saltanat lutun elan berig
بۇ تېما 522 قېتىم كۆرۈلدى
kurban
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 932
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 17
شۆھرەت: 110 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 112 سوم
تۆھپە: 61 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 61 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 8(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-04
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 سۆيگۈ ئالبۇمى

سۆيگۈ ئالبۇمى


ئۈچىنجى قېتىملىق كۆرۈشۈشتە يىگىت تەمكىنلىك بىلەن قىزغا مۇنداق تەلەپ قويدى:

_ كېلەر قېتىم كۆرۆشكەندە ، ئالبۇمىڭىزنى ئالغاچ كېلەمسىز، بىر
بىرىمىزنىڭ بۇرۇنقى رەسىملىرىمىزنى كۆرۆپ باقايلى .

   يىگىتنىڭ بۇ تەلىپى قىزنى تەسىرلەندۈردى. كېينىكى قېتىملىق كۆرۈشۈشكە كەلگەندە ، يىگىتنىڭ ماشىنىسىنىڭ كەيندە بىر نەچچە ئالبۇم تۇراتتى، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئۆتمىشىنىڭ خاتىرىسى ئىدى. قىزمۇ يىگىتنىڭ تەلىپىنى يەردە قويماي ، بىر نەچچە ئالبۇمنى ئەكەلگەنىدى.

   ئۇلار قەھۋاخانىغا كىرىپ ، بىر
بىرنىڭ ئالبۇملىرىنى كۆرۆشكە باشلىدى. ئۇدۇلدا ئولتۇرغان يىگىتنىڭ بالىلىقىدىن يىگىتلىككىچە بولغان جەريانلىرىنى كۆرۆپ ، قىزنىڭ كۆڭلى ئارامىغا چۈشىتى. يىگىت قىزنىڭ رەسىملىرىنى كۆرۆپ ھەيران بولۇپ سۆزلەپ كەتتى:(پاھ، سۆيۈملۈك پەرىشتىنىڭ ئۆزىغۇ !) (پاھ ! بۇ دەل ياپۇنيدىكى پەرىزات ئۆسمۈر قىزغۇ !) ( رەسىمىڭىزدىن بىر نەچچىنى ماڭا يۇيدۇرۇپ بىرەمسىز؟)

   يىگىتنىڭ ئىچ
ئىچىدىن ماختاشلىرىدىن قىز ئۆزىنىڭ ئۆسىلىپ يېتىلىش جەريانىڭ مەنىسىنى قايتىدىن ھېس قىلغاندەك بولدى . قىز ( يىگىتنىڭ نەزىرىدە ساھپجامال ) سانالغانىدى . يىگىتنىڭ سەمىمىي سۆزلىرىدىن قىز ئۆزىنىڭ ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىكى ئۆزىگە بولغان نارازىلىقىنى يوقىتىپ ، ئۆز غورۇرى ھەم قىممىتىنى ھېس قىلدى.

   ھاياجانلانغان قىز ئۆگەنگەن ئادىتىنى تاشلىماي ، يەنىلا گۆدەكلىك بىلەن سورىدى :

 _ مەن راستىنلا ئاشۇنداق ئوماقما؟

 _ راستىنلا بەك ئوماق ، نېمىشقىمۇ ئون يىلنىڭ ئالدىدىلا سىز بىلەن تونوشمىغان بولغىيتىم دەپ بەك پۇشايمان قىلۋاتىمەن!- يىگىت سەل توغتاپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى،_ بىراق مېنىڭ ئالبۇبىمىزنى ئالماشتۇرۇپ كۆرۈشىمىزنى تەلەپ قىلىشىم سىزنىڭ ئۆتمىشىڭىزنى بىلىش ئىدى، ھەر بىر پارچە سۈرەتتكى رەسىم، كۆرۈنۈش ، ئادەم ۋە ئۇلارنىڭ چىراي ئىپادىسدىن سىز ۋە ئائىلىڭىزدىكىلەرنى چۈشەندىم .

 

   قىز بۇ سۆزنى ئاڭلاپ ، بىر كىتاپتىكى بىر جۈملە سۆزنى ئېسىگە ئالدى :( سىزنىڭ ئۆتمىشىڭىزدە بىللە بولالمىدىم ، كەلگۈسىڭىزدە سىز بىلەن بىرگە ھەمدەمدە ئۆتىمەن ) بۇ يىگىتمۇ ئۇنىڭ بىلەن قول تۇتۇشۇپ كېلەچەككە ئاكتىپ قەدەم بېسىش بىلەن بىرگە ، ئۇنىڭ ئۆتمىشىنى تەك ئەسلەپ ، ئۆسۈپ يېتىلىشنىڭ مەنىسىنى يەنە بىر نوقتىدىن كۆرسىتىپ بېرۋاتاتتى.

   قىزنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ قويغىچە ، يىگىت ماشىننىڭ ئارقا ئورۇندىقىدىكى بىر دۆۋە ئالبۇمغا قاراپ ، چوڭقۇر ھېسىيات بىلەن قىزدىن سورىدى:

  _ بىر ھارۋا تويلۇق مالغا ئوخشامدىكەن ؟

  قىز كۈلىپ قويدى ، ئۇنىڭ كۆڭلى تېخىمۇ خاتىرجەم بولدى . بىر يىلدىن كېين قىز يىگىتنىڭ توي تەكلىپىگە ماقۇل بولۇپ ، بەخىتلىك ئائىلە قۇردى . بىر نەچچە يىلدىن كېين ئىككى پەرزەنىتلىك بولدى، ئۆزىنىڭمۇ مەرتىۋىسى ئۆسۈپ ، ئالىي باشقۇرغۇچى بولدى. بىراق، بۇ مۇۋاپىقيەت ئۇنىڭ ئۈچۈن ھېچقانچە نەرسە ئەمەس . ئۇ بىر نەچچە يىلدىن بېرى ، ئۆزى ئۆمىرىدە قىلغان ئەڭ ياخشى بىر ئىشى ھەر بىر ئالبۇمغا سۈرەتلەرنى كۆڭۆل قويۇپ چاپلاپ چىققانلىقىدا ، دەپ قارايتى.

  كەلگۈسىدە بالىلىرى چوڭ بولغاندىن كېينن كۆڭۆلدىكىدەك لايققا ئۇچىراپ قالسا ، ئۇ ئۇلارنىڭمۇ ھەربىر يېشىدىكى ئىزنالاردىن تەڭ ھوزۇر سۈرىشىگە ياردەملەشكەن بولاتتى. ئۇ بالىلىرىغا :( سىلەرنىڭ ئۆتمىشىڭلارنى قەدىرلەشنى خالايدىغان ئادەم سىلەرنى چىن كۆڭلىدىن سۆيىشنى بىلىدىغان ئادەمدۇر) دېدى.


تېما تەستىقلىغۇچى : duttarqi
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-05-04, 01:35
مەن ئەمەس بىز، ھەممىمىز ئۈچۈن.
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-05-04 00:29 |
budunya
ئۇلۇغ ئاللادىن ئاتا-ئانامنىڭ ساقلىقىنى تىلەيمەن
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 5764
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 624
شۆھرەت: 3166 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3168 سوم
تۆھپە: 1894 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1895 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 582(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

توغرا دەيسىز شۇچاغدىلائۇلامەڭگۈبەخىتلىك بولالايدۇ
lutun
ئۇلۇغ ئاللادىن ئاتا-ئانامنىڭ ساقلىقىنى تىلەيمەن
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-05 21:52 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » تەرمىلەر