بەخىتلىك بولۇشنىڭ سىرى
( جورجى ۋورك)
بوۋاي ئېغىر قەدەملەر بىلەن ئاشۇپۇزۇلغا كىرىپ كەلدى . ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ ، گەۋدىسىنى سەل ئالدىغا ئېگىپ ، ھاسسىغا تايانغىنىچە ئالدىرماي ئېلىپ ماڭاتتى.
ئۇنىڭ كونىراپ كەتكەن چاپىنى ، ياماق سالغۇدەك يېرى قالمىغان ئىشتىنى ، بارماقلىرى كۆرۈنۈپ قالىدىغان ئايىغى ۋە چېھرىدىكى ئىللىق تەبەسسۈم ئۇنى شەنبە كۈنى ئەتتىگەندە ناشتىلىق يەۋاتقان ئاشۇ كىشىلەر توپى ئىچىدە ئالاھىدە گەۋدۈلەندۈرۈپ تۇراتتى. باشقىلاردا ئەڭ ئۇنتۇلغۇسىز تەسىر قالدۇرغىنى ، ئۇنىڭ ئالماستەك چاقناپ تۇرغان زەڭگەر كۆزى ، قىزىللىق تەپچىپ تۇرغان ياپلاق يۈزى ۋە نېپىز لەۋلىرى ئەتىراپىدا ئىپادىلىنىپ تۇرغان ، ئاسان بايقىغىلى بولمايدىغان تەبەسسۈمى ئىدى.
ئۇ قەدىمىنى توختىتىپ يانغا بۇرۇلۇپ ، ئىشىك تۈۋىدە ئولتۇرغان كىچىك قىزچاققا قاراپ كۆزىنى قىسىپ قويدى ، قىزچاقمۇ ئاغىزىنى ئۆمەللەپ ، ئۇنىڭغا جاۋابەن تاتلىق كۈلىمسىرىدى .
بوۋاي كىرىپ كەلگەندە ، مارى ئىسىملىك ياش بىر كۈتكۈچى قىز مۇلازىمەت شىرەسىگە يۆلەنگىنىچە خيالغا پاتقانىدى. ئەسلىدە، ئالدىنقى كۈنى كەچتە ، دىرېكتۇر بارلىق كۈتكۈچىلەرنى يىغىپ ، ئۇلارغا تاماقخانىنىڭ باش دېرىكتۇرى جورجى ۋورىڭ ئەپەندىنىڭ شەخسەن ئۆزى كېلىپ تاماقخانىنى كۆزدىن كەچۈردىغانلىقى ، شۇ چاغدا ئۇنىڭ كۆپچىلىكتىن بەخىتلىك بولۇشنىڭ سىرى نىمە؟ دېگەن سوئالنى سورايدىغانلىقىنى ، ھەممەيلەننىڭ پۇختا تەييارلىق قىلىپ قويشى كېرەكلىكنى ئېيتقانىدى. زادى قانداق جاۋاپ بىرىش كېرەك ؟ مارى دەل شۇنى ئويلاۋتاتتى. شۇ ئەسنادا، ئۇ بوۋاينىڭ ئاستا قەدەم ئېلىپ دېرىزە يېنىدىكى بىر ئورۇنغا ماڭغانلىقىنى كۆرۆپ قالدى.
مارى بوۋاينىڭ يېنىغا يۈگىرىپ بېرىپ :
_ ئەپەندى ، سىزگە ئورۇندۇقنى تارتىپ بىرەيمۇ ؟- دېدى .
بوۋاي ئۈندىمەي ، كۈلىمسىرگىنىچە مارىغا قاراپ بېشىنى لىڭشىتىپ مىننەتتارلىقىنى بىلدۈردى. مارى ئۇنى قولتىقىدىن يۆلەپ ، ئورۇندۇقنىڭ ئالدى تەرىپىگە ئاۋايلاپ ئۆتكۈزۈپ ، ئورۇنداقتا ئولتۇرغۇزدى . ئاندىن ، تېزلىكتە ھاسسسىنى ئېلىپ ، ئۇنىڭ قولى يەتكۈدەك يەرگە يۆلەپ قويدى.
بوۋاي مۇلايىم ۋە سۈزۈك ئاۋازدا:
_ رەھمەت سىزگە ، قىزچاق، سىز ھەقىقەتەن ئاق كۆڭۆل ئىكەنسىز ، پەرۋاردىگار سىزنى ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي، - دېدى.
_ تۈزۈت قىلماڭ ، ئەپەندى . ئسمىم مارى، سىزگە ھەمىرا بولالمايدىغان بولدۇم ، ئەگەر بىرەر نەرسە كېرەك بولسا، ماڭا قول ئىشارىتى قىلسىڭىز بولىدۇ.
بوۋاي قوتۇرماچ، سۈرلەنگەن گۆش ۋە بىر ئستاكان ئىسسق لىمون چېيى بىلەن تەييارلانغان ناشتىلىقنى ئىشتىھا بىلەن يەپ بولغاندىن كېين ، مارى ئۇنىڭغا ئاشقان پۇلىنى قايتۇرۇپ بەردى. بوۋاي پۇلنى قاتلاپ ، ئۈستەل ئۈستىدىكى سافلىتكا قەغىزىنىڭ ئاستىغا قويۇپ قويدى . مارى بوۋاينى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ ، ھاسسىنى ئېلىپ بەرگەندىن كېيىن ئىشىك تۈۋىگىچە بىللە ماڭدى.
ئۇ بوۋايغا ئىشىكىنى ئېچىپ بېرىپ :
_ دائىم كېلىپ تۇرىشىڭىزنى قارىشى ئالىمىز ، ئەپەندى،- دېدى.
بوۋاي ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ ، كۈلۈمسىرگىنىچە بېشىنى لىڭىشتىپ مىننەتتارلىقىنى بىلدۈردى. ئاندىن يېقىملىق تەلەپپۇزدا:
_ سىز ھەقىقەتەن ئاق كۆڭۆل ، ياخشى قىز ئىكەنسىز ،- دېدى.
مارى شىرەنى يىغىشتۇرۋىتىپ ، بېشى قېيىپ يىقىلىپ چۈشكىلى تاس قالدى. بايىقى بوۋاي ئىشلەتكەن تەخسىنىڭ ئاستىغا بىر دانە ئىسىم كارتۇشكىسى قىستۇرۇپ قويۇلغان ، ئۇنىڭ يېنىدىكى سافلىتكا قەغىزىگە بىر نەچچە قۇر خەت يېزىلغانىدى ، ئاستىدا 100 ئامىرىكا دوللىرى چاي پۇلى تۇراتتى.
سافلىتكا قەغىزىگە مۇنداق دەپ يېزىلغانىدى :
سۆيۈملۈك مارى:
مەن سىزدىن ئىنتايىن مىننەتدارمەن ، سىز ناھايتى ئەدەپ – قائىدىلىك قىز ئىكەنسىز ، بۇلارنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ باشقىلارغا مۇئامىلە قىلىش ئۇسۇلڭىزدا ئەكىس ئېتىپ تۇردىكەن . سۆزلەپ ئولتۇرشۇم بىھاجەت ، سىز بەخىتلىك بولۇشنىڭ سىرىنى بىلىپ بولۇپسىز ، ئۇ بولسىمۇ ، ئاق كۆڭۆللۈكنىڭ ئىللىق نۇرىنى ھەر بىر ئادەمگە ئايىماي چېچىش ، مەيلى ئۇ قەلەندەر ياكى مىليۇنېر بولسۇن.