
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 443
شۆھرەت: 2308 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2329 سوم
تۆھپە: 1379 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1380 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 277(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

  ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن       ،، مەنمۇ قىزىقىپ قالدىم قېرىندىشىم .
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-04 11:49 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«1234»Pages: 1/4     Go
Bagdax bbs » كۆڭۈلدىكى سۆز